danko يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 18:20:02

مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارمۇ بار

كېچە سائەت 12دىن ئاشقان چاغ. ئانا بۆشۈكتىكى يېڭى تۇغۇلغان بالىسىغا قاراپ ئولتۇراتتى. بالا بولسا يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئانىنىڭ بەدەنلىرى تالغاندەك بولدى. چۈنكى ئۇ بالىسىغا مۇشۇنداق قاراپ ئولتۇرغىنىغا بەش سائەت بولاي دەپ قالغان ئىدى. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئانا ئۇخلاۋاتقان يولدىشىنى يېنىك نوقۇپ ئويغاتتى. يولدىشى دەرھاللا كۆزنى ئېچىپ، ئايالىغا سەن ئۇخلا دەپ ئىشارەت قىپ قويۇپ، بۆشۈكنىڭ يېنىغا جايلىشىپ، ئايالىغا ئوخشاش بۆشۈكتىكى بالىسىغا قاراپ ئولتۇردى. بالا يەنىلا پۇشۇلداپ بەخەرامان ئۇخلاۋاتاتتى. ئاتا ئەمدى تاڭ ئاتقۇچە بالىسىغا شۇ يۇسۇندا قاراپ ئولتۇرۇشقا مەجبور ئىدى.


نېمە ئۈچۈن ئۇلار كېچىچە ئۇخلىماي، نۆۋەتلىشىپ بالىسىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ؟ چۈنكى بۇ ياش دېھقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر ئىككلىسىلا گاس ئىدى. ئۇلار شۇ ئەزىز بالىسىنىڭ يېرىم كېچىلەردە يىغلاپ كېتىشىنى ئاڭلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلنى تېپىپ چىققان ئىدى. ئۇلار بۇ يۈرەك پارىسىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدى. مېھرىبان ئاللانىڭ شاپائىتىدە بۇ بالا ناھايىتى ساغلام ئىدى. بۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ،ياردەم بېرىشنى ئويلىدىم. ئەمما دەماللىققا قانداق ياردەم بېرىشنى ئۇقمىدىم. ئاتا-ئانا نېمىدىگەن ئۇلۇغ. شەپقەتلىك ئاللا، بىزگە بەرگەن كۈنىڭىزگە مىڭ شۈكرى.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 19:21:27

ئانا رازى خۇدا رازى، ئاتاڭنى قىلما نارازى.


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 19:22:09

مەخسۇس مۇشۇنداق گاس گاچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە ياساپ چىقسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن بالا يىغلىسا ئاۋاز ئارقىلىق يانىدىغان چىراقنىڭ پىرىنسىپىغا ئوخشاشراق قىلىپ،ئانىنىڭ قولىدىكى تېلىفۇنغا ئۇلىنىپ تىترەيدىغان قىلىپ قويىدىغانچۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 19:29:18

مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم. بالا يىغلىسا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق قوزغىلىپ، ئانا ياتقان ياستۇقنى ياكى باشقا نەرسىنى تىتىرتىدىغان بىرەر ئۈسكىنە ياسىسا بولغۇدەك. بالا يېغلىسا ئاپتۇماتىك تەۋرىندىغان بۈشۈك كەشىپ قىلىندى دەۋاتقان بىر ۋاقىتتا.


خاتىرجەم خىيالمۇ قىلغىلى بولماس بولۇپ كەتتى. بۇنداق ئۈسكۈنە ئاللىقاچان بارمۇ تېخى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 20:58:55

مەنمۇ شۇنى ئويلىدىم، \"تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى\" دېگەن كىتاپتا سىز يۇقۇرىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش بىر چارە بارتى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 21:36:33

مۇشۇنداق ئەھۋالغا بىر نەرسە ياسىسا بولىدىكەنغۇ، تېخنىكا تەس ئەمەس شارائىت بولسىلا.

