sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 11:02:18

(سانسارا)تىل تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت

ئەسساامۇئەلەيكۇم ئەزىزىلەر!


ئۇزاقيىللىق ئوقۇتۇش جەريانىدا(داشۆنىڭ ئىككىنجى يىلىدا كۇرىسكەشلىكنى باشلىغان) ئىسمى جىسمىغان لايىق راۋرۇس بىر   تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇش خىيالىدا بولۇپ كەلدىم ،مانا ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كىچىك بولسىمۇ ئىش تەۋرەتكىمىز كىلىپ تىل ئوقۇتۇش ساھەسىدە سۈپەت، باھا،ئوقۇتۇش شارائىتى شارائىت بالانىستا ماڭاايدىغانيەربىزدىمۇ روياپقا چىقسىكەن دىگەن ئۈمۈت كىچە كۈندۈز يۈرىكىمىزنى قۇرۇتتەك غاجىلىماقتا،تەييارلىق خىزمەتلىرىنىمۇ بىرەر قۇر پۈتتۈردۈم........ئەمما بۇ ئاز پۇل كەتمەيدىغان چوڭراق بىر ئىش بولغاچقا (مەن ئۈچۈن)يىقىندىن بىرى كىچىلىرى تازا خاتىرجەم ئۇخلىيالمايۋاتىمەن،ئۆزەمگە كەلسەم مەن تىل ئوقۇتۇش ساھەسىدا داشۆدە كەسپى قاراقچى،ھا ھا ھا ........ئەمما سودا ساھەسى يەنە باشقا بىر ئىقلىم ئىكەن،شۇڭا ھەرقايسىڭىزلارنىڭ ئىزگۈ تەلەپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ كىيىنكى پۇشايمانلاردىن ساقلىنىپ قاالسام ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدىم ،ئىزدىنىشتا زىيالىلار كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەللەردە،ئىكىچىرى ئۆلكىلەردەيۈرۈيدىغان ئەلكىزەرلەرمۇ ئاز ئەمەس ،شۇل خۇسۇسىدا تورداشلارنىڭ قانداق ئىزگۈ تىلەك مەسلىھەتلىرى بار ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆكسەڭلار دىگەن ئىشتەيدىمەن.


ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 10:45:41

ئاخىرى قانداق بولدى شۇنداق قىلىپ ؟ زىيالينىڭ چاخچىغى كەپتۇ . كىم بولمىسا دۇنيا ئايلانمايدىغان بولدى دىگەن گىپى .


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 11:13:20

ئۈزىڭىز ئوقۇتقۇچى ئۈزىڭىز شوجاڭ ئۈزىڭىز كاتىپ ئۈزىڭىز كاسىر ئۈزىڭىز بوغالتىر بولۇپ ئىشلەپ كەتسىڭىز ئىككى ئايدا تەربىيلەش مەركىزىڭىز ئىككى ئايدا يېتىپ قالىدۇ\"\"



Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 11:19:29

ئوقۇتقۇچىلىقتا ياخشى ئوقۇتۇش مىتودى بولمىسا بولمايدۇ . ئىشلەتمەكچى بولغان خادىملارنىڭ مىتودىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ ۋە تەلەپنى يۇقىرى قۇيۇڭ .


خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنى ۋاقتىدا بىرىڭ . بۇنىڭلىق بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ئاشىدۇ .


كىرىم ياخشى چاغلاردا ، خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنى ئۆستۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭ . بۇنداق چاغدا مۇكاپات پۇلى دەپ ئارتۇق بەرسىڭىز بولىدۇ . بولمىسا كىرىم ياخشى بولمىغان چاغلاردا مۇئاشىنى چۈشۈرۋەتسىڭىز ئىچىدە نارازى بولۇپ قالىدۇ .

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 11:24:58

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈزىڭىز ئوقۇتقۇچى ئۈزىڭىز شوجاڭ ئۈزىڭىز كاتىپ ئۈزىڭىز كاسىر ئۈزىڭىز بوغالتىر بولۇپ ئىشلەپ كەتسىڭىز ئىككى ئايدا تەربىيلەش مەركىزىڭىز ئىككى ئايدا يېتىپ قالىدۇ\"\"



زىيالى! ئادەمنى ئانداق چۇپەي چاغلىماڭلا،جان بېقىشنى دىسەك مائاشمۇ يىتىپ ئىشىپ قىلىۋاتىدۇ،ئەمما مەنىسىزلىك ئادەمنى خورلاپ جىم تۇرغۇزمايدىكەن.......


ماۋۇ ئىشقا تاپقان تەرگىنىمنىڭ ھەممىىنى تۆكمەكچى!بۇ ئاق سېتىپ تاپقان پۇل ئەمەس،بەلكى دەرىس ئۆتۈپ تاپقان پۇل ئىدى،شۇڭا سەل ئەستايىدىل مەسلىھەت بەرسەڭلارچۇ؟ھازىرنىڭ ئۆزىدە داشۆنىڭ ئىچىدەئىچىۋالغان كۇرسۇمدا يىگىرمە ئوقۇتقۇچى ،بەش ئالتەيۈز ئوقۇغۇچى بار ......


مەخسەت مەبلەغ سېلىپ سىرىتتا مۇنتىزىم مەكتەپ شەكلىدە قىلماقچى ئىدىم بۇرادەر،تەمتىرەپ قىلىۋاتىمەن




sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 11:43:29

پىنھان بۇرادەر كۆپ رەھمەت سىزگە

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 12:09:57

مېنىڭچە سىزنىڭ خېلە ئەۋزەللىكىڭىز بار ئىكەن. مەكتەپ ئىچىدە ئېچىپسىز، مەنچە مەكتەپ ئىچىدە ئېچىۋەرگەن ياخشىمىكىن دەيمەن. ئوقۇغۇچىلارغۇىمۇ قولايلىق ئىكەن. مەسلىھەت كۆرسەت دەپسىز ،ئەمما سىز قانچىلىك مەبلەغ ،كۆلەمەمدە ئېچىش توغرىسىدا ئېنقى بىرنەرسە دىمەپسىز. كۆلەم ۋە مەبلەغ كۈچى جەھەتتە \"ئاتلان\" بەلكىم ئەڭ نوچىسىدۇ. بۇنداق ئىشتا ئەمەلىي نام چىقىرىش بەك مۇھىم. كۆلەممۇ مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى ئىشنىڭ رەسىمىي يوسۇندىكى 正规 قىلالىشڭىز ئەڭ مۇھىم. كىچىكتىن تەرەققىي قىلىمەن دېسڭىز ئۇنىڭغا خېلە ۋاقىت كىتىشى مۇمىكىن. ئىىخساس ئىگىللىرىنى تېپىپ ئىشلىتىشمۇ مۇھىم. گېپڭىزدىن قارىسىام كەسپكە ماھىراراق ئىكسەنسىز، كارخانا باشقۇرۇش دېگەن ئۇ باشقا ئىلىم. كارخانا باشقۇرالايدىغان بىرسىنى تاپسىڭىز بولغۇدەك. ھەقىقىي ئوقۇغچىلارنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىسڭىز ئوقۇغۇچىلارنى مايىل قىلالايدىغان قىلىڭ. مەنچە بىراقلا بەك چوڭ كۆلەلەملىك بىر كۇرۇس قۇرۇش تەۋەككۈلچىلىك. بەك چوڭ بوپ كەتسە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلماق تەس. \"ئاتلان\"دەك كۇرۇسلار بىلەن رىقابەتلەشىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. خەقلەر ماركىسىنى تونۇتقىلى نەۋاق. قارىسام بۇ ساھەدە خېلە مۇنتىزىملىشىپتۇ. مەنچە كىچىك كۆلەمدىن باشلاپ ياخشى بىر ماركا(نام) چىقىرىش كېرەك.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 12:13:50

كۇرسۇمدا يىگىرمە ئوقۇتقۇچى ،بەش ئالتەيۈز ئوقۇغۇچى بار ......


---------------------------------------------


خېلى كۆلەم شەكىللىنىپتىكەن......شۇندىن قارىغاندا مېتوت،ئوقۇتۇش ئۇسولى ئەمەس، بەلكى


شىركەتسىمان باشقۇرۇش ئۇسولى تەلەپ قىپتۇ.


مەسىلەن مەكتەپ ئورنى،رەسمىيەت،باج سېلىق،مالىيە باشقۇرۇش، خادىملارنى باشقۇرۇش،ئېلان قاتارلىقلار

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 12:25:22

ئۇنچە ئاچچىقلىنىپ كەتمەڭ\"\"


چاقچاق قىلغاچ تېمىنى قىزىتساق تېمىنى كۆرىدىغانلارمۇ،چۈشىدىغان ئىنكاسلارمۇ كۆپ بولىدۇ.شۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھامان سىزگە ئەسقاتىدىغان ئىنكاسلار چىقىپ قالىدۇ.



سودا بىلەن باشقۇرۇش ئىلمى توغرىسىدا ئانچە خەۋىرىم يوقكەن.ئەمما ھېس قىلغىنىم،20 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بولسا سىز ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ باشقۇرۇش ساھەسىگە ئۈتۈپ كەتسىڭىز بولىدىكەن.\"\"


رادىل ئابلا دىگەندەك سودىسى بىلەن بازىرى بىر قەدەر كۈلەملەشكەن كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ باقسىڭىز بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىەلىشىڭىز مومكىن.بولمىسا مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىنى تەشكىللەش تەجرىبىسى بارلار ئىزدىنىشتا قانداقكىن.بەك ئاز بولىشى مومكىن.


Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 12:39:43

قارىسام مەن بىلىدىغان بىر قانچە تەربىيلەش مەركەرزلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا تاپاۋىتى ياخشىدەك قىلىدۇ. تەۋپىق، ئاتلان، ....   مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ يۈزىمۇ ياكى تەشۋىقاتى كۈچلۈكمۇ ھەممىسى دىگۈدەك شۇلارنىڭكىگەبارىدىغان بوپتۇ ھازىر.


مۇنتىزىم قىلغان مېنىڭچىمۇ ياخشى ئىش.ھازىر باشقا كۇرۇسلار مۇھىت ۋە ساپا تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ كەتتى، بولۇپمۇ ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن تاللاش پۇرسىتى بەك كۆپ بولىۋاتقان بۇ يەردىكى رىقابەتتە مۇھىت (بىزەك) نى ئالاھىدىرەك قىلىش لازىم، بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ .   ئۇلارمۇ سىزنىڭ تەشۋىقات ۋاستىڭىز بولىدۇ.


ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سەرخىللاشسا، ئاندىن سىزنىڭ ئۇنىۋىرسال تەرەپلەردىن قانداق دەرس پىلانلارنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىززىقتۇرىشىنى ئاشۇرۇش ۋە قوزغاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزدا .


ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن سانسارا ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 12:57:27

1.ھازىر تەربىيلەش مەركەزلىرى بىرقەدەر كۆپ شۇڭا يىڭىچە ئۇسلۇب ۋە ئىدىيە دىكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلسڭىز بولىشى مۇمكىن.


2.مەخسەد نوقۇل پۇل تېپىش بولمىغانىكەن پايدىنى بەك كۆزلەپ كەتمەسلىكنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. نىشان شۇ مەكتەپتىن بىر ياكى ئىككى بالا بولسىمۇ كىيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىلغارئىدىيە ۋە روھى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ تاپالايدىغان بولسا بولىدۇ.


3.مەبلەغ يېتىشمىگەن بولسا باشقىلار بىلەن شىرىكلەشسىڭىز ياكى قەرز ئالسىڭىز بولىدۇ. ئالدى بىلەن مەلۇم مىقتاردا مەبلەغ سېلىپ دەسلەپكى سىناق تەرىقىسىدە ماڭدۇرۇپ باقسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كۆپ زىياننىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئۆزىنى ئوڭشاپ تەجىربە توپلىغىلى بولىدۇ.


4. دەرسنى ئۆتۈپ قويۇشنىلا ئەمەس دەرس ئۆتۈشنى خالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلسڭىز بولىدۇ. ئۆزىمۇ ئۆزگىنىمۇ مەنپەتلەندۈرەلەيدىغان بولسا، خالىس نىيىتى بولسا ياخشى. بولسا ئوقۇتقۇچىلار يۇمۇرىستىك بولسۇن، كۈندە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىرخىل رىتىمدا ۋە قېلىپتا بولسا ھەرقانچە ياخشى ئۆتۈلسىمۇ ئۆگەنگۈچىلەر زىرىكىدۇ شۇڭا كەيپىياتنى كۆپخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل دەرس ئۆتۈش ئۇسۇللىرىنى تەدبىق قىلسىڭىز ياكى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.


5. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.


مەنچە ئالى مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى دىگەندەك دەرسلىك كىتاپلار ئانچە ماس كەلمەيدۇ.


6. ئەسلى كىتاپ ماتېرىيالدىن تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۈنىمى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ماتېرىيال تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا بولىدۇ. مەيلى قانداق ماتېرىيال ئۆگەنسۇن تىل سەۋىيىسىنى بالداقمۇ بالداق ئۆستۈرۈشنىلا كۆزلەيمىز. بۇنىڭدا يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى ھەممىدىن ياخشى ياكى باشقا ماتېرىياللارمۇ بار بولسا بىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ماتېرىيال ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقسىڭىزمۇ ياخشى.


sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 13:32:08

دوسلارغا رەھمەت!


بىر بىرلەپ رەتلەپ خاتىرەلەۋاتىمەن،ئەمدى بولسا ئىككى تەرەپتىن گەپ ئېچىپ باقساڭلار


1.چەتئەلدىكى ياكى ئىچكىرىدىكى دوسلار ھازىرقى ئەڭ زاممانىۋىتىل كىتاپ ماتىرىياللىرى توغرلىق ئۇچۇر بەرسەڭلار


2.ئۈرۈمچىدىكى دوسلار مەكتەپ ئورنى قىلىشقا مۇۋاپىق كونكىرىتنى جاي -ئورۇن توغرلىق ئۇچۇر بەرسەڭلار


rufine يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 14:56:47

تېمىغامۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي،كۆپچىلىك ئەپۇ قىلساڭلار!


ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن چۇقۇم ئېنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كىرەكمۇ؟ چوڭلار ئالى مائارىپىنىڭ ماتىريال ئارقىلىق ئوقۇش شەكلى بۇيىچەئوقۇپ تۇلۇق كۇرس بولغانغا ( ئوقۇش پۇلى تۆلەپ تۇرۇپ) ئوخشاش،ئاسپىرانىتلىقتىمۇ شۇنداق ئوقۇغىلى بولامدۇ؟


(ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈش بۇيىچە بىلىم ئاشۇرۇش توغرا كەلسە يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ بەلگىلەنگەن پەنلەردىن لاياقەتلىك بولغاندىلا ئاندىن ئىلمى ماقالە ئوقۇپ، بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتەلىسە ئوقۇش پۈتتۈرەلەيدۇ.دىمەك بۇنىڭدا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش كەتمەيدۇ. ماتىريال ئارقىلىق ئوقۇيدىغان تەتىللىك سىنىپلارغا تىزىملاتسا ئوقۇش پۇلى تۆلەيدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشسىلا ئاساسەن ئۆتىدۇ.يىغىپ ئېيىتقاندا پۇلغا تايىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.ئاسپىرانىتلىقتىمۇ مۇشۇنداق شەكىلدە ( ئوقۇش پۇلىغىلا تايىنىپ) ئوقۇغىلى بولامدۇ؟) تەلىم بەرگەن بولساڭلار!!!

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 14:57:36

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسىخىكا ساپاسى قانچىكى يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى. شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رايىنى خۇددى ماگنىت تۆمۈرنى تارتقاندەك مايىل قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقتى كەلسە ئارتۇق كۈچىنىشنىڭ ئورنى يوق. ئىمكان بار ئۆزىڭىزدە ۋە ئەتراپىڭىزدا ھازىرلانغان پايدىلىق تەرەپلەردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇڭ!


مەكتەپ ئورنىغا كەلسەك: مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئاساس قىلىنىدىغان بولغاچقا رايون تەۋەلىكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىڭ، ئاندىن قالسا ئەتراپتىكى مۇھىت، قولاي شارائىتلار... مەسىلەن بىكەت، تاماقلىنىدىغان ئورۇن، تۇرىدىغان جاي دېگەندەك مەسىلىلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ قويۇڭ... ئۈرۈمچىنىڭ بىر قىسىم چەت جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئارىلىق، ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلى تالاي ئوقۇغۇچىلار كۇرسقا قاتنىشىپ تىل ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. سىڭلىم ئەسلى تىببىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۆزىدە ئىدى، ئىككى يىلنى چىداۋەن دېگەن يەردە ئوقۇيدىكەن. مۇشۇ تۇرقىدا كۇرسقا قاتنىشىش بىر مەسىلە بولدى، كاللا ئىچى- تېشىدىن قېتىپ، ھەي...

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 15:10:40

ئىنگىلىزتىلىنى كورۇسقا بىرىپ ئۇگەنگەن ئادەمدىن ئايىغىغا ئاچىقالايدىغانلىرى بەك ئازمىكىن دەيمەن.يەنىلا ئۆزلىكىدىن ئۇگەنگەنگە يەتمەيدۇ.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 17:57:28

11- قەۋەتتىكى rufineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىغامۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي،كۆپچىلىك ئەپۇ قىلساڭلار!


ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن چۇقۇم ئېنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كىرەكمۇ؟ چوڭلار ئالى مائارىپىنىڭ ماتىريال ئارقىلىق ئوقۇش شەكلى بۇيىچەئوقۇپ تۇلۇق كۇرس بولغانغا ( ئوقۇش پۇلى تۆلەپ تۇرۇپ) ئوخشاش،ئاسپىرانىتلىقتىمۇ شۇنداق ئوقۇغىلى بولامدۇ؟


(ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈش بۇيىچە بىلىم ئاشۇرۇش توغرا كەلسە يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ بەلگىلەنگەن پەنلەردىن لاياقەتلىك بولغاندىلا ئاندىن ئىلمى ماقالە ئوقۇپ، بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتەلىسە ئوقۇش پۈتتۈرەلەيدۇ.دىمەك بۇنىڭدا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش كەتمەيدۇ. ماتىريال ئارقىلىق ئوقۇيدىغان تەتىللىك سىنىپلارغا تىزىملاتسا ئوقۇش پۇلى تۆلەيدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشسىلا ئاساسەن ئۆتىدۇ.يىغىپ ئېيىتقاندا پۇلغا تايىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.ئاسپىرانىتلىقتىمۇ مۇشۇنداق شەكىلدە ( ئوقۇش پۇلىغىلا تايىنىپ) ئوقۇغىلى بولامدۇ؟) تەلىم بەرگەن بولساڭلار!!!



سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بىرەي:


1.چوقۇم چەتئەل تىلى دۆلەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كىرەك،ئىنگىلىس تىلى شەرىت ئەمەس،ياپۇن،رۇس،فىرانسۇس........تىللىرى بولسىمۇ مەيلى ئەمما نورمال ئەھۋالدا جوڭگوچىلىق بويىچە ئاقىدىغىن يەنىلا ئىنگىلىس تىلى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ،ئاسپىرنىتلىق ئىنگىلز تىلى ئىمتاھانى دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشمىغان ئىمتاھان دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ،مىللىلاردىن يەتمىش نۇمۇر ئەپ باققانلارنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم ،تەسلىك دەرىجىسى ئايىلتىست توفىللاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ(بەزىلەر تۆۋەنمۇ دەيدىكەن ماڭا ئۇنداق بىلىنمەيدۇ)


ئاسپىرانىتلىقتا سىز دىگەندەك يىراقتىن ئوقۇيدىغان ئەھۋاللار بەزى مەكتەپلەردە بەزى كەسىپلەردە بار ئەمما يىغىپ ئىيىتقاندا ئىناۋەت كويفىنسىنتى تۆۋەن ھەم قارشى ئېلىنمايدۇ،مەسىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىدا يولداشلاردىن يېشى بىرر يەرگە بىرىپ قالغاندا ئاشۇنداق ماگىستىر بولىۋالغان ئوقۇتقۇچىلاربارئىدى،ئەمما قەدەمدە بىر پەشۋا يەپ قايتا 正规ئوقۇپ پۈتۈن كۈلۈك نورمال ئوقۇش تارىخى ئالدى،شۇڭا مىنىڭ مەسلىھەتىم ئەڭ ياخشىسى دۆلەتلىك ئىمتاھانغا قاتنىشىپ پۈتۈن كۈنلۈك ئۈچ يىللىق ئوقۇش يولىنى تۇتۇڭ.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 19:04:57

چەتئەللەردىكى ئەڭ ئىلغار ماتېرىيال ئەزەلدىن مۇئەللىملەر ئۆزى تۈزگەن ئورېگنال بولۇپ كەلدىغۇ دەيمەن، مېنىڭ تەجرىبەمدىن قارىغاندا.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 19:41:28

15- قەۋەتتىكى puresherrifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چەتئەللەردىكى ئەڭ ئىلغار ماتېرىيال ئەزەلدىن مۇئەللىملەر ئۆزى تۈزگەن ئورېگنال بولۇپ كەلدىغۇ دەيمەن، مېنىڭ تەجرىبەمدىن قارىغاندا.



مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان،ئەمما بېيجىڭ شاڭخەيلەرگە بېرىپ ef,patson english,webb لەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگەللىسەم ئۇنداقمۇ ئەمەستەك......بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلىنى ئانا تىل قىلمىغان دۆلەتلەردە ھەر يىلى پوپۇزا بىلەن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ماتىرىيال دەيدىغان نەرسە يەنىلا مەۋجۇتكەن........

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 20:11:21

ئەڭ ئالدى بىلەن ياخشى جايدىن بىرنى تىپىپ مەكتەپنى ئاچسڭىز ئاندىن جەميەتنىڭ تەلىۋىنى ئاستا ئاستا ھىس قىلىپ يىتىسىز . سۇنىڭ تىيىز ياكى چۇڭقۇرلىغىنى بىلىش ئۈچۈن سەكرەش كىرەك . بىخەستەنى بازار ئوڭشايدۇ دەپ بەزى بىلەلمىگەن ئىشلار مەكتەپ ئىچىلسا بىر بىرلەپ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن مۇكەممەلىككە قاراپ يۈزلىنسىز . يىغىپ كەلسەك ئاخىرىدا يەنىلا ئوقۇتۇش تىخنكىسى موھىم ،تامنى ئالتۇن بىلەن بىزەپ دەرىسنى ئۆتۈش جەھەتتە ئەمەلى ۋە جەلىپ قىلارلىق بولمىسا باللار تۆلىگەن پۇلىنىمۇ بولدى قىلىپ ئاستا باشقا كۈرىسنى تىپىۋالىدۇ .

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 20:57:35

رەھمەت ئۆزھالئاكا


سۇغا چوقۇم سەكرەيمىز،شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىشتىكى جاھاننىڭ ھەريەرلىرىدىكى تورداشلارنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئاڭلىسام بەلگىلىك نەپ ئېلىپ ئەگرى يولنى ئاز باسساق ئەجەپ ئەمەس دەپ ئۇشبۇ ئىككى ئىلىكخەتنى بېسىپ ئەۋەتكەنىدىم،شۇنچە جىق توررداشلار قىمەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.راس گەپنى قىلسام شۇنچىۋالا خالىس تورداشلار ئالدىدا ئىلگىرىكى شەخسىيەتچىل ئىنكاسلىرىمدىن نۇمۇس قىلدىم........

بەت: [1] 2 3 4
: (سانسارا)تىل تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت