ئۆزبەك كىنوسى : چىۋەر كېلىن - super kelin [كىنو]
بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى 2010- يىلى 6- ئايدا ئىشلەنگەن، كۆرگەنلەر بارغۇ دەيمەن.
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى
چاقماقتا چۈشۈرۈڭ
Flashget تە چۈشۈرۈڭ
QQ چۈشۈرگۈچىسىدە چۈشۈرۈڭ
رەھمەت .
مەن بۇ كىنونى كۆرگەن ، لېكىن نىمىشقىدۇر ياختۇرمىدىم .
خەتلىكىنى كۆرگەنتىم ، ماڭا ئەڭ ياققان يىرى : كېلىنلەر مۇسابىقىسى بولۇپمۇ مۇسابىقە تۈرلىرىدىكى تاماق ئىتىش تۈرى بولدى.ئاۋۈ دىئانا دىگەن قىزنىڭ 17 مىنۇتلۇق كارۋات تۇرمۇشى سۈرەتكە ئىلىنىپ توردا تارقىلىپ كەتكەندىن كىين زۇڭتۇڭدىن تارتىپ خەۋەر تىپىپ كىنو ھاياتى ئاخىرلاشتى دىگەن خەۋەر تارقالغان . بۇ ئەڭ ئاخىرقى فىلىمى بۇلۇپ قالارمىكىن .
ئۆزھالكا، شۇ تېمىنى يېزىپ بىلمىگەن نۇرغۇن ئادەمنى خەۋەردار قىلغان ئىدىلە. ئەمدى بولسىمۇ ئەيىۋىنى ئېچىۋەرمىگەن ياخشى ئىدى. ئاقساقاللىق قىپ قويدۇم ... قىلىدىغان ئىشى يوقمىكىن باشقا،تۆۋە! غەيۋەت ئايال كىشىدىن ئەر كىشىگە بەك يارىشىدىغان چىراي.بىز خەقنىڭ سەتچىلىكىنى ئاچقان بىلەن قىيامەتتە ئاللاھ بىزنىڭ يۇشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئىچىپ قويمىسۇن.تور مەۋھۇم بولسىمۇ ھەر ئادەم ھۆرمىتىنى ساقلاپ يۇرگەن ياخشى مەنچە.
شۇنداق ئىش بوپتىما؟ خوپ بوپتۇ ئەمىسە...
ئۆزبەكلەرنىڭ بىرە ئادەمگە ياققۇدەك بىر كىنو ئىشلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم...
kuyaxoghli
يۇقۇرىدا ئارتىستنىڭ گېپى بولۇنۇپتۇ.
كىنونى چۈشۈرۈپ ئانامغا قويۇپ بىرەي دىسەم 2k دىن چۈشۈۋاتىدۇ. تىزراق چۈشىدىغان ئۇلىنىش يوقما؟يەنە باشقا ئۇيغۇرچە ياكى ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنولار بولسا بەرسەڭلا بوپتىكەن.
kuyaxoghli
يۇقۇرىدا ئارتىستنىڭ گېپى بولۇنۇپتۇ.
بىلدىم. ئىككى جۈملە خەت يازدىم بىرىنچىسىنى ئارتىستقا قارىتىپ، ئىككىنچىسىنى كىنوغا قارىتىپ . غەيۋەتكە تەڭ شىرىك بولاي دەپ...
jeck
مەنبە تارتىدىغان دىتالدا چۈشۈرۈپ بېقىڭ، تېزراق چۈشۈشى مۇمكىن.