jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 09:12:19

تەنقىدچى يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت


ئىجادتىن كۆكلىگەن بىخلار



تەنقىدچى يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت






سۆھبەتلەشكۈچى ئابدۇقادىر



ئۆزىنىڭ تەنقىدىي روھقا باي ماقالە -ئوبزورلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىللىككە تونۇلغان ياش ئوبزورچى يالقۇن روزى 1966 -يىلى 3- ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇشنىڭ قەدىمىي سەھرالىرىدىن بىرى بولغان ئاغۇ يىزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.يالقۇن روزى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاغۇ يىزىسىدىكى مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇغان 1980-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان،1982-يىلى ئۇ، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان،بىريىلدىن كىيىن قىزىقىشى بويىچە ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئالماشقان.ئۇنىڭ شائىر قۇربان باراتنىڭ داستانى توغىرسىدا يازغان‹‹ئاق روماللىق پەرىزات›داستانى توغىرسىدا››ناملىق تۇنجى ئەدەبىي ئوبزورى ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چىغىدا‹‹تارىم››ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان،بۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىگە ئالغان تۇنجى قەدىمى ئىدى. .


      يالقۇن روزى 1987-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن.شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنىپ مۇخبىر بولغان،1991-يىلى1- ئايدا‹‹شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى››گە يۆتكىلىپ كىلىپ مۇھەررىر بولغان.ھازىر مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتىدۇ.


         1990-يىللاردىن باشلاپ يالقۇن روزىنىڭ ماقالە- ئوبزورلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گىزىت-ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلىنىپ نامى چىقىشقا باشلىغان.1995-يىلى پىروفېسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان‹‹ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى››ناملىق ماقالىسى ‹‹ئشچىلا ۋاقىت گىزىتى››دە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن جەمىيەتتە زىلزىلە پەيدا قىلغان.1997-يىلى ئۇنىڭ مائارىپچى،تالانتلىق تەشكىلاتچى،ئوت يۈرەك كومپىزوتۇرۋە شائىر مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇم قەلەمكەش مىرئەھمەد سىيىتنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسىدا يىزىپ چىققان تارىخى ئەسىرى‹‹مەمتىلى ئەپەندى›› نەشىر قىلىنىپ زور ئالقىشقا ئىرىشكەن ھەم جەمئيەتتە بىر مەھەل ‹‹مەمتىلى ئەپەندى قىزغىنلىقى›› قوزغىغان.


      يالقۇن روزى‹‹تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما››ناملىق ماقالە-ئوزورلار توپلىمى نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن،ئاساسەن پوبلىستىك ماقالىلەرنى ۋە تارىخى تىمىدىكى ئەسەرلەرنى يېزش بىلەن شۇغۇللىىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


      سۇئال:   ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىڭىز .ئوقۇرمەنلەر سىزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىڭىزغا ناھايىتى قىزىقىدۇ،شۇڭا ئىجادىيەت تارىخىڭىز ۋەئىجادىيەت سىپىگە قانداق كىرگەنلىكىڭىز توغىرسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟


    يالقۇن روزى:ئادەملەرنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ، مىنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ قىلىشىم ئومۇمەن بالىلىق دەۋرىمدىكى قىزىقىشتىن باشلانغان.ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقىش بالىلارنىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى،ئەدەبىياتمۇ مىنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى قىزىقىدىغان بىر شەيئى ئىدى.ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ھەۋىسىم كۈچلۈك بولۇپ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم باشقا شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشتىن ئۈستۈنرەك ئورۇندا تۇردى،بۇ جەرياندا ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەزى ژانىرلىرىدا مەسىلەن شېئىر،نەسىر،مىكرو ھىكايە قاتارلىق تىمىلاردا ئەسەرلەرنى يىزىپ ئۆزۈمنى چىنىقتۇردۇم ۋە كۆڭلۈمدىكى ئىزھار قىلىش قىيىن بولغان گەپ-سۆزلەرنى قەغەز يۈزىگە خاتىرلىدىم كىيىن بارا-بارا ئىجادىيەتكە كىرىشىپ قالدىم،كىيىنچە ئەدەبىياتنى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش،مىللىي تۇپرىقىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي غايىسى،ئارزۇسى بويىچە يۈكسەلدۈرۈشنى يىتەكچى قىلغان ھالدا ئاڭلىق ئىجادىيەت قارشى ئاستا-ئاستا شەكىللەندى.مىنىڭ شەيئىلەرنى ئۆزگىچە نوقتىدا تۇرۇپ كۈزىتىش ئۇسۇلىم ئىجادىيەتكە كىرىشىپ قىلىشىمدىكى تۈپ سەۋەپ بولدى . .


    سۇئال: ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ۋەقە قايسى؟:


      يالقۇن روزى:ئىجادىيەت ھاياتىمدا ماڭا تەسىر قىلغان ۋەقەنى بىر-ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،مەن ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ بولالمايمەن،ئەگەردە ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىرقىلغان ۋەقە دىيىشكە توغرا كەلسە بالىلىق ۋاقتىمدا مىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلغان،مىنىڭ بالىلىقتىكى ساددا تەپەككۇرۇمنى ئويغاتقان ئەسەر‹‹سۇ بويىدا››رومانىنى ئوقۇش بولدى دىيەلەيمەن.چۈنكى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەيلى تەرجىمە ئەسەر بولسۇن،مەيلى ئىجادىي ئەسەرلەربولسۇن ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىدى ،ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىمۇ نەشىر قىلىنمىغان بولغاچقا ‹‹سۇبويىدا›› رومانىنى ئوقۇپ مەندەبىرخىل ئەدەبىياتقا تىخىمۇ زور ئىشتىياق باغلاش ئارزۇسى پەيدا بولدى ،ئۇمىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشۇمنى ،مەنىۋىي دۇنيايىمنى ئەڭ بىيىتقان ئەسەر ئىدى .شۇڭا ماڭاتەسىرقىلغان ۋەقەنى شۇۋاقىتلاردىكى «سۇبويىدا››رومانىنى ئوقۇش بولدى دىيەلەيمەن. .


    سۇئال:ھازىرغىچە يازغان ئەسەرلىرىڭىزدىن رازىمۇسىز؟


يالقۇن روزى: مەن ھازىرغىچە يازغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە ئالاھىدە ئەسەر يازدىم دىيەلمەيمەن ،يازغانلىرىم تىخى يىتەرلىك ئەمەس ،ئەمما نىمىشقىمۇ كىشىلىك غۇرۇرىمغا ،ۋىجدانىمغا خىلاپ بولغان ،سۈپەتسىز،جانسىز ،پۇچەك ئەسەريازغاندىمەن دىگەن ئويدا بولغىنىم يوق .ئۆزۈمنى سۈپەتسىز ئەسەر يازدىم دەپ قارىمايمەن . .


   سۇئال:ئەدەبىيات -سەنئەت بىلەن سىياسېنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز ؟


      يالقۇن روزى:دۇنيا تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر ئىجتىمائي فورماتسىيەدە مەيلى ئۇ فىئودالىزىم ياكى سوتسىيالىزىم ۋەياكى كاپىتالىزىم بولسۇن قانداقلا بىر جەمىئيەتتە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمران ئۆزئىرادىسىنى ھەممە ساھەگە تاڭىدىغان ھۆكۈمران گورۇھ بولىدىكەن،ئۇسىياسىينى ئۆزىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۋالىدۇ .تارىختىن بۇيان بۇنداق ئىشلار ناھايتى كۆپ يۈزبەرگەن شۇڭا ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى دىمۇكراتىك سىياسىي بىلەن ھاكىممۇتىلەق سىياسىينىڭ يۈرگۈزىلىشى ياكى يۈرگۈزۈلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ھاكممۇتلەق سىياسىي بولىدىكەن ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى بەك يىقىن بولۇپ كىتىدۇ .دىمۇكراتىك سىياسىي بولىدىكەن ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى تامامەن ئەكىسچە بولىدۇ.


   سۇئال:ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدىن رازىمۇسىىز؟


   يالقۇن روزى:بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرسى بەك كەڭ ئىكەن،بۇ ئۇقۇم نۇرغۇن ساھەگە چىتىلىدۇ.مەن سىزگە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتىدىن رازىمۇسىز دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرەي. ئەگەر بىز ھازىرقى تەرەققىياتتىن،ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن رازى بولساق قانائەت قىلىپ يۈرىۋەرسەك بۇ خىل شۈكرى -قانائەت قىلىش بىزنى مەغلۇبىيەتكە ئىلىپ بارىدۇ،ھىلىمۇ بىز تارىخ بەتلىرىنى ئادەمنى ئىچىندۇرىدىغان ئاچچىق ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان بىلەن تولدۇرۇپ كەلدۇق.ئادەم ھاياتىدا قانائەت بىلەن تىرىشچانلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش كىرەك، بىزقانداق ئىشلاردارازى بولىمىز ،قانائەت قىلىمىز دىگەندە ئۆزىمىزنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى جەھەتتە ياكى بىزگە نىسىپ بولغان بەخىت-ئامەتكە قانائەت قىلساق بولىدۇ. قانائەت قىلماسلىق ئادەمنى ئاچكۆز،تەبئىتى ناچار. ھەسەتخور قىلىپ قويىدۇ،ھەسەتخور ئادەم تۇرمۇشىدا خۇشاللىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدۇ،شۇڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جىسمانىي تۇرمۇشتىكى ئىشلاردا قانائەت قىلىشىمىز كىرەك،بولمىسا ھەر قانچە باي-باياشات- ياشىساقمۇئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلالمايمىز. ئەمما بىلىم ئىلىش ،ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەھەتتە مەنىۋىيتىنى بىيىتىپ،بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى پەرىقنى كىچىكلىتىش جەھەتتە قانائەت قىلماسلىق،تىنىمسىز ئىزدىنىشنى توختاتماسلىق كىرەك.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئۈگىنىدىغان، يىڭىچە ئۇسلۇپ يارىتىدىغان،ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىدىكى بىر خىل رىتىمدا ئەسەر يىزىش ئۇسلۇبىنى يىڭىلىيالايدىغان،ئىزچىللىققا كاپالەتلىك قىلىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بىر تۈكۈم يازغۇچىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىپ پىشقەدەم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بويلاپ تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىمۇ ئىلگىركىگە سىلىشتۇرغاندا مەيلى تىما جەھەتتىن بولسۇن مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى سان-سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ئادەمنى سۆيۈندۈرگىدەك ئەسەرلەر بارلىققا كىلىۋاتىدۇ.بىراق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتى مىنىڭ رازى بولۇش تەلىپىمدىن خىلىلا يىراقتا.


    سۇئال:سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلار قايسى؟


يالقۇن روزى:مەن ئەڭ ياخشى كۆيىدىغان كىتابلار‹‹ئانا يۇرت››رومانى‹‹قۇم باسقان شەھەر››ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئرلىرى،ئەسئەد سۇلايماننىڭ ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كىتابلىرىنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت يۆنىلىشىمىزنى ھەم سۈپەت جەھەتتىكى قاتلام يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرگەن كىتابلار،بۇ كىتابلاردا بايان ئۆلۈك ھالدا بىرىلمىگەن،ئوبرازلار چىن،ھەقىقىي يارىتىلغان،تەپسىلاتلىرى ئىنىق،چوڭقۇر مۇلاھىزە ئالغا سۈرۈلگەن،تارىخى چىنلىق ئىچىپ بىرىلگەن،بىر مىللەتنىڭ غايە ئارزۇسى،ئۆزى ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرى،ئۆز تارىخى ھەققىدىكى ئۆكۈنۈشلىرى قاتارلىق مەزمۇنلاربار.شۇڭىلاشقا بۇ كىتابلار بايان قىلىش سەنئتى جەھەتتىن ھەم مۇلاھىزە كۈچى جەھەتتىن ھەر قانداق بىر كىتابتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ،بولۇپمۇ‹‹ئانا يۇرت››رومانىدائوبرازلار چىن ھەقىقىي يارىتىلغان،ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بىرىلگەن.


سۇئال:قايسى ئەسىرىڭىزنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟


   يالقۇن روزى: <<زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت>> دىگەن ماقالەم بىلەن <<كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى>> دىگەن ماقالەمنى ئەڭ ياقتۇرىمەن.


   سۇئال:قايسى ئەسىرىڭىزنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان دەپ قارايسىز؟


يالقۇن روزى: <<زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت>>،<<كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى>>،<<مەمتىلى ئەپەندى>> قاتارلىق ئەسەرلىرىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەر دەپ قارايمەن.زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت دىگەن ئەسىرىمدە زەئىپ روھقا،ئاۋامغا يۆلىنىپ جان ساقلاش پىسخىكىسىغا ئىگە،ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى بەخىتسىزلىك ۋە سەرسانلىقنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبى ئۈستىدە ئويلىنىشقا قۇربى يەتمەيدىغان،نېمىنىڭ ھەقىقىي پاجىئە ۋە بەخىتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئەسلا ھېس قىلىپ يىتەلمەيدىغان تىلىۋالدى ئوبرازى ئارقىلىق جەمئيەتتىكى تىلىۋالدىغا ئوخشاش خارەكتىردىكى كىشىلەرنىڭ ئوبرازى مۇھاكىمە قىلىنغان. مەمتىلى ئەپەندى دىگەن ئەسەرنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر،چىتىلىش دائىرسى كەڭ بولۇپ مەن بۇ ئەسەرگە ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن ئىدديۋى ھىسسياتىمنى سىڭدۈرگەن. .


   سۇئال:ھازىرغىچە يىتەلمىگەن ئارمانلىرىڭىز بارمۇ؟


يالقۇن روزى: تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتتە مەن ناھايتتى بەخىتلىك،بۇ جەھەتتە مەن يىڭىچە مەنزىل قوغلىشىپ كەتمەيمەن،ئەمما ئۆزۈمنىڭ ئىجتىمائىي غايىسى جەھەتتە يىتەلمىگەن ئارمانلىرىم خىلىلا كۆپ.


   سۇئال: دەۋىرداشلىرىڭىزدىن كىملەرنىڭ ئىجادىيتىگە ئەڭ قايىلسىز؟


يالقۇن روزى:مەن بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بىرىشنى رەت قىلاي.


    سۇئال:مەتبۇئاتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىز قايسى؟ئۇلارنىڭ يىتەرسىزلىكىچۇ؟


   يالقۇن روزى: ھازىر مەتبۇئاتلاردا بىر خىل قورقۇنچاقلىق ئەۋج ئىلىپ كەتتى،ئۆزى قىلغان ئىشتىن ئۆزى ئۈركۈيدىغان،سىياسەتكە چىتىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ كەتتى،بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئۇلارنى خاتالىشىشقا قۇتراتقىنىم يوق،قانۇن ۋە سىاسەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە قىلسا بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار،شۇڭا مەتبۇئاتلارقانۇن بىلەن سىياسەتنىڭ دائىرسىنى كاللىسىدا ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىپ ئىش قىلسا خاتالاشمايدۇھەم خەلىقنى رازى قىلىپ خەلىقنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقالايدۇ بەزى مەتبۇئاتلار ئىزچىل سۈپەتسىز ھالىتىنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ.ئوخشاش قانۇن ئوخشاش سىياسەت دائىرسىدە مەتبۇئاتلاردىن چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ،باشقۇرغۇچىلار مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ.مەسىلەن ‹‹تارىم ژۇرنىلى››90-يىللادا ئەڭ سۈپەتسىز چىققان بىر تارىخنى باشتىن كەچۈردى،ھازىر خىلى ياخشى ھالىتىگەقايتتى،شۇڭا مەتبۇئاتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم قورقۇنچاقلىق ئادىتىنى تۈگىتىپ قانۇن ۋە سىياسەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە دادىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بولسا    .  


   سۇئال: ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىز نىمە؟


   يالقۇن روزى:ئالىي مەكتەپ-دۆلەتنىڭ،مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئۈمىدى باغلانغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتشتۈرىدىغان بازا.شۇڭا ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىلىم ئىلش ئىستىكىدە يۈرىۋاتقان ھەر بىر ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسىنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىنى،ئۆزىگە ئىشىنىشىنى،ئۆزلۈك تۇيغۇسىدىن چەتنىگەن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر نۇرغۇن ئوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ بىلىم ئىلىش،ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، تىنىمسىز ئىزدىنىشتەك مەسئۇلىيتىنى تونۇماي بۇرچىنى ئۇنتۇپ ئايىغى چىقماس ئويۇن- تاماششىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ،بۇ ئىش مىنى بەك ئىچىندۇردى.شۇڭا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماي مۇستەھكەم بىر ئىتىقاد تۇيغۇسى تۇرغۇزۇپ ياشىسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن .


   سۇئال:بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت پىلانىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟


يالقۇن روزى: مەن بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋپ بىرەلمەيمەن.مىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىمنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىنى خالىمايمەن،بۇ باشقىلارغا سىر بولۇپ قالسۇن




بەرقى مۇنبىرىدىن ئىلىندى

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 10:59:50

         ئەدىبلەر نېمە ئۆچۈن پۇشايمان قىلىدۇ





قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسۇپ سوقرات«ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ ، پىتنە –پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ» دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قۇغداش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دارغا ئىسلغان سوقرات ئۆز زامانداشلرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلا كىشلەرىنڭ بىرى بىرى ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئافىنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشلەرنىڭ قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا ، ئەلۋەتتە ھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە.

مەن ئەدەبىيات كوچىسىغا ئىشتىياق باغىلغاندىن بۇيان ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەت قارىشغا ۋە ئىدىيۋى مەۋقەسىگە بەكرەك قاراپ كەلدىم .ئادەتتە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ساختىلقىنى ،چىنلىق ،رەزىلىكىنى گۈزەللىك ، قەبىھلىكىنى مىھىرىبانلىق دەپ چۆشىندىغان ياكى ئۇلارنىڭ پەرقىنى مۈجمەل ئەدىبلەر كۆپ ئۈتكەن ، شۇڭا ، نۇرغۇن ئەدىبلەرنڭ يازغانلىرى تارىخنىڭ سىنقدىن ئۆتەلمەي ، دەۋىر شامالىدا تۇزۇپ تۈگكەن ، بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ھەقىقەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق ، ھەرخىل مەۋقەدىكى ئەدىبلەرنى ، يەنى ھەقىقەت ئۈستدە تىنىمىسز ئىزدەنگەن ئىزدىنىش رۇھىغا باي ، پاراسەتلىك ئەدىبلەرنى : ھەقىقەت مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرالىغان جاسارەتلىك ئەدىبلەرنى ھەقىقەت ئۆچۈن بارلىقىنى بىغىشلاپ تىللاردا داستان بولغان ئوت يۈرەك ئەدىبلەرنى : ھەقىقەتىن بىخەۋەر ھالدا ياشاپ ئۆتكەن ئالجۇقا ئەدىبلەرنى : ھەقىقەتىنى تۇنۇغان ئەمما يېقىنلىشقا جۈرئەت قىلالىمغان توخۇ يۈرەك ئەدىبلەرنى ، ھەقىقەتنى قۇغداشقا ھەرقاچان تەييار تۇرغان پىداكار ئەدىبلەرنى ، بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى سىتىپ خەجلەپ ئادەتلەنگەن « ھايانكەش» ئەدىبلەرنى كۆرىمىز .

ھەر قايسى ئەل ئەدبياتنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلاردەك چاراقلاپ، ئۆزىگە تىكلىگەن جۈپ-جۈپ كۆزلەر قاماشتۇرۋىتىدىغان ئەدىبلەر دەل تارىخنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن تاسقاشلىرىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ ، جاھان ئەھلىنىڭ ئورتاق ئىتىراپ قىلشغا ئىرىشكەن ئەدىبلەردۇر . بىلش قانۇنيىتى بۇيىچە ئىيتقاندا ، بىر ئادەمىنىڭ تۇنۇشى تەدرىىجى چوڭقۇرلىش جەرياننى بىسىپ ئۆتىدىغانلىقى تەبىئى ئەھۋال . بىز ھەرقانداق ئەدىبىنىڭ ھەقىقەتنى بىلش جەرياننى مۇشۇ قانۇنىيەت بۇيىچە كۆزىتىمىز . مۇشۇنداق ئىلىمى پۇزىتىسيە بۇيىچە قارىغاندا دىقىتىمىزنى ئالاھىدە تارتدىغىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن ، ئىنقىراق ئىيتقاندا ھەقىقەت قارشىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارغان بىر قىسىم ئەدبىلەردۇر . پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بلشلىرى جەريانىدا . بىر ئادەمىنڭ بارلىق بىلش جەريياندا سۇبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپىنىڭ تامامەن ماس، بىردەل بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس .سەپسەتدىن قۇتۇلماق تەس . لاتىنلارنىڭ « خاتالاشمايىدىغان ئادەم يوق ، خاتالقىدا چىڭ تۇرۋىلىش كالۋالىق ، ئاقىللار خاتالاشمايدىغانلار ئەمەس، بەلكى خاتالاشسا شۇئان تۈزتىدىغانلاردۇر » دەيدىغان ھىكىمەتلىك سۆزى بار . بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ئىيتقاندا ئىلگىرىكى ئىجادىيەت يولىدىن پۇشايمان قىلش قارىماققا كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ ، ئەمما چۆڭقۇراق كۈزەتسەك ، پۇشايمانلىق تەپەككۇر قىلش مەزكۈر كىشىنڭ ئىدىيۋى تۇنۇشىدا ، قىممەت قارشىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش بولغاندا ، ھەقىقەتنى يىڭى باشتىن چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندە كۆرۈلىدىغان ئىجابى سۈپەت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى تۇنۇش ، چۈشىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولالماي ئۈتۈپ كەتكەن ۋە ئۈتۈپ كىتۋاتقان ئەدبىلەرگە سىلشتۇرغاندا ھەقىقەت ئىزدەپ ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىر ئەدىب ئۆچۈن بەخىت ھەم يۇقىرى مەنىۋى ساپا ھىساپلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە .

ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارغان بى خلىدىكى ئەدبلەر بىزنىڭ مىللى ئەدەبىيات تارىخمىزدىمۇ بار . مەن 1980-يللاردىن بۇيان ئۈز ئەدىبلىرىمىزنىڭ ھەقىقەت قارشىغا ، يەنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلرىدە ئەكىس ئەتكەن چىنلىققا ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلە جاسارىتىگە ۋە ھەقىقەت ئىزدەش قىزغىنلىقىغا ، قىسقىسى ، خەلىقىمىزنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ۋە ئىجتمائى رىئاللىقىغا مۇناسۋەتلىك ھەقىقەت مەسلىسىدىكى مەيدانىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ كەلدىم ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقەت بولسىلا ، قەلىمىدە ئەكس ئەتمەي قالمايتى شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆز جۈمىللىرى ئارىسدا ، مىسرا –كۇپلىتلىرنىڭ قات-قاتلىرىدا ھەقىقەت دۇردانلىرنىڭ بار –يوقلىقىنى بەكرەك زىغىرلىدىم . شۇ جەريانىدا بىر قىسىم ئەدىبلىرىمزىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇدىئاسى ۋە مەۋقەسىدىن پۇشايمان خاراكتىرلىك خۇلاسە چىقارغانلىقىنى ھىس قىلدىم . شۇ يىرى دىققەتكە سازاۋەركى ، ئۇلار بۇ خلىدىكى ئەسەرلىرىنى 55-بەشتىن كىينكى ياش باسقۇچىدا يازغان ئىدى . ئومۇمى مەنىدىن ئىيتقاندا ، قەلەمكەشلەرنىڭ ئۈمۈرلۈك ئىجادىيەت مۇدىئاسى ۋە مەۋقەسىدە بۇرۇلۇش ياسشى ، شۈبھسزكى ، مەزكۇر ئەدىبىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا ئالاھىدە قىممەت بىغشلايدۇ .

20-
ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىجادىيەت بىلەن سۇغۇللانغان ، ئەمما ، ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت قارىشىنى چىن مەنسى بىلەن يىڭلاپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارىغان ئەدىبلەر ئانچە كۆپ ئەمەس . ئەسىلدىلا ھەقىقەتكە بولغان ھىرىسمەنلىك ھىسىسياتى يوق ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنشىنى ئادەت قىلمىغان ئەدىبلەر نېمە يېزىشىدىن قەتىئىنەزەر ھەقىقەت بىلەن مۇناسۋەتسىز ھالدا قايسى كۈچىنىڭ يىشىل چىرىقى يىقلسا نىشاننى شۇ ياققا بۇراپ ، ئاغىزىغا نېمە كەلسە، شۇنى يېزىپ ياشاپ كىتىۋىرىدۇ . ئەمما ، ھەقىقەتكە ھىرسىمەن ، ھەر ۋاقىىت ھەقىقەتنى تىپشىنىڭ، ئۇنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشنىڭ كويىدا بولغان ئەدبىلەر ھەقىقەتنى تاپقان ياكى يىڭىۋاشتىن تۇنۇغان چىغىدا ئىدىيىدە تامامەن « قاسراق » تاشلاپ ، يىپيىڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . بۇ خلىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن ھازىرچە مىنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىن نېمى شېھىت ، ئابدۇرېىھىم ئۈتكۈر ، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئمىن ، روزى سايىت قاتارلىقلار بار .

شائىر نېم شېھىت 1971-يىلى ئاۋغۇستا ئانا يۇرتى بايدا ئۆمىرىنىڭ ئاخىردا ناھايىتى قىيىن كۈنلەر باشتىن كەچۈرۋاتقان چاغلىرىدا « پىقىرنىڭ ئىقرارى » ناملىق ئېسل شىئرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى ھەقىقەتنى تامامەن خاتا چۈشىنپ كەلگەن پۇشايمىنى چوڭقۇر نادامەت بىلەن ئەكس ئەتتۇرگەن

شائىر ئابدۇرېھىم ئۈتكۈر 1981-يىلى يىشى 58 گە ئۇلاشقاندا « ھىدايەتنامە » ( يەنە بىر ئىسمى « ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس ») ناملىق نادىر شىئىرىنى ئىجاد قىلىپ ئەڭ تۈپ ھايات ھەقىقىتىنى خاتا چۈشىنىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەن ئالغان . شائىر بۇ بىر پۈتۈن شىئرىنى « ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى » دىگەن مىسرا بىلەن ئاخىر لاشتۇرۇپ ، ئۈزىنىڭ ساماۋى ھەقىقەتنى يىڭباشتىن ، چىن مەنسى بىلەن تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن . ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن 1993-يىلى يىشنىڭ 60 قا تولغانلىقى مۇناسۋىتى بىلەن يازغان كاتتا ئەسىرى «ئۆمۈر تەلقىنلرى»دە ئۆزىنىڭ 60ياشتا مىتافىزىكىلىق ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئارىف بولغانلىقىنى يەنى ئويغانغانلىقىنى ئىقىرار قىلغان . ئۇنىڭ « ئارىف»لىقىنىڭ مەنسى تىخمۇ كەڭ ھەقىقەت مەزمۇنىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان . ئۇ ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىسىدە رۇشەن ھالدا ئويغانلىقىنى مۇناسۋىتى بىلەن تىخىمۇ مەنلىك قىلىپ ، « 60 ياشتىمۇ غەپلەتتە قالغان كىشنى زىمىن لەرزىسى بىلەن تەقدىر زىلزىلىلرىمۇ ئويغىتالمايدۇ » داپ ئىيتقان .

شائىر روزى سايىت 1998-يىلى 55يىشىدا يازغان « بىغشلىما » ناملىق شىئرىدا ئۆزىنىڭ رىئال دۇنياغا مۇناسۋەتلىك ھەقىقەتنى خاتا تۇنۇغانلىقىنى ھەم ئىلگىرىكى خاتا ئىجادىيەت مۇددىئاسى ھەققىدىكى پۇشايمانلىق ھىسىياتىنى ناھايىتى دادىل ھالدا مۇنداق ئىپادىلىگەن :

قەلەمنى ھەر مۇقامغا يورغىلاتتىم ،مەيلىگە قويماي،

تىرىقىىنى «تاغ»قىلىپ يازدىم ،غۇلاچىنى«بىرئىلىك»قىلدىم

تىخى «ئايغىر غۇنلاپتۇ ،-دىدىم،قۇملار چىچەكلەپتۇ..»

دىمەك ئىلھامنى يالغانىڭ چىراغىغا پىلىك قىلدىم .

يىشىم ئەللكتىن ئاشقاندا ،دىدىم ،بەس !ھەقىنى سۆزلەيمەن،

ئۆزۈمىنى زاتى مەنسۇردەك كۇلاھۇ –جەندىلىك قىلدىم .

بىلڭلار ئۇشبۇ يازمامدىن مىنىڭ ھالىمىنى ئوغلانلار ، ;

كىتەرمەن بى ئەجەل مەيلى،ئاۋامىنى خەندەلىك قىلدىم!….

دىمەك ،بىزنىڭ 20-ئەسىر ئەدەبىيات تارىخمىزدا ھەقىقەت ئۈستىدە قايتا ئويلىنش ،رىئاللىقىنى يىڭى باشتىن تۇنۇش ئارقىلىق ھەق –ناھەقىنى ئىنىق ئاڭقىرىغان ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت قارشىدىكى بۇ خىل رۇشەن ئۆزگىرىشىنى مەردانە ھالدا قەغەز يۈزىدە تەن ئالغان ئەدبلىرىمىز مىنڭ بىلشىمچە يوقىرقى تۆت زات .

شەرقىنىڭ مۇتەپەككۇرى كۇڭرى «يىشىم ئاتمىشقا يەتكەندە ،باشقلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەق- ناھەق ئىكەنلىكىنى شۇئان ئاڭقىرۋالدىغان بولدۇم » دىگەن ئىكەن . بەلكىم ئاتمىش ياش ھەقىقەتنى تۇنۇش يىشى دەپ قارالسا كىرەك ،ياش ئاتمىش ياشقا ئۇلاشماي تۇرۇپ ھەقىقەتنى تۇنۇغىلى ، چوڭقۇر چۈشەنگلى بولمايدۇ دەپ كىسىپ ئيىتقىلىمۇ بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە .

چۈنكى ھەقىقەتنى تۇنۇش مەسىلىسى ھە دىگەندىلا ياشقا باغلىق بولىۋەرمەيدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر تارىخدا ياش ، قىران چاغلىرىدا ھەقىقەتنى ئاجايىپ ئىنىق تۇنۇغان ، چوڭقۇر چۈشەنگەن تالاي ئەدىبلەر ئۈتكەن .

ھەقىقەت دىگەن نېمە؟ دىگەن بۇ مەسىلىگە موتەپەككۇرلار مۇنداق ئۈچ جەھەتىن ئىنقلىما بىرشتى : ھەقىقەت-مۇقەررەر قانۇنىيەت. ھەقىقەت –لوگىكا . ھەقىقەت –ئىنسانىيەت ئەقىل –پاراسىتنىڭ مەنبەسى . بۇ يەردىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەردىكى مۇقەرەر قانۇنىيەتنى ،لوگىكا بولسا تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مەنبەسى ـ مەڭگۈلۈك «ساماۋى ئەقىل» نى كۆرسىتىدۇ .بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا ، پىكىر چىن بولسا يەنى پىكىر بىلەن رىئاللىق بىردەك بولسا،مانا بۇ ھەقىقەت بولىدۇ.ئادەتتە چىنلىق ياخشىلىق ،گۈزەللىك ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە تەكىتلىنىدۇ . لوگىكا چىنلىقىنى ،سەنئەت گۈزەللىكىنى ،ئىتىكا ياخشىلىقىنى تۈپ مەخسەت قىلىدۇ .ھەقىقەت شوبىكتىىپنىڭ ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىكاس قىلىشى بولۇپ ،سوبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنىڭ ماسلىقى ،بىردەكلىكنى ئىپادىلەيدۇ . سەپسەتە ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بۇرمىلانغان ئىنكاسى بولۇپ ،سوبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنىڭ بىربىرىدىن يىراقلىشىشى بۆلۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ . مۇئەييەن دائىردە ،مۇئەييەن ئوبىكتىپ شەيئىگە قارىتا ،ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت ،سەپسەتە ھامان سەپسەتە ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ماھىيەتلىك پەرىق بار. لىكىن، پەلسەپە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە بىر-بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر-بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ھەقىقەت بولمىسا ، سەپسەتە بولمايدۇ :سەپسەتە بولمىسا ھەقىقەتمۇ نامايەن بولمايدۇ .مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«يوقلۇك بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى»دىگەن ئىدى .مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يالغاننىڭ مەنىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ھەقىقەتنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىشىمىز گە ياردەم بىرىدۇ .

20-
ئەسر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا جەدىتچىلىك بايرىقنى كۆتۈرۈپ مىللىي ئۇيغىنىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام 1910-يىللارنىڭ بېشىدە يازغان« نەسىھەتى ئامما» ناملىق ئەسىرىدە «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس . ئۇيغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر ! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلم –مەرىپەت دەۋرىدۇر .باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ،سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۆزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت ئۇيقىسىدا ياتماقتىمىز . ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقۇلۇش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !ھېلىھەم ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار ! »دەپ چۇقان سالغان .

ئۆزىنى « كۆكتە يۇلتۇزلار يانار ، يەردە پەقەت شائىر يانار …»دەپ خارەكتىرلىگەن ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇ 1930- يىللىرىنڭ بېشىدا يازغان بىر شېئىردا نادانلىقىمىزنى ،بىپەرۋالىقىمىزغا قاتتىق ئېچىنىپ :

كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلسەن،

تەكتىگە گەپىنىڭ شۇ چاغدا يىتىسەن.

«
خەپ»دىسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر ،

شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن !

دەپ كىسىپ ئىيىتقان . بىز ئابدۇقادىر داموللام بىلەن ئابدۇخاللىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىتابلىرىدكى ئەكس ئەتكەن تارىخى ھەقىقەتكەن گۇمان بىلەن قارىيالايمىزمۇ ؟ ئەقىل كۆزى رۇشەن بۇ ئىككى ئەدىبىڭ دانا ھۆكىمى ئىجتىمائى رىئاللىق ئۆزئىچىگە ئالغان مۇقەرەر يۈزلىنىشنى چۇڭقۇر كۆزتىش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىق يەكۇنلەنگەن لوگىكىلىق تەپەككۇرى ئەمەسىمۇ ؟ ئۇلار نېمە ئۆچۈن زامنداشلىرىغا قارىغاندا شۇنچە چۇڭقۇر ھەم دانا ئويىلىيالىغان ؟ بۇ يەردىكى رۇشەن سەۋەب شۇكى : ئۇلار ئۆزلىرىنى مەۋجۇد كىرىزسىنىڭ ئالدىغان قۇيۇپ ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ ۋە چوڭقۇر چۆشىنىپ تەپەككۇر قىلغاچقا ھەقىقەت ھىساپلىنىدىغان پىكىرىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيالىغان ، كىرزىس ئىڭى يوق بولغان ئادەمىنىڭ ھەقىقەت بىلەن بولغان ئارلىقى تولىمۇ يىراق بولغان بولىدۇ .

بىلىشمىز كىرەككى ، ساماۋى ھەقىقەتتىن تاشقىرى ھەر قانداق ھەقىقەت مۇتلەق بولمايدۇ . شۇڭا ، ھەربىر شەخس ، ھەربىر قۇۋىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرىگە ، ئىجتىمائى ئەھۋالىغا يارىشا تۈرلۈك غايە مەقسەتلىرى بولىدۇ . شۇڭا غايە مەقسەت ئۇلارنىڭ نەزىردىكى ھەقىقەت مەشئىلىگە تۇتاشقان بولىدۇ ، بۇ ھەقىقەت مەشئىلىنى ھەر بىر كىشىنىڭ پەرىق ئىيتىش ئىقتىدارى ، چۈشنىش قابىليىتى ئوخشاش بولمايدۇ . بۇنىڭغا تۇتقان پۇزتىسىيەسىمۇ ھەرخىل بولىدۇ . ھەقىقەت مەشئىلىنى دەس كۆتۈرۈپ ئۆز خەلىقىنىڭ ھايات يولىغا نۇرانە سايە چۆشۈرۈپ ياشاش يولىدا كۆرەش قىلدىغانلارمۇ بولىدۇ . ھەقىقەت مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەلەكچىلىكىدە ئۆمۈر بۇيى بىر جاۋۇر يۇندىنى كۆتۈرۈپ يۇرىدىغان ناكەسلەرمۇ بولىدۇ .ھەقىقەت دىگەن نېمە ؟ سەپسەتە دىگەن نېمە ؟ پەرۋايى پەلەك ھالدا بىر ئاشقازىنىڭ غېىمىنى يەيدىغان ،ئارستوتېىل ئېيتقاندەك ئۆچۈن ئەمەس ، يىيىش ئۆچۈن ياشايدىغان ئەرزىمەس كىشلەرمۇ بولىدۇ .

ئەگەر چىن مەنسى بىلەن چۆشىندىغان بولسا ، ئەدىبلەر ھەرگىز ئادەتتىكى كىشلەر ئەمەس ، ئەگەر ئەدىبلەر ئەدىبلكىنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلمەي ئابرۇي- مەنپەئەت دەپ چۆشىندىغان بولسا ، تۈپتىن خاتالاشقان بولىدۇ . ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ، مۇئەييەن دەۋىردىكى ئەدىبلەر ئۆزمىللىتنىڭ رۇھى دۇنياسىنى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ نۇرانە شۇلىسى بىلەن يۇرتۇش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ . ئۇلار خەلىقنىڭ يادىرۇلۇق مەنپەئەتى ۋە تۈپ قىممەت قارىشىنى چۈشەنگەن ، نۆۋەتتىكى مىللى ئىھتىياجىنى ئۆزىنىڭ مەقسەت –مۇدىئاسىغا ئايلاندۇرغان ، ئۆز مەسئۇليىتىنى ئىنق تۇنۇغان ، بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلشىتىن ھەرگىز باش تارتمايدىغان بولۇشى كېرەك . ھەر بىر دەۋىرنىڭ ، ھەربىر جەمىئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرى بولىدۇ ، ئەدىبلەر دەۋىرنىڭ ماھىيتىنى ئىنىق تۇنۇشى ، جەمىئيەتنىڭ تومۇرىنى ماھىرلىق بىلەن تۇتۇشى لازىم ، ئەدىبلەردە دەۋرىنىڭ ماھىيىتنى ئىنىق تۇنيدىغان ئۆتكۈر دىت ، جەمىئىيەت تومۇرىنى تۇتۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بولمايدىكەن ، ئەل قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدكى دەۋەتنى ھەرگىز ھىس قىلالمايدۇ ، ئانا خەلىقىنىڭ قەلبىدىكى بىلنەربىلىنمەس پىچىرلاشلىرى ئاڭلاشقا قادىر بولالمىغان ئەدىب ، ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىنى مەڭگۈ قىممەتكە ئىگە قىلالمايدۇ . ئۇنداق ئەدىب ئەرزىمەس كويلاردا سوكولداپ ، سورۇن-سەھنىلەردە كاپىلداپ ، قۇرۇق شۆھىرەت غىرىبى بولۇپ ئۆزگىنىمۇ –ئۆزگىلەرنىمۇ ئالداپ ئۆتىۋىرىدۇ ، ئاخىرقى ھىساپتا تارىخ تەرىپدىن سۈپۈرۈپ تاشلىندىغان ئەخلەت ئەدىبلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ خالاش !

ھەققى ئەدىب ھەقىقەتكە ئېتقاد قىلش ،ھەقىقەتنى ئىزدەش ، ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتتە ئاۋانگارتلىق رۇھىغا ئىگە بولىدۇ ، ھەقىقەت ئىزدەش رۇھى توق ئەدىب كىتابخانلارنى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۇرىدۇ ، مەن بۇنداق ئەدىبلەرنى « ئەخلەت ئەدىبلەر » دەپ ئاتاشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن . ھەقىقەتنى سەپسەتە بىلەن بىر تەكيگە باش قۇيغۇزۇش مەقسىتىدە نىكاھ ئوقۇپ يۈرگەن ئەدىبلەرنى بولسا ، «ئەخمەق ئەدىبلەر » دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئەدىب مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقەتنى خالىغان باھادا سىتىپ خەجلەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن « ھايانكەش » ئەدىبلەردىن ئەۋزەلرەك.

چۈنكى ئۇ ئىككى خىل ئەدىب ھامىنى ھەقىقەت يولىدا تىز پۈكۈپ پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈشى ئىھتىمال . ئەمما ،« ھەققەت ھايانكەشلىرى»نى قۇتقۇزۇش بەسى مۈشكۈل .

مەن نەزىرىنى ھەقىقەتكە تىككەن ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن ،ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلدىغان ،مۇئەييەن ھەقىقەت قارىشغا ئىگە، ھەقىقەتنى سۆيىدىغان ، ھەقىقەتنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولسىمۇ چۈشەنگەن . ئۇنى ئىپادىلەشكە ئۆزىنى ئاتىغان ئەدىبلەرنى دادىل پىكىرلك ئەدىبلەر، دانا پىكىرلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىپ چۈشىنىپ باقتىم . دادىل پىكىرلىك ئەدىبلەر ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتىكى جەسۇرلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلىبىنى سۆيۈندىرىدۇ . ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى چوڭقر بولىمىسىمۇ ، پىكىرلىرنىڭ دادىللىقى بىلەن ئەزىمەت ئەدىبلەردىن ھىساپلىندۇ ، ئۇلاردا مۇتەپەككۇرلارغا خاس دانا پىكىر ، چوڭقۇر بىلىم ، ئىلىمى قاراش ، مۇكەممەل ئىدىيە بولمىسىمۇ ، خەلىقىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دىيەلەيدىغان ئەزىمەتلەرگە خاس يارقىن خاسلىق بار . قاراشلىرى بىلەن زامانداشلىرىنى ئەقىلىنى ئويغىتالمىسمۇ ، مەردانە چۇقان-ساداللىرى بىلەن زامانداشلىرنىڭ قەلىبىن ھاياجانلاندۇرۇپ ھسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ ، ھەقىقەتنى سۆيۈش ، ھەقىقەت ئۆچۈن كۈرەش قىلش جەھەتىكى پىداكارلىقى بىلەن ئۇلار گاھىدا كشىنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە ئاجايىپ كۈچلۈك بولۇپ كىتىدۇ . گاھىدا كىشنىڭ ئىچى ئاغىرىغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ . ئەمما ،ھەرگىز شەرمەندە ئورۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ .

بىر قوۋمىنىڭ يادرۇسىنى تەشكىل قىلغۇچى زىيالىيلار توپىغا ھاياتى كۈچ بېغشلايدىغان ئېنرگىيەنى دانا پىكىرلىك ، چوڭقۇر بىلىمىك موستەقىل ئىدىيىگە ئىگە موتەپەككۇر ئەدىبلەر يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ، بۇ خىل ئەدىبلەر ناھايىتى ساناقىلىق بولىدۇ . ئۇلار پىكىر ، ئىدىيەلىرىنى بىر قوۋمىنىڭ ئۈگە-ئگىلىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ . بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » نىڭ قىممىتى ئارىدىن مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىچ –ئىچىمىزدىن قايىل بولغان ھالدا تەن ئالماقتىمىز ، ئۇنىڭ قەۋەت-قەۋەتلىرىگە سىڭگەن تەپەككۇر دۇردانلىرى بىلەن ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى كۆز ئالدىمدا بىر مۇكەممەل ئىدېئال جەمىئىيەتنىڭ مودىلىنى نامايەن قىلماقتا . ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇتەپەككۇر ئەدىب بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا پارلاق ماياكتەك يىنىپ ، مىللەت ئەزالىرىنى كىلەچەكتە دۇچ كىلدىغان ئاپەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇلار تىرشسا ئىرشەلەيىدىغان ئامەتلەردىن بىشارەت بىرەلەيدۇ . ئۇلار بۇ خىل رۇھى ۋە سالاھىتى بىلەن مىللەتنىڭ مەنىۋى داھىيلىرىغا ئايلىنىدۇ .

مىنڭچە دادىل پىكىرلىك ئەزىمەت ئەدىبلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپەككۇر ئەدىبلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىردە پۇشايمانلىق ھىسياتىدا ئۆكۈنۈپ ئەسەر يېزىشى ئاز كۆرۈلسە كېرەك . سەۋەبى ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى يىراق –يىراقلاردا چاقناۋاتقان ھەقىقەت يۇلتۇزلىرىغا ئاداشماي تىكىلگەن ، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ دەستىسىنى باشتىن- ئاخىرى بوشاشماي مەھكەم تۇتقان بولىدۇ . ئادەتتە بىز ھەقىقەتنى تۇنۇش باشقا مەسىلە ، بىلىم سەۋىيەسى بىلەن تەپەككۇر قابىليىتى باشقا مەسىلە دەپ چۈشنىمىز ، مۇشۇ مەندىن ئىيتقاندا ، ئەدىبلىرىمىز نېمە ئۆچۈن پۇشايمان قىلىدۇ ، دىگەن مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنشكە مەلۇم دەرىجىدە يىقنلاشقلى بولىدۇ ، دەپ قارايمەن . ئادەتتە ، بىلىم قۇرۇلمسى مۇكەممەل ، ئەمما ھەقىقەت ھەققىدىكى تۇنۇشى مۇجمەل ئالىم –ئەدىبلەر ھەممە دەۋىردە ، ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ . بىز ماقاللىمىزنىڭ باش تېمىسىنى ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئەدىبلەرنىڭ بىلىم –ماھارىتى بىلەن ھەقىقەتنى بىلش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتتە نەزەر سالساقمۇ ، مۇئەييەن بىلىم –ماھارەت ھازىرلىغان ، ئەمما ھەقىقەتىن يىراق ئەدىبلەرنى خىلى كۆپ كۆرىمىز . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى :: يېزىقچلىق ئالدى بىلەن بىر خىل ماھارەت ، نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتى بولمىسىمۇ ، مۇتەپەككۇرلۇق سالاھىيتى ھازىرلانمىغاچقا « سۆز ۋادىسىدا ئىزىقىپ يۈرگۈچىلەر » قارارىدا كولدۇرلاپ يۈرىۋىرىدۇ . يەنە بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ مۇئەييەن بىلىم قۇرۇلمىسى بولسىمۇ ، بىلشى مەقسىدى ئايدىڭ بولمىغاچقا ، يەنى كىم ئۆچۈن يېزىش ، نېمە ئۆچۈن يېزىش چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولمىغاچقا ھەر مۇقامغا يۇرغىلاپ ئاخىرقى ھىستاپتا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىدۇ ، شۇڭا بىر كىشىدە بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى تۇنىغانلىقىغا باراۋەر دەپ چۆشىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ .

ئاپتۇرى: ئوبزۇرچى. شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتنىڭ مۇھەررىر

مەنبە- شىنجاڭ مەدەنيىتنىڭ 2010-يىللىق -6 سانى

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:00:03

بۇ  تېما  قايناپ  كېتىدۇ  ئەمدى ،ئورۇن  ئەپ  قوياي  \"\"

alyari يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:04:46

مېنىڭچە قايناپمۇ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ  .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:05:41

ئۇنداق بولسا مەنمۇ ما 2 قەۋەتتىكى ئورۇننى ئېلان بېرىدىغانغا تۇتۇپ قوياي


ساتىمەن\"\"


ئالىدىغانلار قىسقا ئۇچۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭلار

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:10:34

ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى

                                                       يالقۇن روزى   



        مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تونۇش بوۋاي كۈندە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ، ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ، ھومايغىنىچە تۇرغىنى تۇرغان. بۇ بوۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان «مېنىڭ راۋابىم»، «كۈن ۋە تۈن»، «تاشۋاي» قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى، زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كومپۇزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىم. مەن بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بوۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم، بۇ بوۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ «نەۋرەم» ناملىق مۇزىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بوۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا، قوپال ھەم تۈز قىلىدىكەن. مەن سۆز ئارىلىقىدا «قۇربان ئاكا، كۈندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟» دېدىم. بۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاب بېرىپ «ۋاي ئۇكام، بۇ گۇيلار مېنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يېرى قالمىدى، ئەمما مېنى ئۇلانبايدىكى ساناتورىيىگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەم ئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟» دېدى.

        شۇ كۈندىن بېرى، مېنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجادكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق كۆپ ئويلاندۇردى. بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجادكارنىڭ قىسمىتى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالىدىكەن. روشەنكى بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان، غەزەپلەندۈرىدىغان ھادىسە! نېمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى، چۈنكى بىز نادان مىللەت!

        كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بېسىپ چۈشىدىغان مىللەت يوق. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئېتىراپ قىلمىساق، پاكىت بىزنى ماڭدامدا بىر مات قىلىدۇ. قاراڭ، فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس، تارىخچى گراسسرت 1930-يىللىرى يازغان «يايلاق ئىمپېرىيىلىرى» ناملىق كىتابىدا قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن»، «ئۇيغۇرلار باشقا تۈرك-موڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيەلىگۈچىلەردىن ئىدى» دەپ يازغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30-يىللىرى «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىقى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق. ئوتتۇرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۈنگە كەلگەندە «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە.         

        1960-يىللىرى ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دىنىس سىنور «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنى «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىردە بولۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن بەھرىمان بولغان»، «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىپ باقمىغان» دەپ يازغان بولسا، شۇ 60-يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى، ئەقلى، ئېتىقادى، غورۇرى بار بارلىق ئەزىمەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ، بولىشىغا دۇمبالاپ، ئىت-ئېشەكتىن بەتتەر خار قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتاتتى…!

        ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپپەككۇرلار خۇددى پۈتۈشۈۋېلىشقاندەك «ئىنسان ئۈچۈن نادانلىقتىن، بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ» دەپ ئېيتىشقان. بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇ-تۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20-ئەسىردە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھېلىمۇ ياشاۋاتىدۇ. نادان مىللەت نېمە ئىش قىلىدۇ؟ نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە، ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. كېچە-كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ، ئازابلاپ، تىللاپ سېسىتىپ، ئىككى يۈزلىمىچى مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ، ئەزىزلەپ، مازار غوجام قىلىۋالىدۇ. ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىقىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ. ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى شەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، توغرا، ئادىل باھا بېرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. سىيىت نوچىدەك ئەخمەق، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۈز يىللاپ سېغىنىپ، ئۇلۇغلاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ ماختىشىدۇ، «مىللى قەھرىمان» دەپ تەرىپلىشىدۇ. سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ ئەجەبا ئۇ ئۇچتۇرپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بولۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاب چېلىپ بېرىپ شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ؟ قەشقەر دوتىيىگە ئاپارساڭ ساڭا ئەمەل بېرىدۇ دېسە، ئەمەل تاماسىدا مەست بولۇپ ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ كەلدىغۇ؟ قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئەخمەق قىلىپ، «سېنى ئۆلتۈرەي دېسەم قولۇم بارمايدۇ، ئۆلتۈرمەي دېسەم خاننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىغان خېتىنى ئېلىپ كەپسەن» دەپ ئالدىسا، «خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما، ئىككىلەنمەي مېنى ئۆلتۈرگىن» دەپ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئۆلىمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۈردىغۇ؟ ياق، مېنىڭ گۇناھىم يوق، مېنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقۇقۇم بار، مەن سېنىڭ خالىساڭ ئۆلتۈرىدىغان، خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس، دەپ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ، چۇقان سالمىدىغۇ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللى قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟! بۇ ئەڭ سادىق قۇل، ئەڭ ئىتائەتمەن مۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟! بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىگە «مىللى قەھرىمان» دەپ كىرگۈزۈپ ھازىرمۇ تېخى كاپشىپ ئۆتىۋاتىمىز. رادىئو-تېلېۋىزورلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا-قوشاق توقۇۋاتىمىز …         

        ھەي … بىزنىڭ نادانلىقىمىز، ئەقىلسىزلىكىمىز، بىلىمسىزلىكىمىز، ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق، ئەمما تېيىپچان ئېلىيېفنىڭ خەت-چەكلىرىنىمۇ تېرىپ-تۆشەپ كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇق. بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئېسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۈردۇق، ئەمما نىزامىدىن ھۆسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بېسىپ قېلىۋاتسا پىسەنت قىلمىدۇق. ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى ئەدەبىياتتىن زېرىكتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قەييۇم تۇردىدەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ «قىزىل تاغ چىراقلىرى» دېگەن كىتابىنى قايتا نەشر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۈرۈپ قايتا نەشر قىلدۇق، ئەمما ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» دەپ كىتاب يېزىپ بەرسە، «تىراژ تاپ» دەپ مەكتەپمۇ-مەكتەپ سوكۇلداتتۇق. «بېرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلانماستىن، ساقىلىنىڭ ئاقلىقىغا قاراپلا «فۇزۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» دېگەن تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمى ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى «بۇلاق» ژۇرنىلىدا «كامالەتكە يەتكەن ئەدىب»، «ئەدەبىيات پېشىۋاسى» دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق. ئىلىمگە ئىلىمچە، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژۇرنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نومۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ …

        ئويلاپ باقساق، ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجادكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۈرلىكىگە ئائىت مىساللار ساماندەك. بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بولۇشى مۇمكىن. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بىزگە مەخسۇس رۇبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا، بىز ھەسەت قىلىپ، رەزىللىك بىلەن «ياخشى رۇبائىدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىر نەچچىنىلا يازالايدۇ» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردۇق. «قاتلام نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىلمى رەددىيە بېرەلمەستىن، بۇ نەزەرىيىنى چەت ئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان، دەپ گەپ تارقاتتۇق. تارىخ، پەلسەپە، ئىستىتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر-نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ توم-توم كىتابلارنى يېزىپ بەرسە، خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا «بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى» دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق. ئويۇن تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ مىللەت ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا «ئادەم بولغاندىن كېيىن توي-تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟» دەپ، ئۇنى ئەيىپلەپ ئۆزىمىزنىڭ كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىماي ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرتۈپ ئۇنى ئالدى-كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق. ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشرىيات ياكى گېزىت ژۇرنالدا تېگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ، بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يېقىن يولاتمىدۇق. ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ كېچە-كۈندۈز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا-ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن، بۇ ئالىمنى قاغىدەك چوقۇدۇق. جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ-سۆز تارقالسا، دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئىگىسى قىلدۇق. ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق. ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بولۇپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا، بىز ئارقىدىن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ «ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار» دەپ گەپ تارقاتتۇق. قان تۈكۈرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قېتىملاپ قاتراپ كىتاب چىقىرىپ ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئېرىشسە «شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دېمەيدۇ» دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق. ئۇ يازغان ئىلمى ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» دەپ ماقالا يېزىپ بىزگە خانىقا ئىشىدا ساخاۋەتچى بولۇۋېلىپ مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نومۇس كەلتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ئالىملىرىمىزغا باش بولىۋالغان بىر ئىلىم زومىگىرىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ بەرسە «ئاپىرىن» ئېيتماستىن، «بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى» دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىبلىدۇق. قارىغاندا ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تېنىگە رىئاكسىيە بېرىدىغان ئوخشايدۇ. مۇناپىقنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ.         

        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تونۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئاقىل بىلەن ناداننى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ: «مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى، سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس. چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس» دەپ غەزەل يېزىپ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزگە مىيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى. بۇ بەختسىز، ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى،خۇددى بىر قېتىم ماڭا «ئۆلۈم دېگەن ئۇ شۇنداق نېمە، ئەزرائىل كېلىدۇ، ئاپتوبۇسقا چىق دېگەندەك قىلىپلا، ئېلىپ كېتىدۇ» دېگىنىدەك غىپپىدە كېتىپ قالدى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «ئاپتوبۇس» قا تارتىپ چىققىچە، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى «ئاپتوبۇس» قا ئىتتەردۇق … دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ، يېگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ، كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ، تۇغۇلغانغا جاق تويغۇزۇپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق.

        بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۈپ كەتسە بىز نېمە ئىش قىلدۇق؟ ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەرسىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ سەمرىگەن تەتقىقاتچىلىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئېلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىئو-تېلېۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەۋەر بەرمىدىغۇ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئېلان بېرىدىغان «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بېرىپ قويدىغۇ؟ ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ؟ ئەتىۋارى يوقمۇ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە ئورنىغا مەن بار دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ، قېنى «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ؟ شۇ ھالىمىزغا ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نېمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نېمانچە ئازابلىغاندۇق؟ بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تېپىلمىسا كېرەك.

        شۇ ھېكمەت، شۇ سىر ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا، مەنسۇر ھەللاجى، شاھ مەشرەپلەر دارغا ئېسىلغاندا، ئابدۇقادىر داموللا، تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەختسىز ئۆلۈمىدىن ئۆكۈنۈپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمىگەن خەلقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىشىپ ھەسرەت چەككەن …         

        پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار. ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالارمىز، بۇ بەختسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلىمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان، نادانلىقتىن ئويغۇتىدىغان، قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!



        مەنبە: ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى



jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:12:50

ﻛۆﺭﻩﺵ ﺭﻩﺟﻪﭘﻜﻪ ئوﭼﯘﻕ ﺧﻪﺕ!



يالقۇن روزى





      

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ 5-ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ<<ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﻯ>> ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﺘﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 51-ﺳﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻛﯜﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺭﻣﯘ-ﻗﯘﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻣﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ:

     ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ: ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﺎ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ؟

      ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺭﻩﺟﻪﺏ: ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﯖﯩﺰ، ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﻪﺑﺠﻪﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.

ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 10 ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﻗﯧﻠﯩﭻ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ، ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼ ﺑﯩﻠﺴﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﮭﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. >>

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ! ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ. ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﭼﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﺧﯩﺲ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﻐﯘﻡ ﻳﯘﻕ. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻢ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﺶ (ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. )

      ﺳﯩﺰ <<ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.>> ﺩﻩﭘﺴﯩﺰ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﯩﯟﯨﻠﯩﭗ، ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻ-ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﻳﯩﯟﯨﻠﯩﭗ، ﻳﺎﻻﯓ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ، ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺪﻩﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﭖ، ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺭﯦﺘﯩﻤﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﯘ ﻳﯘﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟!

      ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ <<ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺳﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ ؟>> ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ << ﻗﯘﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﺎﺳﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭼﻪﺗﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯜﻧﯜﻣﻼ ﻗﯘﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ >> ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺴﯩﺰ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﯘﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﻛﺎﺳﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ <<ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺭﯦﺘﯩﻢ>>، <<ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯩﻴﯩﻢ >>،<<ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻢ>> ﻗﺎﻳﺴﻰ ؟ ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜﭺ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﭘﺴﯩﺰﻏﯘ ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﻪﺕ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ، ﺋﻪﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ: ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺭ، ﮬﻮﺷﯘﻗﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﭘﯩﺸﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﯩﻘﯩﯟﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪﺭ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ << ﺗﻪﺯﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ >> ﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.

      ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺗﯘﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻻ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ-ﻗﯘﻳﯘﻕ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺘﺘﺘﯩﻚ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺯﯙﺭﯛﺭﻣﯩﻜﯩﻦ؟! ﺑﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ.

      ﻣﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺍﻣﯩﺪﯨﻦ <<ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ>>، <<ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ >> ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻜﻰ، ﻛﺎﺳﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯧﺰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺘﻠﯩﻖ ﻣﯧﻨﻰ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﻰ ﺷﺎﭘﺘﻮﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،<< ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯩﮕﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ، ﺳﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﯩﮕﯩﺪﻩ ﺧﻪﭖ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ>> ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﺋﯩﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻱ، ﺋﯘ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ، ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ.

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﻨﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﺌﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﻻﻕ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﺌﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻕ.

      ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ، ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ، ﮬﯩﻨﺪﻯ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭﻻﺭ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ <<ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ، ﺋﯚﺯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﻻﺱ.

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ، ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻤﯘ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘ، ﺩﯨﻨﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ :<<ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ>> ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ :1. ﺟﻪﯓ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﻰ، ﻛﯜﺭﻩﺷﭽﺎﻥ. 2. ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﺟﻪﯕﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﯩﺘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ : ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﯞﻩ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺑﺎﻱ. ﺟﻪﺳﯘﺭ. ﺳﯩﺰ <<ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ.

      ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ، ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ، ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺳﯜﻱ-ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻱ ﺟﯜﻳﻰ ﻗﺎﺭﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﻢ ﺑﯩﻴﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﻗﯘﺷﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﻧﯘﺳﺎﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1000ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻏﻪﺯﻧﻪﯞﯨﻴﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ؟ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻏﻪﺯﻧﻪﯞﯨﻲ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ. ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﻓﻪﻳﻴﺎﺯ ﻣﯘﮬﻤﯘﺩﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍﻕ :<<ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻥ .>>

      ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ 500ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻳﻪﻧﻰ 1520-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺩﯨﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺑﯘﺭﻳﯩﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻣﯘﺷﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻛﻰ 1850-ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻏﻪﺯﻧﻪﯞﯨﻴﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭ ﺑﺎﺑﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 500 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼ-ﺗﻮﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻳﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯘﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﭘﯩﺮﯨﺴﯩﻴﻪ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﺘﻪﻙ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﺗﻜﻪﻥ. ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺪﻩ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﯩﺸﺘﺎ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺖ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﯩﺘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻧﺎﭘﺎﻟﯩﺌﯘﻥ ، ﮔﯩﺘﻠﯩﺮﺩﻩﻙ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﻣﻮﺳﻜﯩﯟﺍ ﺷﻪﻫﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﺭﻏﺎﻧﺪﻯ. ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ 1405-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﺑﯘﺭﺍﭖ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ <<ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ>>ﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﯘﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻐﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

      ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، <<ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ >> ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ <<ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺭﺍﻗﻘﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ-ﻗﯘﯞﯗﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺭﻭﮬ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﮬﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺭﻭﮬ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ.ﺟﻪﻣﯩﻴﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺴﯩﺰ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻤﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ. ﺋﯘﻣﯘ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ!!! ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ. ﺑﯩﺮﻟﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺷﯚﮬﺒﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍ، ﻧﺎﺧﺸﺎ -ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯦﺴﻪ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﯜﺩﻩﻙ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﺍﻧﻪ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺗﯘﻧﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻣﺌﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻛﯜﭼﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﯩﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﭗ<<ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ>> ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ. ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ -ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍﻏﺎ ﺑﻪﻙ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ. ﻧﺎﺧﺸﺎ -ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﻧﻪﻏﯩﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻱ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﮬﻪﻡ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺷﻘﺎ ﺩﯛﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﯧﻠﯩﻘﺘﻪﻛﻴﺎﻳﺮﺍﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺪﯗ. ﺧﯘﺩﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﭗ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﮬﯧﺴﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﯩﺰﯨﻘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻨﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ <<ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ <<ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﻳﯩﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﺷﻪﮬﯟﻩﺗﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ، ﻛﯜﻟﻜﻪ ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ >> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻴﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﻰ، ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﻛﯜﻟﻜﻪ-ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰﻩﭖ ﻳﯘﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﭘﺎﺧﭙﺎﻕ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻮﺭﯗﻥ-ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﻰ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻪﻣﯘ-ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﯞﺍﻕ-ﻗﺎﯞﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﻏﯩﻠﺠﯩﯖﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺷﻤﯘ-ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﮔﯘﻳﺎ ﻛﯩﯟﻩﺯﮔﻪ ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻳﯘﭘﯘﻕ ﻳﺎﭘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﻪﻟﺴﻪ-ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﯛﺷﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻧﻪﻏﻤﻪ- ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺗﯘﻱ - ﺗﯜﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ، ﻳﯩﻐﺎ ﺯﺍﺭﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯩﺘﻪﻳﻠﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺮﻟﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻨﯩﻪﻳﻠﻰ، ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻳﻠﻰ، ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍ، ﻧﺎﺧﺸﺎ -ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﻮﻳﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﻳﻠﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ << ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺗﺎﻻﻱ ﺧﺎﻥ- ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻼﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﻏﻤﻪ- ﻧﺎﯞﺍ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭼﯧﻜﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﺴﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﺴﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﻪﺭﺯﺍﯞﻯ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ <<ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍ، ﺋﯘﺳﯘﻝ-ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﺴﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻏﻪﻡ ﻳﯩﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﮔﻮﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯘﺭﺍﻝ.>>ﺩﯗﺭ.

      ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﺒﻪﺧﯩﺶ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ-ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.





مەنبە: << ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ >> ﮊۇﺭﻧﯩﻠﻰ 2006- يىل 3- ﺳﺎن

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:19:03

ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ سەككىز  تۆھپىسى



يالقۇن روزى



  بۇ يىل ئاتاقلىق كارخانىچى ، مائارىپچى، كىشلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ساخاۋەت  ئىگىسى مۇسابايېفلارلارنىڭ غۇلجىدا تۇنجى زامانىۋى كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى.   



1909 - يىلى كۈز كۈنلىرنىڭ بىر ئەتىگىنى غۇلجا شەھىرنىڭ سىرتىدىكى چىغ، شىۋاقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇردىغان ئۈنۈمسىز يەرگە تالاي مۇشەققەتلەرنى يىڭىپ ، يەتتە يىل ۋاقىت ، ئۈچ يېرىم مىليۇن سۇم سەرمايە سەرپ قىلىپ سېلىنغان << ھۈسەنباي زاۋۇتى >> دىن ياڭرىغان سادا غۇلجا ئاسمىنىنى لەرزىگە سېلىپ ، يىراق - يىراقلارغا تارقىلىپ  كەتتى . بۇ خاسيەتلىك سادانىڭ لەرزىسى نەتىجىسىدە نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلاپ كەلگەن  تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلار چاراقلاشقا ، تەڭرىتاغ ئانىنىڭ گىگانت گەۋدىسى بىلىنەر - بىلىنمەس مىدىرلاشقا ، ئۈن - تىنسىز ئېقىپ كىلۋاتقان ئىلى دەرياسى دۇلقۇنلاشقا ، غەبلەت ئۇيقۇسىدا پۇشۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمىي تۇپراق ئاستا - ئاستا سىلكىنىشكە باشلىدى . بۇ ئاۋاز ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردىكى يىڭى مەدىنيەت ۋە يىڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان خاسيەتلىك ئاۋاز بۇلدى . ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يېڭى مائارىپ ۋە يىڭى مەدىنىيەت ھەركىتى ئارقىمۇ - ئارقا بارلىققا كەلدى . غۇلجا ،قەشقەر ، ئاتۇش، كۇچا ، كېرىيە ،قاغىلىق ، تۇرپان ، چۆچەك ، گۇچۇڭلاردا يېڭى مەكتەپلەر قۇرۇلدى . بىر قىسىم دىننىي مەكتەپلەر پەننىڭ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى . تۇرپاندا پاختا زاۋۇدى يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلدى .  

  كېسىپ ئېيتىشقا بۇلىدىكى ، ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار بۇ زاۋۇتنى قۇرۇش ئارقىلىق تارىخمىزدا يېڭى بۇرۇلۇش ياسىدى ، يېڭى تارىخ ياراتتى . ئۇلار بۇ زاۋۇتنى ھۆكۈمەتنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىدىن ئېغىز ئاچقىلى بۇلمايدىغان زاماندا رۇياپقا چىقاردى . ئۇ چاغدا يىڭىدىن گۈللىنىۋاتقان خۇسۇسىي كارخانىلارنى يۆلەش ، ئوتتۇرا ، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مالىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، ئۇلارنى قۇرۇش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش دېگەندەكلەردىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بۇلمايتتى . ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان مۇكەممەل بۇلمىغان بىر جەمىيەتتە بۇنداق بىر زاۋۇتنىڭ  قۇرۇلىشى ، بۇنداق بىر يىڭى كارخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۆجىزە ھىساپلىناتتى . گەرچە زاۋۇتنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە مىللىي ئىگىلىك كۆپ مەنبەلىشىشكە ئاساس سالغىلى بۇلمىسىمۇ ، ئەمما بۇ يېڭى ھادىسە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بۇلماي قالمايتتى . مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى ،  مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلشى تەبىئىي ھالدا مىللىي بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ، پەن - تىخنىكا خادىملىرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ، باشقۇرغۇچىلار  ۋە زىيالىلار قۇشۇنىنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەپ بۇلاتتى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ ئايلىنىش قانۇنيىتىنى چۈشىندىغان ، سىياسىي تەپەككۇرى يىتىلگەن ، مىللىي ئىڭى ئويغانغان كىشلەر توپى شەكىلىنەتتى . شۇڭا ، ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشىنى 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەھمىيىتى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا بۇ خاسيەتلىك ۋەقەنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش تامامەن زۆرۈر. بىز ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇش جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ چىقىدىغان بۇلساق ، بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۈمكىن.   

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرغىچە ئانا دىيارىمىز شىنجاڭ يەنىلا ئىنتايىن قالاق ھالەتتە ئىدى . بىرەر زاۋۇت ،  بىرەر مەكتەپ ، بىرەر دۇختۇرخانە ، ياكى بىرەر گېزىت ژۇرنال يۇق ئىدى . كىشلەر ئات ، تۆگە ، قېچىر ، ئۆكۈز ، ۋە ئېشەكنى قاتناش قۇرالى قىلاتتى ، ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرنىمۇ ھايۋان كۈچىگە تاينىپ تاماملايتتى.  قارا قىشنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىدە سۇماي بىلەن ياندۇرۇلدىغان قارا چىراق پىلىلدىتىپ، تۈگىمەس ھىكايە - چۆچەكنى ئېيتىپ زېرىكىشلىرنى بىسىشاتتى .  

ئەكسىچە شۇ يىللاردا باشقا ئەللەر ، بۇلۇپمۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەس - بەستە سانائەتلىشىپ كۈنسايىن تېز تەرەققىي قىلماقتا ئىدى . زاۋۇت - فابرىكىلار ، ماشىنا - پاراخۇتلار ، مەكتەپ دۇختۇرخانىلار ، گېزىت -ژۇرناللار ، راديۇ - پاتىفۇنلار  ، ئېلىكتېر چىراقلار ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ ، خەلق تۇرمۇشىدا مىسلىسىز قۇلايلىقلارنى ياراتماقتا .

شۇ يىللىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر بايلىرى تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ تۇراتتى . ئۇلار ئۆزگە ئەللەرنىڭ گۈللەپ - ياشناۋاتقان مەنزىرسىنى كۆرگەندە ، ئۇنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئېچىنىنشلىق رېئاللىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، ئىچئىچىدىن ئۆرتىنەتتى ، شۇلار ئارىسىدا رۇسيەلىك سودىگەرلەر بىلەن كۆپ سودا قىلىپ << مۇسابايېفلار >> دەپ تۇنۇلغان ھۈسەنباي ۋە باۋدۇنباي ئىسىملىك ئاكا - ئۇكا سۇدىگەرلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار تولىمۇ غەيرەت - جاسارەتلىك ، پەم - پاراسەتلىك، ئىنساپ - دىيانەتلىك كىشلەر بۇلۇپ دادىسى مۇسا باينىڭ ياخشى تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەندى . مۇسا باي ئوغۇللىرگە دائىم << پۇلنىڭ غۇجىسى بۇلماي ، بىلىمنىڭ غۇجىسى بۇلۇڭلار >> دەپ نەسىھەت قىلاتتى.شۇڭا ، ئۇلار ئانا دىيارنىڭ ياۋرۇپادەك تەرەققىي قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى . ھەمىشە بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەتتى !

1903 - يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن مۇسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يەرمەنكىگە قاتناشقىلى بارىدۇ . ئۇ يەرمەنكىدە ياۋرۇپالىق سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇ - خىل سانائەت ماللىرىغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن ئىلىپ چىققان ئاددىي ، قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن يەرلىك ماللىرىنى سېلىشتۇرۇپ مەيۈسلىنىدۇ .   

يەرمەنكە تۈگىگەندە ئۇ گېرمانيە ، ئىتاليە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىرىپ بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت - فابرىكىلىرنى ،مەكتەپ ، دۇختۇرخانىلىرنى كۆرىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن زاۋۇت قۇرۇپ ، سانائەتنى ئىگەللەش زۆرۈرلىكنى ، سانائەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىدۇ . ئۇ گېرمانيىدىكى << مېيۇنخېن كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى >> نى تەكشۈرگىلى بارغاندا ، دىرېكتۇرغا مۇشۇنداق بىر زاۋۇت قۇرۇش خىيالى بارلىقىنى ئېيتىدۇ .   

    - قەيەردە قۇرىسىز ؟ - دەپ سۇرايدۇ دىرېكتۇر .   

    - ئىلىدا، - دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ھۈسەنباي .   

دىررېكتۇر دەرھال تامغا ئېسىقلىق دۇنيا خەرىتىسگە قاراپ ، بىشىنى چايقىغان ھالدا :

    - ئارىلىق بەك يىراق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈز يۇل يۇق ، زاۋۇتنىڭ ئۈسكىنىلىرى ئېغىر ، ئۇلارنى پەقەت پۇيىز ،پاراخۇت بىلەنلا يۆتكىگىلى بۇلىدۇ . سىلەردە يول يۇق ، ئىنژېنېر يۇق ،تىخىمۇ مۇھىمۇ توك يۇق . ئېلىكتىر ئىستانسىسى يۇق يەرگە بۇنداق چوڭ زاۋۇت قۇرۇش خام خىيال - دەيدۇ .   

ھۈسەنباي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانيەت ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ . كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ . ئاخىرى كۈن - خۇرۇم زاۋۇدى بىلەن ئاياق كىيىم زاۋۇتىنى ھەم بىر گېنېراتۇرنى سېتىۋالماقچى بۇلىدۇ . تۇختام تۈزىدىغان چاغدا قارشى تەرەپ << قۇلىڭىزدە ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئالاقىسى ياكى چەت ئەلدە شىركىتىڭىز يۇق ئىكەن ، تۇختاملىشىشقا سالاھىيتىڭىز تۇشمايدىكەن >> دەپ تۇختاملىشىشقا ئۇنىمايدۇ . ئاسان بەل قۇيىۋەتمەيدىغان ھۈسەنباي بۇ قىيىن مەسىلنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ ۋە ئامال قىلىپ ئىستانبۇل شەھىرىدىن باغداتقا بارىدىغان تۆمۈريۇلنى ياساشنى ھۆدىگە ئالغان گېرمانيە تۆمۈريۇل شېركىتىنىڭ 400مىڭ تىللالىق پاي چېكىنى سېتىۋىلىپ ، بۇ شېركەتنىڭ پايچىكىلىك گۇۋانامىسىگە ئېرىشىپ تۇختام تۈزۈش سالاھىيتىنى ھازىرلايدۇ ھەمدە 500 مىڭ تىللا پۇلنى زاۋۇت ئۈچۈن زاكالەت قۇيۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ .

ئۇ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىنىسى باۋدۇنباينى غۇلجىغا چاقىرتىپ : - ئىنىم سەن چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر . مەن گېرمانيىلىكلەر بىلەن زاۋۇت سېتۋىلىشى تۇختاملىشىپ كەلدىم . سەن دەرھال گېرمانيىگە بىرىپ زاۋۇتنى ئىلىغا ئىلىپ كېلىشنىڭ ئامالنى  قىل . رۇسيە تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان گەپ ،رۇسلارنىڭ پەيلىنى ئۆزۈڭ بىلسەن ، - دەيدۇ . باۋدۇنباي تەمكىنلىك بىلەن :

-زاۋۇت قۇرۇش خەلققە پايدىسى تېگىدىغان چوڭ  ئىش . زاۋۇت قۇردۇق دىگەن گەپ تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ قۇرمىساق بۇلمايدۇ ، دىگەن گەپ. دېمەك ، ھەم سانائەت بىلەن ھەم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ يۇلغا ئاتلىنىپتۇق . بۇ ئىشنىڭ جاپاسى قانچىلىك بۇلسا بۇلسۇن ، بۇلدى ، مەن ئۈستىمگە ئالدىم . مۇشۇ ھەپتىلا يۇلغا چىقاي - دەيدۇ .   

1904 - يىلى قار لەپىلدەپ يىغىپ تۇرغان بىر كۈنى باۋدۇنباي << گېرمانيە سانائەت شىركىتى>> نىڭ ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كىلىدۇ . پاينەكباش لىدىر ئويلىمىغان يەردىن :

- ئەپەندىم ،قۇل ئاستىمىزدىكى زاۋۇتلار ئۇقۇشماي ئاكىڭىزدىن زاكالەت پۇلى ئىلىپ قۇيۇپتۇ . قانۇنۇنىمىزدا << دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك سانائەتلىرنى چەتئەللەرگە ، قۇشنا دۆلەتلەرگە سېتىپ بىرىشكە ، ئۆتۈنۈپ بىرىشكە ، ياساپ بىرىشقا بۇلمايدۇ>> دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭا زاكالەت پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىشكە مەجبۇرمىز  - دەيدۇ . باۋدۇنباي چېچەنلىك بىلەن:

  - گېرمانيە قانۇنۇنىڭ كۈچى كۈچلۈك ، ھۆرمەتلىك ئەپەندىم ، بىز قانۇن بۇيچە تۇختاملاشقان ، شۇڭا قانۇن بۇيىچە بۇلسۇن . بىز گېرمانيە دۆلىتىنىڭ مەنپەتىگە ياكى بىخەتەرلىكىگە زىيان سالمايمىز .زاۋۇتنى قۇرۇش ، ئىشقا كىرىشتۈرۈش تېخنىكلارنى تەربىيەلەشكە يەنىلا يەنىلا گېرمانىيىلىكلەرنى تەكلىپ قىلىمىز ، ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يۇق ، - دەيدۇ .

ئىككى تەرەپ تەكرار سۆھبەتلىشىپ ، ئاخىر باۋدۇنباينىڭ تەلپىگە قۇشۇلىدۇ . لىدىر :

زاۋۇت قۇرۇش ئىشىڭىزغا بىز قۇشۇلغان، ياردەم قىلغان بىلەن چارروسيە ھۆكۈمىتى زاۋۇت ئۈسكىنلىرىنى روسيە زىمىنى ئارقىلىق تۇشۇشۇڭلارغا قۇشۇلماسلىقى مۈمكىن ، - دەيدۇ . باۋدۇنباي :

- ئاكام گېرمانيە تۆمۈر يۇلنىڭ پايچىسى ، شۇڭا ئۈسكىنلەرنى ئومىسكى شەھىرىگە پويىزدا يەتكۈزۈپ بىرىش توغۇرلۇق ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن ، ئۇلارشىركەت نامىدىن چارروسيە بىلەن سۆزلىشىدۇ - دەيدۇ .   

<< گېرمانيە سانائەت شىركىتى >> تۇختام بۇيىچە زاۋۇت ئۈسكىنىلىرنى 1906 - يىلى پۈتكۈزۈپ بىرىدۇ . ئىككى يىلغا سوزۇلغان سۆھبەت ۋە تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بىرىدۇ .چارروسيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۈسكىنلەرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە رۇسيە زېمىنىدىن تۇشۇپ ئىلپ چىقىپ كېىتىشكە قۇشۇلىدۇ . بۇلمىسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇدۇ . ئۈسكىنلەر پويىزلاردىن قاتمۇ - قات ئۆتۈپ 15 كۈن بۇلغاندا روسيىنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە يەتكۈزىلىدۇ ئەمما ھىلىگەر چارروسيە ھۆكۈمىتىنىڭ  ھەربىي ئەمەلدارلىرى پادىشاھ ئالىيلىرى ئىمزا قۇيغان ياكى باش قۇماندان جاناپلىرى قۇل قۇيغان بۇيرۇق بۇلمىسا بۇلمايدۇ ، دەپ باۋدۇنباينىڭ قۇلىدىكى << چارروسيە قاتناش - تىرانسپورت شىركىتىنىڭ توختامنامىسى >> نى ۋە << چارروسيە سانائەت كومبىناتىنىڭ رۇخسەتنامىسنى >> نى ئېتراپ قىلمايدۇ .   

قەيسەر،  ئىرادىلىك ، تەدبىرلىك  باۋدۇنباي روسيە تەرەپنىڭ قەستىنى پەمىلەپ ، دەرھال پېتېربورگقا بىرىپ چىڭ سۇلالىسى كۇنسۇلىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ، 1881 - يىلى ئىمزالىغان << جوڭگۇ -روسيە ئىلى شەرتنامىسى >> دا بەلگىلەنگەن << جوڭگۇنىڭ چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ماللىرى چار روسيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ >> دېگەن ماددىسى بۇيىچە ئوتتۇرغا چىقىپ ، رۇخسەت ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .سۆزلىشىش نەتىجىسىدە ، چار روسيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى نائىلاج ئالاھىدە رۇخسەتنامە يېزىپ بىرىدۇ .

ئۈسكىنىلەر ئومىنىسكى شەھىرىدىن پاراخۇتقا قاچلىنىپ  ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق قازاقستانىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە تەرەپتىكى مۇھىم شەھىرى شەمەيگە يەتكۈزىلىدۇ . شەمەيدىن ئىلىغا يىقىن يەركەنت (ياركەت ) شەھىرىگە باردىغان 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ناھايىتى ئىگىز - پەس ، ئەگرى - تۇقاي بۇلغاچقا ، قاتناش قۇلايسىز ئىدى . ئېغىر ئۈسكىنىلەرنى باسقان چوڭ تىپتىكى ئاپتۇمۇبىللار بۇ يولدا  ماڭالمايتتى . باۋدۇنباي ئېغىر ئۈسكىنىلەرنى يۆتكەشكە بۇلدىغان 50 نەچچە ھارۋا ياسىتىدۇ . ئۈسكىنىلەرنى پەم بىلەن چۇۋۇپ ، ھارۋىلارغا قاچىلاپ ، ئىككى يۈزگە ئات - ئۆكۈزنى ھارۋىغا قىتىپ ،بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەش ۋە ياردەمچىنى ياللاپ ، يۇلغا چىقىدۇ .گېرمانىيەدىن بىللە كەلگەن 20 چە ھەمراھ بىلەن بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەشلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ زور كارۋان دالىلاردا تۈنەپ ، يامغۇر- يىشىن ، بۇران - چاپقۇنلاردا قىينىلىپ ، ئوي - دۆڭ يەرلەرنى تۈزلەپ ، يۇل بويى نۇرغۇن ئورۇنغا كۆۋرۈك سېلىپ ، بىر ئايدىن ئارتۇق يۇل يۈرۈپ ،مىڭ بىر جاپادا يەركەنت شەھىرىگە يىتىپ بارىدۇ .

يەركەنت شەھىرىدە ئۇلارنى غۇلجىدىن كەلگەن ھۈسەنباي ، يەركەنت ۋالىسى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ .   

يەركەنت بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارلىقىدىكى 100 نەچچە كىلومېتىرلىق يول تولىمۇ ناچار ئىدى ، توپىلىق كاتاڭ ھارۋا يولى ھەرقانداق ھارۋىنىڭ جۇلىقىنى چىقىرۋېتەتتى . يەركەنت ۋالىسى خەلقنى بۇ يولنى تۈزلەپ ۋە كەڭرىتىپ ، ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بۇ خەيرىلىك ئىشىغا ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ .مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر بىرەر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ قۇرغاسقىچە بۇلغان يولنى پۈتكىزىدۇ . قۇرغاس بىلەن غۇلجا ئارلىقىدىكى يولنى ھۈسەنباي ئىلى دىھقانلىرنى ياللاپ ئىشلىتىپ تۈزلەيدۇ .   

1907 - يىلنىڭ ئاخىرى زاۋۇت ئۈسكۈنلىرى غۇلجا شەھىرىگە تۇلۇق تۇشۇلۇپ بۇلىدۇ . ئىككى يىل ئۆتۈپ 1909 - يىلنىڭ دەسلەپكى كۈز  كۈنلىرى كەلگەندە زاۋۇت قۇرۇلىشى پۈتۈپ ، 25 مىتېر ئىگىزلىكتىكى زاۋۇت تۇرخۇنى قەد كۆتۈرىدۇ . زامانىۋى << ئىلى كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى>> رەسمىي ئىش باشلايدۇ . بىر يىلدىن ئوشۇق مەخسۇس تېخنكا تەربىيىسى ئالغان 200 يىقىن ئۇيغۇر ئىشچى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ ، 50 لامپۇچكا يۇرۇتۇلىدۇ ، سېخلار ئار تېلفۇن ئالاقىسى ئورنىتىلىدۇ ، نەپىس ئىشلەنگەن كۈن - خۇرۇملار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ، ۋالىلىداپ تۇرۇدىغان سۈپەتلىك ، سىپتا خۇرۇم ئاياقلار بازارلارنى قاپلايدۇ . ئىلى خەلقى بۇ زاۋۇتنى << ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى >> دەپ ئاتىشىدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ يىزىشىچە ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار قۇرغان بۇ كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى 1906 - يىلى شاڭخەيدە ياپۇنلار قۇرغان << جاڭنەن << كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى>>دىن ئۈچ يىل كىيىن قۇرۇلغان . 1913- يىلى جوڭخۇا مىنگۇ ئۆزى قۇرغان 11 تېرە زاۋۇتىنىڭ ئومۇمى كاپىتالى 4 مىليۇن 608 مىڭ يۈەن بۇلۇپ ، <<ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى>> نىڭ كاپىتالىدىن 1 مىليۇن يۈەنلا كۆپ بۇلغان . << ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى >> ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كىيىن روسيەنىڭ پۈتكۈل .وتتۇرا ئاسيا رايۇنىنى ۋە مۇسكىۋا ، پېتېربورگ قاتارلىق شەھەرلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ ، مەھسۇلاتلىرنىڭ تۈرى 10 نەچچە خىلغا يەتكەن .   

شىنجاڭ سانائىتىنىڭ باشلامچىسى ، مىللىي كارخانچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بۇلغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى شۇنىڭدىن كىيىن بىرنىڭ كەينىدىن بىرى بارلىققا كىلىدۇ . مەن ئاكا - ئۇكا مۇسابايىفلارنىڭ تۆھپىسنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ چىقتىم كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئۇلارنىڭ خەلققە قۇشقان سەككىز تۈرلۈك تۆھپىسى چاقنىدى .



بىرىنجى تۆھپىسى : زاۋۇت قۇرغانلىقى . يۇقۇردا ئۇنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە تۇختۇلۇپ ئۆتتۇم .



ئىككىنجى تۆھپىسى : چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەركىتى . ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار 20 گە يىقىن ئوقۇغۇچىنى روسيە ، تۈركىيە ، لىۋان قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتكەن . ئۇلار تۈرلۈك كەسپلەردە ئوقۇغاندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ ئەينى دەۋىردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىلار سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئاكا- ئۇكامۇسابايېفلار قازا قىلغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ياردىمىدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچلار بۇلغان .   



ئۈچۈنچى تۆھپىسى : يىڭىچە باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يۇلغا قۇيغانلىقى . ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاتۇش ئىكساقتا باشلانغۇچ  مەكتەپ تەسىس قىلىپ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ يىڭى مائارىپنى يۇلغا قۇيغانلىقى روشەن پاكىت بۇلسىمۇ لىكىن ، ئۇنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۈت . نىمىلا بۇلمىسۇن  ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى جاھالەتلىك يىللاردا مەرىپەت مەشئىلىنى باتۇرلۇق بىلەن يىلىنجاتقان قەيسەر ئەزىمەتلەر ھىساپلىنىدۇ .ئۇلار ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1920 - يىلى غۇلجىدا قۇرغان بۇلۇپ بۇ مەكتەپ << روشىدىيە مەكتەپ >> دەپ ئاتالغان  .



تۆتىنچى تۆھپىسى : كەسپ تېخنىكا مائارىپىنى يۇلغا قۇيغانلىقى . ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفالار سېتىۋالغان ئۈسكىنلىرى غۇلجىغا تولۇق تۇشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار گېرمانيىلىك ماكس ۋېنگېر دىگەن تېخنىكنى غۇلجغا تەكلىپ قىلغان . ئۇ كەلگەندىن كىيىن 1908 - يىلنىڭ ئوتۇرلىرى ھازىرقى ئىلى پېداگۇگىكا ئىنىستۇتىنىڭ ئورنىدا تېخنىڭ ئىشچىلار مەكتىپىنى قۇرغان . زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىچى بۇلغان بىر يىرىم يىل ۋاقىتتا ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ ، 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىنىپ تېخنىڭ ، ماستېر ، توكچى ، باشقۇرغۇچى ، كاسسىر ، ئىشچى يىتىشتۈرۈلگەن . بۇلاردىن 200 نەپىرى زاۋۇتقا تاللانغان .

1912 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، زاۋۇت ئىشچىلىرى كۆپىيىپ ،500 دىن ئاشقان . شۇ چاغدا ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار روسيىنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلىچە ئاپىستەي قاتارلىق تۆت ئايال ئوقۇتقىچىنى تەكلىپ قىلىپ ، غۇلجىدا <<ئاياللار ھۈنەر مەكتىپى >> دىگەن مەكتەپنى ئاچقان . بۇ مەكتەپكە ، مەدىنيەت دەرسلىردىن تاشقىرى ، تىككۈچىلىك ،  كېسىمچىلىك ، يۇڭ پوپايكا ، شارپا ، ياغلىق ، پەلەي توقۇش ، رېشىليە ئىشلەش ، كەشتىچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەر ئۈگىتىلگەن. بۇ مەكتەپ 1950 - يىللىرى تاقىلىپ قالغانغا قەدەر ، ئون مىڭغا يىقىن ئايال ھۈنەرۋەننى تەربىيەللەپ يېتىشتۈرگەن.   



بەشىنجى تۆھپىسى : دارىلمۇئەللىمىن ( سىفەن )مەكتىپىنى قۇرغانلىقى . 1913 - يىلى ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئىنىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايېا ھەج قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەككىگە بارىدۇ .قايتىشىدا ئاكىلىرنىڭ تاپشۇرىقىغا ئاساسەن ئەھمەد كامال ئىسىملىك بىر مائارىپچىنى بىللە ئىلىپ كىلىدۇ . ئۇلار 1914 - يىلى ئەتىيازدا ئاتۇشقا يىتىپ كىلىدۇ . باۋدۇنباي ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ . ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ قەشقەردە دارىمۇئەللىمىن قۇرماقچى بۇلىدۇ . لېكىن قەشقەر شەھىردىكى مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارىشلىقىغا ئۇچرايدۇ . ئاخىر ئامال بۇلمىغاندا مەكتەپنى ئۈستىن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە ئاچىدۇ . مەكتەپكە قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىن باشلانغۇچ تەربىيە كۆرگەن زىرەك ياشلاردىن 40 نەپىرى تاللىنىپ ئۇقۇتقۇچىلىققا تەربىيىلىنىدۇ . ئۈستىن ئاتۇش خگلقى بۇ مەكتەپنى << ھەبىبزادە دارىمۇئەلىمىن >> دەپ ئاتايدۇ . چۈنكى ئەھمەد كامالنىڭ تولۇق ئىسمى ھەبىبزادە ئەھمەد كامال ئىدى . لېكىن بۇ مەكتەپنىڭ ئورىنبورگدا باستۇرۇلغان دەرسلىكلىرنىڭ مۇقاۋىسىغا بۇلسا << قەشقەر دارلىمۇئەلىمىنىنىڭ دەرسلىكى >> دەپ يېزىلىدۇ . ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى بۇ دارىمۇئەلىمىن تۈرلۈك قارىشلىقلار ئىچىدە داۋام قىلىپ ، ئىككى يىلدىن كىيىن ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش بىلەن تەڭ مەجبۇررىي تاقىلىدۇ . شۇنداقتىمۇ ، بۇ مەكتەپتە تەربىيەللەنگەن ئۇقۇغۇچىلار كېيىنكى يىللاردا ئۆزلىرنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ .   



