taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 11:24:21

بىر يومۇر(ياكى ئادەتتىكى پاراڭ)

بۈگۈن QQتوپىدا بىر يومۇر ئۇچىرىتىپ قالدىم.خەنزۇچىدا كۆرۈۋىدىم قىززىق بىلىنگەن تەرجىمە قىلىپ بولۇپ قاراپ باقسام ئۇنچە قىززىقى قالمىغاندەك تۇيىلىۋاتىدۇ،قىززىق تۇيۇلمىغانلار بولسا ئادەتتىكى پاراڭكەن دەپ چۈشەنگەيسىلەر.


گۇاڭدۇڭدا بىر توپ بولاڭچى بانكا بولىغاندا بانكىدىكىلەرگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:"ھېچقايسىڭ مىدىرلاشما،پۇل دۆلەتنىڭ،جان ئۆزەڭنىڭ!"بۇنى ئاڭلاپ بانكىدىكىلەر ھېچقايسىسى مىدىرلىماپتۇ.بولاڭچىلار پۇلنى بەخارامان بولاپتۇ.


بولاڭچىلار قايتىشقاندىن كېيىن ئىچىدىن بىر يېڭى كەلگەن ماگىستىر ئۇنۋانى ئالغان بولاڭچى كاتتىۋېشىغا قاراپ:"بىز پۇللارنى دەرھال ساناپ باقىلى،نەچچىلىك بولىدىقكىن دەپتۇ".


بۇ گەپنى ئاڭلاپ پېشقەدەمرەك يەنە بىر بولاڭچى(باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە):"ساراڭمۇ سەن،بۇنچە كۆپ پۇلنى قاچان ساناپ بولىمىز،بۈگۈن كەچتە خەۋەر كۆرسەڭلا نەچچىلىك بولىغانلىقىڭ ئېنىق بولىدۇ"دەپتۇ.


-------بۇ يەردە پېشقەدەم بولاڭچى خىزمەت تەجرىبىسىنىڭ ئۇنۋاندىن موھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىپتۇ.


بولاڭچىلار كەتكەندىن كېيىن،بانكا باشلىقى دەرھال:" ساقچىغا مەلۇم قىلىڭلار"دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىشخانا مۇدىرى مەلوم قىلاي دەپ ئەمدى تېلىفوننى قولىغا ئېلىشىغا،بانكا باشلىقى يەنە ئالدىراش ئاۋازدا:"توختا!ئالدىنقى قېتىم بىز شەخسى ئىشلىتىۋالغان5مىليون يۈەن پۇلنىمۇ قوشۇپ مەلۇم قىل"دەپتۇ.


بۇنى ئاڭلاپ ئىشخانا مۇدىرى بانكا باشلىقىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ:"ئايدا بىر قېتىم بولاڭچى كەلگەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە"دەپتۇ.


ئىككىنچى كۈنى خەۋەردە بانكىدىن 100مىليون يۈەن پۇل ئوغۇرلانغان توغرىلىق خەۋەر بېرىلىپتۇ،ئەمما بولاڭچىلار پۇلنى نەچچە رەت سانىغان بولسىمۇ ئارانلا 20مىليون چىقىپتۇ.


بۇنى كۆرۈپ بولاڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى ئاچچىقلانغان ھالدا"ۋۇ ئاناڭنى،غۇجاكاڭ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئاران20مىليون ئوغۇرلاپتۇ،ئەمما بانكا باشلىقى ئازراق ھېيلە ئىشلىتىپلا80مىليوننى ئۆزىنىڭ قېلىۋاپتۇ،قارىغاندا بۇ كۈنلەردە يەنىلا ياخشى ئوقۇغان ئادەمنىڭ كۈنى ياخشىكەن "دەپتۇ.


بانكا باشلىق بولسا خەۋەرنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا ئىشخانا مۇدىرىغا:"سەن گۇينىڭ يۈرىكىڭ بەك چوڭكەن،بولىدىغان گۇيكەنسەن"دەپتۇ.


ئىشخانا مۇدىرى بولسا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىچىدە:"ئۇف،ئاخىرى بولاڭچىلار ئارقىلىق ئوينىغان پاي چېكىمدە تارتقان زىياننى تولدۇرىۋالدىم"دەپ ئويلاپتۇ.




رەسىم چىقىرىدىغان بوشلۇق ئىزلەپ يۈرۈپ ماۋۇ تور بىكەتكە ئۇچرىشىپ قالدىمhttp://www.poco.cn،ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمنى چىقىرىپ سىناپ باقتىم،ئەگەر مۇشۇ رەسىمنى باشقىلار كۆرەلىگەن بولسا،كۆپچىلىكنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە تەۋسىيە قىلىمەن.



بازاردىن ئالغان مېۋە-چېۋىنى پاكىزە يۇيماي تۇرۇپ ھەرگىز يىمىسە بولغۇدەك.

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 12:22:06

ئادەتتىكى پاراڭ ئەمەسكەن قىززىق  يۇمۇركەن بۇ ،

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 12:53:37

تازا بولىدىغان يۇمۇركەن بۇ، دىمىسىمۇ خېلى بولدى، بىر قىسىم پارىخور ئەمەلدارلارنى شۇنداق <ئۇنىۋانلىق ئوغرى> لار ئاشكارلاپ قويۇۋاتمامدۇ.


رەسىم نورمال كۆرۈندى.

阿不拉江 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 13:13:59

\"\"

阿不拉江 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 13:16:23

رەسمنې قانداق چېقردۇ؟

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 13:38:56

قىزىق يۇمۇركەنغۇ  ...ئاۋۇلار بىر تەلەڭگە مەينەت سۇغا بىر تۇتام پاراشۇكنى سەپلا مېۋىلەرنى يۇيىدىكەندە ؟ بازاغا چىققاندا كىچىك بالىلىرى غەلۋە قىلسا ھارۋىلاردا ساتىدىغان مېۋىلەردىن ئىككى سىلاپلا قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ بەزى كىشىلەر  

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 13:52:39

4- قەۋەتتىكى 阿不拉江نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەسمنې قانداق چېقردۇ؟



ماۋۇ تور بىكەتكە چىقىسىز،http://www.poco.cnئاندىن ھېساباتتىن بىرنى ئىلتىماس قىلىسىز،كەينىدىن كومپىيۇتېرىڭىزدىكى رەسىملەرنى مۇشۇ بىكەتكە چىقىرىپ ئاندىن رەسىمنىڭ ئادىرىسىنى ساقلىۋېلىپ مۇنبەرنىڭ رەسىم يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يوللايسىز.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 14:21:08

مەنمۇ بىر گەپنى دەپ بىرەي. يومۇر ئەمەس بولسا ئادەتتىكى گەپكە ھىساپ.


بەش ياشلىق قىزىم بىزنىڭ مەكتەپكە يېڭىدىن ئىككى قازاق خانىم كەپتۇ دەپ كىرىپتۇ.


-قازاق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟


-بىر-بىرسىگە بىردەم ئۇيغۇرچە، بىردەم خەنزۇچە گەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا قازاق ئوخشايدۇ دىدىم.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 14:32:48

ۋۇ ئاناڭنى،غۇجاكاڭ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئاران20مىليون ئوغۇرلاپتۇ،ئەمما بانكا باشلىقى ئازراق ھېيلە ئىشلىتىپلا80مىليوننى ئۆزىنىڭ قېلىۋاپتۇ،قارىغاندا بۇ كۈنلەردە يەنىلا ياخشى ئوقۇغان ئادەمنىڭ كۈنى ياخشىكەن



ما يەرنى ئوقۇپ تېلىقىپ قالاي دېدىم ...

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 15:34:02

بىر بىرىسىنى باپلاپ ئۆتىدۇدە.زىيان بولسا ھۆكۈمەتكە دەپلا

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 15:51:10

ئىسپانىيەدە بىرەيلەن بانكا بۇلاپتىكەن. ئۆزى يالغۇز شۇنچە جىق پۇلنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىۋالغانغا خوش بولۇپ خوشاللىقىدىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قىلىپ ئۈلۈپ قاپتۇ. 2009-يىلى راست بولغان ۋەقەكەن.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 18:13:20

ئۇچىغا چىققان چىرىكلىك ئەۋىج ئېلىپ تۇرۇپ يەنە باي بولۇۋاتىدۇ بۇ خەق توۋا

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 19:31:51

رەسىم نورمال چىقىدۇ.  بۇ دەل \"ئۇلىنىشلىق ئالبۇم\" خفتىرجەم چىقىرىۋېرىڭ. مېنىڭمۇ بىرسى بار  http://yolyar.poco.cn


\"\"


بازاردىن ئالغان مېۋە-چېۋىنى پاكىزە يۇيماي تۇرۇپ ھەرگىز يىمىسە بولغۇدەك.


~~~~~~~~~


ھۆل مىۋە تۈگۈل قۇرۇقىنىمۇ يۇيۇپ يىگەن ياخشى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 23:43:05

مېكسىكىدىغۇ دەيمەن، سۇلياۋ تاپانچا بىلەن بانكا بۇلاپ، ئۆيگە قايتىپ تېلىۋىزوردىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرىنى كۆرۈپ خاتىرجەم قېچىپ، كېيىن يەنە سىن ئېلان قىلىپ بۇلاڭچىلىق جەريانىنى دەپ بەرگەن بۇلاڭچىلار بار، تۇتۇلمىغان.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 23:46:20

12- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ھۆل مىۋە تۈگۈل قۇرۇقىنىمۇ يۇيۇپ يىگەن ياخشى.





ھۆل مىۋىنى يۇيارمىز، قۇرۇقىنى قانداق قىلىمىز؟


ما رەسىمدە، ھېلىغۇ ھۆل مىۋىنى قولدا يۇيۇپتۇ، قۇرۇق مېۋىنى داسقا چىلاپ پۇت بىلەن دەسسەپ يۇيغان بىرى بار، 10 يىل ئىلگىرى گېزىتكە باسقان، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىش.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-9 20:00:51

خەنزۇچىدا كۆرگەن ئىدىم ،شۇ ۋاقتىدىمۇ قىزىق تۇيۇلغان ،تەرجىمىسىمۇ ئوبدان چىقىپتۇ ،مۇشۇ خەقنىڭ مۇشۇنداق ئايلاندۇرۇپ قىلغان گەپ سۆزلىگە قايىلمەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-9 20:30:53

14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ھۆل مىۋە تۈگۈل قۇرۇقىنىمۇ يۇيۇپ يىگەن ياخشى.





ھۆل مىۋىنى يۇيارمىز، قۇرۇقىنى قانداق قىلىمىز؟


ما رەسىمدە، ھېلىغۇ ھۆل مىۋىنى قولدا يۇيۇپتۇ، قۇرۇق مېۋىنى داسقا چىلاپ پۇت بىلەن دەسسەپ يۇيغان بىرى بار، 10 يىل ئىلگىرى گېزىتكە باسقان، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىش.



دېگخنىڭىز توغرا ، بىزدىكى بىرقىسىم نائەھلى تىجەرەتچىلەردە قۇرۇق مىۋىنى سوپۇندا يۇيىدىغان ياكى دورا بىلەن پاقىرىتىغان ئىشمۇ باركەن.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-9-9 22:15:23

ھازىر مەخسۇس قۇرۇق مىۋە يۇيىدىغان  ئاتالمىش تۆۋەن  ئىشقارلىق سوپۇنلار چىقتى...

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-9-10 06:32:50

بىر ئادەم يوغان پىچاقنى تۇتقان پېتى مەسجىدكە كىرىپ :


-ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ؟-دەپتۇ


قورقۇپ كەتكەن جامائەت گەپ قىلالماپتۇ.بىردەمدىن كېيىن بىر مويسىپىت كىشى:


-مەن مۇسۇلمان .- دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.


پىچاق تۇتقان ئادەم مويسىپىت كىشى بىلەن بىرلىكتە مەسجىدتىن چىقىپتۇ.ئادەم تالادىكى بىر توپ كالىنى كۆرسىتىپ:


_ تاغا ، مۇشۇ ماللارنى قۇربانلىق قىلماقچى ئىدىم.لىكىن دۇئا قىلىپ بوغۇزلاشنى بەك ياخشى بىلمەيمەن،ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭز - دەپتۇ. مويسىپىت كىشى بىر قانچە كالىنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن :


‹‹مەن ھېرىپ كەتتىم،باشقا بىر مۇسۇلماننى تېپىپ كەلگىن››دەپتۇ.


ئادەم بۇ قېتىم قولىدا قان يۇقى پىچاقنى تۇتقان پېتى مەسجىدكە كىرىپ:


- ئاراڭلاردا باشقا مۇسۇلمان بارمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ.


بىر ئاز ئىلگىرىكى كىشنى بوغۇزلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان جامائەت قورقۇپ كېتىپ،ھەممىسى تەڭلا ئىمامغا قاراپتۇ.
ئىمام:


-  نېمىگە قارايسىلەر جامائەت،ئىككى رەكەت نامازغا ئىمام بولۇپ ئوقۇتۇپ قويغىنىمغا مۇسۇلمان بولۇپ قاپتۇقمۇ ئەمدى؟-دەپتۇ.



‹‹ئېيتقنكى،نامىزىم،ئىبادەتلىرىم،ھاياتىم ۋە ماماتىم(ئۆلۈمىم)ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر›› (ئەنئام سۈرىسى 162-ئايەت)

بەت: [1]
: بىر يومۇر(ياكى ئادەتتىكى پاراڭ)