uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 18:51:14

[تارىختا بۈگۈن]5-سىنتەبىر

1666-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لوندوندىكى چوڭ ئوت ئۆچۈرۋېلىنغان .


لوندوندىكى چوڭ ئوت ئاپىتى (Great Fire of London) _ لوندون تارىخدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .بۇ ئوت 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ كۆيۈشكە باشلاپ 9-ئاينىڭ 5كۈنى ئاندىن ئۆچۈرۋېلىنغان .بۇ ئوت ئاپىتىدە 87چىركاۋ ،44شېركەت ئىشخانىسى ،13،000ئۆي كۆيۈپ كەتكەن .يەنى ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىدىغان لوندۇن شەھرىنىڭ 6دىن بىر ئېمارىتى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان .ماتېرياللاغا قارىغاندا بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى مەلۇم بىر كىشىنىڭ بولكا پۇشۇردىغان ئوچاقىىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتىن كىلىپ چىققان ئىكەن . بۇ ئوت ئاپىتىدە جەمئى 8ئادەم قازاغا ئۇچۇرىغان.





1774-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا مۇستەققىللىق ئۇرۇشى ، ئەنگىلىيەنىڭ شىمالى ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسىگە قارىشى رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى Philadelphiaشەھرىدە تۇنجى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنى ئاچقان .



1905-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسىيە ياپونىيە ۋەكىللىرى  ئامېرىكىدا كىلشىمگە ئېمزا قويغان ،شۇنىڭ بىلەن روسىيە - ياپونىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ،



1839-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەنىڭ جوڭگۇغا ئۇرۇش ئىلان قىلىشى بىلەن بىرىنجى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغان .



1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسىيە قىزىل تىرورلۇق بۇيرۇقىنى ئىلان قىلغان .


قىزىل تىرورلۇق (Red Terror) بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېنىق بىر ئىنىقلىمىسى يوق .  بۇ ئۇقۇمنى ‹ئاق تىرورلۇق ›بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئېيىتقاندا قىزىل تىرورلۇقنى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ئىنقىلاب دىيىشكە بولىدۇ .ئاق تىرولۇق بولسا ئەكسىلئىنقىلاب ھېسابلىنىدۇ .يەنى قىزىل رەڭلىك ئېنقىلاپ كۆپ سانلىق كىشىلەر قاتناشقان ئىنقىلاب سانىلىدۇ .



1939 -يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان .



1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يەنئەن رادىيو ئىستانسى پىروگىرامما تارقىتىشقا باشلىغان .


يەنئەن رادىيو ئىستانسىى ج ك پ نىڭ تۇنجى رادىيو ئىستانسىى بولۇپ ،1940-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇنجى سىناپ ئاڭلىتىشنى باشلىغان .مەركىزى خەلىق رادىيو ئىستانسىنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ،



1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدە زىيالىلارنىڭ قايتا تەربىيە پائالىيتى قانات يايدۇرۇلغان .



1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن  تېرورلۇق تەشكىلاتى بولغان ‹قارا(رەڭلىك) سىنتەبىر› گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئىسرائىليە ماھىرلىرىدىن 11كىشىنى  تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن .



1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مىسىر زوڭتۇڭى مۇھەممەد ئەنۋەر سادەت ئىسرائىليە زۇڭلىسى بىلەن Camp Davidكىلىشىمنامىسىنى ئېمزالىغان .



1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شۋېتسارىيە تاشيول تۇنېلى ئېچىلغان .بۇ تۇنېلنىڭ ئومۇمى ئۇزنلىقى 16.224كېلومېتىر بولۇپ ،دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاشيول تونىلى بولۇپ قالغان .



1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە金正日 كىم جۇڭ ئىم چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىيە ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت باشلقلىقىغا سايلانغان .



2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماندىلا ئاۋئاتسىيە شېركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى ئاھالىلەر رايونىغا چۈشۈپ كىتىپ ،ئايروپىلاندىكى 115ئادەمنىڭ 15ى ھايات قالغان ،ئۆلگەنلەر ئاز دىگەندىمۇ 150بولغان .



مەنبە:wikipediaقامۇسى









Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 19:19:32

لوندوندىكى ئاشۇ ئوت، كەڭ يامرىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى يوقىتىشتا ھەل قىلغۇچ، ئورنىنى بېسىپ بولماس تۆھپە قوشتى.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 20:00:12

ماۋۇ يەر خاتا بولۇپ قاپتۇ:


1939 (1839)-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەنىڭ جوڭگۇغا ئۇرۇش ئىلان قىلىشى بىلەن بىرىنجى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغان


1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پاكىستان (پەلەستىن)تېرورلۇق تەشكىلاتى بولغان ‹قارا(رەڭلىك) سىنتەبىر› گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئىسرائىليە ماھىرلىرىدىن 11كىشىنى  تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن .





uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 20:38:00

رەھمەت Bayawan ،دىققەت قىلماپتىمەن. تەھرىرلەپ قويدۇم .

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 20:46:28

ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻥ   Magellan



ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻫﯩﻜﺎﻳﯧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ \"ﺩﯛﮔﻠﻪﻙﺯﯨﻤﯩﻦ\" ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺩﯛﮔﻠﻪﻙﮔﯚﻣﺒﻪﺯ، ﺑﯘﺩﯛﮔﻠﻪﻙ ﮔﯜﻣﺒﺎﺯ ﺗﯧﮕﻰ ﻳﻮﻕ ﭼﻮﯕﻐﯘﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.... ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪﻥ . ﺑﯘﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ . ﯮﺗﺘﯘﺭﺍﯬﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﯪﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎ \"ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ\"ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯬﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﻰﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻥ، ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﻤﻪ ﯬﺗﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖﻳﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩﯛﮔﻠﻪﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .


   ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻥ 1480 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻮﺭﺗﯩﮕﺎﻟﯩﻴﯩﺪﻩﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﻳﺎﺷﻠﯩﻖﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻼ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﻤﻪ ﯬﺗﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .


   1519 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻥ 270 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﭼﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ، 5 ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﻠﯘﻛﺎﺭﭘﻮﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻧﻨﯩﯔ 5 ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯩﻤﯩﺴﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﯴﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﯪﺳﻤﺎﻥ ﭘﯩﻠﻪﻙﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﯰﻻﺭﻧﯩﯘ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲﻛﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﭼﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﯲﺯ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻱ ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘﻳﯧﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﯰﻳﻘﯘﻧﯩﻤﯘﯰﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯩﻤﻪ ﯬﺗﺮﯨﺘﻰ ﯪﺧﯩﺮﻯ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﯪﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﯮﻛﻴﺎﻧﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﭗ ﯲﺗﯜﭖ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .


    1520 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻪ ﯬﺗﺮﯨﺘﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗﯲﺗﯜﭖ ﺗﯩﭻ ﯮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﻫﺎﯞﺍﻣﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺳﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﯮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﭻ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﯩﭻ ﯮﻛﻴﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﯬﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻥ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻠﯩﺮﻯﻓﯩﻠﯩﭙﭙﯩﻦ ﺗﺎﻗﯩﻢ ﯪﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﺋﯩﺪﻯ . ﯰﻻﺭ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ ، ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻥ 1571 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﯪﻳﺪﺍ ﻓﯩﻠﯩﭙﭙﯩﻦﺗﺎﻗﯩﻢ ﯪﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﯲﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻰﺑﯩﺮ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯪﺭﺍﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﯮﺭﯗﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﭼﯩﻼﺭ ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻧﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖﻣﺎﯕﯩﺪﯗ .


   ﯰﻻﺭ ﻫﯩﻨﺪﻯ ﯮﻛﻴﺎﻧﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﭗ ، ﯴﻣﯩﺪ ﺗﯘﻣﺸﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﯲﺗﯜﭖ، ﻛﯜﺭﻣﯩﯔ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﯪﺧﯩﺮﻯ 1522 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯜﻧﻰﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰﺷﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩﻙ ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، 270 ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﺪﯨﻦ 18 ﺋﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 5 ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺍﻥ ﺑﯩﺮﻯﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﻫﯩﺘﻰ ﯰﻟﯘﻍ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﯰﻻﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻪ ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﮔﻠﻪﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ . ﻣﺎﮔﯧﻠﻼﻧﻨﯩﯔﺳﺎﻳﺎﻫﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻤﯘ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﯬﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ .

بەت: [1]
: [تارىختا بۈگۈن]5-سىنتەبىر