ماشىنا دۈمبىسىدىكى يۇمۇرلار
1. سەن بۇ خەتنى كۆرەلىگەندە بەك يېقىن كەپ قالدىڭ!
سەن جاندىن تويدۇڭمۇ!
2. بەش قېتىم يول ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن.
3. پىراۋىنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالغان، قاراپ بىر ئىش قىلارسىز.
4. قوغلاۋەرمەڭ، مەن توي قىلىپ بولغان.
5. ئاكاڭغا مەپتۇن بولما، يەڭگەڭ ئەدىۋىڭنى بېرىدۇ.
6. مەن قېرى خانىم شوپۇر، دىققەت قىلىڭ.
7. مەن قېرى، ماشىنا يېڭى، يىراقراق تۇرۇڭ.
8. سەن نوچى، خالىغانچە ئۆتۈپ كەت.
9. مىنى قىزىل چىراق دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ.
10. ماڭا ئەمەس، يولغا قاراڭ.
11. ئالدىرىسىڭىز مېڭىپ تۇرۇڭ.
12. نوچى بولسىڭىز بېشىمدىن ئۇچۇپ ئۆتۈڭ.
13. ئاستا دەمسىز؟ ئەمىسە بېرىپ ئۇچقۇچى بولۇڭ.
14. ئارىلىق گۈزەللىك يارىتىدۇ.
15. كېلىڭە! سۈيۈشەيلى!
16. تۈنۆگۈن كېنىشكا ئالغان، ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن..
17. يېڭى شوپۇرنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.
18. شوپۇرلۇق مەكتىۋىدىن قوغلانغان، ئۆزلۈكىمدىن يېتىشكەن!
19. 10 يىللىق شوپۇرمەن، بىخەتەر ھالدا 100 كىلومېتىر ھەيدىگەن.
20. ئاتوم بومبىسى كەينىگە سېلىنغان، ئارىلىق ساقلا!
21. ماشىنامنىڭ تورمۇزى يوق.
مەنمۇ بىر ئىككىنى چاپلىۋېلىپ يىللىق تەكشۈرتۈشكە كەلگەندە تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكۈزەلمەي 30 كويغا سويغۇزدۇم. قاملاشمايدىغان ئىشكەن بۇ شوپۇر قېرى ، ماشىنا يېڭى ...... ھا ھا ھا«تېخنىكام ناچار، مىجەزىم ئوسال»
«تورموزلاشقا، ئوت ئۆچۈرۈشكە ئالاھىدە ماھىر»
دېگەنلەر قىزىق تۇيۇلغانتى.
ماڭىمۇ
پۇلۇم يوق رېمونت قىلالمايۋاتىمەن ، مىنى سوقۇپ رېمونت قىلدۇرۇپ بىرىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمەن ، دېگىنى قىززىق تۇيۇلغان .
1- قەۋەتتىكى Pasibanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ بىر ئىككىنى چاپلىۋېلىپ يىللىق تەكشۈرتۈشكە كەلگەندە تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكۈزەلمەي 30 كويغا سويغۇزدۇم. قاملاشمايدىغان ئىشكەن بۇ
مۇشۇنداق خەت چاپلىۋالغانغىمۇ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەمدىكەن؟
ئادەتتە خەن يولداشلار كۆپ چاپلىۋالىدىكەن بۇنداق خەتلەرنى.
مەنمۇ بۇنداق خەتلەرنى چاپلىۋالغانلارنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەزمەيدىغانلىقىنى بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن . ‹ مىنىڭ ئاكام audi › دەپ يىزىۋالغان، قارىسا بىر ئەسكى شالىي .دىمىسىمۇ ماشىنىغا قالايمىقان خەت چاپلىسا،يىللىق تەكشۇرۇشتىن ئۈتەلمەيدۇ.
دىمىسىمۇ ماشىنىغا قالايمىقان خەت چاپلىسا،يىللىق تەكشۇرۇشتىن ئۈتەلمەيدۇ.
دىمىسىمۇ ماشىنىغا قالايمىقان خەت چاپلىسا،يىللىق تەكشۇرۇشتىن ئۈتەلمەيدۇ.
سۇنۇقتىن باشقا ھەممىسى يۇقامدۇ نىمە، ما يالقۇننىڭ ئىنكاسلىرى ئابدۇلئەخەت داموللامنىڭكىدەك ئەكىس سادا بېرىدىغان بوپتۇ. سىرتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەنگە باراۋەركەن. شۇڭا قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. باشقا جايلاردا قانداقكىن تاڭ، ئىشقىلىىپ مەن ئۆتكۈزەلمەي قايتا تەكشۈرتتۈم.------------------------
10 قېتىم سوقۇلۇپ 9 قېتىم يېڭىپ 1 قېتىم تەڭلەشتىم.
پەستە ئۈچ تەپكە تۇرىدۇ، قايسىسى تورموز؟
مەركەز «خالىغانچا كەينىگە بۇرۇل» دەپ ئالاھىدە تەستىق سالغان.
دەيدىغانلىرىمۇ بار مىنىڭ ئاتام لىگاڭ دەپ يېزىۋالساڭلار ھەممىدىن نوچىسى شۇ يىراقنى كۆرۈش چىرىقىنى يېقىۋالغانلارنى تىللايدىغان خەتمۇ بار
ئالدىنقى كۈنى توختىتىپ قويغان بىر ماشنىنىڭ كەينىگە قىزىل رەڭلىك يوغان قىلىپ چاپلاپ قويغان \"خوتۇن بىلەن ماشىنىنى ئارىيەتكە بېرىشكە بولمايدۇ\" دېگەن خەنزۇچە خەتنى كۆرگەنتىم.
ماشىننى ئوغىرلىغان ، پىراۋىنى تېپۋالغان .. ماۋۇسى قىززىق تۇيۇلغان. شەھەر ئىچىدە چوڭ چىراق ياندۇرۇشنى چەكلەيدىغان بىر بۇيرۇق يوقمىدۇ دەيمەن. چوڭ چىراقنى ياندۇرغۇزمىسا كىم سىزنىڭ ماشىنىڭىز بارلىقىنى بىلەتتى.ماشىنىسى بارلىقىنى بىلمىسا ماشىنا ئالغاننىڭ نىمە پايدىسى.بولسا چوڭراق،پۇتبول مەيدانىغا تاقايدىغان چىراققا ئالماشتۇرۋالسا تېخى نوچى. باچكا ئىكىمىزلىغۇ تۈرمىگە كىرگەن
تۆنۆگۈن تۈرمە پۈتۈپتىكەن،ئىكىسكورسىيە قىلغاچ سىناپ باقتۇق