Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-13 19:53:13

ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون - Rio [چۈشۈرىۋېلىڭ]




فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاخىرى كىرىشتۈرۈلۈپ تورغا يوللىنىپ بولدى. توردىن كۆرۈش نۇسقىسىنى شاھ بلوگى يوللاپ قويماقچى بولدى. بىز ھازىرچە 720P لىك RMVB نۇسقىسىنى چۈشۈرگەچ تۇرايلى.



فىلىمدىن كۆرۈنۈشلەر:














فىلىمنى DBank بوشلۇقىغا يوللىغاچقا 100 مېگابايتتىن ئوشۇق نەرسە يوللىيالمىدىم. شۇڭا 99 مېگابايتتىن 7 گە بۆلۈشكە توغرا كەلدى. تۆۋەندىكى ئادرېستن 720P لىك RMVB نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ:





چۈشۈرۈپ يېشىش ئۇسۇلى:


چۈشۈرۈش بېتىنى ئاچسىڭىزRio.pasiban.com.7z.001 دىن Rio.pasiban.com.7z.007 گىچە بولغان 7 دانە ھۆججەتنى كۆرىسىز.ھەر بىرىنىڭ ئاخىرىدىكى 下载 نىڭ بېسىپ بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈڭ. ھەممىسىنى تولۇق چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنى ( مەسىلەن Rio.pasiban.com.7z.001 نى) يېشىمىز. ھەر بىرىنى ئايرىم ئايرىم يېشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە بىر يېرى، بۇ 7 ھۆججەتنىڭ ھەممىسى چوقۇم 1 مۇندەرىجىدە بولىشى كېرەك.


4.38 گېگابايتلىق 720P لىك MKV بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈش


يۇقارقىسىنى بەك سۈزۈك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاران 6 يۈز مېگابايت كېلىدىغان پرېسلانغان فىلىمدە. ئەگەر ماڭا ئوخشاش HD ھەۋەسكارلىرى بولسا بۇ فىلىمنىڭ BlueRay 720P لىك ئەسلى نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەپ قوياي. ئاندىن تەرجىمە قىلىنغان خەت ھۆججىتى SRT بىلەن قوشۇپ ئەڭ سۈزۈك ئۇيغۇرچە خەتلىك Rio نى كۆرسىڭىز بولىدۇ.


Rio.2011.BluRay.720p.x2644.38GB نى 迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.


ئۇيغۇرچە خەتلىك SRT ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ.


ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ سىز چۈشۈرگەن MKV ھۆججىتى بىلەن بىر مۇندەرىجىگە قويغاندىن كىيىن ھۆججەت ئىسمىنى ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىپ، KMPlayer دېگەندەك قويغۇچ ئارقىلىق قويسىڭىز خېتىنى ئاستىغا چىقىرىپ بېرىدۇ. خەت نۇسقىسى نورمال بولمىسا قويغۇچنىڭ تەڭشەيدىغان جايىدىن 字幕样式 دېگەن جايىدىن ئۇيغۇرچە فونتنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ (مەسىلەن UKIJ Tuz Tom نى تاللاپ قويۇڭ).





ئايفون، ماشىنا ھەۋەسكارلىرى يىغىلغان جاي - پاسىبان كۇلۇبى. سىزمۇ كېلەمسىز؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-13 21:28:14

كاتتا رەھمەت.


چۈشۈرۈشنى باشلاپ كەتتىم ئەمسە.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-13 21:38:33

SRTھۆججىتىنى تەمىنلىگىنىڭىز بەك ئوبدان بوپتۇ،قېنى ئاشۇ سۈزۈك نۇسخىسىنىبىر چۈشۈرۈپ كۆرەي.\"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-13 21:52:17

يەتتىگە پارچىلىۋەتكەن ھۆججەتنى ئاچسام ھۆججەت بۇزۇق دەپ ئېچىلمىدى. winrar, 7zip لاردا ئېچىپ باقتىم، ھەممىسىدە شۇنداق.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-9-13 23:32:42

مەن تېخى قانداق يېىششنى بىلەلمىدىممىكىن دىسەم باشقىلارمۇ شۇنداق بوپتۇدە.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 00:07:46

winrar دا يىشىلمىدى، 7zipتە سىنىمىدىم

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 00:49:58

مۇبارەك بولسۇن! ئېسىل بىر تەرجىمە، سۈزۈك فىلىم كىرىشتۈرمىسى بولغاندەك قىلىدۇ، ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەممەيلەنگە رەھمەت!


\"\"


my friends،I want to help، but to walk the whole way


دېگەن جۈملىنى ئەگەر مەن تەرجىمە قىلسام، \"ئاغىينىلەر، ياردەم قىلغۇم بار، بىراق يول بۇيى پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ...\" دەپ يازاركەنمەن.


\"\"


But this doesn\"t seem aerodynamically possible.


دېگەن جۈملىنىمۇ \"بىراق، ھاۋا ھەرىكەت كۈچى ئىلمى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ\" دەپ يازاركەنمەن.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 07:27:50

ئالىپ، بۇ تور بەت 100 مېگابايتتىن يۇقىرى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمىغاچقا مۇشۇنداق 7 گە بۆلۈپ چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بۇنىڭغا ئامال بولمىدى. يەشكەندە 360压缩 بىلەن سىناپ كۆرۈڭ. شۇنىڭ بىلەن پرېسلىغان ئىدىم. http://yasuo.360.cn/ خەت ھۆججىتىنى چۈشۈرەلمىگەنلەرمۇ بار ئوخشايدۇ. تور دېسكىسىدىن چۈشمىسە بۇ يەردىن سىناپ كۆرۈڭلار.
http://www.pasiban.com/wp-content/uploads/2011/09/Rio.2011.BluRay.720p.x264-ZMG.chesthair.zip

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 07:36:23

دىلارە:
my friends،I want to help، but to walk the whole way نىڭ ئارقىسىغا قارىسىىڭىز 3 تال چېكىتنى كۆرىسىز ...ئاخىرى بار جۈملە ئۇ. It can\"t be done قوشۇپ تەرجىمە قىلساق مۇشۇنداق يېزىش لازىممىكىن؟دوستلىرىم دېيىشىمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىز بالار بار. بىزدە قىز بالىنى ئاغىينە دەيدىغان ئىش يوق. ئوغۇللار ئۆز-ئارا شۇنداق ئاتىشىمىز. شۇڭا دوستلىرىم دەپ ئالدىم. But this doesn\"t seem aerodynamically possible نى سىز دېگەندەك ئالساق تامامەن بولىدۇ. لېكىن ئىككىمىزنىڭ تەرجىمىسىدە قانداق مەنا پەرقى بار؟ قايسىسى ئىخچام؟ قايسىسى ئېغىز تىلى، ئەركىنلىككە يېقىن.
تەرجىمىدە خەتمۇ-خەت بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم، لېكىن بەزى جايلاردا شۇ خەتنىڭ دەل مەنىسىنى ئالماي، ئەسلى مەزمۇنغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا شۇ ئورۇنغا ماس كېلىدىغان باشقىچە سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ قويدۇم. چۈنكى بەزىدە مۇشۇنداق قىلساق تېخىمۇ يۇمۇرىستىك، تېخىمۇ يېقىشلىق، چۈشۈنىشلىك چىقىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. قارىغۇلارچە ئەسلى مەزمۇنغا يېپىشىۋالىدىغان بىز گوگل تەرجىمانى بولمىغاندىن كىيىن ...
يېزىق ھۆججىتى ئايرىم تەمىنلەندى. ئەگەر خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تەرجىمە قىلىپ كۆرسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 08:10:51

my friends،I want to help، but to walk the whole way.. بۇ جۈملە قارىماققىلا تۈگىمىگەن شۇڭا چېكىتنىڭ رولى بۇنداق قىلىش تەس دىگەن مەنىدە.دىلارا قىزچاقنىڭ بۇ جۈملىنى ھەزىم قىلىشى خاتا بولۇپ قاپتۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 08:33:56

رىئودى ژانىرو..


كارتون فىلىم كۈرۈش ئاجايىپ ھۇزۇرلۇق جۇمۇ..ھىسياتنى قانداق ئىپادىلەشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 08:43:43

چۈشۈرۈپمۇ يېشەلمەي كۆرەلمىگەنلەر كىمگە ئەرىز قىلىمىز؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 08:54:00

ھ خ 1 ،ئېچ ئېكىس بىر (ئىسمىڭىزنى نىمە دەپ ئوقۇيمىز بىلەلمىدىم) بۇرادەر ئاران تەستە كىنونى تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تەمىنلىسە يەنە ئەرز قىلىمىز دەپ يۈرسەك ســـــــــــــــــــــــەت تۇرامىكى. پارچىلاپ قىسىش ياكى تورغا يوللاش جەريانىدا ھۆججەت بۇزۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. 360 تىمۇ يىشىلمىدى. مەنمۇ بىر ئىككى كىنونى تەرجىمە قىلىپ باققان، بەك قول تۇتىدىغان زىرىكىشلىك ئىش بۇ.


ھامىنى كۆرگەندىكىن 4.3 گېگابايىتلىق ئەڭ سۈزۈك نۇسخسىنىلا كۆرەيلى ئەمدى.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 08:56:32

ھەي ... تۈنۈگۈن يېرىم كۈن ئېچىپ قويۇپ تورغا يوللىسام بۇزۇلۇپ يوللىنىپتۇدە ... بۈگۈن QQ邮箱 غا يوللاپ قوياي. 中转站 دىن 15 كۈنگىچە چۈشۈرىۋېلىڭلار ئەمىسە

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 09:03:59

چاقچاق قىلىپ دەپ قويدۇم، مەنمۇ ھازىر بىر كىنونى تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىۋاتىمەن، يەنىلا سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرەي.


ئىسمىمنى كىيىنكى ئوقۇغىنىڭىز توغرا.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 09:07:27

ئۇ سۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ چۈشۈرەلمىدىم، خاتالىق ئۇچۇرىغا <ntfs> رايۇنىنى تاللاڭ دەيدۇ، مەن كومپىيوتېرىمنى fat تەڭشىگەن.

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 09:18:09

13- قەۋەتتىكى Pasibanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي ... تۈنۈگۈن يېرىم كۈن ئېچىپ قويۇپ تورغا يوللىسام بۇزۇلۇپ يوللىنىپتۇدە ... بۈگۈن QQ邮箱 غا يوللاپ قوياي. 中转站 دىن 15 كۈنگىچە چۈشۈرىۋېلىڭلار ئەمىسە



[ئىكەڭ يۆلەپ ساقلاۋاتقان كۆرۈنۈش]

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 09:23:15

بەك چۈشۈرۈپ كۆرگۈم لېكىۋاتىدۇ بۇنى. بەك ئۇماق چىققان ئىدى. رىئونىڭ بۇۋاق ۋاقتىدىكى، يەشىكتىكى كۆز ئىپادىسى بەك ئالاھىدە.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 09:26:21

قىزىم بەك چىرايلىق دورايدۇ ئاۋۇ چۈجىڭىزنى.


TB دەۋرىدىمۇ fat تا يۈرگىنىڭىز قاملاشماپتۇ. fat32   ھالەتتە 4 گ ب دىن چوڭ ھۆججەتنى ساقلاشقا بولمايدۇ.


ئىجرا قىلىشقا CMD نى يېزىپ، كوماندا كۆزنىكى ئېچىلغاندا CONVERT F:/FS:NTFS دەپ يېزىپ ئېنتىرنى باسسىڭىز، F دېسكىڭىزنى NTFS قا ئايلاندۇردۇ.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-14 13:02:18

تورغا يوللاندى. ئېلخەت ئادرېسىڭلارنى قالدۇرۇڭلار. يوللاپ بېرەي
بەت: [1] 2 3
: ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون - Rio [چۈشۈرىۋېلىڭ]