Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 16:40:09

2011-يىللىق يېڭى كارتون – RIO نى كۆرۈپ …


ئەزەلدىن كارتون فىلىملەرگە ناھايىتى يېقىندىن دىققەت قىلىىپ كېلىمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو تۈرىم. بۇ يىل ئەتىيازدا قويۇلغان RIO نىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن، مېنىڭ تەبىئەتكە ۋە ئاشۇ ئوماق جانىۋارلارغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى.



فىلىمدىكى باش قەھرىمان بلۇ ئامازون ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ئەركىن ياشايدىغان شاتۇتى بولۇپ، فىلىمنىڭ بېشىدىلا ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئىنسانلار تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ شىمالى ئامېرىكىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. كىيىن لىندا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئەتىۋارلىق دوستىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن كىتاب دۇكىنىنى ئېچىشىپ بېرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە برازىلىيەلىك ئەتىۋارلىق قۇشلار تەتقىقات ئورنىدىكى بىر كىشى بلۇدىن ئىبارەت بۇ قۇش تۈرىنىڭ دۇنيادا پەقەت مۇشۇ بىر دانە ئەركەك جىنسلىقى قالغانلىقىنى، ئۇلار برازىلىيەدە چىشىدىن بىرنى تېپىپ قويغانلىقى، ئۇ ئىككىسىنى جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتايىتەن برازىلىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بلۇنىڭ رىئودى-ژانىرودىكى سەرگۈزەشتىلىرى باشلىنىدۇ. فىلىم باشتىن ئاخىرى يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق ھەم ئوماق كۆرۈنۈشلەر بىلەن داۋام ئەتكەچكە ئوغلۇممۇ بۇ كىنونى نەچچە ئون قېتىملاپ كۆرۈپ بولدى.


بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى: (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)



بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسى تېخى چىقىپ بولالمىدى. ئەگەر BD 1080P لىك نۇسقىسى چىقىپ قالسا ئاللاھ خالىسا چوقۇم ساقلاپ قويىمەن. تۆۋەندە بۇ كىنونىڭ چاپاقراق بولسىمۇ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي. ئالدىن كۆرىدىغانلار كۆرگەچ تۇراسىلەر:


迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.


كىچىكىمدىن ئائىلىدە باقىدىغان ئەرمەك ھايۋانلارغا بەك ئامراق بولغاچقا، بەكلا جىق ھايۋانلارنى بېقىپ بېقىپتىمەن. يېقىندا بىرزات ھەكىمنىڭ ئۆيدە بىر-ئىككى ئەرمەك ھايۋان بېقىپ قويسا پەرزەنتلەرنىڭ مېھر-مۇھەببەتلىك بولۇش پىسخكىسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، بىنا ئۆي بولسىمۇ مۈشۈك باققۇسى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئوغلۇمغا بىرەر خىل جانىۋارلارنىڭ ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەپقالدىم. دەل مۇشۇ پەيتتە بلۇ ئېسىمگە چۈشتى ۋە ئىلگىرى ماڭا بەكلا كۆنگەن بىر شاتۇتىم بولىدىغان، شۇ ئېسىمگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاتۇتىنى تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋالدىم.



لېكىن بۇ شاكىچىكلەر بەكلا قورقۇنچاق كېلىدىكەن. جۇغى كىچىك بولغاچقىمېكىن، قېچىپلا يۈرۈيدۇ. قولغىمۇ تەستە كۆنىدىغان ئوخشايدۇ. ئالغاندىن كىيىن چوڭراقىنى ئالاي دەپ ئىزدەپ كۆرسەم چوڭراق شاتۇتىلارنىڭ باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن. گەپ قىلىدىغانلىرى تېخىمۇ شۇنداقكەن.



جۇغى چوڭلىرىدىن ئۈستىدىكى رەسىمدىكى رەڭدار تۇتىقۇش كۆپرەك ئۇچرايدىكەن. باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن 40~50 مىڭ يۈەنگىچە بار ئىكەن. كۆندۈرۈلگەنلىكى، گەپ قىلىش قىلالماسلىقى، رەڭلىرىگە قاراپ باھاسىمۇ ھەرخىل ئىكەن. بەزىلىرى گەپ قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ. بەدەن ئۇزۇنلىقى 70~100 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىكەن. بۇلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ ئۆزلىرى كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغاچقا ئېگىسىگە بەكلا يېقىن ئىكەن. 40~50 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن.


