abida يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 18:25:26

ئەنگىلىيىدە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى يۇقىرى مەرتىۋىدىن دېرەك بەرمەيدۇ[تەرجىمە]



   ئەنگىلىيىدە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى يۇقىرى مەرتىۋىدىن دېرەك بەرمەيدۇ




   يېقىندا، ئەنگىلىيە "تامېس گېزىتى" دە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان، ھىندىستانلىقلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ گراماتىكا مەكتىپى)دەسلەپكى ئاساس سېلىنىدىغان مەكتەپ(گە كىرىش نىسبىتى ئەنگلىيە دۆلىتىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان. مۇتەخەسىسلەر، ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئاق تەنلىكلەردىنمۇ بەكرەك مائارىپقا ئېتىبار بېرىپ، سۈپەتلىك مائارىپنى يەرلىك ئاساسىي جەمئىيەت ئېقىمىغا قەدەم ئېلىشنىڭ پەلەمپىيى قىلىدۇ دەپ قارىغان.


   ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئەۋلادى مائارىپى تەرىپلەشكە تېگىشلىك


   ئەنگىلىيە گراماتىكا مەكتەپلىرى ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئىقتىدارىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئوكېسفورد، كامبرىج قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەلدار، دوختۇر، سودىيە، ئوقۇتقۇچى دىگەندەك ئاساسىي ئېقىمدىكى كەسىپلەر بويىچە پۇختا ئاساس سالىدىكەن.


    ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۈيۈك لوندون، چوڭ مانچىستېردىكى، 12% گراماتىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بولسا ھىندىستانلىق مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرى، 4% ئوقۇغۇچىلار جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرى ئىكەن؛ بېرمىڭخامنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئوتتۇرا-غەربىي قىسىم رايونلاردا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ گراماتىكا مەكتەپلىرىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى 19% كە ئۆرلىگەن. گەرچە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىدىكى ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلار يەنىلا گراماتىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسلىق تەشكىل قىلغۇچى قىسمى بولسىمۇ، ئەمما نىسبەتەن نامرات بولغان ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئاللىقاچان گراماتىكا مەكتەپلىرىنىڭ 2- چوڭ ھاياتلىق مەنبىيى بولۇپ قالغان.


   ئەنگىلىيدىلا ئەمەس، باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرىمۇ مائارىپ جەھەتتە ئوخشاشلا تەرىپلىنىشكە تىگىشلىك. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا، 25 ياشتىن يۇقىرى بولغان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرى ئىچىدە، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋاندىكىلەر 51.8% نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئىكەن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياخشى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتتا، ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرىنىڭ نىسبىتى 10% دىن 30% گىچە ئارىلىقتا ئىكەن؛ كانادادىكى ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئالىي مەكتەپنى ئوقۇش نىسبىتى 57% كە يەتكەن، كانادادىكى برىتانىيە-كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 43% ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى، جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرى ئىكەن، ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلار بولسا پەقەت 38% نى ئىگىلەيدىكەن؛ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئىقتىدارلىقلار مەكتىپىدىكى 80% ئوقۇغۇچى ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئەۋلادىدىن ئىكەن.


   مائارىپ ئەنئەنە ئاساسىي مۇستەھكەم


   دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاسىيا كۆچمەنلىرى ئەۋلادلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت سەۋىيىسى قاتارلىق چەكلىمىلىكلەر سەۋەبىدىن يەرلىك ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە ئىنتايىن تەستە سىڭىپ كىرەلىگەن، ئۇلار قىز-ئوغۇللىرىنىڭ كونا مۇقامغا دەسسىشىنى خالىماي، كېينكى ئەۋلادلىرىنىڭ مائارىپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. "ۋال سىترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى" مۇخبىرى دانىئېل.گورى "ئوقۇشقا كىرىش بەدىلى" ناملىق ئەسىرىدە، ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى غەرب دۆلىتىدە بىر تەنھا توپ، ئۇلار باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى بەھرىمەن بولالايدىغان ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، ھەم ئاق تەنلىكلەر يۇقىرى قاتلىمى ئىگە بولغان بايلىق ۋە قانداشلىق يوق. بۇ ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئەۋلادىنىڭ پەقەت بىلىمگە تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىنى، باشقىلاردىنمۇ كۆپرەك تىرىشىشىنى بەلگىلىگەن دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.


   شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار كۇڭزىچىلىق ئېقىمى مەدەنىيىتى تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان بولۇپ، "ئۆگىنىش نەتىنجىسى ياخشى بولسا ئەمەلدار بولىدۇ" دىگەن مائارىپ ئىدىيىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. كانادا "شىمالىي ئامېرىكا ۋاقىت گېزىتى" تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى ئاللىقاچان مىللىي ئالاھىدىلىك بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئاللىقاچان ئەسلىدىكى "پەقەت ئۆگىنىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدارى بولماسلىق" ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكەن، نۇرغۈن ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار دۇنياغا نەزەر تىككەن، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ قالغان.

   

   سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش ئېڭىنى جىددىي ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىك


   سۈپەتلىك مائارىپ، ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىدا بىر قەدەر يۇقىرى بىلىم سەۋىيە ۋە ساپا يېتىلدرۈرگەن. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ چوقۇم غەرب ئاساسىي ئېقىمى جەمئىيتىگە قەدەم قويالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ 5% نى تەشكىل قىلىدىكەن، ئەمما ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار پەقەت 0.3% نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ سىلتىسىيىلىق جىلغىدىكى 30% يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ئېنژىنىرلىرى ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى ئىكەن، ئۇلار ئىچىدىكى پەقەت 6% كىشىلەرلا مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىكەن؛ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلاردا، ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىدىن پەقەت 9 نەپىرىلا CEO(باش ئىجراچى) ئىكەن؛ ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى ياكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى پەقەت 2% ئىكەن.


   باھالاشتا، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، گەرچە ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنى مائارىپتا "نەمۇنىلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادلىرى" دىيىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى مۇلازىمەت، جەمئىيەت تەسىرى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغىنى يەنىلا ئىنتايىن يېتەرسىز، ئامېرىكىدىكى رەڭلىك ئىرقلار ئارىسىدا، ئافرىقا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى سايلىغۇچىلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى 90% دىن ئاشتى، ئەمما ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ بولۇپمۇ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، پەقەت 20% نىلا ئىگەللەيدۇ. يەنە كېلىپ ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىدە ھەمنەپەس بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس دېيىلگەن.


   شۇڭلاشقا، مەلۇم تەھلىلدە غەرب ئاساسىي ئېقىم جەمئىيتىگە قەدەم قويۇشتا، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقىلا تايىنىشتىن سىرت، يەنە يەرلىك ۋەزىيەتمۇ ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. ئۇنىڭدىن سىرت، ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرى يەنە ئاكتىپ ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە، قىزغىن ھاياتى كۈچ ئوبرازىغا، ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا، باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىجتىمائي تەشكىلات پائالىيىتىگە، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئەۋلادلىرىنى كەمسىتىشىنى ئۆزگەرتىشكە ھەمدە كۆپ تەرەپلىك مەدەنىيەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك دەپ قارالغان.



   






                  مەنبە: شىنخۇا تورى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 19:40:38

غەرپ ئەللىرىدىكى ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىزنىڭ بۇ يەردە  ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرگىنىدەك ئىش ئىكەن
بەت: [1]
: ئەنگىلىيىدە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى يۇقىرى مەرتىۋىدىن دېرەك بەرمەيدۇ[تەرجىمە]