sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 12:26:59

ئاز سومملىك كىپىللك قەرز پۇل بىجىرىش شەرتلىرى ۋە تەرتىۋى

    مەقىسىدى:


    ئىگلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئاجىز توپنى ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، مۇشۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يىنىكلىتىش.


    مەبلەغ مەنبەسى:


    شەھەر(ناھيە) دەرىجىلىك كادىرلار ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى قولايلىق بۇلۇشنى چىقىش قىلغان ئاساستا مۇشۇ رايۇندىكى مەلۇم بىر پۇل مۇئاملە ئورگىنى بىلەن كىلىشىم تۈزۈپ مەبلەغ مەنبەسىگە كىپىللىك قىلىدۇ. بانكا قەرىز مەبلىغىگە مەسئۇل بۇلىدۇ. كادىرىلار ۋە ئەمگەك ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبىلىغى ئارقىلىق ئۈسۈمگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قەرز خېيىم-خەتىرنىئەمگەك ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى، بانكا، مالىيە، ئىقتىسادى كومتىت قاتارلىق ئورۇنلار ئورتاق تەكشۈرۈپ بىكىتىدۇ(قەرزى ئالغۇچىنىڭ سالاھىيتي ، قەرىز سوممىسى، قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى).


   قەرىز مۇددىتى:


ئاز سومملىق كىپىللىك قەرز پۇلنىڭ قەرىز مۇددىتىئىككى يىل بۇلىدۇ.(بەزى جايلار ھەر يىلى قەرزنىڭ يېرىمىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ)


قەرز سوممىسى:


تىجارەت شەكلىنى يەككە تىجارەتچى شەكلىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولسا ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى 50مىڭ يۇەنگىچە بۇلىدۇ. تىجارەت شەكلىنى كارخانا شەكلىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولسا ئەڭ يۇقرى قەرز سوممسى 200مىڭ يۇەنگىچە بۇلىدۇ.


    بەھرىمان بۇلدىغان ئوبىكتىلار:


   1. ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ(ئالى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر) مۇقىم ئىشقا ئۇرۇنلىشالماي، ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەنلەر.



    2.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن ۋە چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كوللىكتىپ كارخانىلاردىن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلار.



    3. شەھەر بازارلاردىكى ئىشسىزلار:



   4. سىرىتقا چىقىپ ئىشلەپ يۈرتىغا قايتىپ كىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر



بىجرىش تەرتىۋى:


1.ئالدى بىلەن سىز يۇقىردا ئېيتىلغان قايسى تۈردىكى ئىلتماس قىلغۇچى بۇلۇڭ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مەھەللە ئەمگەك كاپالەت پونكىتىغا تۆۋەندىكى ماتىرياللارنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسىنى تاپشۇرسىز


كىملىك


نۇپۇس دەپتىرى


تىجارەت كىنىشكى،


ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى،


دېپلوم(ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر)


ئاز سومملىق كىپىللىك قەرز پۇل ئىلتىماسى(قەرز ئېلىش سەۋەبى، قەرىز سوممىسى، مەبلەغ ئوبىكتى، قايتۇرۇش مۇددىتى قاتارلىقلار ئېنىق بۇلشى لازىم)


ھۆكۈمەت خىزمەتچسىدىن ئىككى ئادەمنىڭ كېپىلنامىسى، مائاش ئىسپاتى، كىملىكى، نۇپۇسى.


2. مەھەللە ئەمگەك كاپالەت پونكىتى تەمىنلىگەن ئاز سومملىق كىپىللىق قەرز پۇل ئىلتىماس جەدىۋىلىدىن 6نۇسخا تولدۇرسىز.


3.شەھەر ناھيە دەرىجىلىك ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى، مالىيە(ئۈسۈم سۈپىتىنى نازارەت قىلىدۇ)، بانكا(قەرز دىرىبىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ)، ئىقتىسادى كومتىتى(شۇغۇللانغان تىجارتىڭىزنىڭ بازار ئەھۋالىغا ھۆكۈم قلىدۇ) قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە سىزنىڭ تىجارەت ئورنىڭىزنى كۆرۈپ چىقىپ قەرىز مۇددىتى ۋە قەرزىز سوممىسىنى بەلگىلەيدۇ.


