تور دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كەسپىي ئاتالغۇلار
تور دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كەسپىي ئاتالغۇلار
WWW نىڭ ئەسلى مەنىسى
WWW دېگەن بۇ ئاتالغۇ قىسقارتىلما سۆز بولۇپ، ئۈچ دانە ئېنگلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تەركىب تاپقان.
تولۇق يېزىلىشى World Wide Web بولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى: << يەر شارىنى قاپلىغان ئۆمۈچۈك تورى >> دېگەن مەنىدە.
URL
URL دېگەن بۇ ئاتالغۇ تور دۇنياسىدا بەك كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. توردىكى ئۇلانمىلارغا دائىر ئورۇنلاردا كۆپ جايلاردا ئۇچىرايدۇ.
تولۇق يېزىلىشى UniformResourceLocator بولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى: << بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ماتېرىيال مەنبە ئورنىنى بېكىتكۈچى >> دېگەن مەنىدە.
FTP نىڭ ئەسلى مەنىسى
FTP دېگەن بۇ ئاتالغۇ تور بوشلۇقىغا قارىتا قارىتىلغان بولۇپ، FTP بوشلۇق دېگەنگە ئوخشاش.
تولۇق يېزىلىشى File Transfer Protocol
ئەسلى تەرجىمىسى << ھۆججەت يوللاش كېلىشىمى >> دېگەن مەنىدە.
AGP نىڭ ئەسلى مەنىسى
AGP دېگەن سۆز بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا قىسمىدىكى ئاساسلىق كۆرسىتىش كارتىسى سانجىيدىغان ئوقۇرى ۋە باشقا ئىشلارغىمۇ ئىشلىتىدىغان ئوقۇرى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ تۆۋەندىكىدەك:
تولۇق يېزىلىشى: Accelerated Graphic Portsبولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى: << شەكىل تېزلىتىش ئېغىزى >> دېگەن مەنىدە.
CPU
CPU دېگەن ئاتالغۇنى كۆپ قىسىم كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق تولۇق ئاتىلىشىنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ.
تولۇق يېزىلىشى Central Processing Unit بولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى << مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ >> دېگەن مەنىدە.
USB
USB دېگەن ئاتالغۇ قىسقارتىلما سۆز بولۇپ، كۆپ قىسىم كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئاتالغۇنى كومپيۇتېرىمىزغا ئۈسكۈنە ئۇلايدىغان كىچىك ئېغىزى دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن.
تولۇق يېزىلىشى Universal Serial Bus بولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى << ئونىۋېرسال ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانما باش لىنىيىسى >> دېگەن مەنىدە.
UNICODE
UNICODE دېگەن بۇ سۆزنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قوللىنىشچان خەت شەكلى دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن.
ئەسلى تەرجىمىسى: << بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن كود >> دېگەن مەنىدە.
IP
IP نىڭ تولۇق يېزىلىشى Internet Protocol
IP نىڭ ئەسلى مەنىسى: تور ئارا كېلىشىم
ICP نىڭ تولۇق يېزىلىشى Internet Content Provider بولىدۇ. ئەسلى مەنىسى: << ئىنتېرنېت مەزمۇن تەمىنلىگۈچى >> دېگەن مەنىدە.
HOST نىڭ ئەسلى مەنىسى
HOST دېگەن بۇ ئاتالغۇغا تور بەت لايىھەلىگۈچىلەر كۆپرەك ئۇچىرايلى. ئەسلى تەرجىمىسى: << باش ئاپپارات >> دېگەن مەنىدە.
يەنە 斑竹, 网络大虾,童鞋,杯具,河蟹 دېگەندەك \"ئاتالغۇلار\"مۇ ماڭا بەك ئۇچرايدۇ.....
مەن كىرىدىغان مۇنبەردە \"تېمىڭىز ئۈچۈرۈلدى\" دېگەننى 帖子被河蟹了 ،
\"يامان بوپتۇ\" دېگەننى 杯具،
\"ساۋاقداشلار، دوستلار\" دېگەننى 童鞋门
\"توردىكى مەشھۇر ئەرباب\"نى 网络大虾
\"باشقۇرغۇچى\"نى \"دېغى بار بامبۇك\" دېيىش بەك كەڭرى ئۇمۇملاشقان.
abidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
WWW نىڭ ئەسلى مەنىسى
WWW دېگەن بۇ ئاتالغۇ قىسقارتىلما سۆز بولۇپ، ئۈچ دانە ئېنگلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تەركىب تاپقان.
تولۇق يېزىلىشى World Wide Waste بولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى: << يەر شارىنى قاپلىغان ئۆمۈچۈك تورى >> دېگەن مەنىدە.
World Wide Web مىكىن ئەسلى. سىز دېگەندەك بولسا \"يەر شارىنى قاپلىغان ئىسراپخورلۇق\" بولاپ قالىدۇ مەنىسى.
UNICODE دېگەن بۇ سۆزنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قوللىنىشچان خەت شەكلى دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن.
ئەسلى تەرجىمىسى: << بىر خىل كود >> دېگەن مەنىدە.
-----------------------------------------------
بۇ بىر خىل كود دىگەنلىك ئەمەستۇ، بەلكى بىرلىككە كەلگەن كود دىگەنلىكتۇ؟
我爸不是李刚
你信不信, 反正我信了
دىگەن گەپلەرنىڭ مەنىسىچۇ
Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
abidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
WWW نىڭ ئەسلى مەنىسى
WWW دېگەن بۇ ئاتالغۇ قىسقارتىلما سۆز بولۇپ، ئۈچ دانە ئېنگلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تەركىب تاپقان.
تولۇق يېزىلىشى World Wide Waste بولىدۇ. ئەسلى تەرجىمىسى: << يەر شارىنى قاپلىغان ئۆمۈچۈك تورى >> دېگەن مەنىدە.
World Wide Web مىكىن ئەسلى. سىز دېگەندەك بولسا \"يەر شارىنى قاپلىغان ئىسراپخورلۇق\" بولاپ قالىدۇ مەنىسى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، بىخەستەلىك قىپتىمەن، تەكشۈرگەندىن كېيىن قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم.
dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنە 斑竹, 网络大虾,童鞋,杯具,河蟹 دېگەندەك \"ئاتالغۇلار\"مۇ ماڭا بەك ئۇچرايدۇ.....
مەن كىرىدىغان مۇنبەردە \"تېمىڭىز ئۈچۈرۈلدى\" دېگەننى 帖子被河蟹了 ،
\"يامان بوپتۇ\" دېگەننى 杯具،
\"ساۋاقداشلار، دوستلار\" دېگەننى 童鞋门
\"توردىكى مەشھۇر ئەرباب\"نى 网络大虾
\"باشقۇرغۇچى\"نى \"دېغى بار بامبۇك\" دېيىش بەك كەڭرى ئۇمۇملاشقان.
سىزمۇ يولداشلارنىڭ مۇنبەرلېرىنى خېلى ئويناپ قويىدىكەنسىزدە.