boytaq يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 19:08:11

كىم بويتاق ؟

ېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ ماۋۇ قايسى ئالجىغان بويتاقتۇ دەپ كىردىڭلار ھەقىچان .  بۇ يەردە بويتاقلار جىقكەن دەپ ئاڭلاپ كىرگەن ئىدىم.

ئەمدى گەپكە كەلسەك نىمە دىمەكچىتىم ...    ھە راس نېمىشكە بۇ ئىزدىنىشتا بويتاق جىقتۇ ؟  

مەندىن سورىساڭ ئۈچ ئۆيلەندىم دېگىنە. ئۈچىلىسى ھاراقنى تولا ئىشتىڭ تاماكا چەكتىڭ سېسىق پۇراپ كەتتىڭ دەپ خېتىنى ئالدى. ھەەەەيييي نېمىسىنى ئيتىمەن. ئۆزەڭدىن كېلەيلى ؟



ھەممە ئادەم ھازىر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، ئۆزىنىڭ غېمىدە بولۇپ كەتتى،  مۇشۇنداق باھانىلەردە بويتاقلارنىڭ دەرتلىرىنى ئاڭلاپ باقساق قانداق؟  ئىزدىنىشتىكى دوستلارمۇ

خېلىدىن بېرى جىمىپ قاپتۇ. يا ھەممەيلەن توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراشمۇ ياكى مۇھەببەتلىشىپ ئالدىراشمۇ ؟ يا رامزاندا بارماقلاردا جان قالمايۋاتامدۇ ؟  ئۇنداق قىلماي ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇڭلا...



شۇنداق قىلىپ تاغدىن باغدىن سۆزلەپ ئولتۇرۇپ كەتتىم . توغرا چۈشىنىڭلار ھە ، ئوڭشۇلۇپ كېتىمەن...



بەزىدە مەن بويتاقلىقمۇ ياخشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللى تېپىپ قالىمەن. ئىزدىنىشتىكى بويتاقلار كاللىسى ئىشلىگىنىدىن بويتاق يۈرىۋاتامدىغاندۇ يا ، باش ئاغرىقتىن خالى بولۇپ تاماقنى يەپ قورساق تويغاندىن كېيىن بىرنى كېكىرىپ قويۇپ ،قورسىقىنى سىلاپ، بېشىنى قاشلاپ لاي لاي لاي بويتاقلىق دەپ شوئار توۋلاپ ...



مەنغۇ بويتاقلىقتا قىرتاق تۇيغۇلارغا ئورتاق بولۇپ بويتاقلار ئۆچىرىتىگە  رەتلىك تىزىلىپ  لەلەڭشىپ يۈرىۋاتىمەن. خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىپبارغانلىقىنى بىلمەي قالىدىكەن. ھورۇنلۇقمۇ ئېشىپ ...

سىلەرچۇ ؟ كۈنلىرىڭلار قانداقراق ئۆتىۋاتىدۇ ؟            ......

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 19:24:55

رەسمى بويتاقكەن ماۋۇ\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 19:40:24

كۈنلېرىم خېلى ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. رەھمەت بۇرادەر.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 19:46:40

تۆتىنچىسىگە ھاراق ئىچىدىغان تاماكا چىكىدىغاننى ئالسىڭىز خۇدايىم بۇيرىسا بىر ئۆمۈر ئۆي تۇتىسىز، چاقچاق\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 19:50:36

Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۆتىنچىسىگە ھاراق ئىچىدىغان تاماكا چىكىدىغاننى ئالسىڭىز خۇدايىم بۇيرىسا بىر ئۆمۈر ئۆي تۇتىسىز، چاقچاق\"\"


ئىككىسى بىر قاپاقنى تالىشىپ تۇرۇپ چىكىشىپ كەتسە ھە\"\"




ھەي توۋا دەڭلا ئاغىنىلەر ھەي


روزا رامزاننىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ئىچىدىغان چىكىدىغاننىڭ گىپىنى قىلىشمايلى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 23:01:26

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 23:27:21

\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"


Shundaq norlamghu mana?

misran يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 23:29:24

5- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇجى نىڭ ھەققىدە  تەلەت ئىپادىسىنى نورمال قىپ قويساڭلارچۇ ؟!!!





ئاللا خالىسا ئەتە كەچكىچە تەڭشەپ قويىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 01:41:07

ئۇيغۇربالىغ


نورمال دەپ قويۇپ پىنيىن بىلەن توشقۇزۇپسىز


ئۇيغۇرچە يېزىڭە ھە نورمال بولسا\"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 08:27:58

بويتاقلىقىم پاشالىقىم، مېنىڭ بويتاقلىقىمدا دەرىت يوق غەم بار، ئەلۋەتتە كاللىدا ئۇنىڭغا تۇشلۇق پەم بار.


قىز كەلتۈرۈشمۇ تەسكە توختىمىدى، كىيىن نىمە دەيتى :<سىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ماڭا ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز>، ئامال يوق، بېلىقچىنىڭ يۇمۇرىنى دەپ بەردىم: <بېلىقچى بېلىقنى قارماققا ئىلىندۈرۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە يەم بېرەمدۇ؟>


توي قىلايلى دىسەم ئاتا-ئانىسىدا گەپ يوق، چوڭ ئانىسىنىڭ گېپى تېخىمۇ كۆپ: <خىزمىتى يوقكەن، قىزىمنىڭ مۇئاشى بولغاچ شۇڭا ............>، كۈلۈپ تۇرۇپلا دەۋەردىم: <مۇئاش لازىممىتى، ئۇنداقتا كارتىسىنى سىلەر ساقلاپ تۇرارسىلەر، قىزىڭلارنى بەرسەڭلار بولدى>. خۇداغا شۈكرى، بۇ ئىشلارمۇ ئاياقلىشىش ئالدىدا.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 08:58:42

ساقلا بالىتى ماۋۇ.سۆزلەپ قاپتۇ دە.ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.


بويتاق تۇرمۇشنىڭ نىمىسى بار سۆزلىگىدەك؟ ئۆيگە كىرسە تۆت تامدىن شامال،ئاستىدىن زەي ئۈتۈپ تۇرغىنى تۇرغان...

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 09:18:48

كۈندە <مىلتىقىنى > بەتلەپ  كىمىنى ئۆلجا ئىلىشىنى بىلمەي يۇرۇۋاتمەن،  بۇگۇن بىرسىنى ئۆلجا ئالايدەپ نەچچە كۈن كەينىدە پالاقشىپ تەپكىنى باساي دىگەندە مەلۈم سەۋەپلەر تۈپەيلى  مىلتىقنى ئۇچۇنى باشقا ياققا قارتىشقا مەجبۇر بۇلۇپ،  يا ئۇنى يا بۇنى ئولجا ئالالماي يۇرۋاتىمەن.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 10:22:24

ھاھا، ما تەقدىرداشلارنى.


ھازىر مەنغۇ قىزلارغا گەپ قىلالماسلا بولۇپ كېتىپتىمەن\"بۇمۇ تاشلاپ كېتەر بەلكىم\" دەپ تولا ئويلاپ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 10:31:27




رۇسلان شۇمنىڭ ئىنكاسىدىن نەقىل ئېلىندى


سەھىپىگە قاراپ ، مەن تىخى  بويتاقلار سودىسى بولىدىغان چىغى دەپتىكەنمەن .






شۇڭا يۈگرەپ كىرىپتىكەنسەندە ئۈكەم . خاتىرجەم بول ، سېنى ھىچكىم ئالماسمىكىن . كۇچانىڭ سوپونى بىلەن مەدەكنى ئىشلىتىپ يۇيۇنۇپ تارانساڭمۇ خەق سېنى ئوچاققا قالايدىغانغا كۆمۈر ئورنىدىمۇ ئالماسمىكىن \"\"






tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 10:34:03

13- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل








رۇسلان شۇمنىڭ ئىنكاسىدىن نەقىل ئېلىندى


سەھىپىگە قاراپ ، مەن تىخى  بويتاقلار سودىسى بولىدىغان چىغى دەپتىكەنمەن .






شۇڭا يۈگرەپ كىرىپتىكەنسەندە ئۈكەم . خاتىرجەم بول ، سېنى ھىچكىم ئالماسمىكىن . كۇچانىڭ سوپونى بىلەن مەدەكنى ئىشلىتىپ يۇيۇنۇپ تارانساڭمۇ خەق سېنى ئوچاققا قالايدىغانغا كۆمۈر ئورنىدىمۇ ئالماسمىكىن \"\"









سەت كۈلۈپتىمەن ماۋا ئىنكاسقا   \"\"

turbo يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 12:25:43

ھەممەيلەننىڭ كاللىسى قىزىپتۇ (مايەدە ھېلىقى 32چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن ئىپادە) رۇسلاننىڭ گېپى كۆز ئلدىمغا كېلىۋىلىپ توختىماي كۈلىۋاتىمەن   ،،، ھىلىقى  فاتىفوندا ئازاد زامان دىگەن غەزەلنى قويۇپ قويۇپ ..............ھا ھا

raul113 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 12:56:26

قىز دوستى بارلارمۇ بويتاق ھىساپلىنامدۇ ؟ \"\"

raul113 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 12:58:55

چىراي ئىپادىسنى چىقىراممىساڭلار ، چىقىرالىغالارنىڭكىدىن كۇچۇرۇپ (复制, 粘贴) ئىنكاس يىزىدىغان يەرگە چاپىساڭلار چىقىدىكەن


\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"


ئۇيغۇربىلگ  نىڭ ئىنكاسىدىن كۆچۇردۇم مارەسىملەرنى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 13:14:23

\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\" مەنمۇ چىقىرۋالدىم مانا.

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 08:57:04

پىنھان خوتۇنى يامانلاپ كەتكەن ۋاقىتلىق بويتاق،چوكان بولسا پىنھانغا خەۋەر قىلىپ قويۇڭلار
بەت: [1] 2
: كىم بويتاق ؟