suzuk يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:12:50

[ئېھتىماللىق] كىمنىڭ توغرا

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، مەلۇم بىر تۈرمىدە ئۈچ نەپەر مەھبۇس بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يۇرتقا يېڭى پادىشاھ تەختكە چىقىپتۇ. پادىشاھ تۈرمىدىكى ئۈچ نەپەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان مەھبۇستىن بىرنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. تۈرمە باشلىقلىرى ئۈچ مەھبۇستىن خالىغان بىرىنى تاللاپ بېكىتىپ، نەتىجىنى گۇندىپايغا ئېيتىپ بېرىپ، قارار ئېلان قىلىنغۇچە مەھبۇسلارغا ئېيتماسلىقنى سوراپتۇ.



ئا گۇندىپايدىن" مەن قويۇپ بېرىلەمتىم" دەپ سوراپتۇ. گۇندىپاي جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپتۇ. ئەتىسى ئا گۇندىپايدىن " ب قويۇپ بېرىلەمدۇ" دەپ سوراپتۇ. گۇندىپاي سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن " ياق ئۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.



ئا بۇنى ئاڭلاپ " ب ئۆلتۈرۈلسە س بىلەن ئىككىمىزدىن بىرىمىز قويۇپ بېرىلىمىز، ئۇنداقتا مېنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىم 21 بولىدىكەن" دەپ خوشال بولۇپتۇ.



گۇندىپاي بولسا مۇنداق ئويلاپتۇ " قويۇپ بېرىلىدىغىنى پەقەت بىر، ب بىلەن س دىن ئاز دېگەندەبىرى ئۆلتۈرىلىدۇ، شۇڭامېنىڭ ئا غا بەرگەن جاۋابىم ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش بېرىلمەسلىكى توغرىسىدا ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىمىدى" (يەنى ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى 31)



قېنى ئويلاپ بېقىڭ، گۇندىپاي بىلەن ئا مەھبۇستىن قايسىسىنىڭ تەھلىلى توغرا؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:22:11

ب نى ئۆلتۈرۈلىدۇ دەپ ئىنىق جاۋاب بېرىپتىغۇ،ئەگەر گېپى راست بولسا ئا بىلەن س دىن بىرى چوقۇم قويۇپ بېرىلىدۇ دىگەن گەپ بولىدۇ،شۇڭا مېنىڭچە21دىگىنى توغرا.(بىلمىدىم بۇ سۇئالنىڭمۇ ئەگىتىپ جاۋاب بېرىدىغان ئۇسولى بارمۇ يوق،يۈزەكى ئويلىنىلسا مەھبۇسنىڭ جاۋابى مېنىڭچە توغرا)

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:50:17

گۇندىپاي ئاللىبۇرۇن ئا مەھبۇسقا بنىڭ ئۆلتۈرلىدىغىنىنى ئاشكارلاپ قويغان .


شۇڭا گۇناىپاينىڭ ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش بېرىلمەسلىكىنىڭ ئېھتىماللىقى ئۈچتىن بىر دەپ ھېساپلىغىنى خاتا ،پەقەت ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش -بېرىلمەسلىكى ئېنىق ئەمەس دەپ ئويلىغىنى توغرا.


شۇڭا مەھبۇسنىڭ ئويلىغىنى توغرا.


dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:04:42

گۇندىپاي:ئا مەھبۇسقا جاۋاب بەرگەندە \"ب ئۆلتۈرۈلىدۇ\" دېدى. ئاندىن ئۆزى تەھلىل قىلغاندا \"ب بىلەن س دىن ئاز دېگەندەبىرى ئۆلتۈرىلىدۇ\" دېدى. بۇنداقتا س ھايات قالدى دېگەن گەپ. ئا بىلەن ب ئۆلتۈرۈلىدۇ.


دېمەك ئا مەھبۇس گەرچە 21 ئېھتىماللىقنى ئويلاپ خۇشال بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئېنىق.


ئا ھايات قالمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تەھلىلى توغرا چىقمىدى، گۇندىپايمۇ ب مەھبۇسنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاپ سىر ساقلىيالمىدى.


شۇڭا، ھەر ئىككى تەھلىل توغرا نەتىجىگە ئېرىشتى دېگىلى بولمايدۇ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:05:33

بۇنۇڭدا ئا ئۆلتۈرۈلىدۇ،چۈنكى ئانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى مەخپى تۇتلىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 18:21:41

ئىككىلىسىنىڭ توغرا. گۇندىپاينىڭ كۆزدە تۇتقىنىدا ئۈچ مەھبۇسنىڭ ئىچىدە ب نىڭ قۇيۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى، ب مەھبوسنىڭ ئويلىغىنىدا ئىككى مەھبوسنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى. شۇڭا ئىككىلىسى توغرا.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 18:39:03

شەرت ئېھتىماللىقى بويىچە تاپىمىز.

ئېھتىماللىق كەسپى ئوقۇغانلار تەپسىلى ئىشلەش باسقۇچى بىلەن تەمىنلەپ باقساڭلار......

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 20:05:37

ھېچنىمە يوللىمىسام ئىنكاسىم تۇرىدىيا ماۋۇ يەردە،بوش ئورۇن شەكلىدە.

xahmatqi يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 02:26:15

بۇ مەسىلىدە 2 شەرت بار . 1- شەرت : ب چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ.   2-شەرت : ب بىلەن س دىن كېمىدە بىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ.

1- شەرت بويىچە ب چوقۇم ئۆلتۈرۈلگەنىكەن، ئۇنداقتا مۇنداق 2 خىللا ھالەت شەكىللىنىدۇ : 1- ھالەت ... ئا بىلەن ب ئۆلتۈرۈلۈپس ھايات قالىدۇ ؛2- ھالەت .... ب بىلەن س ئۆلتۈرۈلۈپ ئا ھايات قالىدۇ ؛2- شەرتتە ب بىلەن س دىن كېمىدە بىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ دېيىلگەن ، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان يۇقىرى 2 ھالەتتىن ، «ب بىلەن س دىن كېىمىدە بىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن ھادىسىنىڭ   يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ 1 بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. «ب بىلەن س دىن كېىمىدە بىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن ھادىسە بىلەن «ب بىلەن س دىىن بىرىمۇ ئۆلتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ھادىسە قارىمۇ - قارىشى ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. قارىمۇ قارشى ھادىسىلەرنىڭ يىغىندىسى 1 بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، « ب بىلەن س دىن بىرىمۇ ئۆلتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى 0 بولىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، ب بىلەن س چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ. دېمەك ئا چوقۇم ھايات قالىدۇ. شۇڭا ئا نىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى 1 بولىدۇ.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 15:09:49

جاۋابى: گۇندىپاينىڭ توغرا.


بۇ يەردە تاپماقچى بولغىنىمىز [گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى دېگەن شەرت ئاستىدىكى ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى]. بۇ شەرت ئېھتىماللىقىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە [گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى] دېگەن ھادىسە بىلەن [ئا قويۇپ بېرىلىدۇ] دېگەن ھادىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ گۇندىپاينىڭ ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ.



گۇندىپاينىڭ ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيىشى مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ئا قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى؛ ئا قويۇپ بېرىلمەكچى بولغاندا ب بىلەن س دىن خالىغان بىرىنى تاللاپ ئا غا ئېيتىپ بېرىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى كۆپەيتىلگەن ئا قويۇپ بېرىلمەكچى بولغاندا گۇندىپاينىڭ ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيىشىنىڭ ئېھتىماللىقى31*21=61؛   2. س قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى، س قويۇپ بېرىلمەكچى بولغاندا ئا غا ھەرگىز سەن ئۆلتۈرىلىسەن دېمەيدۇ، پەقەت ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيەلەيدۇ، شۇڭا ئېھتىماللىقى س نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى كۆپەيتىلگەن گۇندىپاينىڭ س قويۇپ بېرىلمەكچى بولغانداب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيىشىنىڭ ئېھتىماللىقى 31 *1=31   3. ب قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى، بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە، شۇڭا ئېھتىماللىقى 0


يىغىپ كەلسەك گۇندىپاينىڭ ئا غاب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيىشىنىڭ ئېھتىماللىقى 61+31=21



گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇدېدىدېگەن شەرت ئاستىدا ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى 21*31نىڭ 21 گە نىسپىتى يەنى 31 بولۇپ، گۇندىپاي ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش بېرىلمەسلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن بولىدۇ.



ماتىماتىكىدا كۆپ نەرسىلەر سىزنىڭ ھېسسى سېزىمىڭىزغا ئوخشىمايدۇ، بەزىدە تۈپتىن قارىمۇقارشى چىقىپمۇ قالىدۇ.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-8-31 22:43:26

تېما مەزمۇنىدا ؛


   ... ئا بۇنى ئاڭلاپ \" ب ئۆلتۈرۈلسە س بىلەن ئىككىمىزدىن بىرىمىز قويۇپ بېرىلىمىز، ئۇنداقتا مېنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىم 21 بولىدىكەن\" دەپ خوشال بولۇپتۇ.



گۇندىپاي بولسا مۇنداق ئويلاپتۇ \" قويۇپ بېرىلىدىغىنى پەقەت بىر، ب بىلەن س دىن ئاز دېگەندەبىرى ئۆلتۈرىلىدۇ، شۇڭامېنىڭ ئا غا بەرگەن جاۋابىم ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش بېرىلمەسلىكى توغرىسىدا ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىمىدى\" (يەنى ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى 31)



قېنى ئويلاپ بېقىڭ، گۇندىپاي بىلەن ئا مەھبۇستىن قايسىسىنىڭ تەھلىلى توغرا؟


-------------------------------------------------------------------------


suzukنىڭ   9- قەۋەتتىكى ئىنكاسىدا ؛


جاۋابى: گۇندىپاينىڭ توغرا.


گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇدېدىدېگەن شەرت ئاستىدا ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى 21*31نىڭ 21 گە نىسپىتى يەنى 31 بولۇپ، گۇندىپاي ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش بېرىلمەسلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن بولىدۇ.



ماتىماتىكىدا كۆپ نەرسىلەر سىزنىڭ ھېسسى سېزىمىڭىزغا ئوخشىمايدۇ، بەزىدە تۈپتىن قارىمۇقارشى چىقىپمۇ قالىدۇ.


=========================================================================


   مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ؛


گۇندىپاي ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ، لېكىنب نىڭ ئۆلتۈرىلىدىغانلىغىنى ئېنىق دىگەن . بۇ يەردە قويۇپ بېرىلىدىغىنىئابىلەنس   دىن بىرسى .شۇڭا ئانىڭ قويۇپ بېرىلىشئېھتىماللىغى21بولىدۇ .   


چۈشەنمىگىنىم ؛ سىز يەنە   < ...ب ئۆلتۈرىلىدۇدېدىدېگەن شەرت ئاستىدا ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى   21*31نىڭ 21 گە نىسپىتى يەنى 31 بولۇپ،...>دەپسىز ،بنىڭئۆلتۈرىلىشى ئېنىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىغىنىمە ئۈچۈن يەنىلا   31بولىدۇ ؟


suzuk خانىم (خانقىز )   چۈشەنچە بەرسىڭىز ، رەھمەت .

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 12:02:48

سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسى سېزىمىڭىز بويىچە ئىككىدىن بىرنى تاللاپ ئېھتىماللىقى ئىككىدىن بىر بولىدۇ دەۋاتىسىز، باشتىكى جاۋابتا سىز سورىغان سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بار. بولسا شەرت ئېھتىماللىقى 条件概率دېگەن ئۇقۇملارنى ئىگەللىسىڭىز چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بولىشى مۈمكىن

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 20:33:52

رەھمەت .


دىگەنلىرىڭىزنى ئاساسەن چۈشەندىم .


< ...ب ئۆلتۈرىلىدۇدېدىدېگەن شەرت ئاستىدا ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى   21*31نىڭ 21 گە نىسپىتى يەنى 31 بولۇپ،...>   


21چوقۇم31دىن چوڭ بولىدۇ . ب نىڭ ئۆلتۈرىلىشى ئېنىق بولغان ئەھۋالدا ، ئا نىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىغى چوڭ بولىدۇ.يەنىگۇندىپاي ھىچنىمە دىمىگەن ۋاقىتتا ئانىڭ ئۆلتۈرىلىش ئېھتىماللىغى   32بولسا (يەنى ،ھايات قېلىش ئېھتىماللىغى 31 بولىدۇ )   دۇرۇس بولاتتى . يالغۇزئانىڭلا ئەمەس ، بۋە سلارنىڭمۇئۆلتۈرىلىشئېھتىماللىغى   32بولىدۇدەپئويلايمەن . چۈنكى3ئادەمدىن 2 سىئۆلتۈرىلىدۇ . ب نىڭئۆلتۈرىلىشى ئېنىق بولغاندىن كېيىنبنىڭ ھايات قېلىشئېھتىماللىغى0بولىدۇ . ئەمدى گەپ ئابىلەنسئۈستىدەقالىدۇ . شۇنداقبولغان ئىكەنمەيلى ئابولسۇن ياكى سبولسۇنھايات قېلىشئېھتىماللىغى ياكىئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىماللىغىچوقۇم21بولىدۇ( بىز بۇنى گۇندىپايدىن بنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغانلىغىنى بىلىۋالغانئانىڭئورنىدا تۇرۇپتەھلىلقىلىۋاتىمىز ) .


مەن يۇقۇرقى ئېيتقانلىرىمنى توغرا دەپ قارايمەن ، جاھىللىغىمنى كەچۈرگەيسىز . قايىل قىلارلىق چۈشەنچىلىرىڭىز بولسائەستايىدىل كۆرۈپ چىقىمەن . قايىل بولسام دەرھال قوبۇل قىلىمەن . توغرىسىنى بىلىۋىلىش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى دەپ ئويلايمەن .رەھمەت

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 21:59:04

تەھلىلىڭىز توغرا، بىراق بىر يەرگە دىققەت قالماي قالدىڭىز، سۇئالدا سورالغىنى گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېگەندە، ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى يەنى گۇندىپاينىڭ ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېگەن سۆزى ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق، سىزنىڭ جاۋاب بەرگىنىڭىز بولسا، ب ئۆلتۈرۈلگەندە ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى. گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى دېگەن ھادىسە بىلەن ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېگەن ھادىسە تەڭ ئەمەس.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-9-1 22:17:50

چۈشەنچە بەرگېنىڭىزگە رەھمەت .


ئەگەر< ...گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېدى دېگەن ھادىسە بىلەن ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېگەن ھادىسە تەڭ ئەمەس.> بولسا ، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم توغرا چىقمايدىكەن. چۈنكى مەن< ... گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇدېدى... >دىگەنئۇقۇمنىتەھلىلىمنىڭ ئاساسى قىلغان ئىدىم .ۋاقت چىقىرىپ < شەرت ئېھتىماللىقى 条件概率دېگەن ئۇقۇملارنى > كۆرۈپ قويسام بولغىدەك .



   تېما ۋە ئىنكاسلارنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ ، باشتا دەررۇ ھىس قىلالمىغان بىر مەسىلىنى ھىس قىلىپ قالدىم .


گۇندىپايبئۆلتۈرىلىدۇ دىسۇن ياكى جاۋاپ بەرمىسۇنبۇ يەردەئانىڭ ئۆلتۈرىلىشى ياكى ھايات قېلىشىغا ھىچقانداق ئېنىقئۇچۇر بېرىلمەيدىكەن . چۈنكى ، ئابۇ ئۇچۇرنى بىلىشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوخشاشلائىككى ئادەمنىڭ ئۆلتۈرىدىغانلىغىنى بىلىدۇ .مەيلى ب بىلەن بىللە ئۆلسۇن ياكى سبىلەن بىللە ئۆلسۇن بۇ بەرىبىر .گۇندىپايدىن ئۇچۇرنى بىلگەندىن كېيىن ئا نىڭكاللىسىدا ئېنىق بولۇپ قالغىنى ؛ ياكى ببىلەن ئۆلۈش ،ۋەياكىببىلەنسنىڭئۆلتۈرىلىشى .دىمەك ، ئانىڭ كاللىسىدىكى ئۆلۈم ۋەھىيمىسى يەنە ئوخشاشلامەۋجۇت . لېكىن پەرق شۇكى ، ئا نىڭئۆلتۈرىلىش ئېھتىماللىغىبۇرۇنقى32   دىنھازىرقى   21 گەچۈشىدۇ .ھايات قېلىش ئېھتىماللىغىمۇبۇرۇنقى   31 دىن ھازىرقى21 گە چىقىدۇ .



ماتىماتىكىدا كۆپ نەرسىلەرنىڭبىزنىڭ ھېسسى سېزىمىمىزغا ئوخشىمايدىغانلىغىغا ، بەزىدە تۈپتىن قارىمۇ - قارشى چىقىپمۇ قالىدغانلىغىغائىشەندىم .


   پۇرسەت بولسا يەنە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشارمىز .


ئىلمىڭىز ۋە زىھنىڭىز تېخىمۇئۆتكۈر ، ئەقلىڭىز ۋە بەختىڭىز تېخىمۇزىيادە بولغاي . مەسئۇلىيەتچانلىغىڭىز ۋە ئەستايىدىللىغىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت !

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 15:04:14

سۇئال شۇنداق ئېنىقكەنتۇق بولمىسا ، جاۋابلاردىن قېيىپلا كەتتىما ......\"\"

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2011-9-4 16:00:01

گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دىسۇن ياكى جاۋاپ بەرمىسۇن بۇ يەردە ئا نىڭ ئۆلتۈرىلىشى ياكى ھايات قېلىشىغا ھىچقانداق ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمەيدىكەن . چۈنكى ، ئا بۇ ئۇچۇرنى بىلىشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلتۈرىدىغانلىغىنى بىلىدۇ . مەيلى ب بىلەن بىللە ئۆلسۇن ياكى س بىلەن بىللە ئۆلسۇن بۇ بەرىبىر . گۇندىپايدىن ئۇچۇرنى بىلگەندىن كېيىن ئا نىڭ كاللىسىدا ئېنىق بولۇپ قالغىنى ؛ ياكى ب بىلەن ئۆلۈش ، ۋەياكى ب بىلەن س نىڭ ئۆلتۈرىلىشى . دىمەك ، ئا نىڭ كاللىسىدىكى ئۆلۈم ۋەھىيمىسى يەنە ئوخشاشلا مەۋجۇت . لېكىن پەرق شۇكى ، ئا نىڭ ئۆلتۈرىلىش ئېھتىماللىغى بۇرۇنقى 32 دىن ھازىرقى 21 گە چۈشىدۇ . ھايات قېلىش ئېھتىماللىغىمۇ بۇرۇنقى 31 دىن ھازىرقى 21 گە چىقىدۇ .


----------------------------------------------------------------


بېشىدا توغرا سۆزلەپ كېلىپ ئاخىرىدا ئازراق قېيىپ كېتىپسىز. ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ئا گۇندىپايدىن ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش قالماسلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدى. گۇندىپاي ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېيىشتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى31 ئىدى، ب ئۆلتۈرىلىدۇ دېگەندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا 31 ، ب ئۆلتۈرۈلسە ئاندىن سىز ئېيتقاندەك 21 گە چىقىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 04:40:21

ئا ب س دەپ قايدۇرۇپ كەتتىڭىز،زادى كىمنى چاپىمەن\"\"


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-5 04:41:29

ئا ب س دەپ ئۇلارنىڭ ئەرزان ئېيتىپ قويغان ئىسمى يوقمىكەن؟


ئۈستىڭىزدىن گۇناھكارلارنى خارلىغان دەپ ئەرز قىلىمەن\"\"

بەت: [1]
: [ئېھتىماللىق] كىمنىڭ توغرا