abida يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 15:51:47

ئەيسا پەيغەمبەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان \ پورتېرىت\ بايقالدى[تەرجىمە]


     ئەيسا پەيغەمبەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان "پورتېرىت" بايقالدى



   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 5- سېنتەبردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەربىي جەنۇبىي ھىندى ئوكياننىڭ فرانسىيىگە قاراشلىق رېۋنىئون يانار تاغ ئارىلىدا كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان بىر "پورتېرت" پەيدا بولغان‏-‏-‏-‏- ئۇ بۇلۇتلار ئارا لەيلىگەن ھالەتتە ئىككى قولى تەكشى سوزۇلغان، ئارقا تەرىپىدىن ئالتۇن رەڭ نۇر گەردىشى كۆتۈرۈلگەن، ئۈستى -بېشىنى نېئون ئوراپ تۇرغان. پۈتۈن قىياپىتى خۇددى يېتىپ كەلگەن ئەيسا پەيغەمبەردەكلا.


   فرانسىيە ئىشتىن سىرت فوتوگراف لۇك.پېيرود ئۆزى سۈرەتكە تارتىۋالغان بۇ كۆرۈنۈشنى ئاشكارىلىغان ۋە  " ئۇ چاغدا مەن بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان، تۇيۇقسىزلا ھەسەن-ھۈسەن بىلەن قورشالغان مۇقەددەس بىر سايىنىڭ بۇلۇت دېڭىزىدا تۇرغانلىقىنى بايقىدىم" دىگەن.


   پېيرود فىزىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسىسى بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشكە نىسبەتەن ئۇ، بۇ ئاتالمىش ئىلاھىي ئىز بولماستىن، ئېنىقلا بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى، بۇنى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ چۈشەندۈرۈش ئۇنچە قىيىن ئەمەس، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن، ئەمما بۇ قېتىمقىسى ھەقىقەتەن بەكلا ئالاھىدە، كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ دەپ ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



   



      



   





مەنبە: شىنخۇا تورى


farwana يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 19:59:25

تېما ماۋزۇسىدىكى ئىسىمنى توغرا يازسىڭىز بوپتىكەن ، 200 قېتىمدەك كۆرۈلۈپمۇ ھېچكىم ئىنكاس قىلماپتىغۇ ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 20:03:52

ھازىر ئادەملەر كۈندە دىگۈدەك ئۇچار تەخسە،جەنۇبى جۇڭگو يولۋىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى رەسىمگە تارتىۋالىغان بولۇپ كىتىپتۇ.
بۇنداق رەسىملەرگىمۇ ھەيران قالمايدىغان بولۇپ كەتتۇق شۇڭا

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 20:27:08

بۇلۇت دىگەندە ئىزدىسە نۇرغۇن شەكىل چىقىدۇ ،ھەيران قالغۇدەك ئىش يوق

farwana يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 20:35:42

ھاھاھا (كۈلگەن چىراي راستىنلا چىقمايدىغان بوپقاپتىغۇ ) مەنمىغۇ ھەيران قالمىغان ، ئەيسا دېگەن ئىسىمنى ئەسيا دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن ، ئىچىم پۇشۇپ قالدى

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 20:39:05

مەن بىر ۋاقىتتا كۆلدە نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ قالغان،ھەيران قالغان،كامىرا بولغان بولسا رەسىمگە تارتىۋالاتتىم.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 20:54:34

تورداشلار ئەگەربىرەر ئەرەبچە خەت ھاسىل بولغان بولسا ھەيران قالاتتى .....يۇقارقى تورداشلار  بۇنىڭغا ھەيران قالماپتۇ ، لېكىن مەن ھەيران بولدۇم ...چۈنكى ئۆتكەندە  بىرەيلەن دەرەخ كەسكەندە دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىدىمۇ مۇشۇنداق بىر شەكىل چىقىپتىكەن ....


نورمال ئادەم بۇنداق ئىشلارغا ھەيران قالىدۇ دەپ ئويلايمەن ....شۇنىڭغا قارىغاندا ،خەۋەرنى تەرجىمە قىلغان ئابىدە بىلەن ئىككەيلەن نورمالكەنمىز ..ھاھا ھاھا ....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 21:05:00

بۇ رەسىمدىكى پورترېتنى ئۇنچە بەك ئۇچۇق دەپ كەتكىلى بولمايدىكەنغۇ....

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 12:11:47

ئەرەبچە خەت ھاسىل بولسا ئەلۋەتتە ھەيران قالسا بولار؟ ئىككى قولىنى كېرىپ تۇرغان ئادەمنىڭ شەكلىنىڭ چىقىشى ئاسان، خەتنىڭ چىقىشى ئاسان ئەمەس، ئەمدى ئەرەبچە خەت ھاسىل بولسىمۇ بۇ تەبىئەت ھادىسىسى، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، دېسە كۈلگۈدەل ئىش بولاتتى. ئەرەبچە ئەمەس، نەچىلا خەت بولسىمۇ ھەيران قالىمەن.
لېكىن ماۋۇنى خىرىستىئانلار ئەيسا ئەلەيھىسسالام دېسە بۇددىستلار ئاۋالۇكسۇۋارا دېيىشى ئېنىق.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 12:23:36

ھىرا غارىنىڭ سۈرىتىنى بى يوللىمايلىما؟

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 12:35:59

ئىشقىلىپ مەنبەسى كومپىيوتىر بۇپ قالمىسىلا مەيلىغۇ

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 13:38:53

  ئەسلىدە نورمال  تەپەككۈر قىلىدىغان  بىر  ئادەم ئۈچۈن ئېلىۋاتقان  ھەربىر  نەپىسىمىز ، ئەتراپىمىزدىكى  ھەربىر  ھادىسە ياراتقۇچى مۇقەددەس  ھەقىقەتنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بۈيۈكلىگىنى ئىسپاتلاپ  تۇراتتى ، سۇبھانىئاللاھ !


  لېكىن ياراتقۇچىنىڭ  ھىكمىتى بىلەن بۇنداق  مۆجىزىۋىي ھادىسىلەرنى ئىنسانغا نىسبەتەن  پەقەت  يۈكسەك  روھىي ۋە  جىسمانىي پاكىزلىق  شەرتى  ئاستىدىلا  ھىس  قىلالايدىغان  قىلغان ، مانا  بۇ پاكىزلىق- ئىمان مەسىلىسى ، لېكىن  كۆپۈنچىمىز كىشىنىڭ  ئەقلىنى ، روھىنى ، جىسمىنى  بۇلغايدىغان ئىسپىرتلىق  ئىچىملىك  ...قاتارلىق  ھارام  نەرسىلەردىن نەفسىمىزنى  يىغقان ئەمەس ،  شۇڭا ھەرقانچە  مۆجىزە تەپەككۇرىمىزغا  سۇنۇلسىمۇ خامۇش  ھالدا  كۆزىمىزنى پاقىرىتىپ  تۇرىدىغان  گەپ .


  ئەمدى  بۇ تېمىدىكى مەسىلىگە كەلسەك، ئەيسا  ئالايھىسسالام ھايات  ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ  پەقەت  ئىگىمىزنىڭ  ئادەتتىكى پەيغەمبىرى ئىكەنلىگىنى  قايتا- قايتا  تەكىتلىگەن ، ئەنگىلىيەدىكى ئەۋلىيا دەرىجىسىگە  كۆتىرىلگەن ئىلاھىيەتشۇناس ، ئالىم  نىيۇتون بىر  ئۆمۈر 3 بىرلىكنى تەكىتلەيدىغان دىنىي جەمىيەت  بىلەن قاتتىق  كۈرەش  قىلغان ، دىمەك  مەشھۇر  ئىلاھىيەتشۇناس نىيۇتونمۇ تەۋھىد  ئەقىدىسىنى ياقلاپ  كەلگەن ،  شۇڭا بۇنداق  ئاتالمىش  كىرىسرت  شەكىللىك ھادىسىلەر مەيلى  تەبىئەت ، ياكى  يۈكسەك  ئىلاھىي  قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ، شۇڭا ساختا ، ھەيران  قېلىشقا  ئەرزىمەيدۇ  دەپ  ھۆكۈم  چىقىرىشقا  تامامەن  بولىدۇ .   

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 15:16:01

راس گەپ قىلسام بۇ كۈرۈنۈش مەلىكە ئاماننىسا خېنىمنىڭ ئۇسۇل ئويناۋاتقان قىياپىتنى ئەسلىتىدىكەن.

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 16:05:37

مېنىڭ بۇنداق نەرسىلەرگە بولغان قارىشىم مۇنداق:

بىز نەرسىلەرنى كۆزەتكەندە ئەڭ ئاۋال بىزگە ئەڭ تەسىر قىلدىغان، ياقتۇردىغان نەرسىلەر بىزگە سەزگۈر ھالەتتە بولغان بولىدۇ. كۆڭلىمىزدە مەلۇم بىر نەرسىنى ئنتايىن يۇقىرى ئۇرۇنغا قويساق ئۇنىڭغا دائىر بارلىق چېتىشلىغا بار 联想 ئامىللارنى ئىزدەشكە باشلايمىز. مەسىلەن: مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرەپچە خەتكە ئوخشايدىغان شەكىلنى ئاسانلا بايقىشى دەل شۇنىڭدىن. خرىسىتانلارنىڭمۇ ئەيسانى پوتىرتىگە ئوخشايدىغان نەرسىنى بايقىشى ئۇنىڭ شۇنىڭ سەزگۈر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەن ئەمەلىي مىسال ئالاي. مەن 13 نى ياقتۇرىمەن. بۇ راست. ئادەتتە ماشىنلارغا ،سائەتكە قارىغاندا كۆپىنچە ھالدا 13نى بايقاپ قالىمەن. دىمەكچى 13 دەل ئودۇن كېلىپ قالىدۇ. دىمەكچى مەن 13كە ئۈزلۈكسىز سەزگۈر ھالەتتە. باشقا سانلار مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىشى ئېھتىماللىغى تۆۋەن.  ئىچكىرى كوچىللرىدىكى نۇرغۇن ۋىۋىسكىلار ئارىسىدىن ئۇيغۇرچە خەتنى ئاسانلا  بايقاپ قېلىشىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇرچىغا سەزگۈر ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى ،ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا قويغانلىقىمىز ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن. ئادەم مېڭىسى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغاندا ئەڭ ئاۋال ئۆز ئىدسىيگە ئەڭ يېقىن ئامىللارنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ خەۋەرنىڭ ،مىديئالارنىڭ قانچىلىك راستىلىقىغۇ ھۆكۈم قىلالمايمەن. چۈنكى مىدىئالارغا بولغان چۈشەنچەم ئۆزگىرىپ كەتكىلى نەۋاق. بەلكىم بۇ رەسىم ps بولىشىمۇ مۇمكىن. نوپۇزلۇق ئورۇن ps  ئەمەس راست دېسىمۇ شۇلارنىڭ ئابرويى ئۈچۈن بولىسمۇ نۇرغۇن ئادەملەر يالغان دىمەيدۇ. ئىشقىلىپ بۇنداق نەرسىلەرنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە ئامراق. ئەمەلىيەتتە بۇنداق مۆجىزىلەر ئاتالغان ھادىسلەر بولمىسمۇ بىز ئويلانساقلا دۇنيانىڭ قانۇنىيەت بىلەن يارتىلغان مۆجىزە ئىكەنلكىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز. كۆپىنچە كىلشەر شۇ بىۋاستە كۆرۈشكە قىزىقىدۇ. قانۇنىيەتتىن ھالقىغان ھادىسلەر بولسىكەن ،كۆرسىككەن دېيشىدۇ. مېنىڭىچە بۇ نورمال قىزىقىش.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 18:15:07

ئابىدە:
ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ كىرستقا مىخلانغان ھالىتىدىكى كۆرۈنۈشكە ئوخشايدىكەن...




ئەيسا پەيغەمبەر كىرىستقا مىخلانغانمۇ ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 18:30:18

مەنمۇ بايا ئابىدەنىڭ شۇ ئىنكاسىنى كۆرۈپلا كۈلگۈم كەلگەنتى، خۇددى ئۆزى شۇ يەردە تۇرۇپ كۆرگەندەكلا دەۋېتىپتۇ.
قايتىپ كەلدۇقمۇ يا؟ ھېيتلاپ كېلىڭلار بىزنىڭكىگىمۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 19:37:37

كۆكتاتلىققا قاداپ قۇيۇپ قۇشلارنى ئۈركۈتىدىغان قارانچۇققا ئوخشاتىىم.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 19:48:37

بۇ مېنىڭ كۆزۈمگە چىرايلىق،ئۇزۇن بىر كۆينەكنى كىيىپ ،غۇلاچلىرىنى كەڭ يېيىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزىدەكلا كۆرۈندى...بۇنى ئەگەر يولداشلار بايقىغان بولسا مەستۇرە دىگەندەك ئاسماندا ئاۋالۇكسۇۋارا كۆرۈندى دەيتتى

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 20:10:05

مەن كېلىۋالدىم .
سەپەرگە چېقىدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىمغۇ ؟
بەت: [1] 2
: ئەيسا پەيغەمبەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان "پورتېرىت" بايقالدى[تەرجىمە]