Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-10 22:17:14

تۆھمەتلىرىم

ئىزدىنىشتىكى جېك، تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىكى باش سەۋەپكار.

«جېكنىڭ بىرىنچى شېئىر يېزىش قانۇنى› نى ئېلان قىلغان ئىزدىنىشلىق جېك، نىيوتوننىڭ ئۈچ قانونى بارلىقى ئالدىدا سەل يۈزى چۈشكەندەك ھېس قىلىپ، «جېكنىڭ ۋاقىت ماشىنىسى قانونى› نى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، تېنچ ئوكيان بويىدا ۋاقىت ماشىنىسىنى سىناق قىلغان، نەتىجىدە، تىتانىك ماركىلىق پاراخوتقا تويۇقسىز چۈشۈپ قىلىپ، گۈزەل خانقىزنىڭ مىليونېر بايۋەتچىدىن ۋاز كېچىپلا قالماي، نىكاھسىز سۈرەت سىزدۇرۇشتەك ناشايان ئىشقا سەۋەپچى بولغانلىقى ئۈچۈن، تىتانىك ماركىلىق پاراخوتنى نەس ناملىق مۇز تاغ باسقان. جېكنىڭ تەجرىبىسى 9.11 دىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكتىن، بىچارە جېك، ياكى نوبىل موكاپاتىنى گۇناتامار تۈرمىسىدە ئېلىش ياكى ئوقۇغۇچى پاسپورتىنى ساقلاپ قېلىشتەك ئازاپلىق تاللاش ئالدىدا سۈكۈتنى تاللىغان. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، جېكنىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي توغرا كېلىپ قالمىغان.



ئۇرۇشاي دىسىڭىز، ئىزدىنىشقا كېلىڭ.

نوپوز، دەرىجە، ھوقوق دىگەنلەرنىڭ تەسىرىدىن خالىي پىكىر يۈرگۈزۈش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش.لېكىن، سۈكۈت ئورنىغا مۇشتنى يۈزگە پىرىنتېرلاش دەرىجىسىدە ئىنكاس يېزىلىۋەرسە، رەنجىشنى بەدەل قىلىۋېرىپ ياشاش ئەرزىمدۇ؟ ھۆرمەت قىلغۇدەك ئادەم قالمىدىمۇ؟ بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، قېلىنلىق يېرىم مۇنبەر.



كىتلار ئەتىيازدا ياپۇندا دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان باش سەۋەپكار.

ئامېرىكىنىڭ كىت قوغداش پىدائىيلىرى، ياپۇنىيىنىڭ كىت ئوۋلاش پاراخوتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكىلى نەچچە يىل بولغان، ياپۇنىيە بېلىقچىلىرى، ياق، ياپۇنىيە كىتچىلىرى دەپ تۇرايلى بولدى، كىتلارنى بېلىق دىسە سەل مەنسىتمىگەندەك تۇرىدىكەنچۇ، ياپۇنىيە كىتچىلىرى، ئامېرىكا كىت قوغداش پىدائىيلىرىغا، ياپۇنىيىنىڭ ئامېرىكىدەك كەڭ چارۋىچىلىق زېمىنى يوقلىقىنى، قۇرساق بېقىش ئۈچۈن كىت بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، پىدائىيلارنىڭ بۇ يىل تۇتىدىغان كىتلار سانىنى ئۆتكەن يىلنىڭ %50 تىگە چۈشۈرۈش، بۇنىڭ ئىچىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى شەرتسىز قويۇۋېتىش تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، جان تىكىپ كېمە سوقۇشتۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ ھاياتىنى ۋاقىتسىز ئاياقلاشتۇرغان. ئۇزۇندىن بېرى دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ كەلگەن ئەركەك كىتلار، ئامېرىكىدەك چوڭ دۆلەت قوللىسا ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم زىيان تارتمايدىغانلىقىغا تەۋەككۈل قىلىپ، ياپۇنىيە ماتىرىك سۇپىسىدا  مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سەپ تۈزۈپ، قۇيرۇقىنى كۈچەپ بىر شاپىلدىتىپ، چوڭ دېڭىز تاشقىنىغا سەۋەپچى بولغان. ۋەقەگە قارىتا، ئامېرىكا تەرەپ بۇ كىتلارنىڭ قىساسى تۇتۇشى، دىگەن، ياپۇنىيە تەرەپ بۇ چۆكۈپ كەتكەن پىدائىيلارنىڭ ئۆچ ئېلىشى، دىگەن. ئىككى تەرەپ بىر پىكىرگە كىلەلمىگەچكە، تەڭ ۋاز كېچىپ، بېلى ئۈزۈلۈپ كەتكەن قاتلامغا دۆڭگەپ تۈگەتكەن. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، بوران ۋە يامغۇر ئاپەتلىرى قۇشلارنىڭمۇ نەسلى قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.



بىرەۋىك بىن بىلەن بەسلىشىپ يېڭىلگەن.

نورۋىگىيىدىكى ئەسەبىي بىرەۋىك، تېرورلۇقتا بىندىندىن ئېشىپ چۈشۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپ، ئاقىۋەت بەك تېزلا تۈرمىگە چۈشۈپ قالغان. بۇنى ئىدىيىسى پەقەت قۇبۇل قىلالمىغان بىرەۋىك، ئامېرىكىدىنمۇ، مۇسۇلمانلاردىنمۇ قورقىدىغان ياپۇنلۇق پىسىخولوگ تەلەپ قىلىپ كۆرۈنمەكچى بولغان، ياپۇنلۇق پىسىخولوگ بەسلىشىش نەتىجىسىنى ئامېرىكىدىنمۇ، مۇسۇلماندىنمۇ قورقمايدىغان بىرەر تور بېكەتنى تېپىپ ئېلان قىلماقچى بولغانيۇ، لېكىن تاقىلىپ قىلىشتىن قورقىدىغان ئىزدىنىش بۇ تېمىنى تەستىقلاشنى ئويلاشمىغان. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، بىرەۋىك تاغ ئۆڭكۈرى تاپالمىغان.



بىرلا جۈملە يېزىلغان كىتاپ چىقماقچى.

يېقىندا باچكا، «يۈز بولسا، كەيپىياتنى چىرايغا باسىدىغان پېرىنتىر› دىگەن بىرلا جۈملىنى مۇقاۋا، مۇندەرىجە، مەزمۇن بولۇپ پەقەت تۆتلا ۋاراق كېلىدىغان كىتاپ قىلىپ چىقارماقچى بولغان. لېكىن، نەشىرىياتنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ جۈملىدىكى ھەر بىر سۆزنى بىر باپ قىلىپ ئايرىشقا قوشۇلمىغاچقا، كىتاپ تا ھازىرغىچە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، قېلىن- قېلىن كىتاپلارغا قارىغاندا، نېپىز كىتاپنىڭ بېسىلىشى تەس.



فۇشىكاڭ بۇندىن كېين خىزمەتچىلىرىنىڭ بىنادىن قاچان سەكرەيدىغانلىقىنى كونترول قىلالايدۇ.

ئىسسىق، قۇرغاق، رادىئاتسىيىلىك، خەتەرلىك فۇشىكاڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى، 2010- يىلى 6- ئايدا تەڭشىلىپ، ئادەتتىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ 900 يۈەندىن 1200 يۈەنگە، بىرىنچى سەپتىكىلىرىنىڭ 1200 يۈەندىن 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇنچە كۆپ مائاشنى شېنجىندا خەجلەپ بولۇشقا كۆزى يەتمىگەن خىزمەتچىلەر ئىچىدىن 14 نەپىرى ئۆزىنى بىنادىن ئېتىۋالغان. بۇنىڭغا قارىتا فۇشىكاڭ مۇدىرىيىتى، خىزمەت ۋاقتىدا سەكرىمەيدىغان، ئۇخلىمايدىغان، مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋېتى بولمىغان خىزمەتچىلەرلا شىركەتنىڭ بايلىق دەرىخى بولۇشقا مۇناسىپ، دىگەن يەكۈننى چىقىرىپ، قول ئاستىدىكى بىر مىليون 200 مىڭ خىزمەتچىدىن بىر مىليونىنى ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرماقچى بولغان. بونداق بولغاندا، بۇزۇلۇپ قالغان ماشىنا ئادەملەرگە پەقەت سەكرە، دىسىلا ئاندىن سەكرەيدىكەن، شۇنداقلا كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىشتا باش ئاغرىقى بولمايدىكەن. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، زاۋۇت ئىلغار بولسا، پىنسىيە مائاشى يوقايدۇ.



تەدرىجىي تەرەققىيات ئاجىزلار بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ رىقابىتى بولماستىن، خام يەيدىغانلار بىلەن پىشۇرۇپ يىيەلەيدىغانلارنىڭ رىقابىتى.

تەدرىجىي تەرەققىيات تەرەپدارلىرى ئۇزۇندىن بېرى زور خاتالىققا يول قويغان. گىرمانىيىدىكى ئۈندۈرمىنى خام يىگەنلەر، ئۈچەي قاناش خاراكتىرلىق ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسى 0104 نىڭ يۇشۇرۇنۇپ يوقۇپ زەربە بېرىشىغا ئۇچراپ، «ساغلاملىق يېڭى ئوقۇمى› دىكى خام يىگەن سالامەتلىككە پايدىلىق، دىگەن كۆز قارىشىغا ھاياتىنى بەدەل قىلىۋەتكەن. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، خام يەيدىغانلار پەقەتلا ھورۇنلۇقىنى يۇشۇرماقچى.



بېل گېيتىس جوبىسقا ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەلۇم نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، جوبىس بېل گېيتىسنىڭ ياخشىلىقىنى پەقەت قايتۇرالمىدى. نۇرغۇن يىل ئىلگىرى، بېل گېيتىس جوبىس بىلەن بىرگە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مىكروسوفتنىڭ ئالمىنىڭ پايچىكىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، بۇ خەۋەر ئالمىنىڭ پاي چېكى باھاسىنى %30 كۆتۈرگەن. جوبىسنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاندا، گېيتىس ئەپەندى مىكروسوفتتىن چېكىنىپ، جوبىسنىڭ IT دا نۆۋەتتىكى گىگانىت شەخىس بولۇشغا يول ئېچىپ بېرىپ، جوبىسنى مەنىۋى جەھەتتىن داۋاملىق قوللىدى، بېل گېيتىس جوبىستىن بۇرۇن چاقناپ بولدى. شۇنداقلا، مىكروسوفت شىركىتى ئەسلىدىنلا Kinect، x box360 نى ئەسلى باھاسىدىن تۈۋەن باھادا سېتىپ، پايدىسىغا مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىدىغان قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلىق ئالمىنىڭ بايلىقىنىڭ ئۆزىگە يېتىشىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ھەقىقىي ئېسىل windowmobile phone 7 سسىتېمىلىق مىكروسوفت يانفۇنلىرى، ئېلان سۈرىتىدە ئەڭ ياخشى يۈزلۈكلىرىنى ئەمەس، ئەڭ ئاددىي يۈزلۈك سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ، ئالما شىركىتىگە ئاخىرقى قېتىم ياردەم قىلدى. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، iPhone نىڭ ئەڭ چوڭ رولى ئاساسەن سالاھىيەت، بايلىق ۋە قىزىقىشنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، لېكىن ئەڭ كۆپ ئاممىغا ھەقىقىي نان بېرىدىغىنى يەنىلا  windowmobile phone 7 سىستېمىلىق، qwerty كۇنۇپكىلىق يانفۇنلاردىن ئىبارەت.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 00:44:28

باچكا ئەپەندى.


windowmobile phone 7  نىڭ تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكى، باھاسى... لاردىن قاچان خەۋەر تاپالايمىز؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 09:24:23

ماۋۇ ۋىدېئودىكىسى Windows8 قاچىلانغان يانفون ئىكەن.




ئالىپ تورىدىن ئېلىندى

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 13:13:21

باچكىنىڭ تېخىمۇ \"قارايۈز\" بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ \"تۆھمەت\" ، \" شىكايەت\" لەرنى قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 23:21:05

ھالقىلىق سۆز: windows phone7


wp7 قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ باھاسى 2000 سومدىن 5000 سومغىچە.. ئېكىرانى بارغانچە چوڭ. بۇ بازار تېخى ئەمدىلا ئېچىلدى، ئۇيۇن ئالدىمىزدا..

شەخسەن مەن، بۇندىن كېيىن تېلېفۇن ئالسام، ياندىن سېيرىلىپ چىقىدىغان Qwerty كۇنۇپكا تاختىسى بار يوقلىقىنى مۇھىم ئۆلچەم قىلماقچى بولدۇم.



wp7 گە كەلگەندە، ئىنكاسى ئەڭ تېز كەلگىنى HTC ئوخشايدۇ. بۇنىڭ قاپ لايىھىسى نوكىيانى خىجىل قىلىدۇ.


سۈپەتلىك تېلېفۇن دۈمبىسىدىنمۇ بىلىنىدىغان ئوخشايدۇ، ماۋۇسى ھەقىقىي Windows Phone 7 قاچىلانغىنىدىن، باھاسى 2000 يۈەندىن باشلىنىدۇ:

\"\"



windows phone نىڭ سەل بۇرۇنقى (6.1، 6.5) نەشىرلىرىنى ھازىر توردا 400،600 يۈەندىن باشلاپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن ماۋۇ:

\"\"


\"\"



نوكىيانىڭ گىرۋىكىنى لايىھىلەيدىغان ئادەم باشقا خىزمەت تاپالمايۋېتىپتۇ، شۇڭا نوكىيا قاپ لايىھىسىدە htc غا سەت ئۇتتۇرۇپ يۈرىدۇ.


يانفۇنشۇناسلىقنىڭ تاجىنى كېيىشكە مۇناسىپ يەنە بىر قەھىرمان Motorola ، سۈنئىي ھەمراھلىق يانفۇن سىستېمىسى ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، لېكىن بەكلا بالدۇر بوپ كەتكەچ، ئەينى چاغدىكى بازار سۆزلىشىش ھەققىنى كۆتۈرەلمەي، نۇرغۇن مەبلەغ ئىسراپ بولغان، بۇ تەخمىنەن 15 يىللار بۇرۇنقى ئىش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ قېتىم wp7 نى چىقىرىشقا ئالدىرىماپتىغۇ- تاڭ..

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 06:04:01

ھە دىسە سېستىمىسىنىڭ نەشىرىنى يىڭىلايمىز دەپ ئالمىدىن زېرىكتىم


ئۇنىڭ ئۈستىگە پىسپاس گۇيلار چىش پاستىسى سىققاندەك ئاستا ئاستا قىلىپ يىلدا بىر نۇسخا يىڭىلاپ\"\"


Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 12:36:46

باشلىرىمىزنى باچكىنىڭ ئامبىرىغا قويۇپ قويساق ، ھازىر ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا باچكا بۇ باشلارنى رەستىگە ئاچىقىپ كۆرگەزمە قىلىۋاتقۇدەك.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-12 16:06:12

ئاڭلىسام باچكا  يېڭى توي قىلغاندىن كىيىن تۇرمۇش پۇلۇم يەتمىدى ھەم بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس تۈپەيلى جاپا تارتىپ قالماي دەپ باش سۆرەتلىرىڭلارنى بازاردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋېتىپتۇدەك.


خۇداغا شۈكرى،  مېنىڭ باش سۆرىتىم نەچچە يىلدىن بېرى بوران چاپقۇندىمۇ ھادىسىگە ئۇچرىماي ساق-سالامەت تۇرۋاتىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-13 15:45:39

توۋا، ھەممىسى تۆھمەت! مەن ھېچكىمنىڭ بېشىنى كۆركەزمە قىلدىمدىم، ھەم ساتمىدىم.


بوشلۇق، ئادرىستا مەسىلە يوق،ئادرىسقا تىزىملاش نومۇرى چىقسىلا نورمال بولىدۇ. مەندىن كېتىپتۇ، ئەپۇ قىلغاچ تۇرۇڭلا..



bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-13 19:21:55

مانا ئەمەسمۇ، باچكا يەنە قاراپ تۇرۇپ رەسىم ساقلىغان تور بەتكە تۆھمەت قىلغىلى تۇردى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-13 23:30:38

ئى....ىي! بوپتۇ، ئۆزەمنىڭ تور بېتىمگە توھمەت قىلغان بولسام تۆھمەت قىلمىغان بوپ كېتەي!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 12:34:53

\"\"


ئەپۇ قىلىمىز . ھەم ئامبارنى مەڭگۈ يۆتكىمەيمىز .

بەت: [1]
: تۆھمەتلىرىم