مىجىت قەلەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى ، مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە ،| ماڭا مىجىت قەلەمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سېتىش ئادىرىسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار ، بەك جىددىي لازىمتى ، بىر نەچچىنى ئېلىپ ساقلاپ قوياي دېگەن ، بۇگۇن ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە ساتىدۇ دەپ ئاڭلىغان يەرگە بېرىپ قارىسام يوقكەن ، يارىدەم تەلەپ قىلىمەن . 10- يول ئاپتۇبۇسىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بىكىتىدە. ئارمان تاللا بازىرىنىڭ يېنىدىكى چەرچىن دۇكاندىن ئۆتكەندە نەچچە تال ئالغانتىم ، شۇ يەردە بار مەنمۇ بۇرۇن شۇ يەردىن ئالغان،لىكىن ھازىر ئۇدۇكان يوقتەك قىلىدىغۇ؟ماڭا تولۇقتا ئوقۇغاندا بىرنى مۇكاپات بەرگەن، ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمەن.ئىشلىتىپمۇ باقمىدىم.
zeroنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- يول ئاپتۇبۇسىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بىكىتىدە. ئارمان تاللا بازىرىنىڭ يېنىدىكى چەرچىن دۇكاندىن ئۆتكەندە نەچچە تال ئالغانتىم ، شۇ يەردە بار
قايسى زاماندىكى گەپ ئۇ؟
ھازىر يوق ئۇ دۇكان
تەڭرى رەھمەتلىك مىجىت قەلەمنى كەچۈرگەي
ئەرتۈرك ھاجىم تەرجىمھالىنى يازغانىدى، ھەر كاللىدا مىڭ خىيال، دېگەن كىتابىدا. يەرمەنكىدە بەك روھلۇق ئىدى مەرھۇم..ئىتپاق گۈللىكىدىكى تۈرۈك قەھۋەخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر كىتابخانا بار ، ئوغۇز كىتابخانىسغۇ دەيمەن . شۇنىڭ ئىشىكىگە يېزىپ قويۇپتىكەن قايسى كۈنى كۆرگەنتىم تېخى <مىجىت قەلەم 8 سومدىن سېتىلىدۇ> دەپ . شۇ يەرگە بېرىپ بېقىڭ !
sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
zeroنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- يول ئاپتۇبۇسىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بىكىتىدە. ئارمان تاللا بازىرىنىڭ يېنىدىكى چەرچىن دۇكاندىن ئۆتكەندە نەچچە تال ئالغانتىم ، شۇ يەردە بار
قايسى زاماندىكى گەپ ئۇ؟
ھازىر يوق ئۇ دۇكان
تەڭرى رەھمەتلىك مىجىت قەلەمنى كەچۈرگەي
\"نىمە رەھمەتلىك نىمىنى كەچۈرگەي\"،تۈزۈك،توغرا گەپنى ئىشلىتىپ ئىنكاس يېزىڭە سانسارە ئەپەندىم،بىر ئ.الىي مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ئادەمدەك!
مىجىتكام توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرەلەيدىغانلار بارمۇ ؟ مىجىت قەلەم يېڭى چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈن بازارنى سىرتى چىرايلىق ئىشلەنگەن باھاسى ئەرزان ساختا مىجىت قەلەملەر قاپلاپ كەتكەندىلا كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەن ئىدى...كېيىن مىجىتكامنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ...لېكىن تەپسىلاتىنى بىلمەيدىكەنمەن... مەنمۇ ئۇقىۋاتقان مەزگىلىمدە مۇشۇ ئاكىمىز ئىجاد قىلغان مىجىت قەلەمدە خەت يىزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇقىۋاتقان چاغلاردا مەندە نەچچىسى بار ئىدى. ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ يوقۇتۇپ قويدۇم. ھازىر تېخى بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قۇيۇش نىيتىم بار ئىدى. رەھمەتلىك ئاكىمىزنىڭ ۋاپات بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھازىر مۇنبەردىن كۇرىۋاتىمەن. كۆڭلۇم بىر قىسىملا بۇلۇپ قالدى دىسە؟ رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتە بولغاي! ساختا قەلەملەر بېشىغا چىقتى.
راست بولسا مۇشۇ ئاكىمىز توغرىسىدا تەپسىلىرەك مەلۇمات بېرىدىغانلار بولسا مەلۇمات بەرسەڭلار بوپتىكەن !!! بۇ ئاكىمىزمۇ ھەرھالدا خىلى ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئىش قىلغان ئىدى . ئۇلۇغ ئاي ،ئۇلۇغ كۈنلەردە داڭلىقلىرىمىزنى ئەسلەپ قويايلى .
ئېسىت قەلەم.

7- قەۋەتتىكى tashademنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىتپاق گۈللىكىدىكى تۈرۈك قەھۋەخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر كىتابخانا بار ، ئوغۇز كىتابخانىسغۇ دەيمەن . شۇنىڭ ئىشىكىگە يېزىپ قويۇپتىكەن قايسى كۈنى كۆرگەنتىم تېخى <مىجىت قەلەم 8 سومدىن سېتىلىدۇ> دەپ . شۇ يەرگە بېرىپ بېقىڭ !
رەھمەت تاش ئادەم .
تۆۋەندىكى ئادرىستىن ، توردا بىۋاستە سېتۋىلىشقا بولىدىكەن ، لازىملار پايدىلىنارسىلەر .
http://item.taobao.com/item.htm?spm=1103RwoU.1-3F_Cm.b-1P3TTA&id=13375813066
http://item.taobao.com/item.htm?id=9712391575