Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 07:24:11

ئېنىرگىيە ۋە يىڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئېنىرگىيە ۋە يىڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە



ئېنىرگىيە مەسىلىسى ھازىرقى ۋە بۇندىن كىيىنكى ئەڭ مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى بولىشى ئېنىق. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ ياشىشىدا ۋە تەرەققىي قىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدە ئېنىرگىيە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.



ئېنىرگىيە دىگەن نىمە؟ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ئېنىرگىيە دىگىنىمىز ئىش ئىشلەيدىغان كۈچ نى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتى بار كىشىلەر بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە مەلۇم تونۇشقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. كۈچ، ئېنىرگىيە، قۇۋۋەت دىگەن ئۇقۇملار بىر-بىرىگە يىقىن، بىرى بىلەن يەنە بىرىنى ئىزاھلىغىلى بولىدۇ دىمەك بۇ ئۇقۇملار ھەر بىرىمىزگە يات چۈشەنچىدە ئەمەس.



ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات بارچە مەخلۇقاتلار مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى، ھالبۇكى بۇ جەريان ئېنىرگىيە سەرىپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش جەرىيانى. ئىنسانلار ئىنىرگىيەنى ئۆزلىكىدىن يارىتالمايدۇ بەلكى ئۇنىڭدىن ئېچىپ، قېزىپ پايدىلىنىدۇ. ئېنىرگىيە بىلەن ماددى دۇنيا ئوتتۇرىسىدا ئالمىششى بولىدۇ دىمەك ماددى مەۋجۇتلۇق ئىنىرگىيە ئالمىشىشتىن بولىدۇ.



ئەمسە شۇ قۇۋۋەت ۋە ئېنىگىيەلەرنى قانداق تاپىمىز؟ ئىنىرگىيە مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ بۇ ئاممىباپ يازمامدا مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېنىرگىيەنى تونۇش، ئىنىرگىيە مەنبەلىرى، ئېنىرگيە ئالمىشىش قانۇنىيەتلىرى، بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى ئاددى تىللار بىلەن چۈشەندۈرىلىدۇ. يازمىدا ئالدى بىلەن ئىنىرگىيە، قۇۋۋەت ۋە كۈچ لەرگە قىسقىچە ئىزاھات بىرىمىز ئاندىن ئوخشىمىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرى تونۇشتۇرلىدۇ، كەينىدىن ئېنىرگىيە ئالمىشىشنىڭ ماددى ئاساس شەرھىيلىنىدۇ ئاخىرىدا شۇنداقلا يازمىنىڭ ئاساسلىق مەخسىتىدە بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىش ھەمدە يىڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ۋە پىرىنسىپى قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ.


............................................................................


بۇنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ بۇ تېمىنى باشلاپ قويدۇم، ئاخىرىلاشتۇرۇشقا كۆزۈم يىتىدۇ. مەخسىدىم بىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش. ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق تەبئيى پەن ساۋاتلىرىغا قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس، بۇنداق بىلىملەرنى توردىن، كىتاپتىن ئاختۇرۇپ تاپقىلى بولىدۇ لىكىن بىزنىڭ ئاختۇرۇش، ئوقۇش قىزغىنلىقىمىز ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىلھام ۋە قىزغىنلىق بىزنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىمىزغا يېشىل چىراق يېقىشى ئىھتىمال.


يازمىنى يېزىش ئويىلا بار لىكىن كاللىدىكى چۈشەنچىدىن باشقا تەپسىلى ماتېرىيال توپلانمىغان بولغاچقا بۇ يازما دەرھال ۋە تىز سۈرەتتە پۈتۈپ چىقماسلىقى مۇمكىن. تورداشلانىڭ ۋە شۇ ساھەدىكى ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمە بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 08:34:20

فىزىكا توغىرىلىق گەپ چىقسىلا قاسىم سىدىق يادىمغا كېلىۋېلىپ دىسە\"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 09:50:58

ئالدى بىلەن ئېنىرگىيە ھەققىدە ئېنىقىراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.



ئېنىرگىيە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى



ئېنىرگىيە دىگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىۋىگە ئېنىگىلىزچە «energy » دىگەن سۆزنى لاتىن ھەرىپى بويىنچە ئەينى تەلەپپۇز قىلىنىشى بىلەن كىرگەن، ئىنگىلىزچىغا قەدىمكى گىرىكچە سۆز «energeia» دىن كىرگەن بولۇپ ھەرىكەت، پائالىيەت، مەشخۇلات دىگەن مەنىلەردە كىلىدۇ[Harper, Douglas. \"Energy\". Online Etymology Dictionary. http://www.etymonline.com/index.php?term=energy. Retrieved May 1, 2007.].


فىزىكىلىق مەنىسى بويىنچەئېنىرگىيە دىگىنىمىز بىر جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا نىسبەتەن(قانچىلىك) ئىش ئىشلەش ئىختىدارىنى كۆرسىتىدۇ [^ \"Retrieved on 2010-Dec-05\". Faculty.clintoncc.suny.edu. http://faculty.clintoncc.suny.edu/faculty/michael.gregory/files/bio%20101/bio%20101%20lectures/chemistry/chemistr.htm. Retrieved 2010-12-12.]. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ سىرىتقا نىسبەتەن قانچىلىك قۇۋۋەت سەرىپ قىلالىشىمىزنى، قانچىلىك ئىش ئىشلىيەلىشىمىزنى ئۆلچەيدىغان فىزىكىلىك مىقدارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا فىزىكىلىق مىقدارلاردەك ئېنىرگىيەنى بىۋاستە ئۆلچىگىلى ۋە كۈزەتكىلى بولمايدۇ.قۇۋۋەت بولسا ئىش ئىشلەشنىڭ تېز-ئاستىلىقىنى ئۆلچەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار.


دىمەك كۈچ بىلەن ئىش ئىشلىنىدۇ، قۇۋۋەت سەرپ بولىدۇ، ئېنىرگىيە ئالمىشىدۇ. نوقۇل ئادەمنى مىسالغا ئالساق، ئادەم بەدىنى سىرىتتىن ئېنىرگىيەنى ماددا شەكىلدەقوبۇل قىلىپ، ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى توقۇلما ۋە مىكرو ئورگانلارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىگە سەۋەب ئېتىدۇ، ئۇندىن باشقا تاشقى ھەرىكەت ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئېنىرگىيەنىڭ ماددىغا ماددىنىڭ يەنە ئېنىرگىيەگە ئالمىشىش جەريانىدۇر. ئېنىرگىيەنىڭ فىىزىكىدا بىرلىكى جول (Joule) يەنە بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرلىكى كىلۇۋاتسائەت (kWh)، شۇڭا قۇۋۋەتنىڭ بىرلىكى كىلۇۋات (kW).


ئىنىرگىيەنى ھەرخىل كاتاگورىيە بويىنچە تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. چوڭ مەنىدىن ئېنىرگىيەنى قوياش ئېنىرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى، خېمىيلىك ئېنىرگىيە، يادرو ئېنىرگىيەسى،... دىگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. فىزىكىدا ئېنىرگىيەنى پوتېنسىيال ئېنىرگىيە ۋە ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى دەپ ئىككىگە بۆلىمىز(يادرو ئېنىرگىيسى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس).


بىز بۇ يەردە ھەرىكەت ۋە پوتېنسىيال ئېنىرگىيەلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت چوڭ مەنىدىكى بۆلىنىشى بويىنچەبۇ يازمىنىڭ ئەسلى مۇدداسىغا يول ئاچىمىز. ئاساسلىق مەخسىدىمىز قوياش ئېنىرگىيەسى، ئۇنىڭ ئايلىنىش جەريانى ۋە بۇندىن كىيىنكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يۈلىنىشى ۋە تېخنىكا پىرىنسىپىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتۇر. ئەمەلىيەتتە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار پايدىلىنىۋاتقان ئېنىرگىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوياش نۇرى ۋە ئىسسىقلىقىدىن كەلگەن ھەم كىلىدۇ...



يەريۈزىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىش جەريانى



ھەممىمىز بىلىدىغان ئاددى چۈشەنچە، قوياش يەر يۈزىدىكى بارچە ئېنىرگىيەنى تەمىن ئەتكۈچى مەنبە. قوياش ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىرگىيەنى قانداق چۈشىنىمىز؟ قوياش بولسا يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 150 مىلىيۇن كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت.ئۇ يەرشارىغا نىسبەتەن غايەت زور بىر ئوت شارى بولۇپ، يەر بىلەن يەنە يەتتە پىلانىتنى ئۇلارنىڭ ھەمرەھلىرى بىلەن قوشۇپ تۇتۇپ تۇرۇپ قوياش سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.


قوياش يۈزىدە ھەرۋاقىت شىددەتلىك زەنجىزسىمان يادرو رىئاكسىيسى يۈز بىرىپ تۇرىدۇ، يەنى ئېنىشتىيىننىڭ مەشھور بولغان ماسسا ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى (E=mc2) گە ئاساسەن ھىدروگىن ئاتوم يادرولىرى بىرىكىپ گېللىي (He4) نى ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگەئېنىرگىيەنى يورۇقلۇق (شۇنداقلا ئىسسىقلىق) شەكىلدە سىرىتقا تارقىتىپ تۇرىدۇ...


\"Qoyash\"

















قوياش يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ تەخمىنەن 5700 كىلىۋېن (K)كىلىدۇ. يەر بىلەن ئارلىقى يىراق بولغاچقا مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا ۋە يۇرۇقلۇق يەر يۈزىدىكى ھاياتلىقنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.


زادى قانداق؟ يەر يۈزىنىڭ قوياشنى ئايلىنىش دەۋرىيلىكى پەسىللەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىسسىق سوغۇقنىڭ ئالمىششى يەر يۈزىدىكى سۇنى ھەر قايسى يەرلەرگە تەخسىملەيدۇ، ئۆسۈملۈك ، ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار زەنجىرسىمان ئوزۇقلۇق تورىنى، ھاياتلىق تەڭپۇڭلىقىنىشەكىللەندۈرىدۇ،...دىمەك قوياش نۇردىن ئالغان ئېنىرگىيە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تىن ماددى ھالەتكە يەنى خىمىيلىك ئېنىرگىيەگە، ھەرىكەت ھالەتكە يەنى فىزىكىلىق ئېنىرگىيەگەئۆزگۈرىدۇ، بۇ ماددى ھالەتتىكى ئېنىرگىيە يەنە ھەرخىل شەكىلدىكى ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ ھەرىكەت ۋە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ تۇرىدۇ...


ئىنسانلار ئەزەلدىن قوياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ كۈنىمىزدە ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ماددا نىفىت ۋە كۆمۈر، يەنى يېقىلغۇ بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە نىفىتمۇ قوياش ئېنىرگىيسىنىڭ مەسھۇلى. ماشىنىلار، ئايروپىلانلار، زاۋۇت-كارخانىلار بۇلارسىز كىرەكسىز تۆمۈر تەسەك دۆۋىسىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرى قايتىلانما ھالەتتىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ۋە دەۋىرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كۈندىن-كۈنگە ئېنىرگىيە كىرزىسى يىقىنلاپ كىلىۋاتماقتا. (ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى تۈرلۈك جەڭگە جىدەللەر ۋە ئارامسىزلىق قىرغىنچىلىقلار مۇشۇ ئېنىرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك).


ھازىرقى ماشىنا-ئاپتۇمبىللار قۇمدەك كۆپ بولغان، ئايروپىلانلار قىتئەمۇ قىتئە ئۇچۇپ يۈرگەن دەۋىر بەلكىم بىر زامانلاردا تارىخقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن! ئىنسانلار بۇ ئېنىرگىيەنىڭ ئورۇننى تولۇقلايدىغان يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. يادرو ئېنىرگىيسى گەرچە ياخشى بىر كاندىدات بولسىمۇ ئۇنىڭ خەۋپ خەتىرى، تەھتىدى ئۇنى غايىدىكىدەك ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چېرنوبىل ۋەقەسى، يىقىندىكى ياپۇنىيەدىكى يادروئېلىكتېرزاۋۇتى ۋەقەسى ئىنسانلارنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئۇزۇندىن بۇيان يادرو يىقىلغۇسىنى تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش بىر باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ...


ئەمدى گەپنى يىغىنچاقلىساق قوياش تەمىنلىگەن ئېنىرگىيەدىن قانداق قىلىپ ئۈمۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات يولىنى ئېچىش ھازىقى تەتىقىقاتچى،ئالىملارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت! ھازىر پۈتۈن دۇنيادا نەچچە يۈزمىڭلىغان ھەتتا مىليۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى مۇشۇ ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، پاكىز ۋە ئايلانما ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. بۇلاردىن ئەڭ ئاساسلىقى «قوياش ئېنىرگىيە باتارىيسى» (solar cell) تەتقىقاتىدىن ئىبارەت.


ئەمدى كىلەركى بەتتە مۇشۇ قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى ھەققىدە توختىلىمىز.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 09:51:23

قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى



توك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار بىزگە ناتونۇش ئەمەس لىكىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قوياش نۇرىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان ماشىنىلارنى كۆپىنچىللىرىمىز كۆرمىگەن بولىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قارا تاختا دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان قوياش ئېنىرگىيە باتارىيسى دىن ئىبارەت.



نۇر-توك ئۈنىمى بولسا يورۇقلۇقنىڭ ئېلىكتىر توكىغا ئايلىنىش جەرىيانىنى كۆرسىتىدۇ يەنى نۇر، نۇردىن توك ھاسىل قىلالايدىغان جىسىم يۈزىگە چۈشكەندە جىسىمدا ئېلىكتېر بىسىمى ھاسىل بولۇش ئەمەلىيتىنى كۆرسىتىدۇ.


نۇر-توك ئۈنىمى 1839-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى ئالېكساندر ئەدموند بېكۈرېل (Alexandre-Edmond Becquerel ) تەرىپىدىن بايقالغان[].


\"\"


ئومۇمەن نۇردىن ئېلىكتىر توكى ھاسىل قىلىنسىمۇ نۇر-توك ئۈنىمى فوتو-ئېلىكتىر ئىففىكتى يەنى نۇر-ئېلىكتىر ئۈنىمى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ. نۇر-ئېلىكتىر ئۈنىمى ھەققىدە ئىلگىرى «نۇر دىگەن نىمە» دىگەن تېمىدا تەپسىلى توختالغان بۇ يەردە ئۇنى قايتا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. بۇ يەردىكى نۇر-توك ئۈنىمىدە يورۇقلۇق جىسىم يۈزىگە چۈشكەندە جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىكترونلارنىڭ جىسىم ئېنىرگىيە بەلباغلىرى ھەققىدە يۆتكىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك تونۇشىمىز.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 10:10:06

قاسىم سىدىقنى ئويلىما ئەمدى . كەشپىياتچى ئالىمجانغا ئىشەن \"\"

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 10:51:51

كىم ئۇ ئالىمجان دىگەن؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 11:03:37

يان تېلفۇنۇمنىڭ توكى بىر ئاي يەتسە؛ ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن 220ۋولت ئۆزگىرىشچان توك چىقىرالايدىغان، توكى نەچچە يىلغىچە تۈگىمەيدىغان باتارىيە بولسا، شۇ باتارىيىنىڭ توكى بىلەن قىشتا ئۆينى ئىسسىتساق(يېزىلاردا كۆمۈر گازىدا زەھەرلىنىدىغان ئىشلار بولمىسا)، يازدا سوۋۇتساق، تاماق ئەتسەك، مۇنچىنى ماڭدۇرساق، ئىزدىنىشقا ئىنكاس يىزىۋاتقاندا توك ئېگىز پەس سەكرەپ كومپىيۇتېر قايتا قوزغىلىپ كەتمىسە...؛ بارلىق ئاپتۇمۇبىللار باتارىيە بىلەن ھەرىكەتلەنسە، قوڭىدىن سېسىق ئىس چىقمىسا...   مەن مۇشۇنداق خام خىيال قىلىمەن

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 14:57:46

بايىلام <电机学,电力系统理>دىگەن دەرىسلەرنى ئاڭلاپ چىققان ،قارىغاندا بۇ تىما بىلىملىرىمنى تولوقلىغىدەك،


ھە راست ئاۋۇ دولقۇندىن ئىنىرگىيەگە ئىرىشىدىغان( توك چىقىرىدىغان )قۇرۇلما توغىرسىدا چۈشەنچىڭىز بولسا يىزىپ قويسىڭىز ،ما بىزنىڭ مۇئەللىممۇ تولۇق چۈشەندۈرەلمىدى،،،،رەخمەت

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 17:27:21

ئالدى بىلەن يازمىنىڭ تىمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتسەڭلەر بولغۇدەك.


باچكا قارى تېلفۇنغا توك قاچىلايدىغان كۈن نۇرى باتارىيەسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان، بولسا باچكا ئېنىقراق ئۇچۇر بەرسىڭىز،نەدىن ئالغان، ئىقتىدارى قانداقكەن دىگەندەك.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-29 21:29:18

\"\"ياخشى


ئالدىرىماي يېزىۋېرىڭ


تېما جەۋھەرلەش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلسە جەۋھەرلەپ قوياي



espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-8-30 07:00:51

بىلىگ يۇمۇردىن ئېنىرگىيەگە يەنە تەمبۇرغا...\"\" ئىتالىيە ناخشىلىرىدىن بىرەنى ئەمدى\"\"


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-30 10:14:14

تاۋباۋدىن ئالغان، 80 يۈەنمۇ كەلمەيدۇ، چوڭلۇقى ئالقانچىلىك كېلىدۇ، نېپىز، ئۈستىدە كۇن نۇر تاختىسى بار، ئىچىدە باتارىيە بار، ھەم كۈن نۇرىدىن، ھەم usb دىن توك قاچىلىۋالىدۇ. لازىم بولغاندا گالىسكار قەلئەسىگە بېرىپ، ئۇنى چىقىرىپ، چىقىرىش ئېغىزىغا usb سىمنى چېتىپ: «ھەي!!.. ماڭا توك ئاتا قىلغىن!.. مەن خىيمەن!.. » دىسىڭىزلا بولىدۇ.ھاھاھا..



90- نومۇرلۇق رادىئوئاكىتىپ ئېلېمىنت تورىيوم (Thorium) يېقىلغۇ قىلىنىدىغان، سۇۋۇتۇش مۇنارى كەتمەيدىغان، بىخەتەرلىكى يوقىرى ئىخچام ئېرىتمە تۇزلۇق تورىيوم يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەققىدە يېزىپ قوياي دىسەم ۋاقىت يەتمەيۋاتىدۇ. تورىيومنىڭ مىقدارى ئۇراندىن كۆپ، دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۇچرايدۇ. تورىيومنىڭ يادرو قالدۇقىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى نەچچە بوپ كەتتى ئەمدى، ئۇراننىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 4 مىليارت 500 مىليون يىل بولۇپ، بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، «مەڭگۈ» بولىدۇ.




دۆلىتىمىزمۇ تورىيوم ئاساسىدىكى تۇز ئېرىتمىلىك يادرو قازان سىستېمىسى تۈرىنى باشلاپتۇدەك، كەلگۈسى 40 يىلدا، يادرو ئېنېرگىيە قوللىنىشى 20 ھەسسە ئاشقۇدەك!



تورىيوم ئېلېنىدىغان ماۋۇ تەبئىي نەرسىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ، بىزنىڭ قۇم تاغلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى دىسە:

\"\" راست شۇنداق بولسا...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-30 12:03:11

مۇنبەر ئىختىدارىغا يەنە بىر تەكلىپ!


مۇمكىن بولسا يېزىلغان يازما ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆزيازمىسىنىڭ ئورگىنالى شەكىلدە ساقلىنىپ قالىدىغان قىلغىلى بولسا.


بايا بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى بىرمۇنچە يېزىپ بولغاندا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى\"\"، يوللاشتىن بۇرۇن يا ساقلىۋېلىشنىڭ ئورۇنى بولمىسا.


بەت: [1]
: ئېنىرگىيە ۋە يىڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە