azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 19:24:59

مەن زادى قانداق قىلاي؟ جىددى ياردەم

ئەسسالام قېرىنداشلىرىم،مەندىن روزا ھېيتڭلارغا مۇبارەك بولسۇن  !!


ماڭا بۇ يىل توي قىلغىلى 4 يىل بولدى.مەنمۇ ھاياتىمدا ئۆز ئەخلاقىم،ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلگەن ياخشى يىگىت ئىدىم.


ئايالىم بىلەنمۇ ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان.....لېكىن بىر ئىككى يىلدىن بۇيان ئايالىمنىڭ ماڭا قىلچىلىك ئەركىنلىك بەرمەسلىكى، ئېغىزىنىڭ يامانلىقى،قىزىقىشىم تاللىشىمغا قىلچىلىك ھۆرمەت قىلماسلىقى،بەك گۇمانخورلۇقى،سوراقچىلىقى مېنى كۈندىن -كۈنگە ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتتى،قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ ئۈنۈمى بولمىدى....مۇھەببىتىم ئاستا-ئاستا يوقالدى،مۇناسىۋىتىمىزمۇ بۇزۇلۇپ ئىزچىل ياخشى بولالمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادتىن بەك قىسىۋەتتى.....يېڭى توي قىلغانلاردا كىمدە تۇرسا ئوخشاشقۇ دەپ بەرگەن ئىدىم كارتىنى..... دەپ قوياي راست،بالام يوق!


شۇنداق كۈنلەردە بىر 19-20 ياشلاردا بار بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشى كۆرۈشۈپ قالدۇق،ئۇ قىزمۇ ماڭا ئەقىدە قىلىدۇ،شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ مېنى ساقلاۋاتىدۇ،مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،توي قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپ بولغاندا مەن بەك ئويلىنىپ قېلىشقا باشلىدىم،بەلكىم دەسلەپتە قەدەمنى خاتا باسقاندىكىن بۇ ئازاپلارنى تارتىشقا باشلىغاندىمەن....مەن بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن قانداق قىلىشنى بىلمەي،مانا 4 ئاي بوپتۇ ئوڭ- ساراڭنىڭ ئارىلقىدا يۈرۈۋاتقىلى....بەلكىم تېگىمدىن بۇزۇق،شاللاق بولغان بولسام بۇ تاللاش ماڭا تەس كەلمەس ئىدى ،ۋىجدانىم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ بولغاي...


گەرچە ئايالىمنىڭ مېنى ياندۇرغان،ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بىر مۇنچە ئىشلىرى بولسىمۇ ئۇ ماڭا ۋاپادار ئىدى، ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ئىنتايىن كۆيۈنەتتى،بىز يېڭى توي قىلغان يوقسۇل كۈنلىرىمىزدە مەن ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان ، بىرلىكتە بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىققان......


ئۆز كۆڭلۈمنى دەپ ئاجرىشىپ كەتسەم ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىمەن، ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى كۆز ئالدىمدا توغرا تۇرۇۋالدى........


ئايالىمنى  دەپ ئاجراشماي، بوپتۇ دىسەم بىر قارا كۆز مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ،ئۇمۇ ياخشى قىز، ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، مەنمۇ تاشنى تاياققا تاڭغاندەك ئولتۇرىمەن،بىر ئۆمۈر ئايالىم ئۈچۈن ئۆزەمنى قۇربان قىلىۋەتسەم بولىدۇ،ئىككى ئادەم ئايالىم ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىمىز...


ئاجرىشاي دىسەم تېخى،ئايالىم نىمە بولۇپ كېتەر،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئۆزەمنى ئەيىپلەش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىپ بارىدۇ، ئۆلۈۋالاي دىسەم تېخى.........


