hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-9-11 21:07:04

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا»نى ئوقۇدۇم



بۇ رومان ئامىرنىڭ گۇناھ ئۆتكۇزۇش ، گۇناھى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئازاپلىنىش ، گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ھاياتنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپ ئاتلىنىش جەرياندىكى تەپسىلاتلار جەريانى . ئامىرنىڭ ۋىجدان سورىقىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئورۇنىشى . پاكلىنىشقا يىتىش جەرياندىكى رۇھى يۇيۇنىشى.


ئەگەر ئىنسان ۋىجدانىنى يوقىتىۋەتمىگەنلا بولسا ، ئەگەر گۇناھ قىلغان بولسا، خاتالىق ئۆتكۇزگەن بولسا ، ھەتتا بۇ گۇناھ ۋە خاتالىق ئادەتتكى گۇناھ ۋە خاتالىق بولمىغان بولسا ، چۇقۇمكى ئۇ گۇناھ ۋە خاتالىق ئىنسان ھاياتىغا خۇددى جىن چاپلاشقاندەك چاپلىشىدۇ. ئۇنى ھەردەم ، ھەرجايدا ئازاپلايدۇ، خۇشاللىقتىن بەھرىمان بۇلۇشتىن تۇسۇپ تۇرىدۇ. مۇنداق ئىنسان بىر ئۆمۈر ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلەشتىن قۇتۇلالمايدۇ. ھەرقانداق بەدەل كىتىشىدىن قەتئىنەزەر ( ھاياتىنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپمۇ بولسا ) گۇناھىنى يۇيۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن كىشلەردىن باشقا كىشىلەر . كىشى پەقەت ئۆز گۇناھىنى يۇيغاندا ، خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئالغاندىلا ئاندىن قۇشتەك يىنكلەپ قالىدۇ. ئامىرنىڭ ھېكايسى بىزگە شۇنداق دەيدۇ.



رۇماندىكى بەزى تەپسىلاتلار ھەقىقەتەنمۇ كىشگە چۇڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. ئامىرنىڭ ئۆز يېقىنى  (باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا ئىنىسى) باشقىلار تەرىپىدىن ئىنسان تىلغا ئالغۇسىز شەكلىدە خورلانغانلىغىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياردەمگە بارماسلىقى ، ئامىرنىڭ دادىسىنىڭ تۇنۇمايدىغان بىر ئافغان ئايالنىڭ نۇمۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تەڭلىگەن ھالىتى ، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆز باللىرىنى سېتىۋاتقان ئاتا – ئانىلار ، يەنە شۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ يالغان پۇتىنى كۆتۈرۈپ يۇرۇپ خېرىدار ئىزدەۋاتقان مەجرۇھ ، چالما كىسەك قىلىنغان بىر جۈپ ئەر – ئايال ....رۇماننىڭ ۋەقەلىكى ھەقىقەتەتمۇ جىددى، ئويلىمىغان يەردىن چىقدىغان بايانلار تولا . كىشىنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىپلا تۇرىدۇ.



پىرسۇناژلار ھەققىدە :


ئامىر :ھەسەتخورلىقىدىن باشقىلارنىڭ ئەخمەق قىلىپ خۇشاللىق تاپىدىغان ، قۇرقۇنچاقلىقىدىن ئۆز يېقىنىنىڭ ، ئۆزى ئۈچۈن ھەممىگە تەييار تۇرىدىغان بىرىنىڭ  باشقىلار تەرىپىدىن جىنسىي زورلۇققا ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغۇچى ، بۇ گۇناھى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئازاپلانغان ۋە يەنە شۇ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغۇچى ۋە گۇناھلىرىدىن پاك بۇلۇپ ئەمىن تاپقۇچى.


ئامىرنىڭ دادىسى : ئاجايىپ ئادەم . ھەممىگە قارىتا ئۆزىنىڭ مۇستەققىل كۆز قارىشى بار ، ھەممىنى ئۆزىنىڭ ئىددىيسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدىغان ، كېرەك بولسا باشقىلار ئۈچۈن جېنىنى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان ،« مەيلى كابول ، مەيلى پەشاۋەر ، مەيلى ھايۋادتا بولسۇن ، ھەممىلا يەردە ئۆز خاراكتىرىنى ساقلاپ» كەلگەن ، پاراۋانلىق پۇلى ئېلىشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان ،كوچىغا چىققاندا تىلەمچىلەر ئۈچۈن دائىم يېنىغا پۇل سېلىپ تۇرىدىغان ئادەم .


