مەرھۇم ھاجى راخماننى ئەسلەيمەن
ئاۋال بۇ خەۋەرنى كۆردۈم
شىنجاڭدىكى تۇنجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ـــ «ساماۋەر ئۇسسۇلى»
سۈرەتتە: ئەخمەت موللاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى «ساماۋەر ئۇسسۇلى»نى ئوينىماقتا. (مۇخبىر خۇاڭ ۋېنبو فوتوسى)
مەنبە http://uyghur.people.com.cn/156325/15168452.html
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ مەرھۇم ھاجى راخمان يادىمغا كەلدى.
مەن بۇ كىشىنى كىچىك چاغلىرىم يەنى 1970- يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1980- يىللاردا تېلېۋىزوردا كۆرگەن .
يادىمدا قالغان ئەڭ تىپىك كۆرۈنۈش :
مەرھۇم ھاجى راخمان باش ئۇسسۇل ئوينىغان " قەشقەر سەنىمى " بولسا كېرەك، مەرھۇم ھاجى راخمان ئەپەندىم بېشىدا ئوتتۇرىسىغا ساماۋەر، چۆرىسىگە پىيالە تىزىلغان چوڭ تەخسىنى بېشىدا قويۇپ ئۇسسۇل ئوينايتتى، پىرقىرايتتى، ئاندىن ئۇنى ئېلىۋېتىپ بېشىغا بىر باسىن تەخسى (چىنەدە ياسالغان پولو تەخسىسى ) نى قويۇپ لەرزان پىرقىرايتتى، پىرقىراش جەريانىدا ئاشۇ تەخسە بېشىدىن گەدىنىگە چۈشەتتى بارا- بارا دۈمبىسىگە چۈشەتتى يەنە توختىماي پىرقىراپ شۇ تەخسىنى بېشىغا ( ئەسلى ئورنىغا ) چىقىرىراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇلمۇ ئاخىلىشاتتى.
ھاجى راخمان ئىشلىگەن قىزىل گۈل دىگەن ئۇسۇل بەك چىرايلىق ئىدى.شۇ چاغلاردا يەنە بىر كىشى بولىدىغان \" قوغۇنچى ئۇسسۇلى\" نى ئورۇنلىغان، كېيىن (80- يىللاردا ) كۆرەش رەجەپ بىر قېتىم ئويناپ چىققان گەرچە ئۇ كىشىدەك ۋايىغا يەتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ ھەر ھالدا ياخشى چىققانتى.
يەنە سۇلايمان روزىدەك لەپەرچى تېخى چىقمىدى.