abida يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 14:58:22

بىزدىكى سەمىمىي قەلىب مۇشۇنداقمىدى؟



   بىزدىكى سەمىمىي قەلىب مۇشۇنداقمىدى؟




   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


   ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كىچىكىپرەك بولسىمۇ، روزى ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن، راست گەپنى قىلسام مەن بىرەر نەرسە يېزىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان، يازماي دىسەم بەك ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم، شۇڭا يېتەرسىزلىكلىرىمنى ئەيىپكە بۇيرۇماسلىقىڭلارنى سورايمەن.


   تۈنۈگۈن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان بىر تونۇشۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ پاراڭلىشىپ قالدۇق، گەپ ئارىلىقىدا ئۇ دوستۇم بىر ئاچىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئەمدى 10 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ گېپىنى قىلدى، بۇ ئوغۇل 2 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر قىززىپ ئاغرىپ قالغان باھانە بىلەنلا ئىككى پۇتى سەزمەس بولۇپ قالغانىكەن، كېيىن دوستۇمنىڭ ئاچىسى قايسى يەردە ياخشى داۋالاش ئىمكانىيىتى بولسىلا دەرھال شۇ يەرگە ئاپىرىپ، داۋالاشقا بولىدىغانلىكى ئامال بولسا ھەممىسىگە ئۇرۇنۇپ كۆرۈپتۇ، دوختۇرلار ھەر قېتىم بۇ ئايالغا، بىزنىڭ داۋالىشىمىزنىڭ ئۈمۈمى قانچىلىك بولۇشىنى بىلمەيمىز، يەنىلا ئائىلىدىكى سەمىمىي كۆيۈنۈشلەر مۆجىزە كۆرسىتىشى مۇمكىن دەيدىكەن، بىچچارە ئايال ئۆزى تۇل بولسىمۇ قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەستىن داۋالىتىشنى توختاتماپتۇ، ئۆيدىمۇ بالىسىنىڭ پۇتىنى ئۇۋۇلاپ، پۇرسەت بولسىلا بالىسى بىلەن پىكىرلىشىپ بالىسىغا ھەقىقىي ئىللىقلىق يەتكۈزۈپتۇ، بۇ ئايالنىڭ شۇنچە يىللىق جاپالىق ئەجرى نەتىنجىسىدە، ئولتۇرۇپ ماڭىدىغان بۇ ئوغۇل ئەمدى مېڭىشنى ئۆگەنگەن كىچىك بالىدەك بولىسمۇ ماڭالايدىغان بوپتۇ، (ئاللا مۇشۇ ئانىنىڭ سىڭدۈرگەن ھەر بىر ئەجرىگە ھەسسىلەپ مەرتىۋە بەرگەي، ئىنشائاللا)ئەمما بۇ ئانا دوستىلىرىنىڭكىگە ياكى بىرەر يەرگە بارماقچى بولسا بالىسىنى ئېلىپ بارالمىغاندىكىن ئۆزىمۇ بارالمايدىكەن، سەۋەبى بالىسىنى ئېلىپ بارسا، باشقىلار مۇشۇ بالىنىمۇ ئەكىلىپتۇ بۇ يەرگە، بۇ بالا تەرتىپسىز قىلىۋەتتى، ياكى ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدۇ......... دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ چۈشىنەلمىگەندەك بولۇپ يەنە سورىدىم، نىمىشقا ئەمدى؟ چۈنكى بۇ يېزا بولغاچقا كىشىلەر ئاڭلىق قارىمايدۇ، ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ كىشى كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويىدۇ دىدى دوستۇم.  ئەزبىرايى خۇدا! ئەجەبا شۇ ئاجىز مېيىپ بالىنىڭ ھەقىقىي ئىللىق مېھىرلەردىن بەھىرلىنىشى شۇ كىشىلەرنىڭ ئابرويىدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلىدىغان زامان كېلىپ قالدىمۇ ئەمدى؟


