uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 00:53:51

[تارىختا بۈگۈن] 6 - سىنتەبىر

مىلادىدىن
بۇرۇنقى 776-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تارىخ كىتابى ‹春秋›دە
鲁国دا كۈزتىلگەن كۈن تۇتۇلۇش ھادىسسى خاتېرلەنگەن .بۇ ئىنسانىيەت تارىخدىكى
ئەڭ بۇرۇن خاتېرلەنگەن كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىى ھېسابلىنىدۇ .




1552-يىلى
بۈگۈنكى كۈندە ماگىلان ھايات قالغان 18نەپەر خادىمنى ئېلىپ ئىسپانىيەگە
قايتىپ كەلگەن .ھەمدە ئىنسانلار تارىخدىكى تۇنجى قېتىملىق يەرشارىنى تولۇق
ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملىغان .




1885-يىلى
بۈگۈنكى كۈندە شەرىقى رۇمىنىيە(خەنزۇچە : 东鲁米利亚، تۈركچە : Sarki Rumeli )
ئوسمانىيلار ئېمپىريەسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، رومىنىيە بىلەن قايتا بىرلەشكەن
.




1901-يىلى
بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زۇڭتوڭى William McKinley بۇفالو(Buffalo)دا
نامەلۇم بىر ھۆكۈمەتسىز شەخىس تەرپىدىن قەستلەنگەن .دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش
ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان .




1930-يىلى
بۈگۈنكى كۈندە ئارگېنتىنا ھەربىي ئەمەلدارى José Félix Benito Uriburu y
Uriburu(ئىسپانچە) ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ ،خەلىق سايلاپ چىققان
زۇڭتوڭ Yrigoyen Alemنى ئۆرىۋەتكەن .



1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا جەنۇبىي ئافرىقا گىرمانىيەگە ئۇرۇش ئىلان قىلغان .



1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە Kingdom of Swaziland مۇستەقىللىق جاكارلىغان .


Kingdom
of Swaziland ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت بولۇپ ،شىمال ،جەنۇب،غەرىب
تەرەپلىرى جەنۇبى ئافرىقا  تەرپىدىن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ ،شەرقى تەرىپى بولسا
مۇزامبىك بىلەن چىگىرلىنىدۇ .


ئومۇمى
كۆلىمى 17363كىۋادىرات كېلومىتىر (دۇنيا بويىچە 153-ئورۇندا ،نوپۇسى
113مىڭ،2007-يىلىدىكى سىتاستىكا ) ئەتراپىدا كىلىدۇ .دۇنيا بويىنچە
ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمۈرى ئەڭ قىسقا دۆلەت ، 2009-يىلى كىشىلەرنىڭ
ئوتتۇرچە ئۆمۈرى 31.99ياش بولغان .




   


1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقى ئېستونىيە،لاتۋېيە ،لىتۋانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەققىللىقىنى ئېتراپ قىلغان .



2002-يىلى
بۈگۈنكى كۈندە كانادانىڭ Québecئۆلكىسى فىدراتسىيە ھۆكۈمىتىدىن كەلگۈسى
ئىككى يىل ئىچىدە ھەجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان
.


  


2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 3-نۆۋەتلىك بېيجىڭ مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئېچىلغان .





                                                   
                                                   

                                                        مەنبە:wikipediaقامۇسى .
                                                   

بەت: [1]
: [تارىختا بۈگۈن] 6 - سىنتەبىر