Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 19:04:03

يۇمۇر ئېيتىشمامدۇق

جىم بولۇپ قالدى مۇنبەر، بىردەم يۇمۇر ئېيتىشمامدۇق؟ قىززىق گەپلەر بولسا دىيىشمەمسىلە بى كۈلىۋالىلى!


مەن بىرنى باشلاي ئەمسە:


ئەينى ۋاقىتتىكى شاڭخەينى بىلىسىلەرغۇ؟ ھە شۇ شاڭخەيدە بىر يىگىت يىڭىدىن ساقچى بوپتۇ. ھىلقى قارا كىيىم، قاسقان شەپكىللىرىنى كىيىپ كىنو كۆرگىلى بارىدىكەندە. شۇنداق قىلىپ بىلەت ساتىدىغان يەرگە كىلىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپتۇ. بىر چاغدا بىرەيلەن:


-ئەپەندىم سىز يىڭى ساقچىكەنسىزدە؟،- دەپ سوراپ ھىجىيىپ قاراپ تۇرغىدەك. << بۇنى قانداق ئۇققاندۇ؟>> دەپ ھەيران بولۇپ قاراپتۇ. ھىلقى دەپتۇ،- بىزنىڭ بۇ يەردە ساقچىلارھەرگىز ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بىلەت ئالمايتتى...


<< ھەييي ئۇقۇپ قاپتۇدە...>> دەپ ئۇنىڭغا بىر ھومۇيىپ قويۇپ، ئۆچىرەتنى بۇزۇپلا ئالدىغا ئۆتۈپ ،- بىلەتتىن بىرنى!،- دەپتۇ ئازىراق ھەيۋە بىلەن، ئارىدا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا يول بوشۇتۇپ بىرىدىكەن . ھىلقى بىلەت ساتقۇچى يەنە ئۇنىڭغا قاراپ مەسقۇرتۇتقاندەكرەك كۈلۈپ يەنە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:


-ئەپەندىم سىز يىڭى ساقچىكەنسىزدە؟


<< ئاپلا بۇنى قانداق بىلدى>> دەپ جىلە بولۇپ تۇرغانىكەن ھىقى بىلەت ساتقۇچى قوپۇپ،


- بىزنىڭ بۇ يەردە ساقچىلار ھەرگىز ئۆزى كىلىپ بىلەت ئېلىپ يۇرمەيتتى، قارىغاندا سىز يىڭى ساقچىكەنسىز.،- دەپتۇ. بىلەتنى ئۇنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ غۇدىرغانچە كىنو كۆرىدىغان ئورۇنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر ۋاختا ياندىكى بىرى:


-ئەپەندىم سىز يىڭى ساقچىكەنسىز، ھە؟،- دەپ سوراپتۇ. ئۇنىڭ ئاچچىقى 80 گە چىقىپ، << سەن قانداق بىلىسەن!؟>> دەپ سورىغانىكەن،


- بىزنىڭ بۇ يەردە ساقچىلار ھەرگىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرمەيدۇ، ئىككىنچى قەۋەتتە ئايرىم ئورۇنى بار شۇ يەرگە چىقىپ كۆرىدۇ.،- دەپتۇ ھىلقى كىشى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئايرىم ئورۇندا ئولتۇرۇپتۇ... بىر چاغدا ئۇنىڭ كىچىك تەرىتى قىستىغاندەك بولۇپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى مۇلازىمدىن تازىلىق ئۆيى نەدە؟ دەپ سورىغانىكەن ھىلقى مۇلازىم تۇرۇپ كىتىپ:


-ئەپەندىم سىز يىڭى ساقچىما؟ دەپ سوراپتۇ.


-ھە بولسام نىمبوپتۇ، دەپ چەكچىيىپتۇ ھىلقى ساقچى.


-بىزنىڭ بۇ يەردە ساقچىلار ھەرگىز تازىلىق ئۆيى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، مۇشۇ يەردىنلا پەسكە جىغايدۇ.،-دەپتۇ ھىقى مۇلازىم. << بولدى سەن كەت!>> دەپ مۇلازىمنى كەتكۈزىۋىتىپ، شۇ يەردىلا پەسكە جىغاشقا باشلاپتۇ... بىر ۋاقتا پەستىن بىرى:


-ھەي، ئۈستىدىكى قايسى يىڭى ساقچى! بىر يەرگە جىغاۋىرەمسەن؟، دەپ ۋاقىراپتۇ.


<<سەن قانداق بىلدىڭ!!>> دەپۋاقىراپتۇ پەسكە قاراپ ھىقى ساقچى ئاچچىقىنى باسالماي. پەستىن:


- بىزنىڭ بۇ يەردە ساقچىلار بىر يەرگىلا جىغىماي ھەممە يەگە جىغايدۇ.،- دىگۈدەك.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 12:00:07

مىنىڭ بىر ئاغىنەم بار، بەك شوخ


بۇنىڭغا باشقا ئاغىنىلەر بىر قىزنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، كۆرۈشۈپ باقسۇن دەپ ۋاقىت دىيىشىپتۇ.


شۇ كۈنى بۇ ئەتىر دىگەننى چېچىپ، چاچ ساقالنى پاكىز ياساپ ، پىچەت بولۇپ قىز بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىدىكەندە. بۇ دەرھال ئۇ يەرگە بارماي سەل كىچىكىپ، ماندا قارىسا قىز بالا ساقلاۋاتقان، خېلى چىرايلىق قىزكەن، بارغانچە بېرىپ خۇددى كونا مۇھەببىتىدەكلا تۇتە بىلەكتىن دەپ قولىنى شىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ئاقسا كىتىۋاتسا تېلفۇنى سايراپ كىتىپتۇ. ئۇ شۇنداق قاراپ قويۇپ بېسىۋىتىپلا يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ مېڭىشنى داۋام قىلسا ھېلقى قىز ھەيران بولۇپ سورىسا دىگۈدەك:


-بۇ يەرگە چىقىشتىن بۇرۇن تېلفۇننىڭ سائىتىنى بەش مىنۇتتىن كىيىنگە توغىرلاپ قويغان، سەن چىرايلىق بولمىغان بولساك تېلفۇن كەپقالدى دەپلا قاچىتتىم.،- دىسە ھىلقى قىزمۇ خوش بولۇپ كىتىپ ئاغىنەمگە ئامراق بولۇپ كىتىپتىكەن(ئۆزىمۇ قاملاشقان گۇيتتىچا) كىيىن كىلىپ بۇ گەپنى شۇ قىز ئۆزى دەپ بەگەن.



ئەبەيچە يۇمۇر بوپقالدىمۇ نىمە بۇ\"\"

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 12:12:30

                                          مىھماندارچىلىق



بىر كىشى ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بىرىپتىكەن،ئاغىنىسى ئۇنىڭ ئالدىغا بىر چىنە سۈت قويۇپ دەپتۇ:

--ئىچكىن،ئاغىنە،قايماق،قىتىق،سۈزمە ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سۈت بەرگەن كىشى ھىلىقى ئاغىنىسىنىڭكىگە مىھمانغا بىرىپتىكەن،ئاغىنىسى ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ساپاق ئۈزۈم قويۇپ دەپتۇ:

--مەرھەمەت دوستۇم،شاراپ ، كىشمىش،سىركە ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە.



                                 ئاستىمغا بىسىۋالغان



خىزمەتچى خادىم كىچىكىپ كەپتىكەن،باشلىق ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

-نىمىشقا كىچىكىپ قالدىڭىز؟


-خوتونۇم ئون يۈەننى يوقۇتۇپ قويغانتى.

-شۇنىڭ ئۈچۈنما؟

-راسا ئىزدىدى دەڭە.

-خوتونىڭىز ئىزدىگەن بولسا سىز نىمە قىلدىڭىز؟

-پۇلنى مەن ئاستىمغا بىسىپ ئولتۇرۋالغانىدىم.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 12:26:08

adip يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 12:33:23

بىر كۈنى بىلىگخەنزۇچە ئىمتىھان بىرىشكە توغرا كەپ قاپتۇ . ئىمتىھان سۇئالنى ئىشلەپ بۇلۇپ قارىسا \"恩惠\" دىگەن خەتنى يېزىشقا توغرا كەپتۇ .惠 دىگەن خەتنىئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپتاپالماي تۇرغاندا ئېسىگە بايا سېتىۋالغان قىزىل چاي كېلىپ خوشال بۇلۇپ كىتىپتۇ. چۇنكى ئىچىملىك ئاغزى ئۇستىدىكى \"谢谢惠顾\" دىگەن خەت ئېسىسىگە كىلىپ قالغان ئىكەن.


شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئىچىملىك ئىچكەن بۇلۇپ ئاغزىغا قارىسا \"يەنە بىر نى \" \" 再来一瓶\"دەپ تۇرغۇدەك .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 12:42:13

خاتا بوپ قاپتۇ\"\" باشقا خەتنى ئۇنۇتساممۇ 恩惠 ئۇنۇتمايتتىم مەن.


باشقا ۋاختا چىقماي نەدە خەت لازىم بولغاندا چىقىدۇ بۇ مۇكاپاتمۇ ھە\"\"

adip يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 12:43:36

دوختۇر قۇلى سۇنۇپ كەتكەن بىر بىماردىن سوراپتۇ :


-قۇلۇڭ نىمە بۇلۇپ سۇنۇپ كەتتى..


- نەس باستى دوختۇر ، يول بۇيىدىكى توۋرۇككە تارتىلغان سىمنى تۇتۇپ ئايىقىمنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان قۇمنى سېلكىۋاتسام ، بىر گالۋاڭ مېنى توك سۇقۇۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ.. كالتەك بىلەن ئىككىنى سالدى



-----


بىر چوڭ باشلىقيىر يىغىنغا چىقىپ كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ماشىنا ھەيدىگۇسى كىلىپ قېلىپ شوپۇرنى يانغا ئولتۇرغۇزۇپكىتىۋاتساقانتانش ساقچىسى تۇسۇۋاپتۇ .


قاتناش ساقچىسى شۇنداق قارىسا خىزمەت كېنىشكىسىدە ناھىيىنىڭ ھاكىمى دەپ تۇرغۇدەك . دەرھاللا باشلىقىغا تېلفۇن ئۇرۇپ سوراپتۇ:


- باشلىق ، بىر ماشىنىنى تۇتۇۋالغان ، قانداق قىلسام بۇلار .


- كىمكەن ؟


- كىملىكنى بىلمىدىم ،ئەمما شوپۇرى ناھىينىڭ ھاكىمى ئىكەن ...


Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 13:01:51

muhterbay يوللانغان ۋاقتى 2011-8-28 13:11:52

پىدا يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 21:53:49

بۇ يەردىكى ساقچىلىرىمىزغا شۇ گۇيلار ئۆگۈتۈپتىكەندە ئەسلى \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 22:00:27

بىر قېتىم تۇققان يوقلاپتۇپراق بىشىغا چىقتىم ، ئارلىقتا گوركار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم :


- بىر يەرلىكنى قانچە پۇلدىن كولايسىلە ؟



--2000كويدىن .



--ھە ،    تۈگۈلۈپ ياتسام1000 كويغا كولامسىلە ؟

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 22:51:59

2- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر قېتىم تۇققان يوقلاپتۇپراق بىشىغا چىقتىم ، ئارلىقتا گوركار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم :


- بىر يەرلىكنى قانچە پۇلدىن كولايسىلە ؟



--2000كويدىن .



--ھە ،    تۈگۈلۈپ ياتسام1000 كويغا كولامسىلە ؟




قىززىق جۇما رۇسلان داموللام \"\"




baykux يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 00:35:15

دادا 5 ياشلىق بالىسىنى ئەگەشتۇرۇپ تويغا بېرىتۇدە، ئۇ چاغدا ئۇرۇمچىدە توي بولغان قىز-يىگىت \"گوركىي، گوركىي\" دەپ سۇيۇشىدىغان ئىش يېڭى مودا بولغانكەن، بۇلار دەل شۇنىڭ ئۇستىگە كىلىپ قاپتۇ، بالىسى بۇنى كۇرۇپ دادىسىدىن :


--دادا، دادا، ئۇلار نىمە قىلىۋاتىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ، دادىسى نىمە دىيىشىنى ئۇقماي:


--ئاۋۇ قىز نان چايناشنى ئۇقمايدىكەن، ئۇغۇل ئۇگۇتىۋېتىپتۇ-دەپتۇ، بالا ھە دەپتۇ، باشقا گەپ قىلماپتۇ، نەچچە كۇن ئۆتكەندە، دادا ھويلىسىدا ۋەلىسپىت ئوڭشاپ ئولتۇرسا بالا سىرىتتىن ھاسىراپ - ھۇمۇدەپ يۇگۇرۇپ كىرىپتۇ، دادا ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ سوراپتۇ:


--ھە نىمە بولدۇڭ؟


--دادا، ئاپام نان چايناشنى بىلەمتى بىلمەمتى؟


--ۋاي بىلىدۇ، ساڭا نان چايناپ بىرىپ چوڭ قىلغان


--ئەمسە ئاۋۇ تامنىڭ دالدىسىدا بىرسى ئاپامغا نان چايناپ بىرىۋاتىدىغۇ؟

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 03:37:52

بىلىگنىڭ قىزىقكەن

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 08:13:02

ئىزدىنىشتا كونىلار ئالدىراپ يۇمۇر سۆزلىمەيتتى ، سىلەر يېڭى ساقچىكەنسىلەردە ؟ ! \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 12:41:27

ياق ،ئۇلار يېڭى ئىزدىنىشلىقلار

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 13:22:51

بىر ئايال بېلىق تۇتۇش ئۈچۈنئۆيىدىنچىقىپتۇ. دەريا بويىغا بىرىپ قارماق تاشلاي دەپ تۇرۇشىغا < بۇ يەردە بېلىق تۇتۇش مەنئىي قىلىنىدۇ> دېگەن خەتنى كۆرۈپ قاپتۇ، قارماقنى يۇغۇشتۇرۇپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ، كۆپ ئۆتمەيلا بىر قوغداش خادىمى كىلىپ


-خانىم بۇ يەردە بېلىق تۇتۇشقا بولمايدۇ دەپتۇ،


-مەن بېلىق تۇتمىدىم، دەپتۇ ئايال،


-مەن ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن دەپتۇ، قوغداش خادىمى،


-نېمە دەپ ئەرىز قىلىسىز؟دەپ سوراپتۇ ئايال ،


- چەكلەنگەن رايوندا بېلىق تۇتتى دەپ،


-ئەمما مەن بېلىق تۇتمىغان تۇرسام؟


-لېكىن سىزدە بېلىق تۇتىدىغان سايماننىڭ ھەممىسى تولۇق ئېكەن ئەمەسمۇ ...


-مەنمۇ سىزنى ئەرىز قىلىمەن دەپتۇ ئايال،


-نېمە دەپ ئەرىز قىلىسىز ؟


-باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ،


-بىراق مەن باسقۇنچىلىق قىلمىغان تۇرسام ؟


-لېكىن سىزدە باسقۇنچىلىق قىلىدىغان سايماننىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەن ئەمەسمۇ ...



mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 13:42:08

نۇمۇسسىزنىڭ دىگەن گىپىنى قارا.\"\"

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 14:27:57

ھا ھا ھا ... !


يۇمۇر ۋەھشىيغۇ ، ئىنكاسلار ئۇنىڭدىنمۇ بەك .


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-25 14:31:24

\"\"قاتىل يۇمۇركەن
بەت: [1] 2 3 4 5
: يۇمۇر ئېيتىشمامدۇق