ھەسەن : بىچارە ، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ھەق دادىغا يەتكۇزۇپ ئورۇندايدىغان ، ئۆزىىنىڭ ئىزىلىشى، خورلىنىشى، بوزەك قىلىنىشىنى نۇرمال دەپ ھېس قىلىدىغان ۋە بۇنىڭغا كۈنۈپ كەتكەن ئىنسان.


ئەلى (ھەسەننىڭ دادىسى ) : ھەسەن بىلەن ئوخشاش.


ئاسسەف : مۇشتۇمزورلارچە تۇرمۇش كەچۇرىدىغان  ، باشقىلارنى ئىتائەت قىلدۇرۇشتىن ھۇزۇر تاپىدىغان «لۈكچەك ». ئەمما ئۇ خېلىلا سۆيۈملۈك لۈكچەك. چۈنكى مەيلى ئۇ قانچە ئەسكى ئىشلارنى قىلسۇن  ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ مەردلىكىنى يوقىتىپ قويمىغان  ، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان لۈكچەك . ئاشۇ يالغۇز ئۆيدە ئۇ ئامىر بىلەن يالغۇز ھېساپ – كىتاب قىلىشقاندا ، بەلكىم ئامىرنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھى يۇيۇشنىڭ ۋاستىسى بولغان سوھرابنى ئۆلتۇرىۋىتەلەيتى . ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ :«سەن يېڭىسەڭ سالامەت چىقىپ كىتەلەيسەن» ،«ئۇنى چىقرىۋىتىڭلار!» دەپ مەردلىكى ۋە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن لۈكچەك.


سوھراب : باشقىلار ياخشى كۆرمەيدىغان مىللەتتىن تۇغۇلۇپ قالغانلىقىغى ئۈچۈن ، بىكاردىن بىكارلا ئازاپ تارتقان، بوۋىسى ، دادىسىنىڭ ئازاپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇغۇچى بىچارە.


رەھىمخان تاغا : نۇرغۇن راسىت ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ، ھەممىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان ۋە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان ، قانداق قىلىشنى بىلىدىغان مۆتىۋەر.


گىنرال ئىقبال تاھىر : شۆھرەتلەردىن مەس بولغان ۋە بۇ شۆھرەتلەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاۋاتقان بىچارە كۈتۈپ تۇرغۇچى.


جەمىلە خانىم : ئىرى ئۈچۈن ھەممە  ئارزۇلىرىدىن كىچىپ(كەچتۇرۇلۇپ) ئاياللىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەزلۇمە.


سۈرەييە : تەلۋە ، گۈزەل ، بەخىتلىك ئايال.




كىتابىتىكى مەن ئاستىغا سىزىپ قويغان قۇرلار :


ئۆزىچە  ھەققانىيەتچى بولىۋالغان مايمۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساقىلىغا سېيىش كېرەك (22-بەت)



يالغان سۆزلىسەڭ ،باشقىلارنىڭ ھەقىقەتنى بىلىش ھوقۇقىنى ئوغۇرلىغان بولىسەن (23-بەت)



ئۇ ( ئامىرنىڭ دادىسى ) پاراۋانلىق باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ( ھۆكىمەتتىن بىرىلىدىغان ياردەمنى ئالمايدىغان بۇلۇپ ) خۇددى ئەجەللىك راك كىسەللىكىدىن ساقايغان ئادەمدەك مەزمۇت قەدەم بىلەن يېنىپ چىقتى (180-بەت)



دادام مەيلى كابول ، مەيلى پەشاۋەر ، مەيلى ھايۋادتا بولسۇن ، ھەممىلا يەردە ئۆز خاراكتىرىنى ساقلاپ كەلدى ( 183-بەت)



ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىين ئۆزۈمنىڭ كىملىكىم پەقەت دادام ئارقىلىق ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا قالدۇرغان ئىزلىرى ئارقىلىق بەلگىلەنگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.(240-بەت)