ئالتىجى تۆھپىسى : كىنونى ئىلىپ كىرگەنلىكى . ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار گېرمانيە تەرەپ بىلەن 19907 -يىلدىن 1909 - يىلغىچە بۇلغان زاۋۇت قۇرۇلۇش جەريانىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بىرىشكە پۈتۈشكەندى .1912 - يىلى مەزكۈر زاۋۇت تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە بىر دانە فىلىم قۇيۇش ئاپاراتى گېرمانيە تەرەپتىن باۋدۇن مۇسابايېفقا تاپشۇرۇلىدۇ .  باۋدۇن مۇسابايېف زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلغان بىر چاس فىلىمدىن باشقا يەنە ھەر خىل مەزمۇنلار ئەكس ئەتۈرۈلگەن تۆت چاس فىلىم ، بىر كىنو ئاپاراتىنى ئىلىپ تېخنىك خادىملار بىلەن بىللە قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ . بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر ئاتۇشتا بىر نەچچە نۆۋەت قۇيۇلغاندىن كىيىن غۇلجىغا ئېلىپ چىقىلىپ غۇلجىدا ئاممىغا قۇيۇلۇپ بىرىلدۇ . بۇ يىڭى مەدىنيەت ھادىسىسى ئەينى ۋاقتىكى نادان ئاۋامنىڭ پەن - تېخنىكىغا بۇلغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىلىم - پەنگە بۇلغان ئىشتىياقىنى كۈچەيتىشتە موھىم رول ئوينايدۇ . :



يەتتىنجى تۆھپىسى :پوتبۇل ھەركىتىنى ئومۇملاشتۇرغانلىقى.ئاكا - ئۇكا مۇسابايىفلار چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى (شادى) شىنجاڭدا پۇتبۇل ھەركىتىنى تۇنجى قىتىم بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزىمەتلەر ھىساپلىنىدۇ. \"

تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى 1915 - يىلى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ،ۋەتەنگە قايىتقاندىن كىيىن ، ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا پوتبول ھەركىتىنى ئومۇملاشتۇرغان .ئابدۇراخمان ئەپەندى 1920- يىلى غۇلجىدا روشىدىيە مەكتىۋىگە مۇدىر بولغاندا تۇنجى قىتىم غۇلجىدا پوتبۇل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان .تۇرسۇن ئەپەندى 1920- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوماندا تەشكىللەپ،قەشقەردە ئەنگىلىيىنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، غەلىبە قىلىپ ،پۈتۈن قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن.



سەككىزىنچى تۆھپىسى: \"مۇسابايىفلار روھى \"نى ياراتقانلىقى. ئاكا -ئۇكا مۇسابايىفلار ،مۇسابايىفلار جەمەتىنىڭ نامىنى مەشھۇر قىلىپلا قالماستىن ،بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سودا -دانائەت، مەدەنىيەت، مۇئارىپ تارىخىدا شانلق سەھىپە ياراتتى.ئۇلار بۇ شانلىق سەھىپىنى نىمە بىلەن ياراتتى؟بۇ يەردە رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل نىمە؟بەزىلەر بۇنى پۇل دەپ ئويلىشى مۇمكىن ،ھەقىقەتەن ئاكا- ئۇكا مۇسابايىفلار كاتتا بايلار،لىكىن ،ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت ئاكا- ئۇكا مۇسابايفلارلا كاتتا بايلاردىن بولغان ئەمەس. بايلىقتا ئۇلاردىن قىلىشمىغىدەك يەنە نۇرغۇن بايلار بولغان، لىكىن ئۇلاردا ئاكا -ئۇكا مۇسابايىفلاردەك روھ بولمىغان. بولغان تەغدىردىمۇ يىتەرلىك بولمىغان. ئاكا -ئۇكا مۇسابايىفلاردا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشتەك قىممەتلىك روھ بار ئىدى. ئۇلار ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلاتتى ئۇلاردا ئۆزىدىن ھالقىيدىغان جاسارەت بارئىدى.ئۇلارنىڭ ھاياتى يول ئىچىش، ئالغا ئىنتىلىش، ئۆزىگە خاس يول تۇتۇش بىلەن خاراكتىرلەنگەن ھايات ئىدى.

ئۇلار كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلارنى پۈككەن ھەم بۇ غايە ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن كۆرەش قىلغان ئىدى.ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتىنىڭ مىزانى قىلغان ئىدى.ئۇلار يىڭىلىققا ،تەرەققىياتقا ئىلغارلىققا ھىرىسمەن  بولغان،جاھالەتكە ،نادانلىققا ،قالاقلىققا دۈشمەن بۇلغان ئىدى .ئۇلار نەزىرىنى دۇنياغا تىككەن ئىدى.ئۇلار ئىقتىسادنى تۈۋرۈك،مائارىپنى مەشئەل قىلغان ئىدى.مانا بۇ ئاكا - ئۇكا مۇسابايىفلارنىڭ روھى! بۇ ئۇلاردىن ئەۋلاتلارغا مىراس قالغان قىممەتلىك بايلىق !بىز ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلايدىغان،روھتا تەربىيىلەشتە مانا مۇشۇ قىممەتلىك روھقا ھەر ۋاقىت مۇراجىئەت قىلماي تۇرلمايمىز.  

ئاكا - ئۇكا مۇسابايىپلارنىڭ زاۋۇت قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان،زاۋۇت،كارخانىلارنى قرۇش ئەۋجىگە چىقىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك .بىز 2009 - يىلىدا بۇ توغرۇلۇق قانداق ئىجابى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئىجتىمائى ھاياتىمىزدا قانچىلىك داغدۇغا پەيدا قىلالايمىز؟بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەقىدىسى،چۈشىنىشى،پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق .

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:20:27

-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى

يالقۇن روزى

  

                                                                                                  


     ئىسلاھات ئىنسانىيەت تارىخدىكى يورۇق تېما. ئىسلاھات-ياخشىلاش، تۈزىتىش،  ئۆزگەرتىش دىمەكتۇر.يەنى، ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ، تۈزىتىپ،  گاھىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكە باي يىڭى تۈزۇم، يىڭى مەدەنىيەت ۋە يىڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھات شەكىل كۆپ خىل، ئۈنۈمى پەرقىلىق بولسىمۇ بىراق ئورتاقىلىقى شۇكى،  بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قۇرقماس جاسارەت يىراقىنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.بۇنداق تۈپ ساپانى ھازىرلىمغان كىشىنڭ ئىسلاھاتچى بۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانىيەت تارىخدىكى بارلىق داڭلىق ئسلاھاتچى دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋەر ئەزىمەتلەردۇر.

     20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ،  مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام دەل مۇشۇنداق تۈپ ساپاغا ئىگە زات ئىدى.
ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھاياتى،  ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلاھاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتىقىق قىلش 20-ئەسىرىنىڭ باشلرىدىكى مىللى ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىنى يۇرۇتۇشىمىزدا مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە. مىسالەن، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەدىتلىك ھەرىكىتى قاچان،  قانداق باشلانغان؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاتارمەرىپەتچىلىرى قوزغىغان جەدتىلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئىدىيۋى ئىقىم پەيدا قىلالىغانمۇ- يوق ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەدىتىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە مەنىۋى يولباشچىلاربارلىققا كەلگەنمۇ -يوق ؟

   ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنشى قانداق تەسىر ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئىڭى ۋە مىللىي ئىڭى قاچاندىن باشلاپ ئۇيغانغان ؟ بۇ بىر قاتار مەسىلە بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىدىيە،  ئەدەبىيات،  تارىخمىزغا مۇناسۋەتلىك مەسىللىلەردۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئابدۇقادىر دامۇللامىنڭ ھاياتى،  ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنشى ۋە جەدىتىلىك پائالىيەتلىرىنى بىر قەدەر مەنتىقىلىق رەۋىشتە بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىنقىسز مەسىللىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرشتىم.مىنڭچە، ئابدۇقادىر دامۇللام دەۋىرى بولغان 1910-يىللردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى يورۇتقاندا بۇ مەسىللەرگە بىر قەدەر رۇشەن جاۋاب تاپقلى بولىدۇ.


ھەممىمىزگە مەلۇم،  ئىسلامىيەت تارىخىدا 18-ۋە 19ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.چۆنكى،  بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولغان تۈرك ئوسمانلى بىلەن تۈرك موغۇل ئىمپىرىيەسى كۈنسىرى ئاجىزلىشىپ،  قەدەممۇ –قەدەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىساپتا بىرى يوقىتىلىپ،  بىرى لىڭىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى،  ئافغانستان ۋە ئىران ئىگىزلىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان بۇ ئەسىرلەردە ئىسلەمىيەتنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بىرى يامراپ كىلىۋاتقان ھەرخىل دىنى مەزھەپىنڭ بىدىئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسىلرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە –ئىتىقادلىرىنى ئىزىدن چىقىرۋەتكەن،  بولۇپمۇ سۇپى –ئىشانلار گۇرۇھى ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەلتەنىتگە سالجىدەك چاپلىشۋىلىپ،  ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگۋار قاراشلىرىنى چىرىتىۋەتكەن،  تەركى- دۇنيالىقىنى ئەڭ ئالىي ئەخلاق دەپ داۋراڭ سىلىپ،  ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنسدىن بەخىت ئىزدەش غايىلرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇرلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇىشلارغا بۇرىۋەتكەن. سۇپى-ئىشانلار گۇرۇھنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى زۇر تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىزدىنىش ۋە كۈرەش جاسارىتى كەمچىل مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۈچى زەئىپ،  ئىمانى مۈجىمەل،  ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن ئاڭقاۋ (نادان) جامائەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن،  تەركى-دۇنياچىلىق كەيپىياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۋاتقان بۇنداق شارائىتتا ياشىغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بارا-بارا خارۇ-زارلىق كوچىسىدا قىقىلىپ-سوقىلىپ ياشاشىنى ھار ئالمايدىغان بىپەرۋا جامائەتكە ئايلانغان. قسىقىسى،  سوپى –ئىشانلانىڭ تەركى –دۇنياچىلىق تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپنچسىنى ھۇرۇنلۇق،  چىچىلاڭغۇلۇق، بوشاڭلىق،  قاشاڭلىق، ئىللەتلىرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۋەتكەن.«بۇ سوپىلار دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسى تامامەن ئۇلارنىڭ بوياقلرى بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن،  قەيەردە شەھەر ياكى يىزا بولدىكەن.ئۇ يەردە سوپىلار بار ئىدى».

      دىمەك ئىسلامى ھاكىميەتلەرنىڭ زەئىپلىشى،  مۇسۇلمانلارنىڭ چۆشكىنلىشى،  ئىسلام ئىتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملىققا يۈزلىنىشى ئېغىر تارىخى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋىرلەردە ھاكىم مىللەتلەر ھىساپلىندىغان ياۋرۇپا ئەللىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنسىرى قۇدرەت تىپىپ،  كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كۆرلىمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ،  رىقابەت ئىقتىدارى ئىشىپ،  ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تىپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ –زەمبرەكىلىك كىمە –پاراخۇتلىرى دىڭىز –ئوكيانلارنى تىنىمسىز كىزىپ،  زامانىۋى قۇشۇنلىرى سەلدەك يامراپ، يىڭىدىن –يىڭى موستەمىلىكە زېمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ سىرلىق ھەم سىھىرىلىك ھىساپلىندىغان شەرق ئۇلارنىڭ بۇيسۇندۇرۇش،  تالان –تاراج قىلش نىشانى ئىدى. ئۇلار شەرقىنى بۇي سۇندۇرۇش ۋە تالان-تاراج قىلشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يىتىش يولىدا بىر -بىرى تىنىمسىز بەسلىشەتتى. بولۇپمۇ قارام نىيىتى تىشىپ تۇرغان بىرىتانىيە ئىمپىرىيسى بىلەن چاررۇسىيە ئىمپىرسىنىڭ بەس-بەستە زىمىن كىڭەيتىشى نەتىجىسدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافىرىقا،  ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىندا كەينى-كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ،  قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس زەنجىرلىنىپ ئۈمۈد چىرىقى بارغانسىرى خىرەلىشىپ ئۆزلىرنىڭ تارىخى دۆشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەسرەت ئىلكىدە قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.

       مانا مۇشۇنداق ئىغىر تارىخى كۈلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسنىڭ تارىخى شان-شۆھىرىتى،  ئىسلام ئەللىرىنىڭ مىللىي ئەرك –ھۇقۇقى ۋە مەرىپەتچىلىك رۇھىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۆچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان شىر يۈرەك مىللى داھىلار بىلەن ئوت يۈرەك موتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشىنى تەقەزار قىلدى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمدا بارلىققا كەلگەن ئىسلاھات رۇھىغا ئىگە ئىسلامىيەت دۇنياسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىش قوڭغۇرىقىنى چالدى.


   شۈبھسىزكى، ئىسلاھات روھى كۈچلۈك ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەلىماتى يىقىنقى زامان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى موھىم تۈرىتكە ھىساپلىنىدۇ. خۇددى زامانىمىزدىكى خەنزۇ تەتىقىقاتچى سەي دېگۈي ئىيتقاندەك :«ئىسلام مىللەتلىرى ئاجىزلاشقان ۋە قۇل قىلشقا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ مىللەتنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۇردى»،  «ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە تىنماي كۈرەش قىلش رۇھى شەرق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يىقىنىقى زاماندىكى گۈللىنىشكە يىتەكچى بولىدۇ». تىخىمۇ توغرىراقى،  «ئۇلارنىڭ تەلىمى تالاش – تارتىشسىز ھالدا شەرقىتىكى ئىدىيە گۈللىنشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.» 19-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسغا كۆرسەتكەن تەسىردىن ئىيتقاندا،ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋي موتەپەككۇر ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى،  ئۇلار «بىرەر ئىسلام دۆلىتىگە بارسا،  شۇ دۆلەتنىڭ زىمنىدىكى چىرىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىنقلاپ يالقۇننى تۇتاشتۇرۋىتەتتى.»ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كىشلەرگە قالدۇىرىغان گەۋدىلىك ۋە چوڭقۇر تەسىرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىتپاقلىش ۋە ئويغۇنىشىنى ئارزۇ قىلش ھەم  موستەملىكچىلكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ھەمدە مۇشۇ يولدا باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلش رۇھىدىن ئىبارەت. ‹‹مۇشۇ تەشەببۇس ئاساسىدا،  ئۇلار سىياسى،  ئىجتىمائى ۋە دىننى ساھەسىدكى بىر قاتار چوڭ مەسلىدە پەيلاسۇپىنىڭ مەنتىقى چوڭقۇرلىقى ۋە باتۇرلىقىنى،  سىياسەتچىنىڭ يىراقىنى كۆرەرلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى،  دىننى ئىسلاھاتچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئوچۇق-يۇرۇق خسلىتىنى ئىپادلىدى.»

       ئۇلار مەسىلىنى رەت قىلغۇسىز دەرجىدە ئىنق،  چۈشنىشلىك ئوتتۇرىغا قوياتتى.ئۇلار،  تەبىئى پەنلەر رۇھى تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەبىئى پەنلەر رۇھىنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن «خۇدا ئىككى كىتاب ئەۋەتكەن،  ئۇلارنىڭ بىرى (قۇرئان )،  يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت. بىر موئەللىپ يازغان بۇ ئىككى كىتاب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس،  شۇنىڭ ئۆچۈن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۆگىنش لازىم »دىگەن.


    ئۇلار يەنە مۇنداق قارىغان :«كىيىكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىڭ قاتارىغا ھەرخىل تەركىبتىكى كىشلەر كىرىپ،  ھەرخىل ئىدىيە فۇرماتسىيەسىنىمۇ ئىلىپ كىرىپ،  ھەرخىل غەيرى ئەقىدىنى شەككلەندۇرۈپ،  كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن،  كۈچلۈك تەسىر ۋە كۈچ ھاسىل قىلىپ،  ئىسلام دىننى ئەسىلدىكى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلاردىن چەتلتىۋەتتى. دىندا پائال كۈرەش قىلىدىغان رۇھ تۈگىدى. كونىلقققا يىپشۋىلىش،  پاسىپلىق بىلەن كۈتۈش مۇسۇلمانلارنىڭ (نىسىۋىسى) بولدى. ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقان ئىقىمىدىن ئايرىلىپ قالدى.» شۇڭا ئۇلار «ئىسلاھاتنى دىندىن باشلاپ،  كىشلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىدىئولىگىيەسنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كىرەك،  دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقانلىقىنى تونۇشقا،  بۈگۈنكى دۇنيادا قاتار تۇرماقچى بولىدكەن،  جاپالىق ئىشلەش، تىرىشىپ ئىجاد قىلش ۋە قۇرۇشقا، ئۆتكەنكى شان-شۆرەتنى مەدىھلەش بىلەن مەمنۇن بۇلۇپ يۈرمەستىن، ھازىرقى زامان پەن مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلشقا چاقىرىدى؛ دىن بىلەن پەنىڭ،  دىن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. ئۇلار يەنە پەن بىلەن دىن زىت ئەمەس،  دىن پەننى ئىنكار قىلمايدۇ،  پەننمۇ دىننى ئىنكار قىلمايدۇ،  دەللىلەش پىرىنسپى ۋە قانۇم چىقىرىش پەرقلىندۇ،  يەكۈنى ئوخشاش. شۇڭا مۇسۇلمانلار پەن بىلەن دىننى قارمۇ –قارشى قىلىپ قويماي، ھازىرقى زامان پەن-تىخنىكسىنى ئۆگىنىشى لازىم،  دەپ قارىدى.»

      ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاڭ ئۇيغىنشىغا ماس قەدەمدە تۈركى خەلىقلەر ئارسىدىمۇ ئىسلاھات ئىدىيەسى شەككلەندى. بۇ خىل ئىدىيە جەدىتچىلىك دەپ تەرىپلەندى. جەدىتچلىك زامانىۋىلىشش،  يىڭلاش ھەرىكىتى بولۇپ،  ئۇ ئىسلاميەتنىڭ قىممەت قارشى ئاساسىدا،  ياۋرۇپانىڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيتىنى ئۆگىنىپ،  ئۇنى مىللى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. جەدىتچلىك ھەرىكتىنىڭ بايراقدارلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىم ھەم ئېدىل- ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارلار ئارسىدىن چىققان مەشھۇر موتەپەككۇر ئىسلاھاتچىلار ئىدى. ئۇلار تۈركى دۇچ كەلگەن تارىخى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ قىرىم يىرىم ئارىلى ئۇرال ئېدىل بۇيلرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىرىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ئاڭ جەھەتىىكتى ھەقىقى ئۇيغۇتشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ كىمنىڭ دوست،  كىمىنىڭ دۆشمەنلىكىنى،  نىمىنىڭ زالالەت،  نىمىنىڭ سائادەت ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىيتەلمەيدىغان نادان خەلىققە كىلەچەكىنىڭ داغدام يولىنى كۆرسەتكلىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىدە ئىپادىلەندى. ئۇلار رۇسىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرۇپ،  چاررۇسىيە ھاكىميىتى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قىلشىغا سەۋەب بولدى،  دەپ قارىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،  مەۋھۇم خەلىقتە زۇلۇمىنى ھىس قىلىدىغان ئاڭ بولمىسا،  ئۇلار زۇلۇمىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئادەتتكى مەزمۇنى سۈپتىدە ھىس قىلىپ كىتىۋىرەتتى.

      زادى قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىڭىنى ئۇيغىتىپ،  زاماننىڭ زۆرۈرىيەتلرىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى،  مىللى ئاڭىنى ئۇيغىتىپ، ھۆرىيەت رۇھىنى شەكللەندۇرگىلى،  خۇراپاتلىققا خاتىمە بىرىپ ئەقىدىنى ساپلاشتۇرغىلى،  نادانلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى،  خارلىق،  ئىتپاقسىزلىق، بۇشاڭلىق،  قاشاڭلىق ئىللەتلرىنى تۈگىتىپ گۈللىنىش يولىغا قەدەم قۇيۇپ،  ئاخىرىدا قۇللۇق كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدۇ ؟ مانا بۇ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دىننى مۇتەپپەككۇرلار بىلەن مىللى داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىندىغان،  ئويلىندىغان جىددى مەسىلە ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايىغان مىللى ئۇيغىنىش ھەرىكتىنىڭ بايراقدارى،  مەشھۇر جەدىتچى ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللا ئىبنى ئابدۇۋارىس كاشغەرى (ئەزىزى) خەلىقمىز ئارسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى موتەپەككۇر ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن زامانداش مەشھۇر شائىر،  ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىن خان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ھەزىرەتلىرى ( 1925-1856) نىڭ تىلى بىلەن ئىيتقاندا : ئابدۇقادىر دامۇللام نازۇكلۇقتا روھقا،  ئىرادىسنىڭ، مۇستەھكەملىكىدە تاغقا،  ئىلىنىڭ موللۇقىدا دىڭىزغا ئوخشايتى. ئەپسۇسنارلىقى،  مىللى ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويىنغان ئىجتمائى ئىسلاھاتچى ھىساپلىندىغان ئابۇقادىر دامۇللام ھەقىقدە ھازىرغىچە ئىلان قىلنغان بارلىق چوڭ كىچىك ئەسەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھايات پائالىيىتى مۈجىمەنلەشتۈرۈۋىتلگەن،  دەۋىر ئارقا كۆرنشى تەھىلل قىلنمىغان،  ئسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ شەكللىنش باشقۇچلىرى رۇشەن يورۇتىلمىغان. شۇڭا سىستىملىق باغلىنش يوق بوپقالغان.  بىر ئىدىيەنىڭ شەكلىنىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرىنىش ۋە موئەييەن باشقۇچىنى بىسىپ ئۈتۈشتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىزدىنش،  دەللىلەش،  مۇھاكىمە قىلش ئارقىلىق ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ پائالىيىتى،  ئىدىيەسىنىڭ شەككلىنشىدىكى ئارقا كۆرنۈش ۋە باسقۇچىلارنى سىستىمىلىق بايان قىلشقا تىرشتىم.

ئابدۇقادىر دامۇللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشىنڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنىتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسملىك دىھقان ئائلسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەد – قارىخانىلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىلگىرى بىلەن ساخاۋەتچى بايلار سولتان ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىنى ئۆچۈن قەۋرىگاھ يىنغا مەسچىد ،  مەدرسە،  خانقالارنى تەمىر قىلغان. ئابدۇقادىر دامۇللام دەسلەپكى مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى «ھەز(ھەزر ىتى) سولتان مەدىرسەسى» دە ئالغان. يىشى 20لەرگە ئۇلاشقاندا قۇقانغا چىقىپ ئوقۇغان.


    ئەيىنى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشىنىڭ يولى ئىدى.چۈنكى، 15-ئەسىردىن كىينىكى بۇخارا ئىسلام دىننى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.شۇڭا،  «سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم،  بۇخارى قۇۋىتى ئىسلام» دەپ ئۇلۇغلانغاندى.

     ئابدۇقادىر دامۇللام ئاتۇش ۋە قۇقاندا ئىگەلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي،  ئىلىمدە قانائەتكە يىتىش ئۆچۈن بۇخاراغا بىرىپ،  ئۇ يەردىكى «ئابدۇلئەزىزجان مەدرسەسى» گە ئوقۇشقا كىرىپ،  دىنى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى بۇيىچە ئەتىراپلىق مەلۇمات ھاسىل قىلپلا قالماستىن،  ئەدەبىيات تارىخ،  ئىلىمى مەنتىق،  ھىساپ ۋە ئەرەب،  پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەلىگەن. ئۇ،  بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇررەززاقىي،  بۇخارا مۇپتىسى ئىۋەز خوجەندىي،  قۇقاننىڭ شەيخۇلىئسلامى دامۇللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ئابدۇقادىر دامۇللام 1907-1909 –يىللاردا بۇ ئوستازلىرىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىدە ئۇلارنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋە قايىللىق ھىسىياتى بىلەن مەدھىيەلىگەن،  بۇخارا شەھىرى ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم –تەربىيەۋە  مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى باھاۋدىن نەقشىبەندىي بەرپا قىلغان نەقشىبەندىيە ئېقىمىنىڭمۇ  مەركىزى ئىدى.. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدا «بۇخارى شەرىف» دەپ ئۇلۇغلىناتتى،  بۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائى جەريانىدا بۇخارادا مەدرسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنى ئۆلىمالار يىتەكچىلىكدىكى كۈچلۈك بىر قەدىميىچىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۇرگەندى. بولۇپمۇ بۇخارى ئەمىرى ئابدۇللاخان زامانىدا شەيىخۇل ئۆلىمالىققا تەكلىپ قىلنغان مىرزاجان شىرزاىي دۇنياۋى پەنلەرنى ئوقۇتۇشىنى چەكلەش جەھەتتە سەلىبى ئۈلگە تىكلىگەن. مۇتەئەسىپ خاراكتىرىگە ئىگە بۇ ناچار ئۈلگە ئۈچ ئەسىر جەريانىدا  كەڭ ئومۇملاشقان.  شۇڭا قىرىم ۋە ئۇرال-ئېدىل بويلرىدىكى تاتارلار ئارسىدا تېز ئۇلغىيىپ جەدتىچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇخارادا كۈچلۈك قارشلىققا ئۇچرىغان،  بۇ مەتەئەسىپ قەدىمىيچىلەر جەدىتچلىكىنى ئىسلامغا قارشى بىر ھەرىكەت شەكىلىدە كۆرەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى كىينكى ھاغلاردا كۆپنچە مىڭىنى چىرتىدىغان بىلملەرنى ئۆگىتدىغان قالاق مائارىپ بوپقالغان. بۇخارا مەدرىسلىرى ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتىنى جان –جەھلى بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىديەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر مۇنداق قالاق مائارىپىنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى ‹‹شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە  مۇنداق باياب قىلغان :«ساپ ۋىجدانىمىنىڭ ۋە بەزى ھەقەقەتچى زاتلارنىڭ،  سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرستىشلرى بۇخارادا  ئىلىم تەھسىل قىلش جەريانىدا ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخۇرلۇق زۇلۇمدىن،  شۇنداقلا مەنتىق،  كالام،  پەلسەپە كىتاپلىرىنىڭ شەرھ – ھاشىيەلىرى،  قاتمۇقات ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات  زەنجىر- كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمىنى ئازاد قىلدى.»


  ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن سۆھبەت قۇرغان ھەم ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن «ھەقىقەتچى زاتلار» كىم بولۇشى مۇمكىن ؟ بۇ ھەقىقەتچى زاتلار ھەقىقدە  ئابدۇقادىر دامۇللام ئىنىق قىلىپ  مۇنداق يازغان : «بۇخارادا ھاشىيە خانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە پىكىرىمىنىڭ  شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەب : بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبىنى تەيىميە،  ئىبىنى قەيىم جەۋزىي،  جامالدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەت ئابدۇ ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى موتالىئە –مولاھىزە قىلماق ۋە ھازىرقى زاماندىكى ‹تەرجىمان › ‹ۋاقىت›،  ‹شۇرا› كەبى پايدىلىق گىزىت ۋە ژۇرنال مەسلەكلىرىگە ئەگشمە بولىدى» بۇ نىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى،  ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ  ئىسلاھات ئېڭى ۋە جەدىتىلىك ئىدىيەسى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن شەكللىنشكە باشلىغان.

     ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ 20-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن،  تۇنجى نىكاھى كۆڭلدىكىدەك بولماي،  ئىككىنجى قىتىم نائىلە ئىسىملىك قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. 1902-يىلى ئاۋغۇستىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كىيىن بىر يىل ئۆتكەندە ، يەنى 1903-يىلى 33يىشدا تۇنجى پەرزەنتى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دۇنياغا كەلگەن،  ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇشىنى يىڭىدىن تۈگىتىپ كەلگەن ياش دامۇللام بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردىكى ئومۇمى ئىقىم ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ،  بىخ ھالىتىدىكى يىڭى قاراشلرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر پەيدا قىلشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى «ياۋرۇپا ئەللىرىدە مائارىپ-مەرىپەتچلىك ئىشلىرى تازا يۈكسىلۋاتقان شارئىتتا،  ئۇغۇر جەمىئىيتىدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە جاھالەت،  يەنى ئاڭ،  بىلىم،  پىكىرىدە  قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى.» ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە بىر مەزگىل مۇدرسىلىك قىلغاندىن كىيىن،  ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاچ  چەتئەللەردىكى ئىسلاھات ئەھۋالىنى بىلىپ كىلش مەقسىتدە 1906-يىلى مەككىگە بارغان،  ھەجىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا بارغان. ئۆزىنىڭ يېزشىچە،  مىسىردا تاتار تالىبلارنىڭ ياردىمىدە داڭلىق يىڭلىقپەرۋەر مۇتەپەككۇر شەيىخ رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» ژۇرنىلنىڭ باشلىقى مۇستاپا كامىل،  تەھزىرىيە مەدرسىنىڭ مۇدىرى سەيپىدىن مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىق زاتلار بىلەن پىكىرلەشكەن،  ئىسلاھات رۇھىغا باي ئەدىب – ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ،  مىسىردا ئىككى ئاي تۇرۇپ،  ئاندىن ۋەتنىگە قايىتقان. ئۇ بۇقىتىم غەيرەت قىلىپ قەشقەر ئاھالىسىنى تەرەققىيات ۋە جەدىتچىلىك ئىسلاھاتىغا دالالەت قىلشقا كىرشكەن. ئۇنىڭ ياشلارغا خاس قىزغىن ھېسىيات بىلەن قىلغان بۇ دالالەتلرى خۇراپاتلىق  نادانلىق،  قاششاقلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسپىكلىنىڭ قاتمۇ-قات چاڭ تۇزانلرىغا كۆمۈلۈپ قالغان  قەشقەر دىيارىدا ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن،


    مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار ئۇنىڭغا بىردەك ئۆكتە قۇپقان. ئىككى ئوتتۇرىدكى تۈپ زىدىيەت مەدرسە –مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى – ساۋاق ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاش،  يىڭلماسلىق مەسىلسىگە مەركەزلەشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ ئەھىميىتنى تونۇپ يەتكەن ئىلغار زات ئىدى. ئۇ،  مەشھۇر تاتار جەدىتچلىرىنىڭ ئىدىيە-تەشەببۇلرىدىن خەۋەردار ئىدى. كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال بولغاچقا جەدىتچىلەر قەتئى ئىسلاھات قىلشىنى تەلەپ قىلاتتى. داڭلىق تاتار جەدىتچى ئالىم رىزائىدىن ئىبىنى فەخىردىن (1858-1937) ‹‹ساۋاق (دەرس) ئۇسۇلىغا رىئايە ) دېگەن ماقالىسىدە كەسكىن قىلىپ «ساۋاق ئۇسۇلى ۋە تەربىيە قائىدىسى بۈيۈك ۋە شۇ نىسبەتتە مۇبارەك بىر پەن. ساۋاق ئۇسۇلىغا رىئايە ئەتىمىگەن مۇئەللىم ئۆز ئىتىبارسىزلىقى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ زېھنىلىرىنى ئەزىمەكتىن ئۆزگە بىر پايدا كەلتۈرمەس. بالىلار مۇنداق مۇئەللملەرگە بەرگەندىن كۆرە،  ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى ھاللىرىغا قالدۇرىغان ياخشىدۇر. ھازىر تەلىم رەۋشلىرى ( ئۇسۇللىرى، شەكللىرى) نى ئۆزگەرتىپ يىڭلاشقا زامان بىزلەرنى تەقەززار قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇزاق ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ زۆزۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن : «رۇس ۋە پەرەڭلەر ( ياۋروپالىقلار) دە بولغان ئاجايىپ ئىختىرالارنىڭ بارچىسى پايىدلىق ئىلملەر تەلىم ئىتىلمەك سەۋەبىدن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئۈستمىزدىكى كۆڭلەكلىرىمىز ،  ئاستىمىزدىكى كۆرپىلىرىمىز،  چانايۇ –ھارۋىلىرىمىز ھەتتاكى ساياھۇ- قەغەزلىرىمىز، قىسقىسى،  يالىڭاچ تىنىمىزىدىن باشقا نېمىمزى بار بولسا،  بارچىسى شۇلار قولىدىن ئىشلىنىپ چىققانلىقى،  ئۇلاردا تەربىيە دۇرۇس بۇلۇپ،  بىزلەردە دۇرۇس بولمىغىنى ئۆچۈندۇر. لىكىن بىزلەر قاچانغىچە ئەل- ۋەتەنىڭ رۇناق تىپىشى ئۆچۈن زەرىچە پايدا كەلتۈرمىگەن كىتاپلاردىن ساۋاق بەرمەك بىلەن بالىلارنىڭ زىھنىلرىنى زەھەرلەپ،  ئىستقباللىرىنى بەربات ئىيتۇرىمىز ؟! »

   ئەمما قەشقەر ئۆلىمالىرى ئىسلاھات دىگەن ئاتالغۇغا بۇخارا مەدرسىلرىگە ئوخشاشلا سۇغۇق قارىغاچقا ئابدۇقادىر دامۇللامىنى قاتتىق چەتكە قىقىپ يىتىم قالدۇرغان نەتىجىدە ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە تۇرالماي،  1909-يىلى يەنە قۇقان، تاشكەنت،  بۇخارا تەرەپلەرگە يول ئالغان.

    ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارغاندىن كىيىن بۇ جايلاردىكى يىپيىڭى جاللىنىش مەنزىرسىنى كۆرگەن قىرىملىق مۇتەپەككۇر ئىسمائىل غاسپرالى قۇزغىغان جەدىتلىك ھەركىتى بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلنۋاتاتتى جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى تېز سۆرئەتكە كۆپىيۋاتاتتى «تەرەققى›،، «خۇرشىد» دىگەن گېزىتلەر نەشىر قىلنۋاتاتتى. مۇنەۋەر قارى ئابدۇ رەشىدخان ،  ئابدۇللا ئەۋلانى،  مەھمۇد خۇجا بەھبۇدى  قاتارلىق جەدىچىلەر سەپىنىڭ ئالدىدا رۇل ئويناۋاتاتتى. ئابدۇرەئوف فتىرەت  باشچىلىقدىكى جەدتچىلەر بۇخارى ئەمىرلىكى تەۋەسىدە بۇخارى ئەمىرىنىڭ تۇسقۇنلىقى ۋە بىسملىرىغا قارىماي ئوقۇتۇش ساھەسىگە ئوخشاش،  سىياسى ساھەلىرىدىمۇ ئىسلاھات ۋە ئۇيغىنىش ۋەزىيىتىنى يارتىشقا تىرشماقتا ئىدى. قازان،  ئورىنىۇرگ،  ئوفا قاتارلىق شەھەرلەردىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى  بۇ مەزگىلىدە ئاللىبۇرۇن دەۋىرىنى يىتەكلەيدىغان ئالاھىدە تەسىرىگە ئىگە زىياللار قۇشۇنى بۇلۇو شەكللىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ،  گىزىت- ژۇرناللارنى چىقىرىپ،  كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ جەدىتىلىك يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈپ بولغان ئىدى. ئەھمەد ھادى مەقسۇدى،  رىزائىدىن ئىبىنى فەخردىن،  يۈسۈف ئاقچۇرا،  موسا جارۇللا،  ھەسەن سەبىرى،  قاتارلىقلار داھى سۈپەت جەدىتچىلەرگە ئايلانغان ئىدى. بەختىكە يارىشا،  ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخاراغا بارغان مەزگىلىدە بۇخارى ئۆلىماللىرى ئىدىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ،  ئىلگىرى «ئۇسۇلى جەدىت ھارام،  ئۇنى ئۇقۇغۇچى دەھرى» دىگەن پەتىۋا ئورنىغا «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىب،  ئۇنى ئوقۇش زۆزۈر» دېگەن پەتىۋانى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇخارا تاجىكلىرى ئارىسىدن چىققان جەدىتچى ئەدىب سەدردىن ئەينىنىڭ يېزىشچە،  ئىسمائىل غاسپىرالى 1908-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكىگە زىيارەتكەن كەلگەندە جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش مەسلىسنى موزاكىرە قىلش ئۆچۈن ئۆلىمالارنى چاقىرىغان. مۇزاكىرىدە مۇللا نىزامى دىگەن كىشى بۇخارا ئەمرى ئابدۇلئەھەتتىن مەكتەپ ئىچشقا مەخسۇس ئورۇن كۆرسىتىپ بىرشىنى ئىلتىماس قىلغان. مۇزاكىرىگە قاتناشقانلار مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ئىسمائىلىيە» قۇيۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئىسمائىل غاسپىرالى بۇنى مۇۋاپىق كۆرمەي، بۇخارا ئەمىرنىڭ دادسى مۇزەففەرىددىننىڭ ئىسمى بۇيىچە «مۇزەففەرىيە» قۇيۇش تەكلىپىنى بەرگەن مانا بۇنڭدىن جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىدە ئۆلىمالار ۋە ئەمىزنىڭمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئومۇمى قىزغىنلققىا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.




    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەردە جەدىتلىك ھەرىكتنىڭ بۇنداق تېز جانلىنشىغا 1905-يىلىدىن 1908-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە چاررۇسىيە،  ئىران ھىندىستان ۋە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىنقلابلار سەۋەب بولغان ئىدى.




    1904-يىلى پارتىلغان چاررۇسىيە بىلەن پاپۇنىيە ئوتتۇرسدىكى ئۇرۇشتا رۇسىيە مەغلۇپ بۇلۇپ،  خەلىقئارادا ئىغىر ئاھانەتكە قالغان. شۇ سەۋەبتىن چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىتلكىدىن نارازى بۇلۇپ كىلۋاتقان پىتىربۇرىگە ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى زىياللىلار ۋە ئىشچىلار 1905-يىلى ئىنقلاب قۇزغىغان. بۇ قىتمىقى ئىنقىلاب ئارقىلىق چار پاھىشاھ نىكۇلاي (2) شۇ يىلى ئۆكتەبىردە  ‹‹ئۆكتەبىر باياناتى» نى ئېلان قىلىپ دۇما تۈزۈمى،  سۆز ئەركىنلىكى،  مەتبۇئات ئەركىنلىكى،  ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۈچ يىلچە داۋام قىلغان بۇ خىل دىمۇكىراتىك سىياسى مۇھىت رۇسىيەنىڭ زۇلىمىنى چىكىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى ۋە سىياسى ئىڭنىڭ شەكلللىنشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە،  ھەرخىل ئىجتىمائى،  سىياسى تەشكىلات بارلىققا كەلگەن. رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىردە شۇ يىلى پىرىسيە،  يەنى بۈگۈنكى ئىراندا بۇرژۇئا ئىنقىلابى قۇزغالغان. تېھىران خەلىقى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ساتقىن باش ۋەزىرنى ۋەزىپسدىن قالدۇرۇشىنى، ،ئسلاھات ئىلىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان. خەلىقىنىڭ بىسىمى ئاستىدا پىرىسىيە پادىشاھى 1906-يىلى ئىيۇلدا خەلىقىنىڭ ئىشەنچسىدىن قالغان باش ۋەزىرنى ۋەزىپسىدىن قالدۇرىغان ھەم مىللى پارلامېنىت تەسس قىلشقا قۇشۇلغان. 1906-يىل 7-ئۆكتەبىردە پىرىسيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇرژۇئازىيە قانۇننى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا پىرسىيە پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق دۆلەت،  پارلامېنىت ئەڭ ئالى ھۇقۇقلۇق ئورگان،  پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،  مەتبۇئات،  سۆز ئەركىنلىكتىن ۋە مائارىپتىن بەھىرىمان بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە،  خۇسۇسى مۈلۈك دەخلىسىز ؛ ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىسلاھاتتىن بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكللىنىپ بولغان مىللەت ۋە رايۇنلار كۈچلۈك تەسىرىگە  ئۇچرىغان. ئۇزاقتىن بىرى بىرىتانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ كىلۋاتقان ھىندىستاندا گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە  1905-يىلى مىللەتچى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيە ئىتپاقى»قۇرۇلغان . 1906 –يىلى دىنى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتپاقى قۇرۇلغان»،  ئاغاخان رەئىسلىككە سايلانغان،  ھىندىستاندىكى بۇ ئىنقىلابى تەشكىلاتلار تۈرلۈك يول بىلەن بىرىتانىيە مۇستەنلىكچىلىرىگە قارشى ھەىكەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بۇ،  تەبىئى ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىشغا قىزغىن ئىلھام بەرگەن. 1908-يىلى لىڭىشىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيتىنى» قۇزغىغان. ‹‹مۇستەبىت سولتان» دەپ نام ئالغان ئابدۇلھەمىد پارلامېىت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىنقىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەر ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ قەلبىنى زەرەتلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى،  ئىجتىمائىى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە 1905-يىلدىن 1910-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىسلاھات ئۆزگىرشلىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان.




     ئابدۇقادىر دامۇللام قوقان،  تاشكەنت،  ۋە بۇخارادا بىر مەزگىل تۇرۇپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلرىنىڭ جەدىتچلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجىربىلرى،  جەدىتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن يىقىندا تونۇشقاچ ‹‹جاۋاھىرۇل –ئىيقان»،  «مىفتاھۇل- ئەدەب» («ئەدەبىيات ئاچقۇچى») نامىلىق كىتابلرىنى پۈتكۈزگەن،  «مىفتاھۇل – ئەدەب» 1910-يىلى سىراجىدىن مەخدۇمىنىڭ كۆچۈرگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشكەنتىكى «غۇلامىيە» مەتبەسىدە بىسىلغان. شۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام يەنە تاشكەنتىلىك موراد خوجا پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان «تۈركى گۈلىستان» ناملىق كىتابقا تەكلىپ بىلەن شېئىرىي تەقرىز يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام پىكىرى ئۆتكۈر،  بىلىمى مول،  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستۈن،  ئارزۇسى كۈچلۈك كىشى بولۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىسلاھات نىيىتى،  جەدىتچە  مەكتەپلەرنى ئىچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۈن «بىدايەتۇس-سەرپ»،  «بىدايەتۇن –نەھۋى»،  «تەسھىلۇل –ھېساب» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ قەشقەرلىك تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەر نوززرادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى،  ئابدۇرېمئاخۇن،  مەھمۇد ئاخۇنلارنىڭ ئىقسادى ياردىمى بىلەن قازان شەھىرىدىكى «مىللەت» مەتبەسىگە بېسىپ بىرىش ھەم قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرشىكە تاپشۇرۇپ بىرشىكە تاپشۇرۇپ بەرگەن،  ئۇ تاشكەنىتىكى مەزگىلىدە تۈزگەن «مىفتاھۇل- ئەدەب» نامىلق كىتابىنىڭ مۇقەددىمسىدە سەمىمىيلىك  بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىقتىدارلىق كىشلىرىگە «ئىلگىرى ياخشى ئالىملارنىڭ يولىدا مېڭىپ،  مەنپەئەتلىك ئالىم ۋە ئالى مائارىپىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ترىشقايلا» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. بۇ پاكىتلاردىن بىز ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئۆلىمالار ۋە جەدىتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھىس قىلالايمىز. دېمەك ئۇ ئانا ۋەتنىدە تاپالمىغان ئابرۇي ئىناۋەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە تاپقان. ئەمما،  ئۇنىڭ تۈپ غايسى ئانا ۋەتىندىكى جاھالىيەت تۈتۈكلىرى ئىچدە تىمسىقلاپ يۈرگەن مەزلۇم قىرىنداشلىرىنى ئادەمدەك ئاڭ ۋە ئارزۇ بىلەن ياشاش يولىغا باشلاش ئىدى.  ئابرۇي –ئىناۋىتى ئېشىپ،  ئىشەنچىسى كۈچىيىپ،  غايسى پىشىپ يىتىلگەن ئابدۇقادىر دامۇللام تەرەققىيات ۋە يىڭىچە مائارىپىنى يولغا قۇيۇش  جەھەتتە شىنجاڭ بۇيىچە ئالدىدا كىتىۋاتقان شەھەر – غۇلجىغا 1911-يىلى ئالما-ئاتا ئارقىلىق كەلگەن. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا –ئۇكا مۇسابايېفلار ۋە غۇلجا تەۋەسىگە يىڭىدىن كەلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ئاچقان يىڭچە  مەكتەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكللەنگەنىدى.  ئابدۇقادىر دامۇللام غۇلجىغا ئىلغارلىققا داڭلىق ئۆلىما ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ،  ئۇنىڭغا جەدىتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. «ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش،  ئوقۇتۇشقا بىرقىسىم دۇنياۋى پەننى كىرگۈزۈش،  ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش  تەشەببۇسلرىنى ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەمىنىڭ ئىشەنچىسنى تىخمۇ ئاشۇرغان. نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ،  خەلىقىنى ئۇيغۇتىش پائالىيەتلرىنى تىخمۇ كۈچەيىتكەن.»




ئابدۇقادىر دامۇللام بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردە ئىلىم زىيارىتىدە بولۇپ،  ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يىڭىچە ئوقۇتۇش مېتۇدى -‹‹ئۇسۇلى  جەدىتى» (ئۇسۇلى سەۋتىيە )نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى -«ئۇسۇلى قەدىمىي ) دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. بۇ قىتىم ئۇنىڭ جەدىتچىلىك ئىدىيەسى ھەقىقى مەنىدە شەكىللىنىپ،  بۇ خىل يىڭى ئىسلاھاتنى قەشقەردە ئىككىلەنمەسىتىن يولغا قويۇگش ئىرادىسىگە كەلگەن  ھەم 1912-يىلى قەشقەردە ئۆزى باش بولۇپ جەدىتچە مەكتەپ ئاچقان.




قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم –مەرىپەت سۈپىتىدە دۇنياغا شۆھرەتلەنگەن مەشھۇر شەھەر بولسىمۇ،  كىيىكى كۈنلەرگە كەلگەندە گويا كۆز تەگكەندە،  جاھالەتتە قالغان شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالغان،  تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائوشىفنىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا، «تارىختا ئىلىم –مەرىپەت نۇرى بىلەن يەر-كۆك ئارىسىنى نۇرغا چۆمۈلدۇرگەن» بۇ شەھەر شۇ يىللاردا «مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالەتتە جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز» ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى، قەشقەر مەدرسە مائارىپى خېلىلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ،  لېكىن تەلىم –تەربىيە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. سەۋەبى،  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال،  ئوقۇتۇش مەزمۇنى چولتا ئىدى. بۇنداق مەدرسە مائارىپنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشۋاتقان رىئال ئىجتىمائي كىرىزىسىنى ھەل قىلشقا نۆۋەتتىكى مىللى ئىچتىاجىنى قاندۇرۇشقا ماجالى يەتمەيىتى. ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلدىغان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىدى.  نۇرىدىن ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئەرەب تىلى نەۋھىگە ئائىت «كافىيە» نىڭ ئىزاھى بولغان «شەرھى موللا» كىتابىنى ئوقۇش ئۆچۈنلا بەش يىل ۋاقىت كىتەتتى. «مۇقەددىماتى مەنتەقىيە»،  «مەۋھۇمە يۇنانىيە» دەرسىلرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. ‹‹سەرب»،  «مۆئزىي» «زەنجانىي»،  «ئاۋامىل» قاتارلىق گىرامماتىكا  كىتابلرىنى بەش-ئالتە يىللاپ ئوقۇتاتتى. دەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ساپ ئەقىدىگە ياتىدىغان بىلىملەرگە سەل قارىلىپ،  تەسەۋۋۇپ نامايەندىلىرنىڭ كىتابلىرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى.




     شۇڭا قەشقەردە «گەپنى ھە دېسىلا  ھاپىز بىلەن مەۋلىۋى جامىينىڭ ئەسەرلىرىدىن باشلايدىغان،  ھەرخىل لەتىپە ۋە ئەبۇ مۇسلىم قاتارلىقلارنىڭ جەڭ قىسىسەلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇماتى مول بىلىملىك ئادەم» سانىلاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىرىگە ئوخشاش ئىشنى ئالدى بىلەن جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ، مەدرسە مائارىپىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،  ۋە مەزمۇنى جەھەتتن تەڭ ئىسلاھ قىلشىنى باشلىغان. كەلگۈسىدە ئۆزىگە قول –قانات بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان زېھىنى ئوچۇق ياش تالىبلارنى ۋە بىر قىسىم شاگىرتىنى تۈرلۈك ئامال بىلەن چەت ئەللەردىكى  ئىسلاھات ئىدىيەسى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان جايلارغا ئوقۇشقا چىقارغان. ئوقۇشقا چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى 1911-يىلى ئىستانبۇلدا ئابدۇرەئوف فىتىرەت،  ئوسمان خۇجا،  ئابدۇلئەزىزى غۇلجائىي،  مۇقىمىدىن بەگجانىي ۋە سادىق ئاشۇر ئوغىلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەرىپدىن قۇرۇلغان «بۇخارا مەرىپەت جەمىئىيتى» ئۈستىگە ئالغان.

      ياپونيىلىك تەتقىقاتچى ئويىشى شىنيىچىرو «قەشقەردىكى يىڭلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» نامىلق ماقالىسىدە «دانا ئىسلاھاتچى،  ئۆلىما ئابدۇقادىر دامۇللام 1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە يىڭچە مەكتەپ ئاچقان،  ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەر قاتارلىق تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتىراپىدىكى جايلاردا مۇسۇلمانلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيلەش ئۆچۈن ئوقۇتقۇچى تەكىلىب قىلش بىلەن بىرگە،  ھەر يىلى ئىستانبۇل،  قازان،  ئوفا،  ئورىنبۇرگ قاتارلىق ئىلغار مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا 10-15تىن ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان» دەپ يازغان.

ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ھالدا كۈچىيىپ،  پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ،  مۇنەۋەر بىر جەدىتچىگە ئايلىنشىدا قىرىم،  قازان، ئوفا،  ئورىنبۇرگدىكى تاتار زىيالىلارنىڭ جەدىتلىك پائالىيەتلىرى،  ئوتتۇرا ئاسىيا،  بولۇپمۇ تاشكەنت،  سەمەرقەنتكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاڭ ۋە ئارزۇدىكى ياش-ئۆلىمالارنىڭ مەرىپەتچلىك ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.


    ئىسمائىل غاسپرالىنىڭ «تىلىدا،  دىلىدا،  ئىشتا بىرىلىك» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللى ئۇيغۇنىش ھەرىكەتلرىنىڭ بارلىققا كىلشى،  جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ تەسس قىلنشغا تۈرتكە بولغان،  ھەرقايسى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئويغانغان زىياليلىرى ئۆزىنىڭ مىللى غايلرىنى تۇرغۇزۇپ،  زامانۋىلىشش،  ئىلغارلىق،  تەرەققىيات،  گۈللىنش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. موتەئەسىپىلىك بىلەن ئىلغارلىق خراپاتچىلىك بىلەن مەرىپەتچىلىك،  تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتچىلىك ئوتتۇرسىدىكى بۇ كۈرەش ناھايىتى كەسكىن ھەم مۈشكۈل بولغان. بۇ جەرياندا مىللى غايىلرى پىشىپ يىتىلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ناھايتى مۇھىم رول ئويىنغان.


   تارىخ نۇقتىدىن ئىيتقاندا،  تاتار مەرىپەتچىلىرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئويغىنش ھەرىكىتى چاررۇسىيەنىڭ ئوچ ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تاتارلانىڭ زىمىنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىگىلەپ،  ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈنلكى ۋە ماددا مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بىرىشى،  ئېتىقاد ۋە مەدەنىيتىگە غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش نەتىجىسىدە شەكللىنىشكە باشلىغان. بۇنداق زور مىللى خەۋىپ ئاستىدا تاتار مەرىپەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قىلش ئۆچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيتدىكى قالاقلىقلارنى ئىسلاھ قىلىپ،  ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت قارشى بىلەن غەربىنىڭ پەن-مەدەنىيتىنى ماسلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ تارىخ ئويغۇنشىنى ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئاڭدىكى بايراقدار موتەپەككۇرلىرى بىلەن پائالىيەتچان مىللى بۇرژۇئازىيلىرى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ ئويغۇنش ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىدىيۋى ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. باغچا ساراي، قازان،  ئورىنبۇرگە،  ئوفا، تىرويسكى،  ئاستراخان قاتارلىق تاتار شەھەرلىرى بۇ خىل ئېدىيۋى ئېقىمىنىڭ مەركەزلىرى بولۇپ جەدىتچە مەكتەب ۋە نەشىر بويۇملىرىنىڭ تەسىرى يىرا- يىقندىكى قېرىنداش خەلىقلەر ئارىسىدا زىلزىلگە قوزغىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تاتار مەرىپەتچىلىرى نەشىر قىلغان ‹‹تەرجىمان»،  «ۋاقىت»،  ‹‹شۇرا» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغان ئىلىپ،  «بۇ پايدىلىق ئەسەرلەردىن بەھىرىمان بولغان كىشىنىڭ ۋىجدانى كونىلقتىن يۈز ئۆرۈپ،  ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدىن قايتماس» دەپ يازغان. دېمەك،  تاتار مەرىپەتچىلرىنىڭ جانلىق، ئەمەلى،  ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرى،  جەدىتچىلىك ئىدىيۋى ئېقىمىنى ئۇرغۇتۇپ،  مىللى ئۇيغۇنش ھەرىكتىنى كۈچەيتكەن. 1905-1906-يىللىرى تۆۋەن نوۋىگورد ۋە سانكىت پېتىبۇرگدا تاتار مەرىپەتچلىرى باشلامچىلىقىدا ئىچىلغان ئۈچ قېتىلىق رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيى بۇ ھەرىكەتنى خەلىقئارالىق تەسىرىگە ئىگە قىلغان.


     دەل شۇ يىللاردا بىرىتانىيە مۇسىتەملىكچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغان بولغان قارا نىيىتىنى سىستىملاشتۇرۇش،  مۇستەملىكە رايونلىرىدا ھەربى غەلبىدىن تاشقىرى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۆچۈن ئالدىرماقتا ئىدى. 1906-يىلى قاھىرەدە چاقىرىلغان گوسپىېل يىغىنى خىرستيان دىنىنىڭ ئىسلام دىنىغا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك خىرسىدىن دېرەك بەرگەن. ئەنگلىيە ئىشخالىيەتچى دائىرلىرىنىڭ مىسىرىغا قاراتقان سىياسى،  ئىقسادى كونتروللۇقىنىڭ  تەدىرىجى كۈچىيىشگە ئەگىشىپ غەرىب مەدەنيىتىمۇ سىڭىپ كىرشىنى جىدىيلەشتۈرگەن. خىرستىيان دىننى تارقىتىش ئۆچۈن غەرىب مىسسيونېرلىرى مىسىرغا تۈركۈملەپ يىتىپ كەلگەن. بۇ قىتىمقى يىغىن ئىسلام مەسىلىسىنى ھەل قىلش ۋە ئىسلامىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئۇسۇللىرىنى،  مىسالەن،  دوختۇرخانا ۋە دارىلئېتاملارنى قۇرۇش،  مەكتەپ سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلغان،  ئەزھەر ئۇنىۋىرستىغا خىرستيئان ئۇنىۋىرستىتنى قۇرغان.

     ئۇلار ‹‹ئەڭ مۇھىم ۋاستە شۇنىڭدىن  ئىبارەتكى،  ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ غەربكە تەربىيە ئىلشقا ئەۋەتىش، ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن گوسپىلنى تارقىتىدىغان ئىدىيۋى رەھبەرلەر بولۇشى كىرەك» دەپ قارار قىلشقان. ئابدۇقادىر دامۇللام ئىسلامىيەت دۇنياسى مەۋجۇتلۇق،  ئىدىئولوگىيە جەھەتلەردە جىددى خىرسقا دۇچ كەلگەن مۇشۇ دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى مۇھىم موتەپەككۇلار بىلە سۆھبەتتە بولغان ھەم «تاتار مەدەنىيەت ئۇيغۇنشى» ئەۋجىگە چىققان شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ،  بۇ جەريانىدا بۇ خىل خىرسىنى چىن مەنسى بىلەن تونۇپ يەتكەن ھەم نېمە قىلش زۆزۈرلىكىنى چۈشەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئاشۇ ئىدىيۋى دۇلقۇنلاردا كۈرەش غايسىنى مۇستەكەملىگەن. ئۇ «ئەدەبى مىر موساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە غۇلجىدىن ۋەتىنمگە قايىتىپ،  ئاۋالقى مەسلەكىنى داۋام ئىيتىپ،  ئاھالىنى جەدىتچە ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتلارغا تەشۋىق ۋە تەرغىپ ئەتتىم» دەپ يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئاقائىد زۆرۈريە» ناملىق ئەسىرىدە ئىنق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن : «- ئىنسانىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس ‹ سەۋەب› نېمىدۇر ؟ - ئىككى نەرسىدۇر. بىرى،  جاھالەت ۋە نادانلىق ؛ ئىككىنجسى،  تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر – ئىزەت-ئابرۇي،  قۇۋۋەت نېمە بىلەن بۇلۇر ؟ -- ئىلىم –مەرىپەت،  ئىتپاق بىلەن بولۇر.» ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىنى ئايلىنش،  كۈزتىش جەريانىدا ئويلىنش،  تەپەككۇر قىلش ئارقىلىق ئاخىرقى ھىساپتا يۇرتنىڭ،  مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۆچۈن چۇقۇم ئىشنى مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلشتىن باشلاش قارارىغا كەلگەن.  ئۇ بۇ خىل ئىسلاھات غايسىنى،  يەنە جدىتچىلىك ئوي – پىلانلارنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۆچۈن    1912-يىلدىن باشلاپ قەشقەردە ئۇيۇشما قۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىپ،  كىتاب چېقىرىپ زۇر تەسىر پەيدا قىلغان.

ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەردە باشلىغان جەدىتلىك ھەرىكتىنىڭ داغدۇغسى  ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەردىن ھالقىپ كەتكەن. ئۇ،  بۇ يېڭى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتدىكى يىتەكچىسى سۈپتىدە تونۇلغان. گەرچە ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ تەرەققىيات تەرەپدارلىرىنىڭ نەزىردە يۈكسەك ئاتالسىمۇ،  ئەمما بۇ ياش ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاھالەت تۈتۈكلىرى ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان قالاق شەھەردە تەرەققپەرۋەرلىك غايىلىرىنى رىئالققا ئايلاندۇرالىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللامغا ئوڭ كىلىپ قالغان يىرى شۇكى،  1912-يىلى جۇڭگۇ پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ جوڭخۇا مىنگۇ قۇرۇلغان ئىدى. ياڭ زېڭشىن دەل شۇ يىلى مايدا شىنجاڭنىڭ ئالى ئەمەلدارلىقىغا تەينلەنگە ئىدى. بۇ چاغدا جۇڭگۇ،   جۈملىدىن شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى.  ئۇ،  ھەربى ئۆزگىرش قىلىپ ئىلىنى مۇستەقىل ئىدارە قىلۋاتقان شىنخەي ئىنقلابچىلرىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قۇمۇل تاغلرىنى سورۋاتقان تۆمۈر خەلىپىنى،   تەڭىرىتاغلرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ئىنتايىن جانلىنىپ كەتكەن گىلاۋخۇچىلارنى يۇقىتىپ،  ئۆزىنىڭ ئاجىز ھاكىميتىنى مۇستەھكەملىسە،   مالىيەسى قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ھۆكىمەت غەزىنسىنى غەملىمىسە بولمايتى. بۇنداق ئەھۋالدا ياڭ زېڭشىنىڭ قەشقەردىكى يېڭىلىق ۋە كونىلىق تالا- تارتىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلگىدەك چولىسى يوق ئىدى. جايلاردىكى مەنسەپدارلارمۇ سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قاياققا بۇرۇلدىغانلىقىنى كۈزىتىپ،  ئۆزلرىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قايغۇرشىپ ئۆتۈشۋاتاتتى. شۇڭا،  ئابدۇقادىر دامۇللام ياڭ زېڭشىنىڭ رەزىل سىياستىنڭ قارشلىقىغا ئۇچىرىماي جەدىتچىلىك ھەرىكتىنى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل داۋام ئەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان.  لىكىن،  مۇتەئەسىپ ئۆلىما- ئىشانلار زامانغا لايىقلشقا جان- جەھىلى بىلەن قارشى تۇرۇپ،  ئۆزلىرى بىلىپ – بىلمەي ياڭ زېڭشىنىڭ رەزىل سىياسىتگە ئۇيغۇن يول تۇتقان. ئابدۇقادىر دامۇللامغا ئوخشاش ئىسلاھات  بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بىر ئادەم ئالدى بىلەن چۇقۇم قەشقەردە يۈكسەك نوپۇز تىكلىشى،  كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى.  ئەپسۇسكى،   قەشقەر مەشھۇر مەدرسلەرمۇ،  داڭلىق دىنى ئۆلىمالارمۇ كۆپ قەدىمى شەھەر ئىدى. سوپى- ئىشانلارنىڭ تەسىر كۈچىمۇ سەل چاغلىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىدى. بۇنداق مۇھىتتا يىشى ئەمدىلا 40تىن ھالقىغان،  كۆپ يىل چەتئەللەردە يۈرگەن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ موتەئەسپلەر تەرپىدىن ئىجتىمائىى غايىلرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالشى ئاسان ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى ئۆلىما – ئىشانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى تار مەندىكى ئىبادەتلەرگىلا بىرلىگەن،  ئۇنڭدىن باشقا ئىشنى ئارتۇقچە ھەم ئىتقادىقا مۇخالىپ دەپ قارايدىغان نەزەر دائىرىسى تار كىشلەر ئىدى. ئۇلار دۇنيا مىقىياسىدا ئىلسلام دىنى ھەم ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ۋە ئارقىدا قالغانلقىدىن بىخەۋەر ئىدى. خەۋىرى بار دىگەندىمۇ،  بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلانغۇدەك تەپەككۇر قۇۋتىدىن،  بۇنداق قاباھەتلىك رىئالىققا ئىچىنغۇدەك ساپ ۋىجداندىن،  خەلىقىنى قۇل قىلغۇچى زۇراۋان زالىملارغا قارشى تۇرغىدەك غەيرەت-شىجائەتتن مۇستەسنا ئىدى  ئۇلار يۇمشان ئىبادەتلەرنىلا ئادا قىلشىپ،   شۇنىڭ بىلەن ئۆزلرىنى ئەڭ تەقۋادار ھىساپلىشىپ،  نەزىر-چىراغلاردا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن دۇئا تىلەكلەرنى تىلىشىپ كۆرۋاتقان كۈنلرىگە مىڭ مەرتە  شۈكۈر قىلشىپ يۈرىۋىرەتتى. كۈلپەتلىك قىسمەتلەرنىڭ سەۋەبى ئۈستىسدە ئويلىنش،  ئاپەت كەبى كەلمىشلەرگە چارە –تەدىبىر ئىزدەشنىڭ ئورنىغا،  ئۇنى تەقدىر قىسمەت،  ئاللاھىنىڭ ئىرادىسى دىيشىپ پاسسىپ پۇزىتسىيە تۇتۇپ ياشاۋىرەتتى. بۇلارنىڭ باشچىسى جەدتچىلككە ئۆچمەنلىك قىلشتا تۇنۇلغان ئۆلىما سىلىم دامۇللا ئىدى. ئۇ،  «تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ھارامدۇر» دەپ پەتىۋا چىقارغان ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،   ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە بىدئەتلىككە ياتدىغان ئادەتلەرنى ئىسلاھ قىلش تەشەببۇسلىرىنى بۇرمىلاپ چۆشۈندۈرۈپ «يەھۇدى ناسارالار،  ئاللاھىنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن،  شۇڭا ئۇلارنىڭ دىننى ئىسلاھ قىلسا بولىدۇ،  بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ توغرا،  ئەڭ موكەممەل دىن،   شۇڭا ئىسلاھ قىلشىنىڭ ھاجىتى يوق،  بۇنداق قىلش كۇپۇرلۇقتۇر» دىگەندەك گەپلەرنى تارقاتقان.  ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسىپ ئىكەنلىكىنى 1914-1916 يىللىرى قەشقەر،  ئاتۇشلاردا يېڭى مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال ئەپەندىمۇ ئۆز كىتابىدا قاقشاپ تۇرۇپ تىلغا ئالغان.


ئابدقادىر دامۇللام قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن. 1912-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى جەدىتلىك ھەرىكتىنىڭ شاماللىرى قەشقەرگە ئەمدىلەتىن يىتىپ كىلۋاتقان،  قەشقەردە ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلش مەسىلىسى ئۈستىدە گەپ سۆزلەر بولۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارپىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىشىق تونۇشۇپ،  جەدىتلىك  ئىدىيەسى مۇككەملەشكەن ئابدۇقادىر دامۇللام يېڭى مائارپنىڭ ھاميلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولغان ئاكا –ئۇكا مۇسابىيفلارنى قىزغىن قوللىغان،  ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرغان 1914-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈستن ئاتۇش ئىكساقتا قۇرۇلغان،  ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى مۇنتىزىم يېڭىچە مەكتەپ بولغان دارىلمۇئەللىمىنگە زۇر ئۈمۈد باغلىغان. مەدرسلەرنىڭ دوگما تەلىم تەربىيە ئۇسۇلىنى قارغۇلارچە يادلاتقۇزۇشنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش شەكىللىنى،  دەۋىر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ،  جەدىتچە ئوقۇتۇشىنى ئىزچىلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،  ئوقۇتۇش مەزمۇنى دەرسلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئىلىپ بارغان  ئۇنىڭ بۇ قىتىم قەشقەردە ئوينىغان رولى ئىلگىرىكى يىللاردا ئوينىغان رولىدىن كۆپ ئىشىپ كەتكەن. خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرلۇپ،  19120-يىلى جوڭخۇا مىنگۇ ھاكىميىتى تىكىلنىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورۇنتىلغاندىن كىيىن جايلاردىن بىجىڭدىكى پارلامنىتقا ۋەكىل سايلاش تۇغۇرسىدا ئوقتۇرۇش تارقاتقان.  قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنى پارلامىنتقا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش ھەقىقىدە غۇلغۇلا بولغان بۇنىڭ ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە كونسايىن ئابرۇي تىپىپ يېڭلىق ۋە ئىلغارلىقىنىڭ بايراقدارى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.


ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ تەسىرى بىلەن يىڭللىققا تەلپۈنگە قەشقەر ياشلرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە نەشىر قىلنۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغان قىرائەتخانە ئاچقان،  «جەمىئىيەت ئسلامىيە» دىگەن نامىدا ئۆلىمالار كىڭشنى قۇرغان. بۇ كىڭەشكە قەشقەرنىڭ ئاتاغلىق ئۆلىمالىرىدىن «شەيخۇل ئىسلام» دەپ نام ئالغان مۇللا ئىسلام دامۇللام «سولتانۇل ئۆلىما» دەپ نام ئالغان باھاۋىددىن مەھدۇم،  ئوبولقاسىم ئاخۇنۇم خانئرىقلىق ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەقدۇم قاتارلىق زاتلار ئىشتىراك قىلغان. «جەمىئىيەتى خەيرىيەت ئىسلامىيە» نامىدا فونىد تەسى قىلغان.«مۇتالىئە ھىدايەت» دىگەن نامىدا جەدىتچە مەكتەب ئاچقان. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۆزىنىڭ جەدىتلىك ئىدىيەسى ۋە غايسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىروگىرامما خاراكتىرىلىك مۇھىم ئەسىرى «نەسىھەتى ئامما» نى يېزىپ،  باستۇرۇپ تارقاتقان. ( بۇ ئەسەر ئۆمەر ئوسمان شىپاھىينىڭ نەشىرگە تەييارلىشى،  ئالى مۇھەررىر ھاجى غۇجا ئابدۇللا ئوسمانىڭ بېكتىشى،  ئەيىنى ۋاقىتىكى باش مۇھەررىر قۇربان مامۇتىنىڭ تەقرىزى بىلەن ژۇرنىلىمزىنىڭ 2000-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلنغانىدى.- مەسئۇل مۇھەرردىن ).  بۇ ئەسەر قاراتملىقى كۈچلۈك،  چاقىرىق كۈچى زۇر،  جەدىتزملىق رۇھىغا باي ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن،  شۇنداقلا شۇنداقلا ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار،  تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىدېئىلوگىيەسى ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ۋەكىللىك ئەسەر ھىساپلىندۇ. بۇ ئەسەردىن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسىنى ئىنق كۆرۋالغىل بولىدۇ. ئەسەردە بۇ مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام تۈسىدىكى قالاق ئۇيغۇر جەمىئيتىنى زامانىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدىغان كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى. ئۇ،  دىنىدىن تاشقىرى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنمۇ،  كونا ئەندىزدىكى قاتمال دىنى ھاياتنىمۇ قەتئى ھىمايە قىلمىغان،  پەقەت غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرىق بولغان ئەنئەنىۋى جەمىئىيەتنى ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن جەمىئىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ؛ ئىدراكقا بىپەرۋا قارايدىغان نادان جەمىئىيەتنى مەرىپەت رۇھىغا باي يېڭى جەمىئىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ؛ زەئىپلەشكەن،  بىدىئەت چىرمىغان مۈجىمەل ئەقىدە-ئېتقادىنى كۈچلۈك ھەم ساپ ھايات پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئەينى دەۋىرنىڭ ئىلغار ئېدىئولوگىيەسى ۋە مائارىپ ئىسلاھتغا يېقىدىن ياندىشىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان يۇقىرىقى پائالىيەتلىرى قەشقەردە ئىلغارلىق تەرەپدارلىرى بولغان «قەدىميچىلەر» ئوتتۇرسىدىكى پەرق ھەم زىددىيەتىنى  روشەن ھالدا كۈچۈيىتۋەتكەن. كونىلىق تەرەپدارلىرى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت يېقىن،  شۇنداقلا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا غالىب كەلگەن. ئىلغارلىق تەرەپدارلىرنىڭ باشلامچىسى بولغان ئابدۇقادىر دامۇللام مۇتەئەسىپ موللا –ئىشانلارغا تەڭ كېلەلمەي مۇرەسسە قىلشقا،  ھەتتا يول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇ، «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1915-يىل 1-دېكابىر نەشىر قىلنغان سانىغا بىسلغان «بايانى ھەقىقىدە» ناملىق ماقالىسدە قەشقەرنىڭ مۇتەئەسىپ ئۆلىما- ئىشانلرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئۇ بۇ،  خىل جاھىل كۈچلەرنى «ئۆلىمالار» ‹‹چوڭلار» «رەھبەرلەر» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ،  ئۇلار ئۈستدىن مۇنداق شىكايەت قىلغان :«قايسى كۈنى دىيارىمىزدا تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى،  رەھبەرلىرىمىز نامىدىن مەزكۇر مەدەنىيەتنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ‹ لەنەتگەردى ئازغۇنلار ›دېگەندەك پەتىۋالارنى يامغۇردەك ياغدۇرۇشقا باشلىدى»،  «بىزنىڭ تەشەبۇسلىرىمىز ئەمەلگە ئاشماي،  يەككە- يىگانە ھالىتىدە نەزەردىن چەتتە قالدۇرۇلدى،  بىزنىڭ دالالىتىمىز بىلەن ياشلار ئىجتىھات بىلەن قىرائەتخانە ئاچتى،  چوڭلار بۇنى ‹ مەزھەب بۇردى › دەپ ياپتۇردى،  ئىسلام جەمىئىيتىنى قۇردى،  بۇنى ‹ دەھرىيە ئوچىقى › دەپ بۇزدى،  ئىسلامنىڭ ياخشىلىق قىلش جەمىئىيتىنى (جەمىئىيەتى خەيرىيەت ئىسلاميە) نى قۇرۋىدى،  ‹ پىتنە-پاسات تارقىتدىغان مەركەز › دەپ تەشۋىق قىلىپ يىمىرىۋەتتى. ‹ نەسىھەتى ئامما › ئىسلمىلك رىسالىنى نەشىر قىلسا،  ‹بىدىئەت› دەپ پەتىۋا قىلىپ بىكار قىلدى. ‹ موتالىئە ھىدايەت› نامىدا دىنى،  مىللى،  ئەدەبى مەكتەپ ئاچتى،  بۇنى ‹ ئازغۇنلار ئۇيۇشمسىنى › دەپ تاقىتۋەتتى........ئامالسىزلىقىمىزدىن تەرەققى مەدەنىيەت ئىشلرىمىزىدىن يۈز ئۆرۈپ،  رەھبەرلىرمىزگە ئەگىشىپ راھەتلەرگە ئىرشتۇق»،  شىكايتىنىڭ ئاخىرىنى ‹‹راھەتلەرگە ئىرشتۇق» دەپ ئاچچىق كىنايە بىلەن ئىپادىلىگە  ئابدۇقادىر دامۇللان تىخمۇ ئاشۇرۇپ تەنە قىلىپ شۇنڭىدىن كىيىن «جامالىدىن ئافغانى،   شەيخ مۇھەمد ئابدۇھ،  ئىسمائىل بەگ،  غاسپىرىنسكىلەرگە مۇيەسەر بولمغان تەھسىل ۋە ئەقىدىلەر ئاپرىنلەر بىزگە مەنسۇپ بولدى» دەپ يازغان. بۇنڭىدا قەشقەر جەمىئيىتىدە كىشنى چۆچتىدىغان قاباھەتلىك كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىنى،  ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نەقەدەر زۇر جاسارەت بىلەن بۇ جاھالىيەت ھامىيلرىغا روبىرۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ،  مەزكۇر ماقالىسدە ئۆكۈنگەن ھالدا «مەدەنىيەتكە ئاياغ بىسىش – ھەقىقەتنى چۈشۈنگەن بۈيۈك رەھبەرلەرنىڭ يول كۆرسىتشى ياكى قوشنلرىدىن پايدىلنش بىلەن بولۇش مۇمكىندۇر» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان،  بۇنىڭدى ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ قالاق ھەم بىكنمە ھالەتتە قالغان مىلەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن قوراللىنشىنى يىراقىنى كۆرەر رەھبەر بىلەن جۇغراپىيىلىك ئامىلغا باغلاپ چۆشەنگەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق توغرا بىلش كىشنى ھەقىقەتەنمۇ كىشنى قايىل قىلىدۇ جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ مىللەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا كۆرسىتدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. شۇڭا مەشھۇر گىرمان پەيلاسۇپى ھىگل «دۇنيا تارىخىنڭ تەرەققىيەت يۈلنىشىنى جۇغراپىيلىك سەھندە ئايرىپ قارىغلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. «چۈنكى،  زېمىن بىلەن ئىنسانلار بىر-برىدىن ئايرىلالمايدۇ.جۇغراپىيلىك شەرتلەر بولسا ئىنسانلارنىڭ تارىخى يولىنى،  ھاياتلىق خۇسۇسيەتلرىنى گۇيا تەقدىردەك بەلگلەيدۇ.» كىلەچكە يول كۆرسىتەلەيدىغان،  ھەقىقەتنى چۆشەنگەن بۈيۈك رەھبەر ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر جەمىئيىتدە بارمىدى دىگەندە،  بىز بۈگۈنكى تارىخى يۈكسەكلكتە شۇنداق ئىيتالايمىزكى،  پەقەت ئابدۇقادىر دامۇللا مۇشۇنداق سۈپەتكە مۇناسىپتۇر. ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ «بايانى ھەقىقەت» ناملىق ئەسىرى «شۇرا» ژۇنىلىدا ئېلان قىلنغاندىن كىيىن،  ئۇيغۇر جەمىئيتىنى خىلى ئەتراپلىق چۈشۈنگەن،  كۆزەتكەن تاتار زىيالى نۇشىرۋا يائوشىف «شۇرا» ژۇرنلىنىڭ 1916-يىل 15-ئاپرىل ساندا ئېلان قىلغان تەسىرات ماقالسىدە «قەشقەرلىك دامۇللا ئابدۇقادىر جانابلرىنىڭ ‹ بايانى ھەقىقەت › ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىسلدى. قەشقەردەك ئەڭ قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭدىن شۇنداق ئاڭلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئالىمنىڭ چىقىپ،  تۈركچە مەتبۇئات ئارقىلىق ھەقىقەت ھانلرىنى بايان قىلشى مىنى ئەڭ سۆيۈندۈردى. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق قەلەم تەۋىرتىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن» دەپ يازغان. «شۇرا» ژۇرنلىنىڭ مۇھەررىرلىرى ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ «بايانى ھەقىقەت» دىگەن ئەسىرىگە تەھرىر ئېلاۋىسى يازغاندا «ئابدۇقادىر دامۇللا ئەپەندىنىڭ ‹ جاۋاھرۇل – ئىيقان» ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا مۇئەللىپ شام ياكى مىسر ئالىملىردىن بولسا كىرەك،  دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدۇق.  بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلغان پىتى ئەرەب تىلىدا بۇ دەرىجىدە پەسھىۋە تەبىئى قەسىدە يازالايدىغان مۇقتەدەر ئالىم بولۇشى ئىسمىزگە كەلمىگەن ئىدى» دەپ قايىل بولغانلىقنى بىلدۇرۈشكەن.

       1912-يىلدىن باشلاپ ئىسلاھاتىنى قانات ياندۇرغان ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ بۇ يىللاردا قەشقەردە مۇتەئەسىپ قەدىميچىلار بىلەن بولغان كۈرەشتە مۇرەسسە قىلشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۇنىڭ تامامەن يەككە-يىگانە قالدۇرۇلغانلقىنى سۆز چاقىرىقلىرى ئىتبارسىز مۇئالىمگە ئۇچىرىغانلىقى ۋە ئىش –پائالىيەتلىرى زىيادە تۇسقۇنلىققا دۇچ كەلگەنلكىدىن دېرەك بەرمەيتى،  ئەلۋەتتە. ئابدۇقادىر دامۇللام 1916-يىلى«شۇرا» ژۇرنلىدا ئېلان قىلغان «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» نامىلق ماقالىسدە «ھال ھازىردە چوڭلارغا ئەگەشمەك يۈزسىدىن بۇخارى تەرتىپلىرى ئىلە مەنتىق،  كالام،  پەلسەپە،  تەدرىس مۇكالىمەلەرگە مەشخۇل بولساممۇ،  لىكىن زىيالى شاگىرتلەرگە تەپسىر،  ھەدىس،  ئىلمۇ ئەما يىللەردىن تەلىم بەرمەكتىمەن» دەپ يازغان. ئۇ . ئۆزى بۇ يىللاردا ھەم مۇددەرىس ھەم قەشقەرنىڭ مۇدىسى ئىدى. 1914-يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەرگە كىلىپ 6ئاي تۇرۇپ، 1915-يىلى قەشقەردىن ئايرىلىپ تاشقۇرغان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ماڭغان ئادىل ھىكىمەتبەي،  ئەمرۇللا بەي،  قاتارلىق تۈركىيەلىك زىياللىلار ئۈستۈن ئاتۇشتىكى باھاۋدۇن باينىڭ ئۆيىدىن خۇشلىشپ ئافغانستانغا بىرىش ئۆچۈن رۇسيە تەۋەسىگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا بولغان ئىشنى مۇنداق يازغان : «ئاتۇشتىن يولغا چىقىش ئەسناسىدا قەشقەر مۇپتسى ھاجى ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئارقىمىزدىن ئەۋەتكەن بىر ئاتلىق كىشسى بىزنى جىددى ئارقىمىزغا قايتىشقا دەۋەت قىلدى. مۇپتىيى ئەپەندى بىزلەر رۇسلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۆشۈپ قالغان ھالەتنى چۆش كۆرۈپتۇ. شۇڭا قەشقەرگە قايتشمىزنى ئۈمۈد قىلپتۇ. بىر نەرسىنى چۆشىنگەندەك قىلدۇق  بۇ چۆش مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. مۇپىتى ئەپەندى بىر نەرسىنى بىلىپ قىلغاندەك قىلاتتى.» بۇ تۈركىيلىك زىياللىلار ھىندىستاندىن قەشقەرگە كەشمىر يولى بىلەن كەلگەن بۇلۇپ،   ئافغانستان تەرەپكە چىقىدىغان يولىنىڭ ئوي –چوڭقۇرىنى بىلمەيتى،  ھەم بۇ جايلارنى رۇسلار قامال قىلۋالغاچقا خەتەرلىك ئىدى. ئۇلار چىگرادىن چىقپلا رۇسلارنىڭ تۇتقىنغا ئايلانغان.  بۇ باياندىكى ئۇچۇردىن بىز شۇ يىللاردا،  يەنى 1915-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەرنىڭ مۇپتسى ئىكەنلىكىنى بىلۋاالايمىز. بىز قەشقەر تۈرمىسىگە قامالغان ئەھمەد كامالىنى 1915-يىل 10-ئۆكتەبىردە ئابدۇقادىر دامۇللام يوقلاپ كەلگەندە ئەھمەد كامالىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىگە يازغان مۇنۇ بايانلاردىنمۇ كۆرۋالالايمىز : «شۇ كۈنى ئابدۇقادىر ھاجىم مۇپتى ھەزىرەتلىرى مەن بىلەن كۆرشىش ئۆچۈن تۈرمىگە كەلگەن ئىدى. بۇ زاتى شىرىپ مىنىڭ مەنىۋى پەدەرىم ئىدى. ئۇ ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى،  بەلكى پەرىز ئىكەنلىكى ھەقىقىدە بۇ دىياردا تۇنجى قىتىم پەتىۋا چىقارغان پەزىلەتلىك كىشى ئىدى». مۇپتىلىق ئىسلام جەمىئيىتىدە خىللىلا يۇقىرى مەرتىۋە،  شۇنداقلا ئالى ئىمتىياز ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام جەدىتىلىك يولىدا چىڭ تۇرۇش،  تۇرماسلىق مەسلىسىدە ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ قاتتىق بىسىمى سەۋەبىدىن مۇرەسسەتچىلىك يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ،  لىكىن بۇ ئۇنىڭ مەيداننىڭ،  نىشاننىڭ،  غايسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتى. ئۇنىڭ جەدىتچىلىك شان –شۆچىرىتى  بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن شىنجاڭدىن ھالىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارسىدا تارالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا قازان شەھىرىدە نەشىر قىلنغان «شۇرا» ناملىق يىرىم ئايلىق ژۇرنالىنىڭ 1916-يىلىدىكى سانىدا «ئابدۇقادىر دامۇللام كىمدۇر» دېگەن ئوچىرىك ئۇلاپ ئېلان قىلنغان بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل تۈركى خەلىقلەرگە مەشھۇر بۇلۇپ كەتكەن. ئۇ مۇشۇ  مەزگىللەردە «سەرىب  نەھۋى» ( مورفۇلوگىيە- سىنتاكس ) ‹‹تەسھىلۇل-ھېساپ» (ھېساپنى ئاسانلاشتۇرۇش )،  ‹‹جۇغراپىيە ئىلىمى»،  «ئاقائىدى زۆرۈرىيە» (زۆزۈر ئەقىدىلەر )،  «بىدايەتۇس سەرىب» ( لېكسىيدىن دەسلەپكى ئاساس )،  «بىدايەتۇن نەھۋى»،  «تەئلىمۇن سىبيان» ( گۆدەكلەرگە تەربىيە ) «تەجىۋىد تۈركى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ،  تۈرلۈك چارە –ئامال بىلەن باستۇرۇپ،  مەكتەب مەدرسلەرنى دەرسلىك بىلەن تەمىنلگەن. 120 كۇپلىتلىق «مۇخەممەس» ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ جەمىئىيەت،  ئېتىقاد،  ئەخلاق،  مائارىپ ھەقىقدىكى تەشەببۇسلىرى ۋە تەنقىدى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەزمۇنى چۇڭقۇر،  تىلى گۈزەل،  تەنقىدى رىئالىزملىق رۇھىغا ئىگە بۇ ئەسەر 1910-يىللاردىكى ئەدەبىيات تارىخمىزدا يىگانە ئەسەر ھىساپلىندۇ.

      ئەيىنى چاغدا قەشقەر شەھىرىدە «يىراق- يىقنغا نامى مەشھۇر مەدرسلەردىن ئون بەشى بولۇپ ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ لايپەشتاق مەدرسەسى، قەشقەردىكى  خانلىق مەدرسەسى،  ھېيتىگاھ مەدرسەسى،  ئاخۇن ھاجى مەدرسەسى،  قازان مەدرسەسى،  ۋاڭلىق مەدرسەسى،  باھاۋدۇن مۆھتەرەم  مەدرسەسى،  دورغا بەگ،  مەدرسەسى،  ناجى ھاكىمبەگ مەدرسەسى،  ئوردىئالدى مەدرسەسى،  قاتارلىق مەشھۇر مەدرسلەر  قاتارىددىن ئورۇن ئىلىپ. 200دىن ئارتۇق تالىبى بار» مەشھۇر مەدرسە بۇلۇپ قالغان.


       20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغان «ئۇيغۇر بالسى» - نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتۇف ( 1887-1952) ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىردە 1913-يىلى 26يېشىدا يۇرتى غالجاتتىن غۇلجىغا كېلىپ مۇز ئات داۋىنى ئارقىلىق «ئالتە شەھەرگە» سەپەر قىلغنلىقىنى يازغان. ئۇ،  سەپەر جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرسىدە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى پاجىئەلىرىنى كۆرۈپ : «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستقبالى بەك قاراڭغۇ،  تۇمانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە  ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئاقسۇدا ئەھۋال مۇنداق بولسىمۇ،  باشقا ياقلاردا ئۇنداق ئەمەستۇ،  قەشقەر خەلېقى خىلى تەرەققى قىلغان بولسا كېرەك،  ئۇ يەردە تەرەققىپەرۋەر مۇسابايېفلار،  ئابدۇقادىر دامۇللاملار بارغۇ دەپ ئۆزلىرىمىزگە تەسەللى بەردۇق» دەپ يازغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز.

      1914-يىلى يازدا باھاۋدۇن باينىڭ غەيرىتى بىلەن ئۈستنئاتۇشتا ئېچىلغان  ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى پېداگوگىكا مەكتىپى - ‹ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ باش موئەللىمى ئەھمەد كامالنى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ھەرىكتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قەشقەردىكى دىنى ئۆلىمالار ۋە باي –بايۋەچچىلەر دەسلەپتە ئىككى گۇرۇقا بۆلۈنۈپ كەتكەن،  ئابدۇقادىر دامۇللا،  باۋدۇن باي،  شەمشىدىن دامۇللام،  مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام،  زىرىپ قارىھاجىم،  ئابدۇقادىر ھاجىم، ،  ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەخدۇم،  نورززادە ھاجى مۇھەممەت ئەلى، ،  ئوبۇلقاسىم دامۇللام،  ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، ،  قازىكالام ئىسلام دامۇللام  قاتارلىق كىشلەر قوللايدىغان گۇرۇھىنى،  ئۆمەر باي،  سېلىم دامۇللام  قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرھىنى تەشكىل قىلغان،  قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ رۇس كونسۇلخانسى ۋە ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ. بۇ كۈرەشتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان.

      ئەھمەد كامال شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار تۇغۇرسىدا «بەيساقاللىق مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام بىلەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئەپەندىلەر قاراڭغۇ كىچىدە چاققان چاقماقتەك چىرايلىق ۋە مەنلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇلار ئۆچۈرمەكچى بولۋاتقان مائارىپ مائارىپ مەشئلىنى چاقنىتش ئۆچۈن كۆپ تىرشتى» دەپ يازغان. ئەمما،  خەلىقنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى بۇ زىدىيەت ناھايىتى تېزىلا مۇرەسسە ھالىتىگە  كەلگەن. چۆنكى قەشقەرنىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق قازىكالانى ھاجى ئىسلام دامۇللام جەدىتچىلىكىنى قوللاش مەيدانىدا تۇرغان.  شۇڭا،  1915-يىل 28- ئاپرىلدا قەشقەرگە كەلگەن تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائۇشېف قەشقەردىكى ئۆزگىرشلەردىن مەمنۇن بولۇپ «بۇلتۇر يېڭچە مائارىپنى چەكلەپ جەدىتچىلەرنى ‹كافىر» دەپ ئاتىغان قەشقەرنىڭ داموللىلىرى بۇ يىل ھەممسى ئۆزگىرپتۇ،  يېڭچە مائارىپقا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى كۆرۈپ ئۆز ياردەملىرىنى ئاتاپتۇ» دەپ يازغان قەشقەردە يىرىم يىلدەك تۇرۇپ ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئادىل ھېكىمەت باي قاتارلىق تۈركىيىلىك زىيالىيلار1915-يىلى ئاپرېلدا  يازغان خاترىسىدە مەدرسلەردىكى ئۆزگىرش تۇغۇرسىدا مۇنداق دېگەن «قەشقەرلىكلەر بىزگە شۇ قەدەر مۇھەببەت باغلىدىكى،  بىر دېگىنىمزىنى ئىككى ئېتقۇزمايتى» مەدرسە تالىپلىرى بىزدىن گىئۇمىترىيە دەرسى ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى» قەشقەردىكى بۇ ئۆزگىرش مۇقەررەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى قەشقەر ئىككى مىڭ يىلىدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئىلىم –مەرىپەت مەشئەللىرى نەچچە قىتىم لاۋۇلداپ يىنىپ،  نەچچە قىتىم خىرەلەشكەنىدى. مەدەنىيەت ئەنئەنىسگە باي بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ زېرەك،  تىرشچان خەلىقى زامان تەقەززار قىلغان،  مىللەت مۇھتاج بولغان پايدىلىق ئىلملەرگە ئىنتايىن تېز يېپىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا ئەينى يىللاردا قەشقەرگە كەلگەن گېرمانيلىك فون لىكوك «ئەگەر ياخشى مەكتەپ بولسا،  تۇغما تالانتلىق بۇ مىللەت چۇقۇم ئۇچقاندەك ئالغا باساتىكەن» دەپ تەن ئالغان. ئەمما ھەرقانداق شەكللىدىكى  ئىسلاھاتقا دۈشمەنلىك پوزتىيسى تۇتىدىغان يا زېڭشىن ھۆكۈمىتى تەرەققىيات يولىغا تاشلانغان ھەر قانداق قەدەمىنى كۆرۈشىنى خالىمايتى،  ئۇ ئۆزىنىڭ «سەۋەنلىكلەردىن خاتىرە»،  «ئىستىغپار ھۇجىرسىدىكى خاتىرلەر» «سەۋەنلىكلەردىن ساۋاق ئىلش ئۆچۈن لاۋزى تەلىماتىنى ئوقۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش قول يازما خاتىرلىرىدە  مۇنداق دەپ يازغان ئىدى :«خەلىقنىڭ ئىدارە قىلشىنىڭ تەس بولۇشى بىلملىكلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقدىن بولغان،  ئەھلى خالايقىنىڭ بىلىملىك بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن......بىلىم ئارقىلىق ئەلىنى ئىدارە قىلسا دۆلەتكە ئاپەت كىلىدۇ،  خەلىقنىڭ بىلىمى ئاشقانسىرى ئۇلار يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ،  يامان ئىشلارنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ،  ۋەقە پەيدا قىلىپ دۆلەتنى مالماتاڭ قىلشتىن باش تارتمايدۇ.... ھۈنەر – تىخنىكىسى بار ئادەملەردىن بىرى كۆپ بولسا،  دۆلەتكە ئاپەت كەلتۈردىغان ئادەمدىن بىرى كۆپىيىدۇ،  جاھاندىكى بىغەرزەلىكىنى كۆپىنچە ئەقىللىق ئادەملەر قىلىدۇ..... مەكتەپلەر ياخشى ئەمەس،  ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەلىماتلار ئارقىلىق پايدىسىز ئۇرۇقلارنى تارقىتىدۇ. شۇڭا،  بارلىق مەكتەپلەرنى بىكر قىلىپ تاشلىماي بولمايدۇ،  مەن ئادەم ئىشلىتىشتە نادان ئادەملەرنى ئىشلىتمەنكى،  ھەرگىز ئەقىللىق،  بىلىملىك كىشلەرنى ئىشلەتمەيمەن» ياڭ زېڭشىنڭىنىڭ خاتىرسىدىكى  بۇ بايانلاردىن بىز جۇڭگۇ خەلىقى تۇتمۇتۇشتىن ئۇيغىنىپ يۈكسەك تەرەققىيات دەۋىرى ھىساپلانغان 20- ئەسىرگە جۇمھۇرىيەت ئارزۇسى،  دېمۇكىراتىك رۇھى ھەم يېڭى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ قەدەم قۇيۇۋاتقان شارائىتتا،  ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى نەقەدەر ئەكسىيەتچى فىئۇدال ئىدىيەنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ھاكىميەت تۇتقانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. مانا بۇ 20- ئەسىرنىڭ بىشىدا دىيارىمىزغا 17يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر سىياسى سېھرىگەرنىڭ بىخۇدلاشتۇرۇش تاكتىكسىدۇر!

       1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ئالى ئەمەلدارلىقغا  تەيىنلەنگەن ياڭ زېڭشىن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۆزىگە قارشى ھەربىي ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى پاك-پاكىز يوقتىپ ئۆز ئورننى  مۇستەھكەملىۋالغاندىن كىيىن،  يەنى 1915-يىلىدىن باشلاپ زەھەرخەندە نەزەرىنى يەرلىك خەلىق ئىچىدىكى ئىلغارلىق پائالىيەتلىرى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ئاۋانگاراتلرىغا ئاغدۇردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ «كۆز قۇلاقلىرى» پۈتكۈل شىنجاڭنى قاپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھاكممۇتلەق ئىشپيونلۇق سىياستىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ياۋرۇپالىق بىر دىن تارقاتقۇچى ئۇنى قۇمۇلدىكى بۈرگىنىڭ مىدىرلىغىنى بىلىپ تۇرىدىغان مەنسەپدەر» دەپ تەىپلىگەنىدى. شىنجاڭدا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن 17يىل جەريانىدا (1912-1928) «خەلىقىنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش سىياسىتى» نى يولغا قويغان ياڭ زېڭشىن :




يىراق شەرقتىن كەلدىم مەن،

چىڭ ساقلاپ تۇرىمەن غەربنى.

قالدۇرىمەن بىلمىسز نادانلىقتا،

پادىشاھقا بويسۇندۇرىمەن خەلىقىنى.




      دېگەن ئەكسىيەتچى سىياسى ئەقىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،  كونا مائارىپىنى قوللاپ،  يېڭى مائارپىنى كۈچىنىڭ بېرىچە توسقان. ئەينى يىللاردا «ئىسلام دىنىدىن ساۋاق بىرىدىغان دىننى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسنى ئاخۇنلار ئاچقان بولۇپ،  بۇ مەكتەپلەر ئىپتىدائىي دەرىجىلىك مەكتەپ،  يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ دەپ ئىككى خىلىغا بۆلۈنەتتى،  ئوقۇغۇچىلارغا دىنى قائىدە،  دىنى ئەقىددىن ساۋاق بىرىلەتتى،  نامازنىڭ ئايەتلىرى ئۆگتىلەتتى،  پەن –مەدەنىيەت بىلىملىرى ئۆگتىلىمەيتتى،  ئۆگىنش ئۇسۇلى ئۆلۈك ھالدا يادلاش بولۇپ،  مەنىسىنى بىلىش تەلەپ قىلنمايتى. ياڭ زېڭشىن بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ھەممسىنى زىغبەتلەندۇرگەنىدى.» ئۇ،  شىنجاڭنىڭ لاۋزنىڭ «دانالارنى ئەتىۋارلىماي،  نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەرىيەسى بىلەن ئىدارە قىلغان. «شىنجاڭنىڭ مىنگو تارىخى» دېگەن كىتابتا. يېزىلىشچە،  ئۇ«لاۋزىنىڭ نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەريسىنى يولغا قويغانلىقى ئۆچۈن،  شىنجاڭىنىڭ مەدەنىيەت،  مائارىپنڭ،  ئۇزاق مەزگىل  ھالەتتە قالاق تۇرۇش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭ زېڭشىن،  «ئىستغپار ھۇجىرسىدا ئوقۇلغان لاۋزا خاتىرلىرى»،  «سەۋەنلىكلەردىن خاتىرىلەر» دېگەن كىتابلرىدا «لاۋزى تەلىماتى» غا قايتا-قايتا چۇقۇنۇپ،  «نادانلىق ئەۋزەل» دىگەن ئىدىيەنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلشتىكى مەقسىدى شىنجاڭنى ‹‹گومۇشلار دۇنياسى»غا،   شىنجاڭ خەلىقىنى بىلىمسىز «ئىپتىدائىي ئادەملەر» گە ئايلاندۇرۇپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىلتارىسىت ھاكىميتىنى ساقلاپ قىلش ئىدى،   شۇنداقلا خەلىقىنى «خەت يازالمايىدىغان،  كىتاب ئوقىيالمادىغان»،  «نادانلىق ۋە ئويۇن –كۈلكە بىلەنلا ياشايدىغان»،  «پاراسەتسىز خەلىق» كە ئايلاندۇرۇپ،  ئۆزىنىڭ «خاتىرجەم يۇرت سوراش» ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.  شۇڭا ئاخىرقى ھېساپتا ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىن زۇرلۇق بىلەن تارقىتىۋىتىلگەن ،  قۇللايدىغان گۇرۇھتىكلەر ئامالسىز قالغان.  بۇنڭىدىن قاتتىق ئىچىنغان تاتار زىيالىي نۇشېرۋان يائوشېف  مۇنداق يازغان : «ئالدىنقى يىللىرى مەشھۇر جامائەت ئەربابلرىدىن مۇسابيېفلارنىڭ تىزشچانلىقى بىلەن قەشقەردە يېڭىچە تەلىم – تەربىيە مىكتىپى ئېچىلىغانىدى. بۇ مەكتەپ بەش –ئالتە يىل داۋاملاشقان بولسا ‹ ئالتە شەھەر › ئۆچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇيقۇچىلىرى يىتشىپ قالغان بۇلاتتى. لېكىن بەخىتسىز بۇ خەلىق شۇ بىردىنبىر ئىلىمىي ئورۇنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمىدى».

      ئەلۋەتتە بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلشىدا ياڭ زېڭشىڭنىڭ رەزىل قولى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇ : «تۈركلەر ئايەت ئۆگىتىش نامى ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا،  ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئاپىتىنى تەسەۋۇر قىلش تەس» دېگەن سەم 1917-يىلى ئەھمەد كامالىنى كۇچاغا سۈرگۈن قىلغان،  كيىن كۇھادىمۇ توختاتماي ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە ھەيدەپ ئاپارغۇزۇپ،  ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە ئىككى يىل قامىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى تارىخىدىكى بۇ ئىستراتېگىيەلىك  قەدەم مەنزىلىگە غەلبىلىك يېتەلمىگەن،  شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكتىنىڭ تەرەققىياتى 20-يىل كېچىككەن.

ئىكساقتىكى «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ پاجىئەلىك  ئاقىۋىتى قەشقەردىكى جەدىتلىك ھەرىكەتلرىگە قاتتىق زەربە بولغان. جەمىئىيەت ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان،  بۇ يىللاردا شەرق ۋە غەربتىكى ھەممە ئەلدە تەرەققىياتقا،  يېڭى مەدەنىيەتكە يۈزلىنش ھۆكۈمەت ھەرىكىتى ئارقىلىق داغدۇغلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۋاتقان بولسا،  شىنجاڭدا دەل بۇنىڭ تەتۇرسىچە ياڭ زېڭشىڭنىڭ «نادانلىققتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش» تەڭ رەزىل سىياسىتى سەۋەبدىن غۇلجا،  قەشقەر،  تۇرپانلاردا يېڭدىن كۆز ئاچقان مەرىپەت بۇلاقلىرىنىڭ كۆزلىرى رەھىمسىزلىك بىلەن تىندۇرۇلۇپ،  جەدىتلىك ھەرىكەتلرىگە ئازراقمۇ راۋاجلىنش ئىمكانيىتى بېرىلمىگەن.

      ئەمما،  جاھان مىقىياسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلىغان جەدىتلىك ھەرىكتىگە تارىخىى خاراكتىرىلىك سەكرەش پۇرسىتى ئاتا قىلغان. 1914 –يىلى ئىيۇلدا مەشھۇر سارايىۋۇ ۋەقەسى سەۋەبىدىن پارتىلغان 1- دۇنيا ئۇرۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ،  تۆت يىل ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ،  1918-يىلى 11-نويابىردا ئاخىرلاشقان. بۇ قانلىق ئۇرۇشتا ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە پايدا ئالغاندىن باشقا،  ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق دۆەتلەر مىسلىسىز ئېغىر زىيان تارتقان. چار پادىشاھ مۇستەبىت ھاكىميىتى ئەڭ بالدۇر غۇلاپ چۈشكەن. 1917-يىلى رۇسىەدە ئىككى قىتىم زۇر ئىنقىلاب بولغان. فېۋرالدىكى «فېۋرال ئىنقىلابى» ئارقىلىق پېتېرگىراتا ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. «ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان . چار پادىشاھقا تۈزۈمگە قارشى بارلىق كىشىنى كەچۈرۈم قىلغان،  ئاممىۋى يىغىلىش نامايىش ئۆتكۈزۈش،  گېزىت – ژۇرناللارنى نەشر قىلشقا رۇخسەت قىلغان. بارلىق سىياسى پارتىيەنى ئىتىراپ قىلغان. 1917-يىلى باھاردا رۇسىيە ۋاقتىنچە دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان»  شۇ يىلىنڭ ئاخىرى بولشۋىكلار «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» نى قوزغاپ،  ھاكىميەتنى «فېۋرال ئىنقىلابى» ئارقىلىق قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن تارتىۋالغان.

       1917-يىلىدىن 1921-يىلغىچە بولغان ئارىلقتا رۇسىيەدە لېنىن رەھبەرلىكدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا تۇرغان. رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلاب تەبىئى ھالدا بىر ئەسردىن بۇيان رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلاب تەبىئى ھالدا بىر ئەسىردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆمۈر چاڭگلىدا تۇرۇپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە  ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىستقبالىنى نەزەرگە ئالغان مىللى ھەرىكەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رۇسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مۇسۇلمان تۈركى خەلىقلەر رايۇنلرىدا مۇستەقىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كۆپ يىلىدىن بۇيان ئىچىكى ئىلشلاردا ئەركىن،  ئەمما تاشقى ئىشلاردا رۇسىيەگە باغلىنىپ تۇرۋاتقان بىقىندى خانلىق خىۋە خانىلىقى بىلەن بۇخارا ئەمىرلىكىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىچىكى –تاشىقى ئىشلرىغا ئۆزى ئىگە بولۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. جەدىتچىلەردىن تەشكىل تاپقان «ياش بۇخارالىقلار» ۋە «ياش خىۋەلىكلەر» تەشكىلاتى جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلغان. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ ئىلغار مەنىۋى داھىيلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجىتىمائىي ۋە سىياسى پائالىيەتلەرگە يىتكەكچىلىك قىلش مەقسىتىدە 1917-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا بىر يەرگە يىغىلىپ،  كۆپ ساندىكى ئەزاسى جەدتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ‹ ئىسلام شۇراسى › نى قۇرۇپ چىققان بۇ پارتيىنىڭ سىكىرتارلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىك ھەرىكتىنىڭ ئاۋانگاراتلرىدىن بىرى بولغان مۇنەۋەر قارى ئابدۇرەشىتخان  ئۈستىگە ئالغان . ئۇلار دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە بىر قۇرۇلتاي چاقىرشىنى قارار قىلشقان. قۇرۇلتاي تەييارلىقلىرى تاماملىنىپ،  1917-يىلى 17 –ئاپىرىل تاشكەنت شەھىرىدە 440 نەپەر ۋەكىل قانتاشقان تۇنجى قىتملىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلار قۇرۇلىتىيى چاقىرىلغان. بۇ قۇرۇلتايدا ‹ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئىجىتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ تۈزۈم ئىچىدىكى ئورنى › ھەمدە ‹ رۇس كۆچمەنلىرىگە تارقىتىلىپ بىرلىگەن يەرلەرنىڭ ئەھۋاللىرى تۇغۇرسىدا › دېگەندەك بىر مۇنچە تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممسى دېگۈدەك جەدىتلىكىنى ھىمايە قىلشدىغان كىشلەر ئىدى»

ئۇزاق ئۆتمەي قازاقلاردىن چىققان مەشھۇر جەدىتچى مۇستافا چۇقاي ئوغىلى رەھبەرلىكدىكى قوقان موختارىياتى قۇرۇلغان. ئۈچ ئايغا يىقىن ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ ھۆكۈمەت 1918-يىلى 18 – فېۋرالدا قىزىل گىۋاردىيەچىلەرنىڭ قۇراللىق باستۇرۇشى بىلەن ئاغدۇرۇلغان. ئورنىغا تۈركستان ئاپتۇنۇم سوۋىت سوتيالىسىتىك جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا توختاۋىسز سىياسى ئۆزگىرش ۋە تۈرلۈك  ئىجىتمائىي ئىنقىلاب يۈز بىرىپ،  داغدۇغىسى جاھاننى بىر ئالغان. مۇشۇ يىللاردا قەشقەردىكى بۇرۇقتۇرما  ۋەزىيەتتىن ئىچى سىقىلغان،  غايە ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشماي تاقىتى تاق بولغان ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قىتىم سەپەر قىلغان. بۇ قىتىمقى سەپەر ۋاقتى 1918-يىلدىن 1921-يىلغىچە بولغان.  بۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىردىكى ئۆزگىرشلەرگە يىقىدىن دىققەت قىلغان.  ھەر قايسى سىياسى گۇرۇھىنىڭ مۇدىئا –مەقسەتلرىنى تەھىلىل قىلغان.  بولشىۋىكلار ھەقىقدىكى چۈشۈنچىسنى ئايدىڭلاشتۇرغان.  شۇ جەريانىدا ئوشتا بىر ئۆزبەك ئايالىنى ئەمىرىگە ئىلىپ،  ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئوغۇل كۆرگەن. 1921-يىلى رۇسىيە تۇپرىقىدا بولشىۋىكلار ھاكىميىتى مۇشتەھكەملىنىپ،  خەلىقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلشىغا ئىرىشكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوخشىمغان سىياسى قاراشتىكى پائالىيەتچىلەر،  بىر قىسىم داڭلىق دىنى زات ۋە مال –مۈلىكى كۆپ باي تۈرلۈك  ئوي –خىيال بىلەن قوشنا ئەللەرگە قاراپ يول ئالغان.  ئابدۇقادىر دامۇللام بولۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بولشىۋىكلار ھاكىميىتى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ نۆۋەتتكى كىلەچىكىنى تۇنۇپ يەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ يىلغا سۇزۇلغان كۆزىتىش،  كۈتۈش ئويلىنش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوشتىن قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن.

     ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ بۇ قىتىمىقى سەپەردىن قايىتدىن كىيىن قەشقەردە ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى مەرىپەتچىلىك غايسىگە ئىگە جەدىتچىدىن ئىجتىمائىي كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە كەسكىن ئەمەلىيەتچىگە ئايلانغانلىقىنى ئىنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خەلىق ئارىسىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان. ئۇنىڭ تەسىرى يۇقىرى چەككە يەتكەن.  ئۇ،   خەلىقىنىڭ قان –تەر بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى مەنسەپدارلارغا جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەككار ئۆلىما –ئىشانلارغا،  مال-دۇنيا توپلاشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئاچكۈز بايلارغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي،  مۇرەسسەسىز مۇئامىلە قىلغان. قەشقەردىكى خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى كەيپىياتىنى ئەمەلى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ،   ئۇيغۇرلانىڭ سىياسى تارىخدىكى تۇنجى نامايشىنى تەشكىللەپ،  ئاممىۋى نارازلىق ھەرىكىتنى قۇزغىغان.

     غەرىب خىرىستيان دىن تارقاتقۇچىلىرى – مىسيونېرىلىرى ( قەشقەرلىكلەر مىسى دەپ ئاتايىتى ) قەشقەرگە 1892-يىلى قەدەم قۇيغان.  شىۋىتسىيە باش دىنى جەمىئيىتنىڭ كافكاز رايۇنىدا دىن تارقىتۋاتقان مىسيونىرى ھۆيجىىر رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە تۈركىيلىك ئەرمەن يوھانس ئاۋىتارانىئات دىگەن شاگىرتىنى ئەگەشتۈرۈپ 1892-يىلى قەشقەرگە كەلگەن. بىللە كەلگەن ئۇ تۈركىيلىك ئەرمەن تۈرك تىلىنى بىلەتتى ھەم ئەسلى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ،  كافكازدا ھۆجىر بىلەن تونۇشۇپ خىرستيان دىنغا ئېتقاد قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈرك تىلىنى بىلشى ۋە ئىسلام دىننى پىشىق بىلىشى ھۆجىرنى قىزىقتۇرغان. ھۆجىر قەشقەرگە كىلىپ ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ،  قايىتىپ بارغاندىن كىيىن قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن بىر دىن تارقتىش نۇقتىسى قىلىپ بىكتىكەن.  ئارقىدىنلا بىر ئۆمەك تەشكىللىنىپ ھۆگبرىگ دىگەن پۇپنىڭ يىتەكچىلكىدە 1894-يىلى فىۋرالدا قەشقەرگە يىتىپ كەلگەن.  ئۇلارنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ئىلىپ بارغان ئېتىقاد ئۆزگەرتىش تىرشچانلىقى ئىسلام دىنى ئىنتايىن چوڭقۇر يېلتىز تارتىپ كەتكەن قەشقەردە ھىچقانداق ئۆنۈم بەرمىگەن.  ئۇلار قەشقەر خەلىقىنى دىننى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ خىرستىيان دىنىغا ئېتقىاد قىلدۇرۇش ئۆچۈن بىۋاستە تەشۋىقات ئىلىپ بىرشىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1906-يىلى قاھىرەدە ئىچىلغان گوسپىل يىغىنىڭ رۇھى بۇيىچە،  دوختۇرخانا،  مەكتەپ،  دارىلئىتام ئىچىش،  شۇ ئارقىلىق داۋالاش ۋە تەربىيلەش يولى بىلەن ئۆنۈمگە ئىرشىنى ئويىلغان. بۇ نۇقتىدىن شىۋىسىيەلىك گۇننار يارىڭمۇ ئىنق كۆرسىتىپ «دوختۇرخانا خىزمىتى بىلەن مائارىپىنى يولغا قويۇش دىن تارقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆچۈن يول راسلاش – كۆۋرۈك سېلشتىن ئىبارەت» دەپ يازغان. «تۈپ ماھىيتدىن ئىيتقاندا،  شىۋىت مىسسىيولىرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ رايۇنىدا خىرسىتيان دىنى تارقىتىشقا كىرشىشى ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىسى بىلەن زىچ يۇغورۇلۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنشى بىر ‹ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى › دىن باشقا نەرسە ئەمەس» ئۇلار دىن    تارقىتىش   خىزمىتنى  سەۋىرچانلىق بىلەن ئىشلىگەن.  ئىگە –چاقىسىز يېتىم –بالىلارنى بېقىپ تەربىبيلەش ئارقىلىق بارا-بارا ئېتىقاد ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. 1920-يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە  ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە باردىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 100 دىن ئىشىپ كەتكەن. 1923-يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ 200دىن ئاشقان.

        ئابدۇقادىر دامۇللام خەلىقىنىڭ مىڭ يىلىدىن ئاشقان ئەقىدە- ئېتىقادى خىرسقا دۇچ كەلگەن  مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلىقىنىڭ ئەقىدە – ئېتىقادىنى  چىڭتىش،  دىنى كىملىكىنى ھىس قىلدۇرۇش،  نۆۋەتتكى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش توغۇرلۇق پۇرسەت يار بەرگەنلىكى سورۇندا تەشۋىقات – تەربىيەنى كۆچەيتىپ قانات يايدۇرغان. ئالدى بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ قەلبىگە مىسيونېىرلارغا قارشى غەزەپ يالقۇننى تۇتاشتۇرغان.  ھەر كۈنى ناماز دېگەردىن كىيىن ھىيتگاھ جامائەسىدە ئەمىرى مەروپ،  مۇنازىرە سورۇنلىرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،  ۋەز –تەبىلغ قىلىپ ،  غاپىل خەلىققە ئۆزلىكسىز تەشۋىقات،  تەرغىبات ئىلىپ بارغان. مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ،  كامالەتكەن يەتكەن مۇنازىرە قابىليىتى ۋە ھەققانىي سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى مات قىلغان. تار دائىردىكى يومشاق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلش بىلەنلا قانائەت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ،  خاتىرجەم ياشاشقا ئادەتلەنگەن  موسمۇس مۇللاملارغا نەپرەتلەنگەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇلارنىڭ ئىبادەتنى تولىمۇ يۈزە چۈشىنىپ،  بىپەرۋا كۈن ئۆتكۈزۈشلرىگە چىداپ تۇرالماي يالقۇنلۇق نۇتۇقلىرى بىلەن ئۇلارغا بۇرچىنى تۇنۇش تۇغۇرلۇق نەسىھەت قىلغان. ئۇ ئىنق قىلىپ «ئالىملىرىمىز زىمسىدىكى ۋەزىپىنىڭ ئىغىرلىقىنى تونۇپ،  ياخشى ئەمەللەرنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزسۇن» دەپ ئىيتقان.  ئابدۇقادىر دامۇللام يۇرت كاتىللىرى بولغان بىخىل بايلارغا قەشقەر كوچىلىرىدا سەرسان – سەرگەندان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى،  گۈلەخلەردە كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان  يىتىم –يىسىرلارنى قانات –ئاستىغا ئىلىش ئۇلارغا ساخاۋەت داستىخنىنى يىيىپ،  قېرىنداشلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلش ھەقىقدە يو كۆرسەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇلارغا «ئۆزىمىز يۇرتنڭ كۆزى خەلىقىنىڭ بىشى بولۇپ تۇرۇقلۇق خەلىقىنى بەخىت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،  قولغا كىرگەن تىللا – تەڭگىلەرنى ئەۋرەزىگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق،  ئىستىقبالىمىز توغۇرسىدا زەرىچە قايغۇرمىساق كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاب بىرىمىز،  ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىيى گۇناھكار بوپقالماسمىزمۇ !....  ئەپسۇسكى بىز غەمخۇرلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن موخالىپيەتچلەر ئۆز قويىنغا تارتماقتا،  ئىنگىلىز – شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قورۇپ،  داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا. ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتشكە كۆز يەتسە،  ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمزىنى كوچىلارغا تاشلاپ،  ئۆزىمزىدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز» دېگەندەك جاراڭلىق خىتابلارنى قىلغان. «نەسىھەتى ئامما» نامىلىق مەشھۇر ئەسىرىنى قايتا باستۇرۇپ كەڭ تۈردە تارقاتقان.  ئۇ بۇ ئېسىل ئەسىرىدە خەلىققە مۇنداق مۇراجىئەت قىلغان : «بۇ زامان غەپلەت بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس،  ئۇيغىنش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر ! جاھىلىق ۋە نادانلىق دەۋىرى ئەمەس،  ئىلىم – مەرىپەت دەۋىردۇر،  سۇسلىق ۋە بىكارلىق  ۋاقتى ئەمەس،  تىرشش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسدا ھاۋادا ئوچۇپ پەرۋاز قىلماقتا،  سۇ ئاسىتدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تىخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمىنىڭ بۇرادىرى ۋە موقەددىمسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئوخلىماق يۇقىلىش ۋە ئۆلىم يولىدۇر ! ھېلى ھەم ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار» پىرۇگىرامما خاراكىتىرلىك بۇ ئەسەر ئەيىنى ۋاقىتتا زىلزىلە خاراكتىرىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلغان. بۇ ئەسرنىڭ تەسىرى بىلەن كىشلەردە مىللى ئاڭ ئۇيغىنشقا باشلىغان.  ئىلگىركى مەرىپەتچىلىك روچى بۇ مەزگىلىگە كەلگەندە سىياسى ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تىخىمۇ بىيىغان قىسقىسى،  ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ زۇر تىرشچانلىق كۆرستشى نەتىجىسە قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس. بەلكى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. كىشلەر يېڭىلىق،  تەرەققىيات،  مەرىپەت ھەقىقدىلا ئەمەس ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئۈسىتىدىمۇ ئويلىشدىنغان سۆزلىشدىغان بولغان. ئۇ،  ھۆسەيىنخان  قۇتبددىنشاھ تەجەللى،  باھاۋۇدۇن باي،  شەمسىدن دامۇللام،  سابىت ئابدۇلباقى كامالى،  قۇتلۇق شەۋقى،  ھاجى مۇھەممەد ئەلى قاتارلىق مەشھۇر مەرىپەت ئاشنالىرنىڭ بىر نىيەت،  بىر مەقسەتتە ھەمدە بولۇشى نەتىجسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد پىداكار شاگىرتلارنى تەربىيلەپ چىققان  مۇشۇ مەزگىلىدە قەشقەردە «ياش قەشقەرلىكلەر» نامىدا بىر تۈركۈم جەدىتچە روھتىكى زىيالىي بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىجىتمائىي پائالىيىتى قەشەردە  يېڭى جانلىنش مەنزىرسىنى پەيدا قىلغان. قاغىلىقتا تۇرۇپ قەشقەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە يىقىدىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئاتاقلىق شائىر،  ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قولىدا ئوقۇۋاتقان گۇمىلىق شاگىرتى ئابدۇجىلىلغا يازغان شئىرى مەكتۇبىدا «غازىنىڭ غەيرىتىدىن تۇغۇلغان غەۋغالارنى يېزىپ تۇرغىن» دەپ تاپلىغان. بۇنىڭدىن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەردىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات پائالىيەتلرىنىڭ ئەيىنى چاغدا ئۇيغۇر جەمىئيىتىدە بىر قىزىق تېما بوپقالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

       ئەينى يىللاردا،  يەنى 1920-يىللارنىڭ بىشىدا بولشۋىزىم بىلەن بىرىتانىيە كىڭەيمىچلىرنىڭ شىنجاڭغا بولغان سىڭىپ كىرىش قارا نىيىتى شىنجاڭنى ئۆزلىرنىڭ تەسىر دائىرسى ئىچىگە ئىلىش ئۇرۇنشلىرى قەشقەر ۋەزىيتىنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،  مىللەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يىرىدىن چىققان. 1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللام ھەر قايسى مەدرسەدىكى تالپلارنى تەشكىللەپ شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلرىنىڭ ھەرىكتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. 1936-يىلى نەنجىڭدە نەشىر قىلنغان،  زېڭ ۋىنۋۇ يازغان «جۇڭگۇنىڭ غەربى يۇرتىنى ئىدارە قىلش تارىخى» دېگەن كىتابتا يېزىلىشچە،  «مىگۇنىڭ 12-يىلى قەشقەردىكى چوڭ مۇپتى ئابدۇقادىر دامۇللام خىرستيان كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا يامىراپ كىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن ھۆكۈمەتتن ژۇرنال چىقىرشقا ئىجازەت بىرىشىنى تەلەپ قىلغان لىكىن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى يېزىپ،  تالىپلىرىغا ھەرقايسى مەسجىدكە چاپلاشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان.  بۇنى ئوقۇغانلار ناھايىتى كۆپ بولغان. ئۈنۈمى چوڭ بولغان. مانا مۇشۇنداق ئىدىيۋى قۇزغىتش نەتىجسىدە قەشقەردىكى ئوقۇغۇچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۇپ،  شۇئار تۇۋلاپ كوچىلارنى ئايلانغان. پىلاكاتلارنى كۈتۈرۈشكەن ئوقۇغۇچىلار مىسيونېىرلانىڭ تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى كۆيدۇرۇپ تاشلىغان،   باسما ماشىنلرىنى پاچاقلىۋەتكەن. بۇ ئىش قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن. قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسىلخانىسى،  شىۋىت مېسيونىرلرى ۋە سوۋىتلەر ئىتىپاقىنىڭ ئادەملىرى چۆچۈپ كەتكەن. «نامايىش كۆتۈرۈلگەن كۈننىڭ ئەتسىلا قەشقەر دوتىيى ئابدۇقادىر دامۇللام،  مامۇ ھاجىم،  ياقۇپ ھاجىم باشلىق 30ن يىقىن كىشىنى 40كۈن ھەپسىگە سولاپ قۇيغان.» ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئىشنى ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بۇيىچە ھەل قىلدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن. جۇڭگۇنىڭ فىئۇداللىق مەدەنيىتى ھەقىقدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن مۇتەپەككۇر ئەدىب لۈشۈن ئەپەندى جۇڭگۇنىڭ فىئۇداللىق جەمىئيىتىنى «ئادەمخۇر جەمىئىيەت» دەپ ئاتىغان. ئۇ جۇڭگۇ قىئۇداللىق جەمىئيتنىڭ نىگىزلىك ئىللەتلىرى ھەقىقدە توختىلىپ : «جۇڭگۇنىڭ كونا ئۇدۇمى شۇنداق،  ئوقۇمشلۇق ئادەملەرنىڭ قۇرسىقىدا ئومۇمەن قانخۇرلۇق ئامىلىرى بولىدۇ. ئۇلار يولى ياتلارغا ھەر قاچان ئۆلۈم يولىنى راسلاپ قۇيىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. جۇڭگۇ فىئۇداللىقى جەمىئيتنىڭ مەھسۇلى مەككار سىياسۇن ياڭ زېڭشىن ئادەمخۇرلۇقتا ئۇچىغا چىققان فىئۇدال مەنسەپدار ئىدى  ئۇ : «مائارىپى يوق مىللەت دۇم كۈمتۈرۈپ قۇيۇلغان قازانىڭ ئاستدىكى قوڭغۇزغا ئوخشايدۇ. جاھان مۇشۇ دەپ يۈرىۋىرىدۇ. نادان ئادەمىنى باشقۇرماق ئاسان،  ئۇلارنى قۇيغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۆچۈن مەن ئۇلارغا مائارىپىنى بەرمەيمەن،  ئۇلارنىڭ ئارسىدىن چىققان ھەر قانداق ئىقتىدارلىق ۋە ئەقىللىق كىشىنى دەرھال نەزەربەندى قىلىمەن. بىر باھانە تىپىپ يوق قىلىمەن» دېگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابدۇقادىر دامۇللامدىن ئىبارەت بۇ دانا ئىسلاھاتچىنى يۇقتىش مەقسىدىنى كالتە پەم،  بۇرنىنىڭ ئۇچىنلا كۆردىغان،  مۇناپىق مىجەز شەخسىيەتچى بايلار بىلەن ھەسەتخۇر ئۆلىمالارنىڭ غالچىلىق قىلىپ ماسلىششى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان.

       قەتئى ئىرادىلىك – مۇرەسسەسىز ۋەتەنپەرۋەر پىداكار يولباشچى،  مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى،  ئوت يۈرەك جەدتىچى ئابدۇقادىر دامۇللام 1924-يىلى 14- ئاۋغۇسىت تاڭ سەھەردە قەشقەر شەھىردىكى ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستىلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلىقى ئۆچۈن زۇر يۇقىتىش ھىساپلانغان بۇ قاتتلىق پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كەتكەن. قەشقەردىكى ئىلغارلىققا مايىل كۈچلەر تۈركۈملەپ قولغا ئىلنغان. بىرقىسىمى تاشكەنت،  ئەنجان،  قاراقۇلغا،  بىرقىسمى غۇلجىغا،  يەنە بىر قىسمى شاڭخەي،  تىيەنجىنگە قىچىپ قوتۇلغان. ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قەشقەر خەلىقى چەكسىز قايغۇ –ھەسىرەتكە چۆمگەن،  قۇتلۇق شەۋقى،  مەمتىئىلى ئەپەندى،  شەمسىدىن دامۇللام قاتارلىق شائىرلار ئازابلىق ھىسياتى بىلەن مەرسىيەلەرنى يازغان،  ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى ھەسرەتلىك قۇشۇقلارنى تۇقۇشقان :




ئىتىڭ بەكمۇ چىرايلىق،

                                ئابدۇقادىر ئەمەسمۇ                              

خەلقىمىزگە يول باشلاپ،

ئۆمىرىڭ ئۈتكەن ئەمەسمۇ.




داموللام ئۆلۈپ كەتتى،

تالىپلار يېتىم قالدى.

سەن ياشىغان بۇ يۇتتا،

شەيتانۇ رەجىم قالدى.




مۇللام شىھىت بولدى،

ياتار جايى بېھىش بولدى.

دامۇللامغا قەشقەرلىك،

كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.


      

    ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئىدىئولوگىيەسىنىڭ شەكلىللىنشگە ئۇل سالغان،  جەدىتچىلىك ئىدىيەسىنى ئۇيغۇر جەمىئيىتىگە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ،  تۇنجى ئىسلاھات ھەرىكتىنى قوزغىغان  بۇ ئۇلۇغ يولباشچىنىڭ سۇيقەسكە ئۇچىرششى خەلىقىمىزنىڭ مىللىي ھاياتىدىكى زىيىنى ھەقىقەتەنمۇ زۇر تارىخى تىرۇرلۇق ئىدى. بۇ زۇر يۇقتىشىنى گويا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن ئىيتقاندەك «كىشىنى ئەسىرلەپ ئويلاندۇدىغان ۋە ۋىجىدان نەپرىتىنى قۇزغايدىغان پاجىئە بولدى» دەپ خاراكتىرلەشكە بولىدۇ. بۇ پاجىئە بىزنى شۇنىڭ ئۆچۈن ئەسىرلەپ ئويلاندۇردىكى،  سەئىدىيە خانلىقىدىن كىيىن 300 يىللاپ داۋام قىلغان جاھالەت تۈتۈكلىرى ئىچىدە ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئوخلاپ كەلگەن غاپىل خەلققە «بۇ ھالەتتە دائىم  ئوخلىماق بەك - -------- يۇقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !» دەپ تەخرىسز ھىسىياتتا تۇنجى بولۇپ جاراڭلىق خىتاپ قىلغان ئەزىمەت ئابدۇقادىردامۇللام ئىدى كاللىسىدا زامانغا لايىق ھىچقانداق بىر ئاڭ چۆشەنچە يوق نادان خەلىققە مەرىپەتچىلىك،  مىللەتچىلىك ئىڭىنى ئەڭ دەسلەپ سىڭدۇرگەن مۇنەۋەر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام ئىدى !  ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەستلىشدىن ئىبارەت بۇ پاجىئە شۇنىڭ ئۆچۈن بىزنىڭ ۋىجىدان نەپىرىتىمىزنى قۇزغايدۇكى،  ئەسەرلەردىن بىرى نادانلىق،  قاششقاقلىق،  چۈشكۈنلۈك،  چىچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە تىپرىلاپ كىلۋاتقان بىر خەلىقىنى سەگەكىلىك بىلەن ياشاشقا ئۈندىگەن،  يېڭىلىققا يىتەكلىگەن ئىنسانى قەدىر –قىممىتى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلغان،  ئادالەت ۋە سائادەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنشكە چاقىرىغان بىر دانا يولباشچىنى كاللىسى فىئۇدال ئاڭ – ئىدىيە بىلەن تولۇپ كەتكەن ئەكسىيەتچى مەنسەپدار ياڭ زېڭشىنىڭ كۆزىنى مىىت قىلماستىن يوق قىلۋەتكەنلىكىدۇر. بۇنداق قاباھەت قىلمىش فىئۇدال پادىشاھلىق شارئىتىدا كۆرۈلگەن بولسا،  چۈشىنشكە بولسىمۇ،  «4-ماي» دىن كيىن جۇڭگۇنى قاپلىغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى شارئىتىدا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نۇمۇسسىزلىق دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. بىزنىڭ ۋىجدان نەپىرىتىمىزنى قۇزغايدىغان يەنە بىر سەۋەپ شۇكى،  ئابدۇقادىر دامۇللامدەك مۇنەۋەر بىر يولباشچىنى يوقۇتقان رەزىل دۇشمەنلەر ئىچىدە بىزنىڭ ھاماقەت قىرىنداشلرىمىزىنىڭمۇ بار بولغانقىدۇر. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ تۆھپسى ۋە ئىدىيەسىگە زامانىمزىدىكى تەتقىقاتچىلار يۇقىرى باھالارنى بىرشىتى. پىروفسۇر ئازاد رەھمۇتۇللا سولتان ۋە جاڭ مىڭ،  نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نامىلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسەتلگەن : «ئابدۇقادىر دامۇللام مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە مەرىپەت پائالىيەتچىسى،  شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاسچىلىرنىڭ بىرى. 20 –ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلىپ بىرىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مەرىپەت ھەرىكتىدە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان،  شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ئىدىيە مەدەنىيىتنىڭ مەرىپەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە  ئاچقان»،  «ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر نۇرلۇق چولپان ۋە يول ئاچقۇچى. ئۇيغۇر ھازىرقى ئەدەبىياتىدىكى جاھانگىرلىككە،  فىئۇداللىزىمغا،  نادانلىققا قارشى تۇرۇش،  ئازادلىق،  ئەركىنلىك،  باراۋەرلىك،  تەرەققىيات،  دېمۇكىراتىيە تەلەپ قىلش ئىدىيەسى ئابدۇقادىر داموللامدىن باشلانغان.»


  


مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانى

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:21:44

قىممەت ۋە ھىممەت

يالقۇن رۇزى






شىۋولدىكى رازىخان




2001- يىلى 12- مارت چۈشتىن بۇرۇن.  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىغا قاراشلىق بىر نامرات يېزا.  تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىپ تۇراتتى.  ئەتىياز بىلەن قىش ئارلىقىدا بولىدىغان مۇزدەك سوغۇق بەدەننى ھېلىدىن –ھېلىغا جۇغ –جۇغ قىلاتتى.  چاڭ باسقان يۇپۇرماقسىز دەل – دەرەخلەر شۈمشىيىپ تۇراتتى.  شاخ – شۇمبىلار بىلەن قوشامداپ سېلىنغان ئاددىي ئۆيلەر بەكمۇ غېرىبانە كۆرۈنەتتى.  ئاسمانمۇ،  زېمىنمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەنزىرىلەر بىلەن تولغانىدى.  قورۇق تېمىمۇ يوق،  ھەممە يېرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر مەكتەپنىڭ  ھويلىسىدا مۇزدەك سوغۇقتا،  كىيىملىرى يېلىڭ بىر مەسۇمە قىز مۇخبىرلار ئالدىدا نىمجان كەپتەردەك دىرىلدەپ تىترەپ تۇراتتى.  بۇ مەسۇمە قىزنىڭ ئىسمى رازىخان  ئىدى. ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرىكى شامدەك ئېرىمەي قالمايتتى.  ئۇنىڭ ھىكايىسى تۇلىمۇ قىسقا ، ئەمما بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى.  ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە غەلىتە بۇلۇپ،  ئەقلىگە پەقەت سىغمايتتى.  ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئاشۇ بىچارە قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى ھەم ئۇنىڭ مۇخبىرلار ئالدىدا دىرىلداپ تىترەپ تۇرغان ھالىتى  تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە ئىدى.  مەن ئۇنى پات – پات ئەسلەيتتىم.  ئۈرۈمچىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك ھايات قارشىنى شەكىللەندۈرۈش،  توغرا قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش تېمىلىرىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مىسال كەلتۈرەتتىم.  رازىخاننىڭ ھىكايىسى مەن 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ خەۋەر ئىدى.  مەن رازىخاننى كۆرگەندە 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمىزغا 71 كۈن بولغانىدى.  كېلەچەككە ھەر دائىم ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان روھىي ھالىتىم 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇش ھارپىسىدا تېخىمۇ ئۈمىدكە تولغانىدى.  ماڭا نىسبەتەن 21 – ئەسىرنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن تەڭ قۇچاق ئېچىشى مۇمكىن بولغان بىرەر پارلاق مەنزىرىدىن دېرەك يوق بولسىمۇ،  ۋۇجۇدۇمدا كۆرۈلگەن بۇ پىسخىكىلىق ھالەت كالىنداردىكى «چوڭ سەكرەش » بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەبئىي ھاياجان ئىدى.  مەن 21 – ئەسىرگە قەدەم قۇيۇشنى كالىندارچىلىق جەھەتتىكى ئەھمىيىتىدىن تاشقىرى چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم.  21-ئەسىرگە قەدەم قۇيۇش ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى بىر ئەسىر ئالمىشىش ئەمەس ، بەلكى مىڭ يىلدا بىر ئۆزگىرىدىغان ئېرا ئالمىشىش ئىدى.  بىر ئېرادىن يەنە بىر ئېراغا قەدەم قۇيۇش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ بىر ئىش ھىسابلىناتتى.  ئەنە شۇنداق چوڭ ئېراغا ئاتلىغاندىن كىيىن قەلبىمنى لەرزىگە سالغان چوڭ خەۋەر – ئاشۇ مەسۇمە قىز رازىخاننىڭ ھىكايىسى بولغانىدى.



بۇ يىل،  يەنى 2010 – يىلنىڭ باشلىرى . بىر كۈنى كەچتە ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ،  تىزگىنەك بىلەن تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 – يۈرۈش قانىلىدا دىكتور ماھىنۇر ئەخمەتنىڭ نەق مەيدان خەۋرى كۆرسىتىلىپ قالدى.  دىكتور ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىللىق يىغىنى بىلەن سىياسى كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى نەق مەيداندىن ئاڭلىتىۋاتاتتى.  دىكتور ماھىنۇر ئەخمەت ئارلىقتا بۇ قېتىمقى « ئىككى يىغىن » دا « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش  توغرىسىدىكى قارارنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  شۇئان قەلب ئالبومىمدا رازىخاننىڭ سوغۇقتا،  يېلىڭ كىيىملىرى بىلەن مۇخبىرلار ئالدىدا دىرىلداپ تۇرغان ھالىتى ئەكس ئەتتى.  ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بالدۇراق ئاشقان بولسا،  بۇ قارار نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇلاتتىدە،  بەخىتسىز قىزچاق رازىخاننىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى يۈز بەرمىگەن بۇلاتتى.  دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاشمىغان ئەھۋالدا بۇنداق قارارنى چىقىرىشقا ھەقىقەتەن ئىمكانىيەت يار بەرمەيتتى.  بۇ تەرىپىنى چۈشىنىشكە بۇلاتتى.  يۈز بەرگىنىگە ئون يىل بولغان بۇ ھىكايىنى بىز 2001 – يىلى مارتتا كېرىيە ناھىيىسىدە ئاڭلىغانىدۇق.  بىز دېگىنىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىدىن تەشكىنلەنگەن دەرىسلىك كىتابلارنىڭ ئوقۇغۇچى بېشىغا ئەمەلىيىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئون كىشى ئىدى.  بۇ گۇرۇپپىنى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم تەشكىللىگەن بۇلۇپ،  گۇرۇپپىنىڭ مەقسىتى خۇتەن،  قەشقەر،  قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت،  بىر ئوبلاستتىكى « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلارنى سېتىۋېلىشى قىيىن بۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ مەركەزگە يوللاش،  شۇ ئارقىلىق مەركەزنىڭ سىياسەت ۋە تەدبىر بەلگىللىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ،  دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بۇلۇش ئىدى. بۇ تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىلىك بوپقالسا،  تالاي نامرات ئاتا – ئانىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يەڭگىللىگەن بۇلاتتى.  ئابدۇرازاق سايىم پۇقراغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنىڭ كويىدىلا يۈرىيدىغان ئىسىل خىزمەت ئىستىلىغا  ئىگە بولغاچقا،  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىگەنىدى.  بۇ گۇرۇپپىدا ئابدۇرازاق سايىم بىلەن مەندىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازرارىتىدىن ئىلھام،  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دىكتورلىرىدىن گۈلشەن ئابدۇرېھىم،  مۇنىرە غۇپۇر،  مەمتىلى ئابلىز،  مۇخبىر ئەنۋەر رۇزى،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىدىن روشەن ، ئىبراھىملار بار ئىدى.  مەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ سۆز تېكىستىنى يېزىشقا مەسئۇل ئىدىم.  بىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىگە قەدەم قويدۇق.  خۇتەن تەۋەسىدە كۈندە دېگۈدەك توپا يېغىۋاتقان ، ھاۋا سوغۇق كۈنلەر ئىدى.  بىز نىيە ناھىيىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، كېرىيە يىتىپ بارغان كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كېرىيە ھاكىمى مەتسەيدى خۇدا بەردى بىزگە كېرىيىنىڭ شىۋول يېزىسىدا يۈز بەرگەن دەرسلىك كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر پاجىئەلىك ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى.  مەتسەيدى ھاكىمنىڭ دىيىشىچە،  شىۋول يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر جۈپ ئاكا – سىڭىل بۇلۇپ،  ئاكىسى 13 ياشتا،  سىڭلىسى 11 ياشتا ئىكەن.  ئۇلارنىڭ قۇلى قىسقا ئاتا – ئانىسى  تېرىپ – تۆشەپ يىغقان پۇلىنى ئىككى بالىسىنىڭ دەرسلىك كىتاب پۇلىغا تۆلىگەن بولسىمۇ،  يەنىلا ئاكا – سىڭىل ئىككىسىگە 20يۈەندىن جەمئىي 40 يۈەن كېمىيىپ قاپتۇ. دەرسلىك كىتابنىڭ پۇلىنى شىنخۇا كىتابخانىسىغا تاپشۇرىدىغان قەرەل توشۇپ كەتكەچكە،  مەكتەپ بۇ ئىككيلەندىن قالغان 40 يۈەننى تىزراق تۆلىۋېتىشنى سۈيلەپتۇ.  ئاكا – سىڭىل ئىككەيلەن ئەھۋالنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتقاندىن كىيىن،  دادىسى نائىلاج ، ئۈچ ئۇرۇق تۇخۇسىنى سېتىپ 20 يۈەن راسلەپ،  ئىككى بالىسىغا 10 يۈەندىن تۇتقۇزۇپ،  مۇشۇنى بولسىمۇ تۆلەپ تۇرۇڭلار،  دەپتۇ.  ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىقۇۋۇللۇقىنى چۈشىنىدىغان بالىلارنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىشقا تىلى بارماپتۇ.  نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك 13 ياشلىق ئوغۇل باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەنە خىجالەتچىلىك تارتىشنى خالىماي،  ئۆزىنىڭ قۇلىدىكى 10 يۈەننى سىڭلىسىغا ئۆتۈنۈپ بىرىپ،  سەن قەرزىڭنى تۆلىۋەتكىن،  مەن بىر ئامال قىلىمەن،  دەپ سىڭلىسىنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ قۇيۇپ،  ئۆزى مەھەللىنىڭ سىرتىغا كېتىپتۇ.  كەچتە ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ جەسىتىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىلۋالغان يېرىدىن تېپىپتۇ.  تاماق شىرەسىدە ئولتۇرۇپ بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان ھەممىمىزنىڭ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى،  20 يۈەن پۇلنىڭ كەم بوپقالغانلىق سەۋەبىدىن 13ياشلىق بىر نوتا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.  جاپاكەش دېھقاننىڭ ئۈمىدىنى يەلكىسىگە يۈكلىگەن بىر ساغلام سەھرا بالىسى قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەنىدى.  ھەرخىل ئۇيۇننى ئويناپ مەيدانلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈشكە ، ۋېلىسپىتنى مىنىپ يېزا يوللىرىدا قۇيۇنداك چېپىپ ئويناشقا،  مەكتەپ فورمىسىنى  كىيىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن «بىز بەختىلىك ئەۋلاد» دېگەن ناخشىنى جاراڭلىق ئېيتىشقا،  ئاتا- ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسلىپ شادلىق ئىلكىدە ئۇلارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە ھەقلىق بىر ئۆسمۈر بوينىغا ئارغامچا سېلىپ ، توپا يىغىپ تۇرغان بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقانىدى.  مەن سەپەرگە چىقشنىڭ ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا مەكتەپنىڭ « بىر تەشتەكتىن گۈل ئەكىلىش » تاپشۇرقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ يېنىدىكى  گۈل بازىرىدىن 20 يۈەنگە بىر تەشتەك گۈل ئېلىپ بەرگەنىدىم.  خىيالىمدا ئادەتتىكى  بىلەن ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىر سەبىي بالا بىر – بىرىگە روبىرو تۇراتتى.  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 12- مارت ئەتىگەندە شىۋول يېزىسىغا قاراپ يول ئالدى.  ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاشۇ بىچارە ئوغۇل ئوقۇغان مەكتەپنى كۆرۈش ، ئەھۋالنى ئىنىق ئۇقۇش،  ئۆلۈۋالغان ئوغۇلنىڭ سىڭلىسىنى يوقلاش ئىدى.  گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزا بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ راستلىقىغا ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرەلمەيۋاتاتتى.  ئۇلار ھېلىدىن – ھېلىغا باشلىرىنى چايقايتتى.  ماشىنىلار كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ بىر يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن شىۋول يېزىسغا يىتىپ  كەلدى.  مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە قارىساق چوڭ يىغىن ئېچىلۋاتقانىكەن.  بىر نەچچە ئېغىزلىق ئاددىي سىنىپ بىناسىنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق مەيداندا ئاتا – ئانىلار،  ئوقۇغۇچىلار زوڭ ئولتۇرۇپ،  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش » توغرىسىدىكى سۆزىنى ئاڭلاۋاتقانىكەن.  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى سىنىپ بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە قۇيۇپ قۇيۇلغان كانايدىن ياڭراپ تۇراتتى.  ھاۋا چاڭ ھەم سوغۇق ئىدى.  بىز بارغاندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى سۆزدىن توختاپ ھەممىمىز بىلەن كۆرۈشتى.  شۇ ئارىدا  دىكتور مۇنىرە غۇپۇر ھېلىقى قىزنى تېپىپ،  يانغا تارتىپ پاراڭلىشۋېتىپتۇ.  مۇخبىر ئەنۋەر رۇزى تېلكامىراغا ئېلىۋېتىپتۇ.  سوغۇق ھاۋادا يېلىڭ كىيىنىۋالغان قىزچاق نىمجان كەپتەردەك دىرىلدەپ تىترەپ،  بۇ ناتۇنۇش،  ئەمما مېھرى ئوتلۇق مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا قورۇنۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا جاۋاپ بېرىۋېتىپتۇ.  مۇنىۋە غۇپۇرنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ ئۆزىنى تۇتالماي قاپتۇ.  بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان پاجىئەلىك ھىكايىنىڭ بىر ئاساسلىق پىرسوناژى بولغان قىزچاق تولا يىغلاپ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ كەتكەنمۇ ياكى گۆدەكلىكىدىن بۇ پاجىئەنىڭ تىرگىدىيىلىك قىممىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمىدىمۇ،  ئەيتاۋۇر كۆزىدە بىر تامچىمۇ ياش يوق ئىدى.  ئەمما سوغۇقتىن توختىماي  تىترەيتتى.  مۇنىرە غۇپۇر ئۇنى ۋۇجۇدى بىلەن بولسىمۇ ئىسىتىش ئۈچۈن باغرىغا بېسىپ تۇراتتى.  شۇ ئارىدا مەكتەپ مۇدىرى يىغىن ئەھلىگە بۈيۈك يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىزى،  شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى دىرىكتورى گۈلشەن ئابدۇرېھىمنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن 2000يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.   زوڭ ئولتۇرۇپ يىغىن تىڭشاۋاتقان ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشتى.  ئارقىدىن گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىئانە قىلشتى.  مۇنىرە غۇپۇر رازىخان ئىسىملىك ھېلىقى قىزنى يىتىلەپ كېلىپ،  گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەنگە تۇنۇشتۇردى.  قىزنىڭ گويا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھالىتى قەلبىمىزگە ئورناپ كەتتى.  قىزچاق چەمبەر شەكىلدە چۆرىدەپ قاراپ تۇرغان ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا توپىلىق مەيداندىن ئۈنۈپ چىقىپ  قالغان يېپىنچا ئۆسۈملىكتەك ئۈن – تىنسىز تۇراتتى.  تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىۋاتاتتى.  ئاسمانمۇ توپا،  يەرمۇ توپا ئىدى.  ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسدا قاپقارا قىسمەتنىڭ ئىلىكىدە 11 ياشلىق رازىخان بۇ دۇنياغا قۇيۇلغان سۇئال بەلگىسىدەك شۈمشىيىپ تۇراتتى.  كۆزلەر نەملەشكەنىدى.  ھېچكىم ئارتۇق گەپ قىلمايتتى.  بىز شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن خوتەن شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق.  كەچتە يازغۇچى نۇرىمۇھەممەت توختى،   شائىر رۇزى سايىت ( 2011.9.8-1943) ۋە بىر قىسىم دوختۇر ئاغىنىلەر بىلەن «خوتەن مىھمانخانىسى » نىڭ ئايرىمخانىسىدا غىزالانغاچ پاراڭلاشتۇق.  يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى بىلەن شائىر رۇزى سايىت پاراڭ ئارلىقىدا مەندىن ئۈرۈمچىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە سوراپ قالدى.  مەن يېڭى ئەسىرگە قادەم قويغاندىن بۇيان ئۇچراتقان ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە شىۋولدىكى رازىخاننىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم.  سورۇندىكىلەر ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلاندى.  ئىرادىسى قاتتىق،  ئەمما كۆڭلى يۇمشاق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ  كۆزلىرى لىققىدە  ياشقا تولدى.  خەلقچىل شائىر رۇزى سايىت « بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.  يىغىغا ئەگىشىپ يۆتىلىمۇ تۇتتى.  ئۇ ئۇزۇنغىچە يۆتەلدى. ..»  



    يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى  « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ  2001 – يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان « شائىرغا كىسەل تەگكەن كۈنلەردە  » ناملىق خاتىرىسىدە« خوتەن مىھمانخانىسى » نىڭ ئايرىم خانىسىدىكى سۆھبەت ئەھۋالىنى قىستۇرۇپ يېزىپ،  ئوقۇرمەنلەرنى بۇ پاجىئەلىك ھىكايىدىن ئەڭ دەسلەپ خەۋەردار قىلدى.  بىز بىر ئايغا يېقىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ  « ئىچكى ماتېريال » سۈپىتىدە ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەركەزدىكى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزدۇق.  شىۋولدىكى رزىخاننىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى ھۆججەتلىك فىلىمدىن تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلدى.  ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ خاتىمىسدە  پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن،  قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت،  بىر ئوبلاستىتىكى نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق.  بۇ مەسىلىنى قەيەرلەردىن،  يەنە كىملەر،  قانداق يوللار بىلەن ئىنكاس قىلىپ،  ئىلتىماس قىلدى.  بىز ئۇنىڭدىن بىخەۋەر.  ئەمما،  شۇ قېتىمقى  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشلەپ يۇقىرىغا يوللىغان ھۆججەتلىك فىلىم بەكمۇ تەسىرلىك،  ئەمىلىي ھەم جانلىق ئىدى.  كۆرگەن ھەر قانداق رەھبەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىماي قالمايتتى.  بىزنى خۇشھال قىلغىنى شۇكى،  بىر يىلدىن كىيىن،  يەنى 2002 – يىل 15 – سىنتەبىردىكى  « شىنجاڭ گېزىتى «200مىڭ نامرات ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ  » دېگەن خەۋەر بېسىلدى.  دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بۇلىدىغان ئوبىكىتلار خوتەن،  قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى 200 مىڭ نامرات ئوقۇغۇچى ئىدى.  بىز ئىشلەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللىغان  « ئىچكى ماتېرىيال » نىڭ بۇ خۇشھاللىنارلىق خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇناسىۋىتى يوق دېگىلى بولمايتتى.  بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ خىزمىتى،  تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىگەنىدى.  بۇ خىزمەتتە ئابدۇرازاق سايىم ئالاھىدە رول ئوينىغاندى.  ئۇ،  بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىمەي،  ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىرىدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىمۇ  بولىۋېرەتتى.  لېكىن،  خەلق  ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى ئىزدىنىپ يۈرۈپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن بۇ كادىر بىر قىسىم نانقېپى،  ئۆزىنىلا ئويلايدىغان.  ئىزدىنىپ ئىشلەش ئادىتى يوق كادىرلاغا پەقەت ئوخشىمايتتى.   ئۇ قايسى ئورۇندا ئىشلىسە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغۇدەك خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغانىدى.  ئابدۇرازاق سايىم 1996- يىلى دېكابىردا ئاقسۇ ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيىلىك پارتىكومغا مۇئاۋىن شۇجىلىققا تەيىنلەپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا چۈشكەن مەزگىلدە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ يەر –جاي ناملىرى ئىلمىي نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقىشغا تۆھپە قوشقان.  يەنى،  بۇ ناھىيىنىڭ شۇ يىللاردىكى « كونا شەھەر » دېگەن نامىنى تارىختىكى ئەسلىي ئاتىلىشى بۇيىچە « ئونسۇ» دەپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەمۇرىيەت ۋە قانۇن تەرتىپى بۇيىچە زېرىكمەي يول مېڭىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان.  كۆرىمىزكى،  بىر قىسىم كادىرلار خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشەنمەي ئىمتىياز دەپ چۈشىنىپ،  ئۆزىنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان « چاكار » لىق بۇر چىنى ئۇنتۇپ،  ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ.  مەن بۇنداق مەسئۇليەتسىز كادىرلارغا ئەزەلدىن ئۆچ.  ئۇلار ھوقۇقنى مۇلازىمەت دەپ ئەمەس،  ماختىنىدىغان مەنسەپ دەپ چۈشىنىدىغانلاردۇر.  بۇنداق كادىرلاردىن مەنلا ئەمەس پارتىيە،  ھۆكمەتمۇ،  ئاۋام خەلقمۇ بىزار.   مېنىڭ چۈشىنىشىمچە،  « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك كىتابلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش توغرىسىدىكى سىياسەتنىڭ قارار قىلىنىشىدا،  خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مۇۋاپىق يول بىلەن يەتكۈزۈپ كەلگەن كادىرلار تۆھپىسى گەۋدىلىك ئىدى.  ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئەمەس،  خوتۇن – بالىلىرى ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتنىڭلا كويىدا ئىدى.  شۇڭا،  كادىرلار ساپاسى مەسلىسى ھازىر ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە بوپقالدى.



« مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بۈگۈنكى كۈندە 20 يۈەن كىتاب پۇلىنى تەييارلىيالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان بەخىتسىز قىز رازىخان ئاللىقاچان 20 ياشتىن ئاشتى.  ئۇنىڭ تەقدىر – قىسمىتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى،  بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ.  ئەمما،  ئۇنىڭ بالىسى مەكتەپتە ئوقۇسا،  چوقۇم دەرسلىكنى سېتىۋېلىش يۈكىدىن خالىي ھالدا ئوقۇيدۇ.  بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ غەم -غۇسىسىز چوڭ بولىدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە.  






زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ



يېقىنقى  يىللاردا شېئىر – قوشاقلاردا،  سەھنە – ئېكرانلاردا « ئانىلار ئۇلۇغ » ، « جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا » ،« ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ  » دېگەنەە  ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سۆزلىرى خېلى كەڭ ئۇمۇملىشىپ قالدى.  بۇنىڭ تۈرتكىسىدە،  كىشىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىستىمال قىلىدىغان بولدى.  كىشىلەر ئانىلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارىقۇيۇق ئۇلۇغلايدۇ  ؟ مېنىڭچە ، ئۇلار ئۇمۇمەن  مۇنداق قارايدۇ  :« ئانىلار توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغىدۇ  ؛ يەنە بالا ئېمىتىدۇ،  بالىنى پەرۋىشلەپ چوڭ قىلىدۇ،  شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئۇلۇغ،  ئانىلار ئۇللۇغلاشقا تىگىشلىك ئىنسانلار !»  



بىرىنچى،  ئانىلار ئۇلۇغ بولسا ، دادىلار ئۇلۇغ ئەمەسمىكەن  ؟ شۇبھىسىزكى،  بۇ بىر ئۇرۇنسىز تالاش – تارتىشنى پەيدا قىلىشتۇر.  بىلىش  لازىمكى،  ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە ئىگە بۇلۇپ،  ئەرلىرى ئۇنىڭ ئەكىسچە بۇلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس.  ئۇلۇغلۇق ئادەمنىڭ جىنسى،  يېشى،  نەسەبى،  مىللىتى ئاساس قىلىنىپ ئايرىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.  شۇنىڭدەك،  ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قانداقتۇر « ئۇچار قاناتلاردىن جان – جانىۋارلارغىچە بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلىقلارغا ئورتاق بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلىقلارغا ئورتاق بولغان تۇغۇش،  بېقىش،  ھىمايىسىگە ئېلىش،  ئاسىراش – پەرۋىش قىلىشتەك جەريان بىلەنلا چەكلەنسە  كۇپايىلىنەمەيدۇ. » ئانىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ ئانىلار بار،  دادىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ دادىلار بار.  ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ « ھەممىسى ئۇلۇغ » ئەمەس ! ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ ئاجايىپ پاساھەتلىك مىسرالارنى تۈزگەن ، ئانىلارنى مەدىھىيىلەپ ناخشا – قوشاقلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا،  بىز بۇنداق ھاياجانلىق ھىسسىياتنىڭ قانداق ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىشى لازىملىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.  ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق « بالا تۇغۇش » بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى ئۇلۇغ ئىدىيىنى،  ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش بىلەن خارەكتېرىلىنىدۇ.  ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانا قىيىن تاللاشلارغا توغرا كەلگەندە توغرا يول تاپالايدىغان ئەقىل – پاراسىتى بىلەن،  ئەۋلادلىرىنىڭ بەخىت – سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي،  يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان جەڭگىۋار روھى بىلەن،  كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋە قايىل قىلىدىغان پاكلىقى بىلەن ، ھۆسنىگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى بىلەن ، يىمىرىلمەس قورغاندەك ئېتىقادى بىلەن ئۇلۇغ بولىدۇ.  بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا،  مەيلى  ئەر ، مەيلى ئايال،  مەيلى دادا،  مەيلى ئانىغا نىسبەتەن  بولسۇن ، « ئۇلۇغ » لۇقنىڭ  ئەڭ ئالىي شەرتى -خەلقچىللىق  ؛ قانچىكى ۋەتەنپەرۋەر،  مىللەتپەرۋەر ئادەم بولسا،  شۇنچە ئۇلۇغ بولىدۇ. .. مۇشۇنداق شەرتنى ھازىرلىغان ئانا ئەمەس،  بەلكى ئىنىكئانا بولسىمۇ،  ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھىسابلىنىدۇ.  ئەگەر ئانىلار قارىغۇلارچە ھالدا ئۇلۇغلانسا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى « بالا تۇغۇش،  ئېمىتىش،  چوڭ قىلىش » قا باغلاپ قۇيۇلسا،  ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاپ،   ئۆزىگە قويىدىغان تەلىپى تۆۋەنلەپ،  بىخۇدلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.  چۈنكى ، ئانىلارنىڭ بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمايدىغان مەسئۇلىيىتى – ئائىلە ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر،  دۇرۇس تەربىيە بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان ياراملىق ئىز باسارلارغا،  ئانا ۋەتەننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالىدىغان،  ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەزمەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.  بالزاكنىڭ « مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قۇلىدا » دېگەن مەشھۇر سۆزى دەل ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىشى ياكى ئادا قىلالماسلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان.



ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا ئۆلچەم ھىسابلىنىدىغان يۇقىرقى شەرت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ  « ئۇلۇغ » دېگەن سۈپەتنى پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىكى ئانىغا ئاتا قىلىۋېرىش -بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىنىڭ مۈجمەللەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.  ئەگەر ئانىلار قارىقۇيۇق ئۇلۇغلىنىپ،  ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا مەدىھىيە ئوقۇلىۋەرسە ، ئانىلا ئارىسىدىكى ئۆز – ئۆزىنى تۇنۇش ئېڭى تېخى يىتەرلىك ئويغانمىغان مىليونلىغان نادان ئانا خاتا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ،  ئائىلىدە ئەرلىرى بىلەن مەرتىۋە ۋە باراۋەرلىك دەۋاسى قىلىدىغان ئاقىۋەت ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.  ئەگەر بۇنىڭغا « ئەر ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر » دېگەن قانۇن تەشۋىقاتىنى خاتا چۈشىنىپ،   ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش،  ھەممە ئىشتا تەتبىقلاشقا ئۇرۇنۇش خاھىشى قۇشۇلسا،  « ئائىلە » دىن ئىبارەت ئىمارەتكە ئىچىدىن دەز كېتىشكە باشلايدۇ.  ئېنىقكى،  بىر ئائىلىدىكى بارلىق ئەزا ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇق،  ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت « قانۇنىيەت » تىن ئىبارەت مۇقەددەس مىزان ئۈستىگە قۇرۇلغان.  « قانۇن » بىلەن « قانۇنىيەت » ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئاۋۋال قانۇنىيەتنىڭ مىزانىغا بويسۇنۇش،  ئاندىن قانۇننىڭ نىزامىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.  ھەر قانداق ئائىلىدە بۇ خىل « قانۇنىيەت ئېڭى » ئاجىزلاپ،  « قانۇن ئېڭى » كۈچىيىپ كېتىدىكەن،  ئۇنداق ئائىلە رىقابەتلىشىۋاتقان رەقىبلەر سورۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ.  بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغان سالاھىيىتىنى ئېنىق تونۇسا،  يەنە دادا  دادىلىق،  ئانا ئانىلىق،  ئەر ئەرلىك،  ئايال ئاياللىق،  بالا بالىلىق سالاھىيىتىنى ئېنىق تونۇسا ۋە شۇ ئاساستا مەجبۇرىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلسا،  بۇنداق ئائىلە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆزىنىڭلا ئەمەس،  بەلكى بىر جەمئىيەتنىڭ،  بىر مىللەتنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرىدۇ.   



« زامانىۋىلىشىش » نى يېتەكچى شۇئار قىلغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ئىنسان تەبئىتىگە يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىش،  ئەر بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق كۈنسايىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.  « ئەركىنلىك » ، « باراۋەرلىك » شۇئارى ئاستىدا ئەرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ  « ئائىلە » دىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ،  ئۆزىنى سىرتقا ئېتىۋاتقان ئاياللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ... مۇشۇنداق نامۇۋاپىق يۈزلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا.  ئائىلە نىزامى جەھەتتە ئەركىنلەشكەن ئائىلىلەر ناھايىتى مۈشكۈل ئەخلاق كىرىزىسىگە پاتماقتا.  ئۇنتۇماسلىق كېرەككى،  قان كېچىپ قۇربان بېرىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئەركىنلىك بار،  شۇنداقلا يەنە ئالىقىنىڭدا تۇرسىمۇ،  ئىككىلەنمەي چۆرۈپ تاشلىۋەتسە بولىدىغان ئەركىنلىكمۇ  بار ! شۇڭا ، « ئەركىنلىك » مەسىلىسىنى ئائىلىگە تەتبىقلىغاندا،  باشقىچە ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.  مېنىڭچە،  ئەركىنلىكنى ئەمەس،  « مەجبۇرىيەت » نى شۇئار قىلغان ئائىلە – پالاكەتچىلىكتىن يىراق ئائىلىدۇر.  



ئىككىنچى،  ئانىلارنى قارىقۇيۇق ئۇلۇغلاش ھادىسىسى -ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك،  ھەتتا ھاقارەت  بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.  ئەگەر ئانىلار بارلىق ئانىغا ئورتاق بولغان  « بالا تۇغۇش،  بالا ئىمىتىش،  بالا چوڭ قىلىش  » تەك ئۇمۇمىي شەرت بىلەن ئۇلۇغلانسا،  ئۆز نۆۋىتىدە بۇ،  باشقىلارنىڭ بەخت – سائادىتى  ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىدىغان،  ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بېرىشكە توغرا كەلسە،  ئىككەنمەي قۇربان بېرىشكە تەاييار تۇرىدىغان پىداكار،  باتۇر،  غۇرۇرلۇق،  مەسئۇليەتچان ئانىلارغا قىلىنغان  ئادالەتسلىزلىك  بولىدۇ.  ئانىلار ئارىسىدا ئەۋلادلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە كېچىلىرى كىرپىك قاقماي ئويلىنىپ،  گۈزەل كېلەچەك ، پارلاق ئىستىقبال ۋە غالىب ئاقىۋەتلەرنىڭ ئارزۇسىدا يىلاندەك تولغىنىپ،  ئوت-ئاتەش بۇلۇپ يانىدىغان ئانىلارمۇ بار  ؛ تاڭ ئاتقۇچە ئەيىش – ئىشرەت كۇلۇبلىرىدىكى كۆلچەكلەردە ئۈزۈپ،  ئۆزگىلەرنىڭ كارۋاتلىرىدا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئېغىناپ،  ئەر ۋە بالىلىرىنى نۇمۇس دەرياسىغا غەرق قىلىپ،  ھاقارەت ئوتىدا كۆيدۈرۈپ پۇرچىلاۋاتقان ئانىلارمۇ  بار  ؛ ھايات – ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ غېمىنى يەپ،  ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن بارلىق پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ۋە بارلىق جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر ئانىلارمۇ بار ؛ يولدىن ئازغانلارنىڭ كېچىدە ئادىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۈلخان ياقىدىغان،  ئۇلار  ماڭماق بولغان چۆللەرگە قۇدۇق كولاپ ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئانىلارمۇ بار ؛ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخي شۆھرەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ،  ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار روھىدىن كۈچ – مەدەت ئېلىپ،  ئەجدادلىرىنىڭ شەنىگە نۇر بېغىشلاش كويىدا ئىزدىنىپ ياشايدىغان پەخىرلىك ئانىلارمۇ  بار  ؛ ئۆز ئەجدادىنىڭ قاتىلىنى ئۆز قوينىدا ھۇزۇرلاندۇرۇپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن لەنەتگەردى ئانىلارمۇ بار ! ئانىلارنى مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپ بويىچە  ئۇلۇغلىماي،  « بالا تۇغۇش ، ئېمىتىش،  چوڭ قىلىش » تەك شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈنلا،  قارىقۇيۇق ئۇلۇغلاش -مىللىي پىسخىكىمىزدا پەرۋاسىزلىق،  مەسئۇليەتسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىپ كەتكەنىلىكىنىڭ ئىپادىسى.  بىلىشىمىز كېرەككى،  ئىنچىكە ، پۇختا ئىش كۆرۈش روھى ئاجىز،  پەرق تۇيغۇسى مۇجىمەل،  مەسىلىلەرنى ھەقىقەت نەزىرى بىلەن كۆزىتىشكە ئادەتلەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قىممىتى ئوخشاش ! بىزگە ئوخشاش،  يۈكسىلىشنىڭ كويىدا كېچە – كۈندۈز تىپىرلاۋاتقان بىر مىللەتكە نىسەبەتەن ئېيتقاندا ئۇلۇغلاش ئوبىكتىنى توغرا بىكىتەلمەي،  « ئۇلۇغ » دېگەن بۇ ئالىي ماركىنى كىمگە چاپلاشنى ئاڭقىرالماي قايمۇقۇپ يۈرۈش بەكمۇ بىچارىلىكتۇر.   



ناۋادا ، « بالا تۇغۇش،  ئېمىتىش،  چوڭ قىلىش » تەك شەرتنى ھازىرلىغانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئانىلارنى ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە،  ئېسىمىزدە بولسۇنكى، جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئانىسىمۇ بۇ ئۆلچەمگە پۈتۈنلەي چۈشىدۇ.  ئاياللار تۈرمىلىرىدىمۇ بۇ شەرتنى ھازىلىغان ئاياللار كۈرمىڭ  ! ئەمما،  ئاشۇلار « ئۇلۇغ ئانا » دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىمدۇ  ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،  ئانىلارنى كەلسە – كەلمەس ئۇلۇغلاش – ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئۇچۇق ھاقارەت.



ئۈچىنچى،  ئانىلار « بالا تۇغۇش،  ئېمىتىش ، چوڭ قىلىش » شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى  تۈپەيلى « ئۇلۇغ » دەپ سۈپەتلەنسە،   بۇ سۈپەتلەش فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بۇلالمىغان ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.  تۇغۇش – ئاياللارنى كەمستكەنلىك بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. تۇغۇش – ئاياللارنىڭ تەبئىي ئىقتىدارى،  شۇنداقلا ئورتاق فىزىئولىگىيىلىك خۇسۇسىيىتى.  بىر جەمئىيەتنىڭ ئانىلارنى بۇنداق بىمەنە ئۇلۇغلىشى ئالدىدا،  پەرزەنت كۆرەلمەسلىك قىسمىتىگە مۇپتىلا بولغان ئاياللار نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. گۇناھسىز ئاياللارنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇنداق مەنتىقىسىز ئۇلۇغلاش ھادىسىسىنىڭ باشقىلارغا كەلتۈرىدىغان بېسىمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.  ئەمەلىيەتتە نوقۇل ھالدا بالا تۇغۇپ ئانا بۇلۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋىيە ياكى ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنمايدۇ ، ھەتتا بۇ ئىش بەزى گاس – گاچا ئاياللارنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا،  ئەقىلنىڭ روھىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولسىلا،  نامدىكى « ئانا » لارنىڭ سېپىگە قوشۇلىشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.  بىراق،  ئۆز پەرزەنتىنى ئىنساندەك ياشاشقا ئىگە قىلشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلاش باشقا بىر گەپ.  بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان،  بەلگىلىك ساپا ۋە سۈپەت،  قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە جاپا مۇشەققەتتىن،  ھەتتا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغاندا ئاندىن ھازىرلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسىگە ھاياتىي كۈچ بۇلۇپ قېتىلىدۇ.  بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان،  بەلگىلىك ساپا ۋە سۈپەت،  قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە جاپا – مۇشەققەتتىن،  ھەتتا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغاندا ئاندىن ھازىرلىنىدۇ.  مانا شۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسىگە ھاياتىي كۈچ بۇلۇپ قېتىلىدۇ.  بۇنداق شارائىىتنى ھازىرلىمىغان ئانىلارنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى گېزى كەلگەندە بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي سېتىلىدۇ  !



تۆتىنچى،  ئانىلار « بالا تۇغۇش،  ئېمىتىش،  چوڭ قىلىش » شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلۇغلانسا،  بۇنىڭدىن  « قانچە كۆپ بالا تۇغسا،  شۇنچە ئۇلۇغ ئانا،  قانچە ئاز تۇغسا،  شۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇلۇغ ئانا ؛ توغمىسا،  ئۇلۇغ ئەمەس » دېگەن بىمەنە يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. ئويلاپ باقساق،  پادىچىنىڭ قىممىتى پادىسىنىنىڭ ئاز – كۆپلىكىدە ئەمەس بەلكى ئۆز پادىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدە كۆرۈلىدۇ.  مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،  ئانىنىڭ قىممىتى ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى،  يەنى پەرزەنتلىرىنى زاماننىڭ تەلىپى،  مىللەتنىڭ ئىھتىياجىغا مۇناسىپ ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.  ئەگەر،  ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا « بالا تۇغۇش،  ئېمىتىش،  چوڭ قىلىش  » شەرت قىلىۋېلىنسا ، ھەر قانچە بىلملىك،  ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايال بولسىمۇ،  بۇ خىل ئۇلۇغلۇق شەرتىگە يېقىنلىشالمايدۇ.  ھەممىمىزگە مەلۇمكى،  « يەتتە قىزلىرىم  » ، نۇزۇكۇم،  رىزانگۈللەر ئانا ئەمەس،  بەلكى قىزلاردۇر. ئۇلار نەچچە ئەسىردىن بېرى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇلماي ئۇلۇغلىنىدۇ  ؟ چۈنكى ئۇلار ھۆرلۈك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلغانلىقى،  ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى ھەممىدىن ئالىي بىلگەنلىكى،  ئەلنىڭ بەخىت – سائادىتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن قۇربان بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلىنىدۇ.  بىز يۇقىرىقى بىمەنە « شەرت » نى ئاشۇ ئۇنتۇلماس قەھرىمان قىزلىرىمىزغا قۇيۇشقا پېتىنالايمىزمۇ ؟! تەڭرى ئاتا قىلغان تەبئىي ئىقتىدار ۋە ھەممە ئايالغا ئورتاق بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپلا « ئانىلار ئۇلۇغ » دىيىش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك.  ھەر قانداق قىز بالاغەتكە يەتكەندە فىزىئولوگىيىلىك نوقتىسىدىن ئانا بۇلۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.  مۇشۇ مەنىدىن بىز ئۇلارنى « ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر »،  « كاندىدات ئۇلۇغلار » دەپ ئېيتساق مۇۋاپىق بۇلامدۇ  ؟  بالا تۇغقان،  ئېمىتكەن،  چوڭ قىلغان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا  « ئانا  » دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە  ؛ شۇ تۈپەيلى ئانىلارنى قارىقۇيۇق ھالدا ئۇلۇغلاش-نورمالسىزلىق.  ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشى،  كۈتۈشى،  ھەتتا  « ئانام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا » دەپ چۈشىنىشى ئۆزىنىڭ ئەركى.  بۇنداق ھىسىياتنى چۈشۇنىشىكە بۇلىدۇ.  « ئانام ئۇلۇغ » دېگەن سۆزنىڭ خارەكتىر ۋە مەنە پەرقى ناھايىتى زور.  ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئۇلۇغ كۆرۈش بىلەن ئۇمۇمىي ئانىلارنى ئۇلۇغ كۆرۈش پىرىنسىپال مەسىلە.  بۇ يەردە ھىسىيات بىلەن ھەقىقەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياتىدىغان نازۇك پەرق مەۋجۇد.  



مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى2010  -2- سانىدى ئېلىندى

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:26:41

بىر پارچە خىشنىڭ سىرى









يالقۇن روزى

بۇ يىل ئاپرىلدا غۇلجا شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە ئاق رەڭلىك خىشنى تاپشۇرىۋالدىم.ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر پارچە خىشتىلغا ئالغۇچىلىغى يوق تولىمۇ ئاددىي نەرسە، ئەمما ماڭا ئەۋەتكەن بۇ بىر پارچە ئاق خىش ئاجايىپ زور تارىخىي كەچۈرمىشلەرنىڭ شاھىتى بولۇپ، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاز ئۇچرايدىغان بىباھا مىراس. چۈنكى بۇ سۆزلىيەلەيدىغان ھەم يىغلىيالايدىغان بىر پارچە خىش!

ئۇ گويا بېشىدىن تالاي قىسمەت ئۆتكەن،كۆپنى كۆرگەن زېرەك بوۋايدەك سۆزلەيتتى. ئۈرۈمچىنىڭ كۈندۈزدىكى قۇلاق-مېڭىنىزىڭىلدىتىدىغان شاۋقۇن-سۆرەنلىرى جىمىقىپ، پۈتكۈل شەھەر تۈن جىملىقىغا چۆمگەندە بۇ ئالاھىدە خىش بىلەن ئىككىمىزكۇسۇرلىشىپ، تۈگىمەس سۆھبەتلەرنى قۇراتتۇق. بۇ چاغدا ۋۇجۇدۇم ھاياجان ئىلكىدە تىترەپ، ئوي-پىكرىم مەغرىپتىن – مەشرىققىچە كىزەتتى. ھېلىقى قەۋەتمۇ-قەۋەت سىر-ھېكمەتلەرگە تولغان ئۆتمۈش ھەققىدە ئويلانسام، ھېلى ئىزىتقۇدەك ئۆزگۈرۈشچان بۈگۈن ھەققىدە ئويلىناتتىم. ئۇ ئالاھىدە خىشنى ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا بىر – ئىككى قېتىم كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئائىت ھېكايىلەرنىئانچە- مۇنچە سۆزلەپ بەرگەنىدىم، ئۇلار ئېرەنشىپ كەتمىدى. مەن بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە قىممەت ئۆلچىمىدىكى پەرقتە بولساكېرەك دەپ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە،كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى،ئادەت- ئېھتىياجلىرى، ئارزۇ- ھەۋەسلىرى، غايە- ئەقىدىلىرىگە ئاساسەن قىممەت ئۆلچەملىرىمۇ پەرقلىنىدۇ.بۇنداق پەرقلىق ھالەتنى بىز جىبران خەلىل جىبراننىڭ تۆۋەندىكى نەسرىدىن كۆرۈۋالالايمىز:

« كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقان ناھايىتى ئېسىل بىر مەرمەر ھەيكەلنى قېزىۋاپتۇ-دە،ئۇنى ئاپىرىپ ئەتىۋارلىقسەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىغا سېتىپتۇ. يىغىپ ساقلىغۇچى بۇ ئېسىل ھەيكەلنى يۇقۇرى باھادا سېتىۋاپتۇ. دېھقان قايتىپ كېتىۋېتىپ قولىدىكى پۇلغا قاراپ ئويلىغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ:بۇ پۇل ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئويلاپ باقمىغان ھوزۇر-ھالاۋەتكە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ھەيكەل ئۈلۈك نەرسە،ئۇ توپا ئاستىدا مىڭ يىللاپياتقان،ئۇنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈن بىراۋلار ئاشۇنداق سۇغۇق تاشنى جىق پۇلغا سېتىۋالىدىغاندۇ؟شۇ چاغدا يىغىپ ساقلىغۇچى ئالدىدىكى مەرمەر ھەيكەلگە زوقلانغىنىچە قاراپ، ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ:نېمىدېگەن گۈزەل،نېمىدېگەن جانلىق، نېمىدېگەن ئۇلۇغ ھەم ئېسىلبۇيۇم بۇ-ھە؟ ئەپسۇس ئۇ،ئۇزاقيىللىق شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئەمدىلا ئويغاندى! نېمە ئۈچۈن خەق مۇشۇنداق ئېسىل نەرسىدىن ۋاز كېچىپ،ئۆزىنى ئۆلۈك، ھىس- تۇيغۇسىز پۇلغا ئاتىغاندۇ؟» دېمەك، قىممەت قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى، ھەركىم ھەر بىر نەرسىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەپتۇن بولىدۇ ھەم ئوخشىمىغاندەرىجىدە ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. مەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدىغان بۇ بىر پارچە ئاق خىشقا بۆلەكچىلا مەپتۇن ئىدىم.ھاۋارەڭ دۇخاۋا پارچىسىغا يۆگەپ قويۇلغان ئۇ ئاددىي خىش كۈرەش، تەۋەككۈلچىلىك، باتۇرلۇق، ئەقىل-پاراسەت، ھاياجان،

سىقىلىش، خورلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەسرەت- نادامەتنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىدى. ئېنىقراق ئېيتقاندا ئۇ، قەدىمىي ئانا ماكانلىرىمىزنىڭ

بىرى بولغان ئېلى ۋادىسىنىڭ 20- ئەسىردىكى ئەگرى- توقاي مۇھاپىسىنىڭ شاھىتى ئىدى! ئىلى ۋادىسى، ئاممىباپلاشتۇرۇپئېيتقاندا غۇلجا يېقىنقى ئىككى ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ئاجايىپ زور ۋەقەلەر گە سەھنە بولغان خىسلەتكەباي زېمىن! بۇ تەڭدىشى يوق تۇپراققا ئىلى پەرزەنتلىرى يۈرەكنى لەززىگە سالغۇدەك قىممەت بېغىشلىغان. گەرچە ئىلى ۋادىسىدىكىئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ئۇنچىۋالا كۆپ بولمىسىمۇ،ئەمما، ئۇلارنىڭ روياپقا چىقارغان نەتىجە- ئۇتۇقلىرى ھەيران قالارلىقدەرىجىدە كۆپ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىلى ۋادىسىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار. سېلىشتۇرۇپ باقساق،بۇنچىلىك نۇپۇس جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ناھىيىدىمۇ بار. ئەمما، مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ كۆپلۈكى،تۆھپىكار ئەزمەتلىرىنىڭجىقلىقى بىلەن ئىلى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە يېتىشىپ چىققانخاس ئىجتىمائىي توپلار بۇ نوقتىنى سۆزسىز ئىسپاتلايدۇ. بىز پۈتكۈل ئانا دىيارىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىدىغان بولساق،ئىلى باتۇرلىرى، ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى، ئىلى بايلىرى،ئىلى ئەدىبلىرى،ئىلى سەنئەتكارلىرى،ئىلى چاقچاقلىرى، قىسقىسى،ئىلى ئۇيغۇرلىرى ياراتقان ئىلى چوھى ھەر تەرەپكە يورۇق سېپىپ، يېلىنجاپ تۇرغان بىر گۈلخان!ئىلى ۋادىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىككى ئەسىردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بېشىغا خىلمۇ-خىل ئېغىر كۈن كېلىپ، چىقىشيولى ئىزدىگەن ئۆلىما، زىيالىي، باي، ھۆنەرۋەن، سەنئەتكەر، ئىنقىلاپچى، ئاشىق، ئىشلەمچىلەر پاناھگاھى بولغان. ئاچ –زېرىن خەلقنىڭ ھاياتلىق ئۈمىدى بولغان. بۇنىدەلىل بىلەن ئىسپاتلايدىغان بولساق، 1858- يىلى قەشقەرەە خۇپىيانە تەكشۈرۈشكە كەلگەن رۇسىيىلىق مەشھۇر قازاق ئالىم چۇقانۋەلىخانوف« ئالتە شەھەر خاتىرلىرى» دە:« ئالتە شەھەردە سودىگەرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەردىن ئېلىنىدىغان باج- سېلىق ۋە

ئۆشرە- زاكاتلار ئېغىر بولغاچقا،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىلىرى ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىپ غۇلجا، ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېتىدۇ» دەپ

يازغان. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ يېرىم ئەسىردىن كېيىن،

1915-يىلى ئۇفلىق تاتار زىيالىي،« ۋاقىت» گېزىتى مۇخبىرى نۇشېرۋان يائۇشېف « ئالتە شەھەر ساياھەت» دېگەن ماقالىسىدە

ئۈرۈمچى تەرەپتىن كېلىۋېتىپ ئاقسۇدا ئۇراتقان بىر ئەھۋالىنى مۇنداق يازغان:« جام يېزىسىغا كېلىپ ئىشلەمچىلەر چۈشىدىغان

سارايغا چۈشتۈم. بۇ ساراي يالاڭ ئاياغ ۋە جۇلجۇل كىيىملىك ئادەملەر بىلەن تولغانىدى. ئەمدىگىنە چاي ئىچىشكە باشلىغانىدىم

ھەسەلگە ئولاشقان چىۋىندەك ئولىشىۋالدى.بۇ بىچارىلەر ئاچ-يالاڭاچ، ئارىسىدا قېرىلىرىمۇ بار ئىدى.

- نەگە بارىسىزلەر؟

- ئىلىغا چىقىمىز.

- نېمە ئۈچۈن؟

- ئاش ئىزدەپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن.

- قەيەرلىكسىزلەر؟

- قەشقەرلىك، ئارىمىزدا يارىكەنت،خوتەنلىكلەرمۇ بار.

ئەتىسى سەھەردە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتىم. يولدا توپ-توپ كىشى ئۇچرىدى.ئۇلار جامغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئىشەكلەرگە

خۇرجۇن، ئۇزۇق-تۈلۈك ئارتىشقان بولۇپ، ئۆزلىرى پىيادە يۈرەتى. ئارىسىدا ئەمچەكتىكى بالىلىرىنى كۆتۈرگەن ياش

خوتۇن-قىزلارمۇ بار ئىدى. ئاپئاق ساقاللىق قېرىلارمۇ بار ئىدى.ئاياغلىرى يالاڭ، ئۇچىسىنى ئىللىتقۇدەك كىيمىمۇ يوق ئىدى.

كۆزلىرى كۆكەرگەن، يۈزلىرى سارغايغان، ئېغىزلىرى ئېچىلغان، پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئۈمىدسىزلىك باسقانىدى. بۇ بىچارىلەرمۇ

ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەپ ئىلىغا سەپەر قىلغانىدى.»

نوشېرۋان يائۇشېفتىن كېيىن يەنە يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە، يەنى 1968-يىلى داڭلىق مىللىي شائىر قۇربان بارات ئۆزىنىڭ

«شىمال يۇلتۇزلىرىغا تەلمۈرۈپ…» دېگەن نادىر شېئىرىدا مۇنداق چىن مىسرالارنى يازغان:

« يول بېسىپ ئۇزاق كۈنلەر چارچىغان يولۇچىلار،

بېكەتنىڭ تېمى بويلاپ ياتىدۇ قاتارلىشىپ.

توپ بولۇپ كەلگەن ئۇلار نان ئىزدەپ، بەخت ئىزدەپ،

قەدىمي كۆچمەنلەردەك سۇ كېچىپ، تاغلار ئېشىپ.

ھېچ كىشى ئۇخلىمايدۇ، سۈكۈتتە ياتار تېنچ،

ناخشىدىن خالىي ياشلار، قېرىلار سالماق پاراڭ.

ئوت يانغان سانسىز كۆزلەر شىمالغا تەلمۈرىدۇ،

ئۇلاردىن سوغۇق ياشلار تۆكۈلەر تارام- تارام.»

دېمەك، ئىلى ۋادىسى ئۈمىد ۋادىسى! ئىلى تۇپرىقى سېخىي تۇپراق! ئىلى خەلقى مەردانە خەلق! ئىلى پەرزەنتلىرى كۈرەشچان ئەۋلاد!

ئالقىنىمدىك بۇ بىر پارچە ئاق خىش ئىلى ئاسمىنىدا 100 يىل چاقناپ،كىشىنى سۈيۈندۈرىدىغان ۋە ئۆكۈندۈرىدىغان تالاي

ۋەقە –ھادىسىنى كۆرگەن ئالاھىدە خىش! ئۇ خىش مىللىي سانائەت تارىخىمىزنىڭ يادىكارى بولغان بىباھا سانائەت مىراسى!

مىللىي سانائەت مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ يول! ئەينى يىللىرى ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى

بولغان.شۇ چاغدا ئەنگىلىيە ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ شىمالي ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاشڭتون ئامېرىكىنىڭ سانائىتىنى

تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ۋاشڭتون ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنى ئامېرىكىدا تىكىلگەن كىيىمنى كىيىپ ئامېرىكىلىقلارا :

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك،دەپ جاكارلىغان. ئۇ ھەتتا دۆلەت خىراجىتى ئارقىلىق ياساش كەسپىنى

تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك،

ۋاشڭتون مىللىي سانائەتنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مۇھىملىقىنى ھەقىقىي تونۇغان.

19-ئەسىرنىڭ باشلىرى گېرمانىيە مىللىي سانائەتنى بەرپا قىلىشقا سەل قاراپ،دۆلەتنى ئىقتىساتنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق

تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئولىغان بولسىمۇ، كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئاخىرى ئەركىن سودا ئەندىزىسىنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى

تۇنۇپ يېتىپ، سىرتقا قارىتا يۇقىرى تامۇژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ،ئىچكى قىسىمدا مىللىي سانائەتنى قوغدىغان.

1900- يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيە پولات- تۆمۈر،تۆمۈريول قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادىكى سانائەت ئاساسى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت

ئەنگىلىيىگە ئاساسەن يېتىشىۋالغان. 1850- يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە غەرب جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز ئارقىلىق كېلىپ قىلغان

ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاھانەتلىك شەرتلىرىگە غىڭ قىلماي كۆنۈشكە مەجبۇر بولغان چىڭ

سۇلالىسى بۇ جاھانگىرلارنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنىڭ سىرىنى بىلەلمەي، تېڭىرقاپ كەتكەن. كېيىن ئوقۇمۇشلۇقلار قاتلىمىدىكىلەر

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئىككى تۈرلۈك تەرەققىيات پىكىر يولىنى تېپىپ چىققان.ئۇلار« سودا –سانائەت ئارقىلىق دۆلەتنى

قۇتقۇزۇش» تەرەپدارلىرى بىلەن« مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش»تەرەپدارلىرى ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، 1900

- يىلغىچە بۇ تەشەببۇس ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

ئەينى چاغدا گەرچە ياپۇنىيە جۇڭگوغا ئوخشاشلا قالاق دۆلەت بولسىمۇ،1868-يىلى« مىيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتى» نى

قوزغاش ئارقىلىق ناھايىتى تېز گۈللىنىش يولىغا ماڭغان. ئارىدىن 26 يىل ئۆتۈپ 1894- يىلىغا كەلگەندە جياۋۇ ئۇرۇشى

ئارقىلىق جۇڭگونى تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىللىق ئاھانەت ئىچىدە جۇڭگولۇقلار

دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇزۇش ھەققىدىكى شوئارلارنى ھۆكۈمەت ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.

ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتقان خانئانىسى، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ خانلىقنىڭ ئەمىلىي ھوقۇقىنى تۇتۇۋاتقان جاھىل

سىشىتەيخۇ(يېخىنارا) 1901-يىلى نائىلاج « يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ يېڭى سىياسەت ئالتە تۈرلۈك مەمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە« سودا-سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈش»

بىلەن «يېڭىچە مەكتەپلەرنى تەستىق قىلىش» بار ئىدى. بۇ « يېڭى سىياسەت» تە مىللىي سودا- سانائەتنىڭ قانۇنىي ئورنى تۇنجى

قېتىم ئېتىراپ قىلىنغان . تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ

سودا-سانائەتچىلەرگە ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ياردىمى يېرىلدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى

سودىگەرلەرنى ۋە سودا-تىجارەتنى كەمسىتىدىغان جۇڭگو مەدىنىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ئىنقىلاپ خارەكتېرلىك يېڭلىق ھىساپلىناتتى.

لېكىن ھۆكۈمەت ياردىمى ئېغىزغا ئېلىغان بىلەن، ئەمىنلەشمىگى تەس ئىدى. 1907-يىلى ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان فىن

مىللىتىدىن بولغان رۇسىيىلىك ئوفىتسېرمانتېرھېيم ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە:« چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ

ئۆلكىسىدە 30 يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان پەرمان چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن

پىلان تۇلۇق ئەمىنلەشمىگەن دەپ يازغان. سودا- تىجارەت ساھەسىدە ئىلىنىڭ« يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويۇش

قىزغىنلىقى يۇقۇرى گېنېرالى چاڭ گېڭ 1906- يىلى غۇلجىدا يۇڭ- تېرە سودىسى قىلىدىغان بىر شىركەت قۇرغان بولسىمۇ،

ئەمما، روناق تاپقۇزالمىغان.چىڭ سۇلاسىنىڭ چىرىك سىياسىتى ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى زومىگەرلىگى

سەۋەبىدىن مەۋجۇدلىقىنى مىڭ تەستە ساقلاپ، ئاران-ئاران راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدە ئىدىيىسى ئىلغار،

تىجارەتكە ماھىر، يىراقنى كۆرەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار يۇقىرىقىدەك تارىخىي پۇرسەتتە سودا كاپىتالىنى سانائەت كاپىتالىغا

ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلىپ،دادىسى موسابايدىن قالغان ئىلى كۈرەدىكى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىنى زامانىۋى

تېرە زاۋۇتىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىزدەنگەن .

ئاكا- ئۇكا موسابايېفلارنىڭ دادىسى مۇساباي ھاجىم بىلىم مول،كۆپنى كۆرگەن،زېھنى ئۆتكۈر،ئىرادىسى مۇستەھككەم ،

سودا- تىجارەتتە پىشقان كىشى ئىدى. ئۇ، 1858-يىلى چۇقان ۋالىخانوفنىڭ قەشقەرگە يۇشۇرۇن كېلىپ يېرىم يىلچە تۇرۇپ،

ئەتراپلىق تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا زۆرۈر ياردەم قىلغان. مۇساباي ھاجىمنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە ھەيران قالغان چۇقان

ۋالىخانوف:« موسا ئاغا ،چارچاپ كەتتىم،ئۆزەمنى دائىم قىلنىڭ ئۈستىدە قالغاندەك سېزىمەن. مەن سىزنىڭ تەمكىن

مىجەزىڭىزگە، قالتىس تۈزلىكىڭىزگە، قىلنى قىرىق يارىدىغان چارە- تەدبىرىڭىزگە ھەيران قېلىپ، زەن سالىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا،

سىز كارامەت دىپلوماتسىز» دېگەن. ئەنە شۇ قىلنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەك كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەن چۇقان ۋەلىخانوف

« ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» نى يېزىپ چىقىپ، ماركوپولودىن كېيىن ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان ياۋرۇپالىقلارنى

قەشقەرىيە ھەققىدە تۇنجى قېتىم چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋرۇپالىق

تەكشۈرگۈچى ۋە ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى« تارىم قوۋۇقى» نى چەككەن. مۇساباي ھاجىم 1866- يىلىدىن

كېيىن غۇلجىنى بازا قىلىپ تىجارەتبىلەن شوغۇللانغان. 1881يىلى «جۇڭگو- روسىيە ئىلى شەرتنامىسى؛ ئىمزالىنىپ، رۇسىيە

تەرىپىدىن 11يىل ئىگىلىنىۋېلىنغان ئىلى قايتۇرىۋېلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى رۇسىيىگە تۆلەم بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۆلەم پۇلى

يېتىشمىگەندە ، موساباي ھاجىم شەرتلىك ياردەم قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ زات سودا ئىشلىرىدا ئىمتىيازغا

ئېرىشىدۇ. 1885- يىلى كۈرە شەھىرىدە 200 ئىشچى ئىشلەيدىغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىنى قۇرىدۇ، بۇ ، جۇڭگو

بويىچە تۇنجى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ئىدى. 1898-يىلى تيەنجىنلىكۋۇ ماۋرېن قۇرغان« بېيجىڭ تېرە ئەيلەش

شىركىتى » بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ۋەيران بولغان. مۇساباي ھاجىم قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بارغانسىرى

گۈللەنگەن. مۇساباي ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي يەرلىك ئۇسۇلدا قول ھۈنىرى ئارقىلىق

ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى رۇسىيە،گېرمانىيە، تۈركىيە،مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساتقان. بۇ ئىككى ئوغۇل رۇسلار

بىلەن كۆپ سودا قىلىش جەريانىدا داڭق چىقارغان ھەمدە« مۇسابايوفلار» دەپ مەشھۇر بولغان.

1895- يىلى مۇساباي ھاجىم قازا قىلغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى« مۇسابايوف بۇرادەرلەر شىركىتى» نى قۇرغان، بىر-بىرىدىن

قابىلىيەتلىك بۇ ئوغۇللار بۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق، پىشقان، ئۆزىنى توختاتقان خەلقئارالىق سودىگەرلەردىن بوپقالغان.ئۇلار

شىنجاڭدا باج تۆلىمەي سودا قىلغاننىڭ ئۈستىگە، زومىگەرلىك بىلەن خام ئەشيا مەنبەسىنى مونوپول قىلىۋالغان رۇسىيە سودىگەرلىرى

بىلەن تىغمۇ –تىغ تۇتۇپ سودا جېڭى قىلغان، بۇ توغۇرلۇق« غۇلجىنىڭ سودا تارىخىدىن قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىدە

مۇنداق يېزىلغان:

« 1851-يىلىدىن كېيىن چاررۇسىيە جاھانگىرلىكى بىر قاتار تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق

ئىلى رايۇنىدا سودا ئىشلىرى بىلەن خالىغانچە شۇغۇللانغان. رۇسىيە سودىگەرلىرى جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايتتى.

ئۇلار ئىلىنىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، رۇسىيە مىللىرىنى تۈركۈملەپ ئېلىپ كىرگەن.

يەرلىك مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيالارنى ئەرزان باھادا تالان-تاراج قىلغان. 1890- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە

ئىلىنىڭ مىللىي سودىسى رۇسىيە سودىگەرلىرى ۋە رۇسىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەنبولغان رىقابەتتە تەرەققىي قىلىشقا

باشلىغان. ھەر مىللەت خەلقى ئىمپورت- ئېكىسپورت شىركەتلىرى ۋە ۋاستىچىلەر ئارقىلىق ئۆزىگە خوجا ھالدا

چېگرا سودىسى يولىنى ئېچىپ رۇسىيە سودىگەرلىرى بىلەن تىركەشكەن. بۇنىڭدا ھۈسەنباي باشلامچى بولغان.

ئۇ، تۈرلۈك تېرە، خۇرۇم، يۇڭ، پاختا قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىپ باش كۆتۈرگەن.

رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىمپورت- ئېكىسپورت سودىسىنى يولغا قويغان.»

ئاكا –ئۇكا مۇسابايېفلار سودا ئىشلىرىدىلا باشلامچى بوپقالماستىن، يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش جەھەتتىمۇ

باشلامچى بولغان. ئۇلار قىرىم تاتارلىرىدىن چىققان مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپپەككۇر ئىسمائىل غاسپىرالىي(1851-1914)

نىڭ جەدىتىزملىق تەشەببۇسلىرىغا، بۇ تەشەببۇسلەرنىڭ تۈركىيە، قازان، ئۇفا، ئۇرىنبۇرگلاردا ۋە شەمەرقەنت، تاشكەنت

قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە پەىدا قىلغان يېڭى مائارىپ، يېڭى مەدەنىيەت دولقۇنىغا يېقىندىن دىققەت قىلغان.

ئۇلار ئىسمائىل غاسىپىرالىي يۇرتى باغچا ساراي شەھىرىدە

تۇنجى « ئۇسۇلى جەدىت» مەكتىپىنى ئېچىپ 16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئانا يۇرتى ئۈتۈنئاتۇشتا دىننىي

دەرسلەرگە پەننىي دەرسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچقان. بۇ يېڭىلىق ئەينى يىلى قىرىمدا چىقىدىغان

« تەرجۇمەن» گېزىتىدە خەۋەر قىلىنغان.

1905- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋازارىتى « ‹چەت ئەللەرگە چىقىپ رىقابەتكە قاتنىشىش

نىزامنامىسى›نى ئېلەن قىلىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى خەلقئارالىق تاۋار يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە

كۆرسەتمە بەرگەن. بۇ ئارقىلىق تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ سودا- سانائەت

ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان» بولسا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرىلا تاشقى

سودىنى يولغا قويۇپ،موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ،خەلقئارالىق رىقابەتكە چۈشۈپ، سودىدا

مول تەجرىبە ۋە خەلقئارالىق نەزەرگە ئىگە بولغان. ئۇلار بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن رۇسىينىڭ ھەر قايسى جايىدىكى

تىجارەتخانىلىرىنى تالۇنلۇق ھېسابات ئىشلىتىش ئارقىلىق سودا قىلىدىغان يولغا كىرگۈزۈپ بولغان.رۇسىينىڭ بانكىلىرىدا ھېسابات

نۇمۇرى ئاچقان. ۋۇشاۋلىننىڭ« شىنجاڭغا نەزەر» دېگەن ئەسىرىدە ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تيەنجىن ۋە شاڭخەيدىكى بانكىلا

ر بىلەنمۇ ئالاقىسى بارلىقى ئېيتىلغان. ئۇلارنىڭ سودا –تىجارەتتكى تەسىرىنى 1905- يىلى چار پادىشاھقا يازغان مۇنۇ

مەكتۇبىدىنمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ.

جانابى ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي

كەمىنلىرى ھۈسەيىن ھەم باھاۋۇدۇن مۇسابايېفلار بۇ ۋاقىتقىچە ھۈسەين مۇسابايېف نامىدە بولۇپ كېلىنگەن سودىمىزنىڭ

1323- يىل ھىجىرىيە تومۇز ئېيىدىن باشلاپ ھەر ئىككىمىز شېرك بولۇشۇپ، ئەھدە ۋە شەرتلەر باغلاپ تىجارەت ۋە سانائەت

كارخانا ئىشلىرىنى كامىل ئازادىلىك ئىلە يۈرگۈزمەك بولۇپ، سودىمىزنىڭ نامىنى

« تىجارەتخانا ھۈسەيىن مۇسابايېف ۋە بۇرادىرى» قويۇپ، ئەھدە ۋە شارائىت كاغدىلىرىمىزنى پادىشاھلىقنى

گۇۋاھلاندۇرۇ] ئىشىمىزنى بىر داۋام قىلدۇق.ھەر ئىشنىڭ بېشىدا مۇدىر سۈسەيىن مۇسابايېف بولۇپ،ھەم ئۇنىڭ ئورنىدا

بۇرادىرى ھەم شېرىكى باھاۋۇدۇن مۇسابايېف قول قويغانلىرىگە (ئىمزالىرىنى) ئىلتىپات قىلماقلىرىڭىزنى راجا قىلىپ،

تەۋەججۇھاتىڭىزنىڭ داۋامىنى تەمەننى قىلىمىز.

بۇنداق يۈكسەك پاراسەت ۋە دادىللىق ئەۋلادلارنى سۈيۈندۈرمەي ، ئىپتىخارلاندۇرماي قالمايدۇ. شۈبھىسىزكى،

ئەجدادلارنى ئەجرى – ئەۋلادلارنىڭ غورۇر بالىقى.

مەيلى سودا –سانائەتنى گۈللەندۈرۈش ، مەيلى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش، مەيلى چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش

جەھەتتە 1990- يىلدىن ئىلگىرىلا باشلامچىلىق رول ئونىغان ئاكا- ئۇكا موسابايېفلار 1901-يىلى

چىڭ ھۆكۈمىتى« يېڭى سىياسەت» نى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ قەدەمنى تېخىمۇ چوڭ ئېلىپ، نەزىرىنى ياۋرۇپانىڭ ئىلغار

سانائىتىگە تىككەن. 1906- يىلى ياپۇنىيە بىلەن جۇڭگو شېرىكلىشىپ، ياپۇنىيە مەبلەغ

چىقىرىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى زامانىۋى« جاڭنەن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى» نى قۇرۇۋاتقاندا، ئاكا-ئۇكا

مۇسابايېفلار گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختام تۈزۈشۈپ بولغان.

ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ۋە زوراۋانلىقى خەلقنى قورقۇنچاق، ئېھتىياتچان،چۈشكۈن،نادان،

گۇمانخور ۋە قۇلچىلىق خاراكتېرىگە گىرىپتار قىلىۋەتكەن شارائىتتا، ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ قەددىنى تىك

تۇتۇپ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەغرۇر ۋە قاقۋاش ياۋرۇپا كاپىتالىستلىرى بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ سۆھبەت قۇرۇپ توختاملىشىشى

ھەر قانداق كىشىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مىللىۇ بۇرژۇئازىيىگە ئۆتۈش يولىغا قەدەم قويغان

ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار گېرمانىيىنىڭ رېين دەرياسى بويىغا جايلاشقان فرانكفورت

شەھرىدىكى MOENUS توقۇمچىلىق، كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى، A.E.Gئېلېكتىر ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە فرانسىيىنىڭ

Tounee ئىستانوك شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، كېرەكلىك بولغان ماشىنا، ئىستانوك، پارا قازان، گېنېراتور، ئېلىكتر ماتور،

مېتال قىرىش،رەندىلەش،دەزمانلاش،چاقلاش،كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرىنى

زور مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان. جيا ئىخې بىلەن جياڭ جىباڭ بىرلىكتە يازغان « مۇسابايېفلار تېرە زاۋۇتى

ھەققىدە سۆز» دېگەن ماقالىسىدە:

« 1913- يىلى جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قۇرغان 11 ئورۇندىكى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئومومىي كاپىتالى تۆت

مىليۇن 600 مىڭ يۈەن بولۇپ، مۇسابايېفلار ېرە زاۋۇتىنىڭ مەبلىغىدىن ئاران بىر مىليون يۈەن ئارتۇق ئىدى» دەپ يازغان.

ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار بىر تالاي ئۈسكۈنىنى رۇسىيە تەرەپنىڭ قاتتىق شەرتلەرنى قويۇشى ۋە تۈرلۈك توسالغۇ

پەيدا قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ،مىڭبىر مۇشەققەتتە غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ«زاۋۇت قورۇ» غا

جايلاشتۇرغان. رۇسىيىدىن ئوتقا چىداملىق خىشلارنى سېتىۋېلىپ،زور غەيرەت بىلەن زاۋۇت قۇرۇلىشىنى پۈتتۈرگەن. 25 مېتىر

ئىگىزلىكتىكى تۇرخۇننى قۇپۇرۇپ، يۇقۇرى قىسمىغا 1909 دېگەن ساننى ئاق خىش بىلەن نەقىشلەپ چىقارغان. چىڭگىزخاننىڭ

قوشۇنلىرى كەڭساي ئارقىلىق غۇلجىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن48

ئورۇنغا كۆۋرۈك سالغان بولسا،ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلار « ياركەنت – قورغاس – غۇلجا ئارلىقىدا 200 دىن

ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆۋرۈك ياساپ» زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن.شۇنداق

قىلىپ 1909- يىلى دېكابىردا زاۋۇتنىڭ«ۋۇت! ۋۇت!…» قىلىپ ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازى ئىلى ئاسمىنىنى

لەرزىگە سېلىپ، شىنجاڭ مىللىي سانائىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان. بۇ زاۋۇت شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىشىگە

تاشلىغان تۇنجى زور قەدىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن 20- ئەسىر شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەھمىيىتى زور ۋەقەلەرنىڭ

بىرى ھىساپلىنىدۇ.


jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 11:32:26

ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ئىجادىي پىكىرنىڭ سالمىقىدا

يالقۇن روزى

ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئەدىب دەپ ھېسابلاۋەرگىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئەسەرلەرنى ياراتماي تۇرۇپ ، ئەدىب دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن يازغۇچى ، شائىرلارغا ئوقۇرمەنلەر ئالاھىدە ئۈمىد باغلايدۇ . ئۇلارنىڭ يېڭى – يېڭى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئاسمىنىنى بېزىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . نىمە ئۈچۈنكىن ، نۇرغۇن ئىجادىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن تالاي ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئەدىب دەپ تونۇلغان بەزى يازغۇچى ، شائىرلار گاھىدا قاملاشمىغان سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشتىن خالىي بولالمايدىكەن . مەن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » نىڭ 15- يانۋار كۈنىدىكى ساننىڭ « چولپان » بېتىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېتىپ ، توساتتىن بىر ئىشنى بايقاپ قاتتىق ئەپسۇسلاندىم . ئۆزۈمنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى شەكىللەنگەن گېزىتنى ئاخىرقى بېتىدىن باشلاپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بويىچە ئاۋۋال بۇ گېزىتنىڭ 6- بېتىدىكى سەلكىننىڭ « ئىلىم ئوغرىلىرىغا بىر قامچا » دېگەن تەنقىدىي ماقالىسىنى ئوقۇدۇم . سەلكىن تەخەللۇسلۇق بۇ ئاپتورنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكتىن ئىبارەت يامان ئىللەتنى پاكىتلىق ،ئىلمىي ، مۇۋاپىق تەنقىدلىگەنلىكىنى كۆرۈپ ، ھەقلىق دەپ قاردىم . ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەجەبا بۇنداق ئەھۋالدا بىز كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بۇنداق قىلمىشلارغا لام – جىم دېمەي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ ؟ » دېگەن جۈملىلىرىگە ئۆزۈمچە ،«ئەلۋەتتە سۈكۈت قىلماسلىق كېرەك » دەپ پىچىرلاپ ئاۋاز قوشۇپ قويدۇم . ئېغىزىمدىن سائەت چىقىپ كەتكەندەك مەزكۇر سان گېزىتىنىڭ 4- بېتىدىكى يەنى «چولپان » بېتىدىكى مۇختەر بۇغرا ئىمزاسىدىكى « كۈي شېئىرلىرى» نى ئوقۇپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم . كۆز ئالدىمدا بىر ھەۋەسكار قەلەمكەش سادىر قىلغان سەۋەنلىك ئەمەس ، بەلكى بىرنەچچە شېئىر توپلىمىنىڭ ئاپتورى ، تېلىۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق نامى كىشىلەرگە تونۇش بولۇپ كەتكەن بىر شائىرنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكى ئايان بولۇپ تۇراتتى . كۆچۈرمىكەشلىك يامان ئىللەت دېگەن تونۇش ھەممىمىزگە ئورتاق ، بۇنىڭ قىلچە خاتاسى يوق .دېمەك ، كۆچۈرمىكەشلىككە قىلچىمۇ يول يوق . داڭلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ تۇغرۇلۇق بىر رۇبائىيسىدا مۇنداق يازغان :

ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،

بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماق خار ئىش .

بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،

ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش .

مەن مۇختار بۇغرانىڭ ئەسەرلىرى بىلەن خېلىدىن بېرى تونۇش ئىدىم . « كىچىك بالا ئەمەسمەن » ، « سوۋغات » ، « تەكلىماكاندىكى چۈش » ، « كۆك بۆرە رىۋايىتى »، « دېرىزەڭنى ئېچىۋەت »، « خېتىڭنى كۈتسەم » ، « ئەۋلىيا دوستۇم » ، « مەن بىر ئوقيا » ، « ئادەم ۋە ئېشەك » ، « بىزنىڭ مەھەللە » ، « سائەت نۆلدە » دېگەندەك شېئىرلىرى مەندە ياخشى تەسىر قالدۇرغان . « سوۋغات » دېگەن شېئىرىدىكى :

بىر تال گۈل سورىساڭ بىر قۇچاق بېرەي ،

گۈلدەستە راستلىۋال چىمەنلەر ئارا .

چىمەنلەر ئىچىدە نازۇك چىمەن بار

ۋاپانى قەدىناس دوستۇڭدىن سورا .

دېگەن كوبلىتىنى بىر يېقىن دوستۇمنىڭ خاتىرىسىگە يېزىپمۇ قويغان ئىدىم . شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ « شائىر مۇختار بۇغرا شېئىرلىرىدىكى ھالقىش» ناملىق قىسقا ماقالىسىدە ئۇنىڭ ئادەم بىلەن ئىشەكنى سېلىشتۇرۇپ ، ئېشەكنى ئۇلۇغلاپ « كارۋانلارغا باش بولۇپ كەلدى شۇ ئېشەك ، بوۋاڭغا يار- يۆلەك ، ئاتاڭغا ھەمراھ » دەپ يازغان شېئىرىنى « قوۋۇرغىسى بار ئەسەر قاتارىدا ساناشقا بولىدۇ » دەپ ماختىغانىدى . شائىر مىرزاھىد كېرىممۇ ئۇنىڭ « ئاتا تەبىرى » ناملىق ناخشا تېكىستىنى «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن » دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . دېمەك ، مۇختار بۇغرا تونۇلۇۋاتقان شائىر ئىدى ، پىشقەدەم شائىرلار ئۈمىد بىلەن قاراپ مۇئەييەنلەشتۈرۈۋاتقان شائىر ئىدى . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قىلمىشى مېنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى .

ئۇ ئۆزىنىڭ« كۈي شېئىرلىرى » دېگەن نام ئاستىدا ئېلان قىلغان « بالام دەپ » دېگەن شېئىرى ئۆزبىكىستاننىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا خېلى كەڭ تارقالغان بىر ناخشىسىدىن كۆچۈرگەنىدى ، ئۆزبىكىستانلىق ئۆزبىك ناخشىچى ئېيتقان ناخشىدا مۇنداق ئېيتىلغان :

بازارلەردىن سودا قىلدىم بالامگە دەپ ،

شېرىنگىنە ناۋات ئالدىم بالەمگە دەپ ،

گۈزەل گۈللۈك سەرپاي ئالدىم يارىمگە دەپ ،

مەن باغرىتاش نېمە ئالدىم ئانامگە دەپ ؟

مۇختار بۇغرا بۇ مىسىرالارنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ كۆچۈرگەن :

نېمە ئالدىم بازاردىن ،

مەن باغرىتاش ئاتام دەپ .

شىرىن مىۋە ئالمىدىم .

چامغۇر – كۆكۋاش ئانام دەپ.

ئۆزبىكىستانلىق ئۆزبېك ناخشىچىنىڭ ناخشىسىدا يەنە مۇنداق ئېيتىلغان :

ھەشەمەتلىك ئۆيلەر قۇردۇم بالام ئۈچۈن ،

دەبدەبىلىك تويلەر قىلدىم بالام ئۈچۈن ،

ئاياغ – ئاستى قويلار سويدۇم كىملەر ئۈچۈن ،

مەن ناتىۋان نېمە قىلدىم ئانام ئۈچۈن ؟

مۇختەر بۇغرا بۇ مىسىرالارنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ كۆچۈرگەن :

ئايدا – ئايدا بانكىغا

دوللار قويدۇم بالام دەپ.

كاتتا – كاتتا توي قىلىپ ،

قويلار سويدۇم بالام دەپ .

ئۆزبىكىستانلىق ناخشىچى ئىجىرا قىلغان بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىدە پىكىر مۇكەممەل ، ھېسىيات چوڭقۇر ئىدى . ئاپتور « مەن » نىڭ بالام دەپلا ياشىغانلىقىنى ، ئەمما ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ باقمىغانلىقىنى ناھايىتتى ئۆكۈنۈش ھېسىياتى بىلەن ئىپادىلىگەن . مۇختار بۇغرا « بالام دەپ » دېگەن بۇ كۆچۈرمىسىدە ئەسلىي شېئىردىكى پىكىرنىڭ مۇكەممەلىكىنى بەكلا ئاجىزلەشتۈرۈۋېتىپ ، ئەستىرى يوق چاپاندەك قىلىپ قويغان .

نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، باشقىلارنىڭ شېئىرىنى ئاندا – مۇندا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش مۇختار بۇغرانىڭ « يۈرەك كاۋىپى » دېگەن شېئىرىدا«تەپمە ھالال كۈن كەچۈرەر شېئىرىم » دەپ يازغىنىدەك ، بىچارىلىكنى پەيدا قىلىدۇ ، خالاس .

مەن مۇختار بۇغرانىڭ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پىكىر ۋە ھېسىياتىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ يازغان شېئىرلىرىنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ، ئەمما ئۇنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تەنقىدلەش زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىغانىدىم . مەسىلەن : ئۇ « بالا بولاق تەس » دېگەن ناخشا تىكىستىنى مۇناكۇ جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكىدە 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاق تەنلىك بالا ئوقۇغان ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن . « سالام ، تۆھپىكارلار »، « تېز تالاغا چىق ئاداش »، « خەلقىم ئامراق ناخشىغا » ، «سادىر پالۋان » ، « يۇلتۇزلار » ، « مەشىرەپ » دېگەن شېئىرلىرىمۇ تەييار پىكىرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېزىلغان . ئەسلى مۇشۇنچىلىك دائىرىدە بولسا ،« خەير » دەپ چۈشىنىشكە ، شەرتلىك قۇبۇل قىلىشقا بولاتتى . ئەمما « بالام دەپ » دېگەن ناخشا تىكىستىدە ئەھۋال باشقىچە بولغان . ناخشىچى ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئورۇندىغان «سېنىڭ كۈلكەڭ » ناملىق VCD پىلاستىنكىسىدا ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن خەلق ناخشىسى «ئانام قۇنىخان ، دادام كارۋان » نىڭ « شېئىرى مۇختار بۇغرانىڭ » دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن چېغىمدا «خاتا يېزىلىپ قالغان چېغى » دەپ ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىگەن ئىدىم . بۇ قېتىمقى ئەھۋالدىن بايقالغاندىن كېيىن ، شائىر مۇختار بۇغرانىڭ كۆچۈرمىكەشلىكتىن ئىبارەت بۇ يامان ئىللەتنى خېلىلا يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدىم . ئۇ ئۆزىنىڭ « ئىلھام پەيىتلىرى » دېگەن شېئىرىدا « ماڭا ئاز بېرىلدى ئىلھام پەيىتلىرى ، ياستۇقنىڭ يېرىمى بېرىلمىگەندەك » دەپ ئاغرىنىپ يازغانىدى .

ئىجادىيەت ئەخلاقىدىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ شۇكى ، شائىر ئىلھامى كەلمىسە ، ئىلھام پەيىتلىرىگە ئېرىشەلمىسە كۆچۈرۈش يولى بىلەن ئەسەر يېزىش كويىدا بولماسلىقى كېرەك . مۇختار بۇغرا كىتابىدا « ھەقىقىي شائىر مۈدۈرىدۇ ، لېكىن مۈگدىمەيدۇ » دەپ يازغان ، شۇڭا بۇ قېتىمقى قاملاشمىغان قىلىق بۇ ياش شائىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق مۈدۈرۈشى بولۇشى مۇمكىن . بىر ئادەمنى غەپلەت بېسىپ ئۆز يولىدىن ئاداشقاندا ، نىشاننى خاتا تاللاپ ، خالتا كوچىغا كىرىپ كىتىۋاتقاندا ،« ئەنسىرەيمەن ئۆمرۈمدىن ، قالماسمۇ بىر ئىز » دەپ نام – شۆھرەتنىڭ ئېزىقۇرۇشى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىگە قول ئۇزاتقاندا بىر چەتتە كارى بولماي قاراپ تۇرۇش ، مەسئۇلىيەتچا ن ئادەمنىڭ ئەخلاقى ئەمەس . بىرەر ئەدىبنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇق يولغا مېڭىشىدا ئۆزىنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشى ، ئېزىپ قېلىش تۈپكى ئامىل بولسىمۇ ، يەنە باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە ئېزىقتۇرۇشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك . بۇ ئەھۋال مۇختار بۇغرادا روشەن كۆرۈلدى . مۇختار بۇغرانىڭ بىرنەچچە شېئىرى بىرنەچچە قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن زىيادە ھەم خاتا ماختىلىپ مۇختار بۇغرانى قايمۇقتۇردى ھەم ئۆزىنى خاتا مۆلچەرلەيدىغان ، بېسىم ھىس قىلىدىغان قىلىپ قويدى . خاتا مۆلچەرلەنگەندە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماي چالا- بۇلا ئىجادىيەتلەرنىمۇ ئېلان قىلىۋېتىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالدى . بېسىم ھىس قىلغاندا باشقىلارنىڭ زىيادە كۆپتۈرۈپ ماختاشلىرىغا لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئالدىراپ ، ئۆزىنىڭكىگە باشقىلارنىڭكىنى قوشۇپ ئېلان قىلىۋېتىدىغان ئىجادىيەت ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلدى . يازغۇچى ، شائىرلار ئىچىدە خاراكتېرى ئاجىز بىر قىسىملىرى تەنقىدلەشكە بەرداشلىق بېرەلمەي ئىجادىيەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ . يەنە ماختاشلاردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ . مېنىڭچە مۇختار بۇغرا 2- خىل ئەھۋالغا مەنسۇپ بولسا كېرەك ، دەپ ئويلايمەن . بۇ مەسىلىلەر ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئەستايىدىلسىزلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ ، ياكى ياخشىچاق ئوبزورچىلارنىڭ قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختاپ ، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئوبزورلارنى يازغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئەيتاۋۇر پاكىت سۈپىتىدە سادىر بولۇپ ، كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ .

مۇختار بۇغرا ئۆزىنىڭ « شائىر ۋە بىز » دېگەن بىر شېئىرىدا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ، تومتاق ، خاتا ، تېتەم – پەتە شېئىرلانى يازىدىغان شائىرلارنى تەنقىدلەپ ، مەسخىرە قىلىپ ، تۆۋەندىكىدەك مىسىرالارنى يازغان ئىدى :

بال -ھەسەلدىن چىقارماق بولىمىز زەھەر ،

تىللىرىمىز ئەبجەشلەشكەن بەتتام شائىر بىز .

شۇنداق تۇرۇپ ،ئىگەر ئېگىز ، گەدەن قوتاندەك،

ئەل دېگەندەك «پەقەت بىرلا تاسقام شائىر»بىز .

بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىشى ، ئۆزىنى تەنقىد قىلالىشى، بولۇپمۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشى ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مەن مۇختار بۇغرا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ، ئاجىزلىقلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ ، دەپ ئىشىنىمەن . ئەڭ مۇھىمى ياخشىچاق ئوبزورچىلارنىڭ كۆپتۈرۈپ ماختاشلىرىغا« راست ئوخشايدۇ » دەپ ئىشىنىپ قالماسلىقى كېرەك . مەسىلەن : « مۇختار بۇغرا شېئىرلىرى ھېسىياتلىق ، ساپ ، ھېكمەتلىك بولۇپ ، مەيلى ياشلار ، چوڭلار بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ» ، « مۇختەر بۇغرا شېئىرلىرىدىكى ساددا تۇيغۇ ۋە قوپال مەنا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك ئامىللارنىڭ تەڭشىكى » ، « مۇختەر بۇغرا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقان تالانت ئىگىلىرىنىڭ بىرىدۇر » ، « مۇختەر بۇغرا تۇرمۇشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلىغان شائىر » ، « بىز مۇختەر بۇغرانى ئىجادىيەت ئارخىپىدىن ئابرويىغا داغ كەلتۈرىدىغان يالغان ، قۇرۇق ، ئۆمرى قىسقا شېئىرلانى تاپقىلى بولمايدىغان ، ئىمانى پاكىز شائىر دەپ تەنتەنىلىك جاكارلايمىز »

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، مەسئۇلىيەتسىز ، ياخشىچاق ، دەلتە ئوبزورچىلار ماختاپ قالسا ، مانا مۇشۇنداق ئاسمانغا چىقىرىپ ماختايدۇ . بىلش كېرەككى ، بىراۋنى ئۆزىدە يوق ئالاھىدىلىك ، ئارتۇقچىلىق ، خىسلەتلەر بىلەن ئاشۇرۇپ سۈپەتلەپ ماختاش ، دەل ئۇنىڭغا قىلىنغان زىيانكەشلىك !





ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك

مۇختار بۇغرا


«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2009- يىللىق 5- فېۋرال سانىنىڭ « چولپان »بېتىدە ، يالقۇن روزىنىڭ ماۋزۇ بىلەن ئىچكى مەزمۇنىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ، قېتىرقىنىپ ئوقۇساق پىكىرلىرى چۇۋالچاق ، تېرىپ – تۆشەپ يېزىلغان « ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ئىجادىي پىكىرنىڭ سالمىقىدا » ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى .

ماقالە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تەھرىرلەر ماقالىنى مېنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمنى ، بېرىشكە قوشۇلسام گېزىتكە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى . مەن ماقالىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن كۈلۈۋەتتىم :

- ئېلان قىلايلى ، ئەل – جامائەت كۆرسۇن ، ئەلىنىڭ كۆزى ئەللىك ، ئازماس ئاللاھ ، يالغۇز ئادەم ئازغان بىلەن ئەل – جامائەت ئالدىراپ ئازمايدۇ . ئەلنىڭ باھاسىنى ئاڭلىساق ، ئاق- قارىنى ، توغرا – خاتانى خەلق ئايرىيدۇ ،- دېدىم . چۈنكى خەلق كىمنى ھۆرمەت قىلسا ، شۇنىڭ نوپۇز – ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇپ ، ئىناۋىتىنى تۆكۈپ ، سېسىتىپ ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە ئوغۇت قىلىپ ، ئىناۋەتكە مەبلەغ سالىدىغان ، شۆھرەتپەرەس ، يالغان نوچىلارنىڭ ھېلھەم بارلىقىنى ھېس قىلغانىدىم . ماقالىدە ئۇ « خالىس ئوبزورچى » مېنى ئوغرىغا چىقارغانىدى . چۈنكى بۇ « خالىس ئوبزورچى » ئەدەبىيات كوچىسدا پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، قايسى قەلەمكەش مىڭبىر جاپادا ئەلگە كۆپ ھوسۇل بەرسە ، خەلق كىمنى ھۆرمەت قىلسا شۇنى ھۆرمەت قىلماسلىقنى كەسىپ قىلىپ ، ساقاللىقنى پايپاق ، ساقالسىزنى كۇسا ، ھوسۇللۇقنى قانجۇقتەك كۈچۈكلەيدۇ ، ھوسۇلى ئازنى نېمسى بار ؟ دەپ ھاقارەتلەپ ، خەلقىمىزنىڭ مويسىپىتى بولماسلىق ، نوپۇز – ئابرويى بولماسلىق ، قايسى ئاتا ، قايسى بالا ، قايسى ئەر ، قايسى ئايالنىڭ پەرقى بولماسلىققا كۈشكۈرتۈپ ، خەلقنى ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقان ئادەم ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، شۈكۈر يالقىن ، زوردۇن سابىر ، مەمتىمىن ھوشۇر ، ئەخەت تۇردى ، ئەختەم ئۆمەر ، كۈرەش رەجەپ …ئەمدى نۆۋەت ھەر نېمە بولسا مەن مۇختار بۇغراغا كەپتۇ .

ماقالىدە ئوبزورچى «بالام دەپ » ناملىق شېئىرىمنى ئۆزبىكچىدىن كۆچۈردى ، دەپ سېلىشتۇرما قىلىپ يېزىپتۇ . بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئۆمەرجان ئالىم ئوقۇغان ناخشنى ئۆزبېك ناخشىچى كۆچۈردىمۇ ياكى مەنمۇ ؟ ئۆزبىك ناخشىلىرىدىكى مىڭلىغان خەلق قوشاقلىرىنى ناۋائى قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىر – غەزەللىرىنى ئۆزبىك قېرىنداشلار ئوقۇپ كېلىۋاتىدۇ . بۇنى بىزدىن كۆچۈردى دىگۈلۈكمۇ ؟ ئويغۇر كىم ؟ ئۆزبىك كىم ؟ شېئىر نېمە ؟ بىلمەي تۇرۇپ ، ئەدىب ، ئەدەبىيات ، سەنئەت ھەققىدە قارىسغا جۆيلۈپ ، بىزدە سەنئەت كۈچىيىپ كەتتى دەپ ، سەنئەت بىلەن پەننى سېلىشتۇرۇپ ئوينايدىغان، خاتا شۇئار توۋلايدىغان ئوبزورچى ئىدىينىڭ ، تەپەككۇرنىڭ بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، بىر- بىرىدىن ئىلھام ئالىدىغانلىقنى ، سەنئەتنىڭ ، مۇزىكنىڭ ، شېئىرنىڭ ئىلھام ئارقىلىق بىر – بىرىگە تولۇقلىما بولۇپ ، زەنجىرسىمان باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ، تېلىغۇن ، پاراۋۇز ، توك – لامپۇچكا قاتارلىقلارنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە بىر- بىرىنى بىلمەيدىغان ئىجادكارلار تەرىپىدىن ئوخشاش ۋاقىتتا دېگۈدەك ئىجاد قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمىسە كېرەك . ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇلارنى بىر – بىرىدىن كۆچۈردۈڭ دەپ ھۆكۈم قىلغان بولاتتى ، ئەمما تارىخ ئۇنداق ھۆكۈم چىقارمايدۇ .

ئەمدى « دادام كارۋان ، ئانام قۇنىخان » ناملىق ناخشىغا كەلسەك ، ئوبزورچى ماقالىسىدە ناخشىچى ئابدۇرىشىت يۈسۈپ ئورۇندىغان « سېنىڭ كۈلكەڭ » ناملىق VCD پىلاستىنكسىدا ئاتۇشنىڭ ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن خەلق ناخشسى « دادام كارۋان ، ئانام قۇنىخان » نى مېنىڭ قىلىۋالدى دەپ يېزىپتۇ . ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى دەپ قويايكى ، بىرىنچىدىن ، « سېنىڭ كۈلكەڭ » دېگەن ناخشىدا ئۇ («دادام كارۋان ، ئانام قۇنىخان» ناملىق ناخشىنى دىمەكچى )يوق ، ئابدۇرىشىت يۈسۈپ مۇشۇ كەمگىچە ئۇ ناخشىنى ئوقۇغانمۇ ئەمەس ؛ ئىككىنچى ، ئوبزورچى دېگەندەك بۇ ناخشا خەلق ناخشىسى ئەمەس ، ئىجادىي ناخشا . ئوبزورچىنىڭ بوھتانىغا « قىزىلسۇ ئەدەبىياتى » نىڭ 2008- يىللىق 3-، 4- قوش سانىدا مۇھەممەتجان سەيدۇللا ، نۇرشاد مۇھەممەتئېلى ، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ « ئېزىز ئاتۇش ۋە ئۇنىڭ ناخشىلىرى » ناملىق ماقالىسىدىكى شۇ ناخشنىڭ ئاھاڭىنى ئىجاد قىلغان ئېزىز ئاتۇشنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى رەددىيە بولالايدۇ :

پەيزاۋاتنىڭ بەشتام دېگەن يېرىگە ھاممامنى يوقلاپ بارسام ، بىر ئۆلۈم ھازىسى ئۈستىگە بېرىپ قاپتىمەن ، ئۇ يەردە ھازىدارلارنىڭ ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىپ ، ھازا ئاچقانلىقنى كۆرۈپ ، ئۇنداق ئېيتىپ بېقىپ، بۇنداق ئېيتىپ بېقىپ ئۇ قوشاقنى ئاھاڭغا سالدىم . شۇنىڭ بىلەن بۇ ناخشا ئاتۇشقا تارالدى . كېيىن « ئەنجۈر ۋادىسىدا شادلىق » فىلىمىنى ئىشلىگەن ۋاقىتتا ، مۇختەر بۇغرا تىكىستىنى قايتا يېزىپ چىقتى ، مانا ھازىر « دادام كارۋان ، ئانام قۇنىخان » ناملىق بۇ ناخشا پۈتكۈك خەلق ئارىسغا تاراپ كەتتى .

مەن بۇ توغرىسىدا يەنە ئارتۇقچە توختالمايمەن . ئوبزورچى ماقالسىدە جىڭغا توختىغىدەك بوھتان تاپالماي ، مەن « مۇخـتار بۇغرانىڭ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى ياكى ئەسەرلەردىكى پىكىر ياكى ھېسىياتىدىن ئىلھاملىنىپ ، ئۆزلەشتۈرۈپ يازغان شېئىرلىرىنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم . مەسىلەن : « بالا بولماق تەس » دېگەن ناخشا تىكىستىنى مۇناكۇ جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكىدە ئون ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاق تەنلىك بالا ئوقۇغان ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن» دەپ ماڭا بوھتان چاپلىماق بوپتۇ ، ئەمما ئۇ«ئاق تەنلىك بالا» ئوقۇغان ناخشىنىڭ ئەسلى تىكىستىنى پاكىت ئورنىدا كۆرسىتەلمەيدۇ ؛ ئۇ يەنە «سالام تۆھپىكار » ، « تېز تالاغا چىق ئاداش » ، « خەلقىم ئامراق ناخشىغا» ، « سادىرپالۋان » ، « يۇلتۇزلار» ، «مەشرەپ » دېگەن شېئىرلىرىمنىمۇ تەييار پىكىرنى ئۆزلەشتۈرگەن ئاساستا يېزىلغان دەپ يازىدۇ . ئەمما قايسى ئەسىرىمنى كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ يازغانلىرىمغا پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ . مانا بۇ ئىلمىي تەنقىد ئىستىلىغا يات بولغان تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان ئاشۇ ئوبزورچىغا خاس تۆھمەتچىلىكتۇر .

ئەمسە ئوبزورچىنىڭ تەييار پىكىر دېگىنى نېمە ؟ ئۇنىڭچە بولغاندا باشقىلار تەرىپىدىن ئىلگىرى يېزىلغان مەلۇم بىر تېمىنى كېيىن باشقىلار يازسا ، تەييار پىكىرنى يازغان بولىدىغان ئوخشايدۇ . نەدىمۇ بۇنداق بىمەنە مەنىتىقە بولسۇن ؟ ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ۋەتەن ، مۇھەببەت ، گۈزەللىك ،ئانا …قاتارلىق تېمىلاردا ئەدىبىلىرىمىز مىڭ يىللاردىن بېرى ئەسەرلەرنى يېزىپ كەلدى، ئۇنداقتا ئاشۇ ئەدىبلەرنى بىر – بىرىدىن تەييار پىكىر كۆچۈرگەن دەپ تۆھمەت قىلساق بولامدۇ ؟ « سادىر پالۋان » ، « يۇلتۇز » ، «مەشرەپ » ، « ئانا » «ۋەتەن» ،« مۇھەببەت » ، «تۆھپىكارلار» نى كۈيلەش – مەدھىيلەش چەكلەنگەن « تەييار پىكىر » ھېسابلىنامدۇ ؟

مەن ئۇيغۇر پەرزەنتى ، ئۇيغۇر شائىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەتىنىمنى ، ۋەتىنىمدىكى سادىر پالۋاندەك قەھرىمانلارنى ، تاغۇ – دەريا ، چۆل – باياۋان ، گۈل- گىياھ ، يۇلغۇن – توغراق ، مۇقام – مەشرەپلىرىمىزنى شېئىرىم ئارقىلىق كۈيلەشنى ئۆزۈمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم ھېسابلايمەن .

شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى ، بۇ ئوبزورچى « ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت » ناملىق ماقالىسىدە ، ئېشەك بىلەن بېكھامنى سېلىشتۇرۇپ ، « بېكھامدىن ئىشەك مۇھىم » دەپ قويۇپ كۈلكىگە قالغان بىچارە ھالىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ، ئىدىيە جەھەتتە قىلچە ئالاقىسى بولمىغان مېنىڭ شېئىرىمدىكى ئېشەك بىلەن ئۆزىنىڭ قەلىمىدىكى ئېشەكنى زورمۇ – زور باغلىۋالغان . شېئىرنى ۋە سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغان ، ھەتتا ئۆزى شېئىر ۋە سەنئەت دېگەن بىلەن خوشى يوقلۇقىنى سورۇن ۋە سەھنىلەردە چالۋاقاپ سۆزلەپ يۈرۈيدىغان بۇ شېئىر ۋە سەنئەت تۆھمەتچىسى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا « مۇختار بۇغرا شېئىرلىرى ھېسىياتلىق ، ساپ ، ھېكمەتلىك بولۇپ ، مەيلى ياشلار ، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ » ، « مۇختەر بۇغرا شېئىرلىرىدىكى ساددا تۇيغۇ ۋە قوپال مەنا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك ئامىللارنىڭ تەڭشىكى » ، « مۇختەر بۇغرا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقان تالانت ئىگىلىرىنىڭ بىرىدۇر » ، « مۇختەر بۇغرا تۇرمۇشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلىغان شائىر » ، « بىز مۇختەر بۇغرانى ئىجادىيەت ئارخىپىدىن ئابرويىغا داغ كەلتۈرىدىغان يالغان ، قۇرۇق ، ئۆمرى قىسقا شېئىرلانى تاپقىلى بولمايدىغان ، ئىمانى پاكىز شائىر دەپ تەنتەنىلىك جاكارلايمىز » دەپ يازغان ، خەلقىمىز كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن بېرىۋاتقان قەلەم ساھىبىلىرىمىزنى «مەسئۇلىيەتسىز ، ياخشىچاق ، دەلتە ئوبزورچىلار» دەپ ھاقارەتلىگەن . ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە ، ئىلھام ، تەكلىپ بەرسە ، «مەسئۇلىيەتسىز ، ياخشىچاق ، دەلتە » بولۇپ ، ئەكسىچە ، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ۋە قان – تەر ئاققۇزۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار ئەدىبىلىرىمىزنى شۇ ئوبزورچىدەك قارا- قويۇق ئىنكار قىلسا مەسئۇلىيەتچان ، راستچىل ، ئوڭ- ئەقىللىق ئوبزورچى بولامدۇ ؟

دېمەك ، ئىجادىي ھاياتىمدا بۇ ئوبزورچىنى خۇشال قىلغۇدەك كۆچۈرمىچىلىك قىلمىغانلىقم ئۈچۈن ئۆزۈمگە ۋە خەلقىمگە يۈز كېلەلمەيمەن ، دەپ قارايمەن . بۇ ئوبزورچىنىڭ ماقالىسىدە كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئىجادىيەت ئەخلاقىغا خىلاپ ناچار قىلمىش ئىكەنلىكى باش تېما قىلىنغان ، ئۇنداقتا مەن بىلەن بۇ ئوبزورچىنى كۆچۈرمىكەشلىك جەھەتتە ئوپىراتسىيە قىلىپ باقىدىغان بولساقلا ، ھەقىقىي كۆچۈرمىكەش ۋە ئوغرىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى خەلقىئالەمگە مانا مەن دەپلا ئاشكارا بولىدۇ .

بۇ ئوبزورچىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك ئىستاژى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ، بۇ بىر «ئوماق كۆچۈرۈش » دەپ ئۆزىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كۈنىدىن باشلاپ خەلقىئالەمگە ئاشكارا بولغان ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئەنگە ئېلىنغان . ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قىلمىشىغا توۋا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى كۆچۈرمىكەشلىك تالانتى جەھەتتە تېخىمۇ تېز ئىلگىرلەپ ، مەرھۇم ئۇستار ، قەلەمكەش ، سەنئاتكار ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ، مۇقامشۇناس مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىسى( ئىزچىسى ) مىرئەھمەت سېيىتنىڭ مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدىكى ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان « مەمتىلى ئەپەندى » ھەققىدىكى قوليازمىسىغا يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلىپ بەرگەن تۈركىيە تارىخى ھەققىدىكى بايانلارنى قىستۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كىتابنىڭ يەنە بىر ئاپتورى سۈپىتىدە مىرئەھمەد سىيتنىڭ ئىسىمى كەينىگە ئىزا تارتماي قوشۇۋېلىپلا بولدى قىلماي ، يەنە ئابلىكىم زوردۇننىڭ « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىسى – مەمتىلى ئەپەندى » ناملىق قوليازما ئورگىنالىنى بىراقلا يالماپ يۇتۇۋېلىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ ، قانۇننىڭ ئالدىدا قانداق شەرمەندە بولغانلىقى ھەممىگە ئايان ، بۇ ھەقتە مەن ئارتۇقچە توختالمايمەن .

ئەپسۇس ، ئوغرىلىققا كۆڭلى ئۆگىنىپ كەتكەن ، ئوغرىلىمىسا قولى جىم تۇرمايدىغان بۇ ئوبزورچى بۇ قېتىملىق تۇتۇلۇپ قېلىش بىلەن بولدى قىلماي ، مۇھەرىرنىڭ بىپەرۋالىقىدىن پايدىلىنىپ ، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى 2005- يىلى 6- ئايدا نەشىر قىلغان« جۇڭگۇ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى » ، « ئالىي پىداگوكىكا مەخسۇس كۇرسلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى دەرىسلىكى » ناملىق كىتابتا توختى باقى ئارتىشى ، مامۇت سابىر ، خەمىت تۆمۈر ، ئىسلامجان شېرىپ ، راخمان مامۇت قاتارلىق نۇرغۇن ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىزنىڭ يۈرەك بەدىلىگە پۈتكەن « سەۋدايى خاتىرىسى» ، « ئا. Q نىڭ تەرجىمھالى » ، « گۈلدۈرماما » ، « دايەنخې مېنىڭ ئانام» قاتارلىق 60 پارچىغا يېقىن تەرجىمە ئەسەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئوغرىلاپ ، ئۆزىنىڭ زاڭ مېلىغا ئايلاندۇرۇپ ، مۆلچەرلىگۈسىز ھارام ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن . تېخىمۇ قىززىق يېرى شۇكى ، ئۇ ئىلگىرى «مەمتىلى ئەپەندى » ناملىق كىتابتا بىر – ئىككى ئادەمنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنى پەقەتلا ئۆزىلا ئوغرىلىغان بولسا ، بۇ قېتىم بۇ ئوغرىلىق قىلمىشىغا *** لارنىمۇ بۇ كىتابنىڭ تەرجىمە قىلغۇچىلىرى قاتارىغا قوشۇۋالغان .

ئىلگىرى ئىككى – ئۈچ يۈز بەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلەرنى ئوغرىلىغان بولسا ، بۇ قېتىم بىراقلا چوڭ 16 كەسلەمدىكى 810 بەتلىك چوڭ ھەجىمىدىكى قامۇس خاراكتېرلىك كىتابنى ئوغرىلىغان ، ئۇنداقتا بۇنى بىز قانداق بايقىدۇق؟ ئىككى يىل ئىلگىرى بىز *** نىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرگەن چېغىمىزدا ، ئۇ ، بۇ كىتابنى بىزگە كۆرسەتتى ۋە ئەندىشە قىلغان ھالدا :« مەن بىر ئىشتىن ئەنسىرەۋاتىمەن ، ئۆتكەندە خالىس ئوبزورچى ماڭا تېلىفۇن قىلىپ ، سەن تەرجىمە قىلغان «غايە » دېگەن شېئىرنى بىر كىتابقا كىرگۈزدۈم . خەۋەر تېپىپ قال ، – دېدى . مەن ياخشى بوپتۇ ،-دېدىم . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بارسام بۇ كىتابنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ، قارىسام مېنىڭ ئىسمىم بۇ كىتابنىڭ باش تەرجىمانى ئورنىدا ئېلىنىپتۇ . كىتابنى بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن كىتابتا مېنىڭ پەقەت بىر پارچىلا تەرجىمە«شېئىرىم بارلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي باشقىلار تەرىپىدىن ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئىكەنلىكنى بىلىپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم ،چۈنكى مەن قاراپ تۇرۇپلا باشقىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ھالال ئەمگىكىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشتىن چاتاق چىقماس دېسەم ، ياق ، ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ ، بۇنى ھېچكىم ئۇقمايدۇ ، دەپ جاۋاب بەردى . بىراق مەن بۇ ئىشنى كېيىن باشقىلارغا قانداقمۇ چۈشەندۈرەرمەن » دېدى ، – *** بىز شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا « يامانغا يولۇقساڭ يارىسى ، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار دېگەن شۇ . بۇ ئىش ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولىدۇ . سەن شۇ چاغدا جامائەتكە ئۆزۈڭنىڭ ئالدانغانلىقىڭنى سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويساڭ بولىدۇ» دېيىشتۇق . مانا بۇ جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك ئەمەلىي پاكىت بولمىسا كېرەك !

دېمەك بۇ ئوبزورچىنىڭ خەقنىڭ توم – توم كىتابىلىرىنى ئوغرىلاپ ، تۇتۇلۇپ قېلىپ رەسۋا بولغىنىنى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا ئېلىپ قويۇپ ، مېنى كۆچۈرمىچىلىكتە ئەيىبلىشى – « ئېشەك ئوغرىسى دۇمباقچى بوپتۇ» ناملىق ئۇيغۇر خەلق تەمسىلىدىكى ئېشەك ئوغرىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغرىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساق ئادەمنى ئوغرى دەپ دۇمباق چالغىنىغا ئوخشاش قايمۇقتۇرۇش ھىيلىسىدۇر .

ئوبزورچى « كۆچۈرمىكەشلىك يامان ئىللەت دېگەن تونۇش ھەممىمىزگە ئورتاق ، بۇنىڭ قىلچە خاتاسى يوق . دېمەك ، كۆچۈرمىكەشلىككە قىلچىمۇ يول يوق » دەپ داڭلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر رۇبائىيسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ماڭا سوۋغا قىلغان . بىراق بۇ سوۋغا ماڭا ئەمەس ، شۇ ئوبزورچىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۆھپىكار ، مويسىپىت ، مۆتىۋەر ، ئابرويلۇق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ، نوپۇزىنى ئۆلتۈرۈشنى ئۆزىگە ئالاھىدە ۋەزىپە قىلغان بۇ كۆچۈرمىكەشكە دەل كېلىدۇ . شۇڭا بۇ ئىگىسىنى تونۇماسلىققا سالغان سوۋغىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى لايىق تاپتىم .

ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،

بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماق خار ئىش .

بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،

ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش .



مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 12:04:08

ئېلان ئورنى تۇتۇپ قويغىنىم بىكار بوپتۇ


ھەممىسى ئېلاندەك پىپا تېما بوپتۇ\"\"

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 12:18:14

يالقۇن روزىنىڭ مۇشۇنداق پىپا ماقالىرىدىن  بولسا  تورداشلارمۇ يىغىپ قويغان بولسا .كىتاپخانىلەردىن \"يالقۇن روزى ماقالىرى\"نى سىتىۋالغۇچە \"ئىزدىنىش\"تىن بىكارغا ئوقۇمامدۇق \"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 12:35:36

ئاتا ئېيتقان بايىقى

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 12:36:57

مەندە پەرھات تۇرسۇننىڭ <يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن> دىگەن ئەسىرىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى بار، ئەمما ماۋۇ يالقۇن رۇزىنىڭ يوقكەن، بۇنداق ماقالىلارنى ئوقۇيمەن دىسەك تەس ئەمەس، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىغا قارايدىغان بولساق ھەر بىر سانى پەقەتلا شۇ بىر قانچەيلەننىڭ ماقالىلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 17:54:45

يالقۇن روزىنىڭ ماقالىلىرىنى  ئۇچراتساملا ئوقۇپ چىقىۋاتىمەن.

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 19:18:00

بۇ كىشنىڭ ماقالىرىرىنى ئالا قويماي ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن.ئاستىدىكىلىرىنىڭ خېتى نورمال كۆرۈنمىدى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 23:47:26

مۇشۇ ئوبزورچىلار بىر-بىرىگە ھاقارەت قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلەتمەيلا قانداق يازسا مەيلى ئىدى ...

meripet702 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 14:00:54

«بېكخام مۇھىممۇ ، ئېشەكمۇ»

ئەلى غۇجاخۇن



«شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژۇرنىلىنڭ2008-يىللق 1- سانغا بېسىلغان يالقۇن روزىنىڭ ھوشۇر قارىغا قارىتا يېزىلمىغان  «ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت›› ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئەزەلدىن ئىشەكنىڭ «چاپچىپ تۇرىدىغان ››لىقىنى كۆرمىگەچكە ياكى بىلمىگەچكە، ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن تەسىراتىم يالقۇن روزى ئەپەندى ماقالىسىنى سەل ئالدىراپ-سالدىراپ , پىششىقلىمايلا يېزىپ سالدىمۇ نېمە؟ دېگەن خىيال بولدى ئارقىدىنلا «ئادەمگە نىسبەتەن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلىغۇدەك ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت›› دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ، ئاپتۇر «ئادەم ئۆزىگە نورغۇن كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشىنى كۈتۈشى كېرەك ياكى ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجە ئۇتۇقلارغا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىش لازىم» دېگەن پىكىردىمۇ قانداق؟ ئەسلىدە ئالىيجاناپ كىشىلەر باشقىلاردىن ھەسەتنى ئەمەس، ھەۋەسنىلا؛ كۆرەلمەسلىكىنى ئەمەس، ياخشى تىلەكنىلا كۈتىشى كېرەك ئېدىغۇ، دوستى ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەتلىرىدىن بەخت ھېس قىلىش قانداق ئشتۇ، بۇ قانداق پىسخىكىلىق ھالەتتۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم.  باشلىنىش قىسمىدىلا ئۇچرىغان بۇ مەسىلىلەردىن  ئەسەردىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى مەسىلىسىدە بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم -دە، بۇ ماقالە توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.

يالقۇن ئەپەندى ماقالىنىڭ دەسلىپىدىلا ھوشۇر قارىي ۋە ئۇ ۋەكىل بولىۋاتقان سەنئەتتىن «ئالاھىدە ھوزۇر» ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئاندىن «مىللىي كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى مىللىي ئادەت نۇقتىسىدىن كىيىش بىلەن مىللىي ئاڭ نۇقتىسىدىن كىيىش پەرقلىنىدۇ»، «ھە دېگەندىلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا چەكتىن ئاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن باشقىلارنى باشقا ئېلىۋېلىش – غورۇرى پۈچەكلىكنىڭ ئىپادىسى» دېگەندەك ،كۆرۈنۈشتە توغرىدەك كۆرىنىدىغان، ماھىيەتتە ئۇقۇملىرى قالايمىقان قىلىۋېتىلگەن، مىللىي ئادەت، مىللىي ئاڭ، ھۆرمەت ھېسسىياتى ۋە غورۇر دېگەندەك سۆزلەر بىر –بىرىگە مەجبۇرى ھالدا قارمۇ – قارشى قىلىپ  قويۇلغان مۇھاكىمىلەر ئۇچرايدۇ. ماقالىدىكى مەركىزى پىكىرنى يانداش مۇھاكىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، بۇ نۇقتىلار ھەققىدە توختالمىدىم. پەقەت  كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قانچە ناتوغرا قاراشلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.

ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقساق، بۇ «ئوچۇق خەت»تە دوستلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.يالقۇن ئەپەندى  قايسى بىر ئاپتورنىڭ «... ۋەتىنىدىن ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە دوستلۇقنىڭ تۇز ھۆرمىتىنى ساقلىغان» دېگەن سۆزنى تۇتىۋېلىپ، دوستقا ئىشەنمەسلىك، دوستىن ھەزەر ئەيلەش تەربىيىسىنى ئىشلەيدۇ. ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا»، «بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ئىككى كۆزى جاڭگالدا» (بۇ تەمسىل ئەمەلىيەتتە نوقۇل دوستلۇققا قارىتىلمىغان، ئەسلىدە بۇ ئورۇندا مىسالغا ئېلىشمۇ توغرا ئەمەس) دېگەن ماقال – تەمسىلەرنى دوستقا ئىشەنمەسلىككە سۇيئىستىمال قىلىدۇ. قانداق دوستقا، قانداق ئەھۋالدا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنماستىن ، ئايرىلمىلىق خاراكتېرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئومۇملۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىش تازا توغرا بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ ماقال- تەمسىللەر  كونكرېتنى جۈملە شارائىتىدا، كونكرېت يولۇققان ئەھۋالغا قارىتا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇق خاراكتېرىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان ماقال – تەمسىللەردىن ئەمەس، بىر ئايرىم ھادىسىدىن ئومۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇش نۆۋەتتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلىق، كونكرېت دائىرىلىك، روشەن پاكىتلىق سۆز قىلىشقا ئادەتلىنىش بىزنىڭ ھېسسىياتچان مىجەزىمىزنى تەڭشەپ سالماق، تەمكىن، سوغۇققان پىكىر قىلىدىغان، ئوبىكتىپ باھا بېرىدىغان خاراكتېرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئايرىم شارائىتتا ئېيتىلىدىغان «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا» دېگەن ھۆكۈمنى پۈتكۈل دوستلۇق رىشتىسىگە ئىشەنمەسلىك «سەپسەتە»سىگە دەلىل – ئاساس قىلىۋالساق، ئاپتۇر ئۆزى دەۋاتقان «توغرا قىممەت قارشى»غا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىمىز-دە، دوستلۇق مەسىلىسى ئىنسانلار ھەزەر ئەيلەيدىغان قاباھەتلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «دوستلىرىڭ يوق باغدىن، دوستلىرىڭ بار تاغ ياخشى»، «دوستى بارنىڭ بەختى بار»، «دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت»، «دوستقا ئىناق بول، دۈشمەندىن يىراق» دېگەندەك ئومۇمىي خاراكتېرلىك يەكۈنلەرگە قارشى چىقىپ مات بولۇپ قالىمىز.

ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە ئوخشاشلا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك بىر ئايرىم ھادىسىدىن ئومۇمىيىلىق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇشتەك لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان. ئايرىملىقتىن ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈن چىقىرىشتا بىر تۈردىكى بىر قانچىلىغان ئايرىم ھۆكۈملەردىن ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان بىر توغرا يەكۈن چىقىرىلىدۇ. ھوشۇر قارىينىڭ ئېشەك مىنىپ ئېلانغا چىقىشىغا قارىتا، بىلىشىمچە، ئۇنداق كۆپ كىشى «ئات مىنىپ ئېكرانغا چىقىشى كېرەك ئىدى»  دەپ خۇلاسە چىقىرىشمىدى. ئاز بىر قىسىم ئادەملەر دېسىمۇ دېگەندۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ئىززىتىگە چېقىلمىغان ئاساستىكى ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن كېلىپ چىققان تېخىمۇ ئالىيجانابلىققا، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئەقلىگە ئۇيغۇن، يەنە كېلىپ ساغلام ئىنسانىي تۇيغۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تۇتىۋېلىپ باشقىلارنى زۆرۈرىيىتى يوق مۇھاكىمىگە باشلىساق، ھەرگىز توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئات تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ قولغا كۆندۈرگەن ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزدە مەدەنىيەت مەنىسى نۇقتىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدۇ. تۈرك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئات بىزگە تولىمۇ يېقىن تۇرىدۇ ھەم ئىجابىي ئوبراز بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. «ئەر قانىتى - ئات»، «ئات ئورنىغا ئىشەك باغلىما»، «ئاتلىق - قاناتلىق» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىنىمۇ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ھالدا كلاسسىك ھېكىمەتلىرىمىزدە بولسۇن ياكى ماقال – تەمسىللىرىمىزدە بولسۇن ئېشەك ئوبرازى دېگۈدەك سەلبىي مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. «ئاتنىڭ تەپكىنى ئار ئەمەس، ئېشەكنىڭ تەپكىنى ئار»، «ئېشەك شەيتاننى كۆرسە ھاڭرايدۇ، خوراز پەرىشتىنى كۆرسە چىللايدۇ»، «ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار»، «ئالتۇندىن ھەل بەرسە، كېسەكتۇر كېسەك، تاۋاردىن تون كەيسە، ئىشەكتۇر ئىشەك» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان» دىمۇ «ئوتتۇراھال، ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» (31-سۈرە، 19- ئايەت) دېگەن ئايەت  ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە يۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ئېشەك ئاۋازى بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن ئاۋازدا، مۇلايىملىق بىلەن گەپ – سۆز قىلىشقا چاقىرغان. ئېشەكنى ۋاستە قىلىپ سەلبىي مەنىدە ئوخشىتىش ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە جايدا ئۇچرايدۇ. دېمەك، ئېشەك ئوبرازى خەلقىمىز مىللىي ئېڭىدا مۇقىم بىر سەلبىي مەنىگە  ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

مېنىڭچە، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئاتقا قارىغاندا ئېشەكتىن سۆيۈنۈش ھېسىياتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئاپتورنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ «ھوشۇر قارى ئەپەندى، مەن سىزنىڭ ئېكراندا ئېشەك مىنگەن قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس كىيىنگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن ئاشۇ ئوبرازىڭىزنى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى› دەپ قارايمەن» دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىپ قويىشى ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ خىيالىمىزدا ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى ئۇيغۇر ناخشا ـ ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ قىسمەن كۆرۈنىشىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقامدۇ قانداق:

ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى =«ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى»= «سەنئەت مىللەتنىڭ بارلىقى».

ئىلگىرى يالقۇن ئەپەندى «سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئەمەس, بەلكى بايلىقى» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە بولسا ھوشۇر قارى ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان سەنئەتنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» دەپ ئېيتقان. ئەجەبا، بۇ ، سەنئەتنى مىللەتنىڭ بارلىقى دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ (ئەسلىدىغۇ سەنئەت دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى بۇ جايدا دەۋاتقاندەك ئۇنداق تار بولمايدۇ) مەن بۇ ئىپادىدىن قانچە گۇمانلانماي دېسەممۇ پاكىتلار، يالقۇن ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى گەپلىرى، لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلى قاتارلىقلار بۇ ئىپادىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىم بىر ھادىسىدىن ئومۇملۇق كۈچىگە ئىگە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويۇش مەسىلىسى، ئاپتورنىڭ ئېنىق پىكىر ئىزچىللىقىنىڭ بولماسلىق مەسىلىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» نى ئوپۇل – تۇپۇل پاكىتسىز، مۇلاھىزسىز ھالدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش مەسىلىسى قاتارلىق خاتالىقلار يۈز بېرىپ، ئاپتورغا نېمە دەپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەيدىغان ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ يەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» مەسىلىسى مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە مىللىي كىملىك بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ۋە تۇرمۇش شەكلى، تىلى، ئەخلاقى، ئىجتىمائىي قىممەت ھۆكۈملىرى ۋە پرىنسىپلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈنلۈك. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھوشۇر قارىنىڭ ئېشەكلىك كۆرۈنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىنى پەقەتلا يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ.

«سىلەرچە، بىزگە  بىكخام مۇھىممۇ، ئېشەكمۇ؟» بۇ مەسىلە ئادەمنى تېخىمۇ مۇلاھىزە قىلغىلى بولمايدىغان مۇھىتقا باشلاپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ پىكىر قىلىپ كۆرسەك، ئادەتتە، سېلىشتۇرما تەھلىللەردە بىر تۈردىكى مەسىلىلەر سېلىشتۇرىلىدۇ. ھەتتا بىر تۈردىكى مەسىلە ۋە شەيئىلەر ئىچىدىمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىرى بار. مەسىلەن، «ئۈزۈم مۇھىممۇ، ئالمىمۇ؟»، «پىرىزدىت مۇھىممۇ، كان ئىشچىسىمۇ؟» ئەگەر سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە، قانداق ئەھۋالدا ۋە قانداق شارائىتتا، نېمىگە ئىشلىتىپ، قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقارغاندا ئاندىن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى ۋە ياكى باشقا مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.   

«سېلىشتۇرما تەتقىقات خەلقئارادا ئاللىقاچان ئىلىم سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (Comparativemethod) ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئاساسى ئۇسۇل. ئۇ دەسلەپتە كلاسىك تەدرىجى تەرەققىيات ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ھېسابلىناتتى. ئۇلار بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاشمىغان ساھەدە مەدەنىيەتنىڭ  تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلمىسىنى دەللىلىگەن ھەم ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى كۈزەتكەن. سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئۈچ قەدەم باسقۇچ بويىچە بولىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ياكى شەيئىنى تېپىپ چىقىش، ئىككىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرش مەقسىتىگە ئاساسەن ئوخشاش ھادىسە ياكى شەيئىلەرنى گۇرۇپپىلاپ مۇلاھىزە قىلىش، ئۈچىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ تەتقىقات مەقسىدى ۋە تېپىغا ئاساسەن تارىخى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (historialcomparison) ۋە تىپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (typelogicalcomparison) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئوبىكىتقا قاراپ قوش تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش دېگەن تۈرلەرگىمۇ بۆلىنىدۇ» )مەنبە: www.face21cn.cnتورى( گەرچە يالقۇن ئەپەندىنىڭ سېلىشتۇرما مۇلاھىزىسىنى تەتقىقات دەپ ئېيتالمىساقمۇ، يۇقۇرقى پاكىتقا ئاساسلانغاندا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق «بېخكام مۇھىممۇ ياكى ئىشەكمۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش ئىلمى بولمىغان سۇئالغا ئىلمىي بولمىغان جاۋاب ئىزدەش بىمەنە ھەركىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاۋۋال سېلىشتۇرۇش مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئاندىن سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچى ئىلمىي بولغانمۇ يوق، دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر. بۇ يەردە شەرت، مەقسەت،  چىقىش نۇقتىسى بىئېنىق ئەھۋالدا سۇئال سوراش بىلەن جاۋاب ئىزدەش ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەجبۇرى سېلىشتۇرغاندا كۈچىدىن پايدىلىنىش ۋە قاتناشقا قولايلىق بولۇشتا، ئەلۋەتتە، بېكخامنى مىنگىلى ۋە ھارۋىغا قاتقىلى بولمايدۇ. ئېشەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. پۇتبول تېپىش ماھارىتى ۋە بۇ ماھارىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن نوپۇزى ۋە ئابرويى، ياشلارغا بولغان تەسىرى، ئىلھام بېرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە، ئېشەك تولىمۇ ئارقىدا تۇرىدۇ. ياكى سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق، بېكخام مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلە ئۇنى قەستەن مۇرەككەپ كۆرسىتىشنىڭمۇ ھېچ ئەھمىيىتى يوق. «بېكخام خەلقىمىزگە ۋە ۋەتىنىمىزگە نېمە ئىش قىلىپ بەرگەن؟... ئېشەك كۈندىلىك ھاياتتا بارلىق ھايۋاننى بېسىپ چۈشىدىغان تۆھپىسى بىلەن مىسىلسىز رول ئويناپ كەلدى» . ماقالىدە ئېيتىلغان بۇ يەكۈنلەرنىڭ تىرەش نۇقتىسىنىڭ پەقەتلا يوق بولىشىغا قارىماي، ماھىيەتكە نەزەر سالماي ھادىسىگە، شورپىسىغا قارىماي كۆپىكىگە قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان ئاددىي پىكىرلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى تەبئىي. بىراق سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچىنىڭ مۇھىم ئۈچ باسقۇچنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان «ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى تېپىپ چىقىش» قەدىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقلا بۇنداق مۇھاكىمىنىڭ گۆدەكلەرنىڭ تاللاش تارتىشىغىمۇ ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. نەتىجىدە، «يېزا – بازاردىن ئىبارەت گۇمانىتار مەنزىرە » ئاستىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان «مىسىلسىز رول» ئوينايدىغان «سۆيۈملۈك» ئېشەك بىلەن بىكخامنى سېلىشتۇرۇشنىڭ گويا مارس بىلەن بېلىقنى، لاي ھەيكەل بىلەن مائارىپ گېزىتىنى سېلىشتۇرۇشتەكلا بىمەنە ئىش ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

ئەگەر ئېشەكنى تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ھالدا سىمۋوللۇق مەنىدىن ھالقىپ تۇرۇپ بىكخام بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئېشەك ياكى ئېشەكلەر «قەۋمى» يارتىلىشىدىنلا ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ نېمىس دېھقانلىرىغىمۇ، ئىندىئان پادىچىلىرىغىمۇ، يەھۇدى دىن تارقاتقۇچىلىرىغىمۇ «غەرەزسىز» ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇر ئۈچۈنلا قۇربان بەرگىنى يوق.ئۇ ھەرگىز بىز ئۈچۈنلا يارىتىلغان «مىللىي ھايۋان»(گەرچە بۇنداق گەپ بولمىسىمۇ،ئەمما يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئېشەك بىلەن ئۇيغۇرنى شۇ قەدەر يېقىن باغلىشىغا قاراپ شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولدۇق)، ياكى مىللىي بۇيۇم ئەمەس،ياكى بولمىسا شۇنداق چۈشىنىشكىمۇ بولمايدۇ. بېكخام بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇق تەبئىي ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. پۇتبول مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسنى قوشىۋاتىدۇ  ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز مىليۇن دوللارلىق غەللىسىگە تايىنىپ نۇرغۇن خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. (ئۇ خەيرى – ساخاۋەت تۈرىدىكى ئېلانلارغا چىقىپ، 2002 ـ يىلى 8 ـ ئايدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ۋېلىس بىلەن جېشكانى ئۆيىگە قايتشقا تېلۋىزوردا دالالەت قىلدى. 2007 ـ يىلى 5 ـ ئايدا يۈتۈپ كەتكەن 3 ياشلىق ئەنگىلىيىلىك قىزچاق مادېلىن ماككىننى كىشىلەرنىڭ تېپىشىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تېلۋىزور سۆزى قىلدى. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول مەكتەپلىرنى قۇردى. تېخى 2008 ـ يىلى 1 –ئاينىڭ 30 ـ كۈنى بىرازىلىيەنىڭ ناتار شەھىرىدە 10 مىڭ كىشلىك بىر پۇتبول مەيدانى، 8 پۇتبول مەشىق مەيدانى، بىر قانچە گۈلف توپ، تېننىس توپ مەيدانلىرى، تۇلۇق مەشىق ئەسلىھەلىرى بولغان «بېكخام تەنتەربىيە دۇنياسى»نى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە بەرپا قىلغان پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.) ئۇ ئۆزىنىڭ توپ ئويناشتىكى ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبۇل قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە تېگىشلىك پايدا يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە ساغلام قىزىقىش پەيدا بولۇشىغا ۋاستىلىق تۈردە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىر خىرىستىيان ئىكەنلىكى، قۇلاق – بۇرۇنلىرىغا تۆمۈر – تەسەك ئېسىۋالىدىغانلىقى، تېرىسىگە بىر نېمىلەرنى چېكىۋالىدىغانلىقىغا تەنقىدى قارشىمىز، پەرزەنتىلىرىمىزنى بۇنداق ئىشلارغا ئەگەشمەسلىكىگە ئۈندەش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ئەگەر يالقۇن ئەپەندى ئېيتقاندەك دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا بوكس شاھى تايسۇن، مەشھۇر يازغۇچى بالزاك، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى ماندىلا، داڭلىق رويال ماھىرى رىچارد كىلايدورمان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ، ئىشكەككىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلاردىن ئېشەك مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى ئىشەككىمۇ تەڭ قىلماسلىققا ھەققىمىز يوق.  

پۈتكۈل ماقالىدە «ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان خىرىستىيانلارنى يېروسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن مۇناخ پىيەرلەمت» نىڭ  خائىن ئېشىكى ئاپتور قەلىمى ئاستىدا نۇر چېچىپ چاقنايدۇ. بىر ئادەمنى بولسا ئاپتور ئىشەككىمۇ تەڭ قىلمايدۇ ئاپتور «ئېشەك قەسىدىسى»نى يېزىۋاتقاندا ھاياجانلانغان ھالدا «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!» دېگەن مىللىتىمىزنىڭ  خاس چۈشەنچىلىرىگە ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە قىلچە ئۇيغۇن بولمىغان ، يات،  غەلىتە جاكارنى جاكالايدۇ. ۋە «بۇنىڭ نېمىسى خاتا؟» دەپ تەئەججۇبلۇق سۇئال تاشلايدۇ. «ئۆرگىلەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!، ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!، دەپ پەخىرلەنسەك بولىۋېرىدۇ» دەيدۇ. ئەسلىدە ئېشەكتىن ئىبارەت بۇ مەخلۇق خۇددى ئاپتور ماقالىسىدە ئېسىمىزگە سالغۇدەك «جاپاكەش بولغاچقا كۆپتۇر خىزمىتى، ھاياسىز بولغاچقا يوقتۇر ئىززىتى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللىقاچان قىممەت قارشىمىزدا مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىپ بولغان ھايۋان ئىدى. ئۇنىڭ «ھاياسىزلىقى» ، سەت ھاڭراپ كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغانلىقى، نېمە ئىشقا سالسا، شۇنى قىلىدىغان قۇل مىجەز ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا ۋە يەنە بىر قىسىم يېزا بالىلىرىنىڭ قىلىقسىز ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەلگەچكىلا ، «ياخشى ئوقۇ داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما» دېگەندەك ھېكىمەتلەرنىڭ تەركىبىدىن سەلبىي مەنىدىكى ئورۇننى ئالغان. ھوشۇر قارىنىڭ «كېۋەز گۈلى» ماركىلىق خىمىيۋى ئوغۇتى ئېلانىغا چىقىشتىكى مەقسىدىمۇ ئېشەكنى ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، «كېۋەز گۈلى» خىمىيۋى ئوغۇتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىنلا ئىبارەت. ئېلاندا ئېشەككە باھامۇ بېرەلمىگەن، چۆكۈرۈلمىگەن ياكى كۆپتۈرۈلمىگەن.شۇڭا  ئاپتورنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېلاندىكى بىر ناخشىچىنىڭ ئېشەك مىنىپ چىققان كۆرۈنىشىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت» دەپ پەخىرلىنىشى  سەل بىمەنىلىك بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشەك ئاللىقاچان خەلقىمىز قەلبىدە «تۆھپىسى» بىلەن «قىلىقسىزلىقى» ئېنىق ئايرىلىپ، تۆھپىسىگە قارىغاندا «قىلىقسىزلىقى»نىڭ بېسىپ كېتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان، «ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال» ھايۋان. شۇنداق بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان بۇنداق ھاقارەتلىك «دوست»تىن يىراق تۇرىشىمىز تولىمۇ ئەۋزەل بولسا كېرەك.

يەنە بىر گەپ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئېشەكنى دۆتلۈكنىڭ، قۇل مىجەزلىكنىڭ، ھاياسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە چۈشەنگىنى ۋە ئەسەرلىرىدە سەلبىي مەنىدە ئىشلەتكىنى بىلەن ھەرگىز قۇتىنىدىكى ئېشىكىنى كۈندە دۇمبىلاپ، ئاچ قويۇپ، ئۆچلۈك قىلمايدۇ. شۇڭا ئاپتور ئېشەكنىڭ ياكى ئېشەكلەر قەۋمىنىڭ تەكلىماكاندىكى تەقدىردىن ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار يەنىلا ئۆز «ھۇجرا» لىرىدا ئېشەكلەر ئېرىششىگە تېگىشلىك «بەختلىق تۇرمۇش»تىن بەھرىمان بولىۋېرىدۇ.

بىز ماقالىدە ئاپتورنىڭ  «ئەي ئوغۇل، بىلىم ئۆگەنگىن! نادانلىق نومۇستۇر، بۇ نومۇسسىنى كۆتۈرۈشكە پەقەت ئېشەكلا رازى بولىدۇ»( بۇ ئەسلىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۆزى ئىكەن) دېگەن  ھېكىمەتكە قارىتا «روشەنكى، بۇ ئېشەككە ئۇۋال قىلغانلىق، ئېشەك بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ ياشاپ، باشقا ھايۋانلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىۋالغان ئەھۋالىنى بىرەر كىشى كۆرگىنى يوق!» دەپ كايىشىغا قاراپ،  يالقۇن ئەپەندىدە ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق سۆز جۈملىلەرنى چۈشىنىشىدە پىسخىكىلىق توسالغۇ بارمۇ قانداق؟ دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قالىمىز. بۇ رېتورىك خىتاپتا، ئېشەك بىر ۋەكىللىك ئوخشىتىش ھالىتىدە دۆت، نادان كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە مەزكۇر جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى مەجبۇرى بۇرمىلاپ چۈشىنىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. ئېشەك بىر ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يولۋاس بىلەن ياكى بىر شاتۇتى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىدا بولسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆتلۈك، نادانلىق ۋە قىلىقسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن، ئەلشىر نەۋائى مۇنداق دېگەن:  «ناداننىڭ بىمەنىلىك بىلەن بوغۇزىنى كېرىپ  ۋارقىرىشى خۇددى ئېشەكنىڭ ۋاقىتسىز ھاڭىرىشىدۇر.ياخشى سۆزلۈك كىشىنىڭ جايىدا ئېيتقان مۇلايىم سۆزى بىلەن كۆڭۈلگە تولۇپ كەتكەن غەم چىقىپ كېتىدۇ.سۆزدە ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئىمكانى بار» (ھاجى ئەخمەت كۆلتېكىن،ئابدۇرېھىم سابىتلار تۈزگەن «ھېكمەتلىك سۆزلەر» دېگەن كىتاپنىڭ 92-بەتكە قارالسۇن)   

ئاپتور ماقالىسىدە ئېشەكنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ پارلاق توتېمى قىلىۋېلىش قەستىدە بولىۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرىدۇ. تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك  5 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ئادەمگە قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا ئوخشاش رول ئويناۋاتقان بىر ھايۋان «ئەپەندى» بولمىش ئىشەكنى ئۇلۇغلاشتەك خاتا قىممەت قارشىنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. بېكخامدىن ئىبارەت ياشلارغا توپ ئويناش ماھارىتى بىلەن ئۈلگە بولىۋاتقان، ئۇلارغا يوشۇرۇن ئىلھام بېرىۋاتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارغا تەنتەربىيە مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىپ، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئىنساننى بىر ئېنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر بىلەن كارى يوقلىقى سەۋەبىدىن بىر ئېشەككە تەڭ قىلمايدۇ.

بېكخامنىڭ بىر ئىنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىگىنى، شۇڭا ئۇنى ئېشەكتىنمۇ تۆۋەن كۆرۈش كېرەكلىكتەك ھېسسىياتنى يالقۇن ئەپەندىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى دەپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، باشقا مىللەتلەرنى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار روھىنى، مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشنى ماھىيەت قىلغان بۇنداق مىللەتپەرۋەرلىك پەقەت ئېرىقچىلىقىنى ۋە رادىكال قاراشلارنى مەزمۇن قىلغان پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس بۇلۇپ چىقىدۇ. بۇنداق قاراش ۋە پىكىر ئۇيغۇرلارنى زاماننىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىپ تېز ئىلگىرلىشىدىن، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىزگە بولغان ياخشى تەسىرىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۆز خەلقىنىڭ كۇلتۈرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار تەركىبلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. ھەرگىز باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلغار روھىنى چۆكۈرۈش بەدىلىگە قولغا كەلمەيدۇ.

چەتئەلدە غېرىپسىنىپ ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنغان ھېسسىيات ئالىمىدە كېزىپ يۈرگەن بىر  شائېرنىڭ كۆزىدە « ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك» ، «گۆھەردۇر ، ئالىمدۇر ، خۇش پۇراق گۈلدۇر» بولغان بىلەن ئۆز دىيارىمىزنىڭ رېئال دۇنياسىدا  ياشاۋاتقان ئادەملەر بۇنداق «توڭ تېزەك»لەرنى يوللاردىن تازلاپ ئېلىۋېتىپ، ئۇنى بارار يېرىگە ئاپىرىۋېتىشىمىز كېرەك.ئۇنىڭ يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرگە توسالغۇ بولۇپ تۇرىۋېرىشنى«ئەنئەنە» قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.توڭ تېزەك سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ مۇشۇ يولدىن ئۆتكەن ماشىنىسىنى نېرى ماڭ ، بېرى ماڭ دېسەك ئاقىلانىلىك بولمايدۇ.

ئەگەر بىز «ئوچۇق خەت» تىن  مەجبۇرى مەنە ئىزدەپ ،ئېشەكنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىغا قارىماستىن،بۇ جانۋارنى ۋە بېكخامنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا  مىللىي مەدەنىيىتىمىز  ۋە غەرىب مەدەنىيىتىنڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كېڭەيتىپ  چۈشەنگەندىمۇ ،ئەنئەنىمىز ۋە مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قانداق  قىسىملىرىنى كەسكىن تۈردە شاللاش ، قايسى قىسىملىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، يۈكسەلدۈرۈش؛ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قانداق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزگەرتىپ ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش،قايسى قىسمىنى كەسكىن رەت قىلىش مەسىلىلىرنى ئايرىپ تۇرۇپ ئېنىق يورۇتىشىمىز كېرەك.ئەنئەنىمىز ئىچىدىمۇ شاللىنىدىغان  تەرەپلەر ، غەرىپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىدىمۇ مىللى ئەنئەنىمىزگە كۈچ قاتىدىغان نۇرغۇن تەركىپلەر بار. ھەرگىزمۇ ئەنئەنىمىزنىڭ ھەممىسى ئېسىل،چېقىلغىلى بولمايدىغان؛غەرىبنىڭ ھەممە نەرسىسىلا رەت قىلىدىغان، يېقىن كەلسە بولمايدىغان يامان نەرسىلەر ئەمەس.ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشنى باشلىنىش قىلغان پەن-مەدەنىيەت ،ئەخلاق،سىياسى ھوقۇق،دىنىي ئىسلاھات ھەركەتلىرىنىڭ ۋەيېقىنقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ پارتىلاش خاراكتىرلىق تەرەققىياتىنىڭ دەل ئاشۇ بىز يامان كۆرىدىغان  غەرىبتە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. مېنىڭچە،بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق دىئالوگنى ئوبدان ھەل قىلىشى  لازىم.كاللىمىز قىزىپ كېتىپ ، چىقىرىپ قويغان  خۇلاسە-يەكۈنلەر بىر بولسا بىزنى مۇتىئەسىپ،قالاق،دوگما قىلىپ قويىدۇ.بىر بولسا ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن،ئۆز مىللىي خاسلىقىمىزدىن ئايرىپ قويىدۇ.   

    ئاپتۇر يۇقۇرقىدەك پاكىت-مۇلاھىزىلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرماستىن ، ھەر تەرەپتىن نەقىل ئالغان بىر قاتار  «مۇكەممەل» مىساللىرى  ئارقىلىق ماقالىسىدە بىزگە  «بېكخامدىن ئېشەك مۇھىم» دېگەن خەتەرلىك سېگنالنى بېرىدۇ.  شۇنى بىلىش لازىمكى، خەلقىمىز ئىلھام – مەدەتكە، يېتەكلەشكە، توغرا ھاياتى قىممەت ئۆلچەملىرىگە مۇھتاج. ھەرگىزمۇ روھىنى چۆكىرىدىغان، مىللىي تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان  خاتا تەلقىنلەرىگە مۇھتاج ئەمەس.ئاپتۇر بۇ گېپى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقتىمىكى، بۇ سۆز ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ غۇبارسىز قەلىبلەرنى «ئادەمدىن ھايۋان مۇھىم» دېگەن خاتا، بىمەنە قىممەت قارشى بىلەن تۇيۇق يولغا باشلىغىنى بولۇپ قالامدۇ – قانداق؟!

ئاخىرىدا ئاپتورغا دەيدىغىنىم، يالقۇن ئەپەندى  بۇنداق سۆز ئوينىتىش تۈسىنى ئالغان، ئاۋامنى قايمۇقتۇرىدىغان ئاتالمىش «چوڭقۇر» مۇلاھىزىلەرنى قويۇپ، مەۋجۈت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، مىللىي كىرزسىلار ھەققىدە ئويلىنىپ، شۇلار ھەققىدە پىشقان، توغرا مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا كۈچىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىمىنى، نېمىنى دوست تۇتۇش مەسىلىسىنى يەنىلا تارىخنىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتى ئاستا- ئاستا ھەل قىلىسا دەيمەن.


بەت: [1] 2
: تەنقىدچى يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت