ezitku-kp يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 10:21:22

BIOS قوزغىلىش ئېكران LOGO سىنى ئۆزگەرتىشتىن ياردەم







ئەسسالامۇ ئەلايكۇم قېرىداشلار ، BIOS  قوزغىلىش ئېكران LOGO سىنى ئۆزگەرتىشتىن جىددى ياردەم قىلساڭلار،  بىرسى كومپىيوتىرىمنىڭ   قوزغىلىش ئېكران LOGO سىنى  ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ ، ئۆزگەرتىۋالسام  ،  ئۆزگەرتىپ قويغان رەسىم   كۆرۇنىشى  ساغلام بولمايدىغان رەسىمنى    ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ ،    联想كومپىيوتىر  AMI   BIOS    باشقا كومپىيوتىر  LOGO كۆچۇرۇپ  ئۆزگەرمەكچى.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 12:43:25

سىزنىڭ كومپىيوتېر BIOS نى يېڭىلاش تەجرىبىڭىز بارمۇ يوق،ئەگەر بۇنداق مەشغۇلاتنى قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز،چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن ئۆزگەرتمىكىڭىز تەسرەك،توغرا قىلالمىسىڭىز كومپىيوتېرنىڭ biosنى مەخسۇس ئۈسكىنە بىلەن يازىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۇسۇلى ئاددى:يەنى lenoovo نىڭ تور بېتىدىن ئەڭ يېڭى bios نىڭ ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ،bios يېڭىلاش قورالى بىلەن يېڭىلايمىز،ئەگەر قىلىشقا كۆزىڭىز يەتسە،تەپسىلى ماتېريالىنى ئېۋەرتىپ بېرەي،بۇ يەرگە قوياي دىسەم،ماتېرىيال خەنزۇچە بولغاچ بىئەپ بوپ قالدى.

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 12:48:18

biosنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .


lenovoنىڭ تور بىكىتىنىڭ مۇلازىمەت ۋە چۈشۈرۈش دىگەن يىرىدىن كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ تىپىنى كىرگۈزسىڭىز   biosنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان يۇمشاق دىتالنى تاپالايسىز تەپسىلى قاراڭ .


ئەگەر  كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلانغىنى biosنىڭ ئەڭ يۇقىرى نەشىرى بولسا ئۇ چاغدا باشقا يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا رەسىم كىرگۈزۈشكە بولىدۇ .


خەنزۇچە بىلسىڭىز ماۋۇ تور بىكەتتە قانداق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى رەسىملىك تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن


http://www.bios.net.cn/BIOSJS/BIOSxiugai/6191.html

بەت: [1]
: BIOS قوزغىلىش ئېكران LOGO سىنى ئۆزگەرتىشتىن ياردەم