نۆۋەتتە جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مىھرىبانلىق ھەدەپ تەرغىپ قىلىنىۋاتقان، نۇرغۇن مىھرىبان ئانىلار، مىھرىبان دادىلار بارلىققا كېلىپ ئاجىز، قىينىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۈن-تىنسىز ئىللىقلىق يەتكۈزۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  بۇ مەسىلىگە بىز قانداق باھا بېرىشىمىز كېرەك؟  بۇ خىل مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراشمۇ ساپا مەسىلىسىگە باغلىقمىدۇ؟



يېزىلىرىمىز ئۆزى ئاددىي بولسىمۇ، تېخى مەدەنىيەتتىن كۆپ ياتلىشىپ كەتمىگەن، ئاقكۆڭۈل، مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىز توپلاشقان ئىللىق بىر ماكان. مۇشۇنداق بىر ماكاندا مېھىرلەر بۇنداق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا (بۇ بەلكىم قىسمەن ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن)، شەھەرلىرىمىزچۇ؟ شەھەرلىرىمىزدە سەمىمىي قەلىبنىڭ ئىپادىلىنىشى قانداقتۇ؟ مەنمۇ ھېس قىلغانلىرىم بويىچە ئازراق دەپ باقاي. ئەتراپىمىزدا ئىللىقلىق، ئاقكۆڭۈللۈكنى سەمىمىي ئىپادىلىيەلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما شەھەرلىشىش قەدىمىدىكى بەزىبىر مەدەنىيەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى سەۋەبلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەردىنمۇ، ساختىپەزلىكلەرمۇ يوق ئەمەستەك. سىز كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە (ئۆزىڭىزمۇ بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ ئىمكانىيەت يار بەرمەي قالسا ئامال يوق) باشقىلارغا سەمىمىي مىھرىڭىزنى ئىپادىلىگەندە باشقىلارمۇ خۇشال بولىدىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سەمىمىي مېھىرلىك قەلىب مىننەتسىز(ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدۇ) ئەمما سىزدىن كۆڭلى سۇ ئىچىپ، خۇشال بولغانلار (ئاز بىر قىسىملىرى) بەزىدە سىز شۇنچىلىك قىينىلىپ، ھەتتا ئۆلەر ھالەتكە كېلىپ قالسىڭىزمۇ ھىچنىمىنى بىلمىگەندەك ساختا قىياپەتتە ئالدىڭىزدا نامايان بولىدىكەن (بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى سىز ئەسلى بىر ئاقكۆڭۈل دەپ قارىغان ئادەمنىڭ باشقىچە بىر قىياپەتتە پەيدا بولۇشى سىزنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ دىمەكچى). دۇنيادىغۇ نۇقسانسىز ئىنسان يوق، ئەمما مەن بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىدىم، ھەقىقىي قەلىبتىن چىققان سەمىمىي مېھىر باشقىچە ئىللىق بىلىنىدىكەن، ئەمما ئاغزىدا يالغاندىن ساختا ئىپادىلەپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە مەنپەئەت ئىشىغا كەلگەندە ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. يەنە بىر بۆلۈك دوستلۇرۇم بار، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلىدە شۇنچىلىك سەمىمىي، ھەقىقىي ئاقكۆڭۈل، ساختىپەزلىكتىن ئەسەر يوق، نىمىشقا ھەممە ئىنسانلار شۇنداق بولالمايدىغاندىمىز؟ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىكى سەمىمىي قەلىب ئەسلى مۇشۇنداقمىدى؟ قەلىبلەرنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى زادى نىمىدۇ قېرىنداشلار؟ قەلىبلىرىمىز ئىللىق مېھىرلەرگە تولغان بولسا، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش يولى چىققان بولاتتى، بىر مۇنازىرە قىلىپ باققان بولساق دوستلار.  

