Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-8-14 11:52:21

سىمسىز سىن ئۇزىتىش تېخنىكىسى WiDi نى بىلەمسىز؟[كۆچۈرۈلمە]


بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا WiFi دېگەن ئۇقۇم ھازىرچە يېڭىلىق ئەمەس. بۇ ئۆزى نەچچە يىللىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ كىردى. بۇرۇن پەقەت لەپتوپلاردا بولىدىغان بۇ تېخنىكا ھازىر ئەقىللىق تېلىفونلاردا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئايفون مۇشۇلارنىڭ بىرسى. ئەمدىلىكتە intel شىركىتى WiDi دەپ يېڭىدىن بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى.



WiDi دېگەن نېمە؟


WiDi بولسا Intel WirelessDisplay نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى. بۇ سىمسىز ئۇچۇر يەتكۈزۈش تېخنىكىسى بولغان Wireless ئارقىلىق سىن سېگنالىنى لەپتوپ ۋە چوڭ ئېكران ئارىسىدا باغلايدىغان تېخنىكا. بۇ intel نىڭ خاس تېخنىكىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى Core i3, i5, i7 قاتارلىق بىر قىسىم CPU لار بۇ خىل تېخنىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.


WiDi نېمە ئىش قىلالايدۇ؟


بايا ئېيتقاندەك WiDi سىمسىز سىن يەتكۈزۈش تېخنىكىسى بولۇپ، بىز مۇشۇ خىل ئىقتىدارى بولغان لەپتوپ ئارقىلىق لەپتوپ ئېكرانىدىكى ئۇچۇرلارنى WiFi (ئەمەلىيەتتە WiDi مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇچۇر تارقىتىدۇ) ئارقىلىق قوبۇللىغۇچقا تارقىتىمىز. قوبۇللىغۇچ بۇ سېگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن HDMI ياكى S ئېغىزى ئارقىلىق بۇ سىننى TV ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان چوڭ ئېكرانلىق كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە يوللاپ بېرىدۇ. بىز بۇنىڭ بىلەن كىچىك ئېكراندىكى سىننى چوڭ ئېكرانغا يوللىيالايمىز. ئىشخانا ساھەسىدە بۇ ئىنتايىن كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بىز مۇشۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق لەپتوپتىكى PPT لەرنى سىمسىز ھالەتتە پرويىكسىيە ئاپاراتى (投影仪) غا بىمالال يوللىيالايمىز دېگەن گەپ. بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سىم ئۇلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. مانا بۇ WiDi نىڭ قىلالايدىغىنى.


WiDi دىن قانداق ھوزۇر ئالىمىز؟


ئەلۋەتتە چوڭ ئېكراندىكى كارامەتلەر ئارقىلىق ھوزۇر ئالىمىز. كومپىيۇتېردىكى سۈزۈك فىلىم، رەسىم ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى WiDi ئارقىلىق چوڭ ئېكرانغا يوللاپ راۋان ۋە سۈزۈك بولغان HD ھوزۇرىنى سۈرەلەيمىز. بۇ پەقەت كومىيۇتېردىكى ئۇچۇر ۋە مەزمۇنلار بولۇپ قالماستىن تور دۇنياسىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


Core i ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن HD سىن كارتىسىدا مۇكەممەل بولغان HD يەشكۈچى بار بولۇپ، نۆۋەتتىكى HD فىلىملىرىنى كۆرۈشكە تامامەن يېتىدۇ. مەيلى ئاۋاز ۋە ياكى سىن جەھەتتىن بولسۇن، ناھايىتى كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنى ھاجىتىدىن تولۇق چىقالايدۇ.


intel نىڭ ئىنتايىن قولاي بولغان Intel My-WiFi سىمسىز تور باشقۇرۇش دېتالى ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا WiDi نى باشقۇرالايمىز. بىر كونۇپكا ئارقىلىق سىمسىز ئۈسكۈنىلەر ئارا ئۇلاشتۇرالايمىز.


WiDi نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى قايسى؟


دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىق قىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان WiDi كومپىيۇتېر ۋە سىن ئۈسكۈنىلىرى ئارىسى HD لىك سىن ۋە ئاۋازلارنى يوللاپ بەھرلىنەلەيدۇ. كەلگۈسىدىكى WiDi بولسا كۆپلىگەن ئۈسكۈنىلەر ئارا ھۆججەت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بىمالال ئالماشتۇرۇپ ھەمبەھرلىنەلەيدۇ.


ئەگەر iPhone ۋە iPad لەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان تېخنىكا قوللىنىلسا، ئۇ چاغدا نېمە دېگەن پەيزى ئىش بولاتتى ھە؟


يەكۈن


ئەگەر 5 ئەزانىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە %90 ئادەم چوقۇم كۆزنى تاللىسا كېرەك. چۈنكى كۆز ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا، راستىنلا ئەڭ كاتتا نېئمىتىنىڭ بىرى. كۆزىمىز بىزگە رەڭگارەڭ مەنزىرىلەرنى، گۈزەل كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاتا قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغانىكەن بىز كۆزىمىزنى تېخىمۇ راھەتلەندۈرۈشكە تولۇق ئاساسىمىز بارغۇ دەيمەن؟ ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىز بۇرۇنقى رەڭسىز كۆرسىتىش تېخنىكىسىدىن ھازىرقى HD غا كۆچتۇق. مۇشۇنداق دەۋردە بىز يەنە ئون نەچچە سۇڭلۇق ئاشۇ كىچىككىنە ئېكرانغا تىكىلىپ ئولتۇرساق بىزگە، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا كۆزىمىزگە ئۇۋال بولغان بولىدۇ.


CPU ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھەجمى ۋە سەرپىياتى بارغانسىرى كىچىكلەشكە، ئىقتىدارى بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئىلگىرى ئايرىم قاتتىق دېتال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلارنى CPU ھازىر ئۆزىگىلامۇجەسسەملەۋاتىدۇ. مانا بۇ CPU نىڭ ئىقتىدارىنى قانچىلىك مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. intel نىڭ بۇ تېخنىكىسىغا ئاساسەن ئېيتقاندا كۆرسىتىش كارتىسى CPU نىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بۇنداق بولغاندا كومپىيۇتېرنىڭ ھەجمى ۋە سەرپىياتىنى كىچىلەتكىلى، ئۈنىمىنى يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكىنىڭ پەيدا بولىشى لەپتوپلارغا چوڭ قولايلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.


intel CPU دىكى HD سىن كارتىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىدارى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى تامامەن قاندۇرالايدىكەن. تېخنىكىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ئايرىم كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەشنىڭ ھاجىتى قالمىغۇدەك كۈنلەرمۇ يېتىپ كېلىشى مۇمكىن.


بۇ تېخنىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ سىننى كۆرۈپ چىقىڭ.


(ئايفون ۋە ئايپەد تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)



ئەسلى تېما ئادرىسى: http://www.pasiban.com/intel-wireless-display.html

بەت: [1]
: سىمسىز سىن ئۇزىتىش تېخنىكىسى WiDi نى بىلەمسىز؟[كۆچۈرۈلمە]