uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 01:30:21

[تارىختا بۈگۈن] 7 - سىنتەبىر

70-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،يەھۇدىيلار چوڭ قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن .رىم ئېمپىريىسى تىتۇسنىڭ(Titus Flavius Vespasianus) رەھبەرلىكىدە ئىرۇسالىمنى ئىگەللىگەن.



1298-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماركوپولو تۈرمىگە قامالغان  ،ھەمدە تۈرمىدە  ‹ماركوپو ساياھەت خاتىرسى›نى يازغان .



1689-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چىڭ ھۆكۈمىتى روسىيە بىلەن ‹نىبورچىن شەرىتنامىسى›نى ئىمزالىغان .



1821-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بۈيۈك كۇلۇمبىيە ئېمپىريەسى قۇرۇلغان .

بۈيۈك كۇلۇمبىيە ئىمپىريەسى 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا لاتىن ئامېركىسىدا قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ ،تەۋەلىكى ھازىرقى ۋېنېسۇئېلا، كۇلۇمبىيە،ئېكۋاتور،پاناما قاتارلىقلارنىڭ ھەممە قىسىمىنى پېرۇ،كوستارىكا ،بىرازىلىيە،گۋىئانا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرقىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ،ھەمدە كۇلۇمبىيە ئىمپىريەسىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەر تەرپىدىن بۈيۈك كۇلۇمبىيە ئىمپىريەسى دەپ ئاتالغان .1831-يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن .





1822-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بىرازىلىيە پورتىگالىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەققىللىق جاكارلىغان .





1901-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سەككىز دۆلەت ئارمىيەسى بېيجىڭنى كونتىرول قىلغان ئەھۋال ئاستىدە چىڭ ھۆكۈمىتى 11دۆلەت بىلەن شىنچۇ شەرتنامىسىنى ئېمزالاشقا مەجبۇر بولغان .





1904-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە شىزاڭنى مەجبۇرلاپ ‹لاسا شەرىتنامىسى›نى ئېمزالىغان .





1936-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خالتىلىق بۆرىنىڭ نەسلى قۇرۇغان .


خالتىلىق بۆرە ئىلمى نامى Thylacinus cynocephalusتېرىسىدە يولۋاسنىڭكىدەك تاغىل سىزىقچىلار بولغاچقا تاسمانىيە يولۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .يېڭى گىۋىنيە ۋە ئاۋېستىرالىيە يايلاقلىرىغا كەڭ تارقالغان ،يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تىنى ئەڭ چوڭ ،بەدىنىدە خالتىسى بار گۆشخور ھايۋان ھېسابلىنىدۇ .





1940-يىلى بۈگۈنكى كۈندىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا لوندوننى چوڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلىش باشلانغان .





1977-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پاناما شەرىتنامىسى ئىمزالانغان ،بۇ شەرتنامىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا 20-ئەسىر ئاخرلاشقۇچە پاناما قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان .





1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ESPN قۇرۇلغان .  


ESPN ئىنگىلىزچە تولۇق نامى :Entertainment Sports Programming Network، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيەنى ئاساس قىلغان تېلۋىزيە تورى.





1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خۇاگوفىڭ مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى 35نۆۋەتلىك 3يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .





1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە GSMكۆچمە خەۋەرلىشىش تېلفۇنىنىڭ ئۆلچىمى مەيدانغا چىققان ،شۇنىڭ بىلەن كۆچمە تېلفۇن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىشكە باشلانغان .


GSM ئىنگىلىزچە تولۇق نامى Global System for Mobile Communications(يەرشارى كۆچمە خەۋەرلىشىش سېستىمىسى،全球移动通信系统)



1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ ترۇمىن ناملىق ئاۋئاماتكىسى پۈتۈپ سۇغا چۈشۈرۈلگەن.



مەنبە : wikipedia قامۇسى


Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 21:27:58

GSM شىنجاڭغا 1999-يىلى كىردىما
بەت: [1]
: [تارىختا بۈگۈن] 7 - سىنتەبىر