abida يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 17:59:02

تەنھا ھەقىقەت ۋە كۆپۈك شان-شەرەپ

تەنھا ھەقىقەت ۋە كۆپۈك شان-شەرەپ



                                                                        ئابدۇقادىر جالالىدىن


   پىكرى مۇھىت قويۇق بولمىغان جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئانچە كۆپ بولمىغان پىكىرلىك ئادەملىرىنى يېتىم قالدۇرىدۇ،ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ. نام-ئاتىقى بارلىرى نام-ئاتاقتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىزدەش ئوبىيكىتى بولۇپ قالىدۇ.ئۇلارنىڭ كەم ئۇچرايدىغان مېھنەتلىك مەنىۋىيىتى تىرىكچىلىك توزانلىرى ئارىسىدا قېلىپ،كۆزگە چېلىقمايدىغان مەۋھۇم نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ھاجەتنى راۋا قىلىشنى نېگىز قىلغان كىشىلىك ئالاقە تورى ئادەملەرنى سەمىمىيلىكتىن،چىن ئىنسانىي مۇھەببەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ،كۆز ئالدىدىكى بىۋاسىتە مەنپەئەتكە سۆرەپ ئاپىرىدۇ.ئۆز قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ قىسمىتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە يالقۇنجاپ تۇرۇپ ئويلىنىدىغان كىشىلەر ماغزاپ شان-شەرەپ،يالغان مۇھەببەت،غەرەزلىك مۇناسىۋەت تورى ئىچىدە ھالسىراپ،دەردىنى ئىچىگە يۈتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.بۇ ھال دانىشمەن بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:


مېنى مەن ئىستىگەن يار سۆھبىتىگە ئەرجۇمەند ئەتمەس،

مېنى ئىستەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆڭلۈم پىسەند ئەتمەس.


ئىستەلگەن نەرسىلەر دىلغا تايىن بولىدۇ،ۋىسال ئىشىقى ئۆمۈرلۈك مەنا سەپىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئىستەلگەن يار شائىر ئۆزىلا ھېس قىلالايدىغان سىيما بولۇپ،شائىر قەلىمىدىن تۇغۇلغان مىسرالارنى ئاشۇ سىيمانىڭ غايىۋى قۇدىرتىدىن تەپكەن ئىلھامنىڭ كۆلەڭگۈسى دېيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا،مەنىۋىلىك ياكى مەنە ئىزدىگەن ئادەم ماددىي تەمە غەۋغالىرى ئىچىگە غەرق قىلىنغاندا،ئۇنىڭدا قانداق ھال يۈز بېرىشى مومكىن؟

تەنھالىق ۋە غېرىپلىق ئىنسانلارنى ھەقىقىي سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى.قايسى پەيغەمبەر،قايسى داھىي،قايسى قەھرىمان،قايسى پىكىرلىك غۇرۇر ئادىمى غېرىپلىق دەشتىدە ئازابلانمىغان؟


كۆپ ساندىكى كىشى ئۆزىنىڭ كېچىككەن ئەقىلىي بىلەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ غەلبىسىدىن كىيىن سۆيگەن،لىكىن چىنلىقنىڭ كەلگۈسىدىكى قۇدرىتىنى بالدۇر سېزەلەيدىغان زەكىيلەر ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.كەلگۈسىنىڭ جەۋھىرى ئاشۇ دانالارنىڭ تەبىئىيتى،پىكىرى تەلقىنلىرىگە سىڭگەن بولىدۇ.ھەربىر تارىخىي بۇرۇلۇشنىڭ يىلتىزى بىدئەتكە قارىشى ئىسيانكارلىقتا يېتىلىدۇ،ئەلۋەتتە،بۇ يەردىكى بىدئەت ئالدى بىلەن تەپەككۇر ۋە قىممەت قاراشتىكى ئاندىن جەمئىيەتنىڭ بارلىق مۇئەسسەسىدىكى ماھىيەتلىك بولمىغان سېستىمىلارنى كۆرسىتىدۇ.ئاھ،ئۆزىنىڭ زامانداشلىرى قۇبۇل قىلالمايدىغان ئادەملەرنىڭ تەنھالىقى نەقەدەر قايغۇلۇق! يېڭى ئىدىيىدىكى كىشىلەر كۆپ ھالدا سۈرگۈندىكى پارتىزانغا ئوخشاپ كېتىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جاراھىتىنى ئۆزلىرى ئەملەشكە،ئۆزلىرىنىڭ سۇنۇقىنى ئۆزلىرى تېڭىشقا مەجبۇر .


بازار دەۋرى كىشىلەرنىڭ نەپسىنى تېزلىك بىلەن ئۇلغايتىۋەتتى.كىشىلەر بېيىش ئۈچۈن قىممەت قاراش ۋە ئەخلاققا ياتىدىغان تەرەپلىرىنى تۈزۈك ئويلانمايلا دوغا تىكىۋەتتى.باي ئادەملەر ئۆزىنىڭ مەنىۋى بىچارىلىكىنى بارغانسىرى ئاشكارىلدى.بىنالارنى،سەنئەت ئەسەرلىرىنى،ساياھەت نوقتىلىرىنى،كىيىم-كېچەكلەرنى،ھەتتا ئادەملەرنىڭ قىياپىتى،چاچ پاسۇنلىرىنى ئەسلىي مەنبەگە كوپىيەلەش بازار دەۋرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولدى.بازار بىلەن ھوقۇق ئۆزلىرىنىڭ شېرىكچىلىكىنى يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارا ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ،رەسمىي سورۇنلاردىكى ئىبارىلەرمۇ كوپىيلەنگەن ھالدا ئېيتىلىپ،مېخانىك كوپىيە ھەممە يەردە ئومۇملاشتى.

بىر ئادەمنىڭ تەنھالىقى ئەگەر ھەققانىيەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان خۇسۇسسىيەتكە ئىگە بولسا،بۇنداق تەنھالىقتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇ ھامان سۈزۈك پىكىرلەرنىڭ بۇلىقى بولالايدۇ،ئۇنىڭ ئېقىنلىرى ئۆزىگە خاس ھاياتلىق ئېقىنلىرىنى سۇغۇرۇپ تۇرالايدۇ.


مەن باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ئادەم.مېنىڭ تەنھالىقىمنىڭ مەنبەسى دەل باشقىلارنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىشى ئىچىدە ئۆزىگە ئايلىنىدۇ.جەمئىيەتتىن مۇستەسنا ھالدىكى تەنھالىقنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق بولىدۇ.


تەنھالىقىم تازا كۈچەيگەندە،ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم مۇڭدىشىمەن.روھىم ھەرخىل ئۆزلۈكلەرنىڭ سۆزلىشىدىغان سەھنىسىگە ئايلىنىدۇ.بۇنداق چاغدا ئۆز ۋۇجۇدۇمدىكى چىنلىقتىن ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن.ۋاپاسىز كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ تورىدىن يىراق تۇرغان ئۆزۈمدىن خېلى رازى بوپقالىمەن.


شۇ تاپتا ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈمنىڭ بىر مەيدان پاراڭلاشقۇسى كەلدى.پاراڭلىشىۋاتقان بۇ ئىككى ئۆزلۈكۈمگە ئا ۋە ب دەپ نام بېرەي.بۇ كۈنلەردە ھېچكىمنىڭ سەمىگە بىر نەرسە كۆرسەتكۈم يوق،زاماننىڭ خۇلق-ئەلپازىنى ئوبدان ھەزىم قىلغۇم بار.بوپتۇ،يەنە بىرقېتىم تەۋەككۇل قىلاي.


ئىشىكنى دۈملىدىم،تېلىفۇنلارنى ئۈزدۈم،ئۆزۈمنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.قۇلاق سالسام،ئىككى ئۆزلۈكۈم سۆھبەتلىشىۋاتقانىدى.


ئا: شان-شەرەپكە قىزىقامسەن؟

ب:ياق دېيەلمىسەم كېرەك.

ئا: سەن ئازراق شەن-شەرەپكە ئېرىشكەندەك قىلامسەن؟

ب: شۇنداق.

ئا:ئۇنىڭدىن بەخت ھېس قىلالىدىڭمۇ؟

ب:؛ياق،بەخت ھېس قىلالمىدىم.ئەكسىچە ئازاب ھېس قىلدىم.

ئا: بۇ نېمە دېگىنىڭ؟

ب: شان-شەرەپ بەزىدە باشقىلارنىڭ مەدھىيىسىگە ئوخشاپ قالىدىكەن.باشقىلار ساڭا بىر نەرسە بەرسە ساڭا ئېسلىۋېلىشى مومكىن،ھەركىمنىڭ بەرگىنى ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.سېنىڭ ئېرىشكىنىڭ بەرگۈچىنىڭ سۈپىتىگە لايىق نەرسە بولۇپ چىقىدۇ.ئاۋام مەۋھۇم بىر ئۇقۇم.ئۇنى ھەربىركىشى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە لايىق ئىستىمال قىلىدۇ.ئاۋام بىر سودىگەر ئۈچۈن پايدا ئېتىزى،سىياسىيئون ئۈچۈن قارتا،ئاۋامنىڭ مەنىسى ۋە مەۋقەسى ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.سىنى مەدھىيلىگەنلەر سىنىڭ ھالسىرىغان ھالىتىڭنى قارغىشى مومكىن.ئاۋام ئېقىۋاتقان دەريا،ئۇنىڭ سىنى لەيلىتىدۇ ھەم چۆكتۈرىدۇ.ئۇلار ساڭا شان-شەرەپ بەرگەندە كۆپىنچىسى كورلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.ئۇلاردىكى قىزغىنلىق تۈپەيلىدىن سەن ئەسلى قىياپىتىڭنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىسەن.ئۆز-ئۆزۈڭگە بولغان ئوبىيكتىپ باھادىن يىراقلايسەن.سىنىڭ خەۋرىڭ يوق ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەر سىنىڭ ئوبرازىڭنى قۇرۇپ چىقىۋېرىدۇ. بەلكىم سەن ھەقىقىي ئۆزۈڭنى مەۋھۇم ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈرۈپ قويۇشۇڭ مومكىن.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بىر كۈن كۆپۈكتەك بەربات بولىسەن.

ئا: ئۇنداقتا ئۇ خەتەرلىك نىمە ئىكەندە.

ب: شان-شەرەپ پۇل ۋە ھوقۇققا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قېلىۋاتقان ھازىرقى كۈندە ئۇنى خەتەرلىك نەرسە دېيىشكە مەجبۇرمىز.ئەگەر ئۇ ئادەمنى ئەقىل-ھۇشىدىن،تېگىشلىك غورۇردىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسە بوپقالسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.شان-شەرەپ كىشىنى مۇئەييەن نوپۇزغا ئېرىشتۈرىدۇ.ئەمما بەزىلەر ئۇنىڭغا سۈنئىي رەۋىشتە ئېرىشىشى مومكىن.چولپانلارنىڭ ھاياتىدا شان-شەرەپ ئۈچۈن يۈز بەرگەن رەزىللىك مىساللىرى كۆپ ئۇچىرايدۇ.

ئا: قايسىدۇر بىر دانا‹ئۆزلۈكنى يوقۇتۇپ دۇنياغا ئېرىشكەننىڭ نىمە پايدىسى بار؟›دەپتىكەن.

ب: دۇرۇس ئېيتىلغان.شان-شەرەپ تىرىك بىر ئىنساننىڭ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىنىدىغان قەبرىسىگە ئايلىنىپ قالسا تولىمۇ پاجىئەلىك بولىدۇ.خەنزۇ شائىرى بېيداۋ مۇنداق دېگەنىكەن:

پەسكەشلىك پەسكەشلەرنىڭ يولخېتىدۇر،

ئالىيجاناپلىق ئالىيجاناپلارنىڭ ئابىدىسى.


پەسكەشلىك سەلبىي ئۇقۇم،ھەتتا پەسكەشلەرمۇ بۇ سۈپەتنى ئاشكارا قوبۇل قىلالمايدۇ.ئادەملەر پەسكەشلىكتىن بىزار بولۇپ تۇرۇقلۇق،پەسكەشلەرگە نەپرەتلەنمىسە،پەسكەشلەر جامائەت ئەخلاقىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىمىسا،ئەخلاق ئاجىزلارنىڭ قولىدىكى قورالغا ئايلىنىپ قالسا،پەسكەشلەر ھەربىر قەدەمدە مەقسىتىگە يېتىپ شەرەپ قۇچۇۋەرسە،ئالىيجانابلار ئۈن-تىنسىز تۈگەيدۇ.ھەتتا ئۇ ئالىيجانابلىقنىڭ تۇتسا توتقىلى،كۆرسە كۆرگىلى بولىدىغان بىرەر تال بەلگىسىگىمۇ ئېرىشەلمەي قالىدۇ.تراگىدىيە شۇ دەرىجىگە بارىدۇ:پەسكەشلەرمۇ ئالىيجانابلىق قالپىقىنى كىيىدۇ.كىشىلەرنىڭ قولىدا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان دەستۇر بولسىمۇ،بۇ دەستۇرنىڭ مەزمۇنلىرى كىشىلەرگە سۇدەك يادا بولسىمۇ،كىشىلەرنىڭ يەنىلا ناھەققە سۈكۈت قىلىشى،ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق شەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئا: فارابىينىڭ بىر گېپى ئېسىمگە كېپقالدى.بۇنى بىر تور بېتىدە كۆرگەنىدىم،ساڭا دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.:‹توغرىسىنى چۈشىنىدىغان ۋە چۈشەنگىنىنى ئىجرا قىلىدىغان ئادەم ھۆردۇر،توغرىسىنى چۈشەنسىمۇ،ئىجرا قىلىش ئىرادىسگە ئىگە بولمىغان ئادەم قۇلدۇر،چۈشەنچە ۋە ئىرادىدىن مەھرۇم ئادەم ھايۋان بىلەن تەڭدۇر.›

ب: قالتىس گەپ.ئەمەلىيەتتە،پىكىردە يۈكسەكلىك يارىتىلىپ بولدى.گەپ ھەربىر ئىنساننىڭ ئۇنى قانداق بويلاپ مېڭىشىدا قالدى.ئۆتكۈر نەزەرلىك مۇتەپەككۇرلار ئۆز دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىپلا قالماي،كەلگۈسىدىكى كىشىلەرنىڭ تەبئىيتىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئىنساندىكى تەبىئەتكە چۆككەن كىشىلەر ھەرقانداق زامانغا مەنسۇپ پىكىرلەر ئىگىسى بولالايدۇ.


پۇل مەستانىلىقى،ھوقۇق ھەييارلىقى،تېخنىكا ھەيرانلىقى،مېخانىك ئەمگەك جەريانى،ئىستىمال ئەسەبىيلىكى خۇراپىي ئىنسانلارنىڭ دەۋرىمىزگە خاس ۋارىيانتىنى ياراتتى.ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەزگۈسى كۈچەيگەن بولسىمۇ،ئادىللىق سەزگۈسى ۋە ئادىللىق ئۈچۈن پىدائىيلىق سەزگۈسى گاللىشىپ كەتتى.ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك راھەت جىمجىتلىق ئىچىدىكى بىخۇدلىقتا ئۆتىدۇ.ئەنگىلىيە شائىرى ت.س.ئېللىئوت بۇنداق ئادەملەر تىپىنى ‹پۈچەك ئادەملەر›دەپ سۈپەتلىگەنىدى.ئەتراپىڭدا پۈچەك ئادەملەر قىمىرلاپ تۇرسا.ئۇلاردا نەپسى غالىبلىق قۇتراپ تۇرسا،ئۇلارنىڭ ساڭا بەرگەنلىرى ئەلۋەتتە پۈچەك نەرسىلەر بولىدۇ.ئۇلار ساڭا ‹ئالىم›،‹مۇتەپەككۇر›،‹ئەدىب› دېگەندەك نام-ئاتاقلارنى بېرىپ قويۇپ،ھەرقانداق ئادەمگەرچىلىك،دىيانەت،ئەخلاقىي-پەزىلەت،پىداكارلىقلارنى سەندىن كۈتىدۇ.ئۇلار ھېچنىمىسى يوق شان-شەرەپنى بوينۇڭغا ئېسىپ قويۇپ،سەندىن ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان كامىل ئىنسانلىقنى،ئەخلاق قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.سەن ئۇلار بەرگەن شان-شەرەپكە مەھكۈم بولۇپ،كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئازادە ھەرىكىتىڭىدىن،شەخسىي تاللىشىڭدىن،ئاددىيلىقتىكى ھوزۇرۇڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن.


ئا: شان-شەرەپكە ئېرىشكەندىن كىيىن ئۇنىڭ قوپقۇرۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىش ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.قارىغاندا سەن نام-ئاتاقتىن سېسىق كېكرىگەندەك قىلىسىەن.

ب: شان-شەرەپ ئادەمنىڭ تەبئىيتىگە خۇش ياقىدۇ.دەسلەپتە ئۇ ساڭا مۇناسىپ ئىززەت ۋە غۇرۇر ئېپكىلىدۇ.ئۇ بەك ئېشىپ كەتسە سىنى غاپىللاشتۇرۇپ،ئۆز قىممىتىڭنى باشقىلارنىڭ لەۋزى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بوپقالىسىەن.سەندە بارا-بارا مۇئەييەن يۈز ۋە ئابرۇي قارىشى شەكىللىنىدۇ،يۈزۈڭنى كوزىر قىلىپ بايلىق ۋە مەنسەپكە ئېرىشكۈڭ كېلىدۇ.

ئا: سەن شان-شەرىپىڭنى ماركا قىلىپ،بايلىققا ئېرىشكەنلەردىن سانىلامسەن؟

ب: ياق،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.گارسىيە ماركوز‹دوستلىرىمنىڭ مېنى ئۇزاقراق ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىمەن› دەپتىكەن.بۇ گەپتىن مۇھەببەت پۇراپ تۇرىدۇ.بىراق نادانلارنىڭ مۇھەببىتىدىن خۇدا پانا بەرسۇن.ئاز بولسىمۇ ھەققانىيەتنى چۈشىنىدىغان دوستۇڭ بولسىلا بولدى.شان-شەرەپ ھېرىسمەنلىكى مېنى قەلەمگە ھەۋەسكار قىلغان بولسا كېرەك.لىكىن كىيىنچە مەن ئاچچىقلىرىم ۋە غۇملىرىمنى ئۇرتاقلىشىش ئۈچۈن يازىدىغان بولۇپ قالدىم.قوپقۇرۇق شان-شەرەپ مېنىڭ ئىشىكىمنى چېكىدىغان بولۇپ قالدى،ئىشىكنى ئاچقاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ بەندىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىمەن.مەن بۇنى ھېچقاچان ئىستىگەن ئەمەسقۇ!

نام –ئاتاق ۋە شان-شەرەپ،بۇلارنىڭ پەرقى بار،ئەلۋەتتە.لىكىن زامانىمىز كىشىلىرى ئۇلارنى ئوخشاش نەرسە قىلىۋەتتى.كىشىلەر سىنىڭ نام-ئاتىقىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇشۇپ،سېنى ئەۋلىيا قىلىپ قويىدۇ.سەن ئەۋلىيا بولالماي ئازابلىنىسەن.كىشىلەر ئاندىن سېنى سۆكۈشكە باشلايدۇ.مېنىڭ ھاياتىممۇ بارلىق نۇرمال ئىنساننىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ.مەن ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن،يىغىنغا قاتنىشىمەن،ئائىلەمنىڭ يۈزى ۋە ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن تويلارغا بارىمەن،نەزىرگە بارىمەن،يىگەن تۇزۇم ئۈچۈن تۇز بېرىمەن.بۇ جەھەتتىكى ھاجەتلىرىم ۋە سەرپىياتلىرىم باشقىلار بىلەن ئوخشاش.بەلكى ۋاقىت ۋە ئېنىرگىيە سەرپىياتلىرىم كۆپرەك.مەن يوقۇرقىلارنى ئىجرا قىلىپ بولۇپ،كىتاب كۆرىمەن،تەھلىل قىلىمەن،كۆزىتىمەن ۋە يازىمەن.يېزىقچىلىق ئاز-تولا نام-ئاتاققا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ،بۇ نام-ئاتاق مېنى كىشىلەر ئويلىغاندەك تاپاۋەتكە ئېرىشتۈرگىنى يوق.ئەكسىچە ئۇ مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىدە سۈنئىي پەزىلەت بۇرچىغا سۆرەۋاتىدۇ.تەبئىيتىمدە يوق نەرسىلەر مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.مەن يازىمەن،مەقسىتىم-كىشىلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولۇش،ھېچبولمىغاندا،پىكىرلىرىمنى ئىپادىلەش يۈكسەكلىكىدە سىناق قىلىپ بېقىش.

ئا: سېنىڭ ئۇلۇغلۇقتىن تەمەيىڭ يوقمۇ؟

ب: مەۋجۇدلۇقۇمدا ئۇلۇغلۇقنىڭ ھېكمىتى بار.مەن ئۇلۇغ بىر قۇدرەتنىڭ ئىرادىسىدىن كەلدىم،شۇنداق ئىكەن،ئۇلۇغلۇق قولۇمدىن كەلمەيدۇ.ئۇلۇغلۇق ئىزدەش ئىنسانىي پەزىلەت ئەمەس،تارىختا ئۇلۇغلۇق ئىزدىگەن داھىيلار چاكىنلىشىپ كەتتى.ئىنساندا ئۇلۇغلۇقنى كۆتۈرۈپ يۈرەلىگۈدەك ئىقتىدار مەۋجۇت ئەمەس.ئۇنىڭدا پەقەت ئۇلۇغلۇقنىڭ بەزى سۈپەتلىرى بولىدۇ،خالاس.

ئا: دېمەكچى بولغىنىڭ……

ب: كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش نېسىپ بولسا،ئۇ دەل ئادىمىيلىقىمدىكى خىسلەتلەردىن كەلگەن مېۋە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ يەردىكى نەتىجە كىشىلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن نەتىجە بولۇشى مومكىن.لىكىن مۇنداق بىر خىل نەتىجىمۇ بار: كىشىلەر ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيدۇ ياكى كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ يېتىشكە مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.بىراۋ يولدىن بىر تال ئەينەك پارچىسىنى ئېلىۋەتتى،بۇ كوچىدىن ئۆتىدىغان بىر بالا ئەشۇ ئەينەك پارچىسىغا دەسسەپ سالغان بولسا،پۇتىنىڭ موھىم قان تومۇرى كېسلىپ،بالا كۆپ ھەرەج تارتىشى مومكىن ئىدى.بىراۋ يولدىكى ئەۋرەز قۇدۇقىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىرسى قازادىن ساقىت بولۇپ قېلىشى مومكىن.بۇنداق پەزىلەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئىنسانلار كۆرۈپ يېتىشكە ئاجىز كېلىدۇ.مەخپىي بېرىلگەن زاكات ياكى قىلىنغان ئېھساننى قايسى ئىنسان باھالىيالايدۇ؟ ئادەملەر پەقەت كۆرگەن ياكى ئەقىلىي يەتكەن ئىشلارنى باھالىيالايدۇ.ھەدىس شەرىفلەردە باشقىلارغا كۆرسىتىلگەن خۇشچىراي ۋە ئېيتىلغان ياخشى سۆزلەر سەدىقە دەپ كۆرسىتىلگەن.ئىنسانلار خالىس تۈس ئالغان ياخشىلىقلار كەلتۈرگەن كاتتا نەتىجىلەرنى باھالاشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ.چۈنكى خالىسلىقتا داۋراڭ بولمايدۇ.ئۇلار پەقەت گۈل،ئوردىن،مۇكاپات پۇلى،چاۋاكلار ئارىسىدىكى نەتىجىلەرنى كۆرىدۇ.تارىخنىڭ سەھىپىسى داڭلىق ئىمپىراتۇرلار،سىياسىيئونلار ۋە قوماندانلار ئۇچۈن ئاجىرتىلغان بولىدۇ.شۇلار ئۈچۈن جېنىنى تەقدىم قىلغان ئاددىي بىر ئەسكەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.بۇ مەنىدىن ئېيتىقاندا،شان-شەرەپ ئاددىيلىقتىكى ھەقىقەتنى توسۇپ قويىدىغان ئادالەتسىز پەردىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.باشقا بىرسىنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىرسىنىڭ ھەقىقىتىگە سايە چۈشۈرۈپ قويۇشىمۇ مومكىن.ياخشىلىقنى مۇكاپات ۋە ئوردىن ئۈچۈن قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ شان-شەرىپى ئۈستىدە چىن ۋىجدان ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت نوقتىسىدىن ئويلاپ باقساق،قانداق خۇلاسىگە ئېرىشىشىمىز مومكىن؟ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى مىسالغا ئالسام،دەرسىمنىڭ قىممىتىگە سائەت مىقدارى بويىچە باھا بېرىلدى.بۇ جەھەتتە مېنىڭ قىلغان ئەقىدىلىرىم پەقەت ئۇنى بىلگۈچى بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا تايىن ئىش بوپقالدى.ئادەمىيەت روھى ناۋادا تار خىلۋەتلەردە ياشايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالسا،بىز دەۋاتقان مەدەنىيەت ئاللىبۇرۇن پۇرلىشىپ كەتكەن دەرەخقە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئا: سىنىڭچە شان-شەرەپ نېمىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك؟

ب: شان-شەرەپ تويغۇسى كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىدىكى ئاكتىپچانلىقنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭدىن زىيادە قېچىش ياكى زىيادە ئىنتىلىشىنىڭ ھەرئىككىلىسى پۇزىتسىيىمىزدىكى رادىكاللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مېنىڭچە شان-شەرەپ ئىنساننىڭ قىممىتىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.ناۋادا بىرسى ماڭا مېنىڭ قىممىتىمنى سۇندۇرىدىغان شان-شەرەپنى تەڭلىسە،مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن.

ئا: سېنىڭ شان-شەرەپنى قالقان قىلىپ ياشىغۇڭ يوقمۇ؟

ب: مېنىڭ پەزىلىتىم ۋە قەدىر-قىممىتىمنى بىلمىگەنلەر ماڭا يارىشىدىغان شان-شەرەپنى ھەرگىز بېرەلمەيدۇ.ئۇلار مېنىڭ سەھۋەنلىكىمنى كۆرگەندە ئۆزلىرى بەرگەن ئاشۇ شان-شەرەپنى مەن ئۈچۈن سىرتماققا ئايلاندۇرىدۇ.

ئا: شان-شەرەپنى بەزىلەر قورال دەپ قارايدىكەن.

ب: ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا،شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.بىر سىياسىئۇن،بىر ئارتىس ئۈچۈن ئېيتىقاندا شان-شەرەپ نۇرغۇن سىياسىي،ئىقتىسادىي پۇرسەتنىڭ يولخېتى.لىكىن ئۇ بىر ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن يارشىملىق لىباس بولالايدۇكى،ئۇ ئىزدەۋاتقان ھەقىقەتكە شوتا بولالمايدۇ.شان-شەرەپ ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئادەم ئۈچۈن بىر قاسىراقتۇر،خالاس.

ئا: نام-ئاتاق،شان-شۆھرەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ئۇقۇم بار.ئۇ بولسىمۇ يۈز-ئابرۇي.شەرق ئەللىرىنىڭ ئىچىدە جوڭگۇلۇقلارنىڭ‹يۈز›قارىشى ناھايىتى گەۋدىلىك.كىشىلەر ‹مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ بولسىمۇ….›دېگەن ئىبارە بىلەن ياراشتۇرۇشنى ياكى بىرەر ئىشىنى پۈتتۈرىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ب: شۇڭلاشقا جوڭگۇدا‹يول مېڭىش› دېگەن بىر گەپ بار.بۇ،‹يۈز›نى‹يۈز›گە توغرا كەلتۈرۈپ،مەقسەتكە يېتىش دېگەن مەنىگە ئېگە.ئەسلىدە ھەربىر ئىش پرىنسىپ ۋە قانۇنىي تەرتىپ بويىچە مېڭىشى كېرەك ئىدى.‹يول مېڭىش› ئارقىلىق چاتاقنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ.شۇڭا قانۇننى بىلىپ،يۇسۇننى بىلمىسىڭىز ئىش بىلمەس ئادەم بولۇپ قالسىز.شيامىن ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ پرۇفېسسۇرى يى جوڭتىيەن ئەپەندى جوڭگۇلۇقلار ھەققىدە توختالغان بىر كىتابىدا‹ئون تامغا بىر ئىمزاغا تەڭ كېلەلمەيدۇ›دېگەن.يۈزۈڭ چوڭ بولسا باشقىلار ئېرىشەلمىگەنگە سەل ئېرىشەلەيسەن،باشقىلار قادىر بولالمىغانغا سەن قادىر بولالايسەن،چوڭ دېلۇنى كىچىكلىتەلەيسەن.‹يۈز›لۈك ئادەمنىڭ بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى خىزمەت ۋە ئەرزىيەت كوچىسىدىكىلەرنىڭ چىقىش يولى ،دەيدۇ ئۇ. چوڭ مەنسەبدارلار بىلەن سۆرەتكە چۈشىۋېلىش پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ بىر ئېپى.ۋاقتى كەلگەندە ئۇ سېنىڭ قابىلىيىتىڭگە قارىغاندا بەكرەك ئېتىبارغا سازاۋەر بولالايدۇ.شۇڭا تۈزۈكرەك ئوقۇپ جان باقىمەن دېگەن ئادەم دەستۇرلارنى ئوقۇپ قويسىلا كوپايە قىلمايدۇ.ئۇ يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دائىر مەۋھۇم ئەمما رېئاللىقتا بار بولغان شەكىلسىز دەستۇرلارنى ئۆگۈنىشى كېرەك.

ئا: جوڭگۇ زىيالىيلىرىنىڭ قانۇننىڭ نوپۇزى ئۈستىدىكى چۇقانلىرى بىكار ئەمەسكەندە؟ تەرەققىيات تاللاش ئىقتىدارىنىڭ كۆپىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.ئۇنداقتا جەمئىيەت سېستىمىلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ.كىشىلەرنىڭ نازارەت ۋە تەنقىد ھوقۇقى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلمىسا،قانۇننىڭ ئىقتىدارى كاردىن چىقىدۇ.

ب: ئەسلىدە قانۇن توغرىسىدىكى گۇمانتار ئاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك ئىدى.ئادەمىيەت روھى كەمچىل جەمئىيەتتە ھەتتا شان-شەرەپتەك جەلپكار نەرسىمۇ خەتەرلىك بويۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئا: خەتەرلىك بويۇم؟

ب: شۇنداق،ئازغىنە شان-شەرەپمۇ سېنى ئۆزۈڭگە تەۋە قىلمايدۇ.كىشىلەر ساڭا ئولىشىدۇ،سەنمۇ بۇنىڭدىن سۆيۈنىسەن.قارىساڭ،شەخسىي ھاياتىڭ ئۈچۈن قالغان ئىمكانىيەتنىڭ بەكمۇ ئاز قالغانلىقىنى كۆرىسەن.كىشىلەر سېنى كۆزىتىدۇ،سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىدۇ.چاقچاق گەپلىرىڭمۇ راست گەپ تەرىقىسىدە تارقىلىدۇ.بېرىپ-بېرىپ پىتنە-ۋابانىڭ ئاھانەتلىرىگە قالسىەن.لىكسىيە سۆزلەيسەن،توغرا گەپلىرىڭ ئۈچۈن بارىكاللا يوق،گەپتىن ئېزىپ قالساڭ(خۇدا ساقلىسۇن) ئىلمەكچىلەر تەييار.دەپتەرلەرگە ئىمزا قويىسەن،ئاخىرى ئاپتۇبۇسقا چۈشۈپ قايتىپ كىلىسەن.ھەربىر سورۇن ساڭا ئالىيجاناپلىق توغرىسىدا بىر قاتار ۋەزىپىنى تاپشۇرىدۇ.دەردىڭ ۋە ئېھتىياجىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى.ھەممىدىن يامىنى ھەسەت.ئۇ ساڭا بىر مۇنچە يۈشۇرۇن دۆشمەن تېپىپ بىرىدۇ.سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىشىدىكى مۇشەققەتلەر تۈپەيدىلىدىن چارچايسەن،دەل ھەسەتخۇرلارنىڭ گىژىلداشلىرىدىن ھارسىنىسەن.بىر پەيلاسۇپ مۇنداق دېگەنىكەن:‹ئادەمنى چارچىتىدىغىنى يىراقتىكى تاغ ئەمەس،بەلكى دەل ئايغىڭنىڭ ئاستىغا كىرىۋالغان قۇم-شېغىل›.ھەسەت شان-شەرەپ يېنىدىكى تۆرەلمە.

ئا: شان-شەرەپ ئېگىسى بولغانىكەنسەن،كەمتەر بولۇشۇڭ كېرەك بولىدۇ.

ب: كىشىلەر كەمتەرلىك دېيىشىدۇ،ئەمما تەكەببۇرلۇققا بەكرەك قايىل؛ كىشىلەر ۋاپا دېيىشىدۇ،لىكىن ۋاپاسىزلىققا بەكرەك مايىل.كەمتەلىك ۋە ۋاپادارلىقنى ئۆزىنىڭ شەرتى ۋە،ئېپى-سېپى بىلەن قىلمىساڭ،يۈزەكى ئادەملەر ئۇنى ئاجىزلىق دەپ ھېسابلايدۇ.مەن ئادەتتە كەمتەرلىكىم تۈپەيلى پەرۋاسىزلىققا ئۇچۇرايمەن.بىر شەرق مۇتەپەككۇرى:‹ئاي نۇرلۇق بۇلسىمۇ كۈندە كۆرۈنۈۋەرگەچكە قەدىرسىزدۇر›دەپتىكەن.مەن كەمتەرلىكىم بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ رايىغا باقتىم،دەردىگە يەتتىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن.ئەمما بەرىكەت تاپماس ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىۋەتتىم.

ئا: ئابدۇرەھمان ئەبەي ئاكا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىر قانچە پۇشايمىنى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى.‹ئۆمرۈمنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى ئۈلپەتچىلىك ئۈچۈن سەرپ بولدى دەپ ئويلايمەن.ئەشۇ ۋاقىتلارنى تېجىيەلىگەن بولسام ئالتە توملۇق ئۆمۈر ئەسلىمەمنى يېزىپ پۈتتۈرەلىگەن بۇلاتتىم› دەپتىكەن ئۇ زات.دېمىسىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ھاياتىدىكى نۇرغۇن زور تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەرگە شاھىت ھايات ئىدى.ئەگەر ئۇ ئالتە توملۇق ئەسلەتمىسىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەلىگەن بولسا تارىخ خەزىنىمىز خېلى بېيىپ قالاتتى.

ب: ئىبراھىم مۇتئىي،ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىق ئەربابلارمۇ ئاجايىپ جېق ئىش،تارىخىي قىسمەتلەرنى كۆرگەن ئادەملەر.ئۇلاردىنمۇ قىممەتلىك ئۆمۈر ئەسلىمىلىرى چىقاتتى.بۈگۈنكى دۇنيادا ئەسلىمە تۈسىدىكى تارىخلار تېخىمۇ دېققەتكە سازاۋەر بولماقتا.

ئا: ھەممىلا ئادەمنى رازى قىلىمەن دەپ ئالدىراش يۈرۈپ ئاخىرى كارغا كەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالساڭ،كىشىلەر سىنى كۆزگە ئىلمايدۇكى،ھەرگىزمۇ بىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل دەپ ئويلىمايدۇ.بۇرۇن داڭقى پۇر كەتكەن بىر مۆتىۋەر ئۆتكەن ئىكەن.ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ھەمىشە ئۇنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىكەن.زىيارەتچىلەر قايتىشىدا مۆتىۋەردىن تەۋەررۈك ئۈچۈن بىر تالدىن ساقال سورايدىكەن،مۆتىۋەر ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ ساقىلىدىن يۇلۇپ بېرىدىكەن.شۇنداق قىلىپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۆتىۋەر كوسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.ئۇنى يوقلايدىغان ئىخلاسمەنلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلۈپتۇ.

ب: سېنىڭ تۆھپەڭنى ھەقىقىي خاتىرلىگۈچى كىم؟ بۇنى ياخشى چۈشەنسەڭ،ئەجرىڭنى نەگە قىلىشنى بىلگەن بولىسەن.

ئا: ئۆزى سۆيگەن كىشىنىڭ ۋاقتىنىمۇ سۆيىدىغان جامائەت ئەخلاقى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردە دەرھال يېتىلمىكى لازىم.بولمىسا نامراتلىق ئىچىدە ئۆلىمىز.

ب: ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا چېقىلىش ئوغرىلىق كەبىي جىنايەتتۇر.بىز ئۇنى تونۇپ يېتىدىغان مەدەنىيەت دەرىجىسىگە تېخى بارمىدۇق.

ئا: خوش،ئۆز ئىخلاسمەنلىرىڭگە نىمىلەرنى دېگۈڭ بار؟

ب: مەن بىر ئۆمۈر نامراتلىقتا ياشاپ،بۈگۈنكى كۈندە ئەسەرلىرى ئەڭ قىممەت باھادا سېتىلىۋاتقان گوللاندىيە رەسسامى ۋانگوكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرەي دېۋاتىمەن:

‹مەن ھەرقانداق ياخشى ئىش بىلەن كارى يوق خەتەرلىك ئادەم بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن،مەن قىيىنچىلىق ئىچىدە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئادەممەن.خىزمىتىم ئۈچۈن خاتىرجەم موھىتقا ۋە كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا موھتاجمەن›.

ئا: قىزغىنلىق ۋە ھېسداشلىققا،ئۆزۈڭ تەشنا بولغان مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەي قالساڭ قانداق قىلىسەن؟

ب: ھەسىرەت ۋە خاپىغانلىقتا ئۆتمەكتىن باشقا ئىلاجىم يوق.تەقدىرىم ئىچىدە يول تېپشىم كېرەك.

ئا: شان-شەرەپنىڭ مەزمۇنى سېنىڭ زامانداشلىرىڭغا بېقىپ بولىدىكەندە؟

ب: ھەقىقەت ئىشتىياقىدىن ھوزۇر ئالالىساڭ،يالغۇزلۇق روھىڭنى سۇندۇرالمايدۇ.ھەقىقەت ئاشنالىرى ھامان چىقىدۇ.



                                                       دەۋر بلوگىدىن ئېلىندى

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 18:46:02

قاچانغىچە پالانى ئۇلۇغ ، پوكۇنى مەشھۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تورمۇ - تور سۆرەپ جالاپ قىلىپ يۈرۈيمىز ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 19:16:26


Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاچانغىچە پالانى ئۇلۇغ ، پوكۇنى مەشھۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تورمۇ - تور سۆرەپ جالاپ قىلىپ يۈرۈيمىز ؟


پىنھانقارى ........... سەتگەپقىلمايلى .ياخشىئەسەربولسا ئاپتورنىڭرۇخسىتىبولسىلامەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشيامانئىشئەمەس ،تايىنىيوقخەۋەريوللىغاندىنكۆپئەلا .


yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 21:40:32

ياخشى ئەسەر ئىكەن.رىياللىقنى كورسۇتۇپ بىرىپتۇ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 22:25:53

پىنھانىڭ باش سۆرىتىدىنمۇ ئاچىغىنىڭ يامانلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن.

abida يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 08:48:10

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:12:28

پىنھاننىڭ ياغلىما گەپ بىلەن خۇشى يوق، مەيدانى ئېنىق!

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:27:44

مەيدانئېنىقلىغىنىيامانتىللاربىلەن ئىپادىلەشنىڭھاجىتىيوقتۇ؟؟؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:41:32

ئەركتىكىنكامنىڭ نۇمۇرىغا ئايلىمىز چىققان ئوخشىمامدۇ\"\"

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:43:15

بەزىدە شۇنداق بوپمۇ قالىدۇ خۇددى سىز ئەمدى مىنى ئىزدىنىشتا ئۇچرىتىپ قالساڭلار تۇمارىستىن ئۆتە لاۋىزىكەن دەڭلار دىگىنىڭىزدەك!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:44:40

\"\"


توغراق


پىنھان بىلەن ئەركتىكىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا سالاچى كەتمەيدۇ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:45:09

بۇئايبۇكۈنلەردەسەتقىلمايلىدىدىم شۇ ، خاتادىگەنبولسامكەچۈرىڭىزلەر ............... ھىچبولمىسائىزدىنىشقا كىرىدىغانبىزلائەمەسقۇ ؟ سېسىقگەپقىلىشبىلەنسەتگەپقىلىشنىڭپەرقىباردۇرئاخىر ؟

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:54:29

تېخى بايىلا ئوقۇپتىم زىيالىنىڭ ما ئىنكاسىنى:












بازا باللىرى بىز


شەپكە قىرلايمىز


يانچۇقىمىزدا 5 گاڭبى


ئانى بىلمەيمىز


تام بېشىغا چىقۋالساق


ئىتتىن قورىقمايمىز


ئىشتىنىمىزنى سېرۋاتساق


پىتتىن قورىقمايمىز\"\"



ئاجرىتالامسىز دەپ قاپسىز


ئاجرىتىپ يۈرمەيمەن


ID,IPرىڭىزغا قوشۇپ IQرىڭىزلارنى ئۈچۈرىتكۈزۋرتىمەن ماقىمۇ\"\"



گەپ شۇ


يۈرەكتە مۇھەببەت بولسۇن دىدىم


قالغىنىنى ۋىجدانىمىزغا تاپشۇرىمەن





ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:55:14

بىرەيىڭلارمۇ ماقالە توغرىسىدا پاراڭ قىلماپسىلەرغۇ\"\"


مەن قىپ قوياي


قاچان يازغان ماقىلىسىكەن؟


يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىۋاپتۇ دەپ ئويلىدىم

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:59:24

toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزىدە شۇنداق بوپمۇ قالىدۇ خۇددى سىز ئەمدى مىنى ئىزدىنىشتا ئۇچرىتىپ قالساڭلار تۇمارىستىن ئۆتە لاۋىزىكەن دەڭلار دىگىنىڭىزدەك!



بىرجالاپ،ھەزلەكدىگەندەكگەپلەرنىقىلىشمايلىدىگەنگەنىمەبوپكەتتىڭلار ؟ كەچۈرۈڭلارمەنخاتاقىپتىمەن ......................

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 10:09:04

ئۇنداقمۇ دىيىشىپ كەتمەيلى يولداش ئەرېكتېكىن! مەن ھەرگىزمۇ پىنھاننىڭ ئىنكاسى ئىچىدىكى ئاۋۇ بىر ئېغىز گەپنى توغرا دىمەكچى ئەمەسمەن. سىزنىڭمۇ بۇنداق سەت گەپلەرنى قىلىشمايلى دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق. مەنمۇ شۇ بەزىدە شۇنداق بوپ قالىدىكەن دىدىملا خالاس! رامىزاندا ئازارلىشىپ يۈرمەيلى!!!

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 10:37:35

ئاۋۇ گەپنى بىزلەر قىلىپ قالساق رامىزان تۈگىگۈچە زولۇققا يەتكۈدەك گەپ ئاڭلىۋالاتتۇق، بەزىلەر دېسە \"ياغلىما گەپكە خۇشى يوق\"، يەنە \"مەيدانى ئېنىق، بايرىقى روشەن\"... بولۇپ قالىدىكەن. جۇڭگوچىلىقنى تىللاپ قويىمىز بەزىدە تېخى...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 10:39:39

Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ گەپنى بىزلەر قىلىپ قالساق رامىزان تۈگىگۈچە زولۇققا يەتكۈدەك گەپ ئاڭلىۋالاتتۇق، بەزىلەر دېسە \"ياغلىما گەپكە خۇشى يوق\"، يەنە \"مەيدانى ئېنىق، بايرىقى روشەن\"... بولۇپ قالىدىكەن. جۇڭگوچىلىقنى تىللاپ قويىمىز بەزىدە تېخى...



مىنى جىلە قىلالمىغان ئادەم سىزغۇ دەيمەن ھە\"\"


tvman يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 10:43:14

زىيالى بۈگۈن بىكار بوپ قاپتۇ دە؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 10:44:49

\"\"


بىردەم دەم ئالدىم

بەت: [1] 2 3
: تەنھا ھەقىقەت ۋە كۆپۈك شان-شەرەپ