ھېيتلىق ساڭزا سالايلى
ھەش پەش دېگۈچە روزى ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. بۇ يىل ھېيتلىق ساڭزىنى ئىخلاس ياكى ئۇ بۇ يەرلەردىن ئەكەلمەي ئۆزەم سالاي دەپ ئويلىغان، ساڭزا سالىدىغانغا ئۇزۇن چوكىنىمۇ ئېلىپ قويدۇم. ئەمدى شۇ ساڭزىنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرۇش رېتسىپى چالا قالدى. خانىم قىزلاردىن ( ئەركەكلىرىمىز بولىسىمۇ بولىۋېرىدۇ) ئۆزى سېلىپ باققانلار بولسا، تۆت قۇر ساڭزىنى ئۆلچەم قىلىپ رېتسىپى بىلەن بىر تەمىنلىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن.
قېنى ئولاش چولاش ھېيتلىق ساڭزا سالمايمىزمۇ قىزلار
ئۇنغا سۇ ۋە باشقا خۇرۇچلارنى قۇشۇپ خېمىر قىلىپ، قايناۋاتقان ياغقا سېلىپ ئۇزۇن چوكا بىلەن ئۆرۈپ-چۆرۈپ پىشقاندا لېگەنگە تىزسىڭىز ئىش تامام. يەنىمۇ كونكىرتراق دىسىڭىز ئۇقمايدىكەنمەن.
كىتىدىغان خۇرۇچلار: ئاق ئۇندىن 4 چىنە،سۇ مېيىدىن 3 كىلوگىرام،باش پىيازدىن بىرباش،كاۋاۋىچىندىن 20 گىرام، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز.
ئىتىش ئۇسۇلى:
ئالدى بىلەن باش پىيازنى نىپىز يالپاقلاپ توغراپ كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ تەمى چىققاندا سۈزىۋالىمىز.بىر چىنە سۇ مېيىنى چۈچۈتۈپ سۇۋۇتىمىز. ئاق ئۇنغا (4 چىنە) تېتىغىدەك تۇز سېلىپ، سۇۋۇتۇلغان سۇ مېيىنى قۇيۇپ، كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز. يېرىم سائەت تىندۇرغاندىن كىيىن ئالما چوڭلىقىدا (چوڭ-كىچىكلىگى نورمال ئالما چوڭلىقىدا) ئۈزۈپ زۇۋۇلا قىلىمىز. زۇۋۇلا تىنغىچە قازانغا ماي قۇيۇپ چۈچۈتىمىز. مان چۈچىگەندە زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ ئىككى تال تاياقچىگە ئېلىپ 7-8 دەرىجە قىزىتىلغان مايدا ئاۋايلاپ پىشۇرىمىز.تاياققا ئالغاندا ئىنچىكە خېمىرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە مىنگىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك، بولمىسا ساڭزا رەتلىك چىقمايدۇ.
تولۇقلاپ قوياي :بىرىنچى،ئۇزۇنراق تىندۇرغاندا ۋە شۇنداقلا ساڭزا ئېشىشىكە دېققەت قىلغاندا ،ساڭزا چىچەكلەپ چىرايلىق چىقىدۇ .
ئىككىنچى ،ساڭزىنى سېلىپ بولۇپلا چوقۇم تىزىلىشغا دېققەت قىلىش كىرەك،بولمىسا تىزىلىش چىرايلىق بولمىسىمۇ كۆرۈمسىز كۆرۈنۈپ قالىدۇ .ئاندىن ئىسسىق ۋاقتىدىلا ئۈستىگە شىكەر سېپىپ قويىمىز ،جىق ئەمەس جۇما .
مەن نەۋرە ئاچامنىڭ پىچىنە-پىرەنىك دۇككىنىدا ياردەملىشىۋاتىمەن.ئىنشائاللاھ ئەتە ئىنىق سوراپ دەپ بىرەي ھە لەڭمەننى سۇغا ساسىڭىز لەڭمەن،ياغقا ساسىڭىز ساڭزا بۇلدو ساڭزا سالغاندا قولى ئەپچىل بىرسىنى ھەمرا قىلىۋالسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولىدۇ! {:181:} ساڭزىغا ئىشتىھاسى ياىشىدىن بىرنى ھەمراھ قىلىۋالسىڭىز تەم تەڭشەشتىن غەم قىلمايسىزئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن (花椒)بىلەن قۇشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننىڭ سۈيى ئوبدان چىقىپ بولغاندا، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋېلىپ، سۈيىنى سۇۋۇتىمىز. ئازراق ماي داغلاپ ئۇنىمۇ سۇۋۇتىمىز. سۇۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز بىلەن ئۇن ھەم تەييارلىغان ماينى قۇيۇپ قاتتىقراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز. (ئۇننىڭ مىقدارىغا قاراپ بىرەر- ئىككى تال توخۇم چېقىۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ). خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پۇشۇرۇپ 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق مايلايمىز، ئاندىن ئۈستى-ئۈستىلەپ تېزىپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىن قازانغا ماي قۇيۇپ تىنغان زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ چوكىغا ئېلىپ قىزىتىلغان ياغدا پۇشۇرىمىز. بولسا پاكىزە يۇلغۇندىن تاياقچە ياساپ پۇشۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يازمىلاردا ھورۇنلارغا باھانە بولۇپ بىرىدىغان \"تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ\" دەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش مودا بولدى. شۇنىڭ بىلەن قىز-چوكانلار ئەرلىرى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پەلەي، پايپاق، پوپايكا توقۇپ بىرەلمەيدىغان توغرىسى توقۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىغۇ مەيلى دەيلى قازان بېشىدا تاماق ئېتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ كەتسە بىر نېمە دېمىسەك بولمايدۇ ئەركەكلەر. نان ناۋايخانىدا تەييار، لەغمەننىڭ پىلتىسى بازاردا، كېسىگلىك ئۈگرە بازاردا، پىلتە قۇيماق بازاردا، سوغۇق سەيلەر بازاردا... ھەممىسى بازاردا بولۇپ كەتسە خوتۇن - قىزلارنىڭ ئەرلىرى، پەرزەنتلىرىگە مىھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانغا يەنە نېمە قالدى؟!!! قىز-چوكانلار سىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ئەرلەرنى تالىشىش رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىسىلەر. ئەرلىرىڭلارغا ئائىلىدىن تولۇق زوق ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىڭلار. سىلەرگە خىيانەت قىلىش يولىغا ماڭغىلىۋاتقان بولسا (ما گەپ سەل ئىشىپ كەتتى)، مانا ئەمدى سىرتتا زوقلانغۇدەك نەرسە قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسۇن! خەيرىلىك ئىشنى كېچىكتۈرمەي يا بىسمىللا دەپ ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ - ئېرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ جەلىپكار خوتۇن، پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ مىھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈن قازان بېشىغا ئۆتۈڭ، - دە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوخشىتىپ ھېيتلىق پىلتە قۇيماق (ساڭزا) سىلىڭ! بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستا ساڭزا ھەم قىيىقچا سىلىشنىڭ تەپسىلىي ھەم ئاسان ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان. خانىم-قىزلارمۇ ئۆز تەجىربىلىرىنى بايان قىلىشقان. قېنى خوش ئەمىسە بۇ يەرگە مەرھەمەت قىلىشقايلا!
http://www.80halta.com/article/383.htm
ئېلان بېرىشكە باھانە چىقىپتۇ ھەكىمگە ( چىراپ ئىپادىسىنى قاچان ئىشلەتكىلى بولار؟) بىكارچى بىلەتتىغۇ تاماق ئىتىشنى ،بۇرۇن پولۇ ئىتىشنىمۇ يۇللىغانتى
ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لەڭمەننى سۇغا ساسىڭىز لەڭمەن،ياغقا ساسىڭىز ساڭزا بۇلدو
يىگىتى يوق قىزلار زىيالىنى ئوبدانراق ئويلىشىپ كۆرۈڭلار جۇمۇ~~~ پولو بوش بولۇپ قالسا شويلا دەپ، سۇيقاش قويۇق بولۇپ قالسا سومەن دەپ ئەكىلىپ بەرسە ئوخشاپتۇ دەپ يەيدىغان ئەر تاپماق ئوڭاي ئەمەس