«بىر سوم پىلانى» ئۈچۈن 3000يۈەن لازىم !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور جامائىتى ،بىلگەنلەرگە مەلۇمكى 6يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان "بىر سوم پىلانى "مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان سىتۇدىنىت ۋە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىللىرى 9-ئاي كىرىشى بىلەن ياردەم پۇللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى .ئاي بېشىدا سەپەردە بولۇپ قېلىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاپىرىپ بېرىدىغان پۇلنى ۋاقتىدا بېرەلمەي قالدىم (خۇدايىم بۇيرىسا سەيشەنبە كۈنى مەكتەپتە ئاپىرىپ بېرىمەن ).
بۇ يەردىكى 5نەپەر ئوقۇغۇچىغا ھەر مەۋسۇم بېشىدا بېرىلىدىغان600 سوم ئوقۇش ياردەم پۇلىنى بەرسەم بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئالىي ئوقۇلىدا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان سىڭلىمىزنىڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى ئەۋەتىشتە قىينىلىپ قالغۇدەكمەن .بۇ سىڭلىمىزغا ھەر ئايلىقى تۇرمۇش پۇلىغا 300 سومدىن بىر يىللىقىنى بىر قېتىمدىلا 3000-3600سومغىچە ئەۋەتىۋاتقان ئىدىم .(ھەر ئايلىق پۇلنى سېلىشتا مېنىڭ ئالدىراشلىقىم تۈپەيلى پۇلنى ۋاقتىدا سېلىپ بېرەلمەسلىك ،بانكىدا ئۆچرەت تۇرۇش ئاۋارچىلىقى ،كۆپ پۇلنى تۇتۇپ تۇرماسلىق ئۈچۈن دەپ 3يىلدىن بۇيان بىر قېتىمدىلا بۇ قىزنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىۋاتقان ئىدىم )،شۇ سەۋەپ مۇشۇ تېمىنى يازدىمكى ؛
خالىغۇچىلار مۇشۇ قىزنىڭ بۇ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلىنى غەملىشىمىز ئۈچۈن بىر سومنى ئاز دېمەي ياردەم قىلسا !
بىر سوم پىلانى دېگەن نېمە ؟
ئايدا پەقەت ۋە پەقەت بىر سوم پۇلنى ئىئانە قىلىسىز ،بىر يىللىق ئىئانە پۇلۇم دەپ 12 سوم پۇلنى بىر سوم پىلانى كارتىسىغا ئەۋەتسىڭىز ،مۇشۇ ئاي ئىچىدە 3000 سوم پۇلنى بۇ قىزنىڭ 5-يىللىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى دەپ ئەۋەتىپ بەرسەك ،ئۇ ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى يىلىنى خاتىرجەم تۈگەتسە .................
ئەسكەرتىش :
1،بۇ تېمىنى ۋاپادارىم912نىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتكە چاپلاشقا بولمايدۇ .
2.چەتئەلدىن ئىئانە قۇبۇل قىلىنمايدۇ .
----------------------------------------------------
قېنى ئازلار ھەر كۈنلۈك ،
يەپ بەرگۈلۈك چىلاننى .
ئۇنتۇپ قالما تۇغقانلار ،
بىر سوم دېگەن پىلاننى ....
شەھرى بورتالادا يېزىلدى .
پەستىكى ئەلا ، ياخشى ، ناچار دىگەن كۇنۇپكىلاردىن ئەلا دىگەننى
بېسىۋېتىڭلار . بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىنىشتا جەۋھەر تېمىنى ئەزالار ئۆزى
تاللايدۇ . ئەلا باھا مەلۈم چەككە يەتكەندە ئاپتوماتىك جەۋھەرلىنىدۇ .
تىماڭنى يوغانباشلىق قىلىپ تەھرىرلىپ سالدىم ، توغرا چۈشەن ---- پىنھان
\"بىر سوم پىلانى \"توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلىناي دېسىڭىز XJTV-2\"ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار \"پىروگراممىسى ئىشلىگەن \"بىر سوم پىلانى \"توغرىسىدىكى مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەيسىز .
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=41778
يېزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسى ؛
9559982980538213019
艾沙江.尼扎木丁
مېنىڭمۇ ئەزالىق بەدەل پۇلى تۆلەيدىغان ۋاقتىم كېلىپ قالدى ،ھازىرغىچە بېرىپ باقمىدىم ،ئۆزۈمدىن خىجىلمۇ بولۇپ قالىمەن ،مۇشۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە 6يىللىق بەدەل پۇلىنى قوشۇپلا سېلىۋىتەي .جىــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــق ئامىن !
(ئالدىدا كىرگەن 15 خېرىدارنىڭ قان بېسىمىنى ھەقسىز ئۆلچەپ قويىمىز .......دەيدىغان ئېلانلاردا )
مەن ئالدىنقى قېتىمدا 支付宝ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن ئىدىم. بىراق كىيىن سىزنىڭ ئادرىسىڭىزنڭ تاپالمىدىم. مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويمامسىز ئادىرىسىڭىزنى!! تورداشلار ئىچىدە 支付宝 ھىسابى بارلار خېلى بار ، 支付宝 ئارقىلىقلا يوللاپ بەرسەكمۇ قولاي بۇلاتتىكەن.
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=28420 ئەمىسە مەنمۇ سەككىز يىللىقنى بىراقلا تاپشۇرۇپ گۇناھىمنى يۇياي.... مەنمۇ ئۇنتۇپ قالماي...kainam12@163.com 支付宝 ئارقىلىق يوللايدىغانلار مۇشۇ ئادرېسقا يوللىساڭلار، جايىغا تېگىدۇ.
ۋاپادارىم مۇنۇ ئادرېسنىڭ راستلىقىغا بىر گۇۋاھلىق بېرىۋېتىڭ !
ئۆزۈمنىڭ بەدەل پۇلىنى ئاللا خالىسا ئەتىگىچە يوللىۋېتىمەن .
kainam12@163.com 支付宝 ئارقىلىق يوللايدىغانلار مۇشۇ ئادرېسقا يوللىساڭلار، جايىغا تېگىدۇ.ۋاپادارىم مۇنۇ ئادرېسنىڭ راستلىقىغا بىر گۇۋاھلىق بېرىۋېتىڭ !
ئۆزۈمنىڭ بەدەل پۇلىنى ئاللا خالىسا ئەتىگىچە يوللىۋېتىمەن .
----------------------------------------------
گۇۋاھلىق بەردىم .
kainam12@163.com بۇ ھىساپ نۇمۇرىدا ئالدىنقى قېتىم سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم. ھازىر باشقا بىر ئىسىم چىققاندەكقۇ!!
مەن 支付宝 دىن يوللىسام مەغلۇپ بولدۇم(مېنىڭ تور بانكامدىن چىققان مەسىلە) ،ئاتاپ قويغان يۈز سوم پۇلنى ئەتە سېلىۋىتەي، ئاز بولسىمۇ!بۇ ھىساپ نۇمۇرىدا ئالدىنقى قېتىم سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم. ھازىر باشقا بىر ئىسىم چىققاندەكقۇ!!
----------------ۋاپادارىم دېگەن نامدا بىرنى ئاچقان ،لىكىن بۇنىڭدىن بانكا كارتىسىغا پۇل ئاغدۇرۇش مەشغۇلاتى زادىلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى .ئىسىم فامىلە ئارىسىدىكى چېكىتنىڭ ئاستى ياكى ئوتتۇرىسدا قويۇلىشى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ،بولمىسا كىرگۈزگەن كارتا نومۇر ۋە باشقا ئۇچۇرلار شۇنچە ئېنىق ....
يەنە 5 يىللىق بەدەل پۇلى كەتتى،تاپشۇرۇۋالغايسىز.
قۇرۇلۇش تور بانكىسى شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى باشقا بانكىغا پۇل يوللىيالمامدۇ نېمە ...(بۇ مەزگىلدە ھېساپ يۆتكەلمەيدۇ) دەپ ئۇچۇر چىقتى . دۈشەنبە كۈنى كۆڭلۈمنى ماڭدۇرۋېتىمەن ...3000مىڭ يۈئەن پۇلنى بىرلا قېتىمدا سىلىپ بىرىشكە بولمايدۇ دەپ قارايمەن ، تۇرمۇش پۇلى بولغانكەن ئايدا سىېلىش ھەممە تەرەپكە ياخشى ئۈنۈم بىردۇ ،،
بانكىىدا ئۆچرەت تۇرۇش ئاۋارچىىلىق ئىكەن دىيىشنىڭ پەقەت ئاساسى يوق گەپ بوپ قاپتۇ ،پۇل نى تور بانكىسىدىن لا بەش مىنۇتتا يۆتكەپ بولغىلى بولىدۇ
ئەتە مەنمۇ سېلىۋېتىمەن ئەمىسە .ئايدا بىر قولغا قارىتىش سىزچە ياخشى چارىمۇ يانسۇن تورداش ؟ kainam12@163.com مۇشۇ Alipay ئادىرسى توغراھە؟ ئەمدى مۇشۇ ئادىرىسقا يوللاي. ۋاپادارىم ئەسلى كازافىينى بىر تۇتىدىغان ئىش ئىدى. ئۆتكەندە بېن لادىننى تۇتقاندەكچۇ...