crisis1980 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-10 21:58:30

جۇڭگودا، بالىلارجىنسىيەت تەربىيىسىدىكى ئۈچ خىل خاتا قاراش

پەرزەنت تەربىيسىى مەسىلىسىدە بىزدە جىنسىيەت تەربىيىسى كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. مەكتەپلەردە بولسا نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تارقىتىلغان ئوقۇشلۇقلاركەم ،ياكى تارقىتىپلا بولدى قىلىش ،ھىچكىم بۇتەربىيىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى ئىغىر. مېنىڭ بايقىشىمچە بۇھەقتە تارقىتىلغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشلۇقلىرى بالىلارنىڭ «مەخپى كىتاب» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،ساۋاقداشلىرىدىن ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن كۆرۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۈت. بۇ خىل بىنۇرمال ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەلۋەتتە مائارىپ خادىملىرىمىزدىمۇ ئەقىللىي جىنسىيەت تەربىيىسى ئۇقۇمىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


نۆۋەتتە، بىزنىڭ جىنسىيەت تەربىيىسى ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلىرىمىز قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ؟بۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدا كۆرىلىۋاتىدۇ:

1.ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنسىيەت تەربىيىسى ئاللاقاچان يىتەرلىك بولۇپ بولدى دەپ قاراش.دۇرىكىس(durex)نىڭ 2004-يىلىدىكى يەرشارى خارەكتىرلىك جىنسىيەت ئەھۋالى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،دۆلىتىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەت تەربىيسى ئالغان بىرىنچى ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13.7 يېشىدا ئىكەن، بۇنەتىجە تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىلغان 44دۆلەت ئىچىدە 7-ئورۇندا تۇرغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو ئىشلرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ۋە باياناتچىسى ۋورېي .رودىيا نىڭ بىلدۈرۇشىچە ئۇ بېيجىڭدىكى بىرقىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ ،خىلى كۆپ ساندىكى سىتۇدىنتلارمۇ بۇ ھەقتە قىلچە بىلىمسىز ئىكەن.


2.جىنسىيەت تەربىيىسى قانچە بالدۇر باشلانسا، جىنسىيەت ھەرىكىتى شۇنچە بالدۇر باشلىنىدۇ دەپ قاراش.بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىو بېرىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرگۇچىسى شىرۇي.تەلىيا خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتە ئىغىز ئاچمىساقلا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسى خاتالىق ئۆتكۇزۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئىش يوق. جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە توي قىلمىغان ياش-ئۆسمۇر قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قىلىش ھادىسىى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ ھەرگىزئۇلارنىڭ جىنسىيەت ساۋاتلىرىنى كۆپ بىلىپ كەتكىنىدىن ئەمەس بەلكى ھىچنىمىنى بىلمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقماقتا».


3.جىنسىيەت تەربىيىسىنى پەقەتلا نىكاھسىز ھامىلدار بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ چۈشىنىۋىلىش . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگولۇق خادىمى جاۋپىڭ فېي پىرافىسسۇرمۇنداق دەيدۇ: جىنسىيەت تەربىيسىنىڭ رولى پەقەت نىكاھتىن ئىلىگىرى ھامىلدار بولۇپ قىلشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى نۆۋەتتە ئىنسانىيەت دۈچ كېلىۋاتقان ئەيدىز قاتارلىق جىسنسىيەت بىلەن زىچ ئالاقىسى بار ۋەھىمىلىك كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.سىتاتىستىكىلاردىن كۆرە، 1999-يىلى 9-ئايغىچە دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىزكېسەللىرى ۋە ۋېرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى دەپ ئارخپ تۇرغۇزۇلغان ئادەم 1مىليۇن 500مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 20~29ياشلىقلار%58 نى ئىگىلەيدۇ.ھالبۇكى جىنسىيەت تەربىيىسى ياخشى ئىشلەنگەن دۆلەتلەردىكى بۇ سان دۆلىتىمىزنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئاز.



مەنبە:بلوگىم (ۋەتەن بلوگ)

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-10 22:36:32

\"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 09:59:32

ئەمما زە بىزدە بۇنداق پىكىرلىششتىن خىجىل بولىمىزدە شۇ.

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2011-8-11 17:40:29

بۇنداق تەربىيىلەر بىزدە بار ئىدى ئەمما ئۇنداق ئوچۇق-ئاشكارە ئەمەس .ھەممىنى ئوچۇق -ئاشكارە دېگەندىلا تەربىيە بولمايدۇ .ئورنى، ۋاقتى تەربىيىچى قاتارلىقلار بىر نۇقتىغا كەلگەندە ئىشارىلىك سۆزلەر بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ بۇنداق تەربىيىنى .ھەدىسىلا چەتئەلنىڭ لايىھىسىنى ئىشلەتمەي ،ئىلگىرىكىلەرنىڭ مەھەللە دوقمۇشىدا ،خاماندا ئولتۇرۇپ قىلغان چاخچاق شەكلىدىكى تەربىيىنىمۇ ئەسلەپ باقايلى .
بەت: [1]
: جۇڭگودا، بالىلارجىنسىيەت تەربىيىسىدىكى ئۈچ خىل خاتا قاراش