ھۇررا مىرزەكىم vs ھۇررا مىسران[كۆچۈرۈلمە]
ھۇررا كۇلۇبىنىڭ تەكلىۋى ، مىسران شىركىتى ۋە ئۇنىڭ دىرىكتورى ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ، كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن يۇرتىمىز شىنجاڭدا " دىھقان بالىسنى پۇتبۇل قىلىش" پائالىيىتى ئېلىپ بارغىلى 2 ئايچە بولدى ، بۇنىڭ تۇنجى مىۋىسى بولغان خوتەن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى ئاساس قىلغان دىھقان بالىلىرىنىڭ كوماندىسى يەنى «ھۇررا مىسران كوماندىسى » قۇرۇلدى ، بۇ كوماندا 2 ئاي جەريانىدا كىيىم كىچەك ۋە باشقا ئەسلىھلەرى تۇلۇق سەپلىنىپ ، مۇنتىزىم مەشىقلەرنى قىلدى مانا يېقىندا ئۈرۈمچىگە كىلىپ ، بىر مەيدان دوستانە مۇسابىقە ئوينىماقچى .
ھۇررا مىسران كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدىغان كوماندا ھۇررا پۇتبۇل مەستانلىرىنىڭ كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ، ھۇررا كۇلۇبى كوماندىىسنىڭ تىرنىرى بولغان مىرزەكىم ئەپەندىم تەربىيلەۋاتقان ھۇررا كۇلۇبى پۇتبۇل تەربىيلەش كۇرسىدىكى ئۇقۇغۇچىلار بولۇپ ، كىچىكى 5 ياشتىن يۇقىرىسى 12 ياشقىچە بولۇپ ، بۇلارنىڭ تۇنجى قىتىم رەسمىي مۇسابىقە ئوينىشى بولىدۇ ، بۇ تەربىيلەش كۇرسى ھۇررا كۇلۇبىنىڭ بايرىقى ئاستىدا بولغاچقا ، شۇ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمىنى قۇشۇپ ، «ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسى » دەپ ئاتىدۇق .
بۇ قىتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىگە مىسران شىركىتى ۋە ئوسمانجان ئەپەندىم باشتىن ئاخىرى قوللاپ بەرگەچكە ، مۇسابىقىنىڭ نامىنى «ھۇررا مىسران لوڭقىسى » پۇتبۇل مۇسابىقسىى قىلىپ بىكىتتۇق .
بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ، «ھۇررا مىسران كوماندىسى » خوتەن دىيارىدىن 18-ئاۋغۇسىت سەپەرگە چىقىپ ، 19- ئاۋغۇسىت ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ ، ئۇلار شەنبەكۈنى يەنى 20-ئاۋغۇسىت ئۈرۈمچىنى ئايلانغاندىن سىرت ، ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىسىنىمۇ كۆرىدۇ ، يەكشەنبە كۈنى 21- ئاۋغۇسىت چۈشتىن بۇرۇن ، «ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسى » بىلەن بىر مەيدان دوستانە مۇسابىقە ئوينايدۇ .
بۇ قىتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز ، شىنجاڭنىڭ مەركىزىدە تۇرۋاتقان ،تۇرمۇشى خاتىرجەم ، ياخشى كۈن كۆرىۋاتقان ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ يۇرتىمىزنىڭ چەت جايلىرىدىكى بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ئۇلارنى چۈشىنىشى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى قەدىرلەشنى ئۈگىنىشى ئۈچۈن ،شۇنداقلا ئاتا ئانىلارنىڭ ۋە باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ مۇشۇلاردەك يېزا قىشلاقلاردىكى دىھقان بالىلىرىنىڭ پۇتبۇل تىپىش ، پۇتبۇلچى بولۇش ئارزۇ ئارمانلىرىغا ئاز تولا بولسىمۇ مەيلى مەنىۋى مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسىمۇ ياردەم قىلىشىنى كۆزلەپ ، خەلقىمىزنىڭ بىرلىكتە قۇدرەت تىپىشى ، ياخشى كۈنلەرنى كۆرىشى ئۈچۈندۇر .......
بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ تۇنجىسى لېكىن ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس چۈنكى يۇرتىمىزدا بۇلاردەك بىزنىڭ ياردىمىمىزغا مۇھتاج بالىلار ، كوماندىلار نۇرغۇن ، شىنجاڭدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدىكى مۇشۇ زىمىندىكى ھەربىر بالىغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئارزۇ ئارمانلىرىغا يەتكۈزىشىگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ، چۈنكى ئۇلار ھەممىمىزنىڭ بالىسى !
بۇ مۇسابىقىنى قوللايدىغانلار ۋە ياردەم قىلىش نىيىتى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ :
ئالاقىلاشقۇچى :ساتتار (ھۇرراجان )
تىلفۇن : 13999273929 qq:12425445
阿不沙塔尔.阿布都热依木
农业银行:622848 0890 2382 74215
工商银行:4580 6350 1138 5856
مۇسابىقە ۋاقتى :
2011- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى 10:00 نەق باشلايدۇ .
ئورنى : شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى (本部(پۇتبۇل مەيدانىدا .
1،101. دىگەندەك ئاپتۇۋۇزنىڭ شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى بىكىتىدە چۈشۈپ ، چوڭ مەيدانىغا بېرىڭ !
مۇسابىقە ھەقسىز لېكىن ئۆشرازاكات قۇبۇل قىلىمىز !
" دىھقان بالىسنى پۇتبۇل قىلىش" پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ :
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★ http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=3472
بۇ مىسران قېزىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىسران شىركىتى شۇ. مىسران قېزىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئەھۋالىنى
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=41495
بۇ ئادرىستىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
بىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى مىسران بىلەن مۇناسىۋىتى يوقما
\" دىھقان بالىسنى پۇتبۇل قىلىش\"
ماۋۇ گەپ خاتا يېزىلىپ قاپتۇ، تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.
پۇتبولچى دىگەن گەپتىكى چى نى ئارتۇقچە دەپ ئويلاپ ئارقا بەتكە تاشلاپ قويغان گەپ زىيالىرۇخسەت سورىمايلا تەۋسىيە قىلدۇق
ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى مىرزاھاكىم بولغايدى ھە ....... شۇنداق قىلىپ مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى ؟ نەتىجسىدىن بىزنى خەۋەرلەندۈرمەمسىلەر ؟ ھۇررا مىسران كوماندىسى نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسى يېڭىپ، ھۇررا مىسران لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
dankoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھۇررا مىسران كوماندىسى نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسى يېڭىپ، ھۇررا مىسران لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
زادى قايسىنى يەڭدى ، ھۇررا مىسران كوماندىسنىمۇ ياكى ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسىنىمۇ ؟
ھۇررا كوماندىسى يەنە بىر ھۇررا كوماندىسىنى يېڭىپتۇ
شۇنداق قىلىپ ھۇررا كۇلۇبىنى مىسران شىركىتى سېتىۋالغان بولدىمۇ؟
ئىسىم قويغاندا بەك يەڭگىللىك قىلىپسىلەر
ھۇررا مىسران كوماندىسى يەڭدى. ھۇررا مىسران كوماندىسى يەڭدى.