ياخشى ئادەم بولماقنىڭ بۇنچە تەسلىگىنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ھىس قىلىۋاتىمەن،ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ بەختى،خوشاللىقى ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتاپ كەلگەن ئىدىم....ھازىرچۇ؟ھازىر كۆڭلۈمدە ھاياتىمدا بىرەر قېتىم ئۆزەمنى ئويلايدىغان ئەسكى ئادەم بولۇپ باققۇم بار....


مانا ،ھازىر يا ياخشىمۇ يا ئەسكىمۇ بولالماي قېلىۋاتىمەن،بۇ تاللاش ماڭا شۇنچىلىك تەس كەلدىكى 2-3 ئاي بولدى قىينىلىپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيۋاتقىلى ، تۇرۇپ - تۇرۇپلا ئىنسان يوق يەرلەرگە قېچىپ كەتكۈم كېلىدۇ.....بۇنداق يۈرۈۋەرسەم بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، بۇنداق لۆم-لۆم ئادەممۇ ئەمەستىم ،لېكىن زادىلا بىر قارارغا كېلەلمىدىم...


سادىغاڭ كېتەيلەر قېرىنداشلىرىم،ماڭا بىر توغرا يول،جايىدا بىر مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، بۇ دەرتلەرنى ھېچكىمگە دىگىلى بولمىغاچ نەچچە ئاي بولدى ئىچىمگە يۇتۇپ ياشاۋاتقىلى ،بەك قىينىلىپ كەتتىم،ئاخىرى چىداپ بولالماي مۇشۇ مەۋھۇم تورغا ،سىلەرگە دەردىمنى تۆكۈپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئۆزەمنىڭ بۇ قىلغىنىمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن،ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بولغان بولسا توغرا بولاتتى، يەنە ئۆزەمنىڭ ئەخلاقسىز،شاللاق ئادەم ئەمەسلىكىمنىمۇ بىلىمەن،ئەگەر شاللاق بولىدىغان بولسام بۇنچە قىينىلىپ يۈرمەيتتىم، بۇ يەرگىمۇ خەت يېزىپ ئولتۇرمايتتىم، ئۆردىكى بىلەن غېزى ئايرىلىپ بولاتتى......


مەن زادى قانداق قىلسام بولار دوستلىرىم؟؟؟؟؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 21:52:06

ما بالىغا ئۈلىۋال دىسەڭلار راسىتلا ئۈلىۋېلىپ ئۈلىكىنى ئارىتقىدەك


بۇ تېمىدا ئادەم تىللاشقا رۇخسەت


ئۈلىۋال دىمەي قالغان ھەممە سەت گەپ بىلەن تىللاپ بېقىڭلارچۇ\"\"


yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 21:56:49

سىز بەلكىم بىر تەرىپىنى كورگەنسىز.باشقا نۇقتىدا تۇرۇپ ئايالىڭىزغا قاراپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.


بالىنى يىتىم قىلىپ مىللەتكە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغاندىن ئوينى چىرايلىق تۇتۇپ ئىشىڭىزنى قىلىڭە.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:02:20

بىرمەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇپ ،ئويلۇنۇپ باقساڭلار ئۈنىمى بۇلىشى مۇمكىن.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:07:15

داۋاملاشتۇرسىڭىز بىر سىنارىيە پۈتۈپ چىققۇدەك.


hatiram يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:20:21

ئاجىرشىپ كىتىڭ


بەرىبىر نەچچە ئادەمنى تەڭ قىينايسىز.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:23:19

شۇنداق كۈنلەردە بىر 19-20 ياشلاردا بار بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشى كۆرۈشۈپ قالدۇق،ئۇ قىزمۇ ماڭا ئەقىدە قىلىدۇ،شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ مېنى ساقلاۋاتىدۇ،مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،توي قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپ بولغاندا


----------------------------------------------------------


سىز ئەينى ۋاقىتتىمۇ ،سىزنىڭ ئايالىڭىز ئەينى ۋاقىتتىمۇ ياخشى كۆرۈشۈپ ئەقىدە قىلىشىپ ،ساقلىشىپ ئاندىن توي قىلىشقان بولغىيتىڭلار .


ئايالىڭىزنىڭ شۇ قىلىقلىرى بۇرۇنمۇ بار بولغىيتى ،بۇرۇن كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەي ئەمدى 19 ياشلىق قىز ئۇچرىغاندا ئايالىىزنىڭ بۇ قىلىقلىرى كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ كېتىۋاتامدۇ ؟


ئايالىڭىز نىمە ئۈچۈن سىزدىن پۇلنى قىسىدۇ بىلەمسىز ،چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن سىزنىڭ باشقا  بىرسىگە سەكرەپ يۈرگىنىڭىزنى بىلىپ بولغان .بولمىسا ئۇنچىۋالا قىسىپ كەتمەس بولغىيتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىشى  ئائىلىسىگە كۆيۈنسە ئايال كىشى ھەرگىزمۇ ئېرىنى مالىيەدىن ئايرىۋەتمەيدۇ ھەم ئەركىن قويۇپ  بېرىدۇ . ئايالىڭىز سىزنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭىزنى بىلىپ تۇرىدىكەن ،ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بېشەم تەرىپىنى سزگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن سىزنىڭ ئالدىىڭىزدا ئۇ قىزنىڭ گېپىنى قىلمايدىكەن  ھەم سىزنىڭ يۈزڭىزنى ئاياىدىكەن .


سىز ئايالىڭىزغا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە بارلىق ئىللەتنى ئايالىڭىزغا قويىۋاتىسىز .ئايال كىشى تۇرمۇشتا ئەر كىشىنىڭ سىرتقا قاراپ قالغانلىقىنى شۇنچىلىك ئاسان بايقىۋالىدۇ ،ئەمما ئېرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يۈزىگە سالمايدۇ.


سىز ھېلىقى 3-شەخىسكىمۇ قىيالمايدىكەنسىز ،سىزنىڭچە ئاشۇ قىز شۇنچە ياخشى قىزمىدۇ ،بىر ئەركىشىنىڭ ئايالى بارلقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇزىۋېتىشكە كۆزى قىيغان قىز سىزگە ئاخىرقى ھېساپتا بەخىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ ،بۇنداق شەخىسيەتچى قىزلار سىزنىڭ مەپەئەتىڭىزنى ئويلىشالامدۇ ،سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەلەمدۇ ؟ئۇ ئۇنداق شەخسىيەتچى بولمىغان بولسا ،ئۆزى ئۈچۈن سىز ۋە ئايالىڭىزنى ئازاپلاۋاتىدۇ ،ئەكسچىە سىز بىلەن ئۇ ئايالىڭىز ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىۋاتمايسىلەر .


ئايالىڭىز ھەقىقەتەن ئېسىل ئايالكەن ،ئۇ ھەممىنى بىلىدىكەن ،بىلىپ تۇرۇپ سىزنى ھۆرمەت قىلىدكەن .ئۆزى ئۈچۈن ىسزنى ئازاپلاشنى خالىمايدىكەن ،يەنە سىز نىمىنى تاللىماقچى .


دۆلىتىمىز ئىشلىگەن بىر كۆپ قىسىملىق فىلىم بار ،ئىسمى 温柔的背后


مۇشۇنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا تەكلىپ بېرىمەن ،بۇ كىنودا ئۆيى بار تۇرۇپ سىرتقا قارىغان ئەرلەرنىڭ ئاقىۋىتى تەسۋىرلىنىدۇ ...ئويغۇنۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.


jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:31:10

  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  azghuchi  دوستۇم ، يازمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇدۇم . دىمەكچىكەنسىزكى ، سىز بۇندىن 4 يىل مۇقەددەم بىر قىز بىلەن توي قىلىپسىز ، باشتا ناھايىتى ياخشى ئۆتۈپسىز ، ئۇنىڭ ساداقىتى ھەم مۇھەببىتىگە شەكسىز ئىشىنىدىكەنسىز .


