danko يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 14:58:53

كەمپۈت زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ

ئاپتونوم رايونىمىزدا كەمپۈتنىڭ بازىرىنى خېلى چوڭ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ھېيىت-بايراملاردا ھەر خىل كەمپۈتلەر داستىخان تۆرىدىنئورۇن ئالسا، توي-تۈكۈن، سوۋغا-سالاملاردا بولسا كۆڭۈل سوۋغىسى قاتارىدا ئېسىل سوۋغاتلىق بولماقتا. كەمپۈتنىڭ تۈرىمۇ ناھىيىتى كۆپ. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ماركىدىكى كەمپۈتلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنسە يەنە بىر قىسىملىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ۋە چەتئەللەردىن كەلتۈرۈلمەكتە. كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس. بىز ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ئىزدەۋاتقانلارغا كەمپۈت زاۋۇتى قۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز. كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىش جەريانى تەڭشەلگەن ماتېريالنى ئېرىتىش، قاينىتىش، قۇيۇلدۇرۇش، رەڭ ۋە پۇراق قوشۇش، شەكىلگە كەلتۈرۈش، سوۋۇتۇش قاتارلىق ھالقىلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. كەمپۈتنىڭ ئەسلى ماتېريالى ئارپا ئۈندۈرمىسى شېكىرى، ئاق شېكەر، سۇ ۋە خۇشپۇراق ماتېرياللاردىن تەركىب تاپىدۇ. كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ باھاسى 200مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. ئەگەر چوڭراق زاۋۇت قۇراي دېسىڭىز ئەلۋەتتە باھاسى تېخىمۇ يۇقۇرى بولغان ئۈسكۈنىلەرمۇ بار. مۇشۇ 200مىڭ يۈەنلىك زاۋۇتنى قۇرسىڭىز تەخمىنەن 300مېتىر كۇۋادرات چوڭلۇقتىكى زاۋۇت ئورنى بولسا بولىدۇ. كەمپۈت زاۋۇتى قۇرغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بېرىمىز.


1.ماركىنى ياخشى تاللاڭ. ماركىڭىزدىن مەھسۇلاتىڭىز ياكى مەھسۇلاتىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتى ئىپادىلەنسۇن


2.تاشقى ئورالمىسىغا ئىنچىكە ئىشلەڭ. كىشىلەرنى دەماللىققا قىزىقتۇرىدىغان، كۆركەم، سۈپەتلىك لايىھىلەڭ.


3.تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەڭ. تەشۋىقاتتىكى بىرىنچى كوزورىڭىز ئۆز زاۋۇتىڭىزدا، ئۆزۈڭلەرنىڭ قولى بىلەن ئىشلەنگەنلىكى بولسۇن.


4.ئەلۋەتتە سۈپەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىڭ.بازار رىقابىتىدە سۈپەتلا سىزگە كۈچلۈك تىرەك بولالايدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 16:40:05

يۇرتقا بېرىپ، كىچىك بالىلارنىڭ ھېلىقى نەچچە موچەنلىك يىمەكلىكلەرگە شۇنداق ئامراقلىقىغا قاراپ، مۇشۇنداق پارچە-پۇرات يىمەكىكمۇ بىزدىكى بىر بوشلۇقكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇكىلىرىمغا يىمە دېسەممۇ، مەن يوق ۋاقتىدا ئوغىرلىقچە يىۋالىدىكەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 17:07:04

ياخشى تۈر،يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىستىقبالى بارلاق

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 18:42:28

بازىرى بار، لېكىنبازىرىنى ئىگەللىمەك ناھايتى تەس! ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان كەمپۈتلەرنىڭ 成本قىممەت چىقىپ قالىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭغا نىسبەتەن سۈپۈتتىن باھا موھىم ئورۇندا تۇرغاچقا بازاردىكى توپچىلاريولداشلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغىنى سېتىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ. خىرىدارنىڭ ئىچىدىمۇ ئوندىن بىرى سورىمىسا، توققۇزى كەمپۈت بولسا، پۇلى قايسنىڭ بەش مۇچەن ئەرزان بولسا شۇنى ئېلىۋىرىدۇ...



ئەڭ ئىشەنچىلكىلىرى خوتەن كىروران زاۋاتىنىڭ، ئارماننىڭ كەمپۈتلىرى، ھازىر ئاق شېكەرنىڭ بىر كىلوسى شىنجاڭنىڭ 8.5 سوم ئىچكىرنىڭ 8.2 سوم بولىۋاتىدۇ. شېكەرنىڭ باھاسى تۇراقلاشمىسا، كەمپۈت زاۋاتى قۇرۇپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ. مەن قازاقسىتانغا ماڭغۇزىۋاتقان 口香糖 نى شىنجاڭدا بازار توغرا كەلمەي ئىچكىردە ياسىتىۋاتىمەن. بازاردا ئەمىلىي كۈچ بولمىسا رىقابەتلەشكىلى بولمايدۇ. بىز مىللىي كىملىككە تايىنىپ بازار ئاچىمەن دېسەك يولداشلار باھاغا تايىنىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. 10-ئايدىن 5 -ئايلارغىچە شېكەر نىسبەتەن ئەرزان بولىدۇ. موشۇ ۋاقىتتا 100 يۇز توننا شېكەر بېسىۋالغۇدەك پۇلى بولمىسا 200 مىڭ سوملۇق ئۈسكىنە،300 كۇۋادېرات يەرگە تايىنىپ كەمپۈتتە پايدا ئالغىلى بولمايدۇ....

Qudus يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 21:31:51

بىزنىڭ مەھەللىدىكى توپ مال ساتىدىغانلار ھەممسى ئەرزان ماللارنى كىرگۈزىدۇ شۇڭا ....بىزدەكلەر قىلاي دىسەكمۇ ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كىلىمىز...

Estami يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 21:33:24

يېمەك ئىچمەك زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم بىر ھالقا ، شۇ مەھسۇلاتىنڭ QS بولۇشى كېرەك .


بۇ QS نى بېجىرىش ئۈچۈن ،شۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئۈسكۈن ئېلىش كېرەك. دېمەك QS بېجىرىش ئۈچۈنمۇ راۋرۇس پۇل خەجلەشكە توغرا كېلدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى.


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 23:40:20

كىچىكىمىزدە خوراز كەنپىت بولىدىغان. ھازىر يوق.

danko يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 04:20:06

ئىچكىرىدە ياسىلىپ، شىنجاڭدا سېتىلىۋاتقان كەمپۈتلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كەمپۈتلەرنىڭ قانچىلىكى ھالال يېمەكلىك ئۆلچىمىگە توشىدۇ؟ بۇ ھەممىمىزگە قاراڭغۇ مەسىلە.بەلكىم بىرىمۇ توشماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىمىز زاۋۇت قۇرۇپ ياسىساق ھەر جەھەتتىن ياخشى بولاتتى. پۇلى بار بايلىرىمىز خېلى بار. بەلكىم شۇلار مەبلەغ سالسا، تاش ئادەم دېگەندەك 100توننا ئاق شېكەرنى زاپاس ساقلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولسا بازارنى ئېچىپ كەتكىلى بولىدۇ.


QSبولسا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى دېگەن گەپ. بۇنى ئېلىش راس مۇھىم. QS بولمىسا مەھسۇلاتىڭىزنى چوڭ تاللا بازارلىرى كىرگۈزمەيدۇ. ئەمماQS بىجىرىش بەك تەسمۇ ئەمەس. بىر قىسىم زاۋۇت قۇرغان كىشىلىرىمىز QS ئېلىشتا بەكمۇ قىينىلىدۇ. بەزىلىرىگە ھەتتا بىرەر يىل كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە زاۋۇت قۇرۇشتىن ئاۋالQS ئېلىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئۈسكۈنىلەر، سېخلار ۋە تەجرىبىخانىلارنى QS ئۆلچىمى بويىچە تەييار قىلسا ئاز پۇل بىلەن ئىككى ئايغا قالمايلا بىجىرگىلى بولىدۇ. بەك بولمىسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. 5000يۈەن بىلەن ئىككى ئايدىلا QS ئېلىپ بېرىمەن.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 09:08:38

ھازىر مۇشۇ بالىلار يىمەكلىكى بىر بوش سۇرۇن ئىكەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 09:57:44

danko


ئۈسكۈنىلەر، سېخلار ۋە تەجرىبىخانىلار بولمىسىمۇ 5000 يۈەنگە ئېلىپ بېرەلەمسىز ياكى بار بولغان شارائىتتىمۇ؟

danko يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 10:07:14

ئەلۋەتتە ئۈسكۈنىلەر، سېخلار ۋە تەجرىبىخانىلار بولىشى كېرەك. تەجرىبىخانا بولمىسا تەجرىبىخانىنى قانداق قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىمىز. سېخلىرى QS ئۆلچىمىگە توشمىسا قانداق قىلسا توشىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىمىز. ئۈسكۈنىلەر، سېخلار ۋە تەجرىبىخانىلار بولمىسا QS ئالغىلى بولمايدۇ.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 10:27:13

7- قەۋەتتىكى dankoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچكىرىدە ياسىلىپ، شىنجاڭدا سېتىلىۋاتقان كەمپۈتلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كەمپۈتلەرنىڭ قانچىلىكى ھالال يېمەكلىك ئۆلچىمىگە توشىدۇ؟ بۇ ھەممىمىزگە قاراڭغۇ مەسىلە.بەلكىم بىرىمۇ توشماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىمىز زاۋۇت قۇرۇپ ياسىساق ھەر جەھەتتىن ياخشى بولاتتى. پۇلى بار بايلىرىمىز خېلى بار. بەلكىم شۇلار مەبلەغ سالسا، تاش ئادەم دېگەندەك 100توننا ئاق شېكەرنى زاپاس ساقلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولسا بازارنى ئېچىپ كەتكىلى بولىدۇ.


QSبولسا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى دېگەن گەپ. بۇنى ئېلىش راس مۇھىم. QS بولمىسا مەھسۇلاتىڭىزنى چوڭ تاللا بازارلىرى كىرگۈزمەيدۇ. ئەمماQS بىجىرىش بەك تەسمۇ ئەمەس. بىر قىسىم زاۋۇت قۇرغان كىشىلىرىمىز QS ئېلىشتا بەكمۇ قىينىلىدۇ. بەزىلىرىگە ھەتتا بىرەر يىل كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە زاۋۇت قۇرۇشتىن ئاۋالQS ئېلىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئۈسكۈنىلەر، سېخلار ۋە تەجرىبىخانىلارنى QS ئۆلچىمى بويىچە تەييار قىلسا ئاز پۇل بىلەن ئىككى ئايغا قالمايلا بىجىرگىلى بولىدۇ. بەك بولمىسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. 5000يۈەن بىلەن ئىككى ئايدىلا QS ئېلىپ بېرىمەن.



ئىچكىردە ياسالغان كەمپۈتلەرنىڭ ھالاللىق مەسىلىسىگە كەلسەك، مال ئىشلەتكۈچى سودىگەرنىڭ ئىنسابىغا باغلىق. ئەمما ئەخلەت يىمەكلىك سەل كۆپرەك، قەشقەر بازىرىدا ئەڭ ئېغىر بۇ خىل ئەخلەت يىمەكلىك.


دانكو ئەپەندىم، ئۇچۇرلىشىپ ئالاقە قورالىڭىزنى يىزىۋالاي، مەن دەل شۇنداق ئۇششاق يىمەكلىك ، خېمىر تۇرۇچ ، ئىشلەيدىغان بىر زاۋۇت قۇرماقچى ئېدىم، ۋاقتى كەلگەندە سىز بىلەن ئالاقە قىلاي .



danko يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 10:36:59

چ چ نومۇرۇم:289451281 ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. زاۋۇت قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان، زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى ياكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى جەھەتتىن بىلىمى بار تورداشلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىرلىكتە تىرىشايلى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-8-23 17:45:05

بۇئىقتىساد ،دىنى ئىتىقاد ،ساغلاملىق ساھەسىگە چېتىلىدىغان چوڭ مەسىلە ئىكەن ،بۇنى قورغاندا بۇ ئۈچ خىل مەسلىنى بىراقلا ھەل قىلغىلى بۇلۇشى مۇمكىن .


goodluckئېيتقاندەك كىچىك بالىلارغا يىمە دەپ تۇرساقمۇ ئوغرىلىقچە يېۋالىدۇ ،بەرگەن پۇلنىڭ كۆپىنچىسىگە كەمپىت يەيدۇ ،پۇل بەرمىسەك ئوغرى بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز ....


مۇشۇ مەسىلە چوڭ بىر بوشلۇق ئىدى ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولمىسىمۇ زىيانلىق تەركىپ يوق ،ھارامدىن خالى (چىرايلىق ئېيتساق شۈبھىدىن خالى )،قەنت تەركىۋى بەك يۇقىرى ئەمەس كەمپىتلەر بازاردا كەڭرى بولسا بىزمۇ بالىلىرىمىزغا خاتىرجەم ئېلىپ بەرسەك بۇلاتتى ،،،،


مۇسۇلمانچە ماركىدىكى بىرقىسىم كەمپىتلەر بالىلارنىڭ گېلىغا ئېغىر زىيان قىلىدىكەن ،،،


بىرەرسى بىسمىللا دەپ تەۋەككۈل قىلىپ ،مەبلەغ سالسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەجرىنى كۆرەتتى ...

sultan721 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 17:08:44

دانكو مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 2226787844 قاچىلۋىلىڭە....
بەت: [1]
: كەمپۈت زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