abida يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 15:41:14

2011 - يىللىق دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رېتى ئېلان قىلىندى[تەرجىمە]


                                    2011 - يىللىق دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭرېتى ئېلان قىلىندى



   15 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات مەركىزى 2011 - يىللىق "دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنى ئىلمىي رەتكە تىزىش" نى ئېلان قىلغان. بۇ تىزىملىكتە يەر شارىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 500 ئالىي مەكتەپنى رەتكە تىزغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى 23 ئالىي مەكتەپمۇ بۇ تىزىملىكتە بار ئىكەن. بۇ سان 2003 - يىلىدىكى 3 ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى قېتىم رەتكە تىزىلىشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى ئىكەن.


   چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 200 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 6 ئالىي مەكتەپ ئالدىنقى قاتاردىكى 201-300 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.



   


   شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات مەركىزى 15 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان "2011 - يىللىق دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنى ئىلمىي رەتكە تىزىش" ، خەنزۇچە تىلدىكى   www.shanghairanking.cnتور بېكىتىگە چىقىرىلغان. بۇ يىل جۇڭگودىكى جەمئىي 35 ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە چىقىرىلغان بولۇپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىياڭگاڭ خەنزۇچە يېزىق ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 200 ئالىي مەكتەپ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن. بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە- ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى500 كۈچلۈكنىڭ قاتارىغا كىرگەن.


   ئەنگىلىيە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئالدىنقى 10 ئورۇننى ئىگەللىۋالغان


   بۇ يىل ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى يەنىلا گەۋدىلىك بولغان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇدا 9 يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماسساچۇسىتېس شىتاتى سانائەت تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئامېرىكىدىكى 8 ئالىي مەكتەپ دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 مەكتەپ ئىچىگە، 53 مەكتەپ دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئائىي مەكتەپ قاتارىغا كىرگەن.


   ئەنگىلىيىنىڭ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى 5 - رەتكە، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 10 رەتكە تىزىلغان. "دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلمىي رەتكە تىزىلىشى" دا ئالدىنقى 10 رەت ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەر تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن. ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى رەتكە تىزىلغىنى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 21- ۋە 27 - رەتكە تىزىلغان.


   جۇڭگو ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى 23 ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى


   2011 - يىللىق بۇ تىزىملىككە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى 23 ئالىي مەكتەپمۇ تىزىلغان بولۇپ،بۇ سان 2003 - يىلىدىكى 3 ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى قېتىم رەتكە تىزىلىشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېقىن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە ئالدىنقى 200 نىڭ رېتىگە تىزىلغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 6 ئالىي مەكتەپ ئالدىنقى 201-300 نىڭ رېتىگە تىزىلغان. شىياڭگاڭدىكى 5 تەيۋەندىكى 7 ئالىي مەكتەپ 500 كۈچلۈكنىڭ رېتىگە تىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شياڭگاڭ خەنزۇچە يېزىق ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى 200 كۈچلۈكنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.


   ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغىنى، جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ، خەلقئارا ئىلمىي ماقالىلىرى سان كۆرسەتكۈچىدىكى ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ماقالە سانى دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكەن. ئەمما خەلقئارا ئىلىم ئالىمى، خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك قەرەللىك ژۇرنال ئىلمىي ماقالىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن بولغان پەرقى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ بولۇپ يەنە 5-10 يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىش زۆرۈر ئىكەن. شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مائارىپ تەتقىقات يۇرتى مۇدىرى ليۇ نيەنسەي پروففېسسور: " 10 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سەۋىيىسى ئاساسەن ئالدىنقى 1000 ئالىي مەكتەپلەردىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغان ھالەتتە ئىدى" دىگەن.



   تەبىئىي پەن يەنىلا بىر ئاجىز تۈر بولۇپ قالغان


   بۇ يىل ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان 2011 - يىللىق" دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر پەنلەر ساھەسى تىزىملىكى" بىلەن " دۇنيا ئالىي مەكتەپ پەنلىرى تىزىملىكى" دە كۆرسىتىلىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 6 مەكتەپ تېخنىكا پەنلىرى ساھەسىدە دۇنيادىكى 100 كۈچلۈكنىڭ رېتىگە تىزىلغان. ئەمما "ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەنلەر" ، "ھاياتلىق ئىلمى ۋە دېھقانچىلىق ئىلمى"، "كىلىنكىلىق مېدىتسىنا ۋە دوراشۇناسلىق" ، "ئىجتىمائىي پەنلەر" ساھەسىدە دۆلىتىمىز ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر يوق ئىكەن.


   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ " دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنى ئىلمىي رەتكە تىزىش" دىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ماتېماتىكا، خىمىيە، كومپيۇتېر، ئىقتىسادشۇناسلىق/سودا ئىلمى قاتارلىق تۆت خىل پەن بويىچە، دۇنيادىكى 100 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق/سودا ئىلمى قاتارلىقلار دۆلىتىمىزدىكى 100 كۈچلۈكنىڭ رېتىگە تىزىلغان بىردىنبىر ئالىي مەكتەپلەر ئىكەن.


   شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان "دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئىلمىي رەتكە تىزىش" تا ئوبېكتىپ كۆرسەتكۈچ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ، نوبېل مۇكاپاتى ۋە فيېلدس مۇكاپاتى مەكتەپداشلىرىنىڭ جەملىمە سانى، نوبېل مۇكاپاتى ۋە فيېلدس مۇكاپى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەملىمە سانى، ھەر قايسى پەنلەر ساھەسىدىكى نەقىل كەلتۈرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالىملار سانى، Nature ۋە Science ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە جەملىمە سانى، پەنلەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردە نەقىل كەلتۈرۈلۈپ قوبۇل قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر سانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيادىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەتكە تىزىلىشىدا، سۇئال قويۇپ تەكشۈرۈش ۋەزنىگە ئاساسەن" بىردەك مۇزاكىرە قىلىش" تەك ئۇسۇللار قوللىنىلغىنىغا قارىغاندا، "دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنى ئىلمىي رەتكە تىزىش" تا 9 يىلدىن بۇيان قوللىنىلىۋاتقان ئوبېكتىپ كۆرسەتكۈچ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇلغان، ليۇ نيەنسەي: "ھەر بىر ئادەم بۇ خىل ئېنىق بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق رەتكە تىزىلىش تەتىنجىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ" دىگەن.





مەنبە: شىنخۇا تورى





uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 09:21:58


تۆۋە،، بىز ئوقاپ چىكەتكەن داشۆ مۇ كىرىپتۇ دېسە، ،نۇرغۇن ساۋاقداش بۇرادەرلىرىمىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي سەرگەردان بۇلۇپ يۈرسە.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 11:05:57

uyguryigitiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


تۆۋە،، بىز ئوقاپ چىكەتكەن داشۆ مۇ كىرىپتۇ دېسە، ،نۇرغۇن ساۋاقداش بۇرادەرلىرىمىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي سەرگەردان بۇلۇپ يۈرسە.




ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى خىزمەت تېپىپ بولدى دەپ يوشۇرۇپ تۇرۇۋالىدىكەن،مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭخىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ سىتاستىكىسىغا تەسىر يىتىدۇ دەپ.سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىز ھەقاچان مەكتەپنىڭ دەپتىرىدە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نازارەتلەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ چىقىدۇ.




uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 17:26:06

nasinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى خىزمەت تېپىپ بولدى دەپ يوشۇرۇپ تۇرۇۋالىدىكەن،مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭخىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ سىتاستىكىسىغا تەسىر يىتىدۇ دەپ.سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىز ھەقاچان مەكتەپنىڭ دەپتىرىدە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نازارەتلەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ چىقىدۇ.






دەھشەت توغرا ئېيىتتىڭىز.مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا سىنىپ مەسئۇلىمىز مەندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نېمە ئىش قىلىسەن دەپ سورىغانتى، مەن مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرمەكچى ، تىزىملىتىپ قويدۇم ، دېسەمدەرھاللا مېنى مەمۇرلۇققا ئۆتۈپ بولدى دەپ خاتىرلەپ قويغانىدى، بىراق مەن ئۈچ يىل ئىمتىھان بېرىپ ئاران ئۆتتۈم.




QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 09:23:00

قايسى كۈنى چاۋشيەنمۇ دۆلەتلەرنى بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغان.


مەملىكىتىمىز 1- ئورۇنغا، چاۋشيەن <دېموكراتىك> خەلق جۇمھۇرىيىتى 2- ئورۇنغا تىزىلغان، ئامىرىكا <جاھانگىر> لىكى 100 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.

بەت: [1]
: 2011 - يىللىق دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رېتى ئېلان قىلىندى[تەرجىمە]