Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 15:58:36

روھى كېسەللەرنى بىزار قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى


DS


بىزار قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى شەرتلىك رېفلېكسنى يوقىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىسپىرىتقا تايىنىۋېلىش، دورىغا خۇمارلىق ۋە جىنسىي ھالەت ئۆزگىرىشىنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ، يەنە قىسمەن ئېرىشمە خۇسۇسىيەتلىك ناچار خۇلق-ھەرىكەتلەرنى يوقىتىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇش پرىنسىپى ھەر قېتىم ناچار خۇلق-ھەرىكەتكە ماسلىشىپ قېلىش كۆرۈلگەن ھامان ياكى ئاندىن كېيىن بىر خىل ئازابلىق غىدىقلاش بېرىلىدۇ، مەسىلەن: توك بىلەن غىدىقلاش، قۇستۇرۇش قاتارلىقلار، قايتا-قايتا مەشىق قىلىش ئارقىلىق ناچار خۇلق-ھەرىكەت بىلەن خاپىلىق كەچۈرمىش شەرتلىك باغلىنىش ھاسىل قىلىپ، ناچار خۇلق-ھەرىكەتكە ماسلىشىپ قېلىشنى يوقىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇسۇلى بولىدۇ: يەنى كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلى، جازالاش ئۇسۇلى ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇشنى مەشىق قىلىش ئۇسۇلى. بىزار قىلغۇچى غىدىقلاش خىلمۇ-خىل بولۇپ، ئادەتتە توك بىلەن غدىقلاش، خىمىيىلىك ماددا ۋە بىمارغا زىيانلىق بولغان كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان ھالەتلەرنى جانلىق تەسۋىرلەش قاتارلىقلار بار. كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلى ناچار خۇلق-ھەرىكەتلەرنى ھاسىل قىلىدىغان شەرتلىك غىدىقلاش بىلەن بىزار قىلىپ غىدىقلاشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر، مەسىلەن: بىمار ياخشى كۆرىدىغان ھاراقلارنىڭ رەڭگت ۋە پۇرىقىنى توك بىلەن غىدىقلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قايتا-قايتا مەشىق قىلدۇرغاندا ھاراقلارغا بولغان بىزارلىق تۇيغۇ شەكىللەنگەن. جازالاش ئۇسۇلى دېگىنىمىز، ناچار خۇلق-ھەرىكەتلەردىن كېيىنلا يۈرگۈزۈلىدىغان جازادۇر. مەسلەن:بىمار رۇمكىغا ھاراق قۇيۇپ ئىچىشكە تەمشەلگەندە ، ئۇنىڭ چىمەلتەك بارمىقىنى توك بىلەن كۈچلۈك ھالدا كىرىشتۈرۈش ھەمدە قولىدىكى ھاراقنى تۆكىۋەتكەنگە قەدەر توختىماي داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. ئۆزىنى قاچۈرۈشنى مەشىق قىلىش- ئەگەر بىمار ئۆزىنى ناچار خۇلق ھەركەتتن قاچۇرسا ، زىيانلىق غىدىقلاشتىنمۇساقلىنالايدۇ دېگەنلىك، مەسلەن :ئانتابورنى ئىشلەتكەندىن كىيىن ،بەدەندە پەقەت ئۇلا بولىدىكەن ، ئىنتايىن ئاز مىقداردا ھاراق ئىچسىمۇ ئېغىر دەرىجىدە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش پەيدا قىلىدۇ. بىزار قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قىسمەن ناچار خۇلق ھەركەتلەرگە ئۆگىنىپ قېلىشنى داۋالاشتا ھەقىقەتەنمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. بىراق بۇخىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ داۋالاشقا قوشۇلمايدىغان بىمارلاردا داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ. شۇڭا داۋالاشتىن ئاۋال بىمارغا بۇنداق داۋالاشنى قوللىنىشنىڭ سەۋەبىنى، كۆرلىشى مۇمكىن بولغان ساقسىزلىقئىنكاسلىرىنى چۈشەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بىمارنىڭ ماقۇللىقى ۋە ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك.جازالاش خاراكتىردىكى غىدىقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا ، داۋالىغۇچى تىببىي ئەخلاق مەسىلىسىگە دېقەت قىلىشى، شۇسەۋەبتىن بىمارغا زىيان زەخمەت ئېلىپ كەلمەسلىكى لازىم. ئوخشاش پىرىنسىپنى قوللىنىپ ئوخشاش جىنىسلىققا مەھلىيا بولۇش خۇلق ھەركىتىنى يوقىتىشنى ئۈمۈد قىلىدىغان بىمارلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. ئۇسۇل جەھەتتىن رەسىم ، پىروكسىيىلىك پانار قاتارلىقلارنى قوللىنىپ ، ئوخشاش جىنىس بىلەن يات جىنىسلىقلارنىڭ رەڭلىك رەسىمىدىن ھەرقايسىسدىن ئۇندىن ئېلىپ، تەرتىپ بويىچە بىمارغا بىر-بىردىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ ھەربىر پارچە رەسىمى ئون ئىككى سىكونىت كۆرسىتىلىدۇ، ئەگەر بىمار ئۇلاردىن كۆزىنى ئۈزمەي قادىلىپ تترىۋەرسە ئونىڭ تۆۋەنكى بىلىكىنى توك بىلەن كۈچلۈك غىدىقلاشقا ئۇچىرايدۇ. يات جىنىسلىقلارنىڭ ھەربىر پارچە رەسىمى ئون ئىككى سىكونت مۇشۇنداق كۆرسىتىلىدۇ ،لېكىن غىدىقلانمايدۇ، ئەگەر قايتا كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا قايتا كۆرسىتىلسە بولىدۇ. مۇشۇنداق تەكرار تەربىيىلەنسە داۋالاش تەلىپى بار ئوخشاش جىنىسلىقلارغا مەھلىيا بولغان بىمارلار ئۇچۇن ياردىمى بولىدۇ. ئاپو بورفىننى كوسكولغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان كۆڭۈل ئاينىش ، قۇسۇش ئىنكاسىبىر خىل بىزار قىلىپ غىدىقلاش ئورنىدا قوللىنىلسىمۇ داۋالاش ئۈنىقمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئامما داۋالاشنى خالىمايدىغان ، ئوخشاش جىنىسلىقلارغا مەھلىيا بولغان بىمارغا ئۈنۈمى بولمايدۇ.


مەنبە : http://xj1010.w61.enkj.com/tima_view.aspx?id=228

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 17:27:36


تۇيغۇ ۋە تۇيغۇنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى




1.تۇيغۇ دىگەن نىمە؟



تۇيغۇ-كونكېرت شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى بىر پۈتۈن ئىنكاسىدىن ئىبارەت.مەسىلەن: بىر پارچە رەسىم،بىرتال قەلەم،بىر ئادەم قاتارلىقلار.بىر پارچە رەسىمگە نىسبەتەن سەزگۈ ئەزالاردا دەسلەپتە شۇ رەسىمنىڭ رەڭگى،چوڭ-كىچىكلىكى،يۇپۇرماق ياكى گۈل بەرگىلىرىنىڭ سانىغا قارىتا سېزىم پەيدا بولىدۇ.ئارقىدىن بۇ ئايرىم خۇسۇسىيەتلەر بىرلىشىپ ئادەم مېڭىسىدە تۇيغۇ يەنى بىر پۈتۈن رەسىم(گۈلنىڭ رەسىمى)دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ.گەرچە بىز سەزگۈ بىلەن تۇيغۇنى ئايرىپ سۆزلىگەن بولساقمۇ،روھىي پائالىيەت جەريانى يەنى بىلىش جەريانىدا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا روشەن چەك-چېگرا بولمايدۇ،لېكىن ئۆز-ئارا پەرقلىنىدۇ،سەزگۈ بىلىش جەريانىدىكى باشلانغۇچ پىسخولوگىيە جەريانى بۇلۇپ،تۇيغۇغا ئوخشاش باشقا مۇرەككەپ پىسخولوگىيە پائالىيەتلىرى سەزگۈنى ئاساس قىلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا بارلىققا كېلىدۇ ھەم تەرەققى قىلىدۇ.

2.تۇيغۇنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى قايسىلار؟

1) خاتا تۇيغۇ

بىر خىل بۇرمىلانغان تۇيغۇ بۇلۇپ،ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت شەيئىلەرنى بۇرمىلاپ،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەيئى قىلىپ چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

خاتا تۇيغۇ نۇرمال كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن: يەردىكى ئارغامچا ئىلاندەك كۆرۈنۈش،ئىشىك ئارقىسىغا ئېسىلغان پەلتۇ ئادەمدەك كۆرۈنۈش،ئۇرۇش دەۋرىدە تىزىپ قويغان قارانچۇقلار قارشى تەرەپكە ئەسكەردەك كۆرۈنۈش قاتارلىقلار.

كلىنكىدا خاتا ئاڭلاش ۋە خاتا كۆرۈش تۇيغۇسى كۆپ ئۇچرايدۇ.روھىي كېسەللەردە پەيدا بولىدىغان خاتا تۇيغۇ سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن خاتا ئاڭلاش،خاتا كۆرۈش،خاتا پۇراش،خاتا تېتىش،خاتا تېگىش، ئىچكى ھېسسىيات خاراكتىرلىك خاتا تۇيغۇ قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.مەسىلەن: كېسەلنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى ئاسماندىكى ئۇچۇۋاتقان پەرىشتىدەك كۆرۈشى،ئۆي ئىچىدىكى چاك كەتكەن يەرلەرنىڭ چىرايلىق رەسىمدەك كۆرۈنۈشى،ئەمەتنىڭ سۆزى مەمەتنىڭكىدەك ئاڭلىنىش قاتارلىقلار.

2) خىيالىي تۇيغۇ

بىر خىل فانتازىيىلىك تۇيغۇ بۇلۇپ،ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنى،كېسەلنىڭ مەۋجۈت دەپ ھېس قىلىۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: ئادەم يوق ۋاقىتتا كېسەللەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تىللىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ ياكى دېرىزە تۈۋىدە ئادەم بارلىقىنى كۆرىدۇ.

خىيالى تۇيغۇ قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟

خىيالىي تۇيغۇ كېسەلنىڭ ئوخشىمىغان سەزگۈ ئەزالىرىغا قاراپ خىيالىي ئاڭلاش تۇيغۇسى، خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسى، خىيالىي پۇراش تۇيغۇسى، خىيالىي تېتىش تۇيغۇسى، خىيالىي تېگىش تۇيغۇسى،ئىچكى ئەزا خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ،ھەرىكەت خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

(1) خىيالىي ئاڭلاش تۇيغۇسى

كلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، خىيالىي ئاڭلاش تۇيغۇسىنىڭ مەزمۇنى ھەرخىل بۇلۇپ،كېسەللەر ھەرخىل شەكىل ۋە ھەرخىل تۈردىكى ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ.مەسىلەن: پاراڭ قىلغان،چاقىرغان،ناخشا ئېيتقان،سىمسىز رادىئو ئاۋازى قاتارلىقلار.بۇنىڭ ئىچىدە گەپ-سۆز خاراكتېرىدىكى خىيالىي ئاڭلاش تۇيغۇسى كۆپ ئۇچرايدۇ،ئاۋاز بىر قەدەر ئوچۇق بۇلۇپ،ئەر ياكى ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق پەرق ئېتەلەيدۇ،ئاۋازنىڭ تۇنۇش كىشى ياكى تونۇمايدىغان كىشىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.ئاۋازنىڭ كەلگەن ئورنىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. خىيالىي ئاڭلاش تۇيغۇسى ھەرخىل بۇلۇپ،بەزىدە مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلانسا،بەزىدە بىر قانچە ئادەم ياكى بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۆزى توغرىلىق مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ.ئادەتتە ئۆزىگە بىۋاستە گەپ قىلىۋاتقاندەك ئاڭلىنىدۇ،بەزىدە باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكى توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ.مەزمۇنى ئادەتتە ئەيىپلىگەن،زىتىغا تېگىدىغان،زاڭلىق قىلىدىغان ھەتتا تەھدىت سالىدىغان گەپلەر بولىدۇ.تىللىغان ياكى بۇيرۇق قىلغان خىيالىي ئاڭلاش تۇيغۇسىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن: ① كېسەل ئەر،33 ياش، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا بالنىستا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرىدۇ.بەزىدە تۈۋەن ئاۋازدا ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلىدۇ،يەنە بەزىدە تۆۋەن ئاۋازدا 《ئىتنىڭ بالىسى... سەن ئادەم ئەمەس... بۇزۇق》دەپ ۋارقىرايدۇ،دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمايدۇ.پىسخىكىلىق داۋالاش جەريانىدا كېسەل دوختۇرغا: 《كۈندە بىرسى ماڭا توختىماي سۆزلەپ تۇرىدۇ،ئۇ ماڭا ئايالىڭنىڭ سىرتتا بىرسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار...ساڭا سادىق ئەمەس،سەن ئوغۇل بالا ئەمەس》 دېدى،دېگەن.② كېسەل ئەر،18 ياش،دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن داۋاملىق كارىۋاتتىن قوپماي،بىر نەرسىنى تىڭشاۋاتقاندەك ياتىدۇ.كېسەل دوختۇرغا《ئۆينىڭ سىرتىدا بىرسى مەن توغرىلىق سۆزلەۋاتىدۇ،ئۇ مىنى سىنىپ بويىچە ئەڭ ئەسكى ئوقۇغۇچى...مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش كېرەك...جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى ئۇنى تۇتۇپ كېتىشى كېرەك》دەۋاتىدۇ،دېگەن.ھەم ئۆزى توغۇرلۇق گەپ قىلىۋاتقان ئادەمنى ئىزدەپ دېرىزە سىرتىغا قاراپ،گەرچە ئادەم بولمىسىمۇ《مەن توغۇرلۇق سۆزلەشمەڭلار،ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتىسىلەر》دەپ ۋارقىرىغان.③ كېسەل ئەر،26 ياش، دىئاگنوزى:بىرىنچىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى،ئىككىنچىسى ئوڭ،سول بىلەك سۆڭىكى سۇنغان.كېسەل دوختۇرخانىغا ئىككى قولى گىپىسلانغان ھالدا كىرگەن.تەكشۈرۈش جەريانىدا كېسەل ئىككىنچى قەۋەتتىن سەكرىگەنلىكىنى دوختۇرغا ئېيتىپ بەرگەن.پىسخىكىلىق تەكشۈرۈش جەريانىدا كېسەل مۇنداق دېگەن《داۋاملىق قۇلىقىمغا بىرسى گەپ قىلىدۇ،مېنى ئۆزەم خالىمىغان ئىشقا بۇيرۇيدۇ،قىلمىسام تەھدىت سالىدۇ،داۋاملىق تامغا ئۈس،سەكرە،چاق دەيدۇ.مەن ئۆيدە تامغا نەچچە قېتىم ئۈسگەچكە مېنى ئۆيدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئاپاردى.ئۇ ئاۋاز يەنىلا يوقالماي مېنى بىنادىن سەكرە دېدى،شۇڭا مەن ئىككىنچى قەۋەتتىن سەكرىدىم》.كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە تامغا ئۈسسۈيدىغان ئەھۋال دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغان.

(2) خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسى

كلىنىكىدا بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەزمۇنى بىر قەدەر كۆپ ھەم ھەرخىل بولىدۇ.كۆرگەن نەرسىلىرى ئوچۇق،ئېنىق،كونكرېت بولىدۇ،يەنە بەزى كېسەللەردە غۇۋا كۆرۈنىدۇ.خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسىدا پەيدا بولغان سۈرەت ياكى سىما،مەلۇم بىر ئادەم ياكى نەرسىلەر ۋە ياكى مۇكەممەل بىر مەنزىرە بولىدۇ.كېسەللەردە پەيدا بولغان خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسى ئادەتتىكى ھەقىقىي شەيئىگە قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.كۆرگەن سۈرەتنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا قاراپ ياكى مەزمۇنىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ،مۇقىم خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسى ۋە سەھنە خاراكتېرلىك خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.ئالدىنقى خىلى بولسا،كۆرگەن سۈرەتلەر ھەرىكەتسىز بولىدۇ.كېيىنكىسى بولسا،سۈرەتلەر خۇددى كىنو كۆرۈۋاتقاندەك ھەر خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسىدىكى سۈرەتلەردە ئەمەلىيەتتە مەۋجۈت شەيئىلەر كۆپ بۇلىدۇ.بەزى ۋاقىتتا مەسىلەن: كېسەل ئېغىر بىھۇش ھالەتتە ياتقاندا ۋەھىمىلىك،قورقۇنۇچلۇقكۆرۈنۇشلەر پەيدا بولىدۇ.كېسەلنىڭ خىيالىي كۆرۈش تۇيغۇسىغا بولغان پوزىتسىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەزى كېسەللەر خىيالىي كۆرگەن سۈرەتكە ئۆزى قاتناشماي ئويۇن كۆرۈۋاتقاندەك بولىدۇ.يەنە بەزىدە ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان سۈرەتلەرنىمۇ كۆرىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇلاردا پەيدا بولىدىغان ھېس-تۇيغۇ قىلىقلىرى ھەر خىل بولىدۇ.مەسىلەن: ① كېسەل ئەر،14 ياش،دىئاگنوزى:ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل دوختۇر بىلەن سۆزلەشكەن چاغدا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ،《كەچتە ئۇخلاۋاتسام،بىر ئايال ئۆينىڭ تۇرۇسىدا تۇرۇپ،ماڭا قاراپ سەت ھىجىيىدۇ،بەزىدە بۇياققا كەل دەپ چاقىرىدۇ،ئۇ ئايال نۇردەك پارقىراق،لېكىن رەڭسىز كۆرۈنىدۇ.شۇڭلاشقا مەن ئۇنى تىللايمەن.بەزىدە دېرىزە سىرتىغا جىق ئادەم كېلىپ،بۇ يەرگە چىق دەپ ۋارقىرايدۇ،ئادەملەرنىڭ چىرايى بەك ئوچۇق كۆرۈنىدۇ》.(شۇڭا كېسەل باشقىلارغا ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ)؛② كېسەل ئەر،32 ياش،دىئاگنوزى: ھاراقتىن زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىققان روھىي كېسەل.دوختۇر كېسەل بىلەن سۆزلەشكەن چاغدا كېسەل مۇنداق دەيدۇ،《مەن ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدە ھاراق ئىچكەندە،كرىسلونىڭ ئاستىدىن نۇرغۇن كىچىك ئادەملەر چىقىپ،پۇتۇمغا يامىشىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىدۇ.مەنمۇ ئۇلارغا بەك ئامراق،مېنى ئۇلار چۈشىنىدۇ.مەنمۇ ئۇلارغا جىق گەپ قىلىپ بېرىمەن ھەم ئۇلار بىلەن ئوينايمەن》.شۇڭلاشقا كېسەل باشقىلارغا ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشىۋاتقاندەك،ئۆزى بىلەن ئۆزى ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.

(3) خىيالىي پۇراش تۇيغۇسى

ھېچقانداق غەيرىي پۇراق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،كېسەلگە تاماق ياكى باشقا نەرسىلەر ئىنتايىن سېسىق،يېقىمسىز پۇرايدۇ.مەسىلەن: كۆكىرىپ قالغان يىمەكلىكلەرنىڭ ،جەسەتنىڭ،كۆيۈكنىڭ،چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ ياكى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ پۇراقلىرى كېسەلنىڭ بۇرنىغا پۇرايدۇ،پۇراقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشىمايدۇ،ئېغىر بولغاندا كېسەل تۇنجۇقۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىدە بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ باشقا خىيالىي تۇيغۇ ياكى بىھۇدە خىيال بىلەن بىرگە پەيدا بولىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئۆزى پۇرىغان پۇراقلارنى ئەسكى كىشىلەر قەستەن پەيدا قىلغان دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش بىھۇدە خىيالىنىڭ كېسەلگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.ئادەتتە مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ چېكە بۆلىكى زەخمىلەنگەن كېسەلدە ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامەت خىيالىي پۇراش تۇيغۇسى بولىدۇ.

