yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 12:19:17

ساماۋەر شورپىخانىسىدىكى پاراڭ

   ئادەم چوڭ بولغانسېرى ھېيت خۇشياقمامدۇ ياكى ھېيتقا بىز خۇشياقمامدۇق، ئىشقىلىپ ئۆيدە ساڭزا سېلىش، كىشىلەر ئارا سالىمىمىزدا ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دېگەن گەپ بىلەنلا پەرقلىنىدىغان بولۇپ قالدى بۈگۈنكى ھېيتلار. ئۆينى ئۆلگۈدەك تازىلاپ ھېيتنىڭ تەييارلىقىنى بولدى دېگۈچە قىلىپ ئولتۇرسىڭىز، ھېيتلايدىغانلارنىڭ تايىنى يوق. بۇرۇنغۇ جامائەت بولسىمۇ ئەتىگەندە كىرىپ، چىرايلىق ھېيتلاپ دۇئالىرىنى بېرىپ چىقىپ كېتەتتى. يېقىننىڭ ياقى ئۇلارمۇ كىرمەيدىغان بولىۋالدى. نېمە دەپ؟ دەپ دادامدىن سورىسام نامازغا مەسچىتكە چىقمىغانلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلىمەيمىش. توۋا!


   ھە شۇنداق قىلىپ، بۇ يىل روزا ھېيتمۇ 30 كۈن روزىنى تۇتقانغا چۇشلۇق بولمىدى. ئۈچ كۈن ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئانچە-مۇنچە كەلگەن پەتىلىگۈچىلەرنى كۈتۈپ ئىچىپ سىقىلدى. بولدىلا، مەنمۇ چىقىپ ھېيتلاپ كىرەي، دەپ بىر مەھەللىلىك دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئۆيىدە تۇرپاندىن چىققان بىر ئۆي ئادەم.


- ۋاي، بۇ مېھمانلار قاچان كېلىۋالدى؟-دەپ سورىدىم دوستۇمدىن ئاشخانا ئۆيگە كەينىدىن چىقىپ.


- ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چىقىپتىكەن، ئاپامنى يوقلاپ. ( بۇ دوستۇمنىڭ ئاپىسى نەچچە يىل بولدى يېتىقتا) بۈگۈن كەچتە ماڭامىز دېگەن، ئەتە ماڭىدىغان بولدى يەنە،- دېدى دوستۇم مۆرىسىنى قىسىپ قويۇپ.


- ۋاي، ئانىمەي... تۇرۇپ قويۇپتۇغۇ بۇلار، ئۆيلىرىدە ھېيت قىلمامدىغاندۇ؟ ئۈچ ئەۋلاد چىقىۋاپتىغۇ؟-دېدىم بېشىمنى سوزۇپ ئۇلارغا قاراپ.


  شۇنداق قىلىپ بۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدىن بىزنىڭكىگە كېلىپ تۇرۇشىمىزغا يېڭى كۆچۈپ كەلگەن خوشنىمىز قەشقەردىن ئۇكىلىرىم چىقىپتىكەن. ئايالىنىڭ مىجەزى يوق، دوختۇرخانىغا كۆرسەتكىلى ئاپىرىپ ئەكەلدۇق، ماۋۇ بالىلار بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ كەتتى خاپا بولماي سىلەرنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرسۇن دەپ، توخامۇشتەك، توختامۇشتەك بالىدىن 12سىنى ئەكىرىپ قويدى. ھىم دېدىمدە، ئاپامنىڭ يېقىن دوستىنىڭ قىزى يەسلى مائارىپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن مەھلىيانى چاقىردىم. بۇ قىز كىچىك بالىلارنى بېقىشقا قەۋەتلا ئامراق. دەرس دېگەننى ئۆتۈپ ئىشقىلىپ بالىلارنى يىپ قىلىۋېتەلەيدۇ.


دوستۇم ئىككىمىز خاتىرجەم تېشىغا ماڭدۇق.


- ھاۋامۇ سوغكەن ئاداش، غالىبىيەت يولىغا بېرىپ ساماۋەر شورپىسى ئىچىپ كېلەمدۇق؟-دېدى دوستۇم.


يېقىننىڭ ياقى ئۇيغۇرلارنىڭ ساماۋەر شورپىخانىلىرىمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. بولۇپمۇ غالىبىيەت يولىدىكى 8-ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ يېنىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر ساماۋەرخانلىرى بەك ياخشى.


بىز كىرگەندە ئادەمنىڭ ئۈستىگە ئادەم بولۇپ كېتىپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئىچىگە كىرىڭلار دەپ ياندىكى بىر ئايرىمخانا چىراي ئۆيىگە باشلىدى. قىزىل تاشلانغان ئورۇندۇقلىرى تولىمۇ ياراشقان بۇ ئايرىمخانىغا تۆت ئۈستەل قويۇلغانىدى. بىز كىرگەندە ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى ئۈستەل بىلەن ئىچ تەرەپ سول تەرەپتىكى ئۈستەل بوش ئىدى. بايام ياقى تامنىڭ ئۈستى بولسىمۇ مەيلى دەپ كەتكەن دوستۇم ئىككىمىز، ئەمدى تاللىق باغقا كىرىپ قېلىپ قايسى ئورۇندا ئولتۇرۇشىمىزنى بىلمەي ئالدى-كەينى يېنىپ كەتتۇق. مەن ئىچىدىكىسىگە قاراپ ماڭدىم، دوستۇممۇ ماڭا ئەگىشىپ سومكىسىنى قويغان يېرىدىن كۆتۈرۈپ، يېنىمغا كېلىشىگە ئاشۇ ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئورۇن راھەتتەك بىلىندى ماڭا.


- ئاداش، ئاشۇ يەر ياخشىمۇ-يا؟! -دېدىم بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ ئولتۇرغىنىغا قاراپ. دوستۇممۇ كەينىمدىن.


- شۇ، شۇ يەر سالقىنتى،-دېدى. ئەمما باشقىلار ئولتۇرۇپ بولدى-دە!


- سىلەر باشتا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزەڭلار تاللىۋېلىڭلار، بىز كەينىڭلاردىن كېيىن كەلگەندىن كېيىن، سىلەردىن ئاشقىنىدا ئولتۇرساقمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ


بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بېشىمنى بۇراپ ھېلىقى يىگىتكە قارىدىم. چاچلىرىنى بىر قىسما تاراپ، قىزىل ئىشتان كىيىۋالغان، سومكىلىرىمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان بۇ يىگىتكە قايتىدىن قارىدىم. ئەگەر بۇ بالىنى يولدا مۇشۇنداقلا كۆرۈپ قالغان بولسام ‹‹بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىمىز نېمە بولۇپ كەتتى›› دېگەن مۇقامغا سېلىپ ئاھ ئۇرۇشۇم تۇرغان ئىدى. قارىغاندا جەمئىيەتنى كۆزىتىشىم، تونۇشۇم يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسكەن دېگەن ئوي بىلەن رەھمەت ئېيتىپ ھېلىقى ئورۇنغا بىزەڭلەرچە قايتىپ كېلىۋالدۇق.


ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ دوستۇم ئىككىمىز گەپنىڭ قىزىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ دوستۇم ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. گېپىمىز پەقەت تۈگىمەيدۇ. بولۇپمۇ تاماق يېگەندە بەكلا جىقىيىپ كېتىدۇ زادى، نەدىن كېلىدىكىن گەپ دېگەن، ئىشقىلىپ قورسىقىمىز يەنە ئېچىپ كەتكۈچە پاراڭ قىلىپ كېتەتتۇق. بۇ قېتىم ئورنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرۇپلا ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان، بىخارامان ئاۋازلىرىنى قويىۋېتىپ پاراڭ سېلىۋاتقان بىر ئوغۇل، ئىككى قىزنى كۆرۈپ ئىككىمىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۈنلىرىمىزنى ئۆچۈرۈپ تامىقىمىزنى  يېدۇق. ھەتتا تېلىفونلىرىمىزنىڭ ئاۋازلىرىنىمۇ ئۆچۈرۈپ، چ چ دىنمۇ چۈشۈپ دېگەندەك...


خەت شەكلى تەھرىرلەندى_____تۇمارىس

yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 12:45:56

-ئېلىڭە، نېمداق يېمەيسىز؟


ئىنچىكە، نازۇك ئاۋاز بىلەن دېدى بىر يىگىت بىر قىزنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان، ھاۋانىڭ شۇنچە سالقىنلىقىغا باقماي، تور مايكىسىنى سېلىۋېتىپ، يەكسىز، تېقىملىرىنى ئارانلا يېپىپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان قىز پۇتلىرىنى ئالماپ، 20 سانتىلىق ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ، گىرىمدىن ھەممە يېرى بويۇلۇپ، قوشۇقتەك يۈزىنى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان سېرىق چاچلىرى يېپىۋالغان بۇ قىز ئاجايىپ بىر ناز بىلەن يان ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بۇ ئاق سېرىق، چاچلىرى شالاڭ، توختىماي تاماكا چېكىدىغان، ئوتتۇرا بوي، كوت-كوت بالىغا بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. مەن دەل مۇشۇ قىز تەرەپتە ئولتۇرغان  بولغاچقا بۇ قىزنىڭ چىرايىغا  قارىغاندا، بۇ قىزنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان قىز-يىگىتنىڭ چىرايىنى ياخشى كۆرەلەيتتىم. ئەمدى بۇ قىزنىڭ چىرايىنىمۇ سول تەرەپ ئارقامدىكى مۇلازىمغا بىرنېمىلەرنى دېگەن بولۇپلا قارىۋالاتتىم. ھېلىقى يىگىتنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى بولسا، چىرايى قارا، چاچلىرىمۇ قارا، كىيمىمۇ قارا، چاچلىرىنى ئالۋاستىدەك ئىككى يان تەرىپىگە چۈشۈرۈپ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا چىقىرىپ قويغان قاۋۇلراق بىر قىز ئىدى.


-     قورسىقى توق ئوخشايدۇ، ئاداش بۇ يىگىتنىڭ!


يائاللا ئاۋازىمۇ ئۆزىدەكلا يېقىمسىز. بۇ ئۈچىسى ئاجايىپ بىر تۇتامى يوق، نېگىرلارنىڭ چېچىدەك چىگىش بىر گەپلەرنى قىلاتتى. ھەممىسى ئۆزىنىڭ گېپى. گەپ ئارىلىقىدا مەن پەقەت ئۇ قىزلارنىڭ غۇلجىلىق قىزلار ئىكەنلىكى، ئۈرۈمچىدە سودا قىلىدىغانلىقىنىلا بىلەلىدىم، ھە راست، يىگىتنىڭ دادىسى ساقچىكەن. بۇ گەپنى ئۇ بالا بەك جىق دېدى ئىشقىلىپ، دادام ساقچى ئەمەسمۇ؟ دەپ.


بۇرۇن ئوغۇللار راڭپىزا سېرىقئاش يېسىلا جۇدۇنۇم تۇتاتتى. سىلكىپمۇ كېتەتتىم شۇنداق يەرلەردە قىستىغان ئوغۇللارنى. يېقىننىڭ ياقى ئەخلەتلەرنى بىز قىزلارلا يەپ ئۆتۈپ كەتسەكمۇ يىگىتلەر مۇنداقراق تۇرامىكىن دېسەم، مۇنۇ يەردە قىزلاردىن جىق ئوغۇل ھە؟


- بىز دائىم بالىلار بىلەن مۇشۇ كەپ ئولتۇرۇپ كېتىمىز، پاراڭ قىلىشىپ، توي قىلغانلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قىززىق گەپلەر چىقىدىكەن،-دېدى ئاۋۇ بالا،- بىر ئاغىنەم بار، ساقچى. دادام بىلەن بىر ئىدارىدە. داداممۇ ساقچى ئەمەسمۇ بۇرۇن. ( ئىككى قىزنىڭ چىرايى: زېرىكىش) شۇ ئاغىنەم. ئاداش دائىم مۇشۇنداق مېھمان قىلىپ تۇر، سەنلا قىلىسەن، مەنمۇ بىر چاقارسام بولاتتى ئۆيگە، دەپ كېتىدۇ. ۋاي ماڭە، خوتۇنۇڭدىن قورقايدىغان ھالىڭغا، دەپ قويىمىز. ھى ھى ھى ....


دوستۇم ئىككىمىز كۆز ئۇرۇشۇۋالىمىز. ئاڭغىچە بۇ بالا تېلىفون ئېلىپ قالدى. ئارىلىقتىمۇ نەچچە ئالدى تېلىفوننى، گەپ ئوخشاش.


- ھە، ئاداش، شۇ دوستلىرىم بىلەن. شۇ قىزلارنى ماشىنا بىلەن ئايلاندۇرۇپ، ئەمدى تاماق يېگۈزەي دەپ ئولتۇرغان.


ھەنىم بولسا بۇ قېتىم ئۇنداق دېمەيلا، قارشى تەرەپكە ئادرىسىنى دەپ بېرىپ، چاققان كەل، دېدى.


بۇ بايقۇشمۇ يېقىن ئەتراپتىمۇ ياكى قورسىقى ئاچمۇ بىردەمدىلا كېلىپ بولدى. قارا كۆك كاستيوم كىيىۋالغان. بېشىدا چېچىنىڭ تايىنى يوق بىر بالا. بۇ بالىنى دوستۇم ئىككىلىمىز بىلەتتۇق. غۇلجىلىق بىر خەلق سەنئەتكارىمىزنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ بالا بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ھەدىسى بىلەن توي قىلىپ يېقىندا ئاجرىشىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئىككىمىز چىڭراقمۇ تىنماي بۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا چۈشتۇق. بىزگە ئورۇن ئۆتۈنۈپ بەرگەن مودا قىز-يىگىتلەرمۇ پىچىرلىشىپ ئولتۇرۇپ جىممىدە تامىقىنى يەۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ پارىڭىنى تولۇق ئاڭلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلار ئىچى تەرەپتىكى يەنە بىر ئۈستەلدىكى چوكانلار ئىدى. توختىماي پاراڭ قىلىپ، قىقاس-چۇقانمۇ چىقىرىپ قوياتتى. پات-پات ئۇلارغا قاراپ نارازىلىقىمنى ئىپادىلىسەممۇ، كۆرمەسكە سېلىپ بىزدەك ياغلىق چەگمەي، تەخەيدەك يۈرۈشكەنلەرنىڭ گۇناھلىرى توغرىسىدىكى پاراڭغا چۈشتى. دوستۇم ئۇلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرغاچقا، پارىڭىنى خېلى ئاڭلاپتۇ. بۇنى كېيىن دېيىشىلى، ئاڭلىساڭلار زەردەڭلار قاينايدىغان گەپلەر. ئىككىمىزنى دوزىخىغا چىقىرىپ بوپتۇ، ئىشقىلىپ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 12:56:10

قۇيرۇقى قېنى

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 12:58:11

قىزلار كۈزىتىشكە بەك يامان جۇمۇ،ھا ھا ھا.مەن پەقەتلا ئىنچىكە كۈزىتەلمەيمەن مۇشۇنداق ئىشلارنى


yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 13:12:54

  ھىم. ئەلقىسسە گەپكە قايتساق. ھېلىقى بالا كىرىپلا، تاماقنى يېدى، بىردەمدىن كېيىنلا


-ۋوي، قىزلارنى تونۇشتۇرمىدىڭغۇ، دېيىشىگە ھېلىقى ئاق سېرىق بالا تونۇشتۇردى. مەنمۇ قۇلاقنى دىڭ قىلدىم.


- بۇ قىز،-دەپ كۆرسەتتى يېڭى كەلگەن بالىنىڭ يېنىدىكى قىزنى ئىسمى دىلبەر، غۇلجىدىن. مۇنۇ قىزنىڭ ئىسمى،-دەپ يېنىدىكى قىزنى كۆرسىتىپ، ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى تاپالماي تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئۆزىدىن سوراپ،-ئىسمىڭىز نېمىتى؟- دەپ سورىدى.


- بۈگۈن تونىشىپسىلەردە؟- دېدى ھېلىقى يېڭىكەلداخۇن.


دوستۇم ئىككىمىز تاس قالدۇق ئاغزىمىزدىكى نەرسىلەرنى پۈركۈۋەتكىلى. ئۈستى بېشىغا قارىسى شۇنچە ئىلمىي كىيىنىۋالغان بۇ بالىلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى، گەپ-سۆزلىرى، مەن ئەجۈجى-مەجۈجى دەپ ياراتمايدىغان، ئەمما ھازىر سىلىق گەپ قىلىپ، سىلىق ھەرىكەت قىلىپ غىزالىنىۋاتقان ئاۋۇ بالىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ مېنى بىر قىسما قىلۋاتاتتى. ھېلىقى قىزلار خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك:


-ھەئە، بۈگۈن تونۇشتۇق، سىز بىلەنمۇ ھېلىلا كونا تونۇشتەك بولۇپ كېتىمىز، ھا ھا ھا..


دەپ، پۇتلىرىنى شۇ ئالمىغان پېتى قوللىرىدىكى كولا بوتۇلكىسىنى ئويناپ ئولتۇراتتى. يېڭىكەلداخۇننىڭ يېنىدىكى قىز قازاندىن توختىماي بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ بۇ بالىنىڭ تەخسىسىگە سالاتتى ھەم


-     يەڭە، جىقراق يەڭ ھە،، مەندەك ئورۇق بولۇپ قالماڭ يەنە!


بۇ قىزنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك چىڭ، چېقىراق ئىدىكى ئادەمنى بىرخىل بىزار قىلاتتى. ئۇ بالىمۇ بۇ قىزنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىلتىپاتىدىن ئالاھىدە خوش بولۇپ كەتكەن بولسا  كېرەك، خۇددى غۇلجىلىق چاقچاقچى ئەخمەتجاننى دوراپ بىرنەچچە يۇمۇرلارنىمۇ سۆزلەپ قويدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ غۇلجىلىق ئىكەنلىكىنى دېيىشىپ،


-     ۋاي ئاداش، تۇغقىنىم دېيىشىپ كەتتى.


-     ۋاي بۇ قىز مېنى مۇشۇنداق بېقىپ سەمەرتىۋېتىدىغان  بولدى، بالدۇر تونۇشسام بولمامدۇ-ھەي، مەن، مۇشۇنداق قىزلار بىلەن،-دەپ بېشىنى كۆتۈرمەي نەرسە يېسە، ئۇ قىز يېنىدا تۇرۇپ:


-     ھازىرمۇ كېچىكمىدۇققۇ؟


-     ۋوي راستما؟ توي قىلغاندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بېقىۋېتەمسىز مېنى؟


-     نېمە دەيدىغانسىز، شۇ چاغدا بىلىڭ ھە؟


-     ئەمىسە ياجىڭ بېرىپ قويۇڭ. ھازىر نېمە ئىشلا بولسا مەن مۇشۇنداق زاكالەت ئېلىۋالىمەن. بىرەرسى مېھمان قىلىمەن دېسىمۇ ياجىڭ ئېلىۋالمىسىڭىز ئۇنتۇپ قالىدىكەن، ھا ھا ھا


-     ۋايييەي، نەچچە سوم؟


-     50 سوم بولسىمۇ بولىدۇ تۆۋىنى يۇقىرىسىغا چەك يوق


-     ۋىيىي... ئىشىڭىز ئاسانكەنغۇ سىزنىڭ.


-     شۇ سىلەر سودىگەر قىزلارنىڭ پۇلى جىقتە؟!


-     ۋاي سىلەرنىڭمۇ ياخشىغۇ؟


-     نەدىكى مائاش ئازلاپ كەتتى، جاننى ئارانلا بېقىۋاتىمىز، سىزدەك باقىمەن دەيدىغانلا بولسا بېرىپلاۋېتىمىزغۇ بۇ جاننى


-     ھاھاھاھ،  ھى ھى ھى..


-     ئەمىسە ئالدىم ھە بۇ جاننى. مەن ئەتكەن تاماقنى يەيدىغان  بولسىڭىز بىر ھەپتە قوپماي ياتىسىز


-     ۋاي، مېڭىڭە، ئەمىسە ياخشىراق يەردە ئېتىپ بېرىڭ، شۇيەردە يەپلا يېتىپ قالاي، بولمىسا ئۇيەر-بۇيەرلەردە يېتىپ قالسام، ياڭخاڭ مىچىت بىلەن مەھەللە كومېتىتىنىڭ ئادەملىرى بېشىمنى ئوچاق ئېتىدۇ مېنىڭ


مۇشۇ گەپ بولىۋاتقاندا، ھېلىقى ئاق سېرىق پو ئاتىدىغان يەر تاپالماي ئىچى سىقىلدىمۇ، ئىشقىلىپ پوسۇققىدە قىلىپ گەپنى بۆلدى


-ھە باللا، بۇ يىل تاغقا چىقىپ باقتىڭلارمۇ؟


- ۋىيىي... ياق جۇمۇ ئۈرۈمچىنىڭ تېغىغا ئاچىقمىساڭلار يە؟


-ئەمىسە تاغقا چىقايلى ھازىرلا دېدى ھېلىقى يېڭىكەلداخۇن.


- لەغمەننى نەنسەندە ئېتىپ بەرسۇن،-دېدى ھېلىقى بوم ئاۋاز قىز.


- مېنىڭ ماشىنامنىڭ كەينى ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ، دەپ ئەمدى گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيىشىگە يېڭى كەلداخۇن


- ماشىناڭ كيۇ كيۇ ھە؟


دېگەنتى دوستۇم ئىككىمىز تاس قالدۇق ئىشقىلىپ، بەك قىينالدۇق ئۆزىمىزنى تۇتالماي. ئەمما ھېلىقى قىزلار ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا. ئاندىن كېيىنككى پاراڭ ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپ، بىرسى ماشىنىسىنىڭ گېپى بىرسى مائاش تۆۋەن پۇلنىڭ يوقلىقى، بىرسى تاماققا ئۇستىلىقى، بىرسى بۇرۇن ۋەھشىي مۇدىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىماي گەپ قىلىشتى.


توۋا! ئەگەر بۇ ئىككى يىگىتنى شۇ سالاپىتى بىلەن سىرتتا كۆرسىڭىز، ئىشقىلىپ بۇ ھالىتىنى پەقەتلا ئويلىيالمايسىز. كۆزۈمنى ھېلىقى ئۈستەلدىكى يىگىت-قىزلارغا يۆتكىدىم، بەلكىم بۇ بىچارە قىز-ئوغۇل مۇشۇ ياسىنىۋېلىشلىرىدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ تىللايدىغان، سۆكىدىغان ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىشى مۇمكىن!


شۇ ئەسنادا ئەنجۈر ساتىدىغان بوۋاي لىگىنىنى كۆتۈرۈپ كىردى. 10 سومغا يەتتە دەپ. ھە دەپ بىزمۇ ئالدۇق. چوكانلارنىڭ يېنىغا باردى. چوكانلار نېمانداق قىممەت بۇ ئەنجۈرلىرى دەپ چىقىراپ يۈرۈپ، 10 سومغا سەككىزنى ئېلىپ بىرسىنى سېسىقكەن دەپ يەنە بىرنى قوشتۇرۇۋالدى. ھېلىقى بىر جۈپ ئوغۇل-قىز بولسا پۇلنى ئورۇنلىرىدىن سەل-پەل تۇرۇپ بوۋايغا بەردى


-     بوۋا تاۋۇزلىرى يوقمۇ؟ دەپ شۇنداق چىرايلىق سوراپ، بوۋاي ئېلىپ بەرگەن ئەنجۈرنى قوشقوللاپ ئالدى. بىزنىڭ ئۇدۇلۇمىزدىكىلەر بولسا سەن يەمسەن دېسە سىز يەمسىز دەپ بىر-بىرسىدىن تولا سوراپ ئاخىرى ئۈچ تال ئالدى.


ھېلىقى ئاۋازى توم قىز


-     شۇنچە تاللاپ ئۈچنى ئالدۇقمۇ؟ دەپ ئىزا تارتقاندەك گەپ قىلدى، بۇنىڭغا ھېلىقى يېڭى كەلداخۇن:


-     بۇنىڭ ئىزا تارتىدىغان نەرى بار؟ قانچىنى يېگۈمىز كەلسە شۇنچىنى ئالىمىز. دەپ يەكۈنلىمە جاۋاب بەردى.


بۇلاردىن تېتىقسىزلىقتىن باشقا نەپ تەگكۈدەك گەپ چىقمىغۇدەك دەپ، يەنە بىر تەرەپتىن دادامدەك بىر ئەر كىشىنىڭ خوتۇن كىشىلەرنى تاشلاپ ئۆتۈپ مېنىڭ يېنىمدا پوتەيدەك قىلىپ تۇرۇۋېلىپ ئالدىرىتىشى بىلەن دۇئا قىلىپ قوپتۇق. ھېلىقى چوكانلار ئاغزىلىرىنى مايماقلاشتۇرۇپ، باشلىرىدىكى ياغلىقلىرىنى ئوڭشىغىنىچە كەينىمىزدىن قاراپ قالدى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 13:16:12

ئىشقىلىپ مەندىكى بىر كېسەل نەگە بارسام ئادەم كۆزىتىدىغىنىم. ئاپتۇستىكى پاراڭلارنى يېزىپ توختاپ قالغان. ئەمدى ب ئار تى دىكى پاراڭلار دەپ يازسام بولىدىغان ئوخشايدۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 13:21:58

BRT   غا چىقىپ تاس قالدىم 变形金刚 بولۇپ كەتكىلى


ئاخىرى يوقما؟

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 13:54:36

يۇسرانگۈلنىڭ مۇشۇنداق غەيۋەتلىرىمۇ قۇلاققا خېلى خوش ياقىدۇ دىسە ...........( چىشىنى چاقمىغان چوققىدەك ھىجاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)


ماۋۇ غەيۋەتلىرىڭىزنىڭ 2-3 بۈلىمىنىلا ئوقىيالىدىم 1- بۈلىمدە خەت شەكلى نورمال ئەمەس .

Estami يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 14:21:16

گۈلىنڭ يازىملىرىنى كۆرىمگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.


كۆپرەك يېزىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 15:00:59

--- ماشىناڭ كىيۇ كىيۇ ھە ؟


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~



ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ مۇشۇنداق گۇيلار ، قوتا شىيالىسىغا بەش ئالتىسى چىقۋېلىپ مۇزىكىنى لاباسى يېرىلىپ كەتكۈچە قويۇپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماي دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا ئەيھانناس... سۈرئىتى 80 گە چىقالمايدۇ يۇ ھەيۋىتى يامان...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 15:38:14

يۇسران خنىم مۇھەببەت ئارمانىنىڭ ئايىغىنى قاچان يازىمىز؟


ئالماسخان، رېتىسارنىڭ ئايىغىنى قاچان يازىمىز؟


ئاخرىنى چىقىرالمىغان نەرسىنى يېزىپ يۈرگىچە ئۆچۈرىۋىتىڭلار بولمىسا. بىزمۇ يوقكەن دەپ ئولتۇرايلى.

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 15:41:42


ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ مۇشۇنداق گۇيلار ، قوتا شىيالىسىغا بەش ئالتىسى چىقۋېلىپ مۇزىكىنى لاباسى يېرىلىپ كەتكۈچە قويۇپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماي دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا ئەيھانناس... سۈرئىتى 80 گە چىقالمايدۇ يۇ ھەيۋىتى يامان...


--------------------------------------------------------------------------


خۇددى كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئىسمىم مارجان- بۈۋى دېگەندەكمۇ؟... بىر گەپ بارغۇ قۇرۇق چېلەك بەك تاراڭشىيدۇ دەپ....



يۇسران دىگەن قۇلاق موللىسى.. ھى ھى ھى ...  جاھاندا ئاجايىپ ئىشلار بار ھە، توۋا دېمىسە ئادەم. ھېلىمۇ ياخشى سىلەر بىلەن بىرگە بوپ قالماپتىمەن، ئوياننىڭ قىزىقى چىقاركەن بولمىسا...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 15:47:25

ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالسام يۇسىران بېرىپ قالىدىغان يەرلەردىن يىراق تۇرسام بولغىدەك\"\"


سامىنىڭنى سېتىپ بولغان بولساڭ كەتمەمسەن ئايدىڭخورىڭغا دەپ سالىدۇ بەلكىم\"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 16:07:32

9- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

--- ماشىناڭ كىيۇ كىيۇ ھە ؟


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~



ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ مۇشۇنداق گۇيلار ، قوتا شىيالىسىغا بەش ئالتىسى چىقۋېلىپ مۇزىكىنى لاباسى يېرىلىپ كەتكۈچە قويۇپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماي دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا ئەيھانناس... سۈرئىتى 80 گە چىقالمايدۇ يۇ ھەيۋىتى يامان...


``````````````````````````````````````````````````````````````


سۈرئەت ۋەھشى بار، ئۇنۋىرسىتتىمۇ خېلى ئاقسالىق قىلىپ قوياتتى.


بۇ باللارنىڭ دادىسىنى لىگاڭ مىكىن دىسە ئەسلى، ھەي خۇدايىم ئىنساپ بېرەر!




sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 16:28:17

Hey isit men bolmay qaptimen  !!!

yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 16:56:40

قۇياش: يېزىلىۋاتىدۇ. ئۇزۇنننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننن ئەمەسمۇ



زىيالىي: سىز ساق-سالامەتلا كېلەلەيدىغان ئىشىڭىز بولسا ھەيدىۋەتمەيمىزغۇ



yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 17:43:15

ھازىر نەقىل ئالغىلى بولمامدا؟

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 17:43:57

ئۈچ ئىش بەك راھەت ، پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇپ كاۋاپ يىسە ، يەنە بىرسى سۈڭەك غاجىلاپ ئولتۇرۇپ غەيۋەت قىلسا ، ئۈچىنچىسى قىستىغاندا دەرھال ئۇبۇرنىغا بارسا ....

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 17:44:52

مۇشۇ ئادەم كۈزىتەلەيدىغان ئادەمگە بەك ھەيران قالىمەن. ئادەتتە يولدا ماڭساممۇ تۇنۇشلارنى رەنجىتىپ قويىمەن. <<ئالدىڭغا كەلسەم قارىماي كەتتىڭ>> دەپ رەنجىپ كىتىدۇ. بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالسام ئۇنىڭ ئومۇمى قىياپىتىلا يادىمدا قالىدۇ. كىيىن يېنىمدىكى بىرسى بىر قېشى ئىگىزكەن، بۇرنىنى تولا تارتىدىكەن،كۆزلىرى جىم تۇرمايدىكەن..... دەپ ئالامەت گەپلەرنى قىلىپ كىتىدۇ. راس شۇنداقمىكىن دەپ شۇنچە زەڭ سالساممۇ يەنىلا ھىس قىلالمايمەن. بىر قېتىم دىۋەڭلىكىمدىن دۇكاندىن بىر نەرسە ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن بىر ئوغرىنى تۇنىماي شۇنچە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، كىيىن بىرسى قۇلىقىمغا پىچىرلاپ قويغاندىن كىيىن تۇتىۋېلىپ  ساقچىغا ئاپىرىپ بەرگەن. كىيىن ئۇ ئوغرىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە مېنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاختىمدىن پايدىلىنىپ بىر نەرسە ئوغرىلاپ چىقاي دەپ  كىرىپتىكەن.  


يۇسران بىلەن بۇرۇنراق تۇنۇشقان بولسام بوپتىكەن ئەسلى.  

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 17:54:31

فۇكاڭ ماشىنا ھەيدەيدىغانلار ئۈرۈمچىنى سورامدىكىن دەيمەن، بىرسى بىرسىدىن ياڭسۇڭ ھەيدەيدىغان نېمىلەر جىق، يا ماڭىلا ئۇچرامدىكىن
بەت: [1] 2
: ساماۋەر شورپىخانىسىدىكى پاراڭ