خەتنە توي شېئىرى
قىزىق ئىشلىرىمىز بار جۇمۇ ئىشقىلىپ،شېئىرنى تىللىغىلى خېلى زامان بولغان،شۇندىمۇ بالىلىرىمىز ئەللەي بىلەن ئۇخلايدىكەن،ماتەمدە قوشاق توقۇيدىكەنمىز،ئەمدى شېئىر ئوقۇپ كېسىپ قويىدىغان ئىشلىرىمىزمۇ چىقىپتۇ.
ئەلقىسسە،جيەنىمنىڭ خەتنە تويىغا بىر كوبلىتلىق شېئىر لازىم بولۇپ قالدى.ھازىر خەتنە تويدا بالىنىڭ ئۆزى چىقىپ شېئىر ئوقۇيدىغان ئىش مودىكەنغۇ،ھە شۇندىغىدىن.بولمىسىغۇ ئۆزەمنىڭ خەتنە تويۇم شۇنداق ئاددى ساددا ئۆتكەندەك قىلغان.
ئاڭلىغانلىرىڭلارنى تاشلىساڭلارمۇ ھىساپ،تاللانغاندا يوللىغۇچىغا رەھمەت-ھەشقاللا بىلەن سۆيۈنچىمىزمۇ بار.
تۆۋۋە چاقچاققا ئايلاندۇرۇۋەتمەڭلار ھە.
تولۇپ بۆگۈن يەتتە ياشقا،
كېلىپ قالدى كېسىدىغان كۈن.
تۈۋىدىن كەسمەي جايىدىن كەسكىن،
خاتا كەسسەڭ ئۆچۈپ كېتەر ئۈن.
شېئىر يازالمىساممۇ قوشاق ئويناپ قويدۇممەتۇكام ئەيىپكە بۇيرۇمىغاي
توي بۇگۇن،نەزمە بۇگۇن
ئوبدان يەپ ئىچىڭلار دەپلا ئاخىرلاشتۇرسا پىچەت چىقۇدەك..
يىڭى قايىدە چىقىرىشقا بىزدەك ئۇستا خەق يوق...
چىدىم بۈگۈن 6 گە،
چوڭ داش قازان ئېسىڭلا
يىغلاپ سالماي تويۇمدا
ئاغرىتمايراق كېسىڭلا
8- قەۋەتتىكى biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يىڭى قايىدە چىقىرىشقا بىزدەك ئۇستا خەق يوق...
چىدىم بۈگۈن 6 گە،
چوڭ داش قازان ئېسىڭلا
يىغلاپ سالماي تويۇمدا
ئاغرىتمايراق كېسىڭلا
ھاھاھا ! كەپتۇغۇ ! مەنمۇ چېقىشىپ قوياي مەتۇراخۇن بىلەن.
ئوغلىمىز
كىرىپ قاپتۇ يەتتتىگە.
چوڭ بولغاندەك ھەپتىدە.
كىلىشكەيلا
دوممباق قىلىپ قولتۇقنى
يا بولمىسا يانچۇقنى
دومباق قىلىپ پەتىگە
جاللاتمۇ بوش قويماپتۇ بۇ سورۇننى، دېسە دەۋەرسۇن، مەتۇراخۇن ئۈچۈن قوشاق قوشتۇم مانا
بىر ئوغۇل بەردى بىزگە رەببىمىز،
ئالتە ياشقا كىردى ماڭا ئوغلىمىز.
مەرىكىگە دوستىخاننى راسلىدۇق،
كېلىدۇ دەپ يرت-جامائەت، دوستىمىز.
مەن بىرنى دەي.....
كىچىكىمدە ئوينايتتىم
تاپانچا بىلەن قونچاقنى
بىر تۇخۇمغا گول قىلىپ
كىسىۋەتتى مونچاقنى..
مەتۇ خەتمە تويدا يىگىت سەھنىگە چىقىپ ئوقۇيدىغان شېئىرنى دەيدۇ باللا ،كېسىۋاتسا شېئىر ئوقۇشقا كىمنىڭ چولىسى
ئاتام مېنىڭ شاھانە تەختىم،
ئانام مېنىڭ مەڭگۈلۈك بەختىم.
نەتىجەمدىن دەستە گۈل تىزىپ،
قىلاي دەيمەن سىلەرگە تەقدىم.
مانا بۈگۈن سەپكە قېتىلدىم،
ئەجرىڭلاردىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالاي.
ئاتا رازى، ئانا رازى،
خەلقىمنىڭ مەرت ئوغلانى بولاي
ماۋۇ شېېرنىڭ ساقال بۇرۇتلىرىنى ئازىراق ئوڭشاپ بەرسەڭلار بۇمۇ بوپ قالىدىكەن بىزنىڭ بىر تۇققاننىڭ تويىدا ئۇقۇلغان شئېر ئىدى .
باللا ماۋۇ خەتنە توي شېئىرىكەن، خەتنە تويىدا مېھمانلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان (ئۈرۈمچىدىن تارقالغىلى تۇرۇپتىدە ئەمدى بۇ ئىشمۇ ) ئەرىكتېكىن دېگەندەك .
خەتنە قىلىش مارشى يېزىۋېتىپسىلەن
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ،
تويغا كەلگەن مىھمانلار.
داخىل بولۇپ تويۇمغا ،
دىدارلىشىپ كۈلۈڭلار.
ئاتا -ئانام سۆيۈملۈك ،
مېنىڭ ئۈچۈن قۇت تىلەر،
ئەمدىلىكتە سىلەرمۇ،
دۇئا بىرىپ كىتىڭلار .
سىلەر بەرگەن دۇئادا ،
مەن كۆكىرەي ئەر بولۇپ
ئاتام قويغان ئىسىمدا ،
ئەل ئاغزىدا بىر بولۇپ
بىر، ئىككى، ئۈچ،
سۈننەت تويغا كۆچ.
ئاپام مېنى تۇغقاندا،
بىزلەر بولغان ئۈچ.
kalib ۋە petir manta ئىككەيلەننىڭمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
ياخشى قائىدە بۇ، خۇددى قەبرە تېشىغا ئۇيغۇرچە خەت يازغاندەك(ۋاپادارىمنىڭ تىمىسىغا قاراڭ: قەبرىمىزنى تېپىش ئۈچۈن).
خەلق ئارىسدا مۇشۇنداق قائىدىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
تېما بۇرۇلۇپ كەتمىسۇن...
ئەسلى خەتنى توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى قائىيدە ئەمەس ئىدى... شئېر ئوقۇشقۇ بىرگەپ ھازىر« يىگىت» نىڭ ئانىسى مانچە پۇلغا ئالاھىدە گىرىم قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى چاقىرىپ، ساز-پاز داقا-دۇمباق بىلەن مەرىكە ئۆتكۈزىدىكەن. ئاياللارنىڭ رەخ-پەخ لاتا-پۇتا جىدىلى مۇشۇ تويدا بەك بولىدىكەن، كىشىلەر ئىچىدە يىغلاپ تۇرۇپ ئادىمگەرچىلىك قىلىدىكەن... بۇنداق قايدىلەر ئاۋال شەھەرلەردە پەيدا بولۇپ، يېزىلاردا ئومۇملىشىپ كىيىن قېلىپلىشىپ، دىخانلارنى شۇنداق قىلمىسا «سەت تۇرىدىغان» قىلىۋىتىدىكەن...