izdinix يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:28:54

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار


ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ئىزدىنىش تورىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلار !

  ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئىزدىنىش تورىنى قوللاپ كىلىۋاتقانلىقىڭلارغا چۇڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! ئىزدىنىش تورى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۇپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلدى. نەچچە تاقىلىپ نەچچە ئېچىلىپ بەزىلەر ئۇمىدسىزلىنىپ كېتىپ قالدى. بەزىلەر ھازىرغىچە ئىزدىنىش تورىنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ئىزدىنىش تورى رەسمى شىركەت بۇلۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ تىرىشىشى ئاستىدا ئىزدىنىش تورى رەسمى ئەسلىگە كەلدى ھەمدە بارلىق قانۇنى رەسمىيەتلىرى تۇلۇق ھالەتتە قايتا ئېچىلدى. ئىزدىنىش تورىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئېچىلىشدا باشقا مەسلە يوق.

دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىش مۇنبىرى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. مۇنبەر پروگراممىسىنى ئۇستازىم مىسران بىلەن نۆلدىن باشلاپ يازغان بولغاچقا نۇرغۇن خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئىزدىنىشنى سۆيىدىغان تورداشلار يەنىلا بىزنى داۋاملىق قوللاپ كەلدى. نۇرغۇن تورداشلار بىزگە تەييار پروگىراممىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى. بىزمۇ تەييار پروگىراممىنى ئىشلەتسەك تامامەن بۇلاتتى ،ئەمما ئىزدىنىش شىركەت بۇلۇپ قۇرۇلغانكەن ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ نىشانىمىز ئارمانىمىز بار. بۇ يالغۇز بىزنىڭ شىركەتنىڭلا ئارمانى بولماستىن بەلكى پۈتكۈل ئىزدىنىشلىقلارنىڭ ئارمىنى . ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا كەسىپلەشكەن تور بەتلەردەك داڭلىق تور بېتى بولمايدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ. مۇشۇ ئارمان ئۈچۈن ،كىيىنكى ئېچىلماقچى بۇلۇۋاتقان ئېچىلىپ بولغان تۈرلەر ئۈچۈن ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە ھازىر ئىزدىنىش ئارمىنىمىزدىن بەكلا يىراقتا . بىز داۋاملىق مۇشۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشماقچى، ئىزدىنىشنى بىر مۇنبەرلا ئەمەس ،ھەققى نەپ ئالغىلى بولىدىغان ،ئەڭ ئاۋال ئېچىپ كۆرىدىغان كەسىپلەشكەن بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى . بۇ نىشانغا يېتىشكە ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئىزدىنىشلىقلارنىڭ قوللىشىغا ياردىمىگە مۇھتاج.



ھازىر ئىزدىنىش مۇنبىرى پروگراممىسى سىناق باسقۇچتىن ئۆتتى . باشقا تۈرلەرمۇ ئارقا ئارقىدىن سىناق قىلىنىدۇ. تورداشلار نىڭ يەنە بىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.


ئەمدى ھەقىقى مەقسەتكە كەلسەم سىلەردىن بىر قانچە ئىشتا ياردەم سورايمەن .

1. ئىزدىنىش تورىنى تەشۋىق قىلىش

ئىزدىنىش تورىنى ھەر بىر ئەزا ئاز دېگەندە ئىككى ئەزا تونۇشتۇرغان بولساق . ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ئىزدىنىش تورىنى تەشۋىق قىلىپ ئىزدىنىش تورىنىڭ زىيارەت مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچ چىقارساق.

2. ئىزدىنىش تورى مۇنبەر سىستېمىسىغا يەنە قانداق ئىقتىدارلار كېرەك ؟ مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلسا .

3.ئىزدىنىش تورى يەنە قايسى تۈرلەرنى ،مەسلەن خىزمەت ئىزدەش ،ئۇچۇر سىستېمىسى ، خەۋەر سىستېمىسى ، بىلوگ ، كىنو ناخشا مۇزىكا دىگەندەك تۈرلەرنى ئالدى بىلەن ئېچىشى كېرەك ؟


4.شىركەت بۇلۇپ قۇرۇلغان ئىكەن چوقۇم مۇئەييەن ئىقتسادىي قىممەت يارىتىشى كېرەك . چۈنكى ئىقتىساد نورمال تەرەققىياتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى.ئىزدىنىش تورى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىقتسادىي قىممەت يارىتالايدۇ ؟

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:32:16

ئىزدىنىش تۇرىدا ئىسىل تىمىلار بۇلسا باشقىلار ئۇزى ئىزدەپ كىلىدۇ،،،،،،،،،

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:47:59

سالام ئىزدىنىش ئاداش . سىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىغىڭلارنى بىلسەكمۇ قولدىن باشقا ئىش كەلمىگەندىن كىين ئىچىمىز پۇشۇپ بىر  ئىش قىلساق بۇلاتتى دەپ ئويلاپ ئاخىرى قولدىن كىلىدىغان ئىشتىن بىرنى ئويلاپ تاپتىم .


1-  ئىزدىنىش ئىكران سۆھبىتىنى يولغا قويۇش كىرەك . بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئىش بۇ ئىشچىلىك ئۈنۈم بەرمەسلىگى مۈمكىن . مەن رىياسەتچىلىكنى ئۈستۈمگە ئالسام . سۆھبەت بىر ئەدەبىيات ئەھلى يەنى نەخ مەيدان ئوبزۇرچى . نەخ مەيدان چالغۇچى ( رويال ياكى مىللىچە ساز بولسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ ) زىيارەت قىلىنغۇچى سەنئەتكار قىلىپ بەش ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بىر سۆھبەتنى مەيدانغا چىقارساق . ئادەم تىپىش . مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى مەن نەچچە يىلدىن بىرى تاپقان ئىناۋەتنى دەسمى سىلىپ تاپسام ماڭا پەقەت سۈرەتكە ئىلىپ كىرىشتۈرگۈچى بولسىلا بۇلاتتى .


2- زىيارەت ئۇبىكتى - باشقا تور بەتلەر داۋاملىق سەنئەتچىلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ . مەن ئاددى خەلىق ئىچىدىن تاللاپ . يەنە سەنئەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۈتۈپ خەلىق ئارىسىدىكى جاپاكەش تۆھپىكار (كوچىدا تازلىق ئىشچسىلىق خىزمىتىنى قىلىپ  باللىرىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان ئانىلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) لارنى . مائارىپ . تەنتەربىيە . تىبابەت ۋە ھاياتنىڭ ئەڭ موھىم دوقاللىرنىڭ ئاددى ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى زىيارەت ئۇبىكتى قىلىپ تاللىساق سەنئەتكار ئەمەس ئەمما ھاياتىنى سەنئەتكە ئايلاندۇرۇپ ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئادەملەرنى ئىزدىنىش سەھنىسىگە ئىلىپ چىقساق قالتىس ئىش بۇلاتتى . بۇ پىكىرنى يەنە بىر ئويلىشىپ باق .


جاۋابىڭنى كۈتۈپ - ھۆرمەت بىلەن ئۆزھال

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:54:34

ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ، چۈنكى بۇرۇندىن ياخشى ئىدى، ياخشىلار يىغىلغان ئىدى، ئىزدىنىشنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن يەنىلا ئىزدىنىش ئىزدىنىشلىقلارغا ھەرقانداق  ئىختىدارلىرى ياخشى قىلىۋېتىلگەن تور بىكىتىدىن ياخشى.


شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىشنىڭ كەمچىللىك تەرەپلىرى بار.


1. ئىختىدارى نورمال ئەمەس(بەلكىم بۇ ۋاقىتلىق).


1) تېما ياكى ئىنكاس يازغۇچىلار نۇرغۇن بىرنەرسە يېزىپ يوللىغاندا يازغىنى يوقاپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەچكە ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ۋە ئىلھامىغا سوغۇق سۇ سېپىلىپ قالدى.


2) بۇرۇنقى يەڭگىل ئاددى تور بىكىتىدىن ھازىرقى ئېغىر ۋە مۇرەككەپرەك ھەم مۇرەككەپلىشىشكە يۈزلىنىۋاتقان تور بىكىتىگە ئايلاندى.


3) سەل ئۇزۇن مەشغۇلات قىلىنمىسا تىزىمدىن چىقىپ كەتكەچكە قايتا-قايتا تىزىملىتىپ كىرىپ كۆرۈشكە ئېرىنىپ قېلىنىۋاتىدۇ.


2. خاسلىق ناھايىتى مۇھىم


1) ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىزدىنىش بولىشى كىرەك ئىدى.  تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە چەك قويۇلمايۋاتىدۇ. مۇنبەرچىلىك بىزدە گىزىت خەۋەرلىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىن تېرىپ كىلىپ بۇ يەرگە چاپلاشنىڭ ئورنى يوق. بۇنداق ئەھۋالنى پەقەت بولمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ لىكىن ھەممە مۇنبەرلەر ئوخشاشلا قاتار- قاتار تېمىلار، خەۋەرلەر، تەرمىلەر بىلەن تولۇپ كەتسە بىرەرسىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى بولمىسا بۇنىڭ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان ھىچقانداق سىھرى كۈچى قالمايدۇ.  


2) باشقا مۇنبەرلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ  زىيارەتنى يولغا قويسا بولىدۇ لىكىن ئىزدىنىش بۇنى ئۆزگە خاس ئۇسۇلدا يېڭىچە ۋە ھەقىقى يوسۇندا ھەم ئىزچىل قىلسا بولىدۇ.


3) بىلىك بىلەن ئىزدىنىش خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاش بولسا بولىدۇ. بۇرۇندىن بۇ ئىككى مۇنبەر خۇددى ئاكا-ئۇكا مۇنبەر دەكلا تۇيۇلاتتى...  بولسا بىلىك مۇنبىرىدىن مەزمۇن جەھەتتىن ئۆرنەك ئېلىنسا بولىدۇ. مۇنبەر ئىختىدارى جەھەتتىنمۇ بىلىكنىڭ بەزى ئىختىدارلىرى تەدبىقلانسا.



ئىزدىنىشنىڭ ئەۋزەللىكى يەنە بار.



1. ئالدى بىلەن ئىسىم ئەۋزەللىكىگە ئىگە.


«ئىزدىنىش» دىگەن بۇ ئىسىم خۇددى مۇنبەر ئىسمى بولۇشقا تازا خوپ كەلگەندەكلا...ئىسىممۇ بىر شەخىس ياكى كوللىكتىپ(شىركەت) ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئىسىم خاراكتېرنى، شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىماققا قىياسەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.


بولۇپمۇ مۇنبەر ئىسىملىرىنى تار مەنىدە ۋە مەلۇم شەخىسكىلا قارىتىلغان ۋە مەلۇم دائىرىنىلا كۆرسىتىدىغان قىلىپ تاللىغانغا قارىغاندا مۇشۇنىڭدەك ياخشى ئىسىم تاللانسا مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابى رول ئوينىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىزدىنىشنىڭ كىيىن تىز سۈرەتتە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى داڭلىق مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى بولالىشىدا گەپ يوق.


2. ئابونتلىرى سەرخىل.


بۇ مۇنبەردە مۇنبەرچىلىكنى ئەڭ بېشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تاشلىماي كىلىۋاتقان پىشقان پىكىر ئىگىللىرى، ماھىر قەلەم ساھىبلىرى، چۇڭقۇر پىكىرلىك زىيالىلار بار. جوڭگو ۋە چەتئەلدىكى ئالى ئوقۇللاردا ئوقۇۋاتقان، تەتقىقات قىلىۋاتقان ئىجدىھاتلىق ۋە ئىزدىنىشچان قېرىنداشلىرىمىز بار. ھەممىسىگە ئەگەر بىلىمىنى تۆكۈش مەجبۇرىيتى بىرىلسە مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىلا بىلىمنىڭ جەۋھىرىنى سۈزىدىغان بىلىم بۇلىقى بولۇپ قالار ئىدى.






zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:56:18

مىنىڭچە سۇمرۇغ تۇر بىتى،بەيدۇمم قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق تۇر بەتلەردە چىقىۋاتقان ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرنى كۇندىلىك تەرجىمە قىلىشى ،،،ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى داڭلىق قەلەمكەشلەرنى تۇردا ئەسەر ئىلان قىلىشقا تەكلىپ قىلىشى كىرەك،،،


ئىكران سۇھبىتىنىڭ ئۇنۇمى ئانچە ياخشى بۇلماسلىقى مۇمكىن داڭلىق كىشىلەرنىڭ كۇپچىلىكىنى تۇردا زىيارەت قىلىنىپ بۇلىندى ...بەك داڭلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىغانغا ھازىرچە ئۇيغۇر  مۇنبەرلىرنىڭ چامى يەتمەيدۇ،،،!!!!!!

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:57:28

ئىزدىنىش تورىدا ياخشى تېمىلار يوق ئەمەس بەلكى تەشۋىقات كەمچىل، مەن مۇنبەرنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلانمىلار تور بېتىگە ئەزا بولدۇم، ئەمما ئۇلىنىش تور بېتىنىڭ يۈزىگە مۇنبەر بېتىدىكى تېمىنى چىقىرالمىدىم، بولسا مۇشۇنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئۇلىنىش تور بېتىنىڭ باش بەت يۈزىگە چىقارسا دىمەكچىمەن.


ئىزدىنىش مۇنبىرى ھازىر شېركەت بولۇپ قۇرۇلغان ئىكەن ئۇنداقتا باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ناخشىچى، ئۇسۇلچى، سەنئەتچىلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، جەمئىيىتىمىزدىكى ئەمەلى كىشىلەر، ئەمەلى ئىشلارنى زىيارەت قىلسا، پەقەت بولمىسا بىز بىلمەيدىغان ئونۋىرسىتىت پىراففىسورلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكىلەلىگەن ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن. بۇنداق دىگىنىم سەنئەتچىلەرنىڭ بىزگە پايدىسى يوق دىمەكچى ئەمەسمەن، سەنئەتچى بولغاندىمۇ ئابلىكىم كەلكۈندەك ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ئىجادىيەتچىلىرىمىز، ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك تۆھپىسى بار ھەم كىچىككىنە كەمچىلىكى تۈپەيلى تورداشلىرىمىز ئارسىدا خاتا چۈشەنچە ئىچىدە قالغان چولپىنىمىزنى، ھوشۇر قارىدەك مەيلى ئىتوت ئورۇنداش بولسۇن، مەيلى خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداش بولسۇن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندايدىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلساق دىمەكچىمەن، ھازىرغا نىسبەتەن مۇنبەرنىڭ تارتىش كۈچى دەل مۇشۇ يەردە.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 19:01:40

ھە ھۇ دەپ پىكىر  قىلىپ باقمامسىلەر .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 19:44:39

ئۆزھالنىڭ گىپىنى ئويلىشىپ باقساق دەيمەن .

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 19:48:41

سان قوغلىشىش ئىزدىنىشنىڭ 本质 سى ئەمەس ئىدى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 19:55:06

ئىزدىنىش توخـتاپ قالماي مۇقىم ئېچىلىپ بەرسىلا چۇقۇم ياخشى تەرەققى قىلىپ كېتەلەيدۇ.


ئۆتكەندە مىسران ئەپەندى بىلوگ ئىقتىدارىنى قوشىمىز دەۋاتقان، بىلوگ قۇشۇلسا بەك ياخشى بولاتتى. يەنە بىرىگە بەت يۈزىدە بىر ناخشا قويغۇچ بولسىمۇ ياخشى بولاتتى. بىر تەرەپتىن ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىغاچ تېما كۆرسەك.


ئىزدىنىش شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ شۇنداقلا ئىزدىنىش مۇنبىرىغا مىنىڭچە 10 يىل بۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن ئىشقىلىپ ئۆتكەنكىدەك ئىزدىنىش مايكىسىنى تارقاتساق بولاتتى.بۇنىڭ تەشۋىقات رولىمۇ بەك ياخشى بولاتتى.


ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە خەۋەر سېستىمىسى بولسىمۇ ياخشى بولاتتى. لېكىن مۇنبەرنىڭ يەنىلا مۇشۇنداق ئۆزگىچە، چىرايلىق قىياپىتىنى ساقلساق باشقا مۇنبەرلەردەك ئالا-بۇلا رەڭدار قىلىپ قالايمىقان بۇلۇپ كەتمىسە.


ئىزدىنىش ئېكران سۆھبىتىنى قاتتىق قوللايمەن. ئۆزھالكام دىگەندەك مەشھۇر كىشىلەرلا ئەمەس جەمئىيەتتىكى مەلوم ساھەگە ئالاقىدار ئىشلار بولسىمۇ ياخشى بولاتتى. مەسلەنسىگە ئۆتكەنكى تېمىدىكى  مىسران قېزا زاۋۇتى توغرىلىق زىيارەت، بارى ياكى مىرەخمەتجانغا ئوخشاش پەخىرلىك ئوغلانلېرىمىز بىلەن بولغان زىيارەت، سەنئەتچى-يازغۇچىلېرىمىز توغرىلىق ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى باشقا سودا ساھەسى ياكى تىببى ساھە دىگەندەك...


Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 20:15:14

ئېلانمۇ قويىدىغان گەپمۇ يا ؟

aziz. يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 20:44:05

مىكرو بىلوگ ، بىلوگ ئىقتىدارى قۇشۇلسا يەنە كۈندىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى  يولىنىپ تۇرسا..

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 20:48:59

ئەلكۈيىنىڭ بىر ئاز ئارتۇقچىلىقلېرىنى قۇبۇل قىلساق ياخشى بۇلاتى! مەن مۇشۇ مۇنبەرگە يىڭى تىزىملاتقان ۋاقتىمدا شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ يولايدىغان تورداشلار كۆپـتى ھازىر يوقاپ كەتتى ئىزدىنىشتىن، پۇرسەت بولسا مۇشۇ تورداشلارنى ئىزدىنىشقا قايتىدىن چىلاپ كەلگەن بولساق ياخشى بۇللاتى!مەسلەن؛ئەفىفى ،86، كارامەت،ئادىل تۇنىياز،قاراخەنجەر،يۈكسەل ،دىلرۇبا68 ،قاراقات،قاتارلىقلار -يەنە باشقىلار.مەنغۇ بۇ مۇنبەرگە تىزىمالاتقاندىن كىيىن خېلى كۆپ دوسلۇرۇمغا تەشۋىق قىلدىم.

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 20:49:49

ئوزھالنىڭ تەكلىپلىرى بولغۇدەك .......

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:00:54

jallat



يوقاپ كەتكەنلەر پەيدا بولغىلى تۇردى مانا!

xjmall يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:26:41

شەخسەن ئىزدىنىشتا ئادەمنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىنى ئانچىمۇ ئۈمىد قىلمايمەن ،ھازىر ئەزالار بەزى مۇنبەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئاز، ئەمما يازمىلارنىڭ سۈپىتى مەن بىلىدىغان مۇنبەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، بىزدەك شوركىلارمۇ جىم تۇرۇپ چوڭلارنىڭ مۇنازىرىسىنى كۆرۈپ ئانچە مۇنچە بىرنەرسە ئۆگىنىدىغان گەپ ، ئادەم بەك كۆپ بوپكەتسە تامدىن ھوشۇر قوپقاندەكلەر چىقىپ مۇنبەرنى پاخال قىلىدۇ !~~!


ئەينى ۋاقىتتا ئىزدىنىشنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ئۆزەم سوراپ تېپىپ كىرگەن !~~!

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:30:05

ئەگەر كىنو-فىلىم قويۇدىغان ئىش بولسا چوقۇم سۇزۇك فىلىملەرنى ،بولسا تەرجىمە خەتلىكلىرىنى قويساق سەرادىكى دىخانلىرىمىزمۇ كۇپلەپ كىرەتتى، بىر گەپنى دىسەم ھازىر دىخانلار 2000 سوملۇق كومپۇتىرلارغا دۇم چۇشىۋاتىدۇ، ئەڭ قىين ئىش تور رەسمىيىتىنىڭ قىممەتلىگى، بۇ ئىشمۇ يولىچە ھەل بولغىدەك، ئۇنداقتا سۇزۇك خەتلىك تەرجىمە فىلىملەر يەنە بىر جەلىپ قىلغۇچى نوقتا بولۇپ قالغۇسى.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:37:38

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:53:07

ئىنگىلىزچە بەتلەردە Facebook،twitterدىگەنلەرنىڭ بازىرى ئىتتىككەن.خەنزۇچە بەتلەردە 人人,新浪微博,腾讯微博لارنىڭ بازىرى ئىتتىككەن.ھەممىسىنىڭ ئۇچۇر تېزلىكى يۇقېرى.شۇلاردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى مۇجەسسەملەپ بىر يېڭىلىق ياراتقىلى بولسا پەيزى بولاتتى.ھەممىمىز ياخشى ئويلىنىپ باقساق چوقۇم ئېسىل پىكىرلەر چىقىدۇ.


بۇندىن كىيىنكى نىشاندا يانفۇندا زىيارەت قىلىدىغان بەتنى ئويلاشسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.مەسىلەن كىچىك ھەجىمدىكى m.izdinix.comدىن بىرسى بولسىچۇ،يانفوندا ئېچىۋاپ مۇنازىرە قىپ كەتسەك دىگەندەك.ئاساسەن يانفۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئىشقا ئېشىپ بولدىغۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 22:04:27

ئالدىنقى تېمىدا تەكلىپ بىرىپ دوققا قالغانتىم. شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىش ئەپەندىمنىڭ چاقىرىقى يۈزىسىدىن يەنە تەكلىپ بىرەي:


1- بەت قۇرۇلمىسى بىزنىڭ تور زىيارەت ئادىتىمىزگە ماس بولسا يەنى بۇرۇنقىدەك \" يازمام\" تىزىملىكىدە ؛ ماۋزۇ، ۋاقتى، زىيارىتى، ئىنكاسى، ئاخخرقى ئىنكاسچى ئۇچۇرى چىقسا. ( بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ ۋاقتىنى تىجەيدۇ)


2-   تېمىلار ساز بولسا زىيارەتچى ئۆزى كىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ تەشۋىقاتنى ئويلىشىپ باقساڭلار...


3- ئۆزھالنىڭ پىكرىدەك سىنلىق، ئاۋازلىق زىيارەت ئارقىلىق مۇلاھىزە- زىيارەت ئېلىپ بېرىلسا.


4- مۇنزىرە سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇش، جىدەللىشىشنى توسۇش كېرەك.


5-  بەتنىڭ تۈرلۈك تور كۆرگۈچلەردە نورمال بولىشىغا تىرىشساق.

بەت: [1] 2 3 4 5
: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار