abida يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 15:39:08

پۈتۈن دۇنيا مال باھا سەۋىيىسى رېتى[تەرجىمە]


   


                                                            پۈتۈن دۇنيا مال باھا سەۋىيىسى رېتى



    شىۋىتسارىيە بانكىسى مال-مۈلۈك باشقۇرۇش تەتقىقات بۆلۈمى 16- ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتلىشىچە، ئوسلو، سيۇرىخ ۋە جەنۋە يەرشارى بويىچە مال باھا سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان شەھەر بولۇپ باھالانغان. بېيجىڭنىڭ مال باھا سەۋىيىسى يەر شارى بويىچە 58- ئورۇندا تۇرغان.


   شىۋىتسارىيە بانكىسى "مال باھاسى ۋە كىرىم" دىگەن بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا خەۋەر قىلىنىشىچە، يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن قىممىتى ئۆرلىشى سەۋەبلىك، مال باھا سەۋىيىلىرى سېلىشتۇرما ھالدا ئۆرلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مال باھا سەۋىيىسى ئازراق چۈشۈپ كەتكەن. ئالدىنقى 10 رەتكە تىزىلغانلىرىن كۆپ قىسمى ياۋروپادىكى شەھەرلەر ئىكەن؛ نيۇيورك يەرشارى بويىچە 14- ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل يەر شارى بويىچە ئالدىنقى 10 رەت ئىچىگە تىزىلىپ كەلگەن ئىكەن.


   بۇنىڭدىن باشقا، سيۇرىخ يەنىلا يەرشارى بويىچە مائاش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ھەم ئەڭ كۈچلۈك سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بولغان شەھەر بولۇپ باھالانغان.


   شاڭخەي بىلەن بېيجىڭنىڭ تۈرلۈك ئۆلچەملەردە رەتكە تىزىلىشىنى "ئاخىرىغا قىستۇرۇلغان" دەپ سۈپەتلەشكە بولىدىكەن. بارلىق 73 شەھەرلەر ئىچىدە، شاڭخەي بىلەن بېيجىڭنىڭ مال باھا سەۋىيىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 49- ۋە 58- رەتكە تىزىلغان؛ مائاش سەۋىيىسى جەھەتتە، بېيجىڭ ئارقىدىن سانىغاندا 11 رەتكە تىزىلغان؛ سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتە، بېيجىڭ بىلەن شاڭخەي ئايرىم-ئايرىم 61- 63 رەتكە تىزىلغان.


   شىۋىتسارىيە بانكىسىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش دائىرىسى 73 شەھەردىكى 122 خىل تاۋار ۋە مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يىل دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، شىۋىتسارىيە بانكىسى يەنە iPhone قوللىنىشچان پروگراممىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئابونت بۇنى ئىشلىتىىش ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىدىكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى دەل ۋاقتىدا بىلەلەيدىكەن ھەمدە ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ مال باھاسى ۋە كىرىم سەۋىيىسىنى سېلىشتۇرالايدىكەن.





                                                                   مەنبە: شىنخۇاتورى

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 08:48:02

تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بەزى ئامېرىكىلىقلار بېيجىڭنىڭ ئىستېمال كۆرسەتكۈچى نيۇيوركتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتاتتى.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 11:56:19

ئۈرۈمچىنى ھىساپلىمىغىنىدىن تاڭ قالدىم

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 19:13:23

شاڭخەي بىلەن بېيجىڭنىڭ تۈرلۈك ئۆلچەملەردە رەتكە تىزىلىشىنى \"ئاخىرىغا قىستۇرۇلغان\" دەپ سۈپەتلەشكە بولىدىكەن. بارلىق 73 شەھەرلەر ئىچىدە، شاڭخەي بىلەن بېيجىڭنىڭ مال باھا سەۋىيىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 49- ۋە 58- رەتكە تىزىلغان؛


---------------------------------------------------


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئېلىمىز مال باھاسى تېخى يۇقىرى ئەمەس ،يەنە ئۆرلەش بوشلۇقى بار دېماكچى ؟؟؟؟\"\"

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 20:27:52

ماۋۇ كىچىككىنە ناھىيىدە 30 يۈەنگە قورساق تويمىدى\"\"
بەت: [1]
: پۈتۈن دۇنيا مال باھا سەۋىيىسى رېتى[تەرجىمە]