toethogul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 15:42:38

ئازاب ئىچىدىكى ئىنسان

ئازاب ئىچىدىكى ئىنسان



تۆتھوگۇل



﴿لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ فِي كَبَدٍ


«بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا-مۇشاقەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق.»


كىرىش


مېنى بارا-بارا ئىچكىرىلەپ قوينىغا ئېلىۋاتقان بۇ ھايات كۆز ئالدىمدا ھەرخىل ھادىسىلەر قاتارى ھازىر بولسا، يۈرىكىم ۋە مېڭەمنىڭ ئارىسىغا تۈمەنمىڭ ھىس-تۇيغۇغا سەۋەب بولغان ھالەتتە يېيىلىۋاتاتتى. ئۇيغۇر بولۇپ ئۇيغۇر ئاتموسفېراسىدا ياشاش باشقا ھەرقانداق بىر مۇھىتتا ياشىغانغا قارىغاندا ماڭا جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاپ ئۇقۇملىرى توغرىلىق كۆپ نەرسىلەرنى ئەسلىتەتتى. بەلكىم مەن ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مۇبارەك مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە تەقدىم ئېتىلگەن بۇ زامان-ماكاندا بۇ ئۇقۇملارنى ھەرقانداق بىر مىللەت ئەۋلادىدىن بەكراق چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ھەققىگە ئىگە ئىدىم. قىسقىسى مەن شۇنداق ئويلايتتىم ۋە شۇنداق ئويلاپ كەلدىم. مەن ياشىغان جەمئىيەت ماڭىمۇ بىر كىشلىك يۈكىنى ئارتىپ تۇرمۇش، ئائىلە، ئىقتىساد...لارنىڭ كۆلەڭگۈسىنى ئۈستۈمگە تاشلاۋاتقان بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولۇمدىن قاچۇرغانلىقىمغا چىن دىلىمدىن ئىقرار بولۇپ ئەپسۇسلۇق ئوتلىرىدا يانسام يەنە تولىمۇ ئاجىز بىر ئۈمۈدنىڭ ئۇچقۇنلىرى مېنى سىلكىنىش ئىچىدە داۋاملىق ياشاشقا دىۋىتىپ تۇراتتى. ھىچكىمگە ئاڭلىتىپ بولالمايدىغان بىر چوڭقۇر ئازاپنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلىرىدىن ھامان مېنى ماراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەرقاچان ھىس قىلىپ تۇراتتىم. تونۇش بىلىشلەر ۋە دوستلار، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدا«چۈشكۈن» سۈپىتىگە ئېرىشىپ قالغان مېنىڭ بۇ قەلبىمنىڭ، بۇلار، يېقىنلىرىم تەرىپىدىن بولسىمۇ چۈشىنىلىش ئىمكانى ئاشۇ سۈپەتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار مەندە ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل ئازابنى ھىس قىلىش، چۈشىنىش ۋە بىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەبىئەتلىرىمگە كەڭرى قويىۋېتىپ كېلىۋاتقان كەيپىياتىمنى پەقەت «چۈشكۈن» دىن ئىبارەت بىر سۆز بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن ئىدى.


    بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆز باغرىنى قانىتىپ تۇرغان ئازاپلىرىنى ھىس قىلماسلىق، چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقماستىن ھاياتىنى داۋام قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئارتۇق بەخىتسزلىك بولماس. بۇنداق داۋام قىلىۋاتقان ھاياتنى ھەقىقى ھايات دېيەلەمدۇق؟! ئىنسان ئۆز تەبىئەتلىرىنى بوغۇپ قانداقمۇ ھاياتىنى نورمال ۋە راھەت داۋام قىلدۇرالىسۇن؟!



1.جابا-مۇشاقەت ئىچىدە قىلىپ يارىتىلغان ئىنسان.


قۇرئان كەرىمنىڭ 90-سۈرىسى بەلەدنىڭ 4-ئايىتىگە قارايدىغان بولساق بۇ ئايەت بىزگە ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ.


«بىز ئىنساننى ھەقىقەت جاپا-مۇشاقەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق.»


بۇ ئايەتنىڭ دەماللىققا ئاڭلاتقان مەنىسىدىن ھەربىر ئىنسان نەسلىنىڭ جاپا-مۇشاقەت ئىچىدە قىلىپ يارىتىلغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئايەتنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلساق ئىنساننىڭ جاپا-مۇشاقەت، ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى ھىس قىلىش ئۇنىڭ تۇغما تەبىئەت(فىترەت)لىرىدىن بىرى بولۇپ ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن ھەر زامان ئۇنى ھىچبىر توسالغۇسىز ھىس قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇ سەۋەپلىك ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ۋە ئۆزى ھەققىدە تىنىمسىز سۇئاللارغا چۆكىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندىن ئۆز ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىك بىر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ياشاپ بارىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز.


ئاللاھ تەئالا بىزگە ئىنساننى جاپا مۇشاقەت ئىچىدە قىلىپ ياراتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە قانداق قىلىپ ئىنساننى ھەربىر شەخىس ئۆزىگىلا تەۋە بولغان ھېس-تۇيغۇ دۇنياسى بىلەن باغلاپ چىققانلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ.يەنى بىز ھەر بىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى بىلىمىزكى، بىز ھەربىرىمىز ئىككى خىل «دۇنيا» دا تەڭلا ياشايمىز. يەنى بىز سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلىپ ياشاۋاتقان بۇ رېئالى دۇنيا، يەنە بىرسى بولسا ھەربىرىمىزگە مەخسۇس بولغان ئۆزدىن باشقا ھىچ بىر ئىنسان بىلىپ بولالمايدىغان، سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ بىلىشىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلگەن دۇنيا-ھىسسى دۇنيادا ياشايمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىلەن كۆرۈپ بىلگەن ئىشلار ھىسسى دۇنيارىمىزدا شۇنىڭغا ماس بولغان كەيپىياتلارنى بىزگە تەڭلەيدۇ. بىز قۇبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنى رېئالى دۇنيادا ئىپادىلەيمىز. يەنى ئاللا تەئالا بۇ ئىككى دۇنيانى مۇشۇنداق بىر-بىرىگە باغلاپ چىققان.ئىنسان جاپا-مۇشاقەت تارتىيدىغان، ئازاپلىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان. ۋە ھاياتى بويىچە شۇنداق قىلىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ بىر تەبىئىتى.



1)يارىتىلىش تەبىئىتى ۋە خارەكتېرى ئارىسىدا ئىنسان


يارىتىلىش ، خارەكتېر ۋە ياشام ھەققىدە مارسېل مۇنداق يازىدۇ:


«سەزگۈر ئادەملەر تارتىۋاتقان ئازاپنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ روھىدىن كەلگەن.»


ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر تەبىئەتتە يارىتىلغان بولۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل خارەكتېرلىرى مۇشۇ تەبىئەتنى ئاساس قىلىپ ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا كۆكلەشكە باشلايدۇ.


مارسېل يۇقىرقى سۆزىدە ئىنسانلارغا خاس بولغان ئۈچ خىل ئۇقۇمنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.« سەزگۈ، ئازاپ، روھ». ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدا «سەزگۈر ئىنسانلار» دەپ يېزىش بىلەن بىرگە ئىنسانلار ئارىسىدا سەزگۈر ئەمەس ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى، سەزگۈر ئەمەس ئىنسانلارنىڭ جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاپنى پەرق قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى تەسىرىدىن روھىدىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىمۇ قۇبۇل قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.


بىز يۇقىردا چۈشەنگەندەك ھەممە ئىنسان ئازاپ تارتىيدىغان بىر خىل تەبىئەتتە يارىتىلغان. ئەمما مارسېلنىڭ يۇقارقى سۆزى تەبىئەت جەھەتتە ئوپمۇ-ئوخشاش يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ خارەكتېر جەھەتتىكى پەرقىنى ۋە ھايات پىچىمىنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ. يەنى ئىنسانلار ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە ھاسىل قىلىپ يېتىلدۈرگەن خارەكتېرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىدە بار بولغان تەبىئەتلەرنى بايقايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بولىدىغان، ئىنساندەك ياشايدىغان ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنى ۋە قىممىتىنى يوق قىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ.


مەيلى ئازاپ روھتىن كەلگەن بولسۇن ياكى ئىنسان فىترىتىنىڭ بىر پارچىسى بولسۇن ئىنسان بۇ دۇنيادىكى ياشاش جەريانىدا ئۇنىڭغا ساھىپ چىقىدىغان بولۇپ ياشايدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ياشايدۇ.


بۇنىڭدىن يەنە شۇنداق يەكۈنگىمۇ كېلەلەيمىزكى ،ئىنسان خارەكتېرى ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئىتىگە مايىل بولىشى ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ مېڭىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا مۇڭغۇل ئىستىلاسى زامانىدا ياشىغان بۈيۈك ئىسلام ئالىمى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە «ئىنسان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەمەس بەلكى ئۆزى ياشىغان مۇھىتنىڭ ئوغلى»، دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆز خارەكتېرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە پۈتۈنلەپ چىقىدۇ ۋە بۇ خارەكتېرى بىلەن بۇ ھاياتتىكى ياشامىنى پۈتۈنلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر قارار بېرىدۇ.


بۇ يەردە خارەكتېر ھەققىدە جىق توختىلىپ كېتىشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيتى يوق. يەنى بىز بۇ يەردە خارەكتېرنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئەتلىرىگە ساھىپ چىقىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمىز. چۈنكى ئىنسان خارەكتېرىنىڭ كۈچى كۆپچىلىككە يوشۇرۇن ئەمەس. مەسىلەن، تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاپ ئىچىدە يېتىلىپ چوڭ بولغان ئىنسانلارنىڭ خارەكتېرى ناھايىتى كۆپ ئىنساننىڭ خارەكتېرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە گېرمانىيە پەيلاسوپى ۋە شائىرى نېچې مۇنداق دەيدۇ:« ئوڭۇشسىز شارائىت تالانت يارىتىدىغان ئەڭ ياخشى شارائىت.» چۈنكى ئوڭۇشسىز شارائىت ئىچىدىكى ئىنسان ئۆز تەبىئىتىگە ئەڭ يېقىن ھالەتتە ياشاۋاتقان، ئۆز تەبىئىتىنى تونۇپ ئۇنىڭدىن كۈچ ئېلىۋاتقان، ئۆزى ئۆزىگە ساھىب بولۇپ ياشاشنىڭ تۇنجى قەدەملىرىنى بېسىۋاتقان ئىنساندۇر.



2) فغويد پىسخىلوگىيە مېتودىدا مەن ۋە بىز


خۇددى بىر يەككە ئىنسانغا خاس بولغان پىسخىكىلىق ياشام بولغاندەك بىر قەبىلە يەنى بىر توپقىمۇ خاس بولغان بىر پىسخىكلىق ياشام بولىدۇ. دېمەك ئىنسان تەبىئىتىنىڭ جانلىنىپ تۇرۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، نورمال بىر پىسخولوگىيەلىك ھادىسە ھېسابلانغان جاپا-مۇشاقەت چېكىش ۋە ئازاپلىنىش يەككە بىر ئىنساننىڭ پىسخولوگىيسىدىن قانداق بىر ئورۇن ئالغان بولسا بىر توپ بولۇپ ياشاۋاتقان قەۋمنىڭ پىسخولوگىيسىدىنمۇ شۇنىڭغا ماس بولغان بىر ئورۇن ئالغان بولىدۇ. فغويدنىڭ «قەبىلە پىسخولوگىيسى ۋە مەن ئانالىزى»ناملىق ئەسىرى بىزنى بۇ ھەقتىكى يېتەرلىك دەلىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.تېخىمۇ چوڭقۇر قىزىققۇچىلار شۇ كىتابقا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.بىز فغويدنىڭ بۇ ئەسەردە قوللانغان مېتودىدىن پايدىلىنىپ ئۇشبۇ تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ يورۇتماقچى.


ھەر بىر توپ، قەۋمنىڭ باشقا ئىنسان ۋە قەۋم بىلىپ يېتىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان پىسخىك تىندۇرمىلىرى، ئازاپ تىندۇرمىلىرى بولىدۇ.يەنى بىر شەخىسنىڭ ئۆز تەبىئىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە قانداق خارەكتېر شەكىللەنگەن بولسا شۇ شەخىس تەۋە بولغان بىر قەۋمدىمۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش شۇ قەۋمگە خاس بولغان بىر خارەكتېر شەكىللىنىپ چىقىدۇ. بىر ئادەم شەخىس سۈپتى بىلەن ياشاش جەريانىدا ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە قانداق ساھىپ چىققان بولسا بىر قەۋم، بىر مىللەتمۇ ھەم ئېتنىك كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ياشامىدا ئۆزىگە خاس پەرقلىق جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاپقا ساھىپ چىقىپ كەلگەن بولىدۇ.


فغويدنىڭ يازمىلىرى ناھايىتى ئوچۇق ھالدا شۇنداق بىر ئىلمى پەرەزنى ئوتتۇرغا قويىدۇكى ھەربىر شەخىس ئۆز قەۋمىدىكى ئادەملەرگە ئارلىشىپ توپلام ھاسىل قىلغاندا ئەسلىدىكى ئۆزىگە خاس بولغان ئەقلى قۇۋۋەت ۋە باشقا پىسخىكىلىق ئالاھىدىكلىرىنى يوقىتىپ شۇ توپنىڭ بىر تەركىبىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، ۋە خۇددى يەككە بىر ئادەمگە ئوخشاش كۆپلىگەن ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان ئەمما خۇددى يەككە بىر ئادەمگە ئوخشاش خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە بولغان بىر ئومۇمىي گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنى بۇ يەردە شۇنداق دېيەلەيمىز،ئوخشاش بىر خىل ياشاش مۇھىتىدا توپلام ھاسىل قىلغان ئىنسانلار تۈرى يەككە بىر ئادەم قانداق پىسخولوگىيلىك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولغان بولسا بۇ ئىنسانلار توپلىمىمۇ شۇنىڭغا ماس بولغان ئۆزىگە خاس پىسخولوگىيلىك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولغان بولىدۇ.يەنى بۇ يەردە تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا بىر قەۋم بىر مىللەتنىڭمۇ خۇددى يەككە بىر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆزىگە خاس پىسخىكىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تەكىتلىمەكچىمىز. «مەن» بىر شەخىس سۈپىتىدە جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە قانداق ساھىب بولسا «بىز» نىڭمۇ بىر قەۋمگە سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس بولغان جاپا-مۇشاقەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ساھىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويماقچىمىز. ئۆز تەبىئىتىگە تۇرمۇشىدىن ئورۇن بېرىپ ئۇنى ياشاۋاتقان بىر قەۋمنىڭ پۇقراسى بۇنىڭ بەدىلى بىلەن شۇ ئۆزى تەۋە بولغان قەۋمنىڭ ئازابىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئۆز تەبىئىتىگە ساھىپ چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ تەبىئىتى ۋە ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان قەۋمنىڭ تەبىئىتى ئۇتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا مەۋجۇد بولغان گارمونىك باغلىنىش ئىلگىركى بېسىلىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ شەخىسنىڭ ياشامىدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئازابلىنىۋاتقان ئىنسان بىلەن ئازابلىنىۋاتقان قەۋم تەڭ مەۋجۇد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھاياتتىكى ياشامى ھەقدادىغا يېتىشكە قاراپ سىلجىيدۇ.



3) ئازابلىنىۋاتقان ئىنسان ۋە ئازابلىنىۋاتقان قەۋم


«ئۇلار ئازابلىنىۋاتقان ئازابنىڭ ئەسلىسى ئۇلارنىڭ سىرتقى ھاياتىغا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدەك ئورۇن ئالغان بولىدۇ.»



ئازابلىنىۋاتقان ئىنسان ئۆز تەبىئىتىگە قايتىۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان تۇرمۇشىغا كېلىۋاتقان ئىنساندۇر. ئازابلىنىۋاتقان قەۋم ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرى بىلەن ھازىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزىگە ئېنىرگىيە تۇلۇقلىۋاتقان قەۋمدۇر.


ياشاش ئىنساننىڭ چەكسىز ئەركىنلىكى. ياشاش ئۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ھوقۇقى. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشاۋاتقان بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى تۇيۇشى ۋە ئۇنى تونۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئۆز تەبىئىيتى ۋە ياشاۋاتقان تۇرمۇشى ئوتتۇرىسىدا باغلانغان مۇناسىۋەتنى مۇۋازىنەت ھالىتىگە ئېلىپ بارالايدۇ. يەنى ئۆز ھاياتىنى ھەقىقىي يوسۇندا ياشىغان بولىدۇ. بۇ يەردىكى تۇيۇش ئۆزىنىڭ ئازابلىنىۋاتقان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تۇيۇش ۋە ئۇنى تونۇش بولسا قانداق قىلىپ بۇ ئازابلار ئېلىپ كەلگەن ۋە ئازابلىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان بېسىم، چۈشىنىكسىزلىك ۋە مەنىسىزلىكلەرگە بىر ئازادىلىك، چۈشەنچە ۋە مەنە ئىزدەشكە ئاتلىنىش بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆز تەبىئىتى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان قەۋمنىڭ تەبىئىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر پۈتۈنلۈكنى ئۆز ياشامىدا ئىپادىلەپ ياشاشقا باشلىغان بولىدۇ.


بىر قەۋمنىڭ ئازابلىنىشى مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ ئۇ شۇ قەۋم ئىچىدە ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان ھەر خىل پاسسىپ پىسخولوگىيلىك ھالەتلەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ئازابلىنىشنىڭ شۇ قەۋم ئىچىدىكى ھەر بىر ئازابلىنىۋاتقان ئىنسانغا تۇيۇلۇش بولسا شۇ قەۋم ئۈچۈن كىملىكتە زور پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشى، شۇ قەۋم كىشىلىرى ئىچىدە ئومۇمىي يۈزلۈك كۆرۈلىدىغان مەيدانسىزلىق، ئىككىلىنىش، كۆپ ئارىسالدى بولۇش، تېز ۋاز كېچىش، رېئاللىقتىن قېچىش، سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىگە دائىم تەسەللى ئىزدەپ تۇرۇش باشقا قەۋملەر ۋە شۇ قەۋم كىشىلىرىنى چوڭ بىلىش، ئەگىشىش خاھىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كېتىشى قاتارلىق پاسسىپ پىسخولوگيلىك تەسىرلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ. ئازابلىنىۋاتقان قەۋمنىڭ ئۆز ئازابلىرىنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭغا ساھىپ چىقىشى ھەققىدە تۆۋەندىكى بويىچە پىكىر قىلىشنى لايىق تاپتىم.


فغويد كىتابىدا «ھىسياتنىڭ يۆتكىلىش» ھەققىدە مۇنداق توختىلىدۇ: « كۆپ قېتىم گېپنوز بولغۇچى گېپنوز قىلغۇچىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؛ ئۇزۇن مۇددەت بىر دوختورنىڭ كۈتىشىدە داۋالانغۇچى شۇ دوختۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؛ بىر قەۋم قەھرىمانلىقى بىلەن ئۆزىنى ھاياجانغا سالغان ھەر بىر باتۇر داھىيلىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئۇنىڭغا بولغان چىن سادىقلىق بىلەن ئىپادىلەپ چىقىدۇ...» «قەۋمنىڭ ئۆز داھىسىنى ياخشى كۆرۈشى» نى مەن بۇ يەردە ھىسياتنىڭ كۆچىشى دەپ قارىمايمەن. بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدىن ئالدىنقى ئىككىسى يەككە شەخىس پىسخولوگىيسىگە ئائىت بولۇپ ئۇخىل ئەھۋال فغويدنىڭ ئانالىزلىرىدا ھېسياتنىڭ كۆچۈشى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ئەمما ئۈچۈنچى خىل ئەھۋال شەخىس پىسخولوگىيسىدىن پەرقلىق قەۋم (قەبىلە) پىسخولوگىيسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەزەلدىن توپ بولۇپ ياشاۋاتقان ھەر قەۋمنىڭ تەبىئىيتىدە ئەزەلدىن بار ئىشتۇر. چۈنكى تارىخقا نەزەر سالساق ئىنسانلار مەيلى خالىسۇن ياكى زورلۇق ئاستىدا بولسۇن قەبىلە بولسا ئۆزلىرىگە قەبىلە باشلىقى، دۆلەت بولسا دۆلەت باشلىقى، پادىشاھلىق بولسا پادىشاھ، ئىمپىريە بولسا سۇلتان تاللاپ ۋە شۇنىڭغا بوي سۇنۇپ ياشاپ كەلگەن. يەنى ھەر قەۋم ئۆز ئىچىدىن چىققان بىر داھىغا بولغان تەشنالىقى بىلەن ئۆز ئازابلىرىنى تونۇشقا ، ئۇنىڭ باشچىلىقى بىلەن ئۇزىنىڭ پىسخىك ياشامىغا ساھىپ چىقىپ ياشاشقا باشلايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرىدە شەكىللەنگەن پاسسىپ پىسخولوگىيە ۋە بۇرۇختۇرما كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر توپ، قەبىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى، ئۆز ئىچى ۋە سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ھەرخىل مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى مۇۋازىنەت ھالىتىگە ئېلىپ بارىدۇ.


ئۆز تەبىئەتلىرىدىن قېچىپ ئۇنى ئۇنتۇپ ياشاشقا كۈچەۋاتقان ئىنسانلار ۋە شۇ ئىنسانلار توپى چوقۇم ئۆز تەبىئەتلىرىگە قايتىپ كېلىشى ئۇلار قانائەتلەندۈرمەي تاشلاپ قويغان تەبىئەتلىرىنى قاندۇرىشى ۋە ئەسلى قانداق بولسا شۇنداق داۋام قىلىشىنى تەقەززا قىلغان ھاياتىنى شۇ ئەسلى بويىچە داۋام قىلدۇرۇپ ياشىشى زۆرۈر.



2.نېمە ئۈچۈن ئازاپ؟ ئىنسانلىققا قايتىش


«ئۆز تەبىئىتىگە ۋە ئۆز پىسخىك ياشامىغا ساھىپ چىقالمىغان شەخىس ۋە قەۋم ئۆز تارىخى ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىغا قانداق ساھىپ چىقالىسۇن؟» ــــــ خاتىرەمدىن


«ئازابلىنىش چۈشەنچە ۋە تونۇش ھاسىل قىلىش دېمەكتۇر.»


بەزىلىرىمىز ئازاپلىنىمىز، بەزىدە ئۆزىمىز ئۈچۈن بەزىدە باشقىلار ئۈچۈن؛ بەزىلىرىمىز ھامان ئەكسىچە. چۈنكى تېخى ھىچكىم ھەممە ئىنسانلار ئۆز تەبىئىيتىگە، فىترىتىگە خائىنلىق قىلماي ياشاپ باقتى دېيەلمىدى. ساپ ۋىجدان كۆزى بىلەن ئەتراپىمىزغا، بىز ياشاۋاتقان جەمئىيتىمىزگە نەزەر سېلىپ باقساق بۇ ئاشكارە بولىدۇ. كىملەرنىڭ ئۆز تەبىئىتىنى قوغداپ شۇنىڭغا مايىل بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى كىملەرنىڭ ئەكسىچە.


جاپا-مۇشاقەت تارتىش، ئازاپلىنىش ھەربىر ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتىنى ئاساس قىلغان نورمال بىر پىسخولوگىيلىك ھادىسىدۇر. بىز ئازاپلىنىمىز. بەزىدە سەۋەبى ئېنىق بولغان ئىشلاردىن ئازاپلىنىمىز. بەزىدە سەۋەپسىزلا ئازاپلىنىمىز.بەزىدە بىلىپ ئازاپلىنىمىز، بەزىدە بىلمەي ئازابلىنىمىز. ئەمما بىز يەنە ئۆز ۋاقتىدا قەلبىمىزنىڭ ئىچ-ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئازابنى بېسىپ قويالايمىز، ياكى ياشاۋاتقان ئاڭ ھوشىمىزنى ئۇنىڭدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قاچۇرالايمىز. بىز ئۆز تەبىئىتىمىزگە خائىنلىق قىلىپ، ئىچ-ئىچمىزدىن كېلىۋاتقان ئىنسانىي تۇيغۇلارنى چورتلا كېسىپ ئۈزىۋېتەلەيمىز ياكى ئۇنى ياساپ، سۇۋاپ باشقىچە ئۆزگەرتىپمۇ كۆرسىتەلەيمىز. ئەمما ئېمىل مىچېل سيوغاننىڭ « ئازابلىنىش چۈشەنچە ۋە تونۇش ھاسىل قىلىش دېمەكتۇر.» دېگەن بۇ سۆزى ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى قايتا ئەسلەتتى. ھەر قېتىملىق ئازاپنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈدىغان ۋە تونىتىدىغانلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. قاچان ئىنسان ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ئازاپتىن قاچتى ئۇ شۇنچە نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدى.قاچان ئىنسان ئۆز تەبىئەتلىرىگە خائىن چىقتى ئىنسانلىقتىن شۇنچە يىراقتا قالدى، يىرگىنىشلىك ۋە قاباھەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى قانداق ئۇنتۇغان بولسا دۇنيامۇ ئۇلارنىڭ تارىخىنى شۇنداق ئۇنتىدى، ئۇلار ئۆز تەبىئەتلىرىگە قانداق خائىنلىق قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىملىكسىزلىك ۋە يېتىملىكتە تىرىك مۇردىلاردەك ياشىدى. بىز ئازابلىنىش بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئۆزىمىزگە ئالاقىدار شەيئىلەر ھەققىدە ئاچچىق-ئاچچىق ئويلارغا چۆكىمىز، نەچچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىمىز، بۇ ئارقىلىق قەلبىمىزدە غۇۋا قالغان شۇ سۇئاللارغا بىر چۈشەنچە ۋە بىر تونۇش ئىزدەيمىز ياكى ھاياتىمىزغا باشقىچە بىر تۈس ئىزدەيمىز. ئەلۋەتتە، بىر قەۋەمنىڭ ھاياتلىقى ۋە شۇ ھاياتلىقىنىڭ داۋامى ئۆز تەبىئەتلىرىگە ئۇيۇپ ياشاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. قۇرئاندا دۇنيا يۈزىدىن ئېچىنىشلىق يوقىتىلغان بەزى قەۋەملەرنىڭ قىسسىلىرى ھەقىقەتەن ئويلانغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ زور تەپەككۇر يىپ ئۇچلىرىنى بېرىدۇ.



خۇلاسە


مەن تا ھازىرغىچە گېرمان پەيلاسوپى ۋە شائىرى نىچېنىڭ «بىزنىڭ ئازاپقا بولغان چۈشەنچىمىز ئاشقانسېرى ھاياتقا بولغان چۈشەنچىمىز شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ.» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزىگە قەتئىي ئىشىنىپ كەلدىم. شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئازاب ئىچىدە پۇچۇلانغاندا، يالغۇزلۇق باسقاندا بۇ سۆز ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئۆزۈمنىڭ تەبىئىتىدىن چىقىۋاتقان سادالارغا رېئال تۇرمۇشىمدا شۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر ئورۇن بېرىشىمنىڭ كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنى تېخىمۇ چىن ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن شۇنداق قىلالىسام يەنە ئۆزۈم تەۋە بولغان توپنىڭ ئازابىنىمۇ تەبىئىيلا ھىس قىلالايدىغانلىقىمنى، ئۆزۈم تەنھا ھالدا مەڭگۈ چۈشۈنۈپ ۋە بىلىپ بولالمايدىغان پەقەت مەن ئۆزۈم تەۋە بولغان توپقا قېتىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى ئاشكارلايدىغان يەنە بىر تەبىئىتىمگىمۇ ساھىپ چىقىپ ياشىيالايدىغانلىقىمنى ۋە بۇ ئارقىلىق ياشاشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلىرىگە يېتەلەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ياشاشتىكى ھەقىقى قۇربانلىق دەل ھەر بىر شەخىسنىڭ مۇشۇ ئىككى خىل تەبىئىتنى تەڭ ياشىشى بىلەن باشلانسا كېرەك.


يىغىپ ئېيتقاندا ئازاب بىز ئۈچۈن ئىنسانلىقىمىزنىڭ بىر بەلگىسى، ئازابلىنىش بىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە قايتىشىمىزنىڭ بىر چاقىرىقى.


15.08.2011







سۈرە بەلەد 4- ئايەت




مارسېل پروست:غايىپ بولغان ۋاقىتنى ئىزلەش.1.توم، 1-باسما، فراڭكفۇت ئام ماين:زۇغكامپ نەشىرياتى،2000، 751-بەت




زىگمۇند فغويد،«قەبىلە پىسخولوگىيسى ۋە مەن ئانالىزى»، لايپتسش، ۋېنا، تسۈغىش، خەلقئارا پىسخولوگلار نەشىرياتى، 1921، توپلانما ئەسەرلىرى، 13 جىلد، بەت:71-161




رامانا ماھارشى، «قانداق بولساڭ شۇنداق بول!»، بىرىنچى باسما، مىيۇنخېن/ۋېنا: ئو، دابلىيۇ، بارت نەشىرياتى، 2001-يىلى، 256-بەت




«خاتا يارىتىلىش» ئېمىل مىچېل سيوغان. ئىككىنچى باسما، فراڭكفۇرت ئام مايىن، سۇغكامپ نەشىرياتى، 1981، 100-بەت



Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 02:38:40

بىر مۇنچە ئىنكاس يازسام چىقماپتۇيا ؟   بۇ نېمىش بوپ كەتتى ئەمدى...

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-21 02:56:37

ھەركىم ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ھېس تۇيغۇلىرى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ئازاپتا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېھتىياتچان ۋە سوغۇققان كېلىدۇ. ئادەم ئازاپنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلايدۇ. تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە باشقا يەكۈنلەر رېئاللىققا  توغرا كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يېڭى مەسىلىلەرگە ئازاپ بىلەن يۈزلىنىشتىن قۇتۇلۇشنىمۇ ئويلاپ قالىدۇ .  بۇ دۇنيادا ھەر قانداق دۆت ئادەمنىڭ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ھەل قىلىش تەرەپلىرى بولغاندەك ئازاپ ئىچىدە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئوخشاش بولمايدۇ .، لېكىن ئېچىنىشلىق يەرى شۇكى ئازاپ ئىچىدە ياشايدىغان ئادەملەر ھەل قىلىش قىيىنچىلىقى يۇقىرى بولغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە  نورمال خۇشال ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئۆزىنى تېز يوقىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋالىدغانلارمۇ ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدىغانلارمۇ چىقىدۇ . گەپ ئازاپنى قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ قوبۇل قىلىشتا.


ئۇيقا كېلىپ گەپمۇ قېچىۋاتىدۇ، داۋامىنى كېيىنچە يازارمەن ...

بەت: [1]
: ئازاب ئىچىدىكى ئىنسان