ئاتا- ئانا بىلىكىگە تىتىرەيدىغان نەرسە سېلىۋالسا بولىدۇ(تىتىرەيدىغان نەرسە يانفۇننىڭ ئىچىدە بولىدۇ، گازىرچىلىك، تۈگمە باتارىدەك يۇمۇلاق نەرسە)، بالىنىڭ پۇت- قولىغا بىر نەرسە ئۆتكۈزۈپ قويسىلا سىگىنال بېرىدۇ. بۈشۈككە چىڭ تېڭىۋىتىلسە قانداق ئامال بار؟ ئاۋازلىق چىراقنىڭ سەزگۈچىنى تەڭشىگىلى بولامدۇ؟

بۇ نەرسە چوقۇم يانفۇن باتارىيىسىنى مەنبە قىلىپ، يىراقراق قويسا بولىدۇ(1)، بېسىم تۈۋەن بولسا بىخەتەر بولىدۇ. توك قاچىلاش ئاسان. بۇنداق قۇرۇلمىنى قولى ئەپچىل بولسا ياسىۋالسىمۇ، بۇيرۇتسىمۇ، مەھسۇلات چىقسىمۇ بولىدۇ.



دانكو ياردەم بېرىشنى ئويلاۋېتىپتۇ، ئۇنۋېرسىتىتنىڭ فىزىكا- مىخانىكىسىدىلەر بىرنىمە دەپ باقمامسىلەر..


ھازىر يىغىپ قويغان بۇزۇق تېلېفۇندىن بىرنىڭ تىترىگۈچىنى ئايرىۋېلىپ سىناپ باقتىم، DC5V, 500mA لىق usb زەرەتلىگۈچتە بىۋاستە توك بەرسە خېلى تىتىرەپ قويىدىكەن، ئويغىنالىشىدا گەپ يوق.



تېلېفۇن رىمونتچىلىرىنىڭ يىنىغا بېرىپ، تۆتنى ئەكەلدۈرۈپ، توكىنى ئۈزۈلمەس قىلىپ ئوبدان ئۇلاپ، ئۇنى ئۈچ~ تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى رېزىنكە لېنتىنى ئىككى قات قىلىپ ئىچىگە ئالسا (بولسا تىتىرىگۈچ بىلەن توكنى تەڭگە پۇلچىلىك چوڭلۇقتىكى نېپىز سۇلياۋنىڭ ئۈستىگە مۇقىملىۋەتسە بولىدۇ)، ئويغاتقۇچ تەييار بولغان بولىدۇ. بېغىشقا «ئويغىتىش بىلەيزۈكى» پۈتىدۇ. كىشىنىڭ سەگەكلىكىگە قاراپ بىر ياكى ئىككىنى رېزىنكە بىلەيزۈك ئىچىگە ئېلىۋەتسە بولىدۇ. قولنى چىڭ بوغمىسۇن، تىگىشىشكە، چۈشۈپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلسىلا بولىدۇ.


ئەمدى ئۈزچات ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ ئويغانغان ھەركىتى ياكى ئاجىز ئاۋازىنى سەزدۈرۈش مەسىلىسى..

قول- پۇتىغا يىنىك رېزىنكە تانا ئۆتكۈزۈپ، تارتىشىدىغان قىسىمىغا بىۋاستە ئۇلىغۇچ ئىشلەتسە، پۈتۈن يۈرۈش نەرسە بىر كۈن ئىچىدە ئوبدان پۈتىدۇ. خامنى تەييار قىلىۋالسا، توك سىم، باتارىيە، ئۈزچات، داغمال، يىلىم، رېزىنكە تانا، رېزىنكە لېنتا تەييار بولسا، قۇراشتۇرۇشقا ئۈچ سائەت كېتىدۇ. سىناشقا بىر سائەت يېتىدۇ.

ئاۋازنى پەرق ئېتىشكە، ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا بىلەن كۈچەيتىش توك يولى ياسىيالايدىغانلار بىرنىمە دىسۇن.






ئەگەر تېخىمۇ مۇمكىن بولسا، سەۋىيىسى يېتىدىغانلار بولسا، گىرىسكوپلۇق تېزلىنىش سەزگۈچ ئىشلىتىپ، بالىنىڭ خالىغان قىسىمىغا تاقاپ قويسا بولىدۇ، بالىنى نەگىلا يۆتكىسە قولايلىق. تېزلىنىش سەزگۈچنىڭ سىگنالىنى يىغىدىغان نەرسىگە بىرنىمە دىيەلمەيدىكەنمەن، يىپىم يەتمەيدۇ. مۇتەخەسىسلەر بىرنىمە دىگەي.

