e_fan1 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 17:04:39

بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) بازارغا سېلىندى

بىلكان شىركىتى نامىدىن بارلىق تورداشلارنىڭ روزى ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز!



بىلكان ئېلېكترون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدىكى مول كەسىپ تەجىربىسىگە ئىگە يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ۋە ئېلىكتىرون ئىنژىنىرلىرى، ياش كارخانىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى قوشۇمچە قىلغان ئېلىكترون، يۇمشاق دېتال شىركىتى.

شىركەت يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال تەتقىق قىلىش؛ مەخسۇس يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكىلىق مەسلەھەت بىرىش، تور مۇلازىمېتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.



بىلكان شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بىلكان پەد روزى ھېيىت كۈنى رەسمى بازارغا سېلىندى.



بىلكان پەد بولسا شىركىتىمىز ھازىرقى ئېلېكتىرون بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل داڭلىق پەدلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش ھەم كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، دىيارىمىزدا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا، مەھسۇلاتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى نۆۋەتتىكى بازار ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلىگەن، مەشغۇلات سىستېمىسىنى Google Android مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرچىنى يادرولۇق قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھالەتتە ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، يۇقۇرى سەپلىمىلىك قاتتىق دېتال مۇھىتى ۋە ئىلغار يۇمشاق دېتال سىستېمىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلات.








قاتتېق دېتال جەھەتتىكى ئاساسى سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە:

1.        SAMSUNG مىكرو كونتروللىغۇچ  ئىشلىتىلگەن. خىزمەت تېزلىكى GHz1 دىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ۋەزىپە ئورۇنداش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك. ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) گىرافىكلارنى قوللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.

2.          MB512 ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن. مەشغۇلاتنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. GB 16 لىق ئىچكى سىغىم بار. ساقلىغۇچ ئۆزىكىگە iNand Flash  ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىش دەۋرى ۋە مۇقىملىقى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان. سىرتتىن GB 32 لىق ساقلىغۇچ كارتىسى قوللايدۇ.

3.        8 دىيۇملۇق 768×1024 ئېنىقلىقتىكى، كوندېنساتورلۇق، كۆپ نۇقتا سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن.

4.        ئىشلىتىش قولاي، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك. چوڭلاردىن كىچىكلەرگىچە ھەممە ئادەمنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىدىن تولۇق چىقالايدۇ.

5. USB ، HDMI ئېغىزلىرى تەمىنلەنگەن. بارماق دىسكا، ياندىسكىلارنى خالىغانچە چېتىپ ئىشلىتىشكە، HDMI ئېغىزى بولغان تېلېۋىزورغا چېتىپ مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. كۆكچىش، سىمسىز تور (WiFi)، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS)، 3G  تورى ئۆزىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئۆزەكلەر تەمىنلەنگەن.

يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1.        ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يادرولۇق قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. مەشغۇلات يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھەم كۆپ خىل تىل-يېزىقنى ئورتاق قوللايدۇ.

2.        يۈز مىڭلىغان ھەقسىز پىروگراممىلارنىڭ سەھنىسى بولغان گۇگىل يۇمشاق دېتال بازىرىدىن تۈرلۈك قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار، ئۆگىنىش دېتاللىرى، ئويۇن قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ.

3.        مەھسۇلاتقا كارتون ئېلىپبە، ئاۋازلىق كىتاب، مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى تەربىيەلەش يۈرۈشلۈك قوللانمىلىرى، ئوقۇش-ئوقۇتۇش تىپىدىكى دېتاللار، ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئېلكىتاب ئوقۇغۇچ قاتارلىق ئۆگىنىش تىپىدىكى دېتاللار تەمىنلەنگەن.

4.        مەخسۇس ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار بازىرى بار. خالىغاندا كىرىپ يۇمشاق دېتاللارنى تاللاپ چۈشۈرۈشكە، يېڭىلاشقا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرى ئۆز نەتىجىلىرىنى تارقىتىشقا، بازارلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

5.        بىلكان كەسپىي يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئەترىتى مەھسۇلات سىستېما ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز يېڭىلايدۇ. ھەربىر خېرىدار ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈرلۈك يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈپ، ئىجادىيەت بىلەن مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن، پۈتۈنلەي يېڭىچە مۇھىت بەرپا قىلىدۇ.

6.        ئېچىۋىتىلگەن. مەزكۇر مەھسۇلات يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، شىركەت مەزكۇر مەھسۇلات مۇھىتى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تۈزۈش، يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئائىت تېخنىكا ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ.

7.        ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىدۇ، يىڭى ئەپلەر قوشۇلىدۇ. مەخسۇس بازارغا كەم دىگەندە ھەپتىدە بىر ئەپ قوشۇلۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

8.        تور ئارقىلىق مەزمۇن تارقىتىلىدۇ. ئېلكىتاب، رەسىملىك كىتاب، ئاۋازلىق مەزمۇنلار تور ئارقىلىق يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.





شىنجاڭ بىلكان ئېلىكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى




www.bilkan.net


بىلىك كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈلدى،مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك سوئالىڭلار
بولسا شۇيەرگە كىرىپ سورىساڭلار.بىلىك كۇلۇبىدىكى تېما ئادرېسى:

http://bbs.bilik.biz/thread-24278-1-1.html





Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 17:50:21

مۇبارەك بولسۇن.. ئىشلەتكەنلەرمۇ تەسىرات يازالىغان بولسا..

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 18:47:30

ئىسىل ئىش بوپتۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 18:47:51

بىرىنچى بولۇپ باھاسىغا قىزىقماي تۇرالمايمەن، ئىستىمال سەۋىيەمگە ماس كەلسە ئاندىن سېتىۋالمىسام ئۆپكەم كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 21:27:57

باھاسى 2500 سوم ئەتىراپىدىكەن ، ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداقكىن باھاسى

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 22:48:16

ما نوچى خەۋەركەن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 09:17:58

يارايسىلەر

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 17:16:22

بىز باھاسىغا بەكەرەك قىزىقىمىز ،يىقىندا كىتاب ئوقۇش ئۈچۈنلا amazon kindleسىتىۋالغان ھاقىقەتەت كىتاپ ساراڭلىرىغا(书虫مەن مۇشۇنداق تارجىمە قىلىپ قويدۇم)ماس كىلىدىكەن ،مۇشۇ توغىرسىدا بىر تىما يوللاشنى ئويلىشۋاتىمەن قارغاندا ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ناتونۇش ئوخشايدۇ بۇ،،،،،

hudayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 23:43:44

بازارغا سىلىنغىنى ياخشى بوپتۇ


كىلونلاش تىخنىكىسى بىزنىڭ جوڭگودىلا بار دىسە شەپكىسىنى ئالماشتۇرۇپلا يىڭىدىن ئىسىم قويىدىغان دىگەندەك .


مىنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى .

بەت: [1]
: بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) بازارغا سېلىندى