   

petir manta يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 18:23:46

نېمىنى مۇنازىرە قىلىمىز ؟

petir manta يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 18:34:53


مۇنازىرە قىلىپ باقىلى ئەمسە  \"\"


  


مۇنازىرە تېمىسى  : بىزدىكى سەمىمىي قەلىب مۇشۇنداقمىدى؟  


ئا : بىزدىكى ئەمەس بەزىلەردىكى


ب. بىزدىگىنىڭىز بىزئۇيغۇرلارنى كۆرسىتەمدۇ !؟ ئۇنداقتا \"بىز\" نى قۇشۇۋېلىپ نىمە قىلىسز ؟ ئايرىملىقىنى مىللەتكە يۈكلىۋالماڭ


س : دېمىسىمۇ ھازىر جاھان مۇشۇنداق بوپ كەتتى


د :ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ، تەپەككۈرىڭىز تخمۇ جانلانسۇن


ئې : نۆۋەتتە جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مىھرىبانلىق ھەدەپ تەرغىپ قىلىنىۋاتقان، نۇرغۇن مىھرىبان ئانىلار، مىھرىبان دادىلار بارلىققا كېلىپ ئاجىز، قىينىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۈن-تىنسىز ئىللىقلىق يەتكۈزۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  بۇ مەسىلىگە بىز قانداق باھا بېرىشىمىز كېرەك؟   جاۋاپ : ئوبىكتىپ باھا  بىرىشىمىز كېرەك .


ف : پۇل تاپقانسىرى ساپارىمىز تۆۋەنلەپ كىتىپ بارىدۇ . زامان ئاخرى بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ . زامان ئاخرىغا ئاز قالغانسىرى مۇشۇنداق ئىشلار بولىدىكەن .


گ :(ف نىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ ) بۇ سەھىھ ھەدىس ئەمەس


          ئاخرىقى ئىنكاسلار              گ  vs   ف      


\"\"


ئىچىم پۇشۇپ قالدى شۇڭا جۆلۈپ قويدۇم قېنى ئەمسە ئابىدا نىڭ مۇنازىرىسىگە مەرھەممەت . \"\"      


1. مۇنازىرىغا كىرىش


1.1 پاكىت تەھلىلى (1)


     پاكىت تەھلىلى (2)


   باشلاندى ..............   


bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 18:45:23

ھازىرقى بەزى كىشىلىرىمىزگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ، كىشىلىرىمىىز ياخشى بولغان بولسا مەسچىتنىڭ ئىشكىنى تاقاپ قويۇشنىڭ، مەسچىتكە ئامانلىق قوغدىغۇچى قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 21:14:52

سىز ئايرىمىلىقتىن ئۇمۇملۇققا بۇنداق باھا بەرسىڭىز بولماسمىكى(يۇقارقى ئەھۋاللار راس بولسا مەن كىسىپ ئېيتىمەنكى بۇ قىسمەنلىك).بەلكىم دوستىڭىز بۇئىشلارنى كۆپتۇرۋەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.مەن بۇتەرەپلەردە بۇنداق كىشىلەرنى ئەل-جامائەتىنىڭ ئارىغا ئېلىپ مېھرىبانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 21:29:24

بۇ يولداشلارنىڭ قىلغىنى توغرا بولماپتۇ

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 21:30:53

  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم .


   قاخشىماڭ  دوستۇم ، جەمىيەت دىگەن ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ بولىدۇ . ياخشىمۇ بولىدۇ ، يامانمۇ بولىدۇ . يامانلار بولغاچقىلا  ياخشىلارنىڭ بار ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرىمىز . بەزى بىر مەسىلىلەرنى كۆرۈپ ۋە كۈزىتىپلا  ھەممىسى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دىيىش بىر تەرەپلىمىلىك ، ھەم ، بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا قىلغان بەزى ئىش - ھەرىكەت ، گەپ - سۆزلىرىدىن ئۇ كىشىلەر زادى مۇشۇنداق ئىكەن دەۋىتىشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس .  


  جەمىيەتنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىدە بەلكىم سەۋەپلەر كۆپتۇ ، لېكىن شۇ سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى  كىشىلەرنىڭ بىر - بىردىن  مىھرىنىڭ ، ئەڭ مۇھىمى ئىشەنچنىڭ  كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ، دەپ قارايمەن . تەڭدىن تولىمىزدا  ئارمانغا چۈشلۇق  دەرمان بولمىغاندىكىن .


   

بەت: [1]
: بىزدىكى سەمىمىي قەلىب مۇشۇنداقمىدى؟