ئۆتمۈشتىكى تىلەمچىلەر ھېلىمۇ ئېسىمدە . دادام شۇلارغا بېرىش ئۈچۈن دائىم يانچۇقىغا پۇل سېلىپ يۈرەتتى (336-بەت)



چۆل قامغاقلىرى بىر خىل تۇرىۋىرىدۇ . لېكىن ، باھارنىڭ گۈللىرى ئېچىلىدۇ ھەم سولىشىدۇ. شۇنچە نازاكەت ، شۇنچە ، غورۇر،شۇنچە دەھشەتلىك پاجىئە. (243-بەت)



ۋىجدان ئازابى باشلىغان توغرا يولنى كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئەڭ پاكىز يۇيۇلىشى دەپ چۈشىنىمەن .(414-بەت)



2011-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى




بىلوگ يېزىۋاتقانلىقىمدىن خەۋىرىڭلار باردۇر

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-11 23:29:29

لەگلەك قوغلىغۇچى دەپ ئالامدا ئۇيغۇرچىدا لەگلەك ئۇچۇرىدىغانلارنى؟ ياكى 追风筝的人دەپ خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنىشمىكەن؟



بۇ ئەسەر بەكلا كېچىكىپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ.



ئەسلى ھۇسەيننىڭ 2-كىتاۋى بالدۇر تەرجىمە قىلىنسا مۇۋاپىقتى...دەپ قارايمەن.

kizginix يوللانغان ۋاقتى 2011-9-11 23:51:24

بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىنونى مەن قەشقەرگە بارغاندا شۇ جايدا ئامېرىكىنىڭ ۋوللىۋودتىن كەلگەنلەر سۈرەتكە ئېلىۋاتقانىلقىنى كۆرگەنىدىم .

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-12 10:28:05

لەگلەكچى بالا دېسىلا بولماسمىدى؟ ئەسلى ئېنگلىزچىسى Kite Runner دىن تەرجىمە قىلسا مۇشۇنداق چىقىدۇ. تېخى «بالا» سىمۇ يوق. لەگلەكچى دېسىلا بولاتتىكەن

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-12 14:18:05

«لەگلەكچى»  دەپ  ئېلىنسا «  لەگلەك  ياسىغۇچى » ياكى « لەگلەك  ساتقۇچى » دېگەن  مەنىنى  ئاڭلىتىپ  قالىدۇ.  خۇددى  «ئەگلەكچى»  دېگەندەك \"\"

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-9 15:52:59

ئوقۇدۇم . بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز بولغان ئازەرىلەرنڭ ئافغانىستاندىكى  كۈلپەتلىرىنى  ئوقۇپ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بىسىلمايدىغانلىقىنى  ھىس قىلغاندەك بولدۇم ، دىنداش قىرىنداشلار تۇرۇپ ئۇنداق يەكلەشنىڭ نىمە ھاجىتى . بەدىئى جەھەتتىمۇ ياخشى كىتاپ . بەزى جەھەتلەردە مۇسۇلمانلار دۇنياسى قوبۇل  قىلالمايدغان تەرەپلەر بولسىمۇ .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 23:46:59

«پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش» بىلەن ئىككىسىنى چوقۇم ئوقۇيدىغان كىتاپكەن.
نېمىشقا لەگلەك قوغلىغۇچى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئوقۇساڭلار بىلىسىلەر. بىزدە لەگلەك ئۇچۇرۇش بولغان بىلەن قوغلاش يوق، بۇلاردا باركەن.
نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ بىزدە بار لەتىپىسىدىن ئىككىنى كەلتۈرۈپتۇ. بۇلاردىن بىزگە كىرگەنمۇ ياكى بىزدىن ئۇلارغىمۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 09:27:38

م پ 3 شەكلىمۇ بارتى بىر چاغلاردا

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 09:51:53

كىنوسىمۇ خەتلىك ئىشلىنىپ بولۇنغان، تېخى تارقاتمىدۇق. كىنوسىمۇ ھەر ھالدا بەلەن ئىشلىنىپتىكەن
بەت: [1]
: «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا»نى ئوقۇدۇم