مۇشۇ كىنونىڭ تۈرتكىسىدە شاتۇتىغا يەنە بۆلەكچە ئىشتىياق باغلاپ قالدىم. روزا ھېيتتا دوستۇمنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىللە خاڭجۇ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىغا بېرىپ ئويناپ كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئەقىللىق جانىۋارلارنى خېلى ئوبدانلا كۆندۈرۈپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ بۇ خىل تۇتىقۇشنى قىممەت بولسىمۇ زادى بىر بېقىش قارارىغا كەلدىم. قىممەت ئالساق ساتقاندا يەنە قىممەت ئالىدىكەن ئەمەسمۇ.


ئەقىللىق جانىۋار شاتۇتىنىڭ بىر قانچە قىزىقارلىق ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.


RIO فىلىمىدىكى سەلبى ئوبراز رولىنى ئالغان نايجىل ئىسىملىك ئاق تاجلىق شاھتۇتى «ئۇسۇل ئويناش ئىنسانلارنىڭ پاتېنتى ئەمەس» ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويدى. (03:25 تىكى جايى سىننىڭ يورۇق نوقتىسى، دىققەت قىلىڭ)


(ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)



سېنېگال شاتۇتىسى شاتۇتىلار ئىچىدە خېلى ئەقىللىقى بولۇپ بۇ ئېگىسىنىڭ مەشىق قىلدۇرىشى بىلەن ئىنتايىن چېچەن بىر جانىۋارغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ رەڭ تونۇشىغا قاراڭ. (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)



بۇ جانىۋارنىڭ ئەپچىللىك بىلەن «قارىغا ئېتىشىنى» كۆرۈڭ… (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)



بۇ جانىۋرا كىشىنىڭ بەكلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىكەن… (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)



بۇنداق مەشىقلەرنى قانچە ئۇزۇندا قىلىپ بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ سىننى كۆرۈپ مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەقىللىق جانىۋارىم بولغان بولسا دەپ قالدىم … (ئايفون ۋە ئايپەدتە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)



ئىلگىرى مودەن شاتۇتى دەپ ئاتىلىدىغان جۇغى كىچىك بىر شاتۇتى باققان ئىدىم. قەپەس ئوچۇق تۇراتتى. ئەتىگېنى ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ كەچتە كېلەتتى. دان ۋە سۇلىرىنى قەپىزى ئىچىگە سېلىپ بېرەتتىم. ماڭىمۇ شۇنداق كۆنگەن. ئۇنىڭغىمۇ ئەركىنلىكبېرەلىگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولغان ئېدىم. كىيىن مەھەللىمىزدىكى بىر كەپتەرۋاز تۇتىۋېلىپ يوقاتتى. بازارغا چىقسا 40~50 كويغا ئالمايدىغان قۇشنى نېمە قىلاركىن تاڭ، سوراپ كىرسەم بەرمەسلىكىنى بىلىپ كىرمەيلا قويدۇم. بىچارە قۇش شۇنىڭ بىلەن يوقىغان بولدى.



شۇ ئۆتمۈشلىرىمگە بلۇنىڭ كىنوسىنى قوشۇپ قايتىدىن شاتۇتى بېقىش، باققاندىمۇ چوڭراقىنى بېقىش ئويىغا كېلىپ قالدىم. ئارىمىزدا چوڭراق شاتۇتى بېقىپ باققىنىڭلار بارمۇ؟ قانداق تەسىرات ۋە تەجرىبەڭلار بار؟ ئورتاقلاشساق …


مەنبە : http://www.pasiban.com/rio-the-movie.html


bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 16:57:40

بۇرۇن كارتون دىگەنگە قىزىقمايتىم، بىر كۈنى ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ دوستۇمنىڭكىدىن <كەپسىز ئىنەك> دىگەن كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى ئەكىلىپ كۆرۈپ شۇنچە قىزىقىپ كېتىپتىمەنكىن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ماداغاسقار، مۇز دەۋىرى دىگەن فىلىملەرنى كۆرۈۋەتتىم، شۇندىن بېرى قىزىقىپ كۆرىمەن كارتون فىلىملەرنى.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 17:33:18

مەن بۇ كارتۇن فىلىمنى دەسلەپتە كىنوخانىدا كۆرگەن، ياقتۇرۇپ قېلىپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ1.7گىگا بايىتلىق 720پ نۇسخىسىنى تېپىپ ساقلاپ قويدۇم. كىنودىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىلمۇخىل خاراكتىردىكى يارقىن ئوبرازلار، زامبائۇسۇلى قاتارلىق بىرازىلىيە مەدەنىيىتىگە خاس كۈرۈنۈشلەر كىنونى ناھايىتى يۇقىرى ئىستىتىك قىممەتكە ئىگە قىلغان.بالىلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇتەرجىمە قىلىپ ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك كىنو.

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 17:48:57

تەرجىمىسى پۈتەي دەپ قالدى.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 18:08:53

بۇ كىنونى سېتىۋالاي كىنوخانىغا ئەكەلمەيدىغان چىراي.


ئاۋۇ شاتۇتنى ئەسلى شۇ سەۋەپلىك ئەپتىكەنلادە:-) تاۋباۋدىن قانداق ئەۋەتىدىكىن؟ پوچتا ئارقىلىق؟:-)))


ئا كۈنى تېخى پىكسارنىڭ يېڭى ئەسىرى \"Cars 2\" نى كۆدۇق، بەك ىوشاللىق كىنوكەن،چوقۇم كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 20:52:21

3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەرجىمىسى پۈتەي دەپ قالدى.



مەن تېخى سۈزۈك نۇسقىسىنى تاپالماي چىقمىغان ئوخشايدۇ دەپ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرۇپتىمەن. چىققاندا ئۆزۈم بىر قوللۇق تەرجىمە قىلماقچ بولغان ئېدىم تېخى ... تەرجىمە قىلىۋاتىمـــــــــــــــــــــــــــــــەن دەڭلا ...

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 21:09:39

4- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ كىنونى سېتىۋالاي كىنوخانىغا ئەكەلمەيدىغان چىراي.


ئاۋۇ شاتۇتنى ئەسلى شۇ سەۋەپلىك ئەپتىكەنلادە:-) تاۋباۋدىن قانداق ئەۋەتىدىكىن؟ پوچتا ئارقىلىق؟:-)))


ئا كۈنى تېخى پىكسارنىڭ يېڭى ئەسىرى \"Cars 2\" نى كۆدۇق، بەك ىوشاللىق كىنوكەن،چوقۇم كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.





شۇنداق. شۇ سەۋەبتىن ئالغان ئېدىم. تاۋباۋدىن تىرىك قۇشنىمۇ توشۇغىلى بولىدىكەن. مەخسۇس توشۇش ئۈچۈن كىچىك قەپەزگە قاچىلاپ كورۇپكىغا ئوراپ ئېۋەتىدىكەن. دېگەن يەرگە ھايات بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، ئەركەك چىشى قىلىپ ئەۋەتىشكە كاپالەت بېرىمىز دەپ يېزىقلىقكەن، شۇڭا قورقماي ئېلىۋەردىم. 2 كۈندە كەلدى، ھازىرغىچە جانلىق، شوخ ئويناپ يۈرۈيدۇ.


Cars 2 نى بىر كۆرگۈم بار ئېدى. قاچان قويىدىكىن تاڭ. ئاللاھ نىسىپ قىلسا كىنوخانىدا كۆرەرمەن

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 22:53:08

720P لىك 4.38 GB لىك نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تاپتىم. 迅雷下载

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2011-9-4 01:56:37

ئەگەر Fileserve, Filesonic, Wupload دىگەندەك يەرلەردىن چۈشۈرەلىسەڭلار تۆۋەندىكى تور بەتتە پۈتۈن كىنولارنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى بار:


http://www.hdmekani.com/

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 11:36:59

Blue Skyنىڭ كىنولىرى بولىدىكەن، مۇز دەۋرىنى تولۇق چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم، بۇدا، ماۋۇ كىنونىڭ 720 لىك نۇسقىسىنى تىپىپ كۆرۋاتىمەن.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 13:30:49

تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم
بەت: [1]
: 2011-يىللىق يېڭى كارتون – RIO نى كۆرۈپ …