    لېكىن ، كېيىنچە ئۇ سىزنى ھەر تەرەپتىن < قىيناپ > قويۇپتۇ ، مەسىلەن ،  بىر ئىككى يىلدىن بۇيان ئايالىڭىزنىڭ سىزگە قىلچىلىك ئەركىنلىك بەرمەسلىكى، ئېغىزىنىڭ يامانلىقى،قىزىقىشىڭىزغا ،  تاللىشىشىۇىزغا  قىلچىلىك ھۆرمەت قىلماسلىقى،بەك گۇمانخورلۇقى،سوراقچىلىقى سىزنى  كۈندىن -كۈنگە ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ ، قايتا-قايتا سۆزلىسىڭىزمۇ  ئۈنۈمى بولماپتۇ ....مۇھەببىتىڭىز  ئاستا-ئاستا يوقىلىپتۇ ، مۇناسىۋىتىڭلارمۇ  بۇزۇلۇپ ئىزچىل ياخشى بولالماپتۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادتىن بەك قىسىۋىتىپتۇ .....يېڭى توي قىلغانلاردا كىمدە تۇرسا ئوخشاشقۇ دەپ بەرگەن ئىكەنسىز كارتىنى.....  راست،بالىڭىزمۇ يوق ئىكەن  .


  


شۇنداق كۈنلەردە  سىز  19-20 ياشلاردا بار بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپسىز ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشى كۆرۈشۈپ قاپسىلەر ،ئۇ قىزمۇ سىزگە  ئەقىدە قىلىدىكەن ، شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ سىزنى  ساقلاۋېتىپتۇ ، سىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ، توي قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپ بولغاندا سىز  بەك ئويلىنىپ قېلىشقا باشلاپسىز ...


  


   قاراڭ دوستۇم ، ئائىلە ياكى مۇھەببەتتىكى دەز بىر كۈندىلا كەتمەيدۇ ، ئاۋال سىزىق چۈشىدۇ ، قايتا - قايتا سىزىقلار چۈشىۋەرسە ، بۇ سىزىقلار چوڭقۇرلاپ بارا - بارا دەز  ھەتتا يېرىقلارنى  شەكىللەندۈرىدۇ .


  تۆگىدەك ئىشنىڭ تۈگمىدەك سەۋەبى بولىدۇ  ،  سىز بىلەن ئايالىڭىز ئوتتىرىسىدىكى بۇ سوغۇقچىلىق قەيەردە ، قاچان ، نىمە سەۋەپلەر بىلەن باشلانغىنى ئۆزىڭىزگە ئايان بولسا كېرەك .   سىزنىڭ سۆزلەپ بېرىشىڭىزچە سىزنىڭ يەنە بىر قىز دوستىڭىز بار ئىكەن  . مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز  ھالال جۈپتىنىڭ يەنە بىر < ھارام جۈپتى > بارلىغىنى قوبۇل قىلالمايدۇ . ئايالىڭىزنىڭ مىجەزىدە ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىشى سىزنىڭ بىر قىز دوستىڭىز بار ئىكەنلىگىدىن ئايرىلالمىسا كېرەك ( سىز ھەرقانچە سىر تۈتتۈم دىسىڭىزمۇ ، بىر قازاننىڭ تامىغىنى يەپ ، بىر ياستۇققا باش قويۇۋاتقان ھالال جۈپتىڭىزدىن يۇشۇرۇپ قالالىشىڭىز ناتايىن ) ، شۇڭا سىز بارلىق سەۋەپلەرنى ئۆزىڭىزدىن بىر ئىزدەپ كۆرگەن بولسىڭىز .


