weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 19:55:15

Win8 يىتىپ كەلدى

ئاخشام ئېلان قىلىنىپتۇ.قىزىقىدىغانلار سىناپ باقساق، ھەم مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئورتاقلاشساق..


چۇشۇرۇش ئادىرسى


http://msdn.microsoft.com/en-us/windows/apps/br229516

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 22:14:02

شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان قاچىلىماي ئەمدى قاچىلىدىم تېخى Win 7 نى. بۇنىڭغا ئەمدى كۆنۈشكە باشلىغاندا 8 چىقىپتۇ...

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 00:22:10

بەك راھەتكەن ھەم قولايكەن قاچىلاپ سىناپ باقتىم


ئىشلىتىپ بىقىڭلار كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 00:22:44

سەل تۇرۇپ رەسىملىك يوللايمەن

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 09:41:39

مەن تېخىچە XP دا، ۋىستا چىقتى، 7 چىقتى،  ئەمدى 8 چىققىلىۋاتىدۇ. جاھاننىڭ بەك كەينىدە قالدىممۇ قانداق؟

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 11:06:18

مەنمۇ شۇ،win7غا ئالدىرمايراق كۆچەمەن دىسەم،ما چىقىپتۇ ئەمدى، بىراقلا ئاتلايمىكىن


ئەينى چاغلاردا mp3نى ئىشلىىتپ يۇرسەم ، mp4چىقتى،ئېلىپ بولغۇچە mp5چىقىپ ،،،

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 11:54:29

2- قەۋەتتىكى hudayarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك راھەتكەن ھەم قولايكەن قاچىلاپ سىناپ باقتىم


ئىشلىتىپ بىقىڭلار كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن



~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


win7 نى قاچىلاپ ئىشلەتسەم شۇنداق ئوبدان بىلىنگەنتى، لېكىن c دىسكىنى رايونغا كىچىپ ئايرىپ قويۇپتىكەنمەن، ئاز ۋاقىت ئىشلەتمەيلا \"Cدىسكا توشۇپ قالدى\" دەپ چىقىۋېلىپ بولمىغىلى تۇدى، شۇ خاپىچىلىقتا يەنە XP غا قاېتىپ كېلىۋالدىم.


Hudayar بىلمىدىم سىز قاچىلىغان بۇ 8 قانچىلىك بوشلۇقنى ئىگەللىدى؟




Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 13:29:14

مەن تېخىچە XP دا، ۋىستا چىقتى، 7 چىقتى،  ئەمدى 8 چىققىلىۋاتىدۇ. جاھاننىڭ بەك كەينىدە قالدىممۇ قانداق؟


...................


مەنمۇ  شۇ .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 16:23:35

ۋىندوۋس 7 نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئالغانلار قانداق يېڭىلايدىكەنمىز؟

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 16:35:09

10.2gb ئورۇننى ئىگەللەيدىكەن

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 16:35:26

xp چىلارمۇ جىقكەنمىز ... ھېچقايسىغا قىزىقمىغان ، ماۋۇ 8 گە قىزىقىۋاتىمەن . راست 6 سىكونتتا قوزغىلامدىكەن ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 17:32:38

VPC   غا قاچىلانمىدى

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 17:59:00

قاتتىق دىتالغا بولغان تەلىپى ئانچە يۇقىرىمۇ ئەمەسكەن


10 سىكونتقا قالمايلا قوزغىلىدىكەن ، سىزنىڭ msn نومۇرىڭىز بولسىلا ئىشلەتكۈچى ئىسمى ۋە مەخپى شىفىرى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . ie10 قاچىلانغان بولۇپ تور سۈرئىتى باشقا سىستىمىلاردىن كۆرۈنەرلىك تىزكەن . net fromwork نىڭ 4.5 نۇسخىسى قاچىلانغان . ھاۋارايى ئالدىن مەلۇمات بىرىش پىروگراممىسىنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق نەپىس . ھەقىقەتەن كىشىلىك تۇرمۇشقا تىخىمۇ كۆپ ياردىمى تىگىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىپتۇ .


ئىنگىلىزچە بولغاچقا تىخى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىدىم .


كەچكىچە سىستىما قاچىلاش توغۇرلۇق بىر تىما يوللاي دىگەن . بۇرۇن يوللىنىپ بولغانمۇ يوق بىلەلمەي قالدىم .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 18:06:13

***چە ئائىلە نۇسخىسى بارمىدۇ؟

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 18:20:33

بۇ تىخى سىناق نۇسخىسى  


ۋىندوۋس 8 ئۈچۈن پىروگرامما لاھىيىلەيدىغانلارغا تارقاتقان نۇسخسى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 18:46:45

ئەتە دۆڭكۆرۈككە چىقسىڭىز ۋىن 9 نىمۇ تاپقىلى بولامدىكىن

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 19:19:08

مەن قاچىلىدىم.ھازىر شۇ سېستىمىدا خەت يېزىۋاتىمەن.يامان پىچەت ئىكەن.كۇچلۇك تەۋسىيە قىلىمەن..

begtash يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 20:02:12

قاچىلىغانلارنىڭ ھەممىسى ماختاپ ئۇچۇرۇپ كىتىپتۇيا؟ ئۇنداقتا مەنمۇ كۆپچىلىككە يىتىشىۋالاي.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-15 20:50:17

ئۇيغۇرچىسىدە كۆپ ئۆزگىرىش يوقكەن. micorsoft uighur فونتى تېخىچە چوڭايماپتۇ، ئاتا-ئانىسى نان بەرمىگەن ئوخشايدۇ.


مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە فونىت ماۋۇ ئادرېستا http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=1276



زىلتار: مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا قاچىلىندىكەن. مەنمۇ مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا قاچىلىدىم. ئاۋۇ رەسىملەر شۇنىڭدا تۇتۇلغان.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 09:31:26

uyghurغا ئۆزگىرىپتۇ.مەن شۇنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭدىن باشقا خەت نۇسخىسى بۇرۇنقىدەك تۇرامدۇ نىمە ئادەمنى بىئارام قىلىپ..

بەت: [1] 2
: Win8 يىتىپ كەلدى