سىمسىز سىگنالغا دائىر بىر نەرسە ياساش قولىدىن كېلىدىغانلار بولسا، تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتى، ئۇخلاپ قالغان بالىدىن ئايرىلىپ باشقا خانىلاردا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقىمۇ بولاتتى، سىگنال كەلسىلا بېرىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا.




(1) يانفۇن باتارىيىسىنىڭ ساختىسىدىن ساقلىسۇن، مىليوننىڭ ئىچىدە نەچچىسى پارتىلاۋاتقان..

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 21:48:32

ئاۋاز ئارقىلىق چىراقنى ياقىدىغان ئۈز-چاتمۇ بار.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 21:49:45

سۆيۈملۈك ئاتا ئانىلار.
مېنىڭچىمۇ ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تىترەيدىغان ئەسۋاپ ياسىۋالسا بولغۇدەك.مەن بىر ئىزدىنىپ باقاي مۇشۇ ھەقتە.
ئاۋۇ ئاتا-ئانىلار ئاۋدىفون تاقىسىمۇ ئاڭلىماسمۇ پەقەتلا؟؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 22:29:32

توغرا، ئاۋدىفۇننىڭ تىڭشىغۇچىنى يۇلۇۋېتىپ، ئورنىغا يانفۇن ئىچىدىن يۇلۇۋالغان تىتىرىگۈچنى ئۇزۇن سىم بىلەن ئۇلاپ قويۇپ، ئاۋدىفۇننى بالىنىڭ كارۋىتى بۈشۈگى ياستۇق بېشىغا، تىتىرىگۈچنى قولغا تاقىۋالسا بولىدۇ.

ئاۋدىفۇن بىلەن بەش ۋولتلۇق تىتىرىگۈچنىڭ بىسىم پەرقى مەسىلىسىگە نەزىرىيە جەھەتتىن بىر ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا بولسا يېتىدۇ، تاپماق ئاسان.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 04:09:42

ئۇزۇن بوپتىكە بۇنچىلىك تەسىرلەنمىگىلى...



ئۈستىدە دىيىلگەندەك ئاۋاز تەسىرىدە يانىدىغان لامپۇچكا ئەڭ ئاسان بولغۇدەك. ھىچ بولمىغاندا سەزگۈچ قىسمىنى ئايرىپ ئىشەتكىلىمۇ بولىدۇ.



بولمىغاندا شۇ مىكرافون ئىشلەتسە بولغۇدەك، پەقەت سىگنال كۈچەيتكۈچ كىرەك بولغۇدەك، كۈچەيتىلگەن سىگنالنى ئادەتتىكى تىڭشىغۇچقا ئۇلىسىمۇ تەۋرىنىش ھاسىل قىلغۇلى بولىدۇ. ياكى كىچىك رادىيو ياكى ئۈنئالغۇنىڭ ياڭراتقۇسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ياكى شۇ يانفوننىڭ تىترەتكۈ قىسمى، ئۈستىدە دىيىلگەندەك. (مىكرافون بىلەن ياڭراتقۇنىڭ فىزىكىلىق پىرىنسىپى ئوخشاشلىغۇ. ماگنىت ئۆزەككە كىيدۈرۈلگەن ئورالما سىمغا ئۆزگۈرۈشچان ئىقىم كىرسىلا ئورالما تەۋرەيدۇ ) تۆۋەندە سىگنال كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرىلگەن ئاددى توك يولى، بۇنداق ئاددى كۈچەيتكۈچلەرنى توردىن سىتىۋالغىلىمۇ بولىدۇ ھازىر. ھىسابتا بۇ ياڭراتقۇغا ئۇلانغان مىكرافون، پەقەت پەرقى ياڭراتقۇنى سۆكۈپ ئىلىپ تەۋرەيدىغان قىسمىنى بەدەن سىزىدىغان قىلىپ تىڭىپ قويساقلا بولىدۇ.

سىگنال كۈچەيتكۈچ توك يولى:

http://users.ntua.gr/dpiperid/MyWebPage/Contructions/Amplifiers/MicrophoneAmpEN.htm


\"\"



yaki


\"ikkinchisi\"


yaki:


\"\"


yaki


\"\"



menbelerning biri:


http://users.ntua.gr/dpiperid/MyWebPage/Contructions/Amplifiers/MicrophoneAmpEN.htm

86 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 10:02:22

ئۇخلاپ قالغان ئادەمنى چىراق يېقىپ ئۇيغاتماق تەس، يەنىلا تىترەپ نۇقۇپ-سوقۇپ دىگەندەك ئۇسۇل بىلەن ئويغىتىدىغان ئۈسكىنە قۇراستۇرۇش كېرەك.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 10:25:26

مانا بۇ نادىر تېما!


تىتىرىگۈچ، ئاۋاز سەزگۈچ ۋە سىمسىز تاراتقۇ.


تىتىرىگۈچنى تېلىفۇندىن ئالساق ياكى تېلفۇننىڭكىدەك قىلىپ ياسالسا


سىمسىز سىگىنالنى نەزەرىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ


ئاۋاز سەزگۈچى، مەسىلەن ئالاھىدە ھالدا بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى تونىيدىغان سەزگۈچنى ۋىكلىيچاتىل قىلىپ سىمسىز سىگنال تارالسا بۇ بېرىپ ئاتا-ئانىنىڭ بىلىكى ياكى بوينىدىكى تىتىرىگۈچنى تىتىرەتسە....



بۇنى نەزەرىيە جەھەتتىن قىلغىلى بولىدۇ. ئىزدىنىشتىكى فىزىكىچىلار ئىزدىنىپ باقايلى!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 10:38:20

ئالدى بىلەن ماتېرىياللارنى تەقلىۋالىمىز...


كىرەكلىك ماتېرىياللار:



  1. بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى سەزگۈچ (ۋىكلىيۇچاتىل A)

  2. ئېلىكتېر-ماگنىت دولقۇنى تاراتقۇچ ( تارقاتقۇچى ئانتىنا)

  3. ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى قوبۇللىغۇچ(قوبۇللىغۇچى ئانتىنا)

  4. تىتىرىگۈچ ( ۋىكلىيۇچاتىل B)

  5. باتارىيە


ئاۋازنى ۋىكلىيۇچاتىل قىلىدىغان قۇرۇلما بىزگە ناتونۇش ئەمەس. بىز بۇنىڭ پىرىنسىپىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ .بوۋاقنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزىنى تونۇيدىغان قىلىش ئۈچۈن خېلى يۇقىرى تېخنىكا كىتىدۇ. ئالدى بىلەن يۇقىرراق ئاۋازنى تونۇيدىغان ئەھۋالنى ۋاقىتلىق ئويلىشىپ تۇرايلى...



بوۋاق يۇقىرى ئاۋازدا يىغلىدى دەيلى، بۇ چاغدا بۆشۈككە ئورۇنتىلغان بۇ قۇرۇلما دەرھال توكنى ئۇلاپ ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى تاراتسۇن، مىكرو دولقۇن بولسا بولىدۇ. بۇ مىكرو دولقۇن قوبۇللىغۇچ ئانتىنا تەرىپىدىن قوبۇللانغاندىن كىيىن، بۇ ئاجىز سىگىنال ئۈچ قۇتۇقلىق لامپا ئارقىلىق كۈچەيتىلىپ، توكقا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۇلىغۇچ نىڭ رولىنى ئويناپ ئاتا-ئانا بىلىكى ياكى بوينىدىكى تىتىرىگۈچ ئەسۋاپنىڭ توكىنى ئۇلاپ ئۇنى بىر قەدەر كۈچلۈك تىتىرەيدىغان قىلسا بولىدۇ. باتارىيە تىتىرىگۈچكە ۋە ئانتىناغا ئىشلىتىلىدۇ.



سىگىنال تارقىتىش، قوبۇللاش ۋە شۇ نەتىجىدە تىتىرەش تېلفۇننىڭكىگە ئوخشايدۇ ئوخشىمايدىغان يىرى ئاۋازنى سېزىپ توكنى ئۇلاپ بېرىشى.


mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 11:08:23

بايا گۇگۇلدىن Baby monitor for deaf parents دەپ ئىزدەپ باقسام سىلەر دېگەندەك تىترەيدىغان مونىتورلار باركەن. بۇ مونىتور دېگىنى سىمسىز تېلىفونغا ئوخشايدىغان بىر خىل نەرسە، بالا بار ئۆيگە بىرنى، ئاتا-ئانا بار ئۆيگە بىرنى قويۇپ قويسا بالا يىغلىسا ئاتا-ئانا بار ئۆيدە ئاڭلىنىدۇ. ئاڭلىمايدىغانلارغا ئىشلىگەن تىترەيدىغىنىمۇ باركەن، ئەگەر كېرەك بولۇپ قالسا بىز ئېلىپ ئەۋەتىپ بېرەيلى.ئۇ نەرسە بولسا بالىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ خاتىرجەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلغىلىمۇ بولىدۇ.
ئىشقىلىپ بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەندىم، ئادەتتىكى نورمال ئاتا-ئانىلارغىمۇ كېچىسى بىر قانچە قېتىم ئويغىنىپ بالىنىڭ تېگىنى قۇرۇقداپ، قورسىقىنى توقلاپ ئۇخلىماقمۇ دەھشەت جاپالىق بىر ئىش. بۇ ئاتا-ئانىغا ئاللاھ چەكسىز ئەجىر بەرسۇن.

sardar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 12:34:47

iphone نىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى باركەن .


http://www.pasiban.com/top-10-apps-at-last-week.html

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 23:27:17

بۇ 70 سوملۇق ئاۋدىفون: http://item.taobao.com/item.htm?id=13137072917


بۇنى كارۋات بېشىغا قويسا، تىڭشىغۇچ كاناي توك بېسىمى بەك تۈۋەن ھەقىچان، شۇنى كۈچەيتىپ تىتىرەتكۈچكە يەتكۈزۈپ بەرسىلا پۈتەركەن. (كۈچەيتىش توك يولى ياسىۋېلىشقا كۆپ كۈچەش كەتمەيىتتى)



بۇ ئاتا- ئانا قەيەردىكەن؟

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 03:08:37

ئۈستىدە رەسىم شەكلىدە يوللىغان كۈچەيتىش توك يوللىرىنىڭ رەسىمى كۆرۈندىمۇ؟ خاتا تور بەتكە يوللاپ يۈرمىگەن بولماي. پىكاسا نى چىقمايدۇ دەپ ئاڭلىغان، flickr چىقىدىغاندۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 04:34:18

16- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستىدە رەسىم شەكلىدە يوللىغان كۈچەيتىش توك يوللىرىنىڭ رەسىمى كۆرۈندىمۇ؟ خاتا تور بەتكە يوللاپ يۈرمىگەن بولماي. پىكاسا نى چىقمايدۇ دەپ ئاڭلىغان، flickr چىقىدىغاندۇ؟

توي قىلماي تۇرۇپ ئۈيۈڭنى بىزەشكە كىرىشىپسەندە \"\"

كارۋىتىڭنى ئىشىك تۈۋىگە قويغىنىڭ بولماپتۇ\"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 17:28:19

17- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستىدە رەسىم شەكلىدە يوللىغان كۈچەيتىش توك يوللىرىنىڭ رەسىمى كۆرۈندىمۇ؟ خاتا تور بەتكە يوللاپ يۈرمىگەن بولماي. پىكاسا نى چىقمايدۇ دەپ ئاڭلىغان، flickr چىقىدىغاندۇ؟

توي قىلماي تۇرۇپ ئۈيۈڭنى بىزەشكە كىرىشىپسەندە \"\"

كارۋىتىڭنى ئىشىك تۈۋىگە قويغىنىڭ بولماپتۇ\"\"


نىمىلەرنى دەيدىغانسەنوي، توك يولىغا قاراپ شۇنداق دەۋاتامسە؟ خاتا رەسىم چىقىرىپ قويمىغاندىمەن دەپ ئەنسىرەپ ئابىياتىن ياقى\"\"

danko يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 17:31:41

رەھمەت تورداشلار، سىلەردىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. ئەگەر مۇشۇنداقلا ئۇيۇشىدىغان بولساق قانچىلىك قىيىنچىلىق بولسۇن يېڭىپ كېتەلىگۈدەكمىز. ئۇ ئاتا-ئانا تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدىنكەن.

بەت: [1]
: مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارمۇ بار