xirinjan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 14:57:18

مۇراجەتنامە (چوقۇم كۆرۈڭ)[كۆچۈرۈلمە]

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى (چارشەنبە) قەشقەر شەھەر كوناشەھەر ناھىيە تاشمىلىق يېزا 15-كەنت 2-مەھەللىدە تۇرۇشلۇق توختى ھىزىم، تۇخان يۈسۈپ، ئىزىزىگۇل توختى، مىھرىگۇل توختى، ھۆرىگۇل، روزىھاجىم ۋە كۈيئوغۇل كىرىمجان قاتارلىقلار كىرىمجاننىڭ ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتى بىلەن چوڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان. موتسىكىلىتنى كىرىمجان ھەيدىگەن بولۇپ جەمئىي يەتتە ئادەم ئولتۇرغان، ئوڭ تەرەپتە ئىزىزىگۇل، مىھرىگۇل، تۇخان يۈسۈپ ئولتۇرغان، سول تەرەپتە ھۆرىگۇل، توختى ھىزىم ۋە روزىھاجىم ئولتۇرغان. يېزا يولىدىن چوڭ يولغا چىققاندا يولدا قاتناش ۋاستىلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ يوق دىيەرلىك ئىدى، سائەت 13:00 ئەتراپىدا كونا پاختا زاۋۇت كۆۋرۈك بويىغا كەلگەندە قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت ئۇلار ئولتۇرغان موتسىكىلىتنىڭ ئوڭ تەرىپىنى سوققان، ھەرئىككى تەرەپنىڭ سۈرىتى بىرقەدەر تېز بولغاچقا كېلىپ چىققان ۋەقە ئىغىرراق بولۇپ بىرەيلەننىڭ ئىككى پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن، بىرەيلەننىڭ  ئىككى پۇتى ئىغىر دەرىجىدە سۇنغان، بىرەيلەننىڭ  ئوڭ پۇتى سۇنغان. ۋەقە يۈز بېرىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىنگەن ھەمدە بۇ جەرياننى نەق مەيداندىكى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرگەن.

دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن نەق پۇل بولمىغاچقا دوختۇرلار جىددىي داۋالاشنى رەت قىلدىغان، جىددىي ئىزدىنىش ئارقىلىق 3000 (ئۈچ مىڭ) يۈەن تېپىپ كېلىپ ئانسىنى ئوپراتسىيە قىلىغان، لېكىن پۇل تېپىپ كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا دوختۇر كېسەلنى قوبۇل قىلماي ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ ئانسىنىڭ ئىككى پۇتنى داۋالاش ئىمكانىيىتى بولماي كېسىۋىتىلگەن، ئىككى قىزچاققا ئايرىم-ئايرىم 1000 يۈەن (مىڭ يۈەن) دىن تاپشۇرۇپ ئاران ياتاققا ئالدۇرغان.

بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە كەلگەن تۇيۇقسىز كىلىشمەسلىك، ئائىلە ئىقتىسادى ئەسلىدىنلا ياخشى بولمىغان دېھقان ئائىلىسىنى ھالسىرتىپ قويدى، بۇلار ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. تۆۋەنچىلىك بىلەن مۇراجەت قىلىمىزكى ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق سىخي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ بىر ئائىلە كىشىلرىگە كەلگەن كىلىشمەسلكنى كۆزدە تۇتۇپ ياردەم قولۇڭلارنىڭ ئايىماي ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.


دىئاگنوز ئىسپاتى







مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:









ئالاقىلاشقۇچى: يۈسۈپجان توختى، تېلېفون : 13279909404

كارتا نۇمۇرى: 6222023002016277785 (玉苏普江•托合提)


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 15:36:25

رەسىملەر چىقماپتۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 15:46:56

پۇل بولغان بولسا ئىككى پۇتى ساق قالۇرمىدى!؟ ئېسىت، ئادەمنىڭ قىممىتى پۇلنىڭ ئالدا نىمە! خەيرىيەت...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 16:41:53

جىددى داۋالاشنى رەت قىلغان دوختۇرغا بىرەر گەپ كەلمەمدۇ ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 16:53:00

دوختۇرخانىلار كارخانىلىشىپ كەتتى، ھەممە دوختۇرنىڭ ئايدا مانچە پۇل تېپىش مەسئۇلىيىتى بار ھازىر، ئىشەنمىسىڭىز تونۇش دوختۇرلاردىن سوراپ بېقىڭ.

qayash يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 17:31:39

يامان كېلىشمەسلىك بوپتۇ، قاتناش ۋەقەسى ئاتچوت قىلىنمايدۇ، بولمىسا دېگىۋار ئەسقاتاتتى، ھەيي، قانداق قىلغۇلۇق، ساخاۋەتلىك قوللار ئۈزۈلمىسۇن!


شۇنداقتىمۇ تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى خەلق ئىشلار تارماقلىرىنى ئىزدەپ كۆرگىنىش تۈزۈك، چۈنكى مەركەز ھەر يىلى مىليونلاپ پۇللارنى دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش قۇتقۇزۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.


دوختۇرلاردىمۇ ئامال يوق، دوختۇرلاردا پۇل تېپىش ۋەزىپىسى بولمايدۇ، دورا-ئوكۇلنى ئۆيىدىن ئەكەلمەيدۇ، ھېساۋات ئېچىلمىسا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ، بۇ دۆلەتتە تېخى داۋالاش تولۇق ھەقسىز قىلىنىپ بولۇنمىدى.

yansun يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 19:56:25

ئۇلار خەلىق ئىىشلار تارماقلىرىدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىقى توغرۇلۇق ئىىسپات ئېلىپ كەلسە دوختۇرخانا


داۋالاش پۇلىنىڭ يېرىمىنى كۆتۈرۋىتىدۇ، ئەگەر بەشتە كاپالەتلىك توغرۇلۇق ئىېسپات ئەكەلسە دوختۇرخانا 20مىڭ يۈئەن داۋالاش پۇلى  ھاسىل بولغىچە ھەقسىز داۋالايدۇ ،،


يىىزىلارنىڭ ھەممە ئائىلىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار ،،دوختۇرخانا 55% پۇلنى كۆتۈرۋىتىدۇ ،


دىمەك ئۇلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى  30مىڭ يۈەن بولغان بولسا ،ئەگەر  ئۇلارنىڭ ئۆيى بەشتە كاپالەتلىك بولسا 20مىڭ يۈئەننى دوختۇرخانا كۆتۈرۋىتىدۇ ،قالغان 10مىڭ يۈننىڭ بەش مىڭ يۈەننى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى با دەپ كۆتۈرۋىتىدۇ ،قالغان بەش مىڭ يۈئەننىڭ 55% تىنى يەنى 2500يۈئەننى داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن كۆتۈرۋىتىدۇ ،


دىمەك ئۇلار بەشتە كاپالەتلىك ئائىىلە بولسا 2500يۈەن تۆلەپ 30مىڭ يۈئەنلىك داۋالىنالايدۇ ،،


ئۇلارنىڭ بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئاز،چۈنكى بىر ناھىيەدىن ئۇنداق ئائىلىدىن ئاران 200 ئەتىراپىدا بار،،ئۇلار نىڭ ئائىلىسى قىىيىچىقى بار ئائىىلە ئوخشايدۇ ،دوختۇرغانىغا ئىىسپات ئىلىپ بارسىلا ئومۇمى داۋالاشقا كىتىغان پۇلنىڭ 25%نى ئاۋال تاپشۇرۇپ تۇرسا داۋالاۋىردۇ


ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقە تاشمىلىقتا بولغانكەن تاشمىلىقنىڭ يىزا باشلىقى ئابلىىز تولىمۇ ياخشى ئادەم ئەھۋالنى دىسە ياردەم قىلىدۇ ،،،


تورداشلارمۇ ياردەم قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ئىىشتا ھۆكۈمەتنى ئاۋال چىڭ تۇتۇش كىرەك  

yalkun130 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 10:12:30

   ....................... شۇنداق،ئاۋال پۇل تۆلەيمىز كەينىدىن كىسەل داۋالىتىمىز، پۇلى بارلار قاراپ تۇرمايلى، بۇبىر ئائىلە كىشىلېرىگە ياردەم قۇلىمىزنى ئايىمايلى.......ناۋادا؛        ئامىرىكا،ئەنگىلىيەدە بولغان بولسا ئاۋۇ ئايالنىڭ ئىككى پۇتى كېسلمىگەن بۇلاتتى.بۇدۆلەتلەردە ئاۋال كېسەل داۋالاپ ،ئاندىن پۇل تۆلەش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغان.

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 15:33:21

ئىزدىنىشنىڭ ئىنى كەڭلەپ كېتىپتۇ

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 22:15:44

قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوخۇرخانىسىنىڭ قىلمىشى خاتا .


يەنى ،ھەر قايسى خەلق دوختۇرخانىلار非营利性机构بولۇپ ،كېسەل كەلگەندە ئاۋۋال داۋالاش ،ئاندىن پۇل ئېلىشى كىرەك .خەلق دوختۇرخانىلىرىنىڭ باشقا دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان پەرقى دەل مۇشۇ يەردە ،يەنى باشقا دوختۇرخانىلار پۇل ئەكەلسەڭ داۋالايمىز،بولمىسا داۋالىمايمىز  دىسە بولىدۇ ،ئەمما خەلق دوختۇرخانىلىرى بۇنداق دىسە بولمايدۇ .


يۇقارقىدەك ئەھۋالدا ،پۇل ئەكەلمەسلىك تۈپەيلىدىن پۇتى كېسىۋېتىلگەنلەر ياكى ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارالمىغانلار  قەشقەر شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىغا  دوختۇرخانىنىڭ خاتالقىنى  باھالاپ بېرىشكە ئىلتقماس سۇنۇڭلار ،ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كىين دوختۇرخانىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلساڭلار بولىدۇ .ئەرز قىلىشتىن يانمىساڭلار ،زىرىكمىسەڭلەر ،قەشقەر ھەل قىلمىسا ئۈرۈمچىگىگىچە كېلىشكە ئىرادەڭلار بولسا ، ھەق ئىش ھامان ھەق نەـىجە بىلەن ئاياقلىشىدۇ ....

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 22:16:40

بولسا مېنىڭ بۇ ئىنكاسىمنى  بۇ تېما بار ھەر جايغا چاپلاپ قويۇڭلار .
بەت: [1]
: مۇراجەتنامە (چوقۇم كۆرۈڭ)[كۆچۈرۈلمە]