oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2011-8-31 17:41:09

ھىيتلىق پۇل نەگە

ھەر ھىيىت كەلسە ھىيىتلىق
ئالاتتۇق چوڭلاردىن، ئاجايىپ خوش بولاتتۇقتە، نىمە ئالسام بولار ئۇ پۇلغا
دەپ...  ئۆيدىكىلەر بىلەن ھىيىت قىلىپ باقمىغىلى 13 يىل بولاي دەپتۇ...
مانا ئەمدى ھىيىتلىق بىرىدىغان يىشىمغا كەلدىم. لىكىن بۇ يەردە مەن
ھىيىتلىق بەرگىدەك كىچىك بالا يوق... خەيىر، ما تىخنىكا دىگەن يامان نەرسە،
شۇ تاپتا توردىنلا ھىيىتلىق بەرگىلى بولىدۇ خالىسىڭىزلا. بۇگۈن بۇ يەردە
ھىيىت قىلدۇق، ئەلۋەتتە، بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنە شۇ تەجىربىخانىدا ئۆتتى بىر
كۈنۈم. ھەر ھالدا ھىيىتلىق ئەۋەتتىم، ئۇيغۇر ئاكادىميەسىگە، ئۇ يەردە
ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى، توغرىسى كەلگۈسى مائارىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن
ئىشنى يىڭى باشلىغان پىدائىي قىرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلارغا تىخى بىركىم
تۇتاملاپ پۇل بەرگۈدەك بولمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى كۇرىسلارنى ئىچىپ
دىگەندەك، ئۇيغۇر ئاكادىميەسىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق قىلىش ئۈچۈن ھەر
قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئالغا سىلجىتىپ كىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ يەردە جىق ياردەم
قىلالمىغاندىن كىيىن، قولىمىزدىن كىلىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىپ بولسىمۇ
ئۇلارغا ئىلھام بىرىپ تۇرۇش باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتىمىز. ھىسابتا
روزا ھىيىتتا بەرگەن زاكاتىمىز!



                                               



ئەسلى ۋەتەندىمۇ "بىر سوم پىلانى" دىگەندەك پۇل بىرىشكە تىگىشلىك يەرلەر
بار ئىدى. لىكىن بىز نىمىلا ياخشى ئىش قىلساق تاقىشىدىغان يەرلەر باركەن،
پۇل ئەۋەتەي دىسەم چەتتىن پۇل ئالالمايمىز دەپتۇ، مەيلى دەپ توغرا
چۈشەندىم. لىكىن ئۇيغۇر ئاكادىميىسىمۇ ئوخشاشلا، ۋەتەنگە ئەۋەتكىلى بولمىسا
ئۇيغۇر ئاكادىميەسىگە ئەۋەتىمىز، تاقىشىدىغان يەر يوق. ئۇلارمۇ پۇلنى شۇ
چەتكە چىقىشقا تىرىشۋاتقان بالىلار ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاكادىميەسىنىڭ ناھايتىمۇ
مەنىلىك پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەگەر قىزىقسىڭىز سىزمۇ سىناپ
بىقىڭ، ئادەتتە بىۋاستە بانكا ئارقىلىق ئەۋەتىش رەسىميەت ھەققى ئىغىر، ھەم
بەك ۋاقىت ئالىدىغان ئىش. paypal غا ئوخشاش ۋاستىلەر ياخشىراق. بۇ ھەقتە
بىر تىما يازغان ئىدىم بۇرۇن چۈشەندۈرۈپ(ئۇلىنىش پەستە). شۇ تاپتا پۇل ئىئائە قىلىش
كۇنۇپكىسىنى بلوگىمغىمۇ ئۇلاپ قويدۇم، بلوگ بىتى ئوڭ يان تەرەپتىكى بەلگىگە قاراڭ،
ئەگەر سىزدە paypal ھىساباتى بولسا، شۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا سىزنى
ئۇدۇللا ئۇيغۇر ئاكادىميىسىنىڭ paypal ھىساباتىغا ئۇلايدۇ، ئۆزىڭىز خالىغان
قىممەتنى يىزىپلا ئەۋەتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. رەسىميەت ھەققى بەكلا ئاز، ھەم
پۇلمۇ شۇ ھامان يىتىپ بارىدۇ. ئەگەر خالىساڭلار شۇ كۇنۇپكىنىڭ كودىنى
تۆۋەنگە ھەم يىزىپ قويدۇم، بۇ كودنى تور بىتىڭىزگە كىرگۈزۈپ قويسىڭىز تىخى
ياخشى، بولسا تىخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ قوللاپ بىرىشىنى تىلەيمەن.


تور بەتكە چىقىرىش كودى , ئىشلەتكەندە كود ئالدىدىكى قۇدۇق بەلگىسىنى ئىلۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ


##<form action="https://www.paypal.com/cgi-bin/webscr" method="post">

<input type="hidden" name="cmd" value="_donations">

<input type="hidden" name="business" value="uyghuracademy@gmail.com">

<input type="hidden" name="lc" value="US">

<input type="hidden" name="item_name" value="Uyghur Akadimiyesi">

<input type="hidden" name="no_note" value="0">

<input type="hidden" name="currency_code" value="EUR">

<input type="hidden" name="bn" value="PP-DonationsBF:btn_donateCC_LG.gif:NonHostedGuest">

<input type="image"
src="./btn_donateCC_LG.gif" border="30"
name="submit" alt="PayPal——最安全便捷的在线支付方式!">

<img alt="" border="0" src="./pixel.gif" width="2" height="2">

</form>##






Paypal غا قىزىقسىڭىز بۇ تېمىغا قاراڭ


http://achinuq.blogbus.com/logs/73098213.html


ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ روزا ھىيتىنى مۇبارەكلەيمەن!

ھۆرمەت بىلەن،

OghuzKB

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-8-31 20:21:12


ئۇچۇر يازغىلى بولىدىكەنغۇ مانا.

بەت: [1]
: ھىيتلىق پۇل نەگە