Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 07:02:17

ئىلىم-پەن تارىخىدىكى 10 مەشھۇر خاتا پەرەز




1. «ئەمەلىيەتتە KB 640 بوشلۇق ھەر بىر كومپيوتېر ئىشلەتكۈچىگە كەڭرى يېتىدۇ». - بىل گېيتىس | 1981-يىلى




2. «ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلالايدىغان ھەممە نەرسىنى ئىجاد قىلىپ بولدى». - چارلېس(ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى) | 1899-يىلى



3. «ئات قاتنىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، سېنىڭ ئاپتوموبىلىڭ بولسا بىر دەملىك مودا، خالاس.» - خورېس راكھام (ئامېرىكا مىچىگان شىتاتلىق بانكا باشلىقى. ئاپتوموبىل ئىجادچىسى ھېنرىي فورد بۇ بانكىغا ئاپتوموبىل زاۋۇتى ئۈچۈن مەبلەغ سوراپ بارغاندا خورېس يۇقىرىقى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فوردنىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا مەبلەغ سالمىغان.) | 1903-يىل.



4. «راكېتا دېگەن نەرسە مەڭگۈ يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.» - نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى | 1963-يىلى.



5. «كىنوخانا، كىنو دېگەنلەر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، بۇ پەقەت بىر ساراڭلىق. دېگىنە، قايسى تاماشىبىن كۆز ئالدىدىكى سەھنىدە قان، پۇت-قول پارچىلىرىنى كۆرۈشنى خالايدۇ؟» - چارلېس چاپلېن | 1916-يىلى.



6. «ئامېرىكىلىقلار تېلىفون ياساپتۇ، چۈنكى ئۇلارغا تېلىفون بولمىسا بولمايدۇ. بىز ئوخشىمايمىز، بىزگە تېلىفوننىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بىزدە نۇرغۇنلىغان يۈگۈرۈك پوچتىكەشلەر ‹messenger boys› بار» - سېر ۋىليام پرېس (ئەنگلىيە پوچتا ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژىنېرى) | 1878-يىلى.



7. «مېنىڭچە بولسا دۇنيا بازىرىغا بەش دانە كومپيوتېر بولسا يېتىدۇ.» -توماس ۋاتسون (IBM شىركىتىنىڭ باشلىقى) | 1943-يىلى.



8. «ھازىر دۇنيادا 50 نەچچە ئاپتوموبىل گورۇھى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى بازارغا سېلىپ بولدى. بۇ ئەھۋالدا ياپونىيىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قىلچىلىكمۇ بازار ئىستىقبالى يوق. بولۇپمۇ ئۇلار ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.» - BusinessWeek ژۇرنىلى | 1968-يىلى.



9. «ياق، مېنىڭ بۇ ئىجادىيىتىم دۇنيادىن ئۇرۇش دېگەن نەرسىنى يوقىتىدۇ.» - ھىرام ماكسىم (ئاپتوماتنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ بۇ سۆزنى ئەنگلىيە ئالىمى ھەۋلۇك ئېللىسنىڭ ‹سىزچە بۇ ئىجادىيىتىڭىز كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنى تېخىمۇ قانلىق قىلارمۇ؟› دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋابى.) | 1893-يىلى.



10. «ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 50 يىل ساقلايمىز.» - ۋىلبۇر رايت (ئايروپىلاننىڭ ئىجادچىسى ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ چوڭى. ئۇ بۇ سۆزنى 1901-يىلى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك ئۇچۇش سىنىقىدىن كېيىن قىلغان. ئۇلار ئىككى يىلدىن كېيىنلا غەلىبە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.) | 1901-يىلى.







uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 09:25:32

11. «بۇرۇن ئازراق پوچى ئىدىم، ھازىر ھېچقانداق ئەيىبىم يوق.»   -ھىچكىم (يۇقارقى تېمىنىڭ ئىگىسى)

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 10:32:07

خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭلار، مەن پەقەت ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلالايمەن!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 11:23:14

We\"ll not go quietly into the night

We\"ll not vanish without a fight\"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 16:57:37

ئۆز تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان نەرسىلەرگە ئىشەنمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىقلار ئىكەن دە!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 17:26:04

xxيىلدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىمىز دېگەن گەپلەرچۇ؟\"\" شۇ قاپتۇ

petir manta يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 19:13:58

ئالما شىركىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ئاساسەن ئاخرىلىشىدۇ .(2011-يىلى )


                                                                                                                           -پېتىر مانتا                                                               

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 06:54:06

پىتىر مانتا ئوخشىغان چىراي


ئاۋۇ ئوت چۆپنى ئېلىۋېتىپ،مانتىنى قايتا رەسىمگە تارتىڭلا\"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 14:44:20

1. «ئەمەلىيەتتە KB 640 بوشلۇق ھەر بىر كومپيوتېر ئىشلەتكۈچىگە كەڭرى يېتىدۇ». - بىل گېيتىس | 1981-يىلى




بۇ گەپنى دىگىنى راستمىدۇ ؟



7. «مېنىڭچە بولسا دۇنيا بازىرىغا بەش دانە كومپيوتېر بولسا يېتىدۇ.» -توماس ۋاتسون (IBM شىركىتىنىڭ باشلىقى) | 1943-يىلى.



مۇشۇ گەپمۇ گۇمانلىق


Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 00:57:09

مەن كومپيۇتېردىكى ھەرقانداق بىر ھۆججەتنىڭ سىغىمىنى 1kbغا قىسقىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن(يەنە كېلىپ ئەسلى سۈپىتىگە قىلچىمۇ تەسىر يەتكۈزمەي)

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2011-8-26 15:42:10

11ىنچى مەشھۇر سۆزنى مېنىڭ بالام قىلغان ئىدى:


مېنىڭ بالام 3ۋاقتىدا <ئاتا، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئوقۇيمەن> دېگەن ئىدى ، مانا مەن تۇرغان جايدا بۇنداق مەكتەپ قالمىدى-دە ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىمۇ يالغان چىقتى...

بەت: [1]
: ئىلىم-پەن تارىخىدىكى 10 مەشھۇر خاتا پەرەز