4.ئەمگەك كاپالەت ئىدرىسى قەرزىڭىزنى تەستىقلاپ، بىكىتىلگەن بانكىدىن پۇل ئېلىۋىلىشىڭىزنى ئۇقتۇرىدۇ.


ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ پۇل ئېلىشقىچە بولغان جەريانغا تەخمىنەن ئىككى ئاي ئەتراپىدا ۋاقتى كىتىدۇ.



بۇيىل ئاپتۇنۇم رايۇن يېڭى بەلگىلىمە چىقىرپ،يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان كارخانىلار نۇپۇسى شىنجاڭدا بولغان ئالى مەكتەپ تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلارنى ئەمگەك توختامى تۈزۈپ قۇبۇل قىلسا قۇبۇل قىلغان ھەر بىر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرگە قارىتا 50مىڭ يۇەندىن ئۆلچەمدە ئۈسۈمسىز قەرز پۇل بىرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ 3خىل سۇغۇرتىسىنى 3يىلغىچە ھۆكۈمەت تاپشۇرۇپ بىرىشنى   يولغا قويدى. بۇ توغۇرلۇق كىينچە تەپسلى توختىلىمەن





      



Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 12:50:22

خەتكۈچ

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 13:52:54

مۇشۇنى قىلىپ نەق پۇل ئىلىپ باققانلار بارمۇ؟ مەن مەكتەپ پۇتتۇرگەندە مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بار ئىدى.20 -50 مىڭغىچە قەرىز بىرىدۇ دەپ.ھەتتا مەن گىزىتخانىدا پىراكتىكا قىلغانىمۇ بۇنداق خەۋەرنى چىقارغان.لىكىن ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ نەق قۇلۇمغا ئالدىم دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.10 يىلنىڭ ئالدىدىكى كەچلىك گىزىتكە قاراپ بىقىڭ.

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 14:14:34

2010-يىلى ناھيىمىز بۇيىچە بۇخىل سىياسىتتىن بەھرىمان بولغانلار152ئادەم.بۇيىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا 50ئادەم 1كارخانا قولىغا نەخ پۇل ئالدى.

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 14:19:27

پىنھان بورادەر : قىزىقسىڭىز دۈشەنبە كۈنى ئىشخانىدا ساقلايمەن

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 14:29:02

ئەلۋەتتە ئالغىلى بولىدۇ،شەرت.تەرتىپلىرى تېمىدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ،ئوبىكتى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىشسىز لاردىن باشقا ئىشتىن قالغانلارمۇ بار.بىجىرىش شەكىللىرى ھەر قايسى جايلاردا ئازدىن پەرق بار.ئالغۇڭلار بولسا ئەڭ ئەۋەل ئورنۇڭلاردىكى ئەمگەك-كاپالەت ئورۇنلىرىدىن شەرت-يوللىرىنى ئۇقۇپ، ئاندىن يول مېڭىڭلار.


ماڭا ھازىرغىچە بۇنداق قەرىزنى ئېلىپ بىر ئىش قىلغان باللار بەك ئاز بىلىندى،ئاساسلىغى باشقىلار ئېلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرىۋاتىمەن.


مەكتەپ پۈتتۈرگەن باللار بىر بولسا ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايدىكەن،خالىسىمۇ بىراقلا چوڭ مەبلەغ بىلەن چوڭ ئىش قىلغۇسى كېلىدىكەن،ئەتراپىمدىكى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بەزى باللارغا ئىشنى كىچىكتىن پۇختا قىلىپ،چوڭ ئىش قىلىڭلار دەپ سۆزلەپ،مۇشۇ خىل قەرزنى تەۋسىيە قىلىپ باقتىم،پايدىسى بولمىدى.


يەنە بىر قىسىم باللار بۇ خىل قەرىزنىڭ رەسمىيەت يوللىرى بىر قەدەر مۇرەككەپرەك بولغاچ،يەنە بىرى كېپىل بولغۇچىنى تاپالماي(چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر قەرز ئېلىپ بولغاندە) بەل قويىۋىتىدىكەن.

forever يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 15:02:42

يېڭى خىزمەتكە چىققانلار ئالسىمۇ بولامدىغاندۇ؟

forever يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 15:03:20

يېڭى خىزمەتكە چىققانلار ئالسىمۇ بولامدىغاندۇ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 16:31:26

sayramiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىنھان بورادەر : قىزىقسىڭىز دۈشەنبە كۈنى ئىشخانىدا ساقلايمەن



راستىنلا قىزىقۋاتىمەن . دۈشەنبە كۈنى سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ئەمىسە . \"\"

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 16:44:43


foreverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېڭى خىزمەتكە چىققانلار ئالسىمۇ بولامدىغاندۇ؟


يىڭى خىزمەتچى كېپىل بولۇپ،قەرز ئالغۇسى يوق،ئەمما قەرز ئېلىش شەرتىگە چۈشىدىغانلارنى تېپىپ،قەرز ئالسا بولىدۇ،چۈشەندىڭىزمۇ؟




ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 17:33:45

400000 يۈەن قەرز ئالاي دېگەن

esil808 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 18:31:54

سۇغۇرتىسىنى راستىنلا ھۈكۈمەتتىن تاپشۇرۇپ بىرەمدىغاندۇ ؟ھەممە قىسىمىنىمۇ ياكى مەلۇم قىسىمىنىمۇ ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلارمەلۇما ت بەرگەن بولساڭلار

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 20:06:01

مۇشۇنداق پۇل بولسا مەن بىر ئالسام بوپتىكەن.ئوقۇشلارمۇ تۇگەي قالدى.ئەمدى پۇل تاپىدىغان ۋاقىتلار كەلگەن چىراي..

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:43:14

ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

400000 يۈەن قەرز ئالاي دېگەن



ئۇسۇل ئويناپ بەرگەنگە بەرمەيدۇ،ھەم ئۇنداق ئۇنداق يۇقۇرى سوممىدا بەرمەيدۇ،ئەڭ يۇقۇرى بەرگەن يەرلەردە 100 مىڭ يۇئەن بېرىدۇ(ئۈرۈمچىدە شۇنداق بەرگىنىنى بىلىمەن)

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:44:44

esil808نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۇغۇرتىسىنى راستىنلا ھۈكۈمەتتىن تاپشۇرۇپ بىرەمدىغاندۇ ؟ھەممە قىسىمىنىمۇ ياكى مەلۇم قىسىمىنىمۇ ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلارمەلۇما ت بەرگەن بولساڭلار



ئۆسۈمىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت بېرىدۇ،قەرز ئالغۇچىغا ئۆسۈم چىقمايدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:46:34

weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق پۇل بولسا مەن بىر ئالسام بوپتىكەن.ئوقۇشلارمۇ تۇگەي قالدى.ئەمدى پۇل تاپىدىغان ۋاقىتلار كەلگەن چىراي..



سىز ئىناۋەتلىك كارتىغا ئالدىرىماي،يۇقاردا كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە ئىلتىماس قىلسىڭىز ،ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن ئالسىڭىز بولىدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:46:56

weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق پۇل بولسا مەن بىر ئالسام بوپتىكەن.ئوقۇشلارمۇ تۇگەي قالدى.ئەمدى پۇل تاپىدىغان ۋاقىتلار كەلگەن چىراي..



سىز ئىناۋەتلىك كارتىغا ئالدىرىماي،يۇقاردا كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە ئىلتىماس قىلسىڭىز ،ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن ئالسىڭىز بولىدۇ.

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 21:56:31

قەرز ئالالايدىغان ئىش بولسا ئالىمەن مەن جۇمۇ\"\"

elqut يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 11:46:21

قەرىز بىرەي دىگەن ئامما ئالمىدىم جۇمۇ ئالغان بىلەن قايتۇرىدىكەنمىز قايتۇرمايدىغان ئىش بولسا ئەپ قۇياتتىمدە قايتۇرغاندىمۇ ئاۋۇپ كىتىدىكەن بۇ پۇل

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 15:14:27

مەن بۈگۈن پۇلنى قولۇمغا ئالدىم. (ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئىسپاتلار ئارقىلىق).


1-2 ئاي ۋاقىت كىتىدىكەن.


شەرتى توشىدىغان بالىلار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭلار جۇما............

بەت: [1] 2
: ئاز سومملىك كىپىللك قەرز پۇل بىجىرىش شەرتلىرى ۋە تەرتىۋى