(4) خىيالىي تېتىش تۇيغۇسى

بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ روھىي كېسەللەردە ئاز ئۇچرايدۇ،كېسەل ئادەتتە يەۋاتقان يېمەكلىكلىرىدە غەيرى بىر تەم بار،دەپ قارايدۇ،شۇ سەۋەبلىك كېسەل تاماق يېيىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ باشقا خىيالىي تۇيغۇ ياكى بىھۇدە خىيال بىلەن بىرگە پەيدا بولىدۇ.

(5) خىيالىي تېگىش تۇيغۇسى

بۇ كېسەلدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل توك سۇقۇۋەتكەندەك،پىچاق تىقىۋەتكەندەك،قولىشىپ قالغاندەك،بەدىنىدە قۇرت ماڭغاندەك سېزىمدىن ئىباەت.بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ كوكائىندىن زەھەرلەنگەن كېسەللەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.ئۇ زىيانكەشلىك قىلىش بىھۇدە خىيالى بىلەن بىرگە پەيدا بولسا،بىز ئۇنى《كوكائىن تەلۋىلىكى》دەپ ئاتايمىز.بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىدە كۆپ كۆرۈلۈپلا قالماستىن،ئەزا خاراكتېرلىك روھىي كېسەللەردىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

(6) ئىچكى ئەزا خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ

بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ بەدەندىكى مەلۇم مۇقىم بىر ئەزا ياكى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ تولغىشىۋاتقانلىقىنى،ئۈزىلىپ كەتكەنلىكىنى،تېشىپ كەتكەنلىكىنى ياكى قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ ئاشقازىنىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى دوختۇرلارغا ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ كۆپ ئەھۋاللاردا گۇمانخورلۇق بىھۇدە خىيالى بىلەن بىرگە پەيدا بولىدۇ.بۇ خىل خىيالى تۇيغۇ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى،كلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى روھىي كىسەللىك ۋە خامۇشلۇقتا كۆپ ئۇچرايدۇ.

(7) ھەرىكەت خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ

بۇ بەدەندىكى مەلۇم بىر ئەزا،مۇسكۇل،پەي،بوغۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىيالىي تۇيغۇنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: مەلۇم بىر كېسەل ئۆزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،ئەمما ئۆزىنى خۇددى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تەۋرىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.بەزى كېسەللەر گەرچە كۆزى ئۇچۇق تۇرسىمۇ كۆزى يۇمۇلۇپ قالغاندەك بىلىنپ،ئالدىدىكى نەرسىلەرنى كۆرمىگەندەك قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قانچە خىل ئالاھىدە خىيالىي تۇيغۇ بۇلۇپ،بۇخىل خىيالىي تۇيغۇ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە دىئاگنوز قۇيۇشتا مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە.

(1) ئىنكاس خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ

بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ كېسەلنىڭ مەلۇم بىر سەزگۈ ئەزاسى مەلۇم بىر شەيئىنى سەزگەندە يەنە بىر سەزگۈ ئەزاسىدا پەيدا بولىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىسا،دەرھال بىر ئادەمنىڭ ئىشىكنى يېپىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشىنى كۆرىدۇ.كېسەل مەلۇم بىر كىشىنىڭ چۈشكۈرگىنىنى ئاڭلىسا،دەرھال ئۆزىنىڭ بېشىنىڭ مەلۇم بىر يېرىنىڭ ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

(2) تەپەككۇرنىڭ جاراڭلىشى

كېسەل نېمىنى ئويلىسا سۆزلىگۈچى(خىيالىدىكى)شۇنى دەيدۇ،يەنى خىيالىي تۇيغۇنىڭ مەزمۇنى شۇ كېسەلنىڭ ئويلىغان ئويى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئۇسساپ كەتسە ياكى سۇ ئىچكۈسى كەلسە 《سۇ ئىچ! سۇ ئىچ! 》دېگەن ئاۋازنى ئاڭلايدۇ.يەنە بەزى كېسەللەر ئۇيقۇسى كەلگەندە 《ئۇخلا! ئۇخلا! 》دېگەن ئاۋازنى ئاڭلايدۇ.

(3) فۇنكىسىيلىك خىيالىي تۇيغۇ

كېسەل ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان نەرسىلەرنى ھېس قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز خىيالىي تۇيغۇنى بىر ۋاقىتتا ھېس قىلىدۇ ھەم بۇ ئىككىسى بىر ۋاقىتتا يوقىلىدۇ،ئۆز ئارا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.مەسىلەن:ھاۋا گۈلدۈرلىسە ياكى چاقماق چاقسا كېسەلدە دەرھال《يامغۇر ياغىدىغان بولدى》دېگەن خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.كېسەل قارغا دەسسەپ ماڭغاندا ئاياق ئاستىدىن《غىچ،غىچ》قىلغان ئاۋاز چىققاندا،كېسەلگە 《سەن ئۆلىسەن،سەن ئۆلىسەن》دېگەندەك ئاڭلىنىدۇ.

يۇقىرىقىدەك باشقا خىيالىي تۇيغۇ يەنە خاراكتېرىگە قاراپ ساختا خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ ۋە ھەقىقىي خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

(1) ھەقىقىي خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ

بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ ئەمەلىيەتتىكى شەيئى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولىدۇ.بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ تاشقى دۇنيادىن كەلگەن بۇلۇپ،كېسەل سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن بىۋاستە ھېس قىلىدۇ.كېسەل ئادەتتە《 ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم》دەپ تۇرۇۋالىدۇ.شۇڭلاشقا كېسەلگە بۇنىڭ خىيالىي تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەك بەك قىيىن.كېسەل ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ ھەم خىيالىي تۇيغۇسىغا ماس ھالدا ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىدۇ.

(2) ساختا خاراكتېرلىك خىيالىي تۇيغۇ

بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ كېسەلنىڭ بەدىنىدە ياكى مېڭە بوشلۇقىدا پەيدا بۇلىدۇ،سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلالمايدۇ.كۆرۈنگەن كۆرۈنۈش،ئاڭلانغان ئاۋاز قاتارلىقلارئانچە ئېنىق بولمايدۇ.مەسىلەن: كېسەل《مېڭەمنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ گەپ قىلىۋاتقان ئاۋازى جاراڭلاپ تۇرىدۇ》دەيدۇ.

3.تۇيغۇ بىلەن سەزگۈنىڭ ئورتاق توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى دېگەن نىمە؟

بۇ خىل توسقۇنلۇققا ئۇچراش،تاشقى دۇنيادا مەۋجۈت بولغان مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىگە قارىتا شۇ شەيئىنىڭ ئەمەلىيتى بىلەن ئوخشىمىغان باشقا بىر خىل خۇسۇسىيەتلەرنى ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.كېسەل مەلۇم بىر شەيئىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،شەكلى،رەڭگى،بوشلۇقتىكى ئورنى،ئارىلىقى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان،ئەسلىدىكىسى بىلەن ئوخشىمىغان ھالەتتە ھېس قىلىدۇ.مەسىلەن: كېسەلگە پۇتبولنىڭ تىك-تاك توپتەك كىچىك كۆرۈنۈشى ياكى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كۆرۈنۈش.

4.تۇيغۇ بىلەن سەزگۈنىڭ بىرگە توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ تۈرلىرى قانچە خىل بولىدۇ؟

1)كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشى

كېسەلنىڭ تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ شەكلى،چوڭ-كىچىكلىكى،ھەجىمىنى ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: كېسەلگە ئاپىسىنىڭ يۈزى چوڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك،كۆزلىرى كىچىكلەپ گازىردەك بولۇپ قالغاندەك،بۇرنى ناھايىتى چوڭىيىپ ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.كېسەل ئەر،14 ياش،دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل دوختۇرخانىدا يېتىشنىڭ ئالدىدا مەكتەپكە بېرىشنى قەتئىي رەت قىلغان.كېسەلنىڭ دادىسى نېمىشقا مەكتەپكە بارمايدىغانلىقىنى سورىغاندا،كېسەل《مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرنىڭ يۈزى بەك يوغىناپ كېتىپتۇ،يەنە بەزىلىرى سالپاڭ قۇلاق بۇلۇپ قاپتۇ،يەنە بەزىلىرىنىڭ چىشلىرى ناھايىتى يوغان،ئاغزى ھاڭدەك چوڭ تۇرىدۇ،ئۇلار ماڭا قاراپ ھىجىيىپ مىنى زاڭلىق قىلىدۇ》دېگەن.

2) بوشلۇق تۇيغۇسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

كېسەل ئەتراپتىكى شەيئىلەربىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىغان تۇيغۇنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئاپتۇبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقاندا،گەرچە ئاپتوبۇس كەلگەن بولسىمۇ كېسەل ئاپتوبۇس بىلەن ئۆزىنىڭ ئارلىقىنى ناھايىتى يىراق دەپ ھېس قىلىدۇ،نەتىجىدە ئاپتوبۇسقا چىقالماي قالىدۇ.

3) ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدىكى تۇيغۇ ۋە سەزگۈنىڭ ئورتاق توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

كېسەل ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ھەرىكەت قىلمايدۇ،ھەتتا قېتىپ قالغان،جانسىز نەرسە دەپ ھېس قىلىدۇ ياكى ئەكسىچە ئەتراپىدىكى بارلىق كېسەلگە ئىنتايىن تېز،شىددەتلىك ئۆزگىرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كېسەل ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزگىرىپ تۇتۇقلىشىپ كەتكەندەك،ئېنىق ئەمەستەك،ھەقىقى ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ،بۇ خىل ھادىسە《ساختا چىنلىق سېزىمى》دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن: كېسەل《مەن ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،خۇددى بىر قەۋەت پەردە تارتىپ قويغاندەك،ھەممىسى يالغاندەك بىلىنىدۇ》دەيدۇ.بۇ خىل روھىي كېسەللىك ئالامىتى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى،زەھەرلىنىش ياكى مېڭە زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىققان روھىي كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ.

4) ئۆزىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىغا نىسبەتەن تۇيغۇ ۋە سەزگۈسىنىڭ ئورتاق توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

كېسەلنىڭ بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى ياكى پۈتۈن گەۋدىسىنى ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: كېسەل پۇت-قوللىرى ئۇزىراپ ياكى قىسقىراپ قالغانلىقىنى،ئېغىرلاپ ياكى يىنىكلەپ قالغانلىقىنى،سەمىرىپ ياكى ئۇرۇقلاپ قالغانلىقىنى،تۇرقى ۋە رەڭگى-روھىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.بەزى كېسەللەر ئۆزىنى ئىنتايىن يېنىكلەپ كەتتىم،شامال ئۇچۇرۇپ ئاسمانغا چىقىرىۋىتىدۇ،دەپ ھىس قىلىدۇ.يەنە بەزى كېسەللەر قولىنى ئىنتايىن ئۇزىراپ كەتكەندەك،بىر سوزسىلا ئوينىڭ تۇرۇسىغا يېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.يەنە بەزى كېسەللەر يۈزىنى ئىنتايىن سەتلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ،داۋاملىق ئەينەككە قارايدۇ.


مەنبە: http://xj1010.w61.enkj.com/tima_view.aspx?id=70


Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 17:30:05


تەپەككۇر ۋە تەپەككۇرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى






1.تەپەككۇر دېگەن نېمە؟

تەپەككۇر كىشىلەرنىڭ ئەقلىي خۇلاسە ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق ئوبىكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيتىگە بولغان تونۇشىنى ۋاستىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشى بولۇپ،ئۇ ئادەمنىڭ بىلىش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى.تەپەككۇر پائالىيتى سەزگۈ ۋە تۇيغۇ ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان ماتېرىياللارنى مېڭىدە تەھلىل قىلىش،سېلىشتۇرۇش،ئومۇملاشتۇرۇش،ئابىستراكتلاشتۇرۇش ۋە يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.تەپەككۇر سۆز ۋە يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

نۇرمال ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى مۇنداق بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1) كونكرېتلىققا ئىگە؛

2) مەلۇم بىر مۇددىئا ياكى قاراتمىلىققا ئىگە؛

3) چىنلىققا ئىگە؛

4) ئەمەلىياتچانلىققا ئىگە؛

5) لوگىكىلىققا ئىگە؛

2.تەپۇككۇرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى دېگەن نىمە؟

تەپەككۇرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى روھى كېسەللەردە كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم ھەرخىل بولىدۇ.تەپەككۇرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى شەكىل جەھەتتىن شەكىل جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە مەزمۇب جەھەتتىن تووسقۇنلۇققا ئۇچراش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

تەپەككۇرنىڭ شەكىل جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى تەپەككۇر باغلاشتۇرۇش جەريانىنىڭ تېز-ئاستىلىقى،تاشقى قىياپەت ۋە ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىيەتسىز باغلىنىش قارتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەپەككۇرنىڭ مەزمۇ ن جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بولسا،بىھۇدە خىيال،قىممەتتىن ھالقىغان ئۇقۇم ۋە مەجبۇرلاش ئۇقۇمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3.تەپەككۇر باغلاشتۇرۇش جەريانىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

1.تەپەككۇر باغلاشتۇرۇش باغلاشتۇرۇش پائالىيتىنىڭ مىقدار ۋە سۈرئەت جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى.

(1) تەپەككۇرنىڭ ئۇچۇشى(تەپەككۇر ئىنتايىن تېز بۇلىدۇ)

بۇ بىر خىل ھاياجانلىنىش خاراكتېرىنى ئالغان تەپەككۇر باغلاشتۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئاساسلىقى تەپەككۇر جەريانىدا بۇ بىر خىل تەپەككۇرنىڭ مەزمۇنىنىڭ كۆپىيىشى ۋە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.كېسەلنىڭ باغلاشتۇرۇش جەريانى ئاجايىپ تېز بۇلۇپ،مېڭىسىدە يىڭى ئۇقۇملار توختىماي پەيدا بۇلۇپ تۇرىدۇ،مەزمۇنى ئىنتايىن مول بۇلىدۇ.گەرچە تەپەككۇر بەلگىلىك مەقسەتكە ئىگە بولسىمۇ،داۋاملىق ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.بىرەر مەزمۇننى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ.كۆز ئالدىدا قايسى بىر خىل كۆرۈنۈش پەيدا بولسا،شۇ كۆرۈنۈش توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.مەسىلەن: قۇتراش-خامۇشلۇق تىپلىق روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان مەلۇم بىر كېسەل ئۆيدە دادىسى تېلېۋىزور كۆرۈۋاتسا،تېلېۋىزوردا چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى توختىماي سۆزلەپ تۇرىدۇ.دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپىسى سىرتتىن سەي-كۆكتات كۆتۈرۈپ كىرسە سەي-كۆكتات توغرىلىق نۇرغۇن گەپلەرنىقىلىپ كىتىدۇ.بۇ خىل كېسەللەر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئارلىشىدۇ.پەقەت ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ،باشقىلار نېمە دېسە شۇ سۆزگە ئارلىشىدۇ.مەسىلەن: ①بىر كېسەل《مىنىڭ مېڭەم بەك ئىشلەپ كىتۋاتىدۇ،ھازىر قۇلۇمغا قەلەم ئالسام نۇرغۇن ھىكايە،پوۋىسىتلارنى يېزېۋىتەتتىم،ئويلىغىنىمنى ئاغزىمدا دەپ ئۈلگۈرەلمەيمەن》دېگەن.كېسەل ئايال،23 ياش،خەنزۇ،ئىشچى،دىئاگنوزى: قۇتراش-خامۇشلۇق تىپلىق روھىي كېسەلنىڭ قۇتراش ھالىتى.كېسەل دوختۇر ئىشخانىسىغا روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا كىرىپ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ:《مىنىڭ ئىسمىم xxx،بۇ يىل 23 ياش》دېگەن،دوختۇر كېسەلدىن《بەك خوش كۆرۈنىسىزغۇ؟》دەپ سورىسا،كېسەل دەرھاللا قوللىرىنى ئوينۇتۇپ:《مەن ئەلۋەتتە خۇشال،چۈنكى مىنىڭ كاللام ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدۇ،مەن تۈگىمەس كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە،مەن سىلەرگە رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بىر كۇبلىت شېئىر ئۇقۇپ بىرەي》دەپ بىر كۇبلىت شېئىر ئۇقۇپ،ئۇسۇل ئويناپ كەتكەن.دەل شۇ ۋاقىتتا ياشانغان ببىر دوختۇر بۆلۈمگە كىرگەندە كېسەل دەرھال ئوقۇۋاتقان شېئىرىنى،ئويناۋاتقان ئۇسۇلىنى توختىتىپ،دىققىتىنى دەرھال ياشانغان دوختۇرغا بۇراپ 《مەن بىر قاراشتىنلا سىزنىڭ ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم،سىز چوقۇم 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىسىز،تەلىيىڭىز بار ئىكەن》دەپ سۆزلەپ كەتكەن.

(2) تەپەككۇرنىڭ ئاستىلىشى

بۇ تەپەككۇر ئۇچۇشىنىڭ ئەكسى بۇلۇپ،بۇ خىل توسقۇنلۇققا ئۇچراشتا كېسەلنىڭ تەپەككۇر جەريانى ئاستىلايدۇ،باغلاشتۇرۇشى قىيىنلىشىپ،ئىنكاسى ئاستىلايدۇ،مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا قىينىلىدۇ.يۇقىرقىلار ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ.شۇڭلاشقا كېسەلنىڭ سۆزلىرى ئاددى،گىپى ئاز بۇلۇپ،ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن سۆزلەيدۇ،ئاۋازى تۈۋەن چىقىدۇ،سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە ناھايىتى قىينىلىدۇ.گەرچە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسىمۇ بىراق مە زمۇننى خېلى بىر ۋاقىتقىچە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.مەسىلەن: كېسەل سۆھبەتلەشكەندە سۇئالغا دەرھال جاۋاپ بېرەلمەي،بىردەم تۇرۇۋېتىپ《كاللام ئىشلىمەس بۇلۇپ قالدى،ئىنكاسىم ئاستا》دەپ ئازاپلىنىدۇ،ئىچى تىتىلدايدۇ،جىددىيلىشىدۇ.

(3) تەپەككۇرنىڭ يېتەرسىزلىكى(كەملىكى)

گەرچە بۇ خىل ئالامەت يۇقىردا سۆزلەنگەن تەپەككۇرنىڭ ئاستىلىقى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ،لېكىن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان تەرەپلىرى بار.بۇنىڭدا ئاساسلىقى تەپەككۇرنىڭ مەزمۇنى مەنىسىز،ئۇقۇم ۋە سۆزلەر كەمچىل بولىدۇ.مەسىلەن: سورىغان ھەرقانداق سوئاللارغا 《پەقەت بىلمەيمەن...ھېچ ئىش يوق》دەپ مۇشۇ تەرىقىدىلا جاۋاپ بىرىدۇ.ئادەتتە كېسەللەر تەشەببۇسكار ھالدا بىرسى بىلەن مۇڭداشمايدۇ،ئادەمدىن قاچىدۇ.دوختۇرلار ئۇلاردىن قايتا-قايتا سورىغاندا《مېڭەمنىڭ ئىچى قۇپ-قۇرۇق،ھېچنىمە يوق》دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىشى،ئىرادىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

بۇ ئۈچ ئالامەت ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامىتىدۇر.

(4) پاتولوگىيە خاراكتېرلىك ئارتۇقچە سۆزلەش

كېسە ل بىرەر شەيئى ئۈستىدە سۆزلىگەندە بەزىبىر ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئىنتايىن تەپسىلىي،بىرمۇ بىر زىرىكمەي سۆزلەپ،زۆرۈر بولمىغان چۈشەندۈرۈشلەرنى بىرىدۇ.باشقىلار ئاڭلىسا،كېسەل قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىدىغاندەك بىلىنىدۇ،كېسەلنىڭ سۆزلەۋاتقان تىمىسىنى قۇرۇق گەپ ئىگىلەپ كىتىدۇ،بۇ خىل ئالامەت تۇتقاقلىق كېسىلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئەر،44 ياش،دىئاگنوزى:دىۋەڭلىك.دوختۇر كېسەلدىن《سىلەر سائەت قانچىدە زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيسىلەر》دەپ سورىسا كېسەل مۇنداق دېگەن: 《مەن ھەركۈنى سائەت يەتتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،يۈزۈمنى يۇيۇپ،ئاغزىمنى چايقاپ،ئاندىن زاۋۇتنىڭ ئۇدۇلىدىكى قايناق سۇخانىدىن چاي ئالىمەن.ئۇ يەردىكى سۇ بەك قىززىق،قايناق سۇخانىنىڭ دىجورنىخانىسىدا بىر قېرى ئىشلەيدۇ،ئۇ ھازىر 60 نەچچە ياشقا كىردى،ئۇنىڭ بىر بالىسى بار،8~7 كىردىمىكىن،بالىنىڭ ئاپىسى داۋاملىق بىر سېۋەتنى كۆتۈرۈۋېلىپ،بالىنى كۆرگىلى كېلىدۇ.سېۋىتىدە يەيدىغان نەرسىلەر بار،مەن ئۇنى چاي ئالغىلى بارغان چاغدا كۆرگەن.يۈزۈمنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىدا تاماق يەيمەن،ئادەم كۆپ،ئۆچىرەتتە تۇرىمەن.مەن ھەر كۈنى بىر قاچا شويلا،2 موما ۋە بىر كىچىك تەخسە سوغۇق سەي يەيمەن،ئىشچىلار تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن تىك-تاك توپ ئوينايدۇ.مەن ئويناشنى ئۇقمايمەن.شۇڭا مەن تامىقىمنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئىشقا بارىمەن.سائەت سەككىزگە ئاز قالغاندا ئىشقا چۈشۈپ كېتىمىز... 》.

2.تەپەككۇر باغلاشتۇرۇشنىڭ باغلىنىش جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى.

(1) تەپەككۇرنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى

ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېسەلنىڭ تەپەككۇرىنىڭ باغلاشتۇرۇشى ئاجىزلاپ،مەزمۇنى چېچىلاڭغۇلىشىدۇ،مەسىلىنىڭ نۇقتىلىق يېرىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.گەپ قىلغاندا لوگىكىلىق باغلىنىشى بولمايدۇ.باشقىلار كېسەل بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلىدۇ.ئېغىرلاشقاندا تەپەككۇرنىڭ بۇزۇلىشىغا تەرەققى قىلىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئەر،22 ياش،ئوقۇغۇچى،دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.دوختۇر كېسەلدىن 《قايسى مەكتەپتە،نېمە كەسىپتە ئوقۇيسىز》دەپ سورىسا،كېسەل 《مەن قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن؟ئۆيدىكىلەر ماڭا ياخشى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،تۆنۈگۈن بالىلار بىلەن كىنو كۆرگىلى بارغان ئىدۇق》دەپ جاۋاپ بەرگەن.

(2) تەپەككۇرنىڭ بۇزۇلۇشى

كېسەلنىڭ ئەس-ھۇشى ئېنىق ۋاقىتتا تەپەككۇر باغلاشتۇرۇش جەريانى بۇزۇلىدۇ،تەپەككۇر مەزمۇنىنىڭ ئۆز-ئارا باغلىنىشى ۋە لوگىكىلىقى كەمچىل بولىدۇ.يېزىق ۋە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا كېسەلنىڭ يەككە جۈملىسى قۇرۇلما ۋە گرامماتىكا جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ،لېكىن ئاساسى تېما بىلەن ئاساسى تېما ئوتتۇرىسىدا،جۈملە بىلەن جۈملە ئوتتۇرىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن باغلىنىش بولمايدۇ.شۇڭلاشقا ئەتراپتىكى كىشىلەر كېسەلنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ ياكى چۈشىنەلمەيدۇ.مەسىلەن: دوختۇر كېسەلدىن 《سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە》دەپ سورىسا،كېسەل دوختۇرغا《سىز دەرس ئۆتىۋاتىسىز...سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتىدۇ...تۇرمۇشىمىز باياشات...باشقىلار ئىنتايىن خۇشال...》دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.

(3) تەپەككۇرنىڭ ئىزچىل بولماسلىقى

گەرچە بۇ ئالامەت تەپەككۇرنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ،لېكىن ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ.بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى كېسەلنىڭ ئېڭى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئەر،63 ياش،دىئاگنوزى: ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك كېسىلى.كېسەلنىڭ ئەس-ھۇشى جايىدا ئەمەس.ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە ئىنكاسى يوق،دوختۇر كارىۋاتنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ،كېسەل ھېچنىمە كۆرمىگەندەك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ 《سەن نېمە دېمەكچى...ئۆي دېگەن ئۆي...ياق بولمايدۇ...ئامال يوق...دادامنىڭ دادىسى...》دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.دوختۇر كېسەلدىن《فامىلىڭىز نېمە》دەپ سورىسا،كېسەل 《ئىسمىم xxx،ھەر قايسى جايلاردا ھەر قايسى ئۇرۇندا ئادەمگە ئۆزگىرەلەيمەن...بىر پۇتۇم بىلەن ئالام كېزەلەيمەن...ئۇ ياخشى بالا...كۆپرەك يېگىن...تۈگىدى...ۋايجان...بومبا...شۇنداق...》دېگەن.

(4) تەپەككۇرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى

كېسەلنىڭ ئەس-ھۇشى جايىدا ھەم ھېچقانداق سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا،سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ ياكى پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدا مەزمۇنى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.بۇ خىل ئۈزۈلۈپ قېلىش كېسەلنىڭ ئۆزىنىڭ كونتىروللىقىدا بولمايدۇ.

(5) تەپەككۇرنىڭ توپلىنىشى

يەنە مەجبۇرلاش خاراكتىرىدىكى تەپەككۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ،كېسەلنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇنلىغان يېڭى تەپەككۇر ۋە يېڭى ئوي پىكىرلەرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا كېسەلنىڭ چوڭ مېڭىسىدە پەيدا بۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل تەپەككۇر داۋاملىق تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ،تۇيۇقسىز يوقىلىدۇ.بۇ ئالامەت ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى،تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن: بىر كېسەل دوختۇرغا 《كاللام تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىپ كەتتى،ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالمايۋاتىمەن.ئويلىغان ئىشلىرىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق...تەرتىپىمۇ يوق...مەغرۇپتىن مەشرىققىچە،مەشرىقتىن مەغرۇپقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كاللامغا كىرىۋالىدۇ.ھازىر بىر ئىش ئويلاپ تۇرسام،يەنە بىر ئىش كاللامغا كىرىۋالىدۇ》دېگەن.

3.تەپەككۇرنىڭ لوگىكا جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى.

(1) سىموۋۇللاشتۇرۇلغان تەپەككۇر

كېسەلنىڭ بىر قىسىم ناھايىتى ئاددى ئۇقۇم،سۆز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق،مەلۇم بىر ئالاھىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان مەنانى ئىپادىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئەر،34 ياش،خەنزۇ،دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل دوختۇرخانىدا ئىككى قولىنى ئوينۇتۇپ،بەزىدە سول پۇتىنى ئوڭ پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ.يەنە بەزىدە ئوڭ پۇتىنى سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ. بەزىدە بېشىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتىۋالسا،بەزىدە قورسىقىنى تۇتىۋالىدۇ.كېسەل بۇخىل ھەركىتىگە نىسبەتەن چۈشەندۈرۈش بەرمەيدۇ،باشقىلارنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىمايدۇ ياكى بۇ خىل ھەركىتى توختىمايدۇ.كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا ئۇ يۇقىرقى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: 《مىنىڭ سول قولۇم پۈتۈن ۋۇقۇدى بىلەن خەلققە خىزمەت قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئوڭ قولۇم بولسا،خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئىككى قولۇمنى پۇلاڭلاتقىنىم،كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىنىمنى بىلدۈرىدۇ.سول پۇتۇم ئاممىغا تايىنىشقا،ئوڭ پۇتۇم قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.سول پۇتۇمنى ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئۈستىگە قويغىنىم،كۆپچىلىككە تايىنىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگىنىمنى، ئوڭ پۇتۇمنى سول پۇتۇمنىڭ ئۈستىگە قويغىنىم بولسا،قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاممىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.ئىككى قولۇم بىلەن قورسىقىمنى تۇتقىنىم،خەلقنى قوغدىغانلىقىمنى،بېشىمنى تۇتقىنىم بولسا،رەھبەرلىكنى قوغدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ 》دېگەن.

(3) يېڭى سۆز،ئىبارىلەرنى ئىجاد قىلىش

كېسەل بىر قىسىم خەت،شەكىل ۋە بەلگىلەرنى ئىجاد قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئالاھىدە بىر مەنەلارنى يۈكلەيدۇ.بەزىدە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتسىز بىر نەچچە ئۇقۇم ياكى چولتا سۆزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ،يېڭى بىر مەناغا ۋەكىللىك قىلىدۇرىدۇ.مەسىلەن: كېسەل قۇياشنىڭ ئەتراپىغا بىر چەمبىرەك سىزىپ،بۇ رەسىمنى دوختۇرغا بەرگەن،دوختۇر 《بۇ نېمە》دەپ سورىغاندا،ئۇ《ئوتتۇرسىدىكى قۇياش،ئەتراپىنى ئوراپ قويغىنىم بولسا،كەچ بولدى دېگەنلىكنى،سىزگە بېرىشىمدىكى سەۋەب،كەچ بولدى ئىشتىن چۈشۈڭ دېگەننى بىلدۈرىدۇ》دېگەن.

(4) تەتۈر لوگىكىلىق تەپەككۇر

كېسەلنىڭ تەپەككۇر جەريانىدا خاتا،چۈشىنىكسىز،غەيرىي بىر يەكۈن چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئەر،22 ياش،دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان 《ئادەم تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا،ھايۋاندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن،شۇڭلاشقا ئادەملەر گۆش يىسە بولمايدۇ،يەنە چوڭقۇرلاشتۇرساق،ھايۋانلار ئۆسۈملۈكتىن تەدرىجىي تەرەققى قىلغان،شۇڭا كۆكتات يىمەسلىك كېرەك.ئۆسۈملۈكلەر بولسا،يەردىن ئۈنۈپ چىققان،شۇڭا يەرگە دەسسىمەسلىك كېرەك》.

(5) سوفىزىملىق تەپەككۇر

تەپەككۇر باغلاشتۇرۇش جەريانىدا تاشقى كۆرۈنۈش ۋە ئۇقۇمنىڭ لوگىكىلىق دەلىللەش جەريانىدىكى باغلىنىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،كېسەل ئەمەلىي مەنىسى ۋە قىلچە ئاساسى بولمىغان سۆز ۋە سەپسەتىلەرنى توختىماي سۆزلەيدۇ.باشقىلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ،لېكىن سۆزلىرىنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى نورمال بولىدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئەر،24 ياش،دىئاگوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل ئۆزىنى يېڭى پەلسەپىۋى بىلىملەرنى ئىجاد قىلغۇچى ۋە چۈشەندۈرگۈچى دەپ ئاتىغان. كېسەل مۇنداق دېگەن:《بىز تۇخۇمنى بەلگىلىك شارائىتتا چۈجىگە ئايلىنىدۇ دېسەك،ئۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى بايقىغان بولىمىز،دېمەكچى بولغىنىمىز چۈجە بولسا،تۇخۇمنىڭ ئۆزى شۇ،ئۇ ئاقسىل شەكلىدە چۈجىگە ئايلانغان تۇخۇم،بىز پەقەت چۈجىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتساق،ئۇنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى تۇنۇغان بولىمىز...تۇخۇمنىڭ چۈجىگە ئايلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالساق،بىز چۈجىگە ئايلىنىش جەريانىنى بىلگەن بولىمىز،جۈملىدىن ئاددىي ئىشلاردىن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تاپقان بولىمىز》.

4.تەپەككۇر پائالىيتىنىڭ شەكىل جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

(1) ئۇدا قىلىنغان سۆز

پاتولوگىيلىك ئارتۇقچە سۆزلەش بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان تەپەككۇر باغلاشتۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا كېسەل بىر سۆزنى توختىماي دەۋىرىدۇ،يېڭى بىر سۆزگە يۆتكەلمەيدۇ.بىرىنچى قېتىم سورالغان سوئالغا جاۋاب بىرىپ بولغاندىن كىيىن،كىيىن سورالغان سوئاللارغا بىرىنچى قېتىمقى سوئالغا ئوخشاش جاۋاب بىرىدۇ.مەسىلەن: دوختۇر كېسەلدىن《سەن بۈگۈن نېمە ئىش قىلماقچى؟》دەپ سورىسا،كېسەل《كېسەل كۆرسىتىمەن》دەيدۇ.ئارقىدىن دوختۇر يەنە نۇرغۇن سوئال سورىسا،ئوخشاشلا 《كېسەل كۆرسىتىمەن، كېسەل كۆرسىتىمەن》دېگەن ئىككى سۆزنىلا تەكرارلايدۇ.

(2) قايتىلانما سۆز

كېسەل پەقەت سۆزلىگەن بىر جۈملە سۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى بىر سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلايدۇ.كېسەل گەرچە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھۋس قىلسىمۇ،لېكىن ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدۇ.مەسىلەن: كېسەل ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ:《بۇ يەر قەيەر،قەيەر،قەيەر...》دەپ تەكرارلاۋېرىدۇ.

(3) ئادەت بۇلۇپ قالغان سۆز

كېسەل توختىماستىن ئەھمىيەتسىز،مەنىسى يوق ئوخشاش بىر سۆزنى تەكرارلايدۇ.مەسىلەن: كېسەل قايتا-قايتا 《مېنى ئوپراتسىيە قىلىڭلار، ئوپراتسىيە قىلىڭلار، ئوپراتسىيە قىلىڭلار!》دەيدۇ،ئەمەلىيەتتە كېسەلدە ئوپراتسىيە قىلغۇدەك ھېچبىر كېسەللىك يوق.

(4) دورالغان سۆز

كېسەل ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئەينى دورايدۇ.مەسىلەن: دوختۇر كېسەلدىن 《ئىسمىڭىز نىمە؟》دەپ سورىسا،كېسەل دوختۇردىن 《ئىسمىڭىز نىمە؟》دەپ سورايدۇ.دوىتۇر يەنە كېسەلدىن 《بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟》دەپ سورىسا،كېسەل دوختۇرنى دوراپ《بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟》دەپ سورايدۇ.

يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ ھاللاردا ئادەت بۇلۇپ قالغان ھەرىكەت،دورالغان ھەرىكەت بىلەن بىرگە پەيدا بولىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ جىددىي تىپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

4.تەپەككۇر مەزمۇنىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

1. بىھۇدە خىيال دېگەن نېمە؟

ئۇ بۇرمىلانغان،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر خىل چۈشەنچە،مۇۋاپىق بولمىغان ھۆكۈم قىلىش ۋەخاتا خۇلاسە چىقىرىشتىن ئىبارەت.بۇنداق خاتا خۇلاسە ۋە ھۆكۈملەر كېسەلنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.شۇنداقلا كېسەلنى ئەمەلىيەت بىلەن قايىل قىلىش،چۈشەندۈرۈش،تۈزەتكۈزۈش قىيىن بۇلۇپ،كېسەل ئۆزىنىڭ خىيالىغا قارىتا قەتئىي تەۋرەنمەس ئىشەنچىدە بولىدۇ.نۇرمال كىشىلەردىمۇ بىھۇدە خىياللار بولىدۇ،لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال تۈزىتىۋالىدۇ.K.Jas.persبىھۇدە خىيالنى بىرلەمچى بىھۇدە خىيال ۋە ئىككىلەمچى بىھۇدە خىيال دەپ ئىككىگە ئايرىغان.بىرلەمچى بىھۇدە خىيال ھەرخىل پىسخىك پائالىيەت ۋە روھى غىدىقلىنىشلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەيدا بولىدۇ،ھازىرغىچە پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئىنىق ئەمەس.ئىككىلەمچى بىھۇدە خىيال بولسا خاتا تۇيغۇ،خىيالىي تۇيغۇ ياكى ھىسسىيات ئامىلى مەسىلەن: قاتتىق تەسىرلىنىش،قورقۇش،كەيپىياتى تۈۋەن بۇلۇش ياكى كەيپىياتى يۇقىرى بۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدۇ.يۇقىرىقى ئەھۋاللار يوقالسا بىھۇدە خىيالمۇ تەدرىجىي يوقىلىدۇ.

2.بىھۇدە خىيال كلىنىكىدا قانچە خىلغا ئايرىلىدۇ؟

(1) مۇناسىۋەت خام خىيالى

بۇ خىل خام خىيال يەنە ئەگەشمە ئۇقۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.كېسەل ئەتراپتىكى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىشلارنى،ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.گېزىت-ژورناللاردىكى ماقالە،تېلىۋىزور،رادىئولاردىكى نۇتۇقلارنى ئۆزى توغرىلىق سۆزلەنگەن،دەپ قارايدۇ ھەم باشقىلارنىڭ يۆتىلىشى،تۈكۈرۈشى،ئىشىكنى يېپىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە قارىتىلغان،دەپ قارايدۇ.مەسىلەن: ①كېسەل ئەر،ئۇيغۇر،23 ياش،دىئاگنوزى:ئېلىشىپ قېلىشكېسىلى.كېسەلنىڭ ئۆيىدىكىلەر دوختۇرغا مۇنداق دېگەن: 《كېسەل ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قوشنىمىزنىڭ ئىشىكىنى ياپقانلىقىنى كۆرۈپ،ئىنتايىن خاپا بولۇپ،ئۇ مىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ،ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ،ئىشەنمىسەڭلار ئۆيىگە كىرىپ قاراپ بېقىڭلار،ئۇلار چوقۇم مىنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىۋاتىدۇ،دېدى،10~5 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن يۇقىرىقى گەپلەرنى تەكرارلاپ ئاچچىقلىنىپ،قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتى》.②كېسەل ئايال،36 ياش،دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.كېسەل كېسىلى ياخشىلانغاندىن كىيىن دوختۇرغا تۈۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن: 《مەن1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىدارىغا بېرىپ ،ئىشخانامغا كىرسەم ،بىر قانچە خىزمەتداشلىرىم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ،مېنىڭچە ئۇلار چوقوم مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلدى.لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم.لېكىن گەپلىرىگە زەن قويسام،ئۇلار قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىمسەن ئاڭلا دېگەندەك قىلىپ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مەن چىدىيالماي يىغلىۋەتتىم. خىزمەتداشلىرىم كېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ،نېمە بولدىڭىز،بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدى، مەن ئۇلارنى قەستەن زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ،دەپ ئويلىدىم.شۇڭا،مەن تېخىمۇ قاتتىق يىغلىدىم. شۇ مەزگىللەردە ناھايىتى جىددىيلىشىپ يۈردۈم،كۆڭلۈم پەقەتلا خوش بولۇپ باقمىدى.بىر قېتىم خەلق گېزىتىدىن ھايۋاناتلارنى قانداق بېقىش توغرىسىدىكى ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم.شۇ ۋاقىتتا گېزىتتە سۆزلەنگەن ھايۋاننى ماڭا ئوخشاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى ...ھازىر ئويلىسام بەك كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ،لېكىن شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ خىيالىم راستتەك بىلىنەتتى》.

(2) ئالاھىدە مەنىگە ئىگە بىھۇدە خىيال

بۇ خىل بىھۇدە خىيال يۇقىرىقى بىھۇدە خىيال ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ.باشقىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغاندىن سىرت، يەنە ئالاھىدە مەناغا ئىگە دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: كېسەل ئايال،58 ياش، دىئاگنوزى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ دىۋەڭلىك مەزگىلى.كېسەلنىڭ ئوغلى كېسەلگە《 قورقۇنۇچلۇق جىلغا》 دىگەن روماننى ئەكىلىپ بەرسە،كېسەل 《ئوغلۇم مېنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى 》دەپ قارىغان. ئىدارىدىكىلەر پېنسىيىگە چىققان كېسەللەرنى،ئىنقىلاۋى قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدۇرغىلى ئاپارغاندا 《مېنى ئۆلۈم يولىنى تاللا دەپ ئەكەلدى 》دەپ چۈشەنگەن.

(3) قەستكە ئۇچراش بىھۇدە خىيالى

كلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.كېسەل سەۋەپسىزلا مەلۇم بىر ئادەم ياكى مەلۇم بىر گۇروھنى ئۆزىنى قەستلىدى،ھۇجۇم قىلدى،ئىشلىرىمغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: كېسەل،باشقىلارنى تامىقىمغا زەھەر سېلىپ قويدى،مېنى بىرسى كۆزىتىۋاتىدۇ،مېنى قەستلەشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ،... دەپ قارايدۇ. ① كېسەل،ئەر،ئۇيغۇر، 18 ياش، دىئاگنوزى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى. كېسەل ئۆيىدە قولىغا پىچاق ئېلىۋېلىپ ئۆيدىن سىرتقا چىقمىغان، تاماق يىگىلى ئۇنىمىغان،يۇيۇنمىغان،دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن كېسەلدىن ئەھۋالنى سورىغاندا كېسەل مۇنداق دېگەن: 《 ئۆيدىكىلەرنىڭ مەن بىلەن خوشى يوق،ئۇلار مېنى بۇ دۇنيادىن يوقاتماقچى، شۇڭا تامىقىمغا زەھەر سالىدۇ، ئۇخلاپ قالسام بوغۇپ قويماقچى بولىدۇ. يۇيۇناي دېسەم سۇنى قىزىتىپ،كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقۇپ يۇيۇنمايمەن...》. ② كېسەل ئەر،32ياش، دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى. كېسەل دوختۇرغا مۇنداق دېگەن《 ئۆيۈم 6- قەۋەتتە، تۇرۇپ-تۇرۇپ سۇ توختاپ قالىدۇ. بۇ چوقۇم5-قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئىشى، سۇ كەلگەندە ئىشلىتىشتىنمۇ قورقىمەن،ئۇلار چوقۇم سۇغا زەھەر ئارىلاشتۇرىۋەتتى، 5- قەۋەتتىكىلەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۆلتۈرمەكچى. ساقچىلار مېنى تۇتماقچى،ئۇلار مېنى كۆزىتىۋاتىدۇ. شۇڭا دېرىزىلىرىمگە قەغەز چاپلىۋەتتىم، مەن كارىۋاتتا ياتالمايمەن، كارىۋاتمۇ خەتەرلىك،ئۇلار ئوڭاي بايقىۋالىدۇ، شۇڭا مەن ھۇجرامدا ئۇخلىماي، زالنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئۇخلايمەن،بۇنداق قىلسام بىرقەدەر بىخەتەر بولغاندەك بىلىنىدۇ. مېنى سىرتتىكى كىشىلەرمۇ قەستلىمەكچى،سىرتتىكى ئاشىانىلاردىن تاماق يىمەيمەن،گۆش ئالسام سوپۇنلاپ يۇيىمەن،ئۇلار ئارىلاشتۇرىۋەتكەن خىمىيىلىك ماددىلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋىتىمەن》.

(4) تەسىر خاراكتېرلىك بىھۇدە خىيال

كېسەل ئۆزىنىڭ روھىي پائالىيىتىنى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ۋە سىرتقى كۈچنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا دەپ قارايدۇ ياكى سىرتقى كۈچنى بەدىنىمدە يېقىمسىز بىر خىل سېزىم پەيدا قىلىپ قويدى،دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسى،قان بېسىمى، ھەزىم قىلىشى قاتارلىقلارنىمۇ سىرتقى كۈچنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دەپ قارايدۇ. كېسەل ئۆزى ئېلېكتىر دولقۇنى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، رادىئاكتىپلىق نۇر ياكى ئالاھىدە ئۈسكىنە قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم دەپ قارايدۇ. بۇنى كلىنكىدا فىزىكىلىق تەسىر خاراكتېرلىك بىھۇدە خىيال دەپمۇ ئاتايمىز. مەسىلەن:① كېسەل ئەر، 18 ياش، دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى. بەش يىل بۇرۇن كېسەل ئۆزىنى بىر خىل ئۈسكىنە كونترول قىلىۋالدى، دەپ قارىغان. كېسەل 《بەزىدە كىتاب كۆرگەندە كاللام بەك ئىشلەپ كېتىدۇ، بەزىدە قاتماللىشىپ قالىدۇ،يەنە بەزىدە توختاپ قالىدۇ. پۈتۈن بەدىنىمدىكى مۇسكۇللار، بولۇپمۇ، قۇرساق مۇسكۇلۇم ئىنتايىن ئاغرىيدۇ. بەزىدە بېشىممۇ قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. مۇسكۇللىرىم قىسقىراپ،ئۆسەلمەي قالدىم. بەزىدە بەپىسىم يېتىشمەيدۇ،كۈلەلمەي قالىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم مەلۇم بىر ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر كونترول قىلىۋالغان دەپ قارايمەن 》دېگەن. ② كېسەل ئەر،ئۇيغۇر، 48 ياش، دىئاگنوزى: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى. كېسەل دوختۇرغا مۇنداق دېگەن: 《 مەن كېسەل بولغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى،لېكىن سىلەر مېنى تولۇق ساقايتالمېدىڭلار،بەدىنىمدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئۈسكىنىسىنى ئېلىۋېتەلمىدىڭلار، باشقىلار مۇشۇ ئۈسكىنە ئارقىلىق مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ئۇقۇپ تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن مېڭەمگە ئورنۇتۇپ قويغان باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن مېنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ 》.

(5) مۇبالىغە خاراكتېرلىك بىھۇدە خىيال

بۇ خىل بىھۇدە خىيال كۆپ ھاللاردا كېسەلنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ. مەزمونى،ئورۇن، ۋاقىت، مۇھىت ۋە كېسەلنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.كېسەل ئۆزىنى ئالىم، دۆلەت رەھبىرى، كەشپىياتچى، ئەڭ چوڭ باي دەپ قارايدۇ.مەسىلەن: ① كېسەل ئەر، خەنزۇ،43 ياش، دىئاگنوزى: دىۋەڭلىك. كېسەل 《 مەن تەڭداشسىز گېنرال، 90 دىۋىزىيەم، 1000 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلانىم، ساناقسىز تانكىلىرىم، توپ ۋە مىلتىقلىرىم بار، جۇڭگونى مەن ئازات قىلغان، مەن ئىلگىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئوقۇغان، ھەر قايسى دۆلەت تىللىرىدا سۆزلىيەلەيمەن، مېنىڭ پۇلۇم ناھايىتى كۆپ، نەچچە يەردە بانكام بار، ئۆيۈمدە 100 نەچچە ئادەم ئىشلەيدۇ ،400 قىز-ئوغلۇم بار... 》دېگەن. ② كېسەل ئەر،ئۇيغۇر، 26 ياش، دىئاگنوزى: ھېسسىيات خاراكتېرلىك روھىي كېسەل، قۇتراش تىپى. كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن خۇددى چوڭ پروفېسسورلاردەك قوللىرىنى ئارقىغا قىلىپ، سالماقلىق بىلەن: 《》







قىلىش كېسەللىكى ،كېسەل 1955-يىلى 7-ئايدا قورسىقىم بىئارام قىلىۋاتىدۇ،دەپ جۇڭيىچە داۋالانغان.ئاشۇ ۋاقىتتا يىڭنە سانجىغاندا ئازىراق ئاغىرغان ،كېسەل ئېھتىمال پېيىم ئۈزۈلۈپ كەتتى،دەپ ئويلاپ داۋاملىق شۇ ئىش ئۈچۈن تىت-تىت بولغان،شۇيىلىتۇغۇتتىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلاپ كەتكەن ،كېسەل بەدىنىمدىكى نۇرغۇن پەيلىرىم ئۈزۈلۈپ قورساقلىرىمسېسىپ كەتتى دىگەن ،ھەمدە شۇ سەۋەپلىك كارۋاتتتىن چۈشمەي يېتىۋالىدىغان ،تاماق يىمەيدىغان ، چوڭ كىچىك تەرىتىنى ئورنىدا چىلىدىغان بولغان.كېسەل قېنىم تومۇرۇمدىن ئېقىپ چىقىپ كەتتى شۇ سەۋەپلىك مۇسكۇللار قۇرۇپ كەتتى ،پۈتۈن بەدىنم قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالدى دېگەن .

(8)ھەسسەتخورلۇق خارەكتىردىكى بىھۇدە خىيال.

كېسەل ئۆزىنىڭ جۆرىسىنى يەنى ئېرىنى ياكى ئايالىنى ئۆزىگە سادىق ئەمەس ،سىرتتا بىرسىبىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ.شۇسەۋەپلىك جۈپتىنى ئوغۇرلۇقچە تەكشۈردۇ ياكى ئوغۇرلۇقچە كۈزىتىدۇ.مەسىلەن:كېسەل،31ياش،ئۇيغۇر،دىياگىنوزى:ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى.كېسەل دوختۇرغا «ئۇ مىنىڭ ئايالىم بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس،ئۇنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بار...ماڭا ئىشقا بارىمەن دەپ قويۇپ ،ئوينىغىلى بارىدۇ،ئىدارىسىگە تېلغۇن بەرسەم ماڭا ئىشىم بەك ئالدىراش دەپ تېلفوننى قويىۋاتىدۇ ،ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن،ئاپتۇبوس توسۇلۇپ قالدى دەپ قويۇپ ،ئۆيگە قەستەن كەچ قايتىدۇ،ئۇ ئككىسى مىنى كۆزدىن يوقاتماقچى ...ماڭا قەست قىلماقچى ....»دىگەن.

(9)ئاشىق بولۇش خاراكتىردىكى خام خىيال .

كېسەل قەتئىي ھالدا مەلۇم بىرسى مىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ،دەپ قارايدۇ .باشقىلارنىڭ كۆپ قېتىم رەت قىلىشىغا ئۇچۇرغان بولسىمۇ ئاسانلىقچە بەل قويۋەتمەيدۇ،ئۇ بەلكىم مىنى سىنا ۋاتقاندۇ دەپ ئويلايدۇ ،مەسىلەن:كېسەل ئايال،22ياش،دىياگىنوزى:ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى كېسەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆيگە قايتقاندا،خوشنىسنىڭ ئوغلى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ،قوشنىسنىڭ ئوغلىنى مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىغان ھەمدە كۆپقېتىم خەت يېزىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان .لېكىن قوشنىسنىڭ ئوغلى ھېچ قانداق خەت يازمىغان .ئەكسىىچە كېسەلنىڭ يازغان خېتىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەن،ئۇ خىجىل بولۇپ خېتىمنى قايتۇرۇپ بەردى دەپ ئويلايدۇ ۋە ئەتىراپىمىزدىكىلەر بىز نى قوللايدۇ ،ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ماسلاشقانلار دېيىشىدۇدەپ قارايدۇ ،كېسەلنىڭ ئۈيىدىكىلەر كۆپ قېتىم نەسىخەت قىلىپ ،بۇ نىيىيتىدىن يېنىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ ،كېسەل قەتتى چىڭتۇرىدۇ...

(10)ئوغرى ئېلىۋېلىش خارەكتىردىكى بىھۇدە خىيال .

كېسەل ئۆزىنىڭ نەرسىللىرنى باشقىلار ئوغۇرلىۋالدى دەپ قارايدۇ .بۇخىل بىخۇدە خىيال قېرىلىقىقتىن بولغان روھىي كېسەللىكلەردە كۆپ ئۇچۇرايدۇ.

(11)ئىچكى سىرى ئاشكارلىنىپ قېلىش خارەكتىرلىك بىھۇدە خىيال

كېسەل ئويلىغانلىرنى باشقىلاربىلىدۇ دەپ قارايدۇ،مەسىلەن :كېسەل ئەر ،26ياش، دىئاگىنوزى:ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى،كېسەل قەتئىي ھالدا مىنىڭ سىرىم يوق،مەن دىمىسەممۇ ئويلىغانلىرىمنى باشقىلار بىلىدۇ،ئۇلار ئېلىكتىرونلۇق باگىنىت دولقۇنى ئارقىلق كاللامدا ئويلىغانلىرىمنى ئېلىۋېلىپ باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.

شۇڭا مەن نىمە ئىش قىلىشنى ئويلىسام باشقىلار شۇننى بىلىۋالىدۇ،مەن نىمە ئىش قىلماقچى بولسام باشقىلارمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ ،مەن تاماق يىيىشنى ئويلىسام باشقىلار تاماق قاچىسنى چوكا بىلەن چېكىدۇ.مەن xنى ئەسكى دىسەم ئۇ بۇنى بىلىۋېلىپ ۋەشۇ ھامان بۇنى بىلىۋېلىپ ماڭا يامان كۆزى بىلەن قاراپ ،«مەن ئەسكى ئەمەس»دەۋاتقاندەك كۆرىندۇ،دىگەن.

(12)ھايۋانلارغا ئۆزگىرىپ قېلىش بىھۇدە خىيالى.

كېسەل ئۆزىنى بىر خىل ھايۋانغا ئايلىنىپ قالدىم،دەپ چىڭتۇرىدۇ.شۇنداقلا ،شۇنىڭغا ماس ھالدا قالايمىقان قىلىقلارنى قىلىدۇ.مەسىلەن:ئىت،كالا ،قوي...قاتارلىقلار.كېسەلمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۆمىلەپ ،ئوت چۆپ غەيرىي قىلىقلارنى قىلىدۇ.مەسىلەن :كېسەل ئەر ،49ياش، خەنزۇ،دىئاگىنوزى:ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى .كېسەل دوختۇرغا مۇنداق دىگەن:«مەن بىر بېشى يوق ھايۋان،تۇغۇلۇشىمدىنلا بىر جىن ئالۋاستى مەن ،شۇڭا مىنىڭ چوڭ مېڭەم بەش ئەزايىم ،پۇت قوللۇرۇم تولۇق ئەمەس،بۇنى مەن ئۆزئىختىدارىم ئارقىلىق بىلىۋالغان،»كېسەل دوختۇرخانىغان كىرگەندىن كېيىن تۆت كۈن ئۇخلىمىغان.دوختۇر سەۋەبىنى سورىسا«مەن ئالۋاستى تۇرسام ئەلۋەتتە ئۇخلمايمەن»دىگەن.

يەنە بەزى كېسەللەردە ناھايىتى ئاز ئۇچۇرايدىغان ئاجايىپ بىر خىل بىخۇدەخىياللار پەيدا بولۇپ قالىدۇ ،كېسەل ئۆزىنىڭ ئاتا ئانىسنى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ،مىنىڭ ھەقىقى تۇققانلىرىم ئەمەس، مەن قىلچىلىك قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ،دەپ قارايدۇ، بىز بۇنى قانداشلىق مۇناسىۋاتىنى ئىنكار قىلىش خارەكتىدىكى بىھۇدە خىيال دەپ ئاتايمىز. يەنە بەزى كېسەللەر ئۆزىنىڭ تۇققانلىزغا نىسبەتەن مەسىلەن:ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكىللىرىغا قارىتا قارىتا گۇمانى قاراشتا بولىدۇ ۋەئۇلارنى يېقىنلىرنىڭ سۈرىتىگە كىرۋالغان جىن-ئالۋاستىلار دەپ قارايدۇ.

بۇنى جىن چاپلىشىۋېلىش خاراكتىردىكى بىھۇدە خىيال دەيمىز.


bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:11:37

بۇ تېمىنى ۋە يۇقارقى تور بەتنى بىزنىڭ بەزى <گۇمانشۇناسلىق> تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەللامە پەيلاسوپلىرىمىز كۆرۈپ پايدىلانسا بولغۇدەك.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:24:46

يالغان ساراڭ بولىۋالغىلى بولامدۇ \"\"؟؟(قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇش مەقسەت)


راس ساراڭ ياكى يالغان ساراڭنى مەلۇم ئۈسكۈنىلەر بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولامدۇ؟\"\"

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:25:41

مېنىڭچە بۇنداق يازمىلار ياكى مۇشۇ خىل خاراكتېردىكى كىتاپلارنى ھەر كىملا بولسا ئوقۇپ قويسا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.   ئاۋۇ تور بەتنى قۇرغانلارنىڭ بىر كىتابى بولىدىغان


<< روھى كېسەللىكلەر ھەققىدە ساۋات>> دەيدىغان...   تورداشلارنىڭپايدىلىنىشغا ئەرزىيدۇ ...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:26:59

ئەگەر سىزنىڭ راسىت ياكى يالغان ساراڭ ئىكەنلىكىڭىزنى بىكىتىشكە ساراڭلار ساناتۇرىيەىسنىڭ ئادەملىرى كەلسىمۇ بىلىۋالالايدۇ.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 18:30:46

يالغان ساراڭ بولىۋالغىلى بولامدۇ \"\"؟؟(قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇش مەقسەت)


راس ساراڭ ياكى يالغان ساراڭنى مەلۇم ئۈسكۈنىلەر بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولامدۇ؟\"\"


_____________________________________________________________________



ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىلگىلى بولماسلىقى مۇمكىن . لېكىن ئۇستا پىسخولۇگلار بىلەلەيدىكەن.   لېكىن چاندۇرۇپ قويسىڭىز تۈگىشىسىزدە\"\"...


روھىي كىسەللىك ئالامەتلىرىنى بەكرەك بىلىۋېلىپ ئاندىن ئىش باشلىسىڭىز، ئاندىن تەكشۈرتكەندە شۇنداق ئالامەتلەر يوق بولسىمۇ بار دەپ تۇرىۋالسىڭىز بولۇشى مۇمكىن \"\"...

selma يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:26:37

يالغان ساراڭ بولىۋالسا ئۈسكۈنە بىلەن بىلگىلى بولىدۇ.يۈرەك رېتىمى،مىڭىنىڭ دولقۇنى،كۆز قارىچۇغىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈسكۈنە كۈزىتەلەيدۇ....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:27:44

نۇرغۇن پارىخورلار يالغان ساراڭ بۇلۇپ قۇتۇلىدىكەنغۇ. ئاڭلىسام تۆتىنچى دوختۇرخانىدا مۇشۇنداق چوڭ باشلىقلاردىن خېلى بار دەيدىغۇ...

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 21:29:26

بۇرۇن بىربالا يالغان ساراڭ بۇلۋىلىپ خېلى قاملاشتۇرغان كىيىنسىگە ئاشكارلىنىپ قالدى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-27 02:39:35

زەھەرنى زەھەر بىلەن داۋالاش دىگەن شۇكەندە\"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-27 13:41:35

بىزدىمۇ گېپى ئاز، تېخنىكىسى ساز پسىخولوگلار چىقسا بولاتتى..

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-27 22:30:06

بىزدىمۇ گېپى ئاز، تېخنىكىسى ساز پسىخولوگلار چىقسا بولاتتى..


______________________________________________________



مەنمۇ شۇ ئۈمىدتە ، دېمىسىمۇ ھازىرقى (ئاتاقتا)پىسخولوگلار نان يېسەڭ قورسىقىڭ تويىدۇ دېيىشنى شوئار قىلىۋالغاندەكلا بىلىنىدۇ ...

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-11 16:35:00

ياخشى تېمىكەن... يەنىمۇ توختىماي يوللاپ تۇرۇڭ ھە!

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 16:25:27

تېمىڭىزغا ھەشقاللا!

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 16:26:44

تېمىڭىزغا ھەشقاللا!

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 16:27:42

تېمىڭىزغا ھەشقاللا!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 16:44:23

بامۇ سەن ئادىشوي؟ئەجەپ ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭا؟!
بەت: [1]
: روھى كېسەللەرنى بىزار قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى