Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 12:59:47

( مۈشۈك بېقىش)پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟


مەن ئېسىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆيدە مۈشۈك بار ئىدى، بەزىدە 5-6 بولۇپ كەتسە بەزىدە 1-2 بولسىمۇ مۈشۈك زاتى ئۈزۈلۈپ قالمايتتى. بالا ۋاقتىمدا كۈندۈزلىرى قوي بېقىپ، كەچلىرى ئۇخلاش ئالدىدا يوتقانغا ئۇماق ئاسلانلىرىمنى سولاپ ئۇلارنىڭ يۇمشاق تۈكلىرىنى سىيلىغاچ، خورەكلىرىنى تىڭشاپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئەتتىگەندە ھويلىدىكى قارلىغاچلارنىڭ ۋېچىرلىشى بىلەن ئويغىناتتىم. ماتىرياللاردا كۆرۈشۈمچە بالىلاردا مىھرىبانلىق، تەبىئەت سۆيگۈسى، ساغلام ئادىمىيلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە ئائىلىدە كەم بولغاندا بىر-ئىككى خىل جاندار بولىشى كېرەك ئىكەن. ئىنسانلارنى مىھرى-مۇھەببەت، ئادالەتكە چاقىرغان بارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ پادىچى بولۇپ باققان ئىكەن. ئەمدى مانا زامانىۋىلىق، شەھەرلىشىش دېگەندەك پەرزەنتلىرىمىزنى تەبىئەتتىن ئايرىپ تاشلايدىغان جاھان ھادىسىلىرىگە دۇچ كەلگىنىمىزدە پەرزەنتلىرىمىزدە شۇ خىل بارچە جاندارلارغا مىھرىبان بولىدىغان تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش بىر مەسىلە بولۇپ قاپتۇ. دىيارىمىزدا مەيلى يەسلى ۋە ياكى باشلانغۇچ مائارىپى بولسۇن بۇ نۇقتىغا تېخىچە كۆڭۈل بۆلۈش يىتەرلىك ئەمەس. بالىلار تەبىئەتتىكى جاندارلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى كىتابتىكى رەسىملەردىن، تېلۋۇزۇرلاردىن كۆرىدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى يېقىنلىشىش، چۈشۈنۈش يوق ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يەسلى، مەكتەپلەر قىلىپ بىرەلمىگەن ئۇ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئىلىپ بالىلىرىمىزنى ئانچە-مۇنچە سەھرالارغا ئىلىپ چىقىپ ئوماق موزاي-قوزىلارنى، قۇشلارنى، پاقا - قوڭغۇزلارنى كۆرسىتەرمىز. لىكىن بۇمۇ يېتەرلىك بولمايدىكەن دەپ قاراپ بىنا ئۆيدە بېقىشقا ئەڭ مۇناسىپ كىلىدىغان ھايۋاندىن مۈشۈكنى بىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى نىيەت قىلدىم. كىيىنچىرەك شارائىت يار بەرسە ئۆيگە چوڭ ھەجىمدىكى بىلىق قاچىسى ئىلىپ بىلىق، تاشپاقا، راك دېگەندەك سۇ جانلىقلىرىنى باققۇم بار.



ئەمدى تورداشلار بىلەن پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق ئىسىل چارىلەر بار دېگەننى مۇڭداشقاچ ئاساسلىقى بىنا ئۆيىدە مۈشۈك بېقىش تەجىربىسى بار تورداشلارنىڭ ئۆز ھاسىلاتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. مەسىلەن: مۈشۈكنىڭ تەرەت قىلىدىغان جايىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىپ كەتسە قايتا ئۆينى تېپىپ كىلىش ئىقتىدارنى قانداق يېتىلدۈرۈش دېگەندەكلەر...... گەپنى بەك چوڭ باشلاپ ئاخىرىدا بىنا ئۆيدە مۈشۈك باقىدىغان بىلەن تېمىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولدۇم، قېنى تورداشلارمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقساڭلار!


تېما 80خالتا بلوگى http://www.80halta.com دا تەييارلاندى. ئىنكاس ئىزدىنىشتا چۈشۈدىغان چېغىۋا....

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 22:08:41

يەنە كىلىپ ئىت مۈشۈك باقماسلىق توغۇرلۇق\"\"


بىر زات ئەتە كىرىپ جىلە بوپ چېچى تېخىمۇ چۈشۈپ كىتىدىغان بولدى\"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 22:09:27

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 23:11:38

بېلىق بېقىپ 1 ئايدىن ئارتۇق ھايات تۇرغۇزالمىدىم. شۇنچە ئىزدەندىم، سۇ تازىلايدىغان، ئايلاندۇرىدىغان، ھاۋا پۈۋلەيدىغان، تاش، ئوت-چۆپ ...  ھەرخىلللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ دېگەندەك، ئىشقىلىپ ھەممىنى قىلىپ باقتىم. 1 ئايغا قالماي ئون نەچچە بېلىقنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئۆلىدۇ. بۇنىڭغا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بېلىق قاچىسىنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپلا قويدۇم. كىيىن يىللار ئۆتۈپ يەنە باقتىم. يەنە شۇنداق بولدى. بۇ قېتىم ئەمدى ھەرگىزمۇ باقماسمىنا... ئادەمنىڭ بەكلا ئىچى ئاغرىيدىكەن.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 14:25:33

\"\"يېزىدىكى تۇققانلارنىڭكىگە بارغاندا ئاكامنىڭ قىزى ئوماق بىر ئاسلاننى كۆرۈپ قېلىپ باقىمەن دەپلا تۇرىۋالدى، قايىل قىلىپ بولالماي ئامالسىز ئۆيگە ئەكەلدۇق.ئاخشىمى يوتقىنىغا سىلىۋىلىپ بىچارە ئاسلاننى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ بىر قىلدى.ئاسلانمۇ ئۇنىڭ ئامراقلىقىغا ماسلىشىپ قالدىمۇ ئۇنىڭغا ئويناقشىپ بەردى.ئەمما كىچىسى ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كىلىپ مىياڭلاپلا تۇرىۋالدى، ئادەتتە خېلى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىپمۇ ئويغىتالمايدىغان قىز مۈشۈكنىڭ تولا مىياڭلىشىدىن ئويغىنىپ كىتىپ ئۇنى يەنە يوتقىنىغا ئەكىرىۋالدى. بىز ئۇنىڭغا مۈشۈكنىڭ تەرەت قىلغىسى كەلگەنلىگىنى شۇڭا سىرىتقا چىقىشقا تەقەززا بولۇپ مىياڭلاپ تۇرىۋالغانلىغىنى ئېيتساق ئۇ ئۆزى كىچىك ۋاقتىدا ئىشلەتكەن گارشۇكنى ئەكىرىپ: مۇشۇنىڭغا تەرەت قىلسۇن! دەپ تۇرىۋالدى. بىز ئۇنىڭغا مۈشۈكنىڭ يەرنى كولاپ تەرەت قىلىدىغانلىغىنى ئاندىن ئۇنى كۆمۈپ قويىدىغانلىغىنى شۇڭا ئۇنى بىنا ئۆيدە بېقىشنىڭ تەسلىگىنى ئېيتساق شۇ ھامان كىيىملىرىنى كىيىپ مۈشۈكنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ تەرەت قىلدۇرۇپ چىقىدىغانلىغىنى ئېيىتىپ تۇرىۋالدى.يەڭگەم ئىككىمىز ئۇنىڭ ئادەتتە چىراق ياندۇرۇلمىغان ياتاق ئۆيگىمۇ كىرگىلى ئۇنىمايدىغانلىغىنى بىلگەچكەئۇنىڭ جاسارىتىگە سەل ھەيران قالدۇق، قارىساق ئۇ مۈشۈكتىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلار ئەمەس. ئامالسىز پەسكە ئېلىپ چۈشتۇق.قايىتىپ چىقاردا ئۇ گارشۇكقا توپىنى توشقۇزۇپ ئېلىپ چىقتى، مۇشۇنداق قىلسامغۇ بولار؟ دەپ. ئۇنىڭ مۈشۈككە بولغان مىھرىگە مەسلىگىمىز كەلدى.ئەمما ئەتىسى مۈشۈك بەكمۇ جىمغور بولىۋالدى جىيەن قىزىم بىلەن ئوينايدىغاندەك ئەمەس. بىز ئۇنىڭغا مۈشۈكنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن مۇھىتتا تۇرسا مۇشۇنداق بوپ قالىدىغانلىغىنى شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېزىغا ئاپىرىۋىتىشىمىز لازىملىغىنى، كۆرگىسى كەلگەندە يېزىغا ئاپىرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ مىڭ تەستە قايىل قىلدۇق.ئىش قىلىپ تەس جۇمۇ مۈشۈكنى بىنا ئۆيلەردە باقماق.


\"\"


kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 14:30:42

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


مۈشۈك بېقىش ئۈچۈن چاشقاننىمۇ تەڭ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ ، مېنىڭچە ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكنىڭ ئۆزىلا بېقىۋېلىشتىنمۇ چوڭ ياخشى ئىش .

rufine يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 15:02:54

بوۋاق بالا بار ئۆيدە مۈشۈك باققانلار قاتتىق دىققەت قىلىشى كىرەك. چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە ئىلگىرى   بىر ئائىلىدە مۈشۈك بۈشۈككە بۆلەكلىك  بالىنىڭ ئېغىزى ئەتراپىدا قالغان ماي يۇقىنى (قۇيرۇق ماي يىگۈزگەنىكەن بالىغا) يالايمەن دەپ بالىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ بالا نەپەستىن  قىسىلىپ تۈگەپ كەتكەنىكەن.

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 15:28:27

مۈشۈكنىڭ تۈكىنى يەۋالسا ئۆپكە قاپلىق قۇرت كېسىلى بولۇپ قالارمىش.

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 15:54:00

بۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم مۈشۈك بوپتۇ. بۇ يەردىكى مۇشۇكلەر كىشىلەردىن پەقەت يىتىرقىمايدىكەن. تۈركلەرمۇ مۇشۇكلەرنى ئاجايىپ بېقىپ قويىدىكەنكى ئۆزەم مۇشۇككە بەك  ئامراق بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ بۇ يەردىكىلەرنىڭ مۇشۇككە بۇنچە ئامراقلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈنۈپ قالدىم.


يول= يوللاردا مۇشۇك  يىمى قويۇپ قويۇلغان. تۇنۇگۈن بىر چوڭ جامەگە بارغان . جامانىڭ ھويلىسىدا بىر چوڭ باغچىدا   ئاپتاپسىنىپ يىتىپ كەتكەن مۇشۇكلەر ئاسلانلار بىرەر يۈزدىن جىقمىكەن  .يىڭى تۇغۇلغان ئاسلانلار.بەك ئوماقكەن


سىڭلىمدىن  ئاڭلىسام بىر ماشىنا  سوقۇۋەتكەن مۇشۇكنى داۋالاتقىلى بىر تۈرك نەچچە مىڭ تۈرك لىراسى خەجلەپتۇ.


كىچىكىمدە بىزنىڭ ھويلىلاردىمۇ. مەھەللىلەردىمۇ شۇنداق جىق مۇشۇكلەر بار ئىدى.ئادەمدىن يىتىرقىماي قۇچاقلىرىغا چىقىۋېلىپ خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتەتتى. قاچان مۇشۇكلىرىمىز  يوقالدى. چاشقانلارغا بايرام بولدى......


نەۋرە ھەدەم ئۈرۈمچىدە بىر مۈشۈك باققان ئىدى .ئىسمى ھۈرەيرە  ئۇمۇ باشتا كۆندۇرگەندە  مۇشۇكنىڭ تەرىتىگە بىر داس  توپا ئاچىقىپ ھاجاتخانىغا قويۇپ بەرسە كېيىن ئاسلانچاق  .شۇ نىڭغا تەرەت قىلپ ئاندىن كۆمۈپ قويۇپتكەن.  ھەدەم  نەچچە كۈندە بىر توپىسىنى  ئالماشتۇرۇپ بىرەتتى.شۇنىڭغا قاراپ مۇشۇكنى بىنا ئۆيدىمۇ باققىلى بولىدىكەن دەپ قالدىم. مېنىڭچە كىچىك  ئاسلان ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيلىسىڭىز بولامدىكىن..


toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 16:07:46

بىرزات ھەكىم! ماۋۇ ئىنكاسنى بلوگلىرىدىكى ئاشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىۋىدىم، ئەمما سۆرەتنى قىستۇرالمىدىم. بىر قاراپ باقسىلا بوپتىكەن.

rufine يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 17:21:16

مەنمۇ قىستۇرالمىدىم

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 18:13:54

بىرزات ھېكىم، مۈشۈك باقسىلا مەيلى باقسىلا. ئەمما بىلىق باقمىسىلا.


بىلىقنىڭ ئاۋارىچىلىقى بەك كۆپ. داۋاملىق پاكىزە سۇ ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسا تېخى بولمايدۇ. بىلىق سېلىنغان شىشە ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى سۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بىر نەرسە بارغۇ، توكقا چېتىپ ئىشلىتىدىغان، كىچىك بالا بار ئۆيدە بەك دىققەت قىلمىسا، توك سوقۇۋېتىش ئېھتىمالى بار.


ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق: بىلىق قويۇلغان ئۆي سېسىق پۇرايدۇ. شەخسەن ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدۇ. خوشنامنىڭ ئۆيىدە بىلىق باقىدىغان چوڭ شېشە ساندۇقلار بار. ئالقانچىلىك كېلىدىغان يىگىرمە ئوتتۇزدەك بىلىقنى باقىدۇ. بىلىق قويۇلغان ئۆيى قاڭسىق پۇرايدۇ.


بىلىق بېقىشقا قارىغاندا مۈشۈك بېقىش ئوڭاي.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 19:12:13

مەنمۇ مۈشۈككە بەك ئامراق ....بىراق بوۋاق بار ئۆيدە مۈشۈك باقسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلاپ جىم بولدۇم......مۇشۇ راس گەپمۇ ياكى.....


ۋاكسىنا ئۇرغۇزسا قانداق بولار ؟؟؟؟


ئىزدىنىشتا مال دوختۇرلىرى يوقما ؟؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:20:31

بۇنىڭدىن11 يىل بۇرۇن ئۆيدىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ خېنەن جىڭجۇغا كەلگەن.


قىزىق يەركەندۇق


مۈشۈكنى باغلىۋېلىپ،ئىتلىرىنى كوچىسىغا قويۇپ بېرىدىغان.


ھەر يۇغان لالما ئىتلار كوچىلاردا ئەركىن لاغايلاپ يۈرىدىغان.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:26:04

مۈشۈككە ئامراق بولغاچقا قېچىپ كەتمىسۇن دەپ باغلاپ باقىدىكەندە؟! لالما ئىتلارنى لالمىلىق قىلىپ يۈرۈپ جېنىنى باقالايدۇ دەپ كوچىغا قويىۋەتسە كىرەك.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:31:26

مەن ئىت مۈشۈككە شۇ ۋاقىتتا ئۆچ بولۇپ قالدىممىكىن دەيمەن.


قاپقاراڭغۇ كوچىدا يولنى ئاران تېپىپ كىتىپ بارسىڭىز،يېنىڭىزدىن بىرسى سۈركىلىپ ئۈتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ.......سەل پەرىق ئىتىپ قارىسىڭىز قويدەك ئىت قۇلىقىنى پۇلاڭشىتىپ كىتىپ بارغان................


بەك چۈچۈپ كىتىدىكەنسىز


شۇ ۋاقىتتا جاڭجىننىڭ جىن ھىكايىلىرى ئارىمىزدا مودا بولغان ۋاقىتلار ئىدى

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:38:10

ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئىت مۈشۈككە شۇ ۋاقىتتا ئۆچ بولۇپ قالدىممىكىن دەيمەن.


قاپقاراڭغۇ كوچىدا يولنى ئاران تېپىپ كىتىپ بارسىڭىز،يېنىڭىزدىن بىرسى سۈركىلىپ ئۈتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ.......سەل پەرىق ئىتىپ قارىسىڭىز قويدەك ئىت قۇلىقىنى پۇلاڭشىتىپ كىتىپ بارغان................


بەك چۈچۈپ كىتىدىكەنسىز


شۇ ۋاقىتتا جاڭجىننىڭ جىن ھىكايىلىرى ئارىمىزدا مودا بولغان ۋاقىتلار ئىدى





قويغىمۇ ئوخشىتارسىزمۇ سالپاڭ قۇلاق سەت لالما ئىتنى..يەنىلا باشقا بىر نىمىگە ئوخشىتىڭە!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:43:43

كىچىكىمدە يېزىدە چوڭ بولغان


مەھەلىمىز ئوغرى قاراقچىدىن يىراق تېنىچ مەھەللە ئىدى.شۇڭا مەھەلىدىكىلەر قوينى قوتانغا سولىسا سولىدى،سولىمىسا يوق دىگەندەك.توك تېخى كەلمىگەن ۋاقىتلار ئىدى،يوللار قاپقاراڭغۇ. كىچىلەردە مەھەللىدە ياكى قورودا كىتىپ بارسىڭىز قوي بىلەن سۈزۈشۈپ كىتىدىغان(كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇيىمىزمۇ كىچىككەندۇق) ئىشلار پات پات بولۇپ تۇراتتى.


شۇ ئىش ئىسىمگە كىلىپ قويغا ئوخشىتىپ ساپتىمەن.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:46:02

ھە ئەمدى چۈشەندىم. ئەمما لىكىن بۇنىڭدىن كىيىن ئوخشاتماسسىز!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 21:49:05

ھاھا


شۇنداق دىسەم ئىشەنگىنىنى\"\"


ئىشقىلىپ مەن قوي بىلەن سۈزىشىپ كىتىپ باقمىغان

بەت: [1] 2
: ( مۈشۈك بېقىش)پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