olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:19:13

ياش باللا قائىدە ئۇقمايدىغان بولۇپ كىتىپ بارىدۇ دىسە

شۇ


ياش باللار قائىدە ئۇقمايدىغان بولۇپ كىتىپ بارىدۇ.زادى تايىقى كام ئاشۇ!


بەزىلەرنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرسەم،جۇدۇنۇم تۇتۇپلا قالىدۇ. ئۇكام بولغان بولسا ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋېتىپ،ئاندىن قىلىدىغان گىپىمنى قىلىمەن جۇمۇ.


بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى


قىلىدىغان ئىش يوق يولدا لاغايلاپ كىتىپ بارغان.نىمىگە ئالدىرىدىكىن،بىر ياش بالا كەينىمدىن كىلىپ يېنىمدىن ماڭا سۈركىلىپ دىگۈدەك ئۈتۈپ كەتتى.مانى قار!مىنى چۈچىتۋەتتى!كەچۈرۈم سوراشمۇ يوق كىتىپ بارىدا تېخى!توۋلاپ توختىتىۋالاي دەپ تۇرسام،ماڭا باھانە چىقتى،بىر ياشانغان بوۋاينى سوقىۋەتسە بولىدۇ.ئاران كىتىپ بارغان بوۋايكەنتۇق.پوكلا چۈشتى،بەك يېقىلدى تايىنلىق.ھارامزادە يەنە يولىغا راۋان!


ئەرۋايىم ئۇچتى!


ھەي،توختاپپاقا!سىنى داۋاتىمەن سىنى!ھە،ماياققا كىلە!


شۇم كەينىگە بۇرۇلۇپ نىمە بولدى دىگەندەك ماڭا پاقىدەك قاراپلا تۇرىدۇ.


نىمە قىلدىڭ بىلەمسەن؟ئاچچىقىمدا ۋارقىرىدىم.


نىمە قىپتىمەن؟


يەنە نىمە قىلدىم دەيسەنغۇ؟!بوۋاينى سوقىۋەتتىڭ.كەچۈرۈم سوراش يوق،يۈلەپ قويۇشمۇ يوقما؟ساڭا كىم شۇنداق ئۆگەتكەن؟


ئاچچىقىمدا بىر نەرسىلەرنى دەپ ۋارقىراۋاتىمەن.بىردەمدە ئەتراپىمىزغا بىر توپ ئادەم ئولىشىپ بالىنىڭ قىلغىنىنى ئەيىپلەۋاتاتتى.شۇم ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سەزدى بولغاي،ماڭا قاراپ پەس ئاۋازدا:


كەچۈرۈڭ!


نىمە نىمە؟ئاڭلىيامىدىم!نىمە داۋاتىسەن؟يىگەن ئىچكەندەك بىر گەپ قىلە قېنى!


بالا يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاۋازدا:كەچۈرۈڭ!


ئاچچىقىم يەنە تۇتتى


ھەي،كىم سىنى مەندىن كەچۈرۈم سورىسۇن دىدى!ئاۋۇ سەن يىقىتىۋەتكەن قېرى چالدىن كەچۈرۈم سورا داۋاتىمەن!


قېرى بوۋاينىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى ماڭا يۆتكەلدى



شۇنداق قىلىپ،شۇنداق بولدى


ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ ئويلىغانىدىم بولمىسا!


نىمە دىگۈلىككىنتاڭ



ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 22:13:15

ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەيىت!!!



خوتنوڭ سەتتتتتتت !!!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 22:15:27

ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەيىت!!!



خوتنوڭ سەتتتتتتت !!!

ھاھاھا


بۈگۈن نىمە مۇسابىقە بار؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 22:41:23

ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەيىت!!!



خوتنوڭ سەتتتتتتت !!!

ھاھاھا


بۈگۈن نىمە مۇسابىقە بار؟



بۈگۈن تەڭرىتاغ ۋاقتىكەچ سائەت12:45 تە\"بىرلۇسكۇنى لوڭقىسى \" بار.يەنىمىلانو ACبىلەن يۇۋىنتۇس ئوينايدۇ.



مۇسابىقەخانلىققانالدا ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ.



كۆرۈش مەنزىلى :



http://www.xjfifa.com/bbs/hack.php?H_name=tiyuba_tv

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 00:36:27

Ruslam006+1Barkense he ?

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:31:50

قېرى چال دەپ چىشىغا تىگىپ قويۇپسىز ھە بوۋاينىڭ، بەك يىقىلدى تايىنلىق دىگەن گىپىڭىز قىزىق...ئەمما لىكىن قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز توغرىكەنتۇق بولمىسا.....

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:38:01

ئاچچىقتا شۇنداق چىقىپ كىتىپ قاپتۇ\"\"



بۇ ئىش راسىت بولغان ئىش ئەمەس


راسىت بولغان ئىش بولسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئىش بولغان ئىدى


بايا بىر ئىنىمىزغا قاراپ سەل چېچىلىپ قالدىم شۇ


دەي دىسەم تىلغا ئالغىدەك ئىش ئەمەس


شۇنىڭ بىلەن كونا ئىشلاردىن بىرنى باھانە قىلىپ قايتا ئاچچىقىلىنىۋالدىم


izdanguqiman يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:40:16

toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قېرى چال دەپ چىشىغا تىگىپ قويۇپسىز ھە بوۋاينىڭ، بەك يىقىلدى تايىنلىق دىگەن گىپىڭىز قىزىق...ئەمما لىكىن قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز توغرىكەنتۇق بولمىسا.....



ئوغرىنىڭمۇ كۆڭلى ياخشى دىگەندەك ھە

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:42:51

izdanguqimanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قېرى چال دەپ چىشىغا تىگىپ قويۇپسىز ھە بوۋاينىڭ، بەك يىقىلدى تايىنلىق دىگەن گىپىڭىز قىزىق...ئەمما لىكىن قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز توغرىكەنتۇق بولمىسا.....



ئوغرىنىڭمۇ كۆڭلى ياخشى دىگەندەك ھە

تىللىۋالاملا ئۆزلەمۇ\"\"


تېمىسى شۇ تۇرمامدۇ


ياش باللار قائىدە ئۇقمايدۇ دەپ


نىمە ئامال ئەمدى ياش بولغاندىن كىيىن\"\"

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:42:54

سەللىمازا ئىشىنىپتىمەن-دىسە\"\"

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:44:12

toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەللىمازا ئىشىنىپتىمەن-دىسە\"\"

بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە مۇشۇنداقراق ئىش بولغان ئىدى


پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇمۇ ئەمەس



ئەيسا پايپاقتەك ئۈزەمنىڭ تېمىسىدا ئۈزەم يىغلاپ


گوگەي دىمىسە بىكا جۇما

izdanguqiman يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:48:02

چاقچاق ....


ئۆزەڭلەرگەئېلىۋالماڭلارياش بالىلار بولغانكىن

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:48:19

ئالى مەكتەپتىكى شۇ ئىشنىلا يازسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى. ھى ھى ھى ھى ما گىپىڭىزنى

ئەيسا پايپاقتەك ئۈزەمنىڭ تېمىسىدا ئۈزەم يىغلاپ


گوگەي دىمىسە بىكا جۇما

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:49:52

izdanguqimanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چاقچاق ....


ئۆزەڭلەرگەئېلىۋالماڭلارياش بالىلار بولغانكىن



سىزدىنمۇ كەچۈرۈپ سورىتايمىيە ئاۋۇ بالىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ


بولمىسا ئۈزەمگە ئېلىۋالىدىكەنمەن\"\"

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:52:50

toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالى مەكتەپتىكى شۇ ئىشنىلا يازسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى. ھى ھى ھى ھى ما گىپىڭىزنى

ئەيسا پايپاقتەك ئۈزەمنىڭ تېمىسىدا ئۈزەم يىغلاپ


گوگەي دىمىسە بىكا جۇما



دىدىمغۇ تىلغا ئالغىدەك ئىش ئەمەس دەپ


يىڭى كەلگەن بىر بالىنى كۆرمىگەنگە سەپ ئۈتۈپ كىتەي دىگىنىدە يېنىغا ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ بېرۋېلىپ بەك سەتلەشتۈرگەنتىم\"\"


شۇندىن كىيىنغۇ قېچىپمۇ قۇتىلالمىدىم\"\"


يىراقتىن كۆرۈپ قالسىمۇ سالام قىلغىلى كىلەتتى

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 22:01:48

بۇ تېمىنىمۇ چ چ قىلىۋىتەمدۇقا؟! ھە بوپتۇ قىلىڭە گەپ بولسا، ئۇيقۇم كەگىچە ماسلىشىپ بىرەي!

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 22:03:22

ئەسلىدىلا چ چ تېمىسى دەپ ئاچقان


بەك ھەددىمىزدىن ئېشىپ كەتسەك ئەتىگىچە ئۈچىرۋېتىمەن


قېنى بەھۇزۇر


izdanguqiman يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 22:07:08

مەن ياتاققا بېرىۋالغىچە ياشلاردىن يىراق ماڭاي، بۈگۈن ئاران دىگەندەبىر ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كەيگەندە،،،،،ھىلىمۇ بىر كۇن ئازاپ بولدى بۇ ئاياق....

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 22:08:34

كىچىكىمىزدە دوراش مودا بولدىمىكىن.قوشنىمىزنىڭ بالىسى كەپتەر باقسا كەپتەر،توخو باقسا توخو باققىمىز كىلەتتى.شۇنداق دوراپ يۈرۈپ ئىت باققان.تۆت كۆزلۈك،قۇلاقلىرى دىڭ ئىت ئىدى.ھەر كۈنى ئاكام بىلەن ئىككىمىز يەم بىرەتتۇق،مەشىق قىلدۇراتتۇق.بىزگە بەكلا كۈنۈپ كەتكەن ئىدى


نەق شۇۋاقىتلار ئادەم چىشلەيدىغان ئادەملەر پەيدا بولۇپ قېلىپ گۇناھنى بىچارە ئىتلارغا ئارتىپ تۈگەتكەن ئىدى.


قوشنىمىزنىڭ ئىتى ھەپتە يوقاپ كىتىپ ئۈلىكىنى سايدىن تېپىپ كەلگەندە،بىزنىڭ ئىتنىڭمۇ شۇنداق تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغىنىغا كۈزىمىز يەتتى.ئاتتۇرۋاتىدىغانغا چىدىمايىتتۇق.


ئاخىرى بار\"\"

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 22:17:12

ئۈيىمىزنىڭ تۈۋەينىدە سەيدىخان دەپ بىر داۋان بار.


ئاكام بىلەن ئىككىمىز،يەنە ئىشكە ھارۋىسى بار بىر ئاغىنىمىز ئۈچىمىز ئىتنى ئېلىپ شۇ سەيدىخان داۋىنىغا يولغا چىقتۇق.


يىراق دىسە يىراق،يېقىن دىسە بىردەملىك دەيمىزمۇ


2-3 سائەت ماڭدۇقمىكىن،20 يىل بۇرۇنقى ئىش بولغاندىن كىيىن قانچىلىك ماڭدۇق ئۇنتۇپ قاپتىمەن.يىتىپ باردۇق.ئاكام ئىتقا زادى قىيمىدى.كۈزىدە ياش پارىلداپلا تۇراتتى.


ئاكامغا قويۇپ بەرسەم،بۈگۈن كىتەلمەيىتتۇق


ئاكامنىڭ قۇچىقىدىن ئىتنى تارتىۋېلىپ گىپىمنى بىلەمدۇ بىلمەمدۇ چاتىقىم يوق گەپ قىلىشقا چۈشتۈم.


-قارا،سىنى يەنە باقالمايمىز.سىنى تۇتىۋالسا ئېتىۋېتىشى مومكىن.سىنىڭ بىزنىڭ قۇلىمىزدە ئۈلىشىڭگە كۈزىمىز قىيمايدۇ.بۇندىن كىيىن ئۈزەڭنىڭ جىنىنى جان ئەت.ئىت ئاتىدىغانلارغا تۇتۇلۇپ قالما جۇمۇ.


يۈرىگىم سەل قارىمىكىن.كۈزىدە ياش پىرىلداپ تۇرغان ئاكامغا پۇرسەت بەرمەي ئىتنى قۇچىقىمدىن قۇيۇپ بەردىم...........


ئىت دىگەن ھامان ئىتكەن


يەرگە چۈشۈشى بىلەن ئالدى كەينىگە قارىماي قېچىپ كەتسە بولىدۇ\"\"


بۇ ھايۋاننىڭ بۇنداققىلارىنى بىلگەن بولساق،ئاتىدىغانلار ئېتىۋەتسىمۇ بوپتىكەن ئەسلى\"\"

بەت: [1] 2 3
: ياش باللا قائىدە ئۇقمايدىغان بولۇپ كىتىپ بارىدۇ دىسە