مەسلىھەتىم شۇكى ، سىز ئاۋۋال ھىلىقى قىز دوستىڭىزدىن بارلىق مۇناسىۋىتىڭىزنى دەرھال ۋە تەل - تۆكۈس ئۈزۈڭ . ئاندىن ، ئايالىڭىزغا بۇرۇنقى (مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلاردىكى ) غا ئوخشاش كۆزدە قاراپ ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈڭ ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى  ئازاپلىرىنى ، بەزىدە سىزگە غەزەپ بولۇپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان پىنھان سىرلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ .  ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى كۈزىتىپ بېقىڭ . قېيىن كۈنلەردە سىزگە ھەمدەمدە بولغان جۈپتى ھالالىڭىزنىڭ بەزىبىر ئۇششاق يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭ .  سەبرى قىلسىڭىز اللە ئىگەم پەرزەنتمۇ بېرىپ قالار .  



  ئاخىرىدا ،  ئۆزارا تونۇشمىساقمۇ ، بۇ مەۋھۇم دۇنيادا دوستلۇققا ئىشىنىپ  قەلب تۈگۈنلىرىڭىزنى بىز بىلەن سەمىمىي  ئورتاقلاشقانلىغىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلۇغ اللە دىن  سىزگە كەلگەن بۇ دىشۋارچىلىقلارنى تىزراق كۆتىرىۋىتىشىنى ، بەختلىك ۋە خاتىرجەم ياشىشىڭىزنى تىلەيمەن .  

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:31:23

ئەر كىشى ئۆزى بىلەن جاپالىق كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئايالدىن ئەڭ ئاسان ۋاز كېچىدىغان بولىدىكەن ،چۈنكى ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندە  ئايالىنىڭ چىرايىدىن بۇرۇنقى ئۆتمۈشلىرىنى كۆرۈپ قېلىشنى خالىمايدىكەن .يېپيڭى بىر قىز بىلەن تونۇشۋالسا ،ئۇ قىزنىڭ يېپيىڭى چىرايى بىلەن ئۇنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىدىن چىقىپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .



ئايال كىشى ئۆزىنڭ ئېرىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا بەك دىققەت قىلىدۇ ،دەسلىپىدە ئېرى سىلكىشلىسە  يىغلاپ يىغلاپ توختاپ قالىدۇ ،كىيىنچە تەڭمۇ -تەڭ ئېغىز غېرىچلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.سىز ئايالىڭىزنىڭ مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئۆزىڭىزنىڭ نىگىزلىك سەۋەنلىكىڭىز بارلقىنى ساقىت قىلماڭ .ئايال  كىشىنىڭ مۇلايىم بولىشى يولدىشىغا باغلىق،ئوسال بولىشىمۇ يولدىشىغا باغلىق .



سىز ھېلقى 19 ياشلىق قىزنى ئوبدان كۈزۈتۈڭ .


ئاندىن ئايالىڭىزنىمۇ ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ،ئۇنىمۇ ئوبدان كۈزۈتۈڭ .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:35:23

تىللاڭلار دەپ قويۇپ بەرسەممۇ تىللىماپسىلەرغۇ


بىر ئاز تىللىساڭلار سەگىدىسۇن دىگەن ئىدىم


ھەممە ئادەم ياخشى گەپ قىلىپ كەتسە،تۇرۇپلا مەن ئەسكى ئادەم بولۇپ قالدىما\"\"

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:38:24

زىيالى،بويتاقلار بەرگەن ھوقۇقنىڭ ئۈنۈم كۈچى بولمايدۇ ماۋۇ تېمىدا ،شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ بىلگنىچە قىلدۇق .\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:43:40

.....لېكىن بىر ئىككى يىلدىن بۇيان ئايالىمنىڭ ماڭا قىلچىلىك ئەركىنلىك بەرمەسلىكى، ئېغىزىنىڭ يامانلىقى،قىزىقىشىم تاللىشىمغا قىلچىلىك ھۆرمەت قىلماسلىقى،بەك گۇمانخورلۇقى،سوراقچىلىقى مېنى كۈندىن -كۈنگە ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتتى،قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ ئۈنۈمى بولمىدى....مۇھەببىتىم ئاستا-ئاستا يوقالدى،مۇناسىۋىتىمىزمۇ بۇزۇلۇپ ئىزچىل ياخشى بولالمىدى


............................................


گەرچە ئايالىمنىڭ مېنى ياندۇرغان،ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بىر مۇنچە ئىشلىرى بولسىمۇ ئۇ ماڭا ۋاپادار ئىدى، ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ئىنتايىن كۆيۈنەتتى،بىز يېڭى توي قىلغان يوقسۇل كۈنلىرىمىزدە مەن ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان ، بىرلىكتە بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىققان......


.................................................


ئايالىمنى  دەپ ئاجراشماي، بوپتۇ دىسەم بىر قارا كۆز مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ،ئۇمۇ ياخشى قىز، ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، مەنمۇ تاشنى تاياققا تاڭغاندەك ئولتۇرىمەن،بىر ئۆمۈر ئايالىم ئۈچۈن ئۆزەمنى قۇربان قىلىۋەتسەم بولىدۇ،ئىككى ئادەم ئايالىم ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىمىز...


...............................................


ۋاي  بىچارە، بىر  ئىشنى  غاچ-غاچ  بىر  تەرەپ  قىلالمايدىغان  ھالىڭغا نىمە  قويدى  ساڭا قارا كۆزنى  ئىزدە  دەپ ....................

jahanger130 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:46:31

ئايالىڭىز تۇرۇپ باشقىلارغا كۆڭۇل بەرگەن گۇنا بۇ تارتىشقا تىگىشلىك گۇنا.


ئەگەردە مەن راسلا ياخشى ئادەم دەپ قارسىڭىز ئەڭ ياخشىسى تالاغا قاراپ قالغاننىڭ گۇنانىھىنى تارتىڭ . شۇنىڭ يارىسى ئەڭ تېز تۇگەيدۇ .  


ئۆتكۇنچى ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرسىڭىز تېخى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پۇشايمان ئالدىڭىزدا سىزنى ساقلاپ تۇردۇ.چۇنكى سىزدە ھېش بولمىغاندا 3 كىلو بولسىمۇ ۋىجدان باركەن . ئەڭ ياخشسى ئايالىڭىز بىلەن قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتۇپ كېتىمەن شۇنى ئويلاڭ. باشقىسى بىكار...

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 22:55:15

ۋاي قاپاقباش ئوغاۋالا دىگەن بىرەر مىنۇتنىمۇ خۇشال ئۆتكۈزۈشى كىرەك . قايسى بىلەن خۇشال ئۆتەلىسەڭ شۇنىڭ بىلەن ئۆت . ئوغلۇم كەلگۈسىدە نىمە بولا قىزىمچۇ دىگەننى ئويلىما

network يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 00:21:15

مۇنۇ قاپاق كاللىڭىزنى ئىشلىتىڭ دەيمە؟ ئىغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈپ سىز. بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم، سىز قارىسام ئىشىپ كەتسىڭىز 30 ، بولمىسا 25 ئەتىراپىدا باردەك قىلىسىز، ئۇ قىز19 ياشقا كىردى دىسەك، ئۇقىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سىزنىڭ چوكانلىقىڭىزنى بىلسە بۇنىڭ روياپكا چىقىشى سەل قىيىن ئىش، ماقۇل قىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ سىزگە بەردىمۇ دەيلى، ئادەم مۇھەببەتلەشكەندە، ئارلىشىۋاتقاندا ھەممە نەرسە شۇنچە گۈزەل ، كەمچىلىكنىمۇ قوبۇل قىلالايسىز، ئۆتكەن زامانلاردا نەچچە يىلدىن بىرى بىللە ئۆي تۇتقان ئايالىڭىز بىلەن تەدىرىجى تەرەققى قىلىپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقانسىز.


توغرا ئەرلەر ھىسيات ئىشىقا كەلگەندە بەك بىچارە نازۇك، سىز مۇ كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ تۇرىۋالماي ئۆيىڭىز دە ئايالىڭىزغا كۆيۈنىپ بىقىپ بىللە سىرىتقا چىقىڭ ئاشۇ قىز بىلەن يۈرگەن ئايلانغان جايلارنى ئايلىنىڭ، ھەم ئاشۇرۇپراق قىلىپ بىقىڭ قىنى.


سىزنىڭ سۇيقاش مىجەزىڭىزدىن ئاشۇ قىزنى كەلتۈرۋاپسىز، ئۇمۇ كونىراپ يەنە سۇيقاشلىقىڭىز قىلاسىز ھەقاچان، ئادەم بەك ئاچكۈچ ، بەكمۇ بەك ئاچكۈ.


ئەگەر ئايالىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، قەين ئاتا قەين ئانىلىرىڭىز ياخشى بولسا ئايالىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ.


ئادەم قولىدىكى ئامەتنى چىڭ تۇتىشى كىرەك، بولمىسا چوقۇم قەدىرى ئۆتىلىدۇ.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 00:53:12

بۇياق كاللىسىدا تاللاپ بوپتۇ. بىز نېمە دېسەكمۇ يەنە بەرىبىر ئۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەننى قىلىدۇ.


ئايالىڭىز بىلىدىغان ئوخشايدۇ قىزچاقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگىنىڭىزنى. بولمىسا ئۇنچىۋالامۇ سىقمايتتى، مەيلى پۇلدىن مەيلى ئەركىنلىكتىن بولسۇن. ئىس-بۇسى بېرىپ قالغان ئوخشايدۇ.


تاللىشىڭىزدىن خاپا بولماي بىزنى خەۋەردار قىلىپ قويارسىز.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 01:25:47

بىۋاستە سېزىمىمدە ، ئاۋۇ 19 ياشلىق قىز بىلەن ئۆتسەڭ 4 يىلدىن كېيىن مۇنبەرگە پۇشايمان خېتى يازىدىغاندەك تۇرىسەن ...

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 06:44:59

ئۇ ماڭا ۋاپادار ئىدى، ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ئىنتايىن كۆيۈنەتتى،بىز يېڭى توي قىلغان يوقسۇل كۈنلىرىمىزدە مەن ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان ، بىرلىكتە بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىققان......


------------------------------------------------------------


خوتۇن دىگەن  مۇشۇنچىلىك بولسا بولمىدىمۇ؟ قالغىنى ئەر كىشىگە باغلىق ئىش. كونىلار \"ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن\" دەپ قويىدىكەن، ئەمىلىيەتتە تەتۈرىسىمۇ ئېقىۋىرىدۇ، نى نى ئەشەددى بىشەم-ھازازۇل خوتۇنلىرىنى \"ۋاي، جېنىم ئىرىم\" دەپ سىزغان سىزىقىدىن چىقارمايدىغان ئەرلەر بار دەيمەن  ما جاھاندا .


قىز بالىدەك\" كارىمنى بەرسەم ئىقتىسادتىن قىستى\" دەپ كىتىشلەردىن ئۆرگىلەي، ئۆزىنىڭ گەپلىرىنى يۈرەكلىك خوتۇنىنىڭ ئالدىدا دىيەلمەيدىغان ئەرنىڭ ئۆزىچە مۇھەببىتىم تۈگىدى ئەمدى باشقا خوتۇن ئالايمىكىن دەپ كىتىشلىرىچۇ. نومۇس قىلسىڭىزچۇ ؟  بىرلىكتە جاپا تارتىپ ، ئەمدى ھالاۋەتكە چىققاندا ، ئۆزىڭىز بۇزۇلغىڭىز كېلىپ بىر مۇنچە توقۇناق باھانە كۆرسەتمەڭ ...

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 06:48:17

ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىنى  بىزنىڭ كىلىنچەك يىزىپ قوياپتۇ. \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-3 07:25:55

ئەر كىشىنىڭ خۇۋەينىسىكەنسىز

بەت: [1] 2 3 4 5
: مەن زادى قانداق قىلاي؟ جىددى ياردەم