rufine يوللانغان ۋاقتى 2011-8-14 21:08:27

ھەزىل سۇئاللار[كۆچۈرۈلمە]

1-قانداق كېسەل داۋالىنىپمۇ پۇل تۆلىمەيدۇ؟



2-قانداق ۋاقىتتا  بىر توننا
پاختا بىر توننا  كۆمۈردىن ئېغىر بولىدۇ؟



3-قانداق خاتالىقنى مەڭگۈ
تۈزەتكىلى بولمايدۇ؟



4-ئالدىغا ماڭماستىن ،ئەكسىچە ئارقىغا  داجىيدىغانلار
ئۇتىدىغان قانداق ئويۇن؟



5-قانداق يول ھەممە يەرگە تۇتاشسىمۇ ماڭغىلى
بولمايدۇ؟



6-ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەتىگەندە ئويغىنىپلا  قىلىدىغان تۇنجى  ئىشى
نېمە؟



7-قانداق  كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا سۇ يوق؟



8-قانداق نەرسە
يېشىلگەنسېرى خۇش بولىمىز؟



9-نۇرغۇن نەرسە قىزىتىلسا ئېرىپ
كېتىدۇ.قىزىتىلسا قېتىۋالىدىغان نەرسە نېمە؟



             «قىزىقارلىق سۇئال
-جاۋاپلار»دىن

joey818 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-14 22:44:24

1-نېرۋا كېسەل.


2-مەڭگۈ ئېغىر بولالمايدۇ.


3-تۈنۈگۈنكى خاتالىقنى.


4-````````


5-توك يولى.


6-كۆزىنى ئېچىش.


7-天桥

8-تۈگۈن.


9-سىز...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-8-14 22:47:23

1.


2. خاتا ھېسابلىغاندا


3. ئۆتكۈزۈپ بولغان خاتالىقنى


4. ئارقان تارتىش


5. توسۇپ قويغان يول


6. كۆزىنى ئېچىش


7.ئۈرۈمچىدىكى ساي يولىدىكى كۆرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستىدا سۇ يوق


8. قېيىن مەسىلە


9.



دەمانلىققا كاللامغا كەلگەنلىرى مۇشۇ .

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 01:56:40



1-قانداق كېسەل داۋالىنىپمۇ پۇل تۆلىمەيدۇ؟  


    ھورۇن مۇشۇك (يوقاپ كەتتا بۇ سەكسەنخالتا ).



2-قانداق ۋاقىتتا  بىر توننا
پاختا بىر توننا  كۆمۈردىن ئېغىر بولىدۇ؟


يامغۇر ياغسا



3-قانداق خاتالىقنى مەڭگۈ
تۈزەتكىلى بولمايدۇ؟


ئۆتكۈزۈپ بولغاننى



4-ئالدىغا ماڭماستىن ،ئەكسىچە ئارقىغا  داجىيدىغانلار
ئۇتىدىغان قانداق ئويۇن؟


ئىككى بەغەرەزنىڭ مەھەللە دوقمۇشىدا ئولتۇرۋېلىپ بىكارچىلىقتىن \"كازافى\" غا تىل تەككۈزمە جۇما دەپ بىر بىرىگە قاس - قۇس سېلىشىۋاتقان تىپىك مىللىچە جېدەللىرىمىز .

5-قانداق يول ھەممە يەرگە تۇتاشسىمۇ ماڭغىلى
بولمايدۇ؟


توك يولى



6-ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەتىگەندە ئويغىنىپلا  قىلىدىغان تۇنجى  ئىشى
نېمە؟


كۆزىنى ئېچىش



7-قانداق  كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا سۇ يوق؟


دۆڭكۆۋرۇكنىڭ



8-قانداق نەرسە
يېشىلگەنسېرى خۇش بولىمىز؟


خەقنىڭ ئۆيىدىن چىقماقچى بولغاندا ئارقىڭىزدا بىر توپ كىشىلەر سىزنىڭ ئايىقىڭىزنى كىيۋېلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا  ،  قېيىشقاندەك ئايىقىڭىزنىڭ يىپى چىگىلىشىپ قالدى ........



9-نۇرغۇن نەرسە قىزىتىلسا ئېرىپ
كېتىدۇ.قىزىتىلسا قېتىۋالىدىغان نەرسە نېمە؟


چالا ئاشپەز قازانغا سالغان گوش



            




toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 07:52:09

جەۋلاننىڭ جاۋابى قىزىق چىقىپتۇ

ZILTAR يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 08:20:38


rufineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1-قانداق كېسەل داۋالىنىپمۇ پۇل تۆلىمەيدۇ؟

يۈز پىرسەنت داۋالىنىش كاپالىتى بار كېسەل




2-قانداق ۋاقىتتا بىر توننا پاختا بىر توننا كۆمۈردىن ئېغىر بولىدۇ؟


پاختا باشلىقنىڭ ، كۆمۇر پۇقرانىڭ بولسا



3-قانداق خاتالىقنى مەڭگۈ تۈزەتكىلى بولمايدۇ؟


خاتا ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمىگەن خاتالىقنى



4-ئالدىغا ماڭماستىن ،ئەكسىچە ئارقىغا داجىيدىغانلار ئۇتىدىغان قانداق ئويۇن؟


كەينىگە داجىش ئويۇنى



5-قانداق يول ھەممە يەرگە تۇتاشسىمۇ ماڭغىلى بولمايدۇ؟


خەرىتىدىكى يول



6-ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەتىگەندە ئويغىنىپلا قىلىدىغان تۇنجى ئىشى نېمە؟


كۆزىنى ئېچىش



7-قانداق كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا سۇ يوق؟


ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ



8-قانداق نەرسە يېشىلگەنسېرى خۇش بولىمىز؟


ئىشتانباغ



9-نۇرغۇن نەرسە قىزىتىلسا ئېرىپ كېتىدۇ.قىزىتىلسا قېتىۋالىدىغان نەرسە نېمە؟


قىزبالا(ھە دەپ قويسا قېتىۋالدۇ ، قويەلا دېگەندىن كېيىن يالۋۇردۇ)




GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 11:42:37

ziltar ئاداش ، سېنىڭ ئىشتانبېغىڭ يېشىلگەنسىرى خوش بولامسە؟ \"\"

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 12:03:14

4-ئالدىغا ماڭماستىن ،ئەكسىچە ئارقىغا داجىيدىغانلار ئۇتىدىغان قانداق ئويۇن؟


ئارقان تارتىش ئويۇنى



ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:23:30

زىلتار ئۈكەم  شۇنداق بوشما بىغىڭ

dilraba يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:40:01

ھاھاھاھاھ...............ئىشتان باغ دىگىنى بەك قىززىق چىقىپتۇ

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 09:22:08

1-قانداق كېسەل داۋالىنىپمۇ پۇل تۆلىمەيدۇ؟

--دولەت باشلىقى (جۇڭگودا)

2-قانداق ۋاقىتتا بىر توننا پاختا بىر توننا كۆمۈردىن ئېغىر بولىدۇ؟

-- ئاي شارىدا ئولچىگەندە

3-قانداق خاتالىقنى مەڭگۈ تۈزەتكىلى بولمايدۇ؟

--ئادەم ئولتۇرگەن خاتالىقنى







7-قانداق كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا سۇ يوق؟

-- تور كوۋرۇك 网桥 نىڭ


8-قانداق نەرسە يېشىلگەنسېرى خۇش بولىمىز؟

--تۇگۇن

9-نۇرغۇن نەرسە قىزىتىلسا ئېرىپ كېتىدۇ.قىزىتىلسا قېتىۋالىدىغان نەرسە نېمە؟


--تۇخۇم

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 10:45:25

man_sarangنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2-قانداق ۋاقىتتا بىر توننا پاختا بىر توننا كۆمۈردىن ئېغىر بولىدۇ؟

-- ئاي شارىدا ئولچىگەندە







جىسىمنىڭ ماسسىسى ئادەتتە مۇقىم بولىدۇ ، (تۆۋەن تىزلىكتە ). ئىغىرلىقى (توغۇرسى ئىغىرلىق كۇچى )جىسىم ئۇچرىغان تارتىشىش كۇچى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ .


قىسقىسى ئاي شارىدىكى قوش تەخسىلىك تارازىدا بىر توننا پاختا بىلەن بىر كۆمۇر تارازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇلسا ، ئۇلار تەڭپۇڭ تۇرىدۇ .  چۇنكى بىر توننا  ئىغىرلىقتىكى جىسىم  ئۇچرىغان تارتىش كۇچى ئوخشاش بولىدۇ .


ئاي شارىدىكى تارتىش كۇچى يەر شارىدىكىنىڭ ئالتىدىن بىر ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ .


يەر شارىدىكى 60 كىلوگىرام جىسىم ئاي  شارىدا 10 كىلوگىرام كىلىدۇ .





ئەمدى سۇئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك ، يامغۇر ياغقاندا ئۆلچىسە ، پاختا تومۇردىن ئىغىر كېلىشى   مۇمكىن ....

بەت: [1]
: ھەزىل سۇئاللار[كۆچۈرۈلمە]