قەبرىمىزنى تېپىشى ئۈچۈن !
جۈمە كۈنى نامازدىن يېنىپ ،
قەبرىستاننى قىلدىم زىيارەت .
كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ ،
دۇئا قىلدىم بولغاي ئىجابەت .
قايتارىمدا ئىككى قىز يىگىت ،
مېڭىپ كەلدى قەبرىلەر ئارا .
سالام قىلدى ئاخۇن ئاكا دەپ ،
گېپى پۇچۇق ،سالىمى چالا .
گەپلىرىدىن بۇ بىر تۇغقاننىڭ ،
تەستە بىلدىم مەقسەتلىرىنى .
تورداشلىرىم بىلىپ قالسۇن دەپ ،
شئېر قىلدىم سۆھبەتلىرىمنى ..
ئىچكىردىكى ئاۋات شەھەردىن ،
تەتىل قىلىپ كەپتۇ ئىككىسى .
پۈتتۈرۈپتۇ "داسەن"نى يىگىت ،
"يەنجىيۇۋسىڭكەن"ئاڭا ھەدىسى .
سۆزلەيدىكەن ،ئوقالمايدىكەن ،
يېزىقىنى "سىتۇدىنىت"لار .
ئوقالمىغان ئۆلۈم خېتىنى ،
زامانىۋى سىيىت نوچىلار .
دېدى ماڭا ئەھەت بوۋامنىڭ ،
قەبرىسىنى تېپىپ بەرسىڭىز .
رەھمەتلىكنىڭ روھىغا ئاتاپ ،
ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىڭىز .
مەن تەرجىمان بولۇپ بۇلارغا ،
بىللە ئىزلەپ كەتتۇق قەبرىنى .
قايناپ قاقشاپ كەتمەكچى ئىدىم ،
شۈكرى ئاللاھ-بەردى سەبرىنى .
ئوقۇماستىن ئەرەپچە سۈرە ،
قول كۆتۈردۈم ئۇدۇل دۇئاغا .
كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم ئېقىپ ،
نالە قىلدىم ئۇلۇغ خۇداغا .
پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز ،
قولىمىزدا بولماقتا شالغۇت .
ئاتا قىلغىن بىزگە ئىرادە ،
بوپ كەتمەيلى بىزلەر ماڭقۇرۇت .
ئانا تىلنى خارلىغانلارغا ،
ئاتا قىلغىن نومۇس تۇيغۇسى .
ئانا تىلنى تاشلىغان ئەلنىڭ ،
مۇدھىش بولۇر چوقۇم كەلگۈسى ...
قىلغىن بىزنى ئەلگە ۋاپادار ،
خۇشھال ياتسۇن تۆھپىكار ئەجدات .
قولىمىزدىن شانلىق تارىخنى ،
پۈتۈن ئالسۇن كەلگۈسى ئەۋلات !
-ئامىن دېدىم يېشىمنى سۈرتۈپ ،
يىغلامسىراپ قالدى ئىككىسى .
ئانا تىلنى تۈزۈك بىلمىسەك ،
ئەرەپچىنىڭ نېمە پايدىسى ؟
كەچۈر دېدى يىگىت ئېسەدەپ ،
-ئاللاھ بىزنى كەچۈرسۇن دېدىم ؛
دوكتور ئاشتى بولۇپ كەتسەڭمۇ ،
ئانا تىلىڭ تاشلىما سىڭلىم .
خاتىمە :
ئۆگىنەيلى ،ئۆگىتەيلى ھەم ،
بۇ ئانا تىل يەردە قالمىسۇن .
بىر كۈنلىرى ئوغول قىزىمىز ،
قەبرە ئىزلەپ تېنەپ قالمىسۇن .
ئوبدان يېزىلىپ بېقىلىپتۇ ئەمما.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تەرجىمانلىق ئوبېكتى ئائىلىدىن جەمئىيەتكە ، قېرىنداشلاردىن ياتلارغا يۈزلىنىپتۇ .
<<سەۋىيە ، ساپا >> نىڭ تۈرتكىسىدە كىملىك ئۇنتۇلغان چاغلار بولۇپ قالدىغۇ ھازىر .
ياخشى يېزىپسەن جۇما .
بىر كۈنلىرى ئوغول قىزىمىز ،
قەبرە ئىزلەپ تېنەپ قالمىسۇن .
ماۋۇ ئىككى سىزىق قاتىل يېزىلىپ كىتىپتۇ لىكىن
تەھرىرلىسەممۇ ينە بىر خىلغۇ. قانداق بولغىنى بۇ؟
شېر دىگەنى يىزىپ قويۇدىىكەن بۇ ئاداش.قەبرىستانلىقتىكى تەرجىمان. مۇشۇ توغۇرلۇق توردا كۈندە نەچچە ۋاق تەربىيە تېمىلار بار، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاۋاز قوشىدىغانلارمۇ كۇرمىڭ!! ئەمما شۇ ئاۋاز قوشۇپ بولۇپلا \"ۋەي! ھە مەن ۋاڭبادا\"غا چۈشۈپ كىتىدۇ.
10 يىلدىن كېيىن رەقەملىرىمىزنى ئۆز تىلىدا دېيەلمەسلىكنى ئەيىپ بىلمەسلىك ئومومىي ھالەتكە كىلىپ قالارمۇ؟ ، 20 يىلدىن كېيىن دەپنە ئىدارىسى، 30 يىلدىن كېيىن قىرىلار ساناتورىيەسى بىزدە تازا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، بەزەن شەھەرنىڭ بەزەن سورۇنداشلىرى ئارا ئەيىپ بىلىنمەسلىك باشلىنىپ بولدى . شېئىر ئوقۇشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتىم، لېكىن ماۋۇ شېئىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم