crisis1980 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 12:31:28

مائارىپ بالىلارغا زادى نېمە بېرىدۇ؟

1987-يىلى يانۋاردا، 75نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار فرانسىيىنىڭ ئاستانىسى پارىژدا بىريىغىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.مۇراسىم ۋاقتىدا بىر كىشى ،بىرنەپەر ئالىمدىن :« سىز قايسى ئالى مەكتەپتە ياكى قايسى تەتقىقات ئورنىدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىنى ئۆگەندىڭىز؟» دەپ سورايدۇ.

بۇ چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان ئالىم ،ھېلىقى سوئال سورىغۇچى ھېچبىر ئويلاپ باقمىغان جاۋابنى بىرىدۇ:«يەسلىدە»

سوئال سورىغۇچى ھەيران قالىدۇ:«يەسلىدە نېمە ئۆگەندىڭىز شۇنچە مۇھىم؟»

ئالىم جاۋاب بېرىدۇ:«يەسلىدە ، ئۆزەمدە بار نەرسىلەرنىڭ بىرقىسمىنى دوستلىرىمغا بۆلۈپ بېرىشنى، ئۆزۈمنىڭ بولمىغان نەرسىنى ئېلىۋالماسلىقنى، نەرسىلەرنى رەتلىك قويۇشنى، تاماقلىنىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇشنى، تاماقتىن كېيىن بىرئاز ئارام ئېلىشنى، خاتالىق سادىر قىلىپ قويغاندا ئېتىراپ قىلىشنى، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئىنچىكە كۆزىتىشنى ئۆگەندىم. يىغىپ ئېيتقاندا ، مېنىڭ ھازىرغىچە ئۆگەنگەن ھەممە نەرسەم مۇشۇلارشۇ!»

ئەينى ۋاقىتتا ،شۇ سورۇندىكى باشقا نوبېل ساھىبلىرىمۇ ،بۇ ئالىمنىڭ قاراشلىرىنى بىردەك قۇۋۋەتلىگەن ئىكەن.


بۇ مەن بۈگۈن بىر خەنچە مۇنبەردە ئوقۇغان «يەسلى ۋە نوبېل مۇكاپاتى» دېگەن ماقالىنىڭ بىر بۆلىكى ، مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئېينىشتىيىننىڭ «ئادەم يەسلىدىن تاكى ئالى مەكتەپتىكىگىچە ئۆگەنگەن بارلىق بىلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەندە ،ئىشىپ قالغان نەرسە دەل مائارىپ بولىدۇ» دېگەن سۆزى ئېسىمگە كېلىپ قالدى…


ئۇنداقتا، مائارىپ بالىلارغا زادى نېمە بىرىدۇ؟(ياكى نېمە بېرىشى كېرەك؟)



مەنبە:بلوگىم(ۋەتەن بلوگ)

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 23:09:45

http://weten.me ئېچىلمايدىيا؟

crisis1980 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 14:55:07

yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://weten.me ئېچىلمايدىيا؟

بوشلۇق چەتنىڭ ئىدى، يېقىندىن بۇيان سۈرئەت ئاستىلاپ كەتتىغۇ تاڭ؟!

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 16:37:44

تېمىغۇ ياخشى تېما ئىكەن .   بىراق ئىنكاسلار ....


مائارىپ نېمە بېرەتتى ؟ئۇلارغا ئىشسىزلىق ، ئىقتىدارسىزلىق يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بېرىدۇ . كېچىكىپ توي قىلىش ، كېچىكىپ ئەقىل تېپىش قاتارلىقلارمۇ بار ئەلۋەتتە ...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 17:23:30

ھازىر ئۈرۈمچىدە خېلى ياشلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ 32 ھەرپنى باغلاشتۇرۇپ ئوقۇيالمايدىكەن. ھازىر مەكتەپلەر خەت تونۇشنى چىڭ تۇتمامدىغاندۇ ياكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ساۋادسىزمىدۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 17:45:30

abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر ئۈرۈمچىدە خېلى ياشلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ 32 ھەرپنى باغلاشتۇرۇپ ئوقۇيالمايدىكەن. ھازىر مەكتەپلەر خەت تونۇشنى چىڭ تۇتمامدىغاندۇ ياكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ساۋادسىزمىدۇ؟





سەۋەبى ھەققىدە ... دەپ كەلسەك قايناپ كىتىمىز.

nezeri يوللانغان ۋاقتى 2011-8-13 09:25:51

مائارىپتا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىمىز دەپ شۇئارىمىز بارغۇ بىزنىڭ .
بەت: [1]
: مائارىپ بالىلارغا زادى نېمە